muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 09:46:05

ساياھەت قىلىش

ساياھەت قىلىش
(يازغىنىمنىڭ قايسى ژانىرلىقىنى بىلمەيمەن، بىر ھىكايە يىزىپ باقاي دىگەن گەپ ئۇزىراپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ )
-تىز بول يانا چاي ئىچمەي ماڭىدىغان بولدۇم .
-ناماز ئوقىۋىلىپ مىڭىڭ .
- بولە ئەمسە ناشتىلىقنى تەييارلا .مەنغۇ مەيلى ،ئەمما فەرىكا ناشتا قىلىۋالسۇن يەسلىدە قاچان چاي بىرىدۇ ؟ بۇلارغا . . .
فەرىكا ئويغۇنۇپلا ئۇدۇل خالاسىغا بىرىپ كۆزلىرىنى ئاچالماي ئولتۇردى، ئايالىم فەرىكاغا سۇيۇنۇپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ناشتىلىققا تۇتۇش قىلدى، نامىزىمنى ھاپىلا شاپىلا ئوقۇپ ، قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ ئازىراق ناشتا قىلىپلا  يەسلىگە ماڭدۇق .
- خۇدايىمغا ئامانەت - ئايالىم قىزىمنى سۆيۇپ قويغاندىن كىيىن ،
- قاچان كىلىسىز ؟
- ئىشقىلىپ 9- ئاينىڭ ئاخىرى، بالا ساڭا قالدى ئىغىر ئاياق ۋاختىڭدا جاپا بولدى دە ، يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىپ . .
- ئەمدى شۇنداق بولىدۇدە . .. . ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ .
- خوش خۇدايىمغا ئامانەت . ئايالىم بىلەن خوشلۇشۇپ بولغىچە پەسكىمۇ چۇشۇپ بولۇپتىمەن . تېلىفۇننىڭ سايرىشىدىنلا ، شوپۇرنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىغىنى بىلدىم .
- تىز بولۇڭ قىزىم .
-دادا مەن مەكتەپكە بارمايچۇ . .
- نىمىشقا ؟
ئويدە ئويناي، ئاپامنى خاپا سالمايمەن .
-ھە، سىزنى خاپا سالىدۇ دەپ يەسلىگە  ئاپىرىۋەتمىدۇق، سىز چوڭ بولدىڭىز قىزىم، بالىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ بولسا مەكتەپكە بارىدۇ .
قىزىمنى يىتىلىگەنچە تىز تىز مىڭىۋاتىمەن، ئەمدىلا ئۇچ يىرىم ياشقا كىرگەن قىزىممۇ مەندىن قالماي مىڭىۋاتاتتى . فەرىكانى يەسلىگە بەرگىنىمىزگە ئەمدىلا ئۇچ كۇن بولغان،  باشتا يەسلىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالغان قىزىمنىڭ مەكتەپكە بارمايمەن دىيىشى مىنىڭ دىقىتىمنى تارتتى .
- نىمىشكە مەكتەپكە  بارمايسىز؟
- مەكتەپ ئەمەس يەسلى دىيە دادا ، ئارقىمدا ئولتۇرغان بالا تىپىۋىرىپ كىيمىمنى  مەينەت قىلىۋەتتى .
قىزىمنىڭ گىپىدىن كۇلۇپ كەتتىم، ماڭا دائىم ئاشۇنداق گەپ ئۇگىتەتتى .
- سىز ئۇ بالىغا جىم ئولتۇر دىمىدىڭىزمۇ  ؟
- ئاڭلىمايدىكەن ؟
- بۇدا يەنە شۇنداق قىلسا خانىمغا « خانىم ماۋۇ بالا بوزەك قىلىۋاتىدۇ دەڭ » .
- ماقۇل .
-دەپ بىقىڭە قىنى .
-ماقۇل .
- مەن سىزگە ماقۇل دەڭ دىمىدىم « خانىم ماۋۇ بالا بوزەاك قىلىۋاتىدۇ » دەڭ دىدىم، شۇنداق دىسىڭىز خانىم ئۇ بالىنى باشقۇرۇپ قويىدۇ، ئۇقتىڭىزمۇ ؟
- ئۇقتۇم .
يولنىڭ بويىدىكى چوڭ ئاپتۇز مىنى ساقلاۋاتقان ئاپتۇز شۇ ئىدى، قىزىمنى كۆتۇرگەنچە ئاپتۇزغا چىقتىم، كۆرنۇشى خەنلەرگە ئوخشاپ قالىدىغان، سىمىز شوپۇر بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇدۇل يەسلىگە قاراپ يولغا چىقتۇق .
- بالىڭىز نەچچىكە كىردى ؟ سورىدى، ئىككى قولى رولدا ،ئالدىغا قاراپ ئاپتۇزنى ھەيدەپ كىتىپ بارغان شوپۇر .
- ئۇچ يىرىمگە،  قىزىم يىڭى مەكتەپكە بارغان، بۇگۇن ئۆزۇم بىر ئاپىرىپ قويۇپ بىراقلا يولغا چىقاي دىدىم . كىچىكمەسمىز ھە ؟
- ياق ھەي . دىدى شوپۇر.
مەن ئادەتتە سىمىز كىشىلەرنى ياقتۇرىمەن، بىغەم، بەك بىر ئىشلارغا ۋاي دەپ كەتمەيدۇ، كاللامدا يەنىلا شۇ قىزىمنىڭ بايىقى گىپى، نىمىشقا مەكتەپكە بارمايمەن دەيدىغاندۇ ؟ يەنە بىردەم قىزىمنى گەپكە سالاي .
- يەنىچۇ نىمىشقا بارمايمەن دەيسىز ؟
- چۇشتە ئۇخلىمىسام خانىم  «ئۇخالا » دەپ كاسامغا پاق پاق قىلىپ ئۇرىۋاتىدۇ .
غۇژژىدە ئاچىغىم كەلدى، كىچىك بالىلارنى كىلە كەلمەيلا ئۇرىدىغان خانىما ئۇ، كاساپەت ھىلى بىرىپ گەپ قىلىپ قويمىسام، قارىۋاي ئىگىز بىرسى تۇرىتى چوقۇم شۇ ئۇردى خەپ . . .
- ئاغرىدىمۇ ؟
- ھەئە .
-قانداق دىگەن گەپ بۇ ..  . .
-ئەركىلىتىپ ئۇرۇپ قويغان گەپ . دىدى شوپۇر كۇلۇپ كىتىپ .
ئەگەر ئۆزىنىڭ بالىسى بولسا بۇنداق توغىرا چۇشەنمەستى، دىدىم ئىچىمدە ئەلۋەتتە توغىرا ئەمەستە، بىلىمەن بالىلارنى باشقۇرۇپ بولالمايمەن دەپ راست ئۇرىدۇ ئۇ بىرنىمە، يەسلىگە بىر بارايچۇ . ..  
-يەسلىگە كەلدۇق . دىدى شوپۇر ماشىنىنى توختۇتۇپ .
-ئون مىتۇت ساقلاپ تۇرۇڭ .
قىزىمنى كۆتۇرگەن پىتى يولدىن كىسىپ ئۆتۇپ، يەسلىنىڭ ئالدىدا يەرگە قۇيۇپ يىتىلەپ ماڭدىم .
- دادا يۇگىرەمدۇق، كىچىكىپ قالمايلى يەنە . دىدى قىزىم .
ماقۇل يۇگىرەيلى .دەپ يۇگۇرۇپ ماڭدۇق، ئەتىگەندە ساپلا ياش ئاتا ئانىلار خىزمەتكە ئالدىراپ بالىلىرىنى باشتىلام ئەككىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ، باشقىلارمۇ بالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ يەسلى دەرۋازىسىدىن كىرىپ كىلىۋاتىدۇ، قىزىم بىلەن يۇگۇرەپ سىنىپقا كىرسەم ، ھىلىقى قارىۋاي يوق ، نەۋرە سىڭلىم خانزۆھرە خىنىم بالىلارنى تىزىملاۋاتىدۇ .
- ھۆي ، كەلدىڭما ئوماق، ئاۋۇ يەردە ئولتۇر . بىر جوزىنى ئىلىپ قىزىمغا قويۇپ بەردى . -ئاكا تىچلىقمۇ ؟
- تىچ تۇردىڭىزمۇ ؟ مەن سەپەرگە ماڭغان ، بۇندىن كىيىن قىزىمنى ئاپىسى ئاپىرىپ ئىلىپ كىلىدىغان بولدىدە .
- قەيەرگە ؟ خانزھۆرە خىنىم دەپتەرگە بىرنىمىلەرنى يازغاچ سورىدى .
- بۇ نوۋەت مھمانلارنى تۇرپاندىن ئۇزتىدىكەنمەن .
- ھە رىزىۋانگۇل ئاچام ئەككىلىدىكەندە بۇ ئوماقنى .- دىدى ماڭا قاراپ .
- ھەئە ، قىزىم بىلەن خوشلىشىۋالاي .
بىرىپ قىزىمنىڭ ئىككى مەڭزىگە ھەم پىشانىسىگە سۇيۇپ قويدۇم، قىزىممۇ مەڭزىمگە پىشانەمگە سۆيۇپ بولغاندىن كىيىن  .
- دادا بالدۇر كەل . دەپ  ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى .
-خوش قىزىم ئاپىڭىزغا دەپ قوياي بالدۇر كىلىپ سىزنى ئىلىپ كەتسۇن .مەن خانزۆھرە  خىنىمغىمۇ خوش دەپ قويۇپ يۇگۇرگەن ھالدا سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم، ئاۋۇ قارۋاي خانىمغا قايتىپ كەلگەن ۋاختىمدا بىر گەپ قىلىپ قويمىسام، شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولدۇم دەپ ، بالا بىقىش تەجىربىسىنىڭ تايىنى يوق ئادەمنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ كىتىدۇ بۇنداق مايماقلار . . . . .
قايتىپ كىلىپ ئاپتۇزغا چىقىتىم، شوپۇرمۇ ياشقا چوڭ بولغاچ خىلى ئۇستا شوپۇردەك قىلىدۇ، چوڭ ئاپتۇزنى خۇددى كىچىك ماشىنىدەكلا قايرىپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق .
- مىھمان نەلىككەن ؟
- ئىتالىيەلىكلەر .دىدىم  قولۇمدىكى پىروگىرامما قەغىزىغا قاراپ .
- ئىتالىيەلىكنى كۇتمەك ئوڭاي، ئارتۇق گىپى يوق ،ئەمما سۆيۇنچىنى ئاز بىرىدۇدە . دىدى شوپۇر كۇلۇپ كىتىپ .
ماڭىغۇ مىھماننىڭ ئۆگىيى يوق دۇنيانىڭ نىرىدىن كەلسە كۇتىۋىرىمەن، ئەمما ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنى بۇنداق كۇزتۇپ باقماپتىمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ شوپۇرنىڭ خىلى تەجىربىسى باردەك قىلىدۇ، دىمەك شوپۇر بىلەن پاراڭلاشمىسام بولمىدى .
-ساياھەت ماشىنىسىنى ھەيداۋاتقىنىڭىزغا ئۇزۇن بوپتۇدە .
- ئۇكام مىنى تونىمىغىنىڭىز بىلەن مەن سىزنى  تونۇيمەن ، سىز ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ كوناسى جۇمۇ مەن ، ئاسىيە ئاينۇرلاردىن سورىسىڭىز مىنى ئوبدان بىلىدۇ .
- شوپۇر مامۇتجان دىسە، ھىلىقى مىھمان  سويۇنچە  بەرمىگىچە ئاپتۇزنىڭ ئىشىگىنى ئاچمايدىغان شىنلۇنىنىڭ شوپۇرمىكىن دىگەن، سىز بىلەن بىللە ئۆمەك كۇتۇپ باقمىغاچ تونىيالماپتىمەن .
-  ھىلقى غىنى زابۇي دەيسىلەرغۇ، مىنىڭ ئىنىم بولىدۇ، مەن ئانچە ھەيدەپ كەتمەيمەن، كۆپۇنچە ئىنىم قۇربانجان ھەيدەيدۇ، ھىلىقى كۆزئەينەك تاقايدىغان .
- ھۆي سىز غىنى ئاكامنىڭ ئاكىسى بولىدىكەنسىزدە، غىنى ئاكام بىلەن خىلى ئۆمەك كۇتۇپ قويىمىز، كۆرۇنمەيدىغۇ يىقىننىڭزى .
- ئۇ خوتۇن  بالىسىنى ئىلىپ تۇركىيەگە چىقىپ كەتتى، بالىسىنى ئاشۇ يەردە ئوقۇتىدىغان ئوخشايدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قايتىپ كىلىمەن دىگەن ، بەش ئالتە ئاي تۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.
غىنى زابۇي ،قۇربان كۆزەينەك بۇلارنىڭ ئاكا ئۇكىلىقىنى بىلەتتىم، قەشقەردىكى ساياھەت شوپۇرلىرىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى، دىمەك بۇ ئۇچەيلەن ساياھەت كەسىپى ئاھالىسى دىگەن گەپ، مۇشۇنداق سىمىز مىجەزى ياخشى شوپۇرلار بىلەن ئومەك كۇتۇش بىرخىل كۆڭۇللۇك بولىدۇ، ھەم ماسلىشىپ ئۆمەكنى ئوبدان رازى قىلىدىغان گەپ .
مامۇتجان ئاكام بىلەن پاراڭلىشىپ، پاراڭلىشىپ دىگەن بىلەن ،ماشىنىدا ئاساسەن مامۇتجان ئاكاملا گەپ قىلىپ مىڭىۋاتىدۇ، مەن گەپ لىرىغا قىزىقىپ ئاڭلاۋاتىمەن ،گەپ سۆزلىرى جايىدا ،بۇرۇنقى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يىڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلىرىدىكى ئىشلار، ھازىرقى شىركەتتىكى كونىلارنىڭ بۇرۇنقى يىڭى ۋاقىتلىرى،  ئىدارىسىنىڭ قانداق بولۇپ ساياھەت شىركىتىگە بولۇنۇپ چىققانلىقى، شۇ ۋاقىتتىكى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى كۆڭۇللۇك چاغلىرى، ھازىرقى پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىنكى ئائىلىسىدىكى ئىشلار، مۇناسىۋەت دائىرلىرى، ئويدە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىكار تۇرغان نىسسان ماشىنىسىنى قانداق كىراغا سالغانلىقى دىگەندەك تىمىلارغا قىزىقتۇرۇپ، شۇنچە ئۇزۇن يولىنى بىردەمدىلا بىسىپ بولدۇق .
تورغاتقا كەلگەن ۋاختىمىزدا ئالدىمىزدا يىتىپ كەلگەن ئۇچ چوڭ ئاپتۇز ،ئىككى كىچىك ماشىنا تامۇژنىنىڭ ئالدىدا ئوچىرەتتە تۇرۇپتۇ، قاراۋۇل ئەسكەرلەر ئىشقا چۇشۇپ ، بىزدەك يىتەكچىلەرنى ئىچىگە كىرگۇزىۋاتقان ئىكەن، ماشىنىدىن چۇشۇپلا باشقا يىتەكچىلەر بىلەن تاموژنىغا كىردۇق . ئەلۋەتتە كەلگەن يىتەكچى بالىلار سالام سائەتتىن كىيىن ، بىر بىرىمىزنىڭ قانداق مىھمان كۇتىدىغانلىقىمىزنى سوراشقاچ ماڭىمىز .
-ھە ئابلىمىتجان بۇگۇن مىھمان نەنىڭ ؟ دەپ سورىدى يۇسۇپجان .
- گوللاندىيە، سىلىنىڭچۇ ؟
- گىرمانىيەنىڭ ئون يەتتە ئادەم دەيدىغۇ پىروگىراممىدا .
- تۇداجىم بۇ ئاسىيەنىڭ گورپىسى ئوخشىمامدا ؟ دەپ سورىسام .
-ھەئە قەشقەرگە ئىچىرىپلا قويىدىغان ئۆمەككەن ، كىلىشىپ قالسام ئۆزەملا كۇتىۋىتەيمىكىن دىدىم .
- مىرسالىجان ئىككى ماشىنىدىكى ئۆمەكنى ئۆزەڭلىلار كۇتىدىغاندەك تۇرامسىلەر؟ دەپ سورىدى ، بۇرۇن كۆرۇپ باقمىغان يىڭى يىتەكچى بالا مىرسالىدىن .
-ماۋۇ بىرسى ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ كەلگەنكەن، ،بۇنى چىگىردىن ئۆتكۇزۇپ، يەنە بىر ئۆمەكنى ئىلىپ يىنىپ چۇشىمەن .
مۇشۇنداق پاراڭلار بىلەن ھەممەيلەن ئالدى بىلەن چىگىرا باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى ئۆزىنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا كەسكىن كۆرسىتىشكە تىرشىدىغان خەن يولداشنىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدۇق .
بىزنى كۆرۇپ چىرايىغا تىخىمۇ كەسكىن تۇس بەرگەن خەن باشلىق ، بىر ئىككىمىزنى شىركەتتىن چىقىرىپ بىرىدىغان تونۇشتۇرۇشقا يەنە بىر ئىشخانىلارغا قول قويدۇرۇشقا بۇيرىۋىتىپ، چىگىرادا يول يۇرۇش خىتىنى يىزىشقا تۇتۇش قىلدى . ئادەتتە بۇ خەن باشلىق بىزگە ھوقوقىنى بەك ئىشلىتىۋالىدۇ، نىرى تۇر بىررى كەل ، پاراڭلاشما، تىلىفۇننى سىرىتقا چىقىپ سۆزلەش دىگەندەك دىگەندەك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەچ يول خىتى يىزىشقا ئامىراق .
يولخىتى يازغىچە بىز ساياھەتچىلەرنىڭ تىزىملىگنى تاموژنا خادىملىرىغا بىر نۇسقا، چىگىرا قاتناش تەكشۇرۇش پونكىتىغا بىر نۇسقا بىرىش ئۇچۇن ھەر قايسى ئىشخانىلارغا يۇگۇردۇق .شۇڭغىچە ھەممە ماشىنىلار تاموژنىنىڭ ئارقا ھۆيلىسىغا يىغىلىپ بولۇپتۇ .
بۇگۇن تاھىر ۋاقچە يولغا چىققانمۇ، ھەممەمىز باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدا توۋەن ئاۋازدا پاراڭلىشىپ تۇرساق، ئۇ نىخاۋ نىخاۋ دەپلا كىرىپ كەلدى، سومكىسىدىن خەن ساياھەتچىلەر ئىلىشقا ئامىراق قەشقەرنىڭ خاتىرەسى بوپ قالسۇن دەپ سىتىۋالىدىغان ئانار ئۇرىقى مارجاندىن ئىككىنى چىقىرىپ ، باشلىققا كۆرسەتتى، باشلىق ماۋۇ يىڭى بازاردىكى ئەڭ ياخشىسىكەن كۆرۇپ بىقىڭ دەپ تۇتقۇزۇپ قويدى . مارجانغا خۇددى ئىھتىياجى يوقتەكلا قاراپ قويغان باشلىق دەرھال شىركەتتىن قىلىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى قايتا كۆرۇپ ئىككى پارچە خەتنى ئايرىپ ؛
- ماۋۇ كىمنىڭ ئەمدى - دەپ سورىدى كەسكىنلىك بىلەن .
ھەممىمىز گۇررىدە كىلىپ قارىساق تۇداجىم بىلەن مىنىككى ئىكەن  .
- نەرى خاتا بولۇپ قاپتۇ باشلىق - دەپ تەڭلا سورىدۇق .
- ئۆزەڭ تاپ ،داۋاملىق چىقىدىغان تۇرۇپ مۇشۇنداق كەم يىزىپ ئىلىپ چىقامسىلەر ؟ خەن باشلىقنىڭ چىرايى شۇ پىتى، يول خەت يىزىۋاتىدۇ .
- تاھىرجوووون ، ئوغاۋالا  ىەن باشلىق ئىناۋىتىڭلىنى قىلىمەن دەپ بىزنى ساقلىتىدىغان بولدىدە ئەمدى، قاراڭلا نىرى خاتا كىتىپتۇ .قەغەزنى قولۇمغا ئالدىم .
ئۇ ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى قىسسىپ قويۇپ يول خىتنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
ئەمىلىيەتتە تاموژنىدىن چىگىرا تىشىغا بارغىچە خىلى ئۇزۇن يول بار بولۇپ ، ھەممە ساياھەت ماشىنىلىرىنى بىر كارۋان قىلىپ يولغا سالىدۇ، كارىۋاننىڭ بىشى بىلەن ئاخىرى، مۇشۇ باشلىقنىڭ يولخىتىنى بۇرۇن ياكى ئارقىدا بىرىشىگە ئاساسەن تۇزىلىدۇ، دىمەك تاھىرجاننىڭ ماشىنىسى ئەڭ ئالدىدا ، بىزنىڭ ئەڭ ئارقىغا تىزىلدى دىگەن گەپ . شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەنگە يولخىتى بىرىپ بولغاندىن كىيىن ، باشلىقتىن تەلىم ئالغىلى قىشىغا باردىم .
- باشلىق  تونۇشتۇرۇش خىتىنىڭ كەم يىرىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ؟
-سىللەرگە نەچچە قىتىم دىدىم، يىتەكچىنىڭ ئىسمىنىڭ قىشىغا شىنپىنجىنىڭ نۇمىرىنى يىزىڭلاردەپ، قارا سىللەرنىڭكىدە بارمىكەن ؟ دىدى تەئەددى بىلەن .
ئۇ ھەققىقەتەن نازۇك بىر مەسلىنى بايقاپ چىقىپتۇ دىدىم ئىچىمدە، دىمىسىمۇ ئون يىلدىن بۇيان كومپىيۇتىردىكى نۇسقىسىنى نۇسقىلاپلا ئىلىپ چىقىدىغان شىركەتنىڭ تونۇشتۇرۇش خىتىدىكى سەۋەنلىك بۇ قىتىم تىپىلىپتۇ، مەن قايىل بولدۇم ، بۇ تەخرسىز مەسلىنى شىركەتكە دەرھال دوكىلات قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن باشلىق بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىشىمىز توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ كاڭ قوساقلىق بىلەن يول خىتىنى يىزىپ بەردى مانا ئەمدى مامۇتكام بىلەن كارۋاننىڭ ئەڭ ئارقىسى بولدۇق . چىگىرا ئىغىزىغا قاراپ كارۋان يول ئالدى .
داۋامى بار . . . . . . .












muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 12:32:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 12:35  

ئەمىلىيەتتە  بەزى ۋاقىتلاردا ماشىنىنىڭ ئالدى كەينى بولۇپ چىقىشى ئۆمەكنى كۇتۇش جەريانىدا خىلى موھىم  ئىشنىڭ بىرسى . قىرغىزىستاندىن  بۇ ياققا ئۆتىدىغان ساياھەت ئاپتۇموبىللىرى ئالدى سائەت 11لەردە ،ئارقى چۇشتىن كىيىن سائەت 2 لەردە چىگىرا ئىغىزىغا يىتىپ كىلىدۇ، بىز تەرەپتىن كۇتىۋىلىشقا چىققان،  ئەڭ تىز يىتىپ كەلگەن ماشىنىلار بولسا 11 يىرملەردە يىتىپ بارىدۇ، شۇڭا بەزى ساياھەت گورپىسى بىزنى ساقلايدۇ، يەنە بەزى ساياھەت گورپىسىنى بىز ساقلايمىز . ئەگەر مەن ئالماقچى بولغان ئىتالىيەلىكلەر بالدۇر كىلىپ ساقلاپ تۇرغاندا، مامۇت كام بىلەن ئىككىمىز ئەڭ كەينىدە چىقساق، باشتىكى تەسىرىمىز ياخشى بولماي كىيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا ئۇلار زىيادە ئىھتىياتچان بولۇپ قالىدۇ .
ماشىنا تاموژنىدىن ئۆتۇپ چىگىرا رايۇنىدىكى توپا ، تويۇن، بايقۇرۇت قاتارلىق يىزىلاردىن ئىككى تەكشۇرۇش پونكىتىدىن ئۆتۇپ چىگىرا ئىغىزىغا كەلگەن ۋاقىتتا ئالدىدا يىتىپ كەلگەن ماشىنىلار تىزىلىپ بوپتۇ، سائەتمۇ ئون ئىككىدىن ئىشىپ بوپتۇ، يەنە تىخى كىچىك ماشىنىدىن بىرسى مېھمىنىنى ئىلىپ چۇشۇپ كەتتى .
قارىسام بىر گورۇپ مىھمانلار قىرغىسىستان تەرەپتە تۇرىدۇ، دەرھال ئالدىغا چاپتىم ، بۇلار يۇسۇپجاننىڭ ھىلىقى 17 كىشىلىك گىرمانىيەلىك ئۆمەك ئىكەن .كۆڭلۇم ئارامىغا چۇشتى، چاچلىرى ئاقارغان قامەتلىك، ساپلا پىنسىيەگە چىقىپ بىكار ۋاقىتلاردا ساياھەت قىلىپ كۆنۇپ قالغان بۇ گىرمانىيەلىكلەر، ئىنتايىن مۇلايىملىق بىلەن ئەسكەرلەرگە پاسپورتلىرىنى كۆرسىتىپ، بىر بىرلەپ ئۆتۇۋاتاتتى . قىرغىسىستان تەرەپتىن يەنە بىر كىچىك ماشىنا كەلدى، ماشىنىدىن بىر يىتەكچى چۇشۇپ توت ئىسپانىيەلىك دەپ توۋلاپ قويدى .
- مىنىڭ . دەپ تىزىملىكنى پۇلاڭلاتتى ھىلقى يىڭى يىتەكچى ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا چۇشۇپ كەتتى .
- سەن ئىسپانىيەلىكمۇ ؟
- ياق مەن دىگەن يىتەكچى  . دىدى ھىلىقى توۋلىغىنى .
مەن بۇ يىتەكچىنى پات پات چىگىردا ئۇچىرىتاتتىم، ئۇ يا قىرغىزلارغا يا روسلارغا ئوخشىمايتى ، بەلكىم چەتئەل ساياھەت شىركىتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق خادىمى بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم . قىرغىزىستان تەرەپتىن بىر بولسا قىرغىز بىر بولسا روس شوپۇرلار ۋە يىتەكچىلەر كىلەتتى .
- سەن نەلىك ؟ دەپ سورىدى ھىلىقى يىڭى يىتەكچىمۇ ئۇنىڭدىن ،قۇلىغۇمنى دىڭرەك تۇتتۇم .
- كۇبالىق . دىدى توۋلىغىنى .
ئەسلى مۇنداقكەندە، سابىق سۆۋىت ئىتىپاقى ۋاختىدا كۇبا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاندىن كىيىن ، كۇبالىقلارمۇ دائىم كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدىكەندە، بۇ يىتەكچىنىڭ مىھمانلار بىلەن خوشلىشىشى بىر خىل غەرىپچە ئىدى. بەزىدە قۇچاقلىشىپ بەزىدە سۆيۇشۇپ دىگەندەك خوشلىشاتتى . شۇنداق قىلىپ توت ئىسپانىيەلىكنى ئىلىپ يىڭى يىتەكچىمۇ چۇشۇپ كەتتى، مىنىڭ مېھمانلىرىم تىخىغىچە كەلمەيۋاتاتتى .
ئاپلا يەنە بىر نەرسە ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن ، بۇ يىل يىڭى يول پۇتكەن،  يىڭى يول ئۇستۇن ئاتۇش يىزىسىدىن ئوتمىگەندىن كىين چۇشلۇك تامىغىمىزنى ئويدىن ئىلىپ چىقاتتۇق ، ئەتىگەن ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن . مامۇتجان ئاكام بولسا ئاپتۇزدا ئولتۇرۇپ قولىدا بىر بوتۇلكا مىنىرال سۇ بىر نىمىلەرنى يەۋاتاتتى، مەن يىتەكچى بالىلار تەرپكە باردىم ، ئۇلار يەنە شۇ پاراڭ :
- بۇگۇن يىتەكچىلەرنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلدىمۇ نىمە ؟
- ھەئە مىھمانلار كۆپكەن  .
-زادى مۇشۇ جۇمە كۇنىدە كۆپ كىرىدۇ بۇلار .
- قايسىڭلار تاماق ئىلىۋالغان - دەپ سورىدۇم ئۇلاردىن .
- مەندە ئانام سىلىپ بەرگەن پىچىنە بار دىدى مىرسالىجان،
تەڭ يەيمىز دەپ پىچىنەنى ماڭا ۋە باشقا بالىلارغا ئۇزاتتى .مەن چوڭىراق بىر پىچىنەنى ئىلىپ مىنىرال سۇ بىلەنلا يەۋەتتىم .ماشىنىلار ئارقى ئارقىدىن چۇشۇپ كىتىپ ئەڭ ئارقىدا مىرسالىجان بىلەن بىلەن ئىككىمىز قاپتۇق .بىرگە ئون بەش مىنۇت قالغاندا بىر ئاق ئىۋىكو كىلىپ توختاپ بىر قىرغىز يىتەكچى ئايال چۇشۇپ « ئىتالىيانو » دەپ بىزگە قاراپ تولىدى .
- eleven  ؟ ( ئون بىر ئادەممۇ ؟ ) قايتۇرۇپ سورىدۇم .
- yes . دىدىدە بىرىپ مېھمانلارغا بىرنىمە دەپ چەتتە تۇرغان يەنە بىر روس شوپۇرنىڭ قىشىغا بىرىپ غۇدىراشقا باشلىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئۆمەك بۇ قىرغىز ئايالنى جىلى قىلىپ قويغاندەك تۇراتتى، ئىش باركەندە، دەرھال مامۇتجان ئاكامغا شەرەت قىلدىم ، مامۇتجان ئاكام ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ يىقىنراق ئىلىپ كەلدى .
مېھمانلار ماشىنىدىن يۇك تاققالىرىنى چۇشۇرۇپ بولغىچە ، قىرغىزىستاننىڭ يىتەكچى ئايال ئۇلارنىڭ چۇشلۇك تامىقىنى ماڭا ئىلىپ كەلدى .ئادەتتە كۆپۇنچىسى قىرغىزىستاندا چۇشلۇك تامىغىنى يەپ كىلەتتى، ھىچ بولمىسا تەييار تاماق تەييارلاپ چىگىردا يەپ بولۇپ ئۆتەتتى، تاماقنى ماڭا بەرگىنىگە قارىغاندا، يىتەكچىنىڭ ئۇلاردىن ئىتتىكرەك قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقىنى ئىنىق، تاماقنى قولىدىن ئىلىپ ماشىنىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ چىگىردىن ئۆتۇشكە يارىدەملەشتىم  .   
داۋامى بار . . .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:35:37

بۇ تېمىمۇ قىزىيدىغاندەك تۇردۇ،ئورۇن ئىپ قوياي

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:39:45

ساپلا بىزنىڭ تەرەپلەنىڭ پارىڭى بولاۋاتىدىغۇ.......داۋامىنى ساقلايمە

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 20:17:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 20:19  

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 12:32 static/image/common/back.gif
ئەمىلىيەتتە  بەزى ۋاقىتلاردا ماشىنىنىڭ ئالدى كەينى بو ...

بىزنىڭ تاھىرجان بۇرادەركەندە، تېماڭلار ئۈزۈلمىسۇن ئاداش .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:35:31

چىگىرا ئىغىزىدىكى ئەسكەرلەر شۇنچىلىك ئەستايىدىل شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ، پاسپورت بىلەن تىزىمىلىك لاتىنچە يىزىلىدۇ، پىنيىنچە ئۇگەنگەن بۇ ئەسكەرلەر قىينالغان ھەرىپلىرىنى ماڭا ئوقۇتۇپ يۇرۇپ، ئىنچىكە ئىشلىگەن بۇ خىزمەت جەريانىدا ئۇچەيلەننىڭ پاسپورتىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ ، ئاللا كارامەت، ئەسكەرلەر شۇزامان جىددىلىشىپ دەرھال مىنى سوتلاشقا چۇشتى .
- ماۋۇ ئىككىەيلەننىڭ ئىسمى تىزىملىكتىن چىقمىدى، ماۋۇ بىرسىنىڭ پاسپورت نۇمىرى خاتا ، بۇ قانداق تىزىملىك ؟ سورىدى پوستا تۇرىدىغان ئەسكەر .
- ئاۋۇ ئۇچ پاسپورتنى يىتەكچىگە بەر، يىتەكچى پاسپورتىنى ئۇلارغا بەرمەي تۇر .-بۇيرۇق چۇشۇردى  كەينىدە كۇزۇتۇپ تۇرغان پاكار سىمىز ئادەمنى دوغىلاق دەيمىزغۇ، دوغىلاق، ئەسكەر باشلىقى بولىشى مومكىن.
مەن شۇ بانادا پاسپورتنى سىلىشتۇرسام راسىتلا شۇنداق، بۇ تىزىملىك بىجىڭدىكى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدىن كەلمىگەن ، ئىشخانىدا كىم باكار بولسا، پاسپورتنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن كۆپەيتىمە نۇسقىسىدىن چىگىراچى ئەسكەرلەرگە قولايلىق بولىشى ئۇچۇن تۇزىۋالىدىغان تىزىملىك ئىدى، شۇنداقتىمۇ، قايتا قايتا سىلىشتۇرۇپ تۇزەپ ئىلىپ چىقاتتۇق، ئەمما بۇ قىتىم راسىتلا بىر پاسپورت نۇمىرى  خاتا بولۇپ قاپتۇ، يەنە تىزىملىكتىكى ئىككەيلەننىڭ ئىسمى ۋە پاسپورت نۇمىرى قولۇمدىكى بۇ ئىككى پاسپورتتىكى ئىسىم ۋە نۇمىر پەقەتلا ئوخشىماۋاتىدۇ ، بۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتتىن ھىچكىم قىچىپ قۇتىلالمايدۇ دە . ئەڭ ياخشىسى جىم تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى كۇتۇپ تۇردۇم .
- يىتەكچى ، سەن ئۇلاردىن بۇ ئىككى ئادەم نىمە ئادەم دەپ سورا . دىدى دوغىلاق باشلىق بۇيرۇق چۇشۇرۇپ، ئەلۋەتتە بىجاندىل ئىجىرا قىلىمەندە، ئەمما ئۇ دوغىلاق باشلىق كۆزئەينىكىنى ئىلىۋىتىپ پاسپورتقا ئىنچىكىلەپ قارىغان ۋاقىتتا، ئاھ خۇدا بۇ باشلىققا نىمانداق كىچىك كۆز ئاتا قىلغانسەن  دەپ قالدىم  .
- دوناتۇ ئەپەندىم قايسىڭلار ؟ سورىدۇم مېمانلاردىن.
ئاق چاچلىق ئورۇق ئەمما جانلىق بىر قىرىنى كۆرسەتتى ، ئەمما بۇ جانلىق قىرى پەقەت ئىنگىلىزچە بىلمەيدىكەن . ئاڭغىچە ئىگىز، ئاق چاچ،  كىيىنىشى ئەركىن، ھازىرلا ئېتىزلىقتىن قايىتقان دىھخاندەك ساياھەت ئايىغى كىيىۋالغان ساياھەتچى، نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۇرۇشتۇرۇپ قىشىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئىنگىلىزچىسى ياخشى ئىكەن .ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۇشەندۇرسەم . ئۇ دەرھال بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك بولۇپ ؛
- ھە ئەسلى مەرىس ئەر ئايال ئىككەيلەن قىرغىزىستاندىن قايتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستاندىن دوناتۇ ئەپەندىم بىلەن كورادۇ ئەپەندىم ئىككەيلەن قىتىلغان ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ پاسپورتىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى كىيىنرەك ئەۋەتىپ بەرگەن  . دەپ چۇشەندۇردى ئىگىز ئاق چاچ .
- ئەمما نىمە بولدى ، ھەممىمىزنىڭ قولىدا پاسپورتىمىز بارغۇ، مانا ۋىزىغىمۇ قاراپ بىقىڭلار .دەپ ۋىزا بار بەتنى ئۆرىدى .
مەن بۇ گەپنى باشلىققا تەرجىمە قىلدىم  .
- ماۋۇ ئىككىسىغۇ ئالمىشىپ كەپتۇ ، ئەمما ماۋۇ پاسپورتنىڭ نۇمىرى نىمىشقا خاتا . دەپ تىزىملىكنى كۆرسەتتى دوغىلاق باشلىق . بۇ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا ، تىزىملىكتىكى پاسپورت نۇمىرىنىڭ بىزنىڭ شىركەتنىڭ خاتا يىزىپ قويغانلىقىنى ئىيتتىم . بۇ ۋاقىتتا ئەزەلدىن باشلىقسىز ئۆز ئالدىغا گەپ قىلالمايدىغان پوستتكى ئەسكەرلەر باشلىقىدىن يول يورۇق سوراشنى راۋا كۆردى بولغاي .بىزنى توختاپ تۇرۇڭلار دەپ ، باشلىقىغا تىلىفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى . تىلىفۇن ئالغان باشلىقنىڭمۇ باشلىقى بولسا كىرەك، تىلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كىيىنمۇ ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرىدى . مەنمۇ بۇ ئىشتىن شىركەتنى خەۋەرلەندۇرۇپ قويمىسام بولمايتى،  شىركەتكە تىلىفۇن ئالدىم  .  شىركەتنىڭمۇ بۇ گورۇپتىكى ئىككەيلەننىڭ قىرغىزىستاندا ئالمىشىپ ، باشقا ئىككەيلەننىڭ پاسپورتىنىڭ كۆپەتىمە نۇسقىسىنى  ئەۋەتكەنلىگىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئىيتىپ ، ئالماشقان ئىككەيلەننىڭ ئىسمى ۋە پاسپورت نۇمىرىنى ماڭا ئۇچۇر قىلىپ بىرىدىغان بولدى . مەن دەرھال بۇ ئەھۋالنى باشلىققا چۇشەندۇردۇم . ئاڭغىچە چوڭ باشلىقتىن تىلىفۇن كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر، شىڭ شىڭ دەپ تىلىفۇننى قويىۋىتىپ ، ھوقوقىنى ماڭا ئىشلەتتى .
ئەمسە شۇ ئۇچۇر كەلگەننىڭزى ماڭىسەن، ئادەملىرىڭ مىدىرلىماي تۇرۇپ تۇرسۇن  . دىدى .مەن شۇ بويىچە تەرجىمە قىلاي دەپ تۇرسام دوغىلاق باشلىق بۇيرۇقنى سەل ئىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىمۇ ؛
- ماشىنىغا چىققاچ تۇرسۇن. دەپ قىتىپ قويدى .
مېھمانلاربىزنىڭ تىلىفۇندا سۆزلىشىپ كەتكەنلىگىمىزنى بىرەر پىشىكەللىك دەپ ئويلىدى بولغاي ھىلىقى ئىنگىلىزچىسى ياخشى ئىگىز ئاق چاچ ؛
- بىز نىمىشقا بۇيەردە تۇرىمىز  . دەپ سوراپ كەلدى .
ھىچ ئىش يوق ، ئىككەيلەننىڭ ئالماشقانلىغىنى ئەسكەرلەر جەزىملەشتۇرمەكچىكەن ، سىللەر ھازىر ماشىنىغا چىققىچە جەزىملىشىپ بولىدۇ .دەپ ئۇلارغا ماشىنىنڭ ئىشىگىنى كۆرسەتتىم . ئۇلار ماشىنىغا چىقىشقا باشلىدى .
دوغىلاق باشلىقمۇ جىددىلىشىپ مىنىڭ كۆزۇمگە كىرىۋالغىلى تۇردى .
- قىنى ئۇچۇر كەلمەيدىغۇ ؟
ئامال يوق يەنە شىركەتكە تىلىفۇن قىلىپ سۇيلىدىم، ئۇلارمۇ جىددىلىشىپ كۆمپىيۇتىردىكى ھۆججەتنىڭ ئىچىلمايۋاتقانلىغىنى ، باشلىقنىڭ بىردەم ساقلاپ تۇرىشىنى تاپىلىدى . مېھمانلار ئاپتۇزغا چىقىپ بولغان ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى قىزغىزىستانلىق ئايال يىتەكچىنىڭ ماڭا بەرگەن چۇشلۇك تامىقى ئىسىمگە كەلدىدە ، ئۇلارنىڭ چۇشلۇك تامىقىنى تارقاتقاچ بىردەم ۋاقىتنى كەينىگە سۇردۇم .ئاخىرى ئۇچۇرمۇ كەلدى . يۇگۇرگەن پىتى دوغىلاق باشلىققا ئاپىرىپ كۆرسەتتىم . دوغىلاق باشلىق كىچىك كۆزىگە تاقىۋالغان رەڭلىك ئەينەكنى ئىلىۋىتىپ پاسپورت بىلەن ئۇچۇرنى سىلىشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مىڭىشىمىزغا ئىجازەت بەردى .
- ئەمدى ماڭدۇق . دىدىم مەن ئاپتۇزغا چىقىپ مېھمانلارغا ۋە مامۇتجان ئاكامغا .
- بىز چىگىرىدى ئۆتۇپ بولدۇقما ؟ دەپ سورىدى ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۋالغان گىروي ياشانغان بىر ئىتالىيلىك .
- ياق تىخى، ئەمدى بىرىنچى پوستىتىن ئۆتتۇق دىدىم مەن مېھمانلارغا .

-  

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 17:34:44

قىزىق چىقىۋاتىدۇ. داۋامىنى تىزراق يوللارسىز.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:36:20

ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدە تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ بىرى ياپۇنلۇقلار بىلەن گىرمانلارمىكى دەپ ئويلايمەن.ئۇلار ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئارقىدىن چۈشۈپ قالماي ماڭىدۇ ۋە يېتەكچىنىڭ گەپلىرىنى تەپسىلى ئاڭلاپ ئىش كۆرىدۇ.
بوينى يوق چۆجىدەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان قىززىقچىلىققا ئامىراق ،يىتەكچىدىن سورماستىنلار رەتتىن چۈشۈپ قېلىپ ئالدىغا كەلگەن تەرەپكە كېتىۋىرىدىغان چەتئەللىكلەردىن فىرانسوزلارمىكى دەپ ئويلايمەن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:43:04

قئرىغئندئ سىزنىڭمۇۇ تەجىربىڭىز مول ئىكەن ، ھ پاراڭ قىلغاچ تۇرۇڭ  

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:51:43

تىلىاۇندا نىمانداق تەس ، قايتىپ كۆمپىييۇرىردا يازاي ...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:20:56

داۋامىنى تىزراق يوللىسىلا.   
  ئەركەشتامغا قارىغاندا تورغاتتىن جىقراق كىرەمدۇ نىمە ساياھەتچىلەر؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 15:03:57

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 20:43 static/image/common/back.gif
قئرىغئندئ سىزنىڭمۇۇ تەجىربىڭىز مول ئىكەن ، ھ پاراڭ قىل ...

كەسپىمىز ئوخشاش بولغان بىلەن مەن ئۇ يەرلەرگە چىقىشتىن ئاساسەن ۋاز كېچىمەن ،چۈنكى يۇقارقى باشلىقلارنىڭ چوڭىدىن تارتىپ كىچىكىگىچە ئاساسەن كۆرگەنمەن ،ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەت بېجىرىش ئۇسۇلى ئەركەشتامدىكىلەرنىڭكىگە قارغاندا تىز بىراق مۇئامىلىسى سەل قاتتىقراق.
رەسمىيەتلەر تولۇق بولسا ئوشۇق گېپىمۇ يوق ،بەزىدە ئىچى پۇشقانلىرى ئۇنى بۇنى سوراپ مۇڭدىشىپمۇ قويشىدۇ ، مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇلاردىن ئامال بار سورغان سۇئالىغا قىسقا قىلىپ جاۋاپ بېرىمەن.
بەزەنلىرى مەن بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىش مەخسىتىدە قىلغان پاراڭلىرىغا سوغۇققىنە قىسقا جاۋاپ بەرسەم ،دەيدىغان گەپنى ئۈزۈپلا كۈنلىك تاپاۋىتىم ھەققىدە سورايدۇ.ئۇنىڭغىمۇ قىسقىلا جاۋاپ بېرىمەن ،شۇنداق قىلىپ پەقەت ئامال قىلالمىسا چەتئەللىكلەر بىلەن «سۈرەتكە چۈشىۋالساق» دەپ سۈرەت ئاپىراتىنى ئېلىپ چىقىپ رەسىمگە چۈشۈپ بولۇپ خوشلىشىدۇ.
سىلەرنىڭ يازماڭلار يامان ئەمەس كېتىۋاتىدۇ،شۇڭا سىلەرنىڭ يازماڭلارنىڭ داۋامىنى يېزىشىڭلارغا قاراپ قالدۇق.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 16:39:15

ھەممە تېمىنىڭ بېشى بار،ئاخىرى يوق،شۇڭىمۇ 10يىلدىن بىرى ئاخىرى يوق تېمىلارنى مارىلاپلا ئىزدىنىشتا قېرىپ كەتتىم دېسە،:(:(:(:(:(

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:35:17

ۋاي قېنى ئاخىرى:@:@

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 00:05:14

مانىڭ ئاخىرىنى بايرامدىن كېيىن كۆرەمدۇق تەقسىر؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 00:47:55

ھېلى بىكا  مەنمۇ سۆزلەپ چۈشىمەن مانىڭ ئاخىرى چىقمىغىلى تۇرسا {:92:}
  

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 00:02:08

بۈگۈن مەنمۇ ئەركەشتامدىن 28 كىشلىك ساياھەت ئۆمىكىنى ئەكىلىش ئۈچۈن ئاتلاندىم بىراق بېجىرىدىغان رەسمىيەتلەر ئەركەشتام چېگىرسىنىڭ ئۆزىدىلا بېجىرلەتتى ،قاچانلاردىن رەسمىيەت بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلۇغچاتقا يۆتكىلىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا شوپۇر(خەنزۇ) ،مەن ۋە ئېچكىردىن كەلگەن ساياھەت يېتەكچىسى (خەنزۇ) بىلەن قەشقەردىن ئۇدۇللا ئەركەشتام چېگىرسىغا چىقىپتۇق.
چېگىرادىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا رەسمىيەتلەرنى كۆرسەتسەم بىرھازا ماڭا قارۋەتكەندىن كېيىن :
چېگىرا باشلىغى : سەن بۇ يەرگە تۇنجى كېلىشىڭمۇ ؟
مەن : ياق ،بۇرۇن نەچچە قېتىم كەلگەن.
چېگىرا باشلىغى : ھەممە ئادەم رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇلۇغچاتقا بېرىپ ئاندىن بۇ يەرگە كېلىدىغان تۇرسا،مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
مەن : مەن بۇ يەرگە ئون يىل ئېلگىرى كەلگەندە رەسمىيەتلەرنى مۇشۇ يەردىلا بېجىرىپ ئاندىن مېھمانلارنى ئېلىپ قايتاتتۇق.
چېگىرا باشلىغى : سىلەر ھازىر ئۇلۇغچاتقا قايتىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپ كېلىڭلار.
مەن : ئۇلۇغچات بۇ يەردىن يەنە قانچە كېلومېتىر كېلىدۇ؟
چېگىرا باشلىغى : 150 كېلومېتىر كېلىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كاللامدىن تۈتۈن چىكەتتى ،مەن بىلەن كەلگەن يولداش ئاچچىغىدا يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى دە ئامال يوق يەنە ماشىنىغا چىقىپ قايتىپ بېرىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە يۈرۈپ كەتتۇق.
يول يۈرۈپ 40 كېلومېتىر يولنى بېسىپ بولغاندا شىركەتكە قايتا قايتا تېلېفون قىلساق شىركەتتىن "بولدى ئارقاڭلارغا يېنىپ چېگىرغا بېرىڭلار ،چېگىرا باشلىقىغا بىز تېلېفون قىلىپ قويدۇق ،مېھمانلارنى ئېلىپ قايتاشىڭلاردا ئۇلۇغچاتقا بېرىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىڭلار " دىمەسمۇ ،"ھەنىم بولسا يولىمىز قىسقاردى" دەپ خۇشلىغىمىزدا ماشىنىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ھەيدەپ بىردەمدە يەنە ئەركەشتام چېگىرىسىغا يېتىپ كەلدۇق .
كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى قېرىلار بولۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت ماشىنىسى بىلەن گىرمانىيە،شېۋىتسارىيە،فىرانسىيە،ئىتالىيەلەردىن كەلگەنلەركەن.
ئۇلارنىڭ ماشىنىلىق ساياھېتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بېرلىن ،ئاخىرقى نوقتا بېيجىڭ ئېكەن،ئاساسەن يېپەك يولى ساياھېتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
بۈگۈن بىز يولدا كەلگىچە ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس بىراق بۇ چېگىرا ئەتىراپى قىرغىزىستاننىڭ ھاۋا رايى بىلەن ئوخشاشمۇ قانداق ،ھاۋا بۆلەكچە ئوچۇق ، ساياھەتچىلەرنىڭ ماشىنىلىرى ۋە سومكىلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكىچە خېلى ۋاقىت كەتتى ،قورساقمۇ ئېچىپ يېنىشىپ كەتتى.
شۇ ئارلىقتا تازا جىددىيلىشىپ تۇرسام ،ئۈرۈمچىدىن مەلۇم بىر شىركەت خادىمى تېلېفون قىپتۇ،تېلېفوننى ئالسام بىر ئايال (خەنزۇ) : ياخشىمۇ سىز ؟ مەن مەلۇم ساياھەت شىركىتىدىن دېرىكتۇر پالانچى بولىمەن.
مەن: ھە ،ياخشىمۇ سىز ؟ نىمە گەپ بولسا ئۇدۇللا دەڭ ھازىر مەن بەك ئالدىراش .
ئۇ ئايال : مۇنداق ئىشتى ،سىلەرنى چېگىرغا ئېلىپ چىققان سوپۇر يولداش قايتىپ كېتىۋەرسۇن ،شىركىتىڭلارغا مەن تېلېفون قىلىپ قويمەن ،سىز ئۇ شوپۇرنى يولغا سېلىۋىتىپ ھېلىقى ئېچكىردىن كەلگەن ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قايتىڭلار.
مەن: ھە ماقۇل ،بولىدۇ . خوش دەپلا تېلېفوننى قويدۇم دە شوپۇرنى مەن ياللىمىغاندىكىن شىركەتتىن ئۆزى ئۇقتۇردۇ دەپ كارىم بولمىدى.
بىر ھازادىن كېيىن ماڭساڭلار بولىدۇ دەپ ئىشەنچ قەغىزى بەردى بىز ئۇ ئىشەنچ قەغىزىنى ئۇلۇغچات چېگىردىن كىرىپ چىقىش پونكىتىغا بېرىپ تاپشۇرۇپ بەرسەك بولىدىكەن.
ئۇلۇغچاتقا يەنە 150 كېلومېتىر بار يولدا كۆرگەنلىرىمنى يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق شۇڭا قىسقارتىپلا ،ئاشۇ تەكشۈرۈش پونكىتىنىلا سۆزلەي.
ئۇلۇغچات تەكشۈرۈش پونكىتىغمۇ كەلدۇق ،ھەممە رەسىمىيەتلەر نۇرمال ھەممە ئىش نۇرمال كېتىۋاتقان ئېدى توساتتىن بىر ھۆججەتنىڭ ئەسلىسى يوقكەن دەپ تۇرۋالماسما ،ئاللا نىمە ئىش بۇ ئەمدى دەپ تۇرسام .
ئېچكىردىن كەلگەن ساياھەت يېتەكچى يولداشتا باركەن ،ئۇنىڭلىق بىلەن يەنە بولدى قىلمىدى، ھە دەپ مەندىنلا سۇئال سورايدا، سا دەپلا تۇردۇم ،ئاخىرى مەندىن سورماي ھەر قانداق ئىش بولسا ئاشۇ يېتەكچى يولداشتىنلا سوراپ ،ئىشلارنى تىز تىز تۈگىتىپ بىزنى يولغا سالدى .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 14:58:39

ئەلانى باسمىساڭلار يازمايدۇ{:87:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:19:36

-ھە يەنە قانچە پوست بار ؟ سورىدى گىروي ئاق چاچ قىرى .
- ئالدىمىزدا بىر تەكشۇرۇش پونكىتى بار، ئۇ يەردە يۇك تاقىلارنى بىر بىرلەپ تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزىدۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۇپ 120 كىلومىتر ماڭساق ئاندىن تاموژنىغا يىتىپ بارىمىز.
- ئۇنداقتا بىز ھازىر جۇڭگودىمۇ قىرغىزىستاندىمۇ ؟ سورىدى يەنە بىر ئالدىدا ئولتۇرۋالغان ئىگىز قارىۋاي ئىتالىيەلىك .
- بىز ھازىر جۇڭگودا ئەمما نەزىريە جەھەتتە سىللەر تىخى جۇڭگوغا كەلگەن ھىساپلانمايسىللەر  . . . . گىپىمنىڭ ئاخىرىنى قىلغىچە ئۇلار سوئال سورايتى .
- ئۇنداقتا بۇ يەر جۇڭگوغا تەۋە يەر ئەمەسكەندە ؟
- ياق جوڭگونىڭ زىمىنى .دىسەم
-oh neutral territory . (ھە ھەر ئىككى تەرەپكە تەۋە بولمىغان ئوتتۇرا رايۇن) دىگەن مەنىدە .
- ياق ،دىدىم ، بىز ھازىر جۇڭگودا بۇ يەر قىرغىزىستانغا تەۋە ئەمەس، دىمەكچى بولغۇنۇم ، پاسپورتۇڭلارغا تىخى چىگىردىن كىردى دىگەن تامغا ئۇرۇلمىدى، تامغىنى تاموژنىدىن ئۇرىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتكەن ۋاختىڭلاردا ئاندىن شىشۇجى سىللەرنىڭ كىرگەنلىگىڭلاردىن خەۋەر تاپىدۇ . دىدىم چاقچاق قىلىپ .
- ئوۋ ،چوڭ دولەت دىگەن ئاجايىپ تە، يۇز كىلومىتىر ئارلىق تاشلاپ تاموژنا قۇرۋلغان گەپ، ياۋرۇپادا ئىككى دولەت ئارلىقىدا ھىچنىمە يوق، شۇ بىر ئىككى ساقچى پاسپورتىڭىزنى كۆرۇپلا يولغا سالىدۇ ھە . دىدى ساقال قويىۋالغان ئىتالىيەلىك .
شۇنغىچە بىز ماشىنىنى ھەيدەپ ئالدىنقى چىگىرا تەكشۇرۇش پونكىتىغا كەلدۇق، تەكشۇرۇش پونكىتىدا ئادەم يوق. دەرۋازا تاقاق، ئەمما كىچىك ئىشىگى ئوچۇق تۇراتتى . دىمەك ئۇلار چۇشلۇك دەم ئىلىۋاتاتتى .
- ھازىر چۇشلۇك دەم ئىلىش ۋاخىتى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىشقا چىقىشىنى ساقلايمىز .
- چۇشلۇك تاماق موھىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇلار ئۇخلامدۇ ؟ سورىدى قولىدا ھاسسا تۇتىۋالغان بىر ئىتالىيەلىك ئايال .
مەن بۇنى « يەنە قانچىلىك ۋاقىت ساقلايمىز » دەپ سورىغىنى دەپ چۇشەندىم ، ئەگەر مەن يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئىشقا چىقىدۇ دىسەم ، ئىنىقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىدىن چۇشۇپ ئەتىراپنى چىڭداپ يۇرەتتى، چىگىراچى ئەسكەرلەر بۇنداق بولىشىنى ياقتۇرمايتى .
- شۇنداق ، ئۇلار سائەت ئىككىدە ئىشقا چۇشىدۇ، بىزنىڭ يەنە بىرسائەت ۋاختىمىز بار، شۇڭا ئەگەر ھاجىتىڭلار قىستىغان بولسا ، ئاۋۇ كىچىك ئىشىكتىن كىرىپ ئارقىغا ئۆتسەڭلار ھاجەتخانا بار، شۇ يەرگە بارساڭلار بولىدۇ، ئەمما ماشىنىدىن چۇشۇپ قالايمىقان رەسىمگە تارتماڭلار، ھەم باشقا يەرلەرگە بىرىپ سىيىمەن دەپ يۇرمەڭلار، بۇ يەر قاتتىق باشقۇرلىدۇ .
- بولىدۇ  .دىدى ھەممەيلەن سىپايىلىك بىلەن .
- ئالنىقى قىتىم بىر گورۇپتىكى مىھمانلار قاتتىق قىستاپ كەتكەن چىغى بار، ماشىنىدىن چۇشۇپلا ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۇپتۇ، ئەسكەرلەر تۇتىۋىلىپ، ماشىنىنى ئىككى سائەت كىچىكتۇرىۋەتكەن ، قەشقەرگە بالدۇر يىتىپ بىرىش ئۇچۇن كۆپچىللىكنىڭ بويسۇنىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئۇلار بىردىن ئىكىدىن بولۇپ تەكشۇرۇش پونكىتىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىشتى، مەن چىگىراچى ئەسكەرلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا بىرىپ بىر قاراپ باقاي ،بەلكىم بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرسە بالدۇر ئىشقا چىقىپمۇ قالار دىگەن مەخسەتتە، باسام تۇرالغۇسىنىڭ دەرۋازىسى تاقاغلىق، دەرۋازىسىدا يوغان ئىككى ئىت ياتاتتى، ئاستا يىنىپ كىلىپ ماشىنىغا چىقتىم ، ئۇلار ھەممەيلەن ماشىنىدىن چۇشمەي ئولتۇراتتى، بۇنداق ئەدەپ بىلەن ئولتۇرغان ئىتالىيەلىكلەرگە ئەلۋەتتە ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بىرەي دەپ ئويلىدۇم .
-خانىملار ئەپەندىلەر مەن مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي . . . .
.....بىز ئىككىلىمىز ئۇيغۇر ، سىلەرگە قەشقەردە خىزمەتتە بولغانلىغىمىزدىن خۇرسەنمىز .
- سىزنى ئابدۇل دەپ چاقىرايلى، ئىسىمىزدە ئوڭاي قالىدىكەن .
- ياق كېرەم دەپ چاقىرىڭلار بۇمۇ ئىسىڭلاردا ئوڭاي قالىدۇ، يەنە سىللەر قەشقەرگە بارغان ۋاختىڭلاردا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىككى نوختىنى كۆرسىتەي . بىرىنچى : ۋاقىت ، قەشقەردە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر يەرلىك ۋاقىتنى قوللىنىدۇ، خەنزۇلار ۋە ھۆكىمەت بىجىڭ ۋاختىنى قوللىنىدۇ، بىجىڭ ۋاختى يەرلىك ۋاقىتتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى بولىدۇ، ئادەتتە مەن يەرلىك ۋاقىتنى قولىنىمەن .
- ئۇنداقتا ھازىر سائەت نەچچە بولدى ؟
-ھازىر سائەت 1:45 بولدى .
-ئۇنداقتا قىرغىزىستان ۋاختى بىلەن ئوخشايدىكەن ، مۇشۇ ۋاقىتنى ئىشلىتەيلى .
- ھوي تىلىفۇندا ھازىر سائەت 3:45 دەپ تۇرىدىغۇ ؟
- ھە ئاشۇ بىجىڭ ۋاختى، ئىككى سائەت ئىلگىرى .
- دىمەك سىز ھازىر كەلگۇسىدە دىگەن گەپ .
- قىززىق ئىكەن ،  خەنزۇلار بىجىڭ ۋاختىنى قوللىنامدۇ ؟
- ھەئە ، خەنزۇلاردىن ۋاقىت سورىساڭلار بىجىڭ ۋاختى بويىچە جاۋاپ بىرىدۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەردىن ۋاقىت سورىساڭلار يەرلىك ۋاقىت بويىچە جاۋاپ بىرىدۇ . ئەمدى ئىككىنچىسى : شىنجاڭ مەمىلىكىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار رايۇنى ، شۇنىڭ ئۇچۇن ئاشخانا تاماقخانىلاردا ، تاماكا چىكىشكە، پىۋا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ،  مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردا تاماق يىسەڭلار پىۋا ھاراق بىلەن تەمىلىيەلمەيمىز .
- بىلدۇق ، خەنزۇچە ئاشخانىلاردا ئىچىشكە بولامدۇ ؟
- بولىدۇ، ئۇ يەردە نىمە ئىچىۋالساڭلار بولىدۇ ، قەشقەر توغىرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي ، قەشقەر مەمىلىكىتىمىزنىڭ ئەڭ غەرىبىگە جايلاشقان بىر رايۇن، بىز«  قەشقەر » دەپ ئاتايمىز، مەنىسى قاشنىڭ قىرى ، يەنى ئىككى دەريا ئوتتۇرسى دىگەن مەنەدا، خەنزۇلار كاشىگائىر دەپ ئاتايدۇ ، بۇ ئىسىمنى ئۇزۇن كۆرگەچكە، كاشى دەپ قىسقارتىۋالغان، شۇڭا خەرىتىدىن kashgarدەپ تاپالمىساڭلار، kashiدەپ ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ .
مۇشۇنداق سۆزلەۋاتقاندا ، ئۇلار ئىشقا چىقتى، ئەسكەرلەر كىلىپ ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئورۇنلىرىغا كىلىشتى، مەن دەرھال سۆزۇمنى توختىتىپ باشلىقنى ئىزدەپ باردىم ، ئىگىز بىر ئەسكەر ئالدىمغا كەلدى، باشلىق مۇشۇ ئوخشايدۇ دىدىم ئىچىمدە :
-  بايام چىگىرىدىن دوكىلات قىلغان مىھمانلار مۇشۇ شۇمۇ ؟
- ھەئە ، ماۋۇ ئىككەيلەن كەلمەپتۇ ماۋۇ ئىككەيلەن  يىڭى قىتىلىپ كەپتۇ، ئاندىن ماۋۇ پاسپورتنىڭ نۇمىرى خاتا بولۇپ قاپتىكەن مانا قايتا توغۇرلاپ يىزىپ قويدۇم .دەپ تىزىملىكنى چۇشەندۇرۇشكە باشلىدىم .
- كەلمىگەن ئىككىسىنىڭ تىزىملىكتىكى ئىسمىنى ۋە پاسپورت نۇمىرىنى ئۆچۇرۋىتىپ ياكى جىجىۋىتىپ، ماۋۇ يىڭى قىتىلغان ئىككەيلەننىڭ ئۇچۇرىنى ئاستىغا يىزىپ قوي، بۇدا توغىرا يىزىپ ئىلىپ چىقىڭلار . دىدى ئىگىز باشلىق .
- ماقۇل ، .ئەمدى ئۇلار يۇك تاققىلىرىنى چۇشۇرۇپ تەكشۇرۇتسە بولامدۇ ؟
- ھەئە، ئۇلارغا دە تىز بولسۇن ، مىھمانلىرىڭغا دەپ باق ، ماۋۇ قىرغىزىستانلىق شوپۇرنى ماشىنىغا سىلىۋالسۇن . دىدى باشلىق .
بۇ قىتىم ئانچە ئاۋارە قىلمىغىنىدىن خوش بولدۇم، بۇ باشلىق خىلى غەرەز ئۇقىدىغاندەك قىلاتتى، مىھمانلارغا دەپ بۇ قىرغىزىستانلىق شوپۇرنى سىلىۋالىدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ يۇكتاقىلارنى ماشىنىدىن چۇشۇرۇپ ،تەكشۇرۇشدىن ئۆتكۇزۇپ بولۇپ يول خىتىنى ئىلىپ تاموزنىغا قاراپ يول ئالدۇق .
بەت: [1] 2
: ساياھەت قىلىش