jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:44:26

جەسەت:ئەي،ئايال!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 18:47  

سۆيمىدىم سېنى


قەلبىڭدىكى ئايغا ئايلاندىم،
سەن بەرىبىر قۇچاقتىكى يار.
بولاڭچىغا ئوخشىيالمىدىم،
سەن قەلبىمگە بەرگەنچە ئازار.
گۆشلىرىڭدە بىر تامچە يېشىم،
كۈتمەكتىدۇر يەنە كۈتمەكتە،
ئەي ئايال،
سېنى كۈلپەت يۈدۈپ كەلمەكتە..
سېنى ئىزدەپ تاپالمايمەن،
يۇشۇرۇندۇڭ ئېيتقىن قەيەرگە،
كۈتىمەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ.


مەن سېنى سۆيۈشتىن ۋاز كەچتىم تۇلۇق،
كۈندەشلىك قىلماقتا سەن ئۈچۈن خوتۇن.
ھىدىڭنى ئېھتىمال ئۇنتىيالماسمەن،
سېنى ھەم ئىككىنجى تونۇيالماسمەن،
ھېسلىرىڭ ناخشامغا جۆر بولماس چۇقۇم!

سەن بەلكىم مەن ئۈچۈن ئاسىي بىر ئاشىق،
سېنى بەلكىم سەن يوق بىر يەردە،
مۇھەببەت ئايلاندى شېرىن دەرت بۇلۇپ.
سەن كۈتكەن ئۆتكۈنچى شاللاق خەتەرگە،
مەن يەنە ماڭىمەن چەكسىز سەپەرگە.
سەن يەنە قالىسەن تېنىڭنى ئويناپ،
يوتقانغا ياش تۆككەن غالجىر ئەرلەرگە...

مۇھەببەت بىر دەملىك ئەڭ رەزىل خىيال،
بىراق سەن لەۋلىرىڭ پۈرلەشكەن ئايال.
سۆيمىدىم سېنى،
سۆيۈشكە شۇ قەدەر تەشنا بولساڭمۇ!

مەن بەلكىم سەن ئۈچۈن رەزىل يالغانچى.
شۇنچە يىل سېنى دەپ بەزدى دەرتلىرىم،
ئىككىمىز ئوخشاشلا بولدۇق ئالدامچى

بىلىمەن سەن مېنىڭ تەنھالىقىمسەن،
بەرمىدىڭ سەن ماڭا بەلكىم ھېچنىمە!
سەن ئۈچۈن مەن بولدۇم يىتىم قوۋۇرغا.

پۈرلەشكەن لىۋىڭگە قىلالماي ئامال،
بىلىمەن سۆيىمەن ئاخىرى سېنى.
ئەي ئايال سەن مېنى قىلغاندا قامال،
بىلىمەن سۆيەرسەن ئاخىرقى مېنى.
كۆزۈڭدە يۈرىكىم ئۆلۈشتىن ئاۋال!

سۆيىمىدىم سېنى،
چىن ئاشىق ئەمەسمەن مەن تېخى ساڭا،
تىنىڭنى ياپ سۇنمىسۇن ھىجران.
مۇھەببەت ئىپپىتى تارتماقتا مېنى،
سەن پاك قالغىن مەن بولاي سەرسان!

تېنىڭنى مىڭ شوراپ ھەسرەتتە يەنە!

يارىمنىڭ شۇ قەدەر ئوماق لەۋلىرى،
ئالماقتا ئورنىڭنى كەچۈرگىن مېنى.
خەير-خوش دېمەيلا مەن كىتەر بولدۇم،
كەچۈرگىن...
مەن ئاستا سۆيۈشكە ماڭدىم ئۆزۈمنى.

سەن
سۆزۈڭنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدىم،
سەن مېنىڭ تېنىمدىن سىرغىپ چىققان قان.
قاپقارا بارماقلار سىيلىسا سېنى،
يوتقانغا پاتمايدۇ رەزىل ھاياجان !!!
كېچىلەر سەن ئۈچۈن سالار كىيىمنى،
شەرمەندە ئاشىقمەن سۆيۈپ قانمىغان!!!


مەن ھازىر دەھشەتلىك ئەرلىك ئىچىدە،
بۇ كېچە سەن يالغان ،مۇھاببەت يالغان!
كىتاپتا ئۆلتۈردۈم گۈزەل قىزلارنى،
كەلمەمسەن سەن ئۈچۈن بولدۇم يالىڭاچ.
پارچىقىڭ ئىىسسىسۇن ئوت قالاپ بىرەي،
ئاللا دەپ ماكانسىز سوغ باغرىڭنى ئاچ!

تۈك باسقان قەلبىمدە سېنى كۆرەي مەن،
ھىسىيات ئاشكارا بولمىغان ماركا.
سەن بەلكىم قورققىدەك ئايالسەن بۈگۈن،
                              چاپلانغان ھاياجان ئىشتان بېغىڭغا..


ئايدىڭدا ئاق ئىدىم، كۈندۈزدە كېچە


مەن سېنى تەسۋىرلەپ چىقتىم بۇ كېچە،
كۆزۈڭدە گۈل، لېۋىڭدە گۈل، گۈل ئىدىڭ گۈل-گۈل.
پاچىقىڭ ئوت ئىدى دوزاقنىڭ ئوتى!
بىر لەھزە كۆيدۈم ئاھ، بىر سىقىملا كۈل!!!!

ئايدىڭدا ئاق ئىدىم، كۈندۈزدە كېچە،
ھېچ كىشى يوق بەلكىم سەن يوق ھېچ يەردە.
تەنلىرىڭ ئىبلىستۇر، نىگاھىڭ ئۆلۈم،
مىڭ قېتىم ئۆلدۈممەن، ئۆلۈمگە-ئۆلۈم!!

ۋۇجۇدۇم شەھۋەتتە، ھايۋانمەن-ھايۋانمەن!!!
چىڭقالغان نەپەستە كۆيمەكتە بۇ جان.
بۇزۇلغان نېرۋىلار چېچىلغان نۇردەك،
مۇھاببەت ھەممىنى قىلغان مالىمان!!!!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:15:53

ھورۇنلۇق سەنئەتتۇر

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:53:59

بۇ شرئىرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىم.
سەمىمىلىكىمدىن رەنجىمەڭ جەسەت.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:12:02

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 00:45:28

ئەي ــ جەسەت ، ئاڭلا جەسەت ،
قىلمىغىن باشقىلارغا ھەسەت .
يازسا يازمامدۇ باشقا تورداشلار،
بولسا ئاشقىن ، ئاشالمىساڭ مانا مۇشتاق سەت !

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 08:35:33

ماۋو جېكنىڭ شىئېر يېزىش قانۇنى بۇنى ياخشى ئۆزلەشتۈرسەڭلا كۈندە نەچچە پارچە شىئېر يازغىلى بۇلىدۇ ھىكايە بۇلامدۇ ,نەسىر بۇلامدۇ پوۋىست-روماننىمۇ شىئېرغا ئايلاندۇرالايسىلەر.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=39006&highlight=%D8%AC%DB%90%D9%83

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 08:48:28

گۈلبەدەن نۇرى بەك ئىسىل شېئىر يازاتتى ...

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 11:01:59

كونسىرۋاتىپ دەپ بىر تورداش بولىدىغان  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 14:09:01

يۇيۇقسىز قالغان جەسەتمۇ نىمە؟

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:17:16

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 22:12 static/image/common/back.gif
قايسى خىل ژانىردا يىزىلغان شېئىر بۇ؟؟ جەسسەت ئەپەندىم  ...

ئەدەبىياتتا ژانىر بولمايدۇ ھەزرىتىم...

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:18:40

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 11:01 static/image/common/back.gif
كونسىرۋاتىپ دەپ بىر تورداش بولىدىغان

سالام. ئېلىببە ئىسىملىك تورداش... كونسىرۋاتىپ مېنىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بۇرۇنقى تور نامىم.. ھازىرقى جەسەت بىلەن كونسىرۋاتىپ ئىككىسى بىر ئادەم... ۋاقىپ بۇلۇپ قالغايسىز...

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:20:08

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 08:48 static/image/common/back.gif
گۈلبەدەن نۇرى بەك ئىسىل شېئىر يازاتتى ...

مەن ئۇنداق ئىسىملىك ئادەمنى تونۇمايمەن.... ھەم بۇ ئەسەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.... خاپا بولماي ئەسەرگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلمىغايسىز... ياخشى نىيەتلىك ئاقكۆڭۈل  ئەپەندىم...

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:16:02

يارايسىز

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 19:39:04

   شېئىردىن پەقەت بىر لەھزىلىك ھاياجان ئىزدىسەك كاللىمىزنى بەك قاتۇرۇپ كەتمىسەك ئاندىن ھوزۇرلىنالايمىز . كۆپىنچىمىز شېئىرنى سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە باغلاپ چوقۇم بىر لوگىكىلىك مەنا چىقىشىنى ئىزدەيمىز . نەتىجىدە شېئىردىن ئۇ چىقمىسىلا بۇ شېئىر ئەمەس دەپ جار سالىمىز . ئىلمى ماقالە بىلەن شېئىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەل شۇ بىرىدىن ئەقىلى خۇلاسە ، بىرىدىن ئېنساننىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ھېس تۇيغۇلىرى ئىزدەش بىلەن خاراكتېرلەنسە كېرەك .
بەت: [1]
: جەسەت:ئەي،ئايال!