Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 02:16:49

كامىروننىڭ شوتلاندىيە سايلىمى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇقى

http://v.youku.com/v_show/id_XNzg0MTcyMTUy.html



نۇتۇق تېكىستتى:

بىز دۇچ كەلگەن بۇ ھەپتە بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى بەلكىم مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دېمىسىمۇ، بىز بىلىدىغان بىرلەشمە پادىشاھلىق ئەمدى مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. مۇشۇ پەيشەنبە، شوتلاندىيەدە ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلىشى ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ كەلگۈسىمۇ مۇشۇ قىل ئۈستىدە قالىدۇ. جۈمە كۈنىگە كەلگەندە، كىشىلەر ئۆزلىرىنى باشقا بىر دۆلەتتە كۆرۈشى ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە كەلگۈسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ قارار بىزنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىمىزنى پارچىلاپ، شوتلاندىيەنى بىرىتانىيەدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىر نۇقتىنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى: بۇندا يېنىش يوق، قايتا كېلىش يوق، بۇ قېتىم ھەممە ئۈزۈلۈپ قارار چىقىرىلىدۇ. ئەگەردە شوتلاندىيە مۇستەقىللىقنى تاللىسا، بىرىتانىيە پارچىلىنىدۇ-دە، ئىككىلا دۆلەت ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭىمىز. پەيشەنبە كۈنى كىشىلەر ئۆزىلىرىگىلا بىلەت تاشلىماستىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ تاشلىغان بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرنى يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن.

مەن بىرىتانىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن ئازابلىنىدىغان، جۈمە ئەتىگەن ئويغانغىنىدا، بىز سۆيگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئويلىغىنىدا؛ ئېنگىلادلىقلار، ۋېلىسلىقلار، شىمالىي ئېرلاندىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەلىرىدە، دۆلەت بايرىمى ۋە خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا، ئولىمپىك دۆلەت كوماندىسىدا، بىرىتانىيە شىرى كوماندىسى(ئەنگىلىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى-ت) ئىچىدە قايتا شوتلاندىيەلىكلەرنى ئۇچرىتالماسلىقىنى ئويلىغىنىدا يۈرىكى ئېزىلىدىغان مىليونلىغان ئېنگىلاندلىقلار، ۋېلىسلىقلار، شىمالىي ئېرلاندىيەلىكلەر ھەمدە نۇرغۇنلىغان شوتلاندىيەلىكلەرگە ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن. بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى يوق بولسا،  ئەنگىلىيە پىنسىيە مائاشىمۇ، ئەنگىلىيە پاسپورتىمۇ، فونىستىرلىڭىمۇ يوق بولىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىن تەشكىل تاپقان مەملىكەت، بۇ تارىختىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك دېموكىراتىيەنىڭ ئۈلگىسى بولغان، ئۆزىنى تولۇق ئېچىۋەتكەن دۆلەت ئاخىرلىشىدۇ. بۇ شۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ئاخىرلىشىشىكى، ئۇ مەرىپەتچىلىكنىڭ بۆشۈكى بولغانىدى، ئۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان، سانائەت ئىنقىلابىغا باشچىلىق قىلغان، فاشىزىمنى مەغلۇپ قىلغانىدى! بۇ ئاخىرلىشىش دۇنيادىكى بارچە كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىنتىلىدىغان بىر دۆلەتنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئاخىرلىشىدىغان دۆلەت دەل بىز ھەممەيلەن «ۋەتەن» دەپ ئاتايدىغان ماكانىمىز بولىدۇ، بۇ ماكاننى بىزلەر ئەينى ۋاقىتتا بىرلىكتە قۇرۇپ چىققانىدۇق. بۈيۈك بىرىتانىيە ئۇلۇغ شوتلاندىيەدىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىلالمايدۇكى، دەل ئاشۇ مۇتەپەككۇرلار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، داھىيلار، ھەربىيلەر، كەشپىياتچىلار بولمىغان بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ بۈگۈنىمۇ بولمىغان بولاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىكسەندىر فىلەمىڭ ۋە داۋىد خيۇم بار، jk روللىن ۋە ئەندى ماررىي بار ھەم كۈرمىڭلىغان مۇشۇ غەلبىلىك تارىخقا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قاتقانلار بار، يەنە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، جەمئىيەت ئادىللىقى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا شوتلاندىيەلىكلەر ئالدىدا ماڭغان ئىدى. مانا بۇلار بىزنىڭ ئورتاق مۇۋاپپىقىيىتىمىز. شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى خۇددى جاپا تارتىپ بىر ئۆينى سېلىپ بولۇپ، كەينىدىن ئىشكتىن چىققىنىچە ئاچقۇچنى تاشلىۋەتكەن كىشىنىڭ قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا، مەن پەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلىغىلى بارىدىغان ھەرقايسىڭلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قويايكى، بۇ مۇنداقلا بۇ ياشقا كىرىپ قالغان دۆلەت ئەمەس، بۇ بىر بىرلەشمە پادىشاھلىق، بۇ بىزلەرنىڭ دۆلىتىمىز. سىلەر بىزنى ھەقىقىي بۈيۈك قىلغىنىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي  ياكى ھەربىي كۈچىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قىممىتىمىز، يەنى بىرىتانىيىلىكلەرنىڭ قىممىتى، ئادىللىقى، ئەركىنلىكى، ھەققانىيلىقى. بۇ قىممەتلەر مەيلى سىز قەيەردە بولۇڭ، مەيلى كىم بولۇڭ، ھاياتىڭىزنى ھۆرمەتكە ۋە قايىللىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ. دەل مۇشۇلار بىزنى باشقىلار كېسەل بولغىنىدا قاراپ تۇرماسلىققا، كېسەل كارۋىتىدا ياتقىنىڭىزدا سىزدىن ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلماسلىققا، قېرىپ ئاجىزلىشىپ قالغىنىڭىزدا بىزنىڭ غەمخورلىقىمىزدىن ئايرىپ قويماسلىققا، بىزنى دۇنيانىڭ باشقا زېمىنىدىكى ئۈمۈدتىن ئايرىلغان، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە قۇلىقىمىزنى يوپۇرۋالماسلىققا ئۈندىگەن. مانا بۇ بىرىتانىيەنىڭ مەنىسى، مانا مۇشۇنىڭدىن بىرىتانىيە ھەممىدىن بۈيۈك! بۇ يەنە ئارىمىزدىكى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ جۈمە كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئاخىرىلىشىشىغا كۆزى قىيماسلىقىنىڭ سەۋەبى.

مەن شوتلاندىيەدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مۇستەقىللىققا بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلىمەن. مۇستەقىللىقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، ئۇ ئادەمگە ئوخشىمىغان بىر خىل ئۈمۈد ئاتا قىلىدۇ. مەن يەنە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى شوتلاندىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ھازىرقىدىن ياخشى سۈرەتلىگىنىنىمۇ بىلىمەن، ئۇلار بۇ خىل سۈرەتلەشكە ئۇستا. بىراق، بەكلا گۈزەل قىلىپ تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەرگە يەتمەك بەسى مۈشكۈل، رىئاللىق ھامان مۇشۇنداق. مەن ئۆزۈمنى شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىدىن كېيىنكى كېلىپ چىقىشى ئىنتايىن مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمەن. مۇستەقىللىق ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش ئەمەس، ئۇ بىر قېتىملىق ئازابقا تولغان ئاجرىشىش. باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىلەرگە ئۇنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك. ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا قايتا ئوخشاش بىر پۇل ئوبورتى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ بىز نەچچە ئەسىر سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئارمىيىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ بىزنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىمىزنىڭ مەلۇم بەدەللەر بىلەن پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،  ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى رايون چىگرىسىنىڭ دۆلەت چىگرىسىغا ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن، بۇرۇنقىدەك ئاسان ئۆتكىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، ئۇ سىز چەتئەلگە ساياھەتكە چىققىنىڭىزدا ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ كۆپ قىسىم شوتلاندىيە پروۋىتىنىڭ بىر كېچىدىلا باشقا بىر دۆلەتنىڭ بانكىسىدىن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ شوتلاندىيە ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ ئەنگىلىيە تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. ئۇ شوتلاندىيە زېمىنىدا قېلىپ قالغان ھەرقانداق بىر بانكا كېيىنچە بىرەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچىراپ قالسا، بۇنىڭ زىيىنىنىڭ يەنىلا شوتلاندىيەدىكى باج تۆلىگۈچىلەرگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەمدى پۈتكۈل بېرىتانىيە تەۋەلىكىدىكى مەنبەلەردىن  بايلىق يېغىپ، ئومۇم خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياكى فوند سېستىمىلارغا ئىشلەتمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇلار پەرەز ئەمەس، بۇ يەردە سوراق مەۋجۇت ئەمەس، ''بەلكىم ئۇنداق بولار''، ''بەلكىم مۇنداق بولار'' دەيدىغان گەپ يوق. ئۇ مۇستەقىللىقنى ياقىلىغۇچىلار بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ياشانغانلار، داۋالىنىش، زېمىن بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھالەردە قىلغانلىرىنى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈز بەرگۈسى. بۇلار بىزنىڭ ئەسلى ئورتاق پايدىلىنىدىغان بارلىق نەرسىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ بارسا كەلمەس يولغا مېڭىشتىن ئاۋۋال، شوتلاندىيە خەلقى مۇشۇلارنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر. بۇ بىر تالاي ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ھەرگىزمۇ قورقاق سېلىش ئەمەس، بۇ دوستلار دوستلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قارارىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىغا ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇلارنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ بىر غايىب چۈشنى قوغلىشىشىغا قاراپ تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىم ئۈچۈندۇر. بەزىلەرنىڭ: بىز مۇستەقىللىقنىڭ خەتىرى ۋە ئېنىقسىزلىقى ھەققىدىكى ۋەزلەرنى ئاڭلاپ ھاردۇق، دەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىراق بىز يەنىلا ئىسلاھاتنى ئىستەيمىز. قاراڭ، بىرىتانىيە بىر مۇكەممەل دۆلەت ئەمەس، ھېچبىر دۆلەت مۇكەممەل ئەمەس. بىز ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىمىز لازىم. نامراتلىقتا ياشاۋاتقان بالىلارلا بولىدىكەن، كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرلا بولىدىكەن، قابىلىيىتىنى جارى قىلالمايۋاتقان ياشلارلا بولىدىكەن، ھېچكىم رازى بولمايدۇ. توغرا، ھەربىر پارتىيىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسى بولىدۇ، ئەمما مەيلى كونسىرىۋاتىپلار بولسۇن، ئىشچىلار، ئەركىن دېموكراتچىلار، مەيلى مىللەتچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بۇ دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. مەسىلە شۇكى، بۇ ئىسلاھات قانداق قىلغاندا يېتىپ كېلىدۇ؟ ماڭا نىسبەتەن، جاۋاب ئىنتايىن ئاددىي، سىز دۆلىتىڭىزنى پارچىلاشقا تايىنىپ ئارزۇلىغان ئىسلاھاتىڭىزنى ئېلىپ بارسىڭىز بولمايدۇ، سىز ئىقتىساد، سودا پائالىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، دۆلىتىڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى چۈشۈرۈشكە تايىنىپ بۇ ئىسلاھاتقا ئېرىشسىڭىز بولمايدۇ. بىراق، پەيشەنبە كۈنى سىز چىن، ئەمەلىي، تىرىك بولغان ئىسلاھاتقا ئېرىشىسىز: ئەگەر سىز بۇ قېتىم «ياق» دېگەن بىلەتنى تاشلىسىڭىز، بىلەتتە «ھەممە ئۆز پېتى» دېگەن خەتنى ئۇچراتمايسىز، ھازىرقى ھالەتلەر ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئۇلارنى پۈتۈن سۈپۈرۈپ، ئىشلارنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتماس قىلىۋېتىدۇ. مۇستەقىللىققا ياق دېيىش ھەقىقىي ئىسلاھاتتىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئاۋۋالراقتا قانداق ئىسلاھاتلارنىڭ بولىدىغانلىقى، بىزنىڭ پىلانىمىز ۋە قانداق ھالقىلارنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغانىدۇق. ناۋادا پەيشەنبە كۈنى مۇستەقىللىققا قارشى سەپ  ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ قالسا، بىز تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، مىسلىسىز بىر ھوقۇق ئەمىلىيلەشتۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ، شوتلاندىيە پارلامېنتتىغا ھوقۇق قوشۇپ بېرىمىز، ئۇلارغا باج، سەرپىيات، پاراۋانلىق جەھەتلەردە مۇھىم يېڭى ھوقۇقلار بېرىلىدۇ، بىز شوتلاندىيە پارلامېنتتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك ھوقۇقى چۈشۈرىدىغان بىر ۋاقىت جەدۋىلىنى مۇقىملاشتۇردۇق. مۇستەقىللىققا «ياق» دېيىلسىلا، بۇ ۋاقىت جەدۋىلى قوزغۇتۇلۇپ، شوتلاندىيە يېڭى ھوقۇققا ئېرىشىدۇ. 11-ئايدا بىر ئاق تاشلىق كىتاب چىقىرىلىدۇ، كېلەر يىلى 1-ئايدا قانۇنلاشتۇرۇش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ھازىر بارلىق پارتىيىلەر بۇ ۋاقىت جەدۋىلىگە قوشۇلۇپ بولدى، بارلىق تەييارلىقلار پۈتتى، مەنمۇ ھەممە ئاساسلىق پارتىيىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2015- يىلى ئىچىدە قانۇنلاشتۇرۇشنى پۈتتۈرۈشكە تەييارلىنىپ بولدۇم. شۇڭلاشقا، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىققا «ياق» دېيىش تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ياخشى ئىسلاھاتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردە بىر مۇھىم نۇقتا بار: دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا نىسبەتەن، شوتلاندىيە ئەزەلدىن بىر ياندا قاراپ تۇرغۇچى ئەمەس، شوتلاندىيە باشتىن-ئاياغ بىرىتانىيەنى يارىتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەپكە قارىتىپ ماڭغۇزۇۋاتىدۇ، ئالدىنقى 300 يىلغا سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈن تېخىمۇ شۇنداق، ھەمدە شوتلاندىيە داۋاملىق بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەملىشىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، شوتلاندىيە خەلقى پارلامېنتتىن بېرىلگەن قوشۇمچە ھوقۇقتىن بەھىرلىنىدۇ، بىرىتانىيەنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن، فونىستىرلىڭىدىن، پاسپورتىدىن ئايرىلىپمۇ قالمايدۇ. رېئال بىر ئىسلاھات شوتلاندىيىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ، سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ يولىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆزۈڭلارچە قارار چىقىرىدىغان ھوقۇق بىلەن بىرگە بىرىتانىيە قوينىدىكى بىخەتەرلىك بېرىلىدۇ، تەنھا ئىلگىرىلەشتىكى خەۋپلەرگە يۈزلىنىشتە يالغۇز قالمايسىلەر. بۇ بىز ئىككىلا تەرەپكە ئەڭ ياخشى يول.

كۈچلۈك ھەم مول شوتلاندىيە مەدەنىيىتى، شوتلاندىيە سەنئىتى ۋە بىر شوتلاندىيە دىنىي جەمئىيىتىگە  ئىگە شوتلاندىيە ھېلىھەم كۆزنى ئىنتايىن چاقنىتىغان بىر سالاھىيەت. يەنە 15يىلدىن بېرى سىلەر بەرپا قىلغان مەزمۇت شوتلاندىيە پارلامېنتتىمۇ بار، ئۇ بىر ۋاقىتلىق ئورگان بولماستىن، بەلكى بىر ئاداققىچە مەۋجۇت بولىدىغىنىدۇر. پەيشەنبە قارار قىلىنىدىغىنى شوتلاندىيەنىڭ بىر مىللىي دۆلەتلىكى ياكى ئەمەسلىكى ئەمەس، شوتلاندىيە ئەلۋەتتە بىر مەغرۇر، كۈچلۈك، غالىب مىللەت. پەيشەنبە قارار قىلىنىدىغىنى ئىككى خىل قەتئىي ئوخشىمايدىغان كەلگۈسىدىن شوتلاندىيەنىڭ قايسىسىنى تاللىشى، مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچىلار نۇسخىسىنى: تارايىش، يالغۇز ئىلگىرىلەش ۋە بىرىتانىيە بىلەن بارلىق باردى-كەلدىنى ئۈزۈش بار نۇسخىسىنى ياكى ۋەتەنپەرۋەرلەر نۇسخىسىنى:  تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە شوتلاندىيە پارلامېنتتىنى مەركەز قىلغان بىر كۈچلۈك شوتلاندىيە مىللىتىنىڭ قالغان بىرىتانىيىلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ھەم يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى، پۇل، ئۆسۈم پىرسەنتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلەشمە پادىشاھلىق بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستۈنلىكى بار نۇسخىسىنى تاللاش مەسىلىسىدۇر. كېيىنكىسى ھەقىقەتەن ئىككىلا تەرەپكە ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر، بۇ بىر رىئال ئىسلاھاتنى ۋە ئەۋلادلىرىڭىزغا ياخشى بىر كەلگۈسىنى ئۇتىدىغان يول، دەل مۇشۇ نۇقتىنى بۇ قېتىملىق تالاش-تارتىشنىڭ ھالقىلىق يېرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئائىلە دېيىلسە، مېنىڭ ھېسلىرىم بەكلا ئاددىي. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىرىتانىيە پەقەت بىرلا مىللەتلىك دۆلەت ئەمەس، بىز تۆت مىللەت بىرلىشىپ بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىنتايىن قىيىن، بىراق گۈزەل بولىدۇ. شوتلاندىيە، ئېنگىلاند، ۋېلس ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي خاسلىقى... كۆپچىلىك بىر-بىرسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ، ھەتتا بەزىدە قېيدىشىپمۇ قالىدۇ، بىراق پەقەت بىرگە بولغىنىمىزدىلا كۈچلۈكمىز. بىز بىر مىللەتلەر ئائىلىسى تۇرساق، نېمە ئۈچۈن بۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئېدىنبۇرگ بىلەن لوندون ئارىسىدىن بىر تەرەپنى تاللاشقا مەجبۇرلايمىز؟ ئۇلار چەتئەللەردە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغىنىدا، ئۇلارنى زادى قايسى كونسولغا بېرىشنى ئويلىشىدىغان ھالەتكە قويمىساق زادى بولمامدۇ؟ ياكى ئۇلار دوستلىرىنى، مۇھەببىتىنى، تۇققانلىرىنى يوقلاپ ماڭغىنىدا پاسپورت كېرەك بولىدىغان ھالەتكە؟ ئائىلە مۇرەسسەنىڭ مەھسۇلى ياكى سەپلەنمىسى ئەمەس، ئائىلە بىر خاسىيەتلىك سالاھىيەتكى، ئۇ بىزنى چىڭ قۇچاقلاشتۇرىدۇ، ئەكسىچە يىراقلاشتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۆتۈنەي، بۇ ئائىلىنى بۇزىۋەتمەيلى.

كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قارىغاندا، ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىگلىشىشى، ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشى، خەرىتىدە يېڭى چېگرالارنىڭ پەيدا بولۇشى ئەسلا ياخشى ئىشلاردىن ئەمەس. نېمىشقا بىرىتانىيىنى بىر دۆلەتتىن بىر نەچچە كىچىك دۆلەتكە پارچىلىۋېتىمىز؟ بۇنداق قىلىش زادى نېمە ئۈچۈن؟ زىممىسىگە زور يۈكنى ئارتىۋالغان ئۇلۇغۋار ياشلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرۇشىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈنمۇ؟ بۇنىڭ بىخەتەر، تۇراقلىق تۇرمۇشنى ئارزۇلايدىغان پىنسىيەگە چىققۇچىلارغا ياردىمى بارمۇ؟  ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۈتۈۋاتقان ئائىلىلەرگىچۇ؟ ھەرگىزمۇ بىركىمنىڭ مۇستەقىللىق گۈزەل كېلەچەكنى ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشىگە ئىشەنمەڭ، ئۇ پەقەت بۆلۈنۈشنى، ئىشىكنىڭ ئېتىلىشىنى، دوستلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چەتئەللىككە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىر ئۈمۈدلىك كېلەچەك ئەمەس. ئۈمۈدلىك كېلەچەك شۇكى، بىز بىر قانچە مىللەتتىن تۈزۈلگەن ئائىلە چىڭ ئۇيۇشۇپ، قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا بىر-بىرىمىزنى يۆلەپ، بەختىيار مىنۇتلاردا تىنچلىقتىن ھۇزۇرلىنىشتۇر. بىز تېخى ئەمدىلا بىر چوڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشتىن بىرلىكتە مېڭىپ چىقتۇق، بىز بىرلىكتە ئىلگىرلەۋاتىمىز، بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىلگىرلىشىمىزنى يېتىلەپ ماڭماقتا. بۇ دەل مېنىڭ سىلەردىن شوتلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا يولدا چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىگە «ياق» دېيىشىڭلارنى ئۆتۈنۈشۈمنىڭ سەۋەبى. مۇستەقىللىققا «ياق» دەڭ ھەمدە شوتلاندىيەنى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كەڭرى ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە باشلاڭ. ئەۋلادلىرىڭىز بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

مانا بۇ بىزنىڭ شوتلاندىيە خەلقىگە بولغان مۇراجىئىتىمىز. بىز سىزنىڭ قېلىپ قېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن ۋە پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز بىلەن سىلەرنىڭ قېلىپ قېلىشىڭلارنى سورايمىز. بىردەملىك نەرسە بىلەن ئەبەدىي نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋەتمىسەڭلار. ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن ئۈمۈدسىزلەنسەڭلار ۋە نارازى بولساڭلار، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، ئىككىنچىلەپ كەلمەيمەن. ئەگەر مېنى ياقتۇرمىساڭلار، مېنىڭ بۇ ئورۇندا تۇرۇشۇم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ھامان ئايرىلىمەن. ئەگەر بۇ ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرمىسەڭلار، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تۇتۇش مۇددىتىمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. بىراق، ئەگەر سىلەر بىرىتانىيىدىن ئايرىلىپ كەتسەڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك. توغرا، بىرىتانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەرزامان ئاكا-ئۇكىدەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ بولالمايدۇ. توغرا، بىز ئىسلاھاتقا موھتاج ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بىراق، بۇ ئىسلاھات تېخىمۇ پارلاق كېلەچەك دېمەكتۇر، دۆلىتىمىزنى پارچىلاش بىھاجەت.

ئىككى كۈن ئىچىدە، بۇ ھەرىكەت ئاخىرلىشىدۇ، جىمجىت بىلەت تاشلاش پونكىتىدا تۇرغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزدىن مۇنۇلارنى سورىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن: شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ھەقىقەتەن مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالامدۇ؟ بىز راستىنلا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە مۇقىم مۇھىتقا ئېرىشەلەمدۇق؟ مەن راستىنلا بىرىتانىيىدىن ئايرىلىشنى خالامدىم؟ نېمە ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى بىزدىن : شوتلاندىيە نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ نېمىشقا؟ دەپ سورىشىدۇ؟ ئەگەر بۇ سوئاللارغا سىزدە جاۋاب بولمىسا، ئۇنداقتا مۇستەقىللىققە ياق دەڭ. ئاخىرىدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ بارلىق ئاساسلىرىنى بىر ئاددىي پاكىتقا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىز بىرگە بولساق تېخىمۇ ياخشى. شۇڭا بىر قارارغا كېلىشىڭىزدىن ئاۋۋال، ھېچكىممۇ سىزگە سىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر غۇرۇرلۇق شوتلاندىيەلىك ھەم بىر پەخىرلىك بىرىتانىيە پۇقراسى بولالمايسىز دەپ ئېيتمىسۇن. بۇ دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قىلالايدىغانلىرىغا ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بىر بۈيۈك بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، دۇنيادىكى بۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەتلەر ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتمەڭ، ھەمدە ئائىلىڭىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۈمۈدتىن ۋاز كەچمەڭ. بۇ بىز ھەممىمىزدىن كەلگەن ئۆتۈنۈش: بىلىتىڭىز بىلەن بىزنى داۋاملىق بىللە قىلىڭ، بۇ بىلەتنى تاشلاڭ، بۇ بىلەت بىلەن بىزنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىقىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-20 11:02):
ماۋزۇنى كىم قويغان بولغىيدى، لول.ئاۋۇ سايلامنى شوتلاندىيە مۇستەقىللىقىغا قارىتا دەپ ئۆزگەرتىپ ق.....

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:07:30

شوتلاندىيە يەنىلا ئەنگىلىيە قوينىدا قىلىشنى تالللىدى. بۇنداق بۇلىشى  ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە بولغان  مۇھەببىتىدىن بولغان بۇلىشى مۇمكىن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:55:24

دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى بولىشى ناتايىن. بەلكى مۇستەقىل بولغاندىكىن كىيىنكى بىر قاتار ئىنىقسىزلىقلار، ئىگىز پەسلىكلەردىن ئەنسىرەش ، كىينلىككە ئىشەنچ قىلالماسلىق تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئەنگىليە بىلەن بىللە قىلىشنى تاللىشغا سەۋەپ بولغان ئوخشايدۇ. خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغاندىن يەنىلا مۇشۇ ئوسال ئەنگىليەلىكلەر بىلەن بىللە ياشىغان ئەلا دەپ ئويلامىش كۆپ قىسمى.  

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:11:21

بىر ئەنگىليەلىك، بىر شوتلاندىيەلىك، بىر نىگىريەلىكنىڭ ئاياللىرى بىر دوختۇرخانىدا تەڭلا يەڭگىپتۇ. بوۋاقلارنى تازىلاش جەريانىدا دوختۇرلار ئىھتىياتسىزلىقتىن بۇلارنىڭ بوۋاقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالىسىز ئۇلارغا ئۆزۇڭلارنىڭ بوۋىقىڭلارنى ئۆزۇڭلار تونۇپ ئىلىپ چىقىڭلار دەپتۇ. ئەنگىليەلىك كىرىپ كىتىپ بىرئاق تەنلىك بوۋاقنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ. شوتلاندىيەلىك كىرىپ كىتىپ قارا تەنلىك بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ نىگىريەلىكنىڭ ئاچچىقى كىلىپ« نىمە قىلۋاتىسەن؟ ساقمۇ سەن؟ بۇ بالا قانداقسىگە سىنىڭ بولىدۇ؟» دىسە شوتلاندىيەلىك تۇرۇپ كىتىپ « يەنە بىر بوۋاق ئەنگىليەلىك بولۇپ قىېلشى مومكىن دەپ ئىشەنىچ قىلالمىدىم» دىگۈدەك.:D

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:15:39

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 17:11 static/image/common/back.gif
بىر ئەنگىليەلىك، بىر شوتلاندىيەلىك، بىر نىگىريەلىكنى ...

شوتلاندىيىلىكلەر ئەنگىلىيىلىك يولداشلارنى ياقتۇرمامدۇ نىمە:lol

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:33:29

خەۋەرلەرگە قارىغاندا شوتلاندىيەنى دوراپ ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيەسىمۇ مۇستەقىللىقنى ئاۋازغا قويارمىش. بۇ بەلكىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تىخىمۇ مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەللىشىشى بولسا كېرەك .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 20:43:42

بۇ كامېرون يولداش بەك ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قاپتۇ ھە :lol

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 15:46:09

ياخشى بولدى پارچىلانماي   
:lol:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:09:46

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 16:55 static/image/common/back.gif
دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى بولىشى ناتايىن. بەلكى مۇستەقىل بول ...

ئەنگىلىيەلىكنى ماۋۇ بەسەي بىلەن روسقا سىلىشتۇرساق ئوسال چىقمامدىكىن دەيمە:lol

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 18:39:39

بېلەت ھېسابلاشتا ساختىلىق قىلغان دېگەن گەپلەرمۇ باركەن.

http://player.pps.tv/player/sid/3I0ELKXBM2AO/v.swf

بەت: [1]
: كامىروننىڭ شوتلاندىيە سايلىمى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇقى