mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:06:47

ئاتىلىق بۇرىچ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 17:12  

                                                                                         ئاتىلىق بۇرىچ

  ئۇ ھەر كۈنى ئون يەتتە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ، بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى ، ھويلىدا ئىش قىلغاچ بەزىدە ئاتا – بالىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلۋاتقىنىغا دىققەت قىلاتتىم . دادىسى قوتانغا كىرىشتىن ئاۋۋال كىيمىنى ئالماشتۇراتتى ، ئاندىن ئوغلىغا شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيتى . يەم تەييارلاش ، مال سۇغۇرۇش ، ئوقۇرلارنى تازلاش ، قىغ چىقىرىش جەريانلىرىنى ئېرىنمەي ھەم تەپسىلى ئوغلىغا چۈشەندۈرەتتى ھەم ئۆزى قىلىپ كۆرسىتەتتى ، لىكىن ئوغول دادىنىڭ تاپىلاشلىرىنى بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالاتتى . دادا جىلە بولغىنىدىن تېزىرەك بولساڭچۇ ، ھارۋىنىڭ ئالدىنى پەسرەك تۇت ، چىلەكنى تاراڭشىتما ،سۇنى تۆكمەي ئال  ، يەمنى سۈپىرۋەت دەپ توختىماستىن  كايىيىتى بەزىدە  ۋارقىرايتى ، ئارقىدىنلا يەنە سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلايتى .......
ئانا بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ،  دادىنىڭ رەھىمسىزلەرچە بۇ قىلىقى، كۆزىمگە سىغمايتى ،بالىغا ئىچىم ئاغرىيتى ، ئۇنىڭ ئوقىيدىغان ، بالىلىقنىڭ ئويۇنلىرىغا قانمايدىغان بەختيار، ئەركىن ۋە غەمسىز چاغلىرى دادىنىڭ بېسىم ۋە  قىيىنىشى ئاستىدا ئۆتۈپ كېتۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم . بەزىدە ئۇنىڭغا تاتلىق – تۇرۈم ، پارچە پۇل بېرەتتىم ، گەرچە ئۇ رەھمەت دىمىسىمۇ لىكىن كۆزلىرىدىن مىننەتتارلىق ئۇچقۇنلىرىنى چاھنىتىپ  مەسۈملەرچە كۈلۈمسىرەپ قوياتتى  ... توۋا جاھاندا مۇنداقمۇ باغرى تاش ئاتىلار بولىدىكەن ، بالا يا ساق بولسىدى ، ئۇنىڭ يولى باشقا ، سىرىتتا پادا بېقىپ ،يۇتتىرۋىتىپ دادا – بالا ئىزدەۋاتقان ، قوناق ئوتىغىچە چالا قېلىپ يەر ئېگىسىدىن تىل ئىشتىپ ،دادىغىمۇ بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتقان.... .... لىكىن بۇ ئادەم  ئىشنى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ  پاكىزە ، ئىدىتلىق قىلغاشقا يولدىشىم ئۇنىڭغا ئامىراق ئىدى . چارىۋلار تاغدىن چۈشۈپ قوتانغا كىرگەندىن كىيىنلا ئۇ ئۈچ ئائىلىنىڭ چارىۋلىرىغا قاراشنى زىممىسىگە ئالاتتى . سۇبھى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ چارىۋلارنىڭ يىمىنى بېرىۋىتىپ ،ئاندىن ئىككىنچى ، ئۈچىنچى  ئۆيگە باراتتى ، سائەت ئونلاردا كىلىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ قىغىنى ئاندىن باشقىلارنىڭ قىغىنى ئادالايتى ،سۇنى پەقەت چۈشتە ئىككى سائەتلا بەرگەچكە چۈشتە كېلىپ سۇغۇرۇشنى يەنە بىزنىڭ ئۆيدىن باشلايتى ، يولدىشىمدىن پەقەت بىرنەچچە ياشلا پەرىق قىلىدىغان بۇ ئادەم مانا مۇشۇنداق قىشى – يېزى تىنىم تاپماي ئېغىر ئىش قىلغاشقىمۇ يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرىنەتتى .
- ئاكا ئوغلىڭىز تۇغما مۇشۇنداقمىدى ؟ سورىدىم مەن بىر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ئۇنىڭغا سوغوق ھەم پەرۋاسىز نەزەردە تىكىلگنىمچە  .
-ھەي ....ئۇ خۇرسىنىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،  مېنىڭمۇ دەردىم يەتكۈچە بار ، بالىنىڭ كېسىلى كىچىك ۋاقتىدا بەكلا ئېغىر ئىدى ،ئايالىم  قىز چېغىدىلا چاپلاشقان كېسەلدىن ئۆرە بولالماي ئوغلىمىز تۇغۇلۇپ 5 ئايلىق بولغاندا  تۈگەپ كەتتى ، بالا بىر كۈنىمۇ ئانىسىنى ئىمەلمىدى ،شۇندىن ئېتۋارەن بۇ بالىنى خۇددى قۇش بالىسىغا دان بەرگەندەك ئېغىزىمدا ئاش بېرىپ ، پەپىلەپ باقتىم ، يىغلاڭغۇ بولغاشقا سېرىق ئېتى يىرتىلىپ تۆت  يېشىدا ئوپىراتسيە قىلغۇزدۇم ، توشقان كالپۇكلۇق ئىدى ، ھۆسىن تۈزەتكۈزدۈم ، قولىمدىكى بار بىساتىم  بىلەن بالىنى كۆپ داۋالاتتىم ،چىرايى ئەسلىگە كەلگەن بىلەن ئەقلى جەھەتتىن يەنىلا چوڭ پەرىق بولمىدى .دوختۇرنىڭ كۆڭلىمنى ياساپ ئىتقان،  دىھقان ئادەمنىڭ پۇل تاپمىقى ئاسان ئەمەس ،ئارتۇقچە پۇل چاچماي بالنى سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيىلسىڭىز  ، بەلكىم ئۇ ئاستا – ئاستا ساقىيىپ قېلىشى مۈمكىن  دىگەن سۆزىدىن ئالەمچە خوش بولدۇم ، تارتىۋاتقان جاپايىمغا قاراپ ئىچى ئاغرتىپ ،  بالىنى پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرۋىتىپ ، بېشىڭنى ئوڭشىۋال دىگۈچىلەرمۇ بولدى ، جاھاندا پەرزەنىتلىرىگە ئۆز ئاتا – ئانىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆيىنىدىغان كىشى بولماس ، باغرىمنى يىرىپ چىققان يۈرەك پارەمنى  ئۇ يەرگە ئاپىرۋىشكە كۆڭلۈم قانداقمۇ چىدىسۇن ، ئۇنداق قىلسام ئانىسى گۆرىدە تىك ئولتۇرمامدۇ ؟ ئۆيلىنەيمۇ دىدىم ، چىققان لايىقلارمۇ بالامنىڭ  ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر  شەرىت ئالدىدا جىممىدىلا يوقاپ كىتىشتى .....
ئاخىرى مۇھىت ئالماشسا ساقىيىپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە تەۋەككۈل دەپ بۇ يۇرىتقا كىلىپ باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن بېشىدىن جىق ئىسسىق – سوغوقلار ئۆتكەن ھازىرقى ئايالىم بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم . دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بالىغا بولغان تەربىيىنى  بىر مىنوتمۇ توختاتمىدىم ، بەزىدە جىلە بولۇپ ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇرۇپمۇ سالدىم . بۇ چاغدا بالىلارنىڭ ئانىسى ئارىغا كىرىپ سەۋىرچان بولۇشقا ئۈندىدى ، كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىدى ، ئاخىرى گەپنىمۇ جايلاپ قىلالمايدىغان بالا ھازىر مەخسىتىنى ئۇقتۇرالايدىغان ،  كىر –قاتلىرىنى ئۆزى يۇيۇپ ، ياتقان ئۆيىنى ئۆزى تازلايدىغان ،گەرچە مەكتەپتە ئوقيالمىسىمۇ ئىسمىنى يازالايدىغان ، پۇلنى تونۇيدىغان  مۇنداقچە ئېتقاندا بىر كىشنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپ  قورسىقىنى  بولسىمۇ باقالايدىغان ھالەتكە  يەتتى . بەزىدە  ئۇنىڭ كۈنىدىن – كۈنگە بوي تارتىۋاتقان كېلىشكەن تۇرقىغا قاراپ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ، تەڭىر بەندىللىرىنى جۈپسىز ياراتمايدىكەن ، ئۇنىڭمۇ پىشانىسگە پۈتۈلگەن  بىرەر قارا كۆز باردۇر  ، ئوغلۇممۇ ھاياتلىقتىن ئۆز نىسىۋىسىنى تېپىپ يىيىش ئۈچۈن ھالال  ئەمگەك قىلىشنى ئۈگىنىشىنىڭ بىر ئەر ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ، دادىسىنىڭ پەقەت ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھازىرقىدەك قاتتىق قوللۇق  ھەمدە رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىنى چۈشىنىپمۇ قالار ، مەن قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەممۇ ھامان ئۇنىڭدىن بالدۇر كىتىمەن . مېنىڭ قولىمدىن كىلىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭغا مۇستەقىل ياشاشنى ئۈگىتىش ، سۆزلەۋىتىپ ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە  غىل – پال ياش ئەگىدى ......
باشلانغۇچنىمۇ ئوقيالمىغان بىر ئاددى دىھقان دادىنىڭ ئاغزىدىن چىققان كىشىنى ئويغا سالىدىغان ، ۋەزىنى ئېغىر بۇ گەپلەردىن تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم .نىمە دىگەن ئۇلۇغ ئاتا ھە ! ھەممە ئاتىلار ئۇنىڭدەك سەۋىرچان ، قەيسەر ، كۈيۈمچان بولالىغان بولسا ئۆز ھاجىتىدىن ئاران چىقۋاتقان ياشانغان بوۋا – مومىلارنىڭ قولىدىكى تىرىك يىتىملار، ئاپىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي دادىنىڭ قاپىقى  ، دادىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي ئانىنىڭ مۇزدەك چىرايى ئالدىدا تەڭ قىسلىقتا ، قىلۋاتقان  پەرىشتىدەك پاك ،نارىسىدىللىرىمىزنىڭ بوينى قىسلماس ئىدىغۇ ؟ ئۇلارمۇ ئاتا – ئانىسى دەرقەمتە باققان بالىلاردەك مېھىر –مۇھاببەتكە قېنىپ ياشىماسمىدى دىگەنلەر كۆڭۈل ئىكرانىمدىن ئۆتتى . ......
«ئاتا – ئانىنىڭ مەسۇليىتى باللىرى ئۈچۈن پۇل توپلاش ، خاتىرجەم بىر ماكان بەرپا قىلىشلا  ئەمەس ، بەلكى بالىنىڭ قەلبىگە مېھىر – مۇھاببەت ئۇرۇقنى تېرىپ ، ئۇلارغا باشقىلارغا قانداق قىلىپ خوشاللىق ئېلىپ كېلىشنى بىلدۈرۈش . مەسۈليەت ، بۇرىچ تۇيغۇسىغا  ئېگە كىشلەردىن قىلىپ تەربىيىلەش .» ئارىمىزدا شۇنداقمۇ مەسۇليەتسىز ئاتىلار بار ، ئائىلنىڭ  بارلىق يۈكىنى ئانىغا يۈكلەپ قويۇپ پۇل ، ھۇقۇق ، كەيىپ – ساپا شۇنداقلا ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق شاراپ سورۇنلىرى ئۈچۈن قۇل بولۋاتقان ، شۇنداقمۇ ئالدىراش ئاتىلار بار بىر ئائىلىدە تۇرۇپ تەڭىر بەش ئەزايىنى ساق ياراتقان ، ساغلام پەرزەنىتلىرى بىلەن «بالام قانداقراق ئوقىۋاتسەن ، كەلگۈسىدە نىمە ئىشلارنى قىلاي دەيسەن ، داداڭ ياردەم قىلىدىغان قانداق ئىشلىرىڭ بار، مىنىڭ ئوغلۇم يارايدۇ ، كىرەك يوق كىيىن چوقۇم ياخشى قىلالايسەن ، ئوغول بالا مەيۈسلەنمەيدۇ ،مەن ساڭا ئىشىنىمەن ،  ئەتىراپىڭدىكىلەر بىلەن ياخشى ئۆت » دىگەندەك ئاتا يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوقچۇپ چىقىدىغان ، پەقەت ئاتىلارلا بېرەلەيدىغان بالا ئەڭ مۇھتاج ، ئەڭ تەشنا بولىدىغان ئادىل ھەمدە سەمىمى  مۇڭدىشىشلار ئۈچۈن  بىر سائەت ۋاخىتنى  قىيالمايۋاتقان . بۇ سەۋىرچان دادىغا قاراڭ ! ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاش بەدىلىگە ئون يەتتە  يىل جاپالىق جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ ،مىيىپ بالىسىنى نورمال ئادەملەردەك قىلىپ تەربيەلەپ ، ئوغلىغا بىر ئۈمۈر يەتكۈدەك گۈزەل ئىستىقبال ئاتا قىلالىغان .  سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن ،بارلىق بالىلار ئۈچۈن ، بالىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن » دىگەن  مەشھۇر سۆزى بار .قىسمەن ئاتىلار ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقىتلىق ،ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ،كىم ۋە نىمە ئۈچۈن ئالتۇندەك ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ  پۇل توپلاۋاتقانلىقىنى ، يەتمەكچى بولغان ئاداققى نىشانى بىلەن ياراملىق ، ساپالىق ئەۋلاد تەربىيەلەشنىڭ ئۆزى ۋە  ئۆزگىلەرگە ، مىللەت ۋە  دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان مەنپەئەتنى سېلىشتۇرۇپ  دەڭسەپ باققانمىدۇ ؟!
سىرىتتا گۈرجەكنىڭ سىمونىت يەرگە تەككەن غارىت – غۇرۇتلىرى ، كالا – موزاينىڭ مۆرىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ، قەلەمنى قويۇپ دىرىزىدىن سىرىتقا باقتىم ، ئاتا نىملەرنىدۇر دىمەكتە ، بالا رايىشلىق ھەم ئەستايدىللىق بىلەن يەم ئارلاشتۇرماقتا .....قەلبىمدىكى تۈگۈن يىشىلىپ ئۈچ يىلدىن بېرى  ماڭا يىقىمسىز  تەسىر بەرگەن بۇ دادىغا ھۆرمەت بىلەن تىكىلدىم ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 15:57:39

ياخشى يېزىپسىز.
ئاشۇ جاپالارغا پەقەت ئاتا-ئانا بولغۇچىلا چىدىيالايدۇ.

كېسەل تۇرۇپ ھامىلدار بولۇش ،تۇغۇش... بىخەستەلىك.
بەت: [1]
: ئاتىلىق بۇرىچ