buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 20:33:27

«بىيولوگىيە ساۋادسىزلىرى» ئۈچۈن ئىسىل سوۋغا (4)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   buhram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 20:34  

ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى سۇ
بۇغرام
چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ،(buhram2000@163.com)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئالدىنقى يازمىدا بىز ھاياتلىق بىلەن خىمىيە پەنلىرى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىر قسىم ئاساسى ئۇقۇملارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ يازمىمىزدا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان سۇدىن ئىبارەت بۇ خىمىيىلىك بىرىكمىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىدىكى رولىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.
رەسمى مەزمۇنغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر قىزىقارلىق پاكىت خاراكتىرلىق مىسالنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
ئوتتۇرا ئامىرىكا ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان بىر خىل كەسلەنچۈك بار بولۇپ، ئۇنىڭ كۈشەندىللىرى ئۇنىڭغا ھوجۇم قىلغاندا ئۇ جان جەھلى بىلەن قىچىپ قۇتۇلماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۈشەندىكى ئۇنى قوغلاشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. بىراق بۇ خىل ھالەت سۇ بار يەرگە كەلگەندە باشقىچە بولىدۇ. بۇ  كەسلەنچۈك ئۈچۈن سۇدا مېڭىش خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغانغا ئوخشاش بولۇپ، قىلچە توسالغۇسىز سۇ يۈزىدە يۈگۈرۈپ ماڭالايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۈشەندىسى ئامالسىز قالىدۇ.  سۇ ئۈستىدە ماڭالايدىغان جانلىقلار يالغۇز بۇ خىل كەسلەنچۈكلا ئەمەس. نۇرغۇنلىغان ھاشارەتلەرمۇ سۇنىڭ ئۈستىدە ماڭالايدۇ(1- رەسىمگە قاراڭ).  ئەمسە بۇ جانلىقلار قانداق قىلىپ سۇنىڭ ئۈستىدە ماڭالايدۇ؟

ئەلۋەتتە بۇ جانلىقلارنىڭ سۇ ئۈستىدە ماڭالىشى سۇنىڭ خۇسۇسىيتى  بىلەن زور باغلىنىشلىقى بار بولۇپ، سۇ مولكولىسىنىڭ تۈزۈلۈشى سۇدا نۇرغۇنلىغان ئالاھدىلىكنى پەيدا قىلغان. يۇقاردا ئېيتىلغان بۇ جانلىقلار سۇنىڭ شۇ خىل ئالاھىدىلىكىلىرىنىڭ بىرىدىن پايدىلانغان.   ئەمدى سۇ مولكولىسىنىڭ تۈزۈلىشى ئارقىلىق يۇقارقى سۇئالنىڭ جاۋابىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ چۈشىنىپ باقايلى.
بىز ئالدىنقى يازمىدا مولكۇلا توغرىسىدا توختالغاندا سۇ مولكۇلىسى ھەققىدە ئازراق  چۈشەندۈرۈش بىرىپ ئۆتكەن. ئەمدى بۇ يازمىدا بىر قەدەر تەپسىلى ئۇچۇرلا ئارقىلىق سۇنىڭ مۇلكۇلا تۈزۈلىشىنى تونۇشتۇرىمىز.  
سۇ مولكۇلىسى ئىككى  دانە ھېدروگىن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگىن ئاتومىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بوشلۇقتا "V"  شەكىللىك تۈزۈلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل تۈزۈلۈشتە ئىككى دانە ھېدروگىن ئاتومى "V"  نىڭ ئىككى قولىغا، ئوكسىگىن ئاتومى بولسا ئاستى چوققا قىسمىغا جايلاشقان ھالەتتە بولىدۇ(2- رەسىمگە قاراڭ).  

ئوكسىگىن ئاتومى كۈچلۈك مەنپى زەرەتلەنگەن بولۇپ، ھېدروگىن ئاتومى ئاجىز مۇسپەت زەرەتكە ئىگە. بۇ ئىككى خىل ئاتوملاردىكى زەرەتلەرنىڭ تەڭ مىقداردا بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرىدا سو مولكۇلىسىدا قۇتۇپلۇق خۇسۇسىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەت خۇددى ماگىنىتنىڭ ئىككى قۇتۇبى بولغاندەك  "V"  شەكىللىك تۈزۈلىشنىڭ ئىككى قولى ۋە چوقىسى قارمۇ-قارشى قۇتۇپنى شەككىلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر دانە سۇ مولكولىسى بىر دانە كىچىك ماگنىتقا ئوخشاپ قالىدۇ ۋە بۇ كىچىك ماگنىتلار ئوخشاش قۇتۇپلىرى تىپىشىش ۋە ئوخشىمىغان قۇتۇپلىرى تارتىشىش قائىدىسى بويىچە ناھايىتى رەتلىك تىزىلىپ بىر – بىرى بىلەن "تارتىشىپ" تۇرىدۇ (3- رەسىمگە قاراڭ).  

ھەر بىر دانە يەككە سۇ مولكولىسى ئوتتۇرىدىكى بۇ خىل " تارتىشىش" نى ھىدروگىنلىق باغ دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل تارتىش كۈچى ھەر بىر دانە سۇ مولكولىسىنى بىر – بىرى بىلەن زىچ باغلاپ تورىدۇ. دەل مۇشۇنداق بىر خىل تارتىشىش كۈچى سەۋەبىدىن سۇنىڭ سىرىتقى يۈزىدە كىرىلىش كۈچى پەيدا بولىدۇ. يەنى سۇ يۈزىنى بىر پەردىگە ئوخشاتساق كىرىلىش كۈچى بۇ پەردىنىڭ يىتىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسلەنچۈك سۇ يۈزىدە ماڭغاندا سۇ يۈزىنىڭ كىرىلىش كۈچى (ئەلۋەتتە بۇ خىل كۈچ ئىنتايىن ئاجىز) ئۇنى كوتۈرۈپ تۇرغاچقا سۇ يۈزىدە بىمالال ماڭالايدۇ. لىكىن بۇ خىل كۈچ پەقەت چەكلىك قىممەتتە بولۇپ، كەسلەنچۈكنى كۆتۈرۈشكە يىتەرلىك.
يۇقىردا بىز سۇنىڭ بىر قىسىم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىنى ئۈگۈنۈپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەتتە سۇ بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتلىق پائالىيتىدىكى مۇھىم بولغان بىر خىل تەركىپتۇر. سۇنىڭ جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىتدىكى رولىنى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بەلگىلىگەن. تۆۋەندە بىز يەنە سۇنىڭ ھاياتلىق پائالىتىدىكى رولىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
يەر شارىدىكى بارلىق جانلىق سۇغا تايىنىدۇ. جانلىقلارنىڭ بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشىدىمۇ سۇ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز يۇقاردىكى بايانلاردا ھەر بىر سۇ مولكولىسى ھىدروگىنلىق باغ ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن تارتىشىپ توردىغانلىقىنى بىلدۇق. سۇنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى جەريانىدىكى نۇرغۇن فونكىسىيسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
1.        ئۇيۇشۇشچانلىق
سۇنىڭ ئۇيۇشۇشچانلقىنى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ باقايلى. بىر ئىستاكانغا نۇرغۇنلىغان كىچىك مارجانلارنى سېلىپ ئۇنى تۆكسەك مارجانلار بىردىن بىردىن يەرگە تېرىلىپ كىتىدۇ. ئەمدى ھەر بىر سۇ مولولىسىنى بىر دانە مارجانغا ئوخشاتساق بىر ئىستاكان سۇنى تۆكسەك بىر قانچە ئۇچۇم بولۇپ يەرگە چۈشىشى ياكى بىرلىكتە يەرگە چۈشىشى مۇمكىن. بۇ دەل ئاشۇ " كىچىك مارجان" لار ئارسىدىكى تارتىشىش (ھىدروگىنلىق باغ) بولغانلىقىدىندۇر.  سۇدىكى ئۇيۇشۇشچانلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ جانلىقلاردىكى ئەھمىيتىنى مۇنداق بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرىمىز.
بىر تۈپ دەرەختە نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلار بولىدۇ. يوپۇيرماقلارنىڭ دەرەخ تىنىدىكى سۇنى پارلاندۇرۇپ سىرىتقا تارقىتىش رولى بار، دەرەخ تىنىدىكى سۇنىڭ بىر قىسمى ھۆجەيرىلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر قسمى بولسا پارلىنىپ سىرىتقا چىقىرىلىدۇ.  بىر قسم سۇ پارلىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن دەرەخ تىنى يەنە سۇغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، دەرەخ لازىملىق سۇنى يىلتىزى ئارقىلىق تۇپراقتىن سۈمۈرۈپ ئالىدۇ. بۇ يەردىكى مەسلە شۇكى، بىر قسم دەرەخلەر ئۈچۈن دەرەخ ئۇچى بىلەن تۇپراق ئوتتۇرسىدا ئىگىزلىك پەرقى بولغانلىقىدۇر. بۇ خىل پەرىق سۇنىڭ دەرەخ ئۇچىغا توشۇلۇپ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، مەسلەن، بىز بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىگە سۇ چىقىرىش ئۈچۈن  سۇ پومپىسى ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. لىكىن دەرەخ تىنىدە بۇنداق سۇ پومپىسى يوق.  بىراق سۇ مولكولىسى ئوتتۇرسىدىكى ھىدروگىنلىق باغ سەۋەبىدىن ("كىچىك مارجان" لار ئارسىدىكى تارتىشىش)  ھەربىر دانە سۇ مولكولىسى ئۆزى بىلەن خوشنا بولغان سو مولكولىسىنى تارتىپ، تۇپراقتىكى سۇ بىلەن ئۆسۈملۈك تىنىدىكى سۇ مولكولىسى بىر پۈتۈن تارتىشىش زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، نەتىجىدە پارلىنىپ چىقىپ كەتكەن سۇ مولكولىسىنىڭ ئورنىنى تۇپراقتىكى سۇ مولكولىسى ئۈستىگە سىلجىش ئارقىلىق (ئەمەلىيەتتە بۇ جەريان بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇلدى) دەرەخ تىنىدىكى سۇنى تولۇقلايدۇ (4 - رەسىمگە قاراڭ).

2.        ئىسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى
سۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ئىسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيتىنى تۆۋەندىكى مىساللار ئارقىلىق چۈشىنىپ ئۆتىمىز.
سىز يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرى دەريا بويىدىكى قۇمدا ماڭسىڭىز پۇتىڭىز قۇمنىڭ قانچىلىك قىززىغانلىقىنى سىزەلەيدۇ.  لىكىن سىز دەرياغا كىرسىىڭىز دەريا سۈيى يەنىلا نىسبەتەن سوغۇق تۇرغان بولىدۇ. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى قۇم ئازغىنە ئىسىقلىق بىلەن قىززىيالايدۇ، لىكىن سۇنى قىزقىتىش ئۈچۈن قۇمنىڭىكىدىن جىقراق ئىسىقلىق كىتىدۇ. شۇڭا دەريادىكى سۇ نىسبەتەن سوغۇق بولىدۇ. ئەمىدى نىمە ئۈچۈن سۇنىڭ تېمپىراتۇرسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جىقراق ئىسىقلىق كىتىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. بىز بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا سۇ مولكولىسى ئارسىدىكى ھىدروگىنلىق باغدىن ئىزدەيمىز.
ئادەتتە بىر خىل ماددىنىڭ تېمپىراتۇرسى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مولكولىلارنىڭ ھەركەت قىلىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. يەنى ماددىنىڭ تېمپىراتۇرسى قانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى ئۇنىڭدىكى مولكولىلارنىڭ ھەركىتى شۇنچە تىزلىشىدۇ. بىز سۇنى قىززىتقاندا بىر قىسىم ئىسىقلىق سۇ مولكولىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھىدروگىنلىق باغنى ئۈزۈشكە سەرىپ بولۇپ كىتىپ سۇمولكولىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تىمپىراتۇرسى ئانچە يۇقىرى ئۆرلىمەيدۇ (6 – رەسىمگە قاراڭ).

شۇڭا ئوخشاش مىقداردىكى ئىسىقلىق بىلەن قۇمنىڭ تېمپىراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولغان بىلەن سۇنىڭكىنى ئۇنچە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئادەتتە ساغلام ئادەمنىڭ تىنىدىكى سۇنىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 65 % نى ئىگەللەيدۇ (بۇ سان بەلكىم ئىندىۋىدقا قاراپ ئوخشاشماسلىقى مۇمكىن) (5- رەسمىگە قاراڭ).  

سۇنىڭ يۇقارقىدەك خۇسۇسىتى سەۋەبلىك گەرچە سىرىتقى مۇھىتنىڭ تېمپىراتۇرسى يۇقىرى بولسىمۇ ئادەم تىنىدىكى سۇ بەدەن تېپىراتۇرسىنى بەلگىلىك قىممەتتە ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.  
3.        ياخشى ئىرىتكۈچى
سۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھدىلىكى شۇكى ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئىرىتكۈچىدۇر. نۇرغۇنلىغان ماددىلار سۇدا ئىرىيدۇ. مەسلەن، ئەگەر سىز بىر پارچە ئاش تۇزىنى سۇغا سالسىڭىز دەرھاللا ئىرىيدۇ. ئاش تۇزىنىڭ تەركىبى ناتىرى خىلور بولۇپ، ناتىرى ئىئونى (Na+) ۋە خىلور ئىئونى (Cl-) ئۆز ئارا باغلىنىپ، مۇئەييەن شەكلىدە تىزىلىپ كىرىستال ھاسل قىلىدۇ. بىز كۆرىۋاتقان ئاش تۇزى پارچىسى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان ناتىرى خىلور كىرىستالىنىڭ توپىدۇر. سۇغا سالماستىن بۇرۇن ئاش تۇزىدىكى ناتىرى ئىئونى (Na+) بىلەن خىلور ئىئونى (Cl-) بىر- بىرىگە قارشى زەرەتلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن بىر – بىرىنى تارتىپ تۇرىدۇ. بىز يۇقىرىدا سۇنىڭ مولكولىسىنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشى  "V"  شەكىللىك  بولدىغانلىقىنى ۋە "V"  شەكىللىك تۈزۈلىشنىڭ ئىككى قولى ۋە چوقىسى قارمۇ-قارشى زەرەتكە ئىگە بولدىغانلىقىنى بىلدۇق. بىز ئاش تۇزىنى سۇغا سالغاندىن كىين مۇسبەت زەرەتلەنگەن  ناتىرى ئىئونى  "V"  شەكىللىك تۈزۈلۈشنىڭ چوققىسى (مەنپى زەرەتلەنگەن) تەرىپىدىن تارتىلىدۇ. خىلور ئىئونى بولسا  "V"  شەكىللىك تۈزۈلۈشنىڭ ئىككى قولى (مۇسپەت زەرەتلەنگەن) تەرىپىدىن تارتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر پۈتۈن ناتىرى خىلور مولكولىسى ئىككىگە پارچىلىنىدۇ (7 - رەسىمگە قاراڭ).

يەنى سۇ ئاش تۇزىنى ئىرىتكەن بولىدۇ. سۇنىڭ مۇشۇنداق ئىرىتىش خۇسۇسىيتى بولغاچ جانلىقلار بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ھالدا سۇدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنى ئىرىتىپ، ھاياتلىق پائالىيتىنى داۋام قىلىدۇ.  خۇلاسىلىگەندە سۇ ھاياتلىق پائالىيتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، سۇ بولمىغان مۇھىتتا جانلىقلارنى تەسسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىنسانلار سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋەتتە ئۆزى ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن.
پايدىلانما مەنبەسى
1.        [http://www.alistwellnesscenter.com/diet.html [T
ئاتالغۇلار

ئىزاھات:
1. مەزكۇر يازمىدىكى بىر قىسىم كەسپى سۆز – ئىبارىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ئوخشىمغان تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قوللىنىدىغان يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئۈچ خىل تىلدا بىرلىدى.
2. پايدىلانما مەنبەسىى دىگەن قىسىمدىكى ھەر بىر مەنبە ئاخىرىدا    بولسا نەشىر قىلىنغان كىتاپنى، بولسا تور بىكەت ئاددرىسىنى،    بولسا ئىلان قىلىنغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ.
بايانات:
بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى. ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتا ياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ.  ئاپتۇرنى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 15:31:26

ئادەمگە ئەملىي نەپ بېرىدىغان ئىلمىي يازما ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:11:59

قالتىس ئەجىر قىپسىز ، رەھمەت

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:16:22

ئەمما بىئولوگىيەنى ئانچە مۇنچە چۈشىنىدىغانلار ئاندىن بۇ تېمىنى قىزىقىپ ئۇقۇشى مۈمكىن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:21:31

راست گەپنى قىلغاندا بۇ تېمىدىكى 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق مەزمۇن بىئولوگىيەگە ئەمەس خېمىيە فىزىكىغا ئائىت ئىكەن
مەن كەسلەنچۈكنىڭ نىمە ئۈچۈن سۇدا يەرگە ئوخشاش ماڭالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:30:48

ئېغىرلىقى 1.5- 2 توننا كېلىدىغان شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى سۇدا ئۇدا ئون كۈن ئۈزەلەيدىكەن، قارىسام پۇتلىرىدا ئالاھىدە تۈزۈلۈش يوقكەن،ئادەتتىكى ئېيىقلارغا ئوخشاشلا كۆتەكتەك…بۇ تېمىدا ئېيتىلغان كېرىلىش كۈچى قارىغاندا ئېيىققا ياردەم بېرەلەيدىغاندەك ئەمەس،بۇ ئېيىق نىمىدىن پايدىلىنىدۇ ؟
مەن توختام سۇدا سۇ ئۈزسەم 200 مېتىردا تۈگىشىپ بولىمەن،پۇت قوللىرىمنى مىدىرلاتقۇدەك ھالىممۇ قالمايدۇ،ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىقىمۇ يا تېخنىكامنىڭ ناچارلىقىمۇ يا سۇ ئۈزۈشۈم قائىدىسىز توغرا ئەمەسمۇ ۋە ياكى باشقىلارمۇ شۇنداقمۇ بىلمىدىم، تېلۋىزىيەدىن ئاڭلىسام ئون يىگىزمە كىلومېتىر ئۈزەلەيدىكەن، بۇلارنى ئاڭلىسام دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كېتىدۇ بۇلار قانداق ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىلىرىدۇ دەپ…

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:19:39

سىزگە ئوخشاش ئىلىم-پەن تەتقىيقاتچىلىرى ھەممە ساھەلىرىمىزدىن يېتىشىپ چىقسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە... «ئوقۇ» دەپ ئايەت نازىل بولغان ئۈممەت بولۇش شەرىپىمىزگە نالايىق ھالدا «ئەڭ ئوقۇماس» مىللەت بوپ قالغىلى تاس قالغان ئىدۇق، سىزگە ئوخشىغان ئىلىمسۆيەر تەتقىيقاتچىلىرىمىزنىڭ كەينى-كەينىدىن بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىلىم-پەن ئاسمىنىمىزدىكى زۇلمەتتىن يېڭى ئۇچقۇنلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ئۇچقۇننىڭ يانغىنغا ئايلانمىغى مۇقەررەردۇر، لىكىن بۇ ھەسسىلەپ تىرىشىشنى ۋە ھەر جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.
بەت: [1]
: «بىيولوگىيە ساۋادسىزلىرى» ئۈچۈن ئىسىل سوۋغا (4)