jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:27:09

جەسەت: يەر بېغىرلىغۇچى


يەر بېغىرلىغۇچى

مەن ئەڭ ئاجىز يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانمەن،
ئافرىقا  ئورمانلىقىدىكى كەڭ يۇپۇرماق مېنىڭ كۆلبەم.
سۈتتەك ئاي نۇرى، دىنىزاۋۇر، ۋە ئالتۇن تەنلىك ماكاكا مايمۇنى،
ۋەدەرىخا! ھېچكىممۇ يىغلىماس ئەگەر مەن ئولسەم!

مەن ئەڭ ئاجىز يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانمەن،
چىلى ئورمانلىقىدىكى بىر ئېرىقتىن لەززەت بىلەن سۇ ئىچىۋاتىمەن..
قۇسۇۋاتقان مەسىت كىپىنەك، كۆيۈكتاغ ئەتراپىدىكى سانسىز چۈمۈلە،
ئېچىرقىدىم تەنلەر بىھوش، مەن چىشىمنى بىلەۋاتىمەن...


يۇشۇرۇن ئۆلۈۋېلىش


ئالۋاستىلار بۇ شەھەرگە كىرىشتىن بۇرۇن،
رۇخسەت ئەمەس ئۆلۈشكىمۇ يۇشۇرۇن.

مەن دائىملا ئۆزۈمگە پاتمايمەن،
بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دىلوسى تېخى ماڭا نامەلۇم.
ئادەم گۆشى يىيىش چەكلەنگەن بۇ رايونلاردا،
ئەڭ ئاخىرقى ئادەممەن ياكى بىر ھايۋان!

بۇيرۇق:
بارلىق جەسەتلەرنى كۆمۈۋېتىڭلار!


سېغىنىش خارەكتېرلىك يۈرەك كېسىلى

سۆيگۈ ۋاگونىغا بېسىلغان لىققىدە ھاياجان،
تىزلىك، سۈرئەت ۋە قۇتراۋاتقان كۆرۈشۈش ئىستىكى.
كۆزلەر گۈنسىز، تەن ماغدۇرسىز بار ئېغىر كېسەل،
سېغىنىش خارەكتىرلىك يۈرەك كىسىلى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:22:09

مەنغۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم ......................... چۈشەنگەنلەر تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار بوپتىكەن :(

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:31:40

بۇنى قانداق قاپىيەدە يىزىلغان شېئىر دەيمىز

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:39:55

قايسى كۈنى كىنودىكى بىر جۈملە گەپ بەك تەسىر قىغان.
ئاكا، خەقلەگە ئېگىز كۆرىنەي دەپ كاللاڭنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپسەندە.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:41:14

ئابدۇل تېرە شېئىرلىرى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ

qirchin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:44:13

مانداق ئۇقۇسىمۇ  بولامدۇ  نىمە  ؟

مەن ئەڭ ئاجىز يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانمەن، ئافرىقا  ئورمانلىقىدىكى كەڭ يۇپۇرماق مېنىڭ كۆلبەم.سۈتتەك ئاي نۇرى، دىنىزاۋۇر، ۋە ئالتۇن تەنلىك ماكاكا مايمۇنى،ۋەدەرىخا! ھېچكىممۇ يىغلىماس ئەگەر مەن ئولسەم!
مەن ئەڭ ئاجىز يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانمەن،چىلى ئورمانلىقىدىكى بىر ئېرىقتىن لەززەت بىلەن سۇ ئىچىۋاتىمەن..
قۇسۇۋاتقان مەسىت كىپىنەك، كۆيۈكتاغ ئەتراپىدىكى سانسىز چۈمۈلە، ئېچىرقىدىم تەنلەر بىھوش، مەن چىشىمنى بىلەۋاتىمەن...
ئالۋاستىلار بۇ شەھەرگە كىرىشتىن بۇرۇن،
رۇخسەت ئەمەس ئۆلۈشكىمۇ يۇشۇرۇن.

مەن دائىملا ئۆزۈمگە پاتمايمەن، بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دىلوسى تېخى ماڭا نامەلۇم.
ئادەم گۆشى يىيىش چەكلەنگەن بۇ رايونلاردا، ئەڭ ئاخىرقى ئادەممەن ياكى بىر ھايۋان!

بارلىق جەسەتلەرنى كۆمۈۋېتىڭلار! سېغىنىش خارەكتېرلىك يۈرەك كېسىلى سۆيگۈ ۋاگونىغا بېسىلغان لىققىدە ھاياجان، تىزلىك، سۈرئەت ۋە قۇتراۋاتقان كۆرۈشۈش ئىستىكى.كۆزلەر گۈنسىز، تەن ماغدۇرسىز بار ئېغىر كېسەل، سېغىنىش خارەكتىرلىك يۈرەك كىسىلى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 18:19:35

@attir ساراڭ قاپىيە

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 18:28:10

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 17:41 static/image/common/back.gif
ئابدۇل تېرە شېئىرلىرى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ

ئاسماندىكى لەگكەكنىڭ
يانچۇقىدا 3 سوم بار
پەمىدۇرنى يەۋاپتۇ
ئاشقان ناننى تەڭ يەيلى
دەرۋازاڭنى ئېچىۋەت
يايلاقتىكى مەلىدەك
بىز دوسلارنى سۆيىمىز
ئادەم ئىزدەش ئىلانى

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:12:02

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:22:01

بەزى باشقۇرغچىلارغا تەستىقلىغىدەك تىما چىقمىغان چېغى،مۇنبەرنىڭ ئارقا مەلىسىگىمۇ بەكراق قايلاپ باقسا نۇرغۇن ياردەم تىمىلىرى بار ئىدى ،ياردەم تىمىسى يازغان ئادەم  ئىزدىنىشنى چوڭ بىلىپ يازىدۇ ،ھەرگىزمۇ قولى قىچىشىپ قالمايدۇ ،ئارقا ئىشىك قىلساق تەستىلايدىغان ئىش بولسا ئارقا ئىشىكىڭلارنىڭ ئادىرسىنى دەپ بېرىڭلار  كىيىنكى قېتىم ئۇدۇللاشۇيەرگە يوللايلى

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:31:01

يېقىندىن بېرى ژانىر، قاپىيە سۈرۈشتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كەتتىغۇ ئىزدىنىشتا، بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:41:04

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 20:53:02

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:22 static/image/common/back.gif
بەزى باشقۇرغچىلارغا تەستىقلىغىدەك تىما چىقمىغان چېغى ...

ئۇنداق ئەمەس باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولىدۇ، بەلكىم سىلە يوللىغان تىما ، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان باشقۇرغۇچىنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ،  تەستىقلىنىدۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:53:00

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:41 static/image/common/back.gif
ئاچچىقلىماڭە ، باشقۇرغۇچىلارمۇ شىنچى قىلغاندۇ . مېنى ...

ياخشى گەپ، يوللاۋەردۇق ئەمىسە

قاپىيە

نۇرمۇھەممەد ئېركى

نەزمە يازماقلىق ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەركار قاپىيە.
ئوخشىمايدۇ بولمىسا بىزنىڭچە ئەشئار قاپىيە.

نەزمىنىڭ مەزمۇنى ئەمما قاپىيە قوغلاشمىسۇن،
پىكرىگە ئەگەشسە ياخشى بولسا خۇشتار قاپىيە.

كەلتۈرۈپ ‹ئارمان› غا ‹دەرمان› ئېيتمىساڭ بىر يېڭى گەپ،
ئەل تۈگۈل، شۇ قاپىيەڭدىن بەلكى بىزار قاپىيە.

نىمە ئۇ ‹ئىجادىيەت› ناملىق سۆزۈڭنىڭ مەنىسى؟
نىمە ئېيتساڭ يېڭى سۆز ئېيت، تىزما بىكار قاپىيە.

خەلقىمىز ئامراق غەزەلگە، چىقسا ئۇ جان دەپ سۆيەر.
قارىسا گەپ - سۆزى ئەرزان، ئۆزى بىمار قاپىيە.

قاپىيە ئەشئار ئەمەس، ئەشئار ئۈچۈن بىر خىل بىزەك.
ئەلنى تارتماققا ئېتەر پىكرىڭنى رەڭدار قاپىيە.

پىكرى بولسا رەخقە ئوخشاش، يېڭى پىكرىڭ يېڭى رەخ،
كونا رەخقە رەڭ ياراشماس بەرسە بىسيار قاپىيە.

ئەسلىدە بولساڭ گۈزەل چۈشمەس گىرىمگە ھاجىتىڭ،
خام پىكىرنى قىلمىغاي بىر ياخشى رۇخسار قاپىيە.

قاپىيەسىز ھەم شېئىر ياز. نەزمىدە ئەلا پىكىر.
گەپكە كىرمەس ئېركى دەر: كەت قاپىيە، بار قاپىيە!

(1981 - يىل. قەشقەر)
(مەنبە: مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر»  ناملىق كىتاب )

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:59:24

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر - " ئايەت " ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان .
شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار !
شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان؛ شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى!
شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى!
شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي!
شائىر-قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر -خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچە تاڭنى چىللاپ تىنماس ؛تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ "ئالتۇن خوراز ھەققىدە قىسسە -رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر -ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس ،ھالبۇكى جاھان-جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق .
شائىر-تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ، ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان .
بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ بېيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس :


" قاراتاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىم ئەيلىسەڭ ،
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس .
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ،
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس ."

شائىر چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ . چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار .
شائىر-كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قونۇپ ، ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان؛ شائىر -چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى!...
شائىر -شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ-نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتاراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەشتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە -بۆرىلەر ھۇشىنى يىغقاي! " پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا پۈتۈن ئوردا تىترەپ كېتەتتى ؛ لېف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى" دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لېف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى . شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر!
مەسىلەن ، چۈيۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ؛ لىبەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:05:59

بىغىر بۇرادەرنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسىدىكى فىلىمنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللايدىغان گەپكەنتۇق ئەسلى

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:08:27

قەلەمگە
   
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،  
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،  
ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،  
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .  
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ،  
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 08:57:26

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:12 static/image/common/back.gif


تۇيۇقسىز سىپارتانىڭ پادىشاسى چىققاندا سەت كۈلۈپتىمەن ...{:181:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 08:59:33

جەسەتنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس كۆرگىلى كىرىمەن

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:13:47

مەن ياختۇردۇم:lol:victory::victory::victory::victory::handshake
بەت: [1] 2
: جەسەت: يەر بېغىرلىغۇچى