kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:12:47

[خەتلىك فىلىم] مەخپىي گۈللۈك



فىلىم نامى: مەخپىي گۈللۈك
ئېنگىلىزچە نامى: The Secret Garden
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1993-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.3
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.7GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:37:18
رېژىسسور: Agnieszka Holland
باش روللاردا: Kate Maberly, Maggie Smith, Heydon Prowse

فىلىم ھەققىدە:
بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە كىچىك قىزچاق مارىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، شوتلاندىيەدىكى تاغىسى ئۇنىڭ ھامىيسى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالىدۇ، تاغىسىنىڭ قورۇقى ناھايىتى چوڭ ۋە سىرلىق بولۇپ، بۇ يەردىكى مەخپىي گۈللۈك مارىنىڭ قەلبىدىكى بىر چوڭ سىر ئېدى. ئەسلىدە مارىنىڭ ھاممىسى بۇ گۈللۈكتىكى ئىلەڭگۈچتە جان ئۈزگەن بولۇپ، تاغىسى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ گۈللۈكنى قۇلۇپلاپ قويغان ئېدى.
مارى تۇيۇقسىز بۇ گۈللۈكنىڭ ئاچقۇچىنى بايقاپ قالىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەخپىي گۈللۈك مارىنىڭ دائىم كېلىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ. مارى بۇ يەرگە ماڭالماس بولۇپ قېلىپ، ئۇزۇندىن بېرى سىرتقا چىقىپ باقمىغان نەۋرە ئىنىسىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، ئەسلىدىنلا بۇرۇقتۇم مۇھىتتىن چىقىپ باقمىغان نەۋرە ئىنىسى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بۆلەكچىلا ئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەخپىي گۈللۈك بالىلارنىڭ قەلبىدىكى جەننەتكە ئايلىنىدۇ...

كەسمە رەسىملەر:

http://download.kowruk.cn/thesecretgarden/01.jpg

http://download.kowruk.cn/thesecretgarden/02.jpg

http://download.kowruk.cn/thesecretgarden/03.jpg

http://download.kowruk.cn/thesecretgarden/04.jpg

http://download.kowruk.cn/thesecretgarden/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 18:14:54

بۇ ھەپتە ياخشى كىنولارنى كۆرىدىكەنمىزدە. {:112:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 18:21:48

ياخشى كىنولاردىن بەھىرلەندۈرىۋاتىسىلەر، رەھمەت.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 18:38:03

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:09:57

سىلەرنىڭ تور بىكەتتىن پەقەتلا فىلىم چۈشۈرەلمىدىم يا، چۈشۈرۈش دىگەن يەرنى باسساممۇ جىمجىت تۇرىدۇ، تور كۆرگۈچلەرنىمۇ ئالماشتۇرۇپ باقتىم، يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:16:48

bapkar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:09 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ تور بىكەتتىن پەقەتلا فىلىم چۈشۈرەلمىدىم يا،  ...

IDM نى قاچىلاپ ئاندىن چۈشۈرىمەن دېگەن يەرنى بېسىپ ئېچىلغان تور بەتتىن كىنونىڭ ئىسمىنى بېسىپ بولغۇچە idm قوزغىلىپ نەگە چۈشۈرىمەن دەپ سورايدۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:21:06

bapkar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:09 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ تور بىكەتتىن پەقەتلا فىلىم چۈشۈرەلمىدىم يا،  ...

قايسى تور كۆرگۈنى ئىشلىتىسىز؟ نەشرىچۇ؟

Beyond يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:22:18

كورىيەنىڭمىكىن دەپتىمەن ئىسمىغا قاراپ.

jasaret يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:37:41

ئىملاغا يەنىمۇ كۈچىۋەتسڭىز. خەتلىك فىلىمدە ئەڭ مۇھىمى ئىملا مەسىلىسى. ئىملا توغرا بولمىسا، ئادەم بىر ئىككى خاتالىقنى بايقاپ قالسىلا، رايى يېنىپ كېتىدۇ. تور بېتىڭىزدىكى بىرقانچە كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم، ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىركەن، ئەڭ ئاددىيسى ‹‹بىر ئەيلەن›› دەپ ئىشلىتىپسىز، توغرىسى ‹‹بىرەيلەن›› ...

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:53:36

bapkar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:09 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ تور بىكەتتىن پەقەتلا فىلىم چۈشۈرەلمىدىم يا،  ...

چۈشۈرۈپ كۆرۈش دىگەننى باسماي  ئەڭ ئاستىدىكى 迅雷快传  دىگەن خەنزۇچە خەتنى باسسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرىسى ئېچىلىدۇ، شۈنلېي قاچىلانغان بولسا نورمال چۈشۈرەلەيسىز.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 20:40:35

تور كۆرگۈچىنى كېرەمگە ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرۈپ بولدۇم، ماڭا ياردەم قىلغانلارغا كۆپ رەھمەت

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 21:52:35

ئۇزۇن جۈملە چىقىدىغان يەرلەرنىڭ ۋاقتىنى سەللا ئۇزۇن قىلىۋېتىڭلا، قىسقا جۈملە ئۇزۇن تۇرۇپ، ئۇزۇن جۈملە چىقىدىغان  يەرلىرى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمەيلا قالىدىكەن كىشى. قاتۇرۇپ قويۇپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 21:59:31

jasaret يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:37 static/image/common/back.gif
ئىملاغا يەنىمۇ كۈچىۋەتسڭىز. خەتلىك فىلىمدە ئەڭ مۇھىمى  ...

خەتلىك فىلىمدە يەنە بىر مۇھىم تۇتۇپ قىلغىنىمىز مۇشۇ ئىملانىڭ ئىشى ئېدى، يەنىمۇ تىرىشايلى.

sodigar99 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 21:59:34

ئاخىرىقى سامۇراي دەپ بىر كىنو بولىدىغان خەتلىك، قەتئى تاپالمايۋاتىمەن، بىرەرسىڭلاردە بارمۇ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 22:13:18

sodigar99 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 21:59 static/image/common/back.gif
ئاخىرىقى سامۇراي دەپ بىر كىنو بولىدىغان خەتلىك، قەتئى  ...

مەنمۇ قايتا كۆرەيمىكىن شۇ كىنونى. مۇشۇ سامورايلار توغرىسىدا، جۈملىدىن ياپونلار ئىشلىگەن كىنو بولسا تونۇشتۇرۇڭلار جىق-جىق.  مەن «ئاخىرقى ساموراي»، «كامۇيى»، «47 ساموراي» دېگەن كىنولارنى كۆرۈپ بەك قىزىقىپ قالدىم ياپوننىڭ كىنوسىغا.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 23:10:04

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:16 static/image/common/back.gif
IDM نى قاچىلاپ ئاندىن چۈشۈرىمەن دېگەن يەرنى بېسىپ ئېچى ...

بىر ئايدىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان يېرى ياماندە شۇغىنىسى ،   ھەقلىق نۇسخىسى نەچچە پۇلدۇ بۇ IDM نىڭ ؟

yasineli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 23:38:57

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 23:10 static/image/common/back.gif
بىر ئايدىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان يېرى ياماندە ...

淘宝 دا جوڭگودىكى باش ۋاكالەتچىسى بار، شۇنىڭدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. 99 يۇەن ئالغىلى بولىدۇ. مەن ھازىر تېلفۇندا چىقىپ قالدىم ئەتە ئادرىسىنى يوللاپ بېرەي.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 23:39:18

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 21:52 static/image/common/back.gif
ئۇزۇن جۈملە چىقىدىغان يەرلەرنىڭ ۋاقتىنى سەللا ئۇزۇن ق ...

بەك ئۇزۇن چىقىدىغان جۈمىلىلەرنى ئۇچراتساق، مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئۇزۇنلىقىغا ئاساسەن، ۋاقتىنى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى جۈمىلىلەر بىلەن تېپىشىپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە تەڭشەپ مېڭىۋاتىمىز، ئەمما كەينى كەينىدىن دىئالوگ چىقىدىغان جايلاردىكى بەزى جۈمىلىلەرنىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتىنى ئۇزارتساق، كېيىنكى جۈمىلە بىلەن تېپىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن، بۇ ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلايلى.:)

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 23:59:21

jasaret يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:37 static/image/common/back.gif
ئىملاغا يەنىمۇ كۈچىۋەتسڭىز. خەتلىك فىلىمدە ئەڭ مۇھىمى  ...

ئاندىن، ھەر بىر فىلىمدە 1000 ئەتراپىدا جۈمىلە بولغاچقا، كورېكتورلۇق دېتاللىرى ئىشلىتىپ ئوڭشايدىغان گەپ، سىز كۆرسەتكەندەك بەزى سۆزلەر، تەجىمە جەريانىدا ئاشۇنداق يېزىلىپ قالسا، كورېكتورلۇق دېتاللىرىمۇ بايقاپ بولالمايدىكەن (بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىمىز Uyghur Edit)، بەزى سۆزلەرنى ھەر قېتىم كورېكتورلۇقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئايرىم ئىزدەپ تەكشۈرۈپ باقىمەن، مۇشۇ جەرىيانىدا بايقالمىغان ئىملا خاتالىقى بولسا، تاساددىبىي بايقاپ قالمىساق، ئاسانلىقچە بايقاپ بولغىلى بولمايدىكەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 00:11:36

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 22:13 static/image/common/back.gif
مەنمۇ قايتا كۆرەيمىكىن شۇ كىنونى. مۇشۇ سامورايلار توغ ...

ئامرىكىنىڭ ئاخىرقى ساموروي ياپونىيەنىڭ تىپىك چىكىنمەس ئوبرازىنى تولۇق ئىپادىلەپتۇ قول قويدۇم.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] مەخپىي گۈللۈك