jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:52:45

جەسەت: بەربات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 18:58  

بەربات

ئەگەر تەلۋە ئاشىق ۋىسالىغا يىتەلمىسە، ئاقىۋەتتە ئۇ چۇقۇم بىر قانخور قىساسكارغا ئايلىنىدۇ.

                                                                                   \  -دانالار سۆزىدىن                                                                                                                                    
ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىنى ئويۇۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ بېھىسساب شېرىنلىككە، تەسىۋىرلىگۈسىز گۈزەللىكە تولغان قاپقارا جۈپ كۆزلەر مېنى سانسىز چۈشكۈنلۈككە، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت-ھەسرەتكە دۇچار قىلغان.
ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىنى تىلىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ مەن كېچە-كۈندۈز كۆرۈشنى ئىستىگەن، تەلپۈنگەن بۇ دۇنيادىكى بارچە مۇھەببەت بارچە ئىزگۈلۈك بارچە پاكلىق مۇجەسسەم بولغان نۇرلۇق يۈز مېنى ھىجران ئازابىدا سەكپارە قىلىپ، يالغۇزلۇقنىڭ، تەنھالىقنىڭ يەنە ئازاب چېكىشنىڭ مەڭگۈلۈك زۇلمىتىگە  مەھكۇم قىلغان.
ئۇنىڭ جىنەستىدەك، ياق! ئالۇچىدەك! ياق! ئۇنى بۇنداق ئوخشىتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ مەن دائىم ئاچكۆزلەرچە قارايدىغان، چىراي ھەركىتىگە خوپ ياراشقان غۇنچىدەك لەۋلىرىنى تىلىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ جان ئالغۇر لەۋلەر، ئاشۇ لەززەتلىك ۋە تاتلىق تەم، ئاشۇ  ئىبلىسلارچە ئېزىقىش  مېنى بۇ جېنىمدىن جاق تويغۇزۇپ، مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمۈدسىز، ئەشەددىي چۈشكۈن بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئۇنىڭ ئۇزۇن-ئۇزۇن،  تىقىمىدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان قاپقارا چاچلىرىنى يۇلۇۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ قارىدىن قارا چاچلار مەيىن شامالنىڭ نازلىق پىچىرلاشلىرىغا مەسىت بۇلۇپ تەسۋىرلىگۈىسىز، چەكسىز گۈزەللىك بىلەن كۆز ئالدىمدا يەلپۈنۈشكە باشلىغاندا،  مەن مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلگىنىمچە ئالەمچە پەريادلار چېكىپ ۋاقىت دوزىخىغا مەڭگۈلۈك مىخلىنىمەن. كۆيىمەن، ئۆلىمەن! ئېچىشنىلىق ۋاقىرايمەن!  
ئۇنىڭ ئاپئاق، بۈدۈرۈققىىنە كەلگەن ئوماق بارماقلىرىنى چانىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ بارماقلار مېنىڭ  چەكسىز مۇھەببىتىم  ۋە ساداقىتىم بەدىلىگە سۇنۇلغان ئەتىرگۈلنى  رەھىسمزلىك بىلەن قارا يەرنىڭ مۇزدەك باغرىغا  تاشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالغان. چۈنكى ئاشۇ بارماقلار باشقىلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىپلاس، ئەڭ رەزىل مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىم) قولىنى يىنىك سىلىغان ھەمدە بار كۈچى بىلەن كۈچەپ سىققان.
ئەگەر ئۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان بولسا،  ياكى مەجۇت بۇلۇپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتقان بولسا..
بەلكىم مېنىڭ ئازابلىرىممۇ يىنەكلەپ قالار ئىدى، بەلكىم مەنمۇ بۈگۈنكىدەك ئازاپلىق خىياللار  قوينىدا تۇنجۇقۇپ يۈرمەيتتىم.

شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم: بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقى يەنە بىر نەرسىنى شۇنداق ئازاپلايدىكەن. سېنىڭ شۇنداق چاغلىرىڭمۇ كېلىدىكەنكى: سەن  بۇ دۇنيالىقتىكى سەن ئەڭ قىزغىن مۇھەببەت بىلەن سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ ئەڭ ئېچنىشلىق كۈنلەرگە قېلىشىنى ياكى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بۇلۇشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلىپ كېتىسەن. بىراق، بۇ- بىر ئىپلاسلىق!  بۇ-  بىر ئاجىزلىق!  بۇ-  بىر پەسكەشلىك!  بىراق،بىراق...  مەن راستىنلا شۇنداق بۇلۇشىنى بەك...بەك..بەك ئۈمۈد قىلىمەن!

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 20:36:36

     بۇ جەسەت تېخى ئىسىمى-جىسىمىغا لايىق ئەمەسكەن .ئۆزەڭنى ھەقىقىي تۈردە بىر جەسەت دەپ قارىغىنىڭدا ،بۇ ئويلارنى ئۆزلكىڭدىن تەرك ئېتىسەن .سېنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرىڭ بار ئىكەن تېخى .ئالدىڭىدا بىر مۇھىم قارارنى چىقىرىدىغان ئىش بار ،شۇ ئۆتكەلدىن ساق ئۆتەلىسەڭ ئۆزۈڭدىن بىر دەرىجە ھالقىيىسەن ،ئۆتەلمىسەڭ قالغنىغا بىر نېمە دېمەك تەس .
   ...
...
گۈزەللىكنى قىلار ئاخىر گۈزەللىك بەربات.
...
   ...

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:05:47

قايسى بىچچارە قىزدۇ تېما ئىگىسى كۆيۈپ قالغان. ئۇنىڭغا ئۇچراشتىن ھەزەر ئەيلىسە بولغۇدەك. :lol:lol:lol

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:02:25

بەدىئىي قىممەت ئورنىغا قەلەم لۆكچەكلىكى قىلىشمۇ ھامان مودىدىن قالىدۇ. بۇنداق كوچا مېجەز بايان ئۇسلۇبى نۆۋەتتىكىدەك چىرايلىق يالغانچىلىق ئەۋج ئالغان ئەدەبىياتىمىزدا سەمىمىيلىكىدىن ئاز تولا داۋراڭ قوزغىيالىغان بىلەن، پەقەت كۆڭۈل ئېچىشقا بەكرەك ماس كېلىدىكەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:30:44

بۇ بالىنىڭ ئالدىنقى تېمىلىرىغا ھە-ھۇ دەپ قويۇپ، ھازىر ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىۋاتىمەن ...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:36:27

بەزىدە مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:51:25

ھايات گۈزەل باللا،ھاياتنى قەدرلەيلى!(شۇئار تولاپ قويدۇممۇ نېمە)

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 10:40:23

جەسەت دىگەن تور نامىدىنلا بۇ بالىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغاندەك!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 11:30:50

توۋا ، ماۋۇ ئەسەر قانداق ژانېر بوپ كەتتى؟

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:22:00

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 22:30 static/image/common/back.gif
بۇ بالىنىڭ ئالدىنقى تېمىلىرىغا ھە-ھۇ دەپ قويۇپ، ھازىر  ...

ئەمىسە يەنە گۇناھكارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن مېنىڭ تىمامغا ھە-ھۇ دىمەڭ... شۇنداق قىلسىڭىزلا بەلكىم جەننەتكە كىرىشىڭىز مۇمكىن...

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:22:54

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 11:30 static/image/common/back.gif
توۋا ، ماۋۇ ئەسەر قانداق ژانېر بوپ كەتتى؟

كۈلگۈنچەك ھەمدە شاپ بۇرۇتلۇق ئەپەندىم بۇ يەردە ھېچقانداق ژانىر مەۋجۇت ئەمەس....

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:32:12

ئۆزەڭلارنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا خارلاڭلار، بۇ خىل خارلىنىش ئىلمى، زىيانسىز،سەۋىيەلىك،غەلىتە،ئەشەددى  بولسىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ،بەكلا قەدىمى بولسىمۇ يەنىلا يېڭى.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:57:12

ئۇخماپتىمەن ئەمەسما !

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:51:08

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 22:30 static/image/common/back.gif
بۇ بالىنىڭ ئالدىنقى تېمىلىرىغا ھە-ھۇ دەپ قويۇپ، ھازىر  ...


بۇئىنكاسىڭلىدىن سېلىنىڭ ئىزدىنىشلىق ئىكەنلىكىڭلىنى ھىسقىلىۋاتىمەن .
سېلىنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋەتتىم.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 09:25:15

جەسەتنىڭ ئىمزاسىنىمۇ چىشلەپ تارتىش كېرەك .

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:15:33

ئېسسل

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 12:19:15

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 17:51 static/image/common/back.gif
بۇئىنكاسىڭلىدىن سېلىنىڭ ئىزدىنىشلىق ئىكەنلىكىڭلىنى ...

ئىملاغا دىققەت قىلىڭ تورداش...

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:49:10

jeSat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 16:22 static/image/common/back.gif
كۈلگۈنچەك ھەمدە شاپ بۇرۇتلۇق ئەپەندىم بۇ يەردە ھېچقا ...

جەسەت سىز ھەربىر تېمىدا سوقۇشقاق خۇرازدەك ھەربىر ئېنكاسقا يامىشىپ كېتۋاتسىز ، بۇ بىر ساياق يازارمەنگە خاس خىسلەت ئەمەس!

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 17:02:02

diktatur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 09:25 static/image/common/back.gif
جەسەتنىڭ ئىمزاسىنىمۇ چىشلەپ تارتىش كېرەك .

سىلىنىمۇ ئازراق چىشلەپ تاتساق بولامىكىن:lol :lol
بەت: [1]
: جەسەت: بەربات