jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:24:28

پەرھات تۇرسۇن:ئاختا قىلىنىش ۋە قوغلىنىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 19:43  

پەرھات تۇرسۇن


ئاختا قىلىنىش ۋە قوغلىنىش

     ئىنسانلار ئادەمنىڭ خۇداغا ئايلىنىشىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىزدەپ كەلدى. قەدىمكى گىرىتسىيىنىڭ پەيلاسوپى پلاتو ئۆزىنىڭ خۇداغا ئايلىنىش ئارزۇسىنى ئوچۇق دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە ئاخىرقى جاۋابلار بىلەن تولغان نەزىرىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنى خىيالىي ھالدا خۇداغا ئايلاندۇرۇپ، خۇدالىقنى چۈشىگەن.ئۇ «جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابىدا ئۆز ئىدىيىسىدىكى غايىۋىي دۆلەتنىڭ لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەل ئۇنىڭ ئېڭىدىكى جەننىتىدۇر.بۇ خىل ئىنساندىن بولغان يالغان خۇدالارنىڭ كۈشەندىسى ئەزەلدىن شائىر.چۈنكى شائىرلار ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىراگېدىيىسىنىڭ مەھسۇلى. بۇ يالغان خۇدالار ئىنسانغا دائىم ھايات ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئۈزلىكسىز ئاخىرقى جاۋابنى بېرىپ كېلىدۇ، شائىرلار بولسا بۇنىڭدىن مەڭگۈ گۇمانلىنىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەت مەسىلىسىنىڭ مەڭگۈ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئىنسانىيەت مەسىلىسى مەڭگۈ ھەل بولمىغاچقا، ئىنسانلا مەۋجۇت بولىدىكەن، ئازاب مەۋجۇت بولىدۇ، ئازاب مەۋجۇت بولىدىكەن، شائىر مەۋجۇت بولىدۇ.
     ئىنسانىيەت مەسىللىرىگە ئاخىرقى جاۋاب بېرىش ماھىيەت جەھەتتىن خۇدالىق داۋاسى قىلىش بولۇپ، پەقەت تەڭرىلا بېرەلەيدىغان مۇكەممەل ئاخىرقى جاۋابنىڭ ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىش شېئىرىيەتتۇر. مۇكەممەللىك پەقەتلا تەڭرىگە خاس، شۇڭا دائىم ئۆزىنى مۇكەممەل دەپ قارىغان ۋە ئۆز قاراشلىرىنى ئىنسانىيەت مەسىلىلىرىگە بېرىلگەن ئاخىرقى جاۋاب دەپ قارىغانلار، دائىم ئىنسانلارغا نۇرغۇن بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئاخىرقى جاۋاب دەپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى ئۆز ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش كېرەك ئىدى. ئىنساننىڭ تۈپكى ماھىيىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قوزغىتىشىدىن تۇغۇلىدىغان شېئىرىيەت مەڭگۈ بۇنداق ئاخىرقى جاۋابلارنىڭ كۈشەندىسىدۇر.
ئادەم ئاتا جەننەتتە ئەقىل مىۋىسىنى يېگەندىن كېيىن خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئىنسانلاردىن ئۆزلىرىنى خۇدا قىلىۋالغانلارمۇ بۇ ئەندىزە بويىچە تەڭرىنى دوراپ چىقتى.
پلاتو ئۆزىنىڭ «جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابىدا ئۆز ئىدىيىسىدىكى غايىۋىي دۆلەتنىڭ لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەل ئۇنىڭ ئېڭىدىكى جەننىتىدۇر.ئۇ تەڭرى ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغاندەك ئۇ يەردىن شائىرلارغا ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى، شائىرلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ بەلكىم تۇنجى قېتىم، ئىنساننىڭ ئۆزىنى خىيالىي ھالدا خۇداغا ئايلاندۇرۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىش جەريانىنى تەسەۋۇرىدا قايتا تەجرىبە قىلىشى بولسا كېرەك. مانا شۇندىن باشلاپ ئاخىرقى جاۋاب ۋە ھۆكۈملەر بىلەن شائىرلارنىڭ ئىزتىراپ ۋە گۇمانى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش باشلاندى.   ئوتتۇرا ئەسىردە ئاپپاق غوجا قۇرغان غايىۋى جەننەتتە شائىر مەشرەپ ئادەم ئاتىنىڭ ئورنىدا يەنە بىر قېتىم جەننەتتىن قوغلاندى.چۈنكى، ئۇ بۇ جەننەتتە ئەقىل مېۋىسىنى يەپ، ئاپپاق خوجىنىڭ ئاخىرقى جاۋاب ۋە ھۆكۈملىرىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
     كىميادۇر ئىشىق، ئەنقادۇر تەبىب بولماس ئانى،
     كىمگە تۈشتى قىلدى ئۇل دۇنيانى ئوقبادىن جۇدا.
     دېمەك، مەشرەپ كىميانىڭ چەكسىزلىكىنى، يەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماسلىقنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سېزىپ يەتكەندە، بىردىنلا ئۇنىڭ ئەقىل كۆزى ئېچىلىپ ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك تىراگىدىيىسىنى بىلىپ قالغان.يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشق دەل ئەقىل مېۋىسى بولۇپ، ئۇ ئاخىرقى جاۋاب ۋە ھۆكۈملەردىن گۇمانلانغان. دۇنيانىڭ ئوقىدىن جۇدا بولۇشى بولسا ئىنساننى خاتىرجەم قىلىدىغان قانۇنىيەتلەرنىڭ گۇمران بولىشىدۇر. ئاپپاق غوجا پەيدا قىلغان كوممۇنادا ھەممە ئادەم خۇددى بوۋاق بالىدەك غەمسىز، چۈنكى ئۇلار ئاپپاق غوجىنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكۈملىرى، ھايات ۋە ئىنساننىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى ئاخىرقى جاۋابلار بىلەن، تولۇق روھىي خاتىرىجەملىكنى تاپقان.خۇددى كومۇنىزم تەربىيىسى ئالغان لوتپۇللا مۇتەللىپ يىللارغا جاۋاب بېرىپ، يىللارنىڭ سىرى ئەنە شۇنچىلىك، ئەمدى ئۇ توغرىسىدا ئويلىمىساڭلارمۇ بولىدۇ دەپ، ھەممە ئادەمنى ئۇ توغرىدا پىكىر قىلىشتىن ئازاد قىلغان بولسا، ئاپپاق غوجا ئىنسانىيەت دۇنيادىكى ھەممە مەسىلىگە ئاخىرقى جاۋابنى بېرىپ، ئىنسانلارنى بارلىق تەپەككۈردىن ئازاد قىلغان. چۈنكى، ئۇ بۇددىستلارغا ئوخشاش ئادەمنى ئازابلايدىغان نەرسىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكىنى سېزىپ يەتكەن.
ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى دائىرىسىدە ئادەملەر يۈكسەك دەرىجىدە ئاددىيلىشىپ، خۇددى يەسلىدىكى بوۋاق بالىلارغا ئايلانغاندا تۇيۇقسىز مەشرەپنىڭ بىر خىل ئىزتىراپ بىلەن:
     تۇرارغا تاقىتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالىتىم يوقتۇر،
     قارارىم يوق تۇراي دېسەم، نىشانىم يوق يۈرەي دېسەم.
دەپ نالە قىلىشى، ئۇنىڭ جەننەت ۋە خۇدالىق چۈشىنى بۇزۇپ ئارامسىزلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەشرەپنى ئاقتا قىلىپ تاشلاپ، ئاندىن جەننىتىدىن قوغلاپ چىقارغان. مەشرەپنى ئاقتا قىلىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنساننى ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ خىيالىدا ئىنساننى مەڭگۈلۈك خاتىرىجەملىككە ئىگە قىلىپ، روھىي جەھەتتە تېنىچلاندۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۇنى تەپەككۈردىن ئازاد قىلىش بولسا، يەنە بىر ئۇسۇلى ئۇنى ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىشتۇر.
     ستالىن دەۋرىگە كەلگەندە بۇنداق ئىنساننى خاتىرىجەملىككە ئىگە قىلىپ، روھىي جەھەتتە تېنىچلاندۇرۇش يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىندى. ستالىن خۇدا بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ غايىۋىي جەننەتتىن كەينى كەينىدىن ئادەم ئاتىلار قوغلاندى. بۇلار ئەقىل مىۋىسى يىگەن سولجىېتسىن، برودىسكىي قاتارلىق شائىرلاردۇر. ئادەملەرنى خاسلىقتىن ۋە شەخسىيەتتىن مەھرۇم قىلىش بۇ دۆلەتتە پۈتكۈل ئادەملەرنى ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ماھىيەتتىن مەھرۇم قىلىش ئاختا قىلىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ جەننەتتىن قوغلانغان شائىرلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلقنىڭ ئاختا قىلىنىشى ئىدى.
ستالىن دەۋرىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر ئىش بابېلنىڭ ئۆلتۈرىلىشىدۇر. 1940- يىلى 1 ئاينىڭ 27- كۈنى بابېل پەقەت ھېكايە يازغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلدى. بابېل سىياسى ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭ ستالىننىڭ ھاكىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ستالىن ئۇنى ھەرقانداق چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىش ياكى قوراللىق قوزغىلاڭدىنمۇ خەتەرلىك ھېس قىلىپ شۇقەدەر ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنكى، ئۇ ھەتتا بابېلنىڭ ھايات قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ دىلو ماتېرىياللىرىنى ئۆزى بىۋاستە كۆرگەن، ھەم قول ئاستىدىكىلەرگە بابېلنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. بابېل دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلار ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىنى، تروتىسكى ۋە رېروركى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئەينى چاغدا ئەدەبىيات ساھەسىدە داڭقى بار بىر توپ يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭمۇ جىنايىتىنى تاپشۇرۇشقا قىستالغان. لېكىن ئۇ تاپشۇرغان جىنايەتكىلەرنىڭ بىرىمۇ ستالىن تەرىپىدىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنمىغان، ئەكسىچە ستالىن ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتكەن. پەقەت ئىسائاك بابېللا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدا ستالىننىڭ نېمىشقا ئۇنداق قىلغانلىقى غەلىتە ۋە سىرلىق ئىش بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر پەقەت ستالىننىڭ مىجەزىگە باغلاپ چۈشىنىشكە تىرىشقان. يەنى ستالىن ئەنە شۇنداق ئويلىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى سىر ستالىننىڭ ئويلىمىغان يەردىن چىقىشقا ئامراقلىقى ئەمەس، بەلكى، بابېلنىڭ ھەقىقىي شائىرلىقى، شۇنداقلا ستالىننىڭ ئۆز ئالقىنىدىكى تۇپراق ئۇنىڭ غايىۋى دۆلىتى. بۇ يەردە ئۇ قانداقمۇ شائىرلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا يول قويالىسۇن؟ بابېل ئىقرار قىلغان باشقا كىشىلەر بولسا بابېلدەك ھەقىقىي شائىر ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ئاخىرقى جاۋاب ۋە ھۆكۈم بىلەن تولغان بۇ غايىۋىي دۆلەتكە تەھدىد شەكىللەندۈرمەيدۇ.
     ستالىن ئاۋال بابېلنى ئاختا قىلدى، يەنى ئۇنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى كېچە كۈندۈز قىيناش ئارقىلىق غورۇرلۇق بىر يازغۇچىدىن يالغاننى توقۇپ باشقىلارنى ساتىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇردى. بۇ ئەمەلىيەتتە روھىي جەھەتتىكى ئاختا قىلىنىشتۇر. ئاندىن ئۇنى روسىيىدىن غايىپ قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھېچكىم تىلغا ئالماس بولدى. بۇ قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇلى بولۇپ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ قوغلانغان.
     تەۋراتتىكى جەننەتتىن قوغلىنىش ھېكايىسىگە تەقلىد قىلىش بارلىق سۇنئىي خۇدالارغا ئورتاق ئىش بولۇپ، بۇ ئىش جۇڭگودىمۇ نۇرغۇن قېتىم تەكرارلانغان. مەسىلەن: چىن شىخۇاڭنىڭ بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرىشىدىن تارتىپ «مەدەنىيەت زوق ئىنقىلابى»دىكى كىتاب كۆيدۈرۈشكىچە. چىن شىخۇاڭ ئۆلمەسلىك دورىسنى ئىزدىگەن. بۇ ئۇنىڭ خۇدالىق يولىغان مېڭىشى بولۇپ، ئۇنىڭ زالىملىقى ئەينى چاغدىكى چىندىكى ئادەملەرنىڭ روھىنى بۇرمىلاپ، تا ھازىرغىكە كىشىلەر ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. شۇندىن باشلاپ چىن ئېلىدە ھەرقانداق چوڭ بىر سىياسىي ھەرىكەت ياكى باستۇرۇش ئالدى بىلەن ئەدىبلەردىن باشلىنىۋاتىدۇ. شۇندىن بېرى ھەر قېتىملىق سىياسى كۆرەشتە ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى شائىرلار. چۈنكى، قەدىمكى جوڭگونىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى خەن فېيزىمۇ دۇنيانى مالىمان قىلىدىغىنى ئەدىبلەر، جاھاننى تىنچىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەدىبلەرنى يوقۇتۇش كېرەك دەپ قارىغان. دەل خەن فېيزىنىڭ تەسىرىدىن چىن ئېلىدە نەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ۋەقە چىقسا مەيلى شائىرلار ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولسۇن، بولمىسۇن ئالدى بىلەن شائىرلارنىڭ بېشى ئېلىنىدۇ.
     دۇنيادا شائىرلار مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسانىيەت مەسىلىسى مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ، شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى مەڭگۈلۈك. شېرىيەت ئىنسانلارنىڭ جاراھىتى ئۈستىگە ئېچىلغان گۈلدۇر. شائىر ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يېقىن سۆيگۈچىسى، شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئىلھام مەنبىئى. ئىنسانلارنى خۇدا مەڭگۈ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە گىرىپتار ھالدا ياراتقان. بۇنى تامامەن ئۆزگەرتىمەن دېيىش ئەمەلىيەتتە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە قارشى تۇرۇش، ئىلاھىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىلاھقا قارشى تۇرۇشتۇر. ئىنسانىيەت مەڭگۈ ھەل بولمايدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن باشقا ھەممە مەخلۇقتىن ئۇلۇغ. ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلىرى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى. چۈنكى، ئىنسان بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەڭگۈ تەپەككۈر قىلىدۇ. قاچاندا بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىندى دەپ قارىغاندا ئىنسانلار تەپەككۈردىن توختايدۇ. دەل ئىنسانىيەت ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شېئىر مەۋجۇت، ئەدەبىيات مەۋجۇت.
     ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپتىم دەپ قارىغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى تۈپەيلىدىن بولىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىكە ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تېخىمۇ ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇ، خۇدالارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇلى بىخۇتلاشتۇرۇش، دەھشەتلىك تۈردە مېڭە يۇيۇش، ئۆزلىرى ياسىغان جەننەتنىڭ شارابلىرىدا مەست قىلىش بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىنسانلاردا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھېس قىلىش خاھىشى يوقىتىلسىلا، ئىنسان ئۆزى توغرىلىق ئويلىنىش ۋە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولسىلا، بارلىق مەسىلە ھەل قىلىندى دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ دېگەننى چىقىش قىلغان ئىدى. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ يالغان، خىيالىي جەننىتىدە مەست بولغان ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلىرى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى تامامەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان، زادىلا ئازابىنى تارتىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان، ھەتتا ئىنسانغا تېگىشلىك بولمىغان مەسىلىلەرنىڭمۇ نەچچە ھەسسە دەردىنى تارتىپمۇ بىز جەننەتتە ياشاۋاتىمىز، ۋەتىنىم جەننەت دەپ شۇئار توۋلاپ ياشىدى.
     ئىنساننى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھەممىسىنى ئوخشاش ئويلايدىغان قىلىشقا تىرىشىش، سۈنئىي خۇدالارنىڭ ئەڭ ئادەتلەنگەن ئاختا قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ھەقىقەت چۈشمەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەت پەقەت ئاللاھقىلا خاسدۇر. شۇڭا ئىسلام كىتابلىرىدا ئاللاھ بەزىدە ھەق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: جانابى ھەق، ھەق سۇبھانى ۋەتەئالا، ھەق تائالا. لېكىن ھازىر ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۆزىنى ھەقىقەت دەپ قارايدىغان سۈنئىي خۇدالار يېغىپ كەتتى.
     قاچقىن ئېسىم كەت
     ئىشىكىڭنى چەكتى ھەقىقەت.
     مانا بۇ ئادەملەرنىڭ خۇداغا ئايلىنىۋېلىشتىن پەخەس بولۇش ھەققىدىكى، ئىنسانلىققا قايتىش ھەققىدىكى 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىدا ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ياسالغان سۈنئىي خۇدانىڭ ۋەھىمىسى تېخى كەتمىگەن ئىدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ سۈنئىي خۇدالىقنىڭ ۋەھىمىسى زور ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۈزۈل كېسىل غايىپ بولدى. كىشىلەر ئۇ سۈنئىي خۇدانى تىلغا ئېلىپ باشقىلارغا تەھدىد سېلىشتىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە يىللىق كۈزىتىشتىن كېيىن، ئادەملەردىن بولغان ئاشۇنداق ساختا خۇدالارغا تايانماي ياشىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سانسىزلىغان ئۇششاق سۈنئى خۇدالار يېغىپ كەتتى.بۇ ساختا خۇدالارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ھەقىقەت دېگەن سۆزنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆرۈسىز. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھەممىسى ھۆكۈم خاراكتېرىدە، ھەممىسى ئاخىرقى جاۋاب، ھەممىسى ھەقىقەت. بىز چىرايىدا ئىرقىي ئالاھىدىلىكى روشەن بولمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگۈدەكمۇ ئىقتىدارى يوق بىر كىچىك ساختا خۇدانىڭ بۇ جۈملىسىگە قاراپ باقايلى:
     «تەنقىد رەھىمسىز بولۇشى كېرەك، ئۇ بازاردا باھا تالىشىپ سېتىۋالغىلى بولىدىغان پايپاق ئەمەس، بەلكى ھەق نۇرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن گۆھەر. ئۇنى پاكىز ئادەملەرنىڭلا تۇتۇش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا تەنقىد نۇرى ئاستىدىكى ھەقىقەت ئۆلمەيدۇ.»
بۇ تىجىمەلنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى شۇكى، ئۇ نېمە دېسىلا ھەقىقەت، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان ياكى سەللا پەرقلىنىدىغان پىكىردە بولۇش بولسا مۇناپىقلىقتۇر. ئۇ بۇ ماقالىسىدا ئاددىيلا بىر ماقالە يازغان كىشىنى ئۇ نادان دېھقان ئەمەس دە دېگەن بىر جۈملىسى ئۈچۈن باشقىلارغا ئۇنى چالما كېسەك قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ تېجىمەلدىن بىز شۇنى سوراپ باقماي تۇرالمايمىز:بىر جۈملىنى ساڭا ياقمايدىغان ئۇسۇلدا قىلىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈنلا بىر ئادەم مۇناپىق بولسا، سەن بىلەن ئوخشىمايدىغان خىيالنى قىلىپ تاشلىسىلا، خۇداغا قارشى بولسا سەن خۇدامۇ؟ ئۇ ساڭا قارىشىمۇ، خۇداغىمۇ؟ بۇ تىجىمەلنىڭ 21-ئەسىردە چالما گېزەك دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. تۆت بەتلىك ماقالىنىڭ ھەربىر ئابزاسىدا ھەقىقەت دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەي قالمىغان، ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر بىر جۈملىسىنى ھەقىقەت دەپ جاكارلاپ ماڭغان. نېمە دېگەن جىق ھەقىقەت بۇ! ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت ئاشۇ تىجىمەللا ئىگىلىۋالغاندەك.
     مەلۇم بىر ژۇرنال تامامەن خۇدالار يىغىلغان ئولۇمپۇس تېغىغىلا ئوخشاپ قالدى.يېزا يېزىدىكى ئەمدى ساۋادى چىققان دېھقانلاردىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە بولغان بۇ ساختا خۇدالارنىڭ ئاشۇ ژۇرنالدىكى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز تېنىڭىز شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ژۇرنالدا ئەقلىي مەجرۇھلارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى تولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بىر ئىككى جۈملىلىك ئەقلىيە سۆزلىرى ھۆكۈمدە خۇدادىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساختا خۇدالار شۇقەدەر ھورۇنكى، ئۇلار  گەپنى ئۇزاقراق قىلىپ مەلۇم نەرسىلەر بىلەن دەلىللەشنىمۇ ياكى كونكىرىت چۈشەندۈرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. ئەلبەتتە ھەممىگە قادىر خۇدا بولغاندىكىن، كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى. ئەسلىدە ئارتۇق سۆزلىمەيلا «ھەل بول» دەپ بىر سۆز بىلەنلا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايتتىغۇ؟ خۇدانىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشمۇ بارمۇ؟
     ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر ئاغىنەم بىلەن مەلۇم مەسىلە تۈپەيلىدىن قىزىرىشىپ قالدىم. ئۇ مېنى دائىم كۆيدۈم-پىشتىم دەپ ئەسەر يازىسەن، ئاياللارنى مەدھىيىلەشتىن باشقا ئىش قىلمامسەن، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.كېيىن بۇ ئاغىنەم يەنە ماقالە يېزىپ ماقالىسىدە مېنى ناجىنىس دەپ تىللىدى. مېنى داۋاملىق ئاياللارغا كۆيۈپ ئەسەر يازىسەن دېگەن بۇ بۇرادەر قانداق جىنىس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويمىغان بولساممۇ مېنىڭ ئەر ئىكەنلىكىمنى بىلمەسما؟ ئەلبەتتە بىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى ناجىنىس دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئاشۇ ساختا خۇدانىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئەرلەرنى ئاختا قىلىش خاھىشىنىڭ ئىپادىسى.ئۇ ئاختا قىلىپ بولۇپ ئاندىن مېنى ئۆزىنىڭ دۆتلەشتۈرۈش، نادانلىقتا قالدۇرۇش ئارقىلىق قۇرماقچى بولغان غايىۋىي جەننىتى بولغان ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن قوغلاپ چىقارماقچى.
     بۇ ساختا خۇدالار ھېلىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا خۇدالىق داۋاسىدا قانچىلىك چېكىدىن ئاشىدىكىن تاڭ. مەن ئۇلارنىڭ ياسىغان ساختا جەننىتىدە شائىر بولۇشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنۇچلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى سېزىپ يېتىۋاتىمەن.بۇ ساختا خۇدا بىر ياكى ئىككى بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن بىر ئامالىنى قىلىپ قۇتىلاتتۇق.ھازىر ئۇلار ھەددى ھېسابسىز كۆپ.مېنى بىرى ئاقتا قىلىپ بولسا، يەنە بىرى قانداق قىلار؟ ئۇلار يەنە ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدىن ئاختا قىلىدىغان ئوبيېكىت ئىزدەپ ئۇزاق يىللار جاپا تارتىدىغان بولدى-دە.
     ئىسلامدىكى مىستىتىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە، ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشى ھاقارەتلىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئىنسان ئۈچۈن بېرىلگەن نېمەتتۇر.چۈنكى، ئىنسان جەننەتتىن ھەيدەلگەندىن كېيىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلە جەننەتكە قايتقىچە، يەنى ئۆلگىچە ياكى قىيامەت قايىم بولغىكە ھەل بولمايدۇ. مانا بۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئىنسانلارنى داۋاملىق تەپەككۈر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ۋە ئىنساننى تەپەككۈرنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئىنسان تەپەككۈرى ئاجايىپ گۈزەل پەلسەپىۋىي ئۇقۇملارنى، ئاجايىپ گۈزەل شېئىرىي تۇيغۇلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.ئىنسانىيەت ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەڭگۈلۈك مەسىلىگە دۇچ كەلمىگەن بولسا شېئىرىيەت مەۋجۇت بولمايتتى، پەلسەپە ۋە مۇزىكا مەۋجۇت بولمايىتتى. ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلىق قىلىپ تۇرغان مەدەنىيەت بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن مەڭگۈ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشقا مەھكۇم بولغان.ئۇ مەڭگۈ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن مەڭگۈ ئاخىرقى ھەل قىلىش يولىنى تاپالمايدۇ. مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس تىراگىدىيىسى. ئىنساننى بۇ خىل تىراگىدىيىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغانلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنساننى ياكى تەپەككۈردىن خالىي ھايۋانغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەد قىلغان بولىدۇ ياكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
     جەمىيەت بىلەن شائىرلار ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشنى شېئىرىيەتنىڭ ماھىيىتى بەلگىلىگەن.چۈنكى، شېئىرىيەتنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنساننىڭ قىسمىتى ۋە ئازابىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىدىن قۇتىلالايدىغان ئاخىرقى مەنزىلى جەننەتتۇر. شۇڭا جەننەت بۇ دۇنيادا ئەمەس، بەلكى جەننەت ئۇ دۇنيادا. لېكىن نۇرغۇن ئادەم جەننەتنى بۇ دۇنيادا پەيدا قىلماقچى بولىدۇ.بۇ دۇنيادا جەننەتنى پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ دۇنيادا جەننەت پەيدا قىلىشنىڭ بىردىن ئامالى، ئىنسانلارنى دوزاقتا تۇرسىمۇ جەننەتتە ياشۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈشتۇر.بۇ دۇنيادا جەننەت قۇرماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە جەننەت ئەمەس، دۇزاققا بەكلا ئوخشايدىغان نەرسە قۇردى.
     جەننەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شېئىر بولمىسىمۇ بولىدۇ.شۇڭا، جەننەت دەپ قارالغان جايلاردا شېئىرىيەت دائىم غايىپ بولىدۇ. ئەگەر بىرەركىم شائىرلىقىدا چىڭ تۇرسا ئاۋال ئاختا قىلىنىدۇ، ئاندىن بۇ جەننەتتىن قوغلىنىدۇ. بۇ دۇنيادا ئىنسان مەۋجۇتلا بولىدىكەن، شېئىر ۋە شائىر مەۋجۇت بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى بولسىلا بۇ جاراھەت ئېغىزىدىن دائىم چىرايلىق گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شائىر مەڭگۈ ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى ئۈچۈن گۈزەل پەريادلىرىنى تەسەددۇق قىلىدۇ. روسىيىنىڭ ۋىجدانى دەپ قارالغان سولجىنىتسېن مەڭگۈلۈك ئۆكتىچى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە جەمىيەتتىن رازى بولماسلىق خاراكتېرى شائىرلىقنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ 1973- يىلى ئۆزىنىڭ گىگانىت ئەسىرى «گۇلاگ» نى يوشۇرۇن ھالدا چەتئەلگە چىقىرىۋېتىپ نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇقرالىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بۇنداق يالغان جەننەتتىن گۇمانلىنىش ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا زور سىياسىي ۋەقە دەپ قارالغان. كېيىن سولجىنېتسىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى، لېكىن 1978- يىلى ئۇنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكى جەمىيىتى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىمۇ ئامېرىكىدا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنتى كارتېرنىڭ خانىمى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان. گەرچە ئۇ ئۆز دۆلىتىنى ئاقلىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئۆزىنى مۇكەممەل جەننەت دەپ ئويلىمايدۇ، شۇڭا سولجىنېتسىننى قوغلىۋېتىش ئەمەس پەقەت ئۆزىنى ئاقلاش بىلەنلا كۇپايلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا روسىيىنىڭ پرېزىدېنتى يېلىتسېن سولجىنېتسىننى روسىيىگە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.بۇ ئۇنى ئاقتا قىلماقچى بولغان ۋە قوغلاپ چىقارغان قورقۇنۇچلۇق يالغان جەننەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن بىشارەت ئىدى. لېكىن، سولجىنېتسىن روسىيىنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن يەنىلا قاتتىق تەنقىد قىلدى. كىشىلەر گاڭگىرىغان ھالدا ئۆز ئۆزىدىن ئۇنىڭغا زادى قانداق تۈزۈم يارايدىغاندۇ دەپ سوراشتى. ئەمەلىيەتتە سولجىنېتسىننى ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ھەرقانداق تۈزۈم رازى قىلالمايدۇ، چۈنكى ھەرقاندىقى ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ.ئىنسانىيەت مەسىلىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، سولجىنېتسىندەك ئۆكتىچى مەۋجۇت بولىدۇ.
     پلاتو «جۇمھۇرىيەت» ناملىق كىتابىدا شائىرلارنى ئۆزىنىڭ غايىۋىي دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئاساسلانغىنى شۇكى، شائىرلار داۋاملىق ئومۇملاشقان چۈشەنچىلەرگە تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. ئومۇملاشقان چۈشەنچە زادى نىېىنى كۆرسىتىدۇ؟ مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن، ھەممە ئادەم تەرىپىدىن توغرا دەپ قارالغان كۆز قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى دەل مۇشۇنداق ئومۇملىشىپ كەتكەن قاراشلارنى ئاغدۇرۇش بەدىلىگە بارلىققا كېلىدۇ. شائىرلار بولسا ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلاردىن ئەڭ ئاۋال گۇمانلانغۇچىلاردۇر. بۇنى شېئىرىيەتنىڭ ماھىيىتى بەلگىلىگەن. شېئىرنىڭ ماھىيىتى ئاغدۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ رادىكال تىل شەكلى ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ تىل جەھەتتىكى ئاغدۇرۇشتۇر. يەنە بىرى شېئىر ماھىيەت جەھەتتىن ئىجادىيەت بولۇپ، ئىجاد قىلىشنىڭ يەنە بىر مەنىسى ئاغدۇرۇ. كىشىلەرگە ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنكىلەرنى تەكرارلاش ئىجادىيەت بولمايدۇ.
     ئەگەر ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەر ئاخىرقى ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەسىلە قالمىغان بولاتتى.«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا سىنىپىي كۆرەش ئومۇملاشقان چۈشەنچە ئىدى، ئۇنىڭ خاتالىقىدىن گۇمانلانغۇچىلار يوق دېىگۈدەك بولغان.ھازىر ئۇنى توغرا دەيدىغانلار  قانچىلىك. ئەمدى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋاقتىدا شېئىرىيەتنىڭ غايىپ بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەردىن گۇمانلىنىدىغان ئادەم چىقمىغان.
     ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەر ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇش ۋە خاتىرجەم قىلىش رولىغا ئىگە. مانا مۇشۇ خاتىرجەملىككە تايىنىپ ئۇ داۋاملىق زوراۋانلىق قىلىدۇ. بايا بىز ئېيتقان ھېلىقى ساختا خۇدالار يىغىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئولۇمپۇس تېغىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى تەسىرى شۇقەدەر ئېغىركى، ئۇنىڭدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاخماقلىق كىشىلەرنى خۇددى زەھەرلىك شاراپتەك بىخۇتلاشتۇرغان.ئاشۇ ژۇرنالدىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىڭىزنى ياكى گەپلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۈنىڭىز تەس بولىدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى ئىلىم زومىگەرلىرىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىش كۆرىشىگە قاتناشقا بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ھازىرمۇ ئاشۇ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.ئۇ بىر تەرەپتىن بىر توپ ساۋاتسىزلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ زىيالىلارغا ھوجۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆتلەرنىڭ تاپىنى ئاستىغا تاشلىماقتا. مېنىڭ باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغىچە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىم ئون يىلدىن بېرى نېمىنى يېزىش نېمىنى يازماسلىقنى ماڭا ئۈگىتىپ كەلدى. مەن ئۆزۈمنى بىلىملىك ھېسابلىمىساممۇ ئۇنىڭدەك ئىككىنچى يىللىقتىلا توختاپ قالغان ئەمەسمەن. ئۇنىڭ مېنى كەچۈرگىسىز تەنقىدلەر بىلەن قامچىلىشى شۇكى، ئۇ ئۆزىنى خۇداغا ئوخشىتىدۇ، مېنىڭ ئىككىنچى يىللىقتىن ئارتۇق ھەتتا ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇشۇمنى بولسا ئۇ چەكلىگەن مېۋىنى يېيىش ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل جاسارەت نەدىن كەلدى؟ ھېىلىقى ساختا خۇدالار يىغىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئولۇمپۇس تېغى ئۇيغۇر ئىچىدىكى ھەرقانداق دۆتكە باشقىلارغا ھوجۇم قىلىشنىڭ ۋە ئىددىيىۋىي زوراۋانلىقنىڭ يولىنى ئېچىپ بەردى. بىر توپ يەرلىك ژۇرناللار كەينى كەينىدىن ئاشۇ ژۇرنالنى دوراپ ئەتراپىغا ساختا خۇدالارنى يىغىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ساختا ئىلاھلار ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھېسابسىز يامراپ شائىرلار ئىچىدىن ئاختا قىلىش ۋە قوغلاپ چىقىرىش ئوبيېكىتلىرىنى ئىزدىمەكتە. ھەتتا ئۇلار باشقىلارنى خاتا تونۇۋېلىپ ئاختا قىلماقتا. لېكىن مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزگىنىم يوق، ئۇزاق شېئىريەت ئەنەنىسىگە ئىگە بۇ مىللەتتە چوقۇم كەلگۈسىدە ئۇلار رازى بولغىدەك ئاختا قىلىنغۇچىلار ۋە قوغلاپ چىقىرىلغۇچىلار بارلىققا كېلىدۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:06:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 19:15  

ئەدەبىي مۇلاھىزىلەردە مۇشۇنداق «ئادەمنىڭ خۇداغا ئايلىنىشى» دېگەندەك ئىپادىلەرنى كۆرسەم، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياق ئادەمنى مەست قىلىپ، باشقىچە بىر روھىي ھالەتكە، ھەتتا ئېسىنى يوقىتىپ ئۆزىنىڭ خۇداغا ئىشەنگۈچى بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغۇدەك بىر ھالەتكە ئاپىرىپ قويامدىغاندۇ دەپ گۇمان قىلىمەن.
شائىرلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تېرىلوگىيىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئەبەدىي ئازاب تەلىماتىغا سەل يېقىنلىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلدىم. مېنىڭ مۇرەككەپ پەلسەپىۋىي پىكىرلارنىمۇ كونكېرىت نەزەرىيىلەرگە ئايلاندۇرۇپ چۈشىنىۋالىدىغان ئادېتىم بار، قارىغاندا بۇنداق تېمىلارنىڭ خىلى ئەمەستەك قىلىمەن.

(مەن تولۇق ئوقۇمىدىم،ئۆزرە!)

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:39:30

پەرھاتكام قاچانلاردا يازغان ماقالە بولغىدى بۇ؟
ئۇيغۇر رومانچىلىقى تېمىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى بىلەن بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلىرىدا زىتلىق بار ئىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:42:29

خەتنى كىچىك قىلالمىدىمغۇ؟ يامان چوڭكەن.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 20:24:02

جېسات، قانداق ماۋزۇ قويۇش بۇ؟ خاتا چۈشۈنۈۋاپتىمەن دەللىققا.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 20:35:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 20:38  

مەن تولۇق ئوقۇدۇم ، كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن…
گوركى گۇلاگ ئارىلىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بۇ ۋاقىتتا جىنايەتچىلەرقامالغان بۇ مۇدھىش ئارال پۈتۈنلەي ياسالما ساختا قىياپەتكە كىرگۈزۈلگەن ،ئەمما 14 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغىمۇ قارىماي گوركىغا ھازىر كۆرۈۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان دەپ ھەقىقەتنى ئاشكارىلىۋەتكەن،گوركى كېتىپ گۇلاگ ئارىلىنى جەننەتكەن دەپ خەلقئاراغا يالغان بايانات ئېلان قىلغان ، ھېلىقى بالا گوركى كېتشىگىلا ئېتىپ تاشلانغان … گوركىنىڭ بۇ ئىشى كېيىنكى ھاياتىدىكى ساقايماس يۈرەك يارىسىغا ئايلانغان…

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:01:52

پەرھاتكامنىڭ بۇرۇنقى يازغان ئەسەرلىرىنى قاندا تاپىمىز ؟  كىتابى كىتابخانىدا يوقكەن ، كىتابپۇرۇشتىن ئالاي دىسەم خىزمەت تاپالماي ئىشسىز  يۈرگەندە ئۇنچە پۇلنى تاپالمايمەن ، ھىكايە ، شىئىر ، ماقالىلىرىنىڭ تور ئادىرىسى ياكى پ د ڧ نۇسخىسى بارمۇ  ؟
پەرھەتكا    نەشىريات بىلەن دىيىشىپ قايتا باستۇرسىڭىز بولاتتى ياكى خالىسىڭىز پ د ڧ قىلىپ يوللىسىڭىز

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:06:01

يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن دىگەن زىيارەت  خاتىرىسىنى  مەنزىل تورىدىن تاپتىم ، باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ تاپسام بولىتى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:22:28

ماقالىڭىزدا ئوتتورىغا قويۇلغان، باشلانغۇچ 2 - يىللىق سەۋيسىگە ئىگە ساۋاقدىشىىزغا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ئىددىيسىگە قەستن پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتىغۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 21:42:17

ئاشۇ ژۇرنالدىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىڭىزنى ياكى گەپلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۈنىڭىز تەس بولىدۇ

دۇنيادىكى %80 دۆلەتلەردە شۇنداق بۇلارمىكىن... تەرەققى قىلغان ئەللەردىلا دۆلەت مەنپەئەتىگە تاقىلىپ قالمىسا ئانچە-مۇنچە ئورۇن چىقار ئوخشىمىغان پىكىرگە....

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:29:09

توۋا ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئويغاق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شىئىرنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىۋالغىنى قىززىق .
مەن چوڭ بىلىدىغان كىشلەردىن زەھىردىن مۇھەممەد بابۇر نىڭ شىئىر يازغىنىنى بىلمەيدەكەنمەن ، مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ھاياتىغا قايىل بولساممۇ شىئىرلىرىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوق  .  " ئىز" ،" يىللارغا جاۋاب " لارنى ئىسىل شىئىر دەپ تەشۋىقاتلارنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ ئۆزۈم ئوقۇپ ئىسىللىقىنى ھىس قىلالمايمەن ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئىرلىرى بولۇپ قويىدۇ ئەمما .

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 08:49:37

ئويلاۋاتقان ئەمما دىيەلمەيۋاتقان گەپلەرنى دەپتۇ پەرەتكام.ساختا خۇدالار _جايىدا ئوخشىتىش بوپتۇ.
بۇرۇن بىرئىشلارنى قىلماقچى  بولسام ئەتراپىمدىكىلەر:بولمايدۇ مۇمكىن ئەمەس'قىلالمايسەن دەپ توساپ قۇياتتى.كىيىن مۇمكىن ئەمەس دىگەن ئىشلارنىمۇ قىلالىدىم'بىرئىشلارنىڭ بۇلۇش بولماسلىقىنى ساختا خۇدالار بەلگىلەپ بولالمايدىكەن

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:33:41

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 21:42 static/image/common/back.gif
ئاشۇ ژۇرنالدىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن چۈشەنچىلەرنىڭ ھەرق ...

   دۇنيادىكى 80 پىرسەنت دۆلەتتە ئەدەبى ژۇرناللارغا چەك قويىدۇ دېسەك ئېشىپ كېتەرمىكىن . بەلكىم 20 پىرسەنت دۆلەتتە شۇنداق بولىشى مۇمكىن . مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ئەدەبى ژۇرناللارغا ھۆكىمەت ئارلىشىپ كەتمەيدۇ .

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 13:07:04

ئادىل تۇنىياز ئېسىمگە كەلدى...

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 14:02:31

مۇشۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىددىيە (مەسىلەك) جېدىلى قاچانلىققا توختايدىغاندۇ؟ ئۆز ئىددىيىسى سەل پەرقلىق بولسىلا «يا سەن تۇرىسەن، يا مەن تۇرىسەن» دەپ تۇرۇدۇ. نىمىشقا ئىددىيە مەنپەئىتىنى بىر پۈتۈن مەنپەئىتىمىزدىن ئۈستۈن كۆرۈمىز؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 15:07:31

mustapa يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 11:33 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى 80 پىرسەنت دۆلەتتە ئەدەبى ژۇرناللارغا چەك  ...

  تىمىدا دىيىلگەندەك زىدىيەتلەر ھەل بۇلۇپ تۈگىمەيدۇ، مىليونلىغان ئادەملەر كۈچمەن بۇلۇشقا تەلپۈنىدىغان ئامىركىدىكى چوڭ بايلار پۇلىنىڭ ئازىيىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە كۈچمەن بۇلىۋاتقان،ئەمما چەكلىك كۈچمەن بۇلۇش سانىغا نۇرغۇنى يەنە داۋاملىق ئامىركىغا تەلپۈنىۋاتقان...
  ئادەم ھاممىنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا ماسلىشىپ ياشىشى كېرەك. ئاچ كىشىلەر بىر قاچا ئۇماچقا شۈكرى ئۇقۇۋاتقاندا، بايلار پۇلى كۈپەيگەنچە ئىستىمالى تىخىمۇ ئىشىپ كىچىككىنە ئاي توقاچنى نەچچە مىڭ يۈەنگە يەۋاتقان. يېزىدىكىلەر شەھەرگە، شەھەردىكىلەر يېزىغا ھەۋەس قىلىۋاتقان ...

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:52:27

شۇڭا،   گوركىيمۇ   يالغاننى توقۇپتىكەندە ؟

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:39:29

بۇ ئەمەلىيەتتە روھىي جەھەتتىكى ئاختا قىلىنىشتۇر.....
ماۋۇ گەپ ھەقىقەتەنمۇ جايىدا دىيىلىپتۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 12:19:21

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 12:30:44

قايسى ژۇرنال ئۇ؟ مەن شىنجاڭ مەدەنىيىتى دەپ چۈشەندىمغۇ
بەت: [1] 2
: پەرھات تۇرسۇن:ئاختا قىلىنىش ۋە قوغلىنىش