abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 14:55:58

تېخنىكا خادىم تەربىيلەش ئېلانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 15:43  

بىر دوستۇم يىقىندا شىركەت قۇرغان ئىدى، شىركەتكە تېخنىكا خادىم تولۇقلاش (ئۆزى تەربىيلەپ، ئۆزى ئىشقا ئېلىش) ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىن جەمىيتىمىزدىكى پىروگرامما ساھاسىگە قىززىققۇچىلارغا تەربىيلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يىقىندا بىر قارار «تېخنىكا خادىم تەربىيەلەش» ئېلىپ بارماقچى ئىكەن...
ئەسلى مەزمۇننى ئالىپ تورىغا يوللىغان ئىكەن، ئەمما ئىزدىنىشتىمۇ ھەرخىل ساھەگە قىززقىدىغان ھەۋەسكارلار كۆپ بوغانىلىق ئۈچۈن، بىرسى كۆرمىسە بىرسى كۆرۈپ قالسا.... باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويسا كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولامىكى دەپ شۇڭا بۇيەرگە يوللاپ قويدۇم!
مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

تېخنىكا خادىم تەربىيلەش ئېلانى

شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ تېخنىكا خادىم قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن جەمىيەتتىكى پىروگرامما ساھەسىگە قىززىقىدىغان ياشلاردىن 15نەپەر قوبۇل قىلىدۇ؛
ئوقۇش مۇددىتى ۋە ئۆتۈلدىغان مەزمۇنلار:
ئوقۇش مۇددىتى 10 ئاي بولۇپ، دەسلەپكى 2ئاي ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىنكى پىروگرامما ساھەسىگە ئۇل سېلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇجەرياندا java تىلىدىن ئاساس، كومپىيۇتېر ئېنگىلىز تىلى، ماتېماتېكا قاتارلىق تۈرلە ئۆتۈلدۇ، 2ئاي تامام بولغاندىن كىيىن ئۆتۈلگەن تۈرلەر بويىنچە ئايرىم-ئايرىم  ئىمتىھان ئېلىندۇ، لاياقەتلىك بولغانلار javaتىلىنى تېخىمۇ يۇقىرلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە باشقا يانداش پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىندۇ، بۇ جەريان ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچى بولۇپ مۇددىتى 3ئاي، بۇ 3 ئايلىق ئۆگىنىشتىن كېيىن بىر ئايلىق ئەمەلى مەشىق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن شىركەتتىكى تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەرقايسسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن يۇمشاق دېتالىغا باھا بېرىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، لاياقەتلىك بولالىغانلار JavaWeb ۋە Android بويىچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ يەنە 3 ئايلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، 3 ئايلىق ئۆرلەپ ئوقۇش مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن يەنە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلىي مەشىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن شىركەتنىڭ تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن تۈرلىرىگە باھا قويىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئەمەلىي مەشىقنى ياخشى ئىشلىگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاندا ياخىشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر شىركەت تەرەپتىن- ئىرپان شىركىتى، يەلتاپان شىركتى ، ئەلبىز شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرگە بىر ئايلىق پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا شىركىتىمىز ۋە ھەمكارلاشقان شىركەتلەت يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىدۇ.

تەربىيلەش مۇددىتى ۋە ئوقۇش راسخوتى:
ئومۇمىي تەربىيلەش مۇددىتى: 10ئاي
بىرىنجى باسقۇچ : ئۇل سېلىش باسقۇچى (مۇددىتى ئىككى ئاي)
ئىككىنچى باسقۇچ: ئوتتۇرا سەۋىيە  ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش(مۇددىتى تۆت ئاي)
ئۈچۈنچى باسقۇچ: يۇقىرى سەۋىيە ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ۋە ئەمەلى پراكتىكا، (مۇددىتى تۆت ئاي).

ئوقۇش راسخوتى:
ئومۇمىي ئوقۇش راسخۇتى 19 مىڭ يۈەن، (مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ).
ئەگەر بىرلا قېتىمدا تولۇق تاپشۇرسا مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ

دەرسلىك ماتىريالى:
دەرسلىك ماتىرياللىرىنى شىركىتىمىزدىكى ئۇزۇن يىللىق كەسپىي تەجىربىگە ئىگە تېخنىكا خادىملار ئۆزى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ دەرسلىك- ئۆگەنگۈچىلەرنى قىسقا ۋاقت ئىچىدە يۇقرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان، دەرسلىك مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:


ئۇل سېلىش باسقۇچىدا:

    Java تىلى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
    Java تىلىدىكى ئاساس
    ئېقىش مۇساپىسىنى تىزگىنلەش
    سانلار گۇرۇپپىسى
    ھەرىپ بەلگە تىزمىسى ۋە مۇنتىزىم ئىپادە


ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچىدا:
    ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لاھىيەلەش
    ئۇسۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە پارامىتىر ئۇزىتىش
    ۋارىسلىق ۋە كۆپ ھالەت
    ئۇچۇرلارنى پىچەتلەش
    تۈرنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك ئالاھىدىلىكلىرى
    Java دىكى توپلام
    Javaدىكى كۆپ ئىشلىتىلدىغان تۈرلەر
    Genirectiy  بىلىمىدىن ساۋات
    نورمالسىزلىقنى بىرتەرەپ قىلىش
    كۆپ لىنىيە
    گىرافىك يۈزى
    ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش
    Swingنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك زاپچاسلىرى
    ئوقۇش-يېزىش ئېقمى ۋە ئوبىكىتنى ئېقىملاشتۇرۇش
    تور پروگىراممىسى تۈزۈش
    ساندانغا مەشغۇلات قىلىش
    Java دا ساندانغا مەشغۇلات قىلىش.
    MVC  ۋە تۈر ئېچىش ھەققىدە

(يۇقىرى باسقۇچ قىسىمىنىڭ مۇندەرىجىسى قىسقارتىلدى)
يەتمەكچى بولغان نىشان:
ئوقۇشنى ياخشى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۆگەنگەن تۈرلەر بويىچە ئۆزئالدىغان مۇستەقىل پروگرامما يازالايدىغان، باشقا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرنىڭ خىزمەت ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدىغان بولىدۇ...


بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز:
*بىز باشقا تەربىيلەش ئورۇنلىرىغا ئوخشاش چوڭ-چوڭ دىپلۇم ۋە كىنىشكىلەرنى بېرەلمەيمىز، ئەمما سىزگە ھەقىيقى ئەسقاتىدىغان بىلىمنى بىرەلەيمىز.

*ئوقۇش راسخۇتى بەلكىم سىزگە قىممەت تۇيۇلىشى مۇمكىن، ئەمما تېرىشىپ ئوقىسىڭىز، ئوقۇش تامام بولۇپ بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلغاندا ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ناھايىتىمۇ ئەرزانغا توختىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.

*ماتېماتېكا بەلكىم سىزگە نىسەبەتەن زېرىكىشلىك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇنلىغان چوڭ تېخنىكىلارنىڭ ئارقىسىدا ئاشۇ «زېرىكىشلىك» ماتېماتېكىنىڭ بارلىقىنى بىلسىڭىز، بەلكىم باشقىچە قىززىقىشىڭىز مۇمكىن.

* خەنزۇچىنى بىلمىسىڭىز، ئىنگىلىزچىنى بىلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئەمما ئۇيغۇرتىلىنى بىلمىسىڭىز قوبۇل قىلالمايمىز،

* پىروگراممىغا نىسەبەتەن ئاساسىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق، ئەمما تىرىشچانلىقىڭىز ۋە سەۋىرچانلىقىڭىز بولمىسا قوبۇل قىلالمايمىز!

ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن ھەقىقىي كۆرۈنۈش:



ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
شىركەت ئادرىسى:ئۈرۈمچى شەھەر  غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللۈكى (3-دوختۇرخانىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا) A بىنا  811- ئىشخانا.
تېلېفون نومۇرى؛ 0991-8520069، يانفۇن: 13325549080،18699161138
QQ:18082876744
ئېلخەت: elbizcc@gmail.com
تورئادرىسى http://www.elbiz.cc
ئۈندىدار سۇپىسى:elbizcc


سەمىيمىي ئەسكەرتىش:
بىز شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىم قوشۇنىنى زورايتىشنى مەقسەت قىلغاچقا بۇقىتىمقى تەربىيلەشنى ئىلىپ باردۇق، تەربىيلەشكە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ياتاق ۋە تاماق مەسىلىسىنى ئۆزى ئويلىشىدۇ،  نوپۇسى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر تەۋەلىكىدە بولغانلار ئۆزىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن «خەلىققە قولايلىق كارتىسى»نى بىجىرىپ كىلىشى كېرەك...


ئەسلى مەنبە- ئالىپ تورىدىن ئۆزەم پەم بىلەن كۆچۈرۈپ كەلدىم

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:12:13

بىرىنچى بولاپ ئۆزەم ئېنكاس يېزىۋالاي....
ئوقىمىساڭلارمۇ باشقىلارغا دەپ قوياڭلا باللا.... ئوقۇغۇسى بارلا كىلىپ ئوقىۋاسۇن....
ھەراس، مىنىڭ بۇ دوستۇم قارىماققا بەك يۇۋاش، ئەمما ئوقۇغۇچىنى چىڭ تۇتۇشقا كەگەندە بەك زالىم...:@
ھەتتا بىچارە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيۇتېرسىنى تورغىمۇ چاتقىلى قويمادىكەن... ئىشقىلىپ بىلى بوش باللا ئوقىيالمايدۇ ئۇ يەردە....{:92:}

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:33:41

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 15:12 static/image/common/back.gif
بىرىنچى بولاپ ئۆزەم ئېنكاس يېزىۋالاي....
ئوقىمىساڭلارم ...

نىمىشقا ئۇنمايدىكەن بىرمۇنچە جىزا بارئىكەن
ئەگەر تورغا چاتمىسا ماترىيال ئىزدەش ۋە باشقا ئۇگنۇشنى قانداق قىلىدۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:38:40

مىنىڭمۇ  ھەر خىل تور بەت ياساش بەت ئاسراش توربەتنىڭ تلىفۇن نۇسقۇسىنى ياساش Javaغا ئالاقىدار بىلەملەرنى بەك ئۇگەنگىم بار.
مەن ئىشلىگەن شىركەتتىمۇ 技术员网站(تور بەت تـخنىك)نى ئەتىراۋلاپ يوقرى مۇئاش بىلەن ئىشلىتىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:24:25

كەسىپ ئۆزگەرتىپ it ئۈگەنگىم بار ئىدى ئەمما ، ئەمما ئۆيدىكىلەر ئۇنىمايدۇ ، 4 يىل شۇنچە پۇل خەجلەپ ئوقۇتۇپ ئەمدى يانا  20مىڭ خەجلەپ.......
     ياخىشى ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلەر مۇشۇنىڭدا ئوقۇسا بولغۇدەك

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:51:35

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 15:33 static/image/common/back.gif
نىمىشقا ئۇنمايدىكەن بىرمۇنچە جىزا بارئىكەن
ئەگەر تور ...

ماتېرىيال ئىزدەش  بوپ قالسا ئۇنىڭغا شارائىت بار، (تور سۈرئىتىمۇ يامان...) ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنى تورغا چىقارتقۇزمايدىكەن.... نۇرغۇن سەۋەپلەر باركەن

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 10:21:28

ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىدا قالايمىقان ھەرىپ ۋە سان - سىپىرلارنى  كىرگۈزۈپ، مەلۇم بىر كودنى تۇيۇقسىز ھاسىل قىلىش نىسبىتى قانچە پىرسەنىت؟

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 12:28:00

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 10:21 static/image/common/back.gif
ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىدا قالايمىقان ھەرىپ ۋە سان - سىپ ...

قايسى پروگرامما تىلىغا تەۋە كود؟ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرب؟

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 14:55:50

{:112:}
بەت: [1]
: تېخنىكا خادىم تەربىيلەش ئېلانى