mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 12:08:07

كونا كىتاپ بازىرى ( مەن ساقلاۋاتقان كىتاپلار ) 2




مەن بۇرۇن مۇشۇ نامدا بىر تېما يوللىغانۋە بۇ تېمىدا كونا - يېڭى كىتابلار ھەققىدە تورداشلار بىلەن ئوبدان پاراڭلاردا بولغان ئىدۇق . بۇ تېمىدا بۇنىڭغا قىزىقىدىغان نۇرغۇن تورداشلار بىلەن تور يۆزىدە بولسىمۇ تونۇشقان ۋە ئۆز - ئارا ياخشى سۆھبەت ، ئۆزىمىز قىزىقىدىغان ، ياقتۇرىدىغان كىتابلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەردە بولغان ئىدۇق . ھەمدە كونا - يېڭى كىتابلار ھەققىدە نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان ئىدۇق . نۆۋىتدە بەزىبىر تورداشلارغا كېرەكلىك كىتابلىرىنى تېپىپ ئەۋەتىپ بېرىشكىمۇ ئۆلگۈرۈپتىكەنمەن .
كۆرمىگەنلەر بولسا بۇرۇنقى ئۇ تېمىنىڭ ئادرىسى مانا :http://bbs.izdinix.com/thread-42264-1-1.html

نەچچە كۈن بۇرۇن كىتابلىرىمنى رەتلىگەن ئىدىم . بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزەم قىزىققان ، ياقتۇرغان ، يوقىتىپ قويۇپ تولۇقلىماقچى بولغان كىتابلارنى ئىزدەش جەريانىدا بەزىدە ئۆزەمدە بارلىغىنى بىلمەي سېتىۋېلىش ، بارلىغىنى بىلسەممۇ ئاسان ئۇچرىمايدىغان كىتابلار ئۇچراپ قالسا ئارتۇق بولسىمۇ ئېلىپ قويۇش ... قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قولۇمدا بىر بۆلۈك كىتابلار ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ . شۇڭا ، مەندە ئارتۇق بولۇپ تۇرىۋەرگىچە ، قولىدا ئارتۇق كىتابلار بولغان باشقا تورداشلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ، ياكى سېتىۋېتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم .. باشقا تورداشلارنىڭمۇ ئۆزىدە ئارتۇق بولۇپ سېتىۋەتمەكچى بولغان ، ياكى ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان كىتابلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى ( كىتاب ئىسمى ، تۈرى ، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى ... دىگەندەك ) قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۆمىد قىلىمەن .

مەندە ئارتۇق بولۇپ قالغان كىتابلار :

1 . بەربات بولغان ئەقىدە( ھېكايىلەر توپلىمى )             تاگور( ھېندىستان ).   1997 - يىل 8 - ئاي نەشىرى
2. مېھرابتىن چايان            ئابدۇللا قادىرى ( ئۆزبىكىستان )      1983 - يىل 3 - ئاي1 - نەشىر 3 - باسمىسى
( بۇ روماننىڭ مەندىكى بۇ ئۈچىنچى باسمىسىنىڭ بېسىلغان سانى 65 مىڭ ئىكەن ، 1 ، 2 - باسمىلىرىنىڭ سانى نەچچە بولغىيدى ؟ ھەممىسى بولۇپ بىرە ئىككى يۈزمىڭدىن ئاشامدۇ نىمە ؟ )
3 . توم سويىرنىڭ سەرگۈزەشتىسى         مارك تۋېن (ئامېرىكا )    1988 - يىل 3 - ئاي1 - نەشىر 1 - باسمسى
4. ئەخمەق ۋېلسۇن             مارك تۋېن( ئامېرىكا )                  1996 - 7 - ئاي   1 - نەشىر 1 - باسمسى
5. كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى( 3 قىسىم )      ژيۇل ۋېرن ( فىرانسىيە )    1982 - يىل 8 - ئاي1 - نەشىر 1 - باسمسى
( بۇ كىتابتىن جەمئى 2 يۆرۈش ئارتۇقى باتى ، بىر يۆرۈشى بىر تورداش ھەمشىرىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ساقلاپ قويۇلدى )
6. سىرلىق ئارال   2 - قىسىمى   ژيۇل ۋېرن ( فىرانسىيە )    1985 - يىل 7 - ئاي1 - نەشىر 1 - باسمسى
7 . بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھېتى         نىكولاي نوسوۋ ( سۆۋىت ئىتتىپاقى )   1986 -يىل 1 - باسمىسى
8 .بوۋارى خانىم          گۇستاف فىلوبېر ( فىرانسىيە )   1986 - يىل 1- ئاي   1- نەشىر 1- باسمىسى
9 .فائۇست1 - قىسىم            گىيوتې( گىرمانىيە )   1987 - يىل 7 - ئاي    1 - نەشىر 1- باسمىسى
10 .ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر   ئابدۇرەھمان ئەبەي1984 - يىل 7 - ئاي1 - نەشىرى
11 .بىر قىزغا مىڭ كۆز          كېرىشان چاندار( ھېندىستان )       1996 - يىل 7 - ئاي   4 - باسمىسى
12 . ھولمىسنىڭ دىلو رازۋېت قىلىشى         ئا. كونان دويىل( ئەنگىلىيە )   1983 - يىل 2 - ئاي   1-نەشىر 1 - باسمىسى
..........
                   ( يەنە تولۇقلىنىدۇ )   

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:27:36

mohsin:
كىتابلىرىڭىزنى ساتىدىغانسىز،بولسا باھاسىنى يېزىپ قويسىڭىز؟
كىتاپلىرىڭىزنى قانداق ساقلاۋاتىسىز؟كىتاپ ئىشكابىنى قانداق ھالەتتە ياساتسا ئوبدان بۇلىدىغاندۇ؟
كىتاپ ئوقۇغاندا ۋە تاللىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلسىز؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:53:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-20 15:55

      newyork   نىمىشقا دىگەن بالىغا ئوخشايدىكەنسىز ھېلىقى يىشونىڭكىدە چىقىدىغان :lol   
مۇھسىنكا،مىھراپتىن چايان، توم سويىرنىڭ سەرگۈزەشتىسى، ئەخمەق ۋېلسۇن، كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى، بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھېتى، بوۋارى خانىم قاتارلىقلارنى ماڭا ساقلاپ قويسىلا.كىلەر شەنبە كۈنلىرى كۆرىشەمىز.    ئىش بېسىۋىلىپ ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ كىتاپخانىلارنى ئارىلاشقا. كىلەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىنكى ۋاقتىمنى ئاتاپ قويدۇم كىتاپخانا ئارىلاشقا.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:04:10

قورال كىتابلاردىن يوقمۇ؟ بولسا شۇلارنىڭ كىتابخانىلاردا يوقلىرىدىن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاڭە. ئېھتىياجلىق كىتابلار بولسا ئالىلى.

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:33:12

ئوبدان تېما بوپتۇ بۇ. مۇشۇ تېمىنى قىززىتساق بولغىدەك.
بەدۆلەت 1-قىسىمى بىلەن3-قىسىم كىتابنى خېلى بولدى ئىزدەۋاتىمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:44:29

« بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھىتى» نى مەن ئالاي. كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغانتىم. ئەمدى بالام ئوقۇسۇن. كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار: 632997108، ياكى سىزنىڭ ئالاقە ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇڭ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:45:14

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-9-20 15:53 static/image/common/back.gif
newyork   نىمىشقا دىگەن بالىغا ئوخشايدىكەنسىز ھېلىقى ي ...

سىز تېخى بويتاق بولغاندىكىن كىچىك بالىنىڭ كىتابىنى مەندىن تالاشماڭ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:51:23

بازا چاققاننىڭ ئالىپ قېرىندىشىم {:220:}{:92:}

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:29:12

قاسسىۋاخۇن, بىر چاغدا ئارۇز ئىلمى دېگەن كىتابنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىڭلا, ئالساڭلا كوڭفۇزى تورىدا باركەن.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:37:54

HEZINE يوللىغان ۋاقتى2014-9-20 17:29 static/image/common/back.gif
قاسسىۋاخۇن, بىر چاغدا ئارۇز ئىلمى دېگەن كىتابنىڭ گېپىن ...

ئارۇز ئىلمى دېگەن كىتاب نەشىردىن چىققىلى تېخى بەك ئۇزاق بولمىدى. كىتابخانىلاردا تېپىش ئوڭاي.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:45:47

HEZINE يوللىغان ۋاقتى2014-9-20 17:29 static/image/common/back.gif
قاسسىۋاخۇن, بىر چاغدا ئارۇز ئىلمى دېگەن كىتابنىڭ گېپىن ...

ئۇ كىتاپنى سەئۇدىيدىكى بىر دوستۇم تاپىلىغان سىلىگە دىگەن چاغدا.بۇ چاققىچە تېپىپ بولغاندۇ.سوراپ بېقىپ تاپمىغان بولسا شۇ يەردىن ياكى كىتاپخانىلاردىن ئىزدەپ باقارمەن.   

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:27:00

سىلەرمۇ ئۆزەڭلەردە ئارتۇق كىتابلار بولسا شۇنىڭ تىزىملىگىنى تاشلىساڭلار بولىتى ئاۋال ... شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىمىزدە بولمىغان ، ئىزدەۋەتقان كىتابلارغا ئالماشتۇرساق ... ،
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەتمۇ ھەر قايسى كىتاب ساقلاۋاتقان دوستلاردا خۇددى ماڭا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئارتۇق بولۇپ قالغان كىتابلار بولىدۇ . شۇلار ئۆزلىرىدىكى ئارتۇق بولۇپ قالغان ، ياكى ئارتۇق بولمىغان بولسىمۇ ئالماشتۇرۇشنى ، سېتىۋېتىشنى خالىغان كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىنكاسلاردا قالدۇرۇپ قويسا ، شۇنىڭدىن ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان كىتابلار چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس دەپ يوللىشىمتى ،بۇ تېمىدا قالدۇرغان كىتابلاردىن باشقىمۇ كىتابلار بار ، ئىنكاسلاردا يەنە تولۇقلايمەن . موھىمى سىلەرمۇ ئۆزەڭلەردىكىنى قالدۇرۇڭلارچۇ ، ئاز - كۆپ بولسىمۇ مەيلى .
ھازىر كونا كىتاب مەنبەسى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ ، كونا كىتابپۇرشلاردىمۇ ۋاي دىگۈدەك كىتابلار تازا ئۇچرىمايدىغان بولۇپ كەتتى . شۇڭلاشقا بازاردىن تېپلمىغان بەزىبىر كىتابلارنىڭ خەۋىرى بۇ يەردە بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس دەيمەن .
كىتابلارغا باھامۇ قويمۇدۇم ،ئالماشتۇرۇش ئاساس ، سېتىش قوشۇمچە بولسا دەيمەن ...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:59:36

سىز داۋامىنى يوللىۋەتمەمسىز ئاۋۋال؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:04:52

مەنمۇ يوللايمەن ، تولۇق رەتلەپ بولۇپ ،سىزمۇ يوللىڭا ...

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:22:34

مىنىڭچە مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى كىتابىخۇمار تورداشلار ئۈندىداردا بىر توپ قۇرۇپ قويساق بولغىدەك. سىلەرچىچۇ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:31:58

IKSAK يوللىغان ۋاقتى2014-9-20 19:22 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى كىتابىخۇمار تورداشلار ئۈند ...

توپ باتى، مەن خوتەندە چىقالماي، قاتنىشالمىدىم.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:43:48

قۇرۇڭلار ئەمىسە ، مەنمۇ كىتاپخۇمار ، ئۆيدىكى كىتاپنى سانىسام بەشيۈزدىن ئاشىدۇ ....

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:45:53

   ماۋۇ كودنى سىكانزېرلاپ بېقىڭلا.توپنىڭ كودى.يا بۇنداق قىلىپ قاچىلغىلى بولمامدۇ.{:118:}
بولمىسا مەن ۋىيشىن نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويىمەن.قاچىلۋالساڭلا توپقا ئەكىرىپ قوياي.مەن قۇرغان توپتى ئۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:47:28

مەندە كىتاپ يوق دىيەرلىك.ئوقۇغۇچى چاغلاردا يىغالمىغان.ئەمدىلەتىن يىغقىلى تۇردۇم.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 20:05:12

مۇشۇ كىتاپ راستلا پەيزى
بەت: [1] 2 3 4 5
: كونا كىتاپ بازىرى ( مەن ساقلاۋاتقان كىتاپلار ) 2