kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:00:57

دىئالوگ: مەن ئىشەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 15:02  

ئا: - نەگە ماڭدىڭ
ب - ئۆيگە قايتىشىم
ئا - جىلىل  سالجىنى كۆردۈڭمۇ
ب - ياق ، ئۇنىڭدا نىمە ئىشىڭ بار؟
ئا - ھە باشقا ئىشمۇ يوق ، ئاخشام نەبى توخۇناق ، ئىمىن كاسكى ، سادىق بۇراغلار بىلەن ئويناپتىكەن ، جىلىل سالجى پايپىقىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىنى ئۇتتۇرۋېتىپ  نەبى توخۇناقتىن‹‹ھېلى ئۆيگە بېرىپلا ئەپ بىرىمەن ›› 3000 يۈەن قەز ئاپتۇدەك شۇنىمۇ ئۇتتۇرۋېتىپ،پۇلنى ئېلىپ بەرگىلى توخۇناقنى ئۆيىگە ئەكىلىپتۇ
ب - توخۇناقتىن پۇل ئالغان كىشى ۋاقتىدا قايتۇرماي ئامالى يوق ، ئۇ دىگەن يېزىمزنىڭ ئەڭ ئەسكى چوشقىسى
ئا - جىم تۇرە ، دەۋالاي، شۇنداق قىلىپ جىلىل سالجى توخۇناقنى ھويلىسىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ پۇل ئالغىلى كىرىپ كىتىپتۇ ، جىلىل تازا پۇل ساناۋاتقاندا كاللىسىغا بىر نەرسە قاتتىق تىگىپتۇ كىيىن ھوشىنى تاپسا خوتۇنى بېشىغا نوغۇچنى چېنەپ تۇرغۇدەك.
ب - ھا ھا ھا. .  قىززق ئىشلار ھە ، ئاخىرىچۇ؟ بۇ سەت چوشقىلارنىڭ
ئا - توخۇناقنى بىلىسەنغۇ ، ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان كىشى يوقتى ، نوغۇچتىن ئۇمۇ تېتىپتۇ ، قەرز پۇلنى ئالماس بولۇپ كىتىپتۇ
ب - ھەي مۇشۇ جىلىلنىزە ، چوچقىنىڭ ئۆزى.
ئا - قانداق دەيسەن ؟
ب - ئىشلەيدۇ ، تاپىدۇ قىمار ئويناپ چاچىدۇ ھېچقانداق ئارزۇسى يوق، شۇ ئاچ ‹‹قالمىسام مەيلى بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ھىساب›› دەپلا يۈرىيدۇ ، چوشقىمۇ: ‹‹ھامىنى ئۆلگەندىن كىيىن تازا يەۋېلىپ ئۆلمەيمەنمۇ›› دەيدىغۇ
ئا - ئۇ دىگىنىڭمۇ راست .
ب - ئاۋۇ ئىمىن كاسكى ئىتقىلا ئوخشايدىغان بىر نىمە ، داۋام نەبى توخۇناقنىڭ كەينىدە يۈرىيدۇ، كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدۇ
ئا - . . . .
ب - سادىق بۇراغ دىگەن بىر ئادەم بولدى ئىشقىلىپ ، بۇراغ دىگەن لەقەمنى كىم قويغىنىنى بىلگەن بولسام بىر قوي سويۇپ بىرەتتىم
ئۆيىگە كىرگىلى بولمايدۇ ، كىرسەڭلا ‹‹پاچاق شورپىسى ›› ھىدلاپ چىقىسەن ، بۇرنۇڭنىڭ تۈكى كۆيىدۇ دىگىنە ، ئىقرار قىلمىغان جىنايەتچىنى شۇنىڭغا ئاپىرىپ بەرسە  بەش مىنۇتتا  ئىقرار قىلمىسا مانا مەن ...
ئا- ۋايجان ...
ب - نەبى توخۇناققا كەلسەك.  . .
ئا - توختىغىنا ، ئەتىدىن ئۇلارنى چوشقا ، ئىت پاچاق دەپ تىللاپ سۆكىۋەردىڭ ، ئۇنداقتا سەن نىمە؟
ب - . . .
ئا- گەپ قىلمايسەنغۇ ؟
ب _ مەن ئىشەك.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:11:40

بۇمۇ ئەسەر ئوخشىمامدۇ ياكى لەپەرمۇبۇ ئەجەپ ژانىرىنى بىلەلمىدىما .

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:10:28

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 15:11 static/image/common/back.gif
بۇمۇ ئەسەر ئوخشىمامدۇ ياكى لەپەرمۇبۇ ئەجەپ ژانىرىنى ب ...

قولىڭىزدىكىنى تاشلىسڭىز بىلەلەيسىز.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:37:51

ھايۋاناتلار دۇنياسى دەپ بىر پىراگىرامما بولىدىغان، ئۇزۇن بوپتىكەن كۆرمىگىلى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:56:32

دىئالوگ ئىكەن ، بۇنى قىسقا سەھنە ئەسىرى ياكى يۇمۇر قىلىپ سىنغا ئالسا قاملىشىدۇ .....

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 18:06:27

ھاۋانى تۇمان باستى ، ئىزدىنىشنى ئەخلەت …

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 18:32:56

gepnoz يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 18:06 static/image/common/back.gif
ھاۋانى تۇمان باستى ، ئىزدىنىشنى ئەخلەت …

ئۇنداق دىمەڭ خاپا بولايدۇ ..................... :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 19:38:38

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 20:24:17

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 19:38 static/image/common/back.gif
شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىمەن . دەسلەپ ئى ...

باشقىغچىكەن.

12345 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 09:40:47

gepnoz يوللىغان ۋاقتى  2014-09-19 18:06:27 static/image/common/back.gif
ھاۋانى تۇمان باستى ، ئىزدىنىشنى ئەخلەت …
گۇھەرلىرىڭىزدىن بىر ئاز يوللىمامسىز مانداق ! گېپنوز توغرلۇق…؟
بەت: [1]
: دىئالوگ: مەن ئىشەك