zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 12:32:08

بۈگۈن سېتىلىدىغان كونا كىتابلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-19 12:33

سېتىلىدىغان كونا كىتابلارنىڭ تىزىملىكى

ئىسمى: كاپىتان گرانتىنىڭ پەرزەنتلىرى (3 قىسىم)
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: ژىيۇل ۋېرن
تەرجىمان: ئازات مىرقاسىم
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 2-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 200.00 يۈەن

ئىسمى: ئون بەش ياشلىق كاپىتان
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: ژىيۇل ۋېرن
تەرجىمان: پەيزۇللا ئېكرام
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1986-يىل 8-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 100.00 يۈەن

ئىسمى: نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى (3 قىسىم)
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: سېلما لاگەلوف (شېۋىتسىيەلىك)
تەرجىمان: ماخمۇتجان ئىسلام قاتارلىقلار
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1985-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 180.00 يۈەن

ئىسمى: تىرىلىش (2 قىسىم)
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: ل.تولىستوي
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1985-يىل 10-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 150.00 يۈەن

ئىسمى: بوران بالىلىرى
ژانېرى: رومان
ئاپتورى: نىكولاي ئوستروۋىسكىي
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 9-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئىسمى: ئوغۇزنامە-قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى
ژانېرى: داستان
تەييارلىغۇچىلار: گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1980-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 130.00 يۈەن

ئىسمى: تەجەللى-مۇجەللى
ئاپتورى: تەجەللى
تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 6-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 120.00 يۈەن

ئىسمى: ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
ئاپتورى: ئۆمەر ھەييام
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەد ئېركى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1981-يىل 3-ئاي 1-نەشرى 1997-يىلى 2-باسمىسى
باھاسى: 100.00 يۈەن

ئىسمى: يەتتە قىزلىرىم
ژانېرى: تارىخىي داستان
ئاپتورى: ئىبراھىم قۇربان
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 5-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئىسمى: مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام
ژانېرى: لىرىك داستان
ئاپتورى: خىرقىتى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 70.00 يۈەن

ئىسمى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى
ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ
تەييارلىغۇچى: ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 10-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 80.00 يۈەن

ئىسمى: شىنجاڭ تۈرمىلىرىدىكى كۈرەشتىن ئەسلىمە
ژانېرى: تارىخىي ئەسەر
ئاپتورى: فاڭ جىژمىن
تەرجىمانلار: داۋۇت غازى، مەھەممەت ئەمەت
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
باھاسى: 100.00 يۈەن

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
كيۇ كيۇ: 453461638

BUG يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 14:02:03

ساتماي دىسەم ئامال يوق ، كىتاب ساتىمەن ،
يا ساتقىدەك نەخ مال يوق ، كىتاب ساتىمەن .
ساتماي دىسەم كىتاپنى ، ساتارمەن نىمە ؟
ئۇندىن باشقا ئەھۋال يوق ، كىتاب ساتىمەن .
باللىرىمنى بېقىشقا ، جاننى ساقلاشقا ،
كىتاب ساتسام نىمە قورق، كىتاب ساتىمەن .
ئۇن-ياغ ئۆستى ، ماي ئۆستى ، مائاش ئۆسمىدى ،
ئۇن ئالغىلى بىر پۇل يوق ،كىتاب ساتىمەن .
كىتاب ئەسلى جاندىنمۇ ئەزىز ئىدىغۇ ؟
ئەزىز جاننى باقالماي غەمدە ياتىمەن .
كىتاب ساتماي ساتسام ئەگەر ۋىجدان غورۇرنى ،
كىتاب سېتىپ يۈرگەندىن كۆپ پۇل تاپىمەن .
قىلسام ھوقۇق ، ئىپپەت-نۇمۇس، ۋەتەن سودىسى ،
تاڭلا مەھشەر قانداق مەخلۇق سۆرەت قۇپىمەن .
ئەگەرساتسام بالىلارنى ، قىز-ئاياللارنى ،
ئۇچاغ بەلىكم ئىناۋەتلىك بايلار تۇپىمەن .
**************************
**************************
قان ساتايمۇ ؟ ئاق ساتايمۇ ؟ ئىمان ساتايمۇ ؟
ياكى جاندىن كېچەمدىمەن ؟؟؟ قانداق قىلىمەن !!!؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 14:50:46

مۇشۇ كىتاپلارنى مۇشۇنداق مۇنبەرگە چىقىرىپ ساتىدىغان ئىشمۇ بەك ياخشى ئىشكەن ، لازىملىق بولسا ئاسان تاپالايدىكەنمىز ...

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 14:57:44

مۇنبەردە كىتاپ ساتىدىغانلارنىڭ تىمىسىنىئۆي ئاقتۇرۇپ كىتاپ يىغىدىغانلار كۆرمىسە بولاتتى،بولمىسا كىتاپ پۇرۇشلار جىقلاپ كېتىدۇ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:17:51

مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ ‹قوش مەسچىت›دىگەن پوۋسېت ھىكايىلەر توپلىمى بولسا ئالاتتىم.مەندە باتتى بىرسىگە ئۇقۇۋالغىلى بەرسەم يۇقىتىپ قويغانمىش.:(

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:40:45

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:17 static/image/common/back.gif
مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ ‹قوش مەسچىت›دىگەن پوۋسېت ھىكاي ...

ياخشىراق كىتابلارنى ئارىيەت ئالغانلار چوقۇم «يوقىتىپ» قويىدۇ. چىڭراق تۇتۇڭ، چوقۇم تېپىپ بېرىدۇ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:42:43

تىببى كىتاپتىن بىزنىڭ ئوزوقلىقىمىز دىگەن كىتاپنى تاپقىنى بولارمۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:43:58

attir يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:42 static/image/common/back.gif
تىببى كىتاپتىن بىزنىڭ ئوزوقلىقىمىز دىگەن كىتاپنى تاپق ...

سىز دېگەن بۇ كىتاب قاچان، قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتاب بولغىيتتى؟
ئاپتورى ياكى تۈزگۈچىسى كىم؟
شۇنى بىلسىڭىز ئىزدەپ باقسام بولىدۇ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:47:24

zemindar يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:43 static/image/common/back.gif
سىز دېگەن بۇ كىتاب قاچان، قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نە ...

بەك كونا كىتاپ ئىكەن رەسىمسىز ھەم رەڭسىز باسما كىتاپ ئۆزى بەك توم ئەمەس ئىلىپبە چىىلىك كىلىدۇ.
ئالدى ئارقا مۇقاۋىسى يىرتىلىپ كەتكەن ئىكەن شۇڭا بىلەلمىدىم 80يىللارنىڭ كىتابى ئوخشايدۇ.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:50:36

كىتاب ئىسمىغا قاراپ بىر ئىزدەپ باقاي. سەيشەنبە چۈشتىن كېيىن بار-يوقلۇقىغا جاۋاب بېرىمەن!

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 15:53:45

zemindar يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:40 static/image/common/back.gif
ياخشىراق كىتابلارنى ئارىيەت ئالغانلار چوقۇم «يوقىتى ...

مەندە بار دىگەن سادا كىلەرمىكىن دەپتىم سىلىدىن.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:01:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-19 17:26

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:53 static/image/common/back.gif
مەندە بار دىگەن سادا كىلەرمىكىن دەپتىم سىلىدىن.
مەندە بولغان بولسا بۇ تىزىملىككە قوشۇپ قوياتتىم!

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:02:24

zemindar يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 15:43 static/image/common/back.gif
سىز دېگەن بۇ كىتاب قاچان، قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نە ...

نېئمەتۇللاھ ئۇبەيدۇللا تۈزگەن.

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:21:28

ئۆلىۋېلىش سەنئىتى ،قىيادىكى ئوچىنىڭ زارى ،دىگەن كىتاپلار باما

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:54:05

bibaris يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 16:21 static/image/common/back.gif
ئۆلىۋېلىش سەنئىتى ،قىيادىكى ئوچىنىڭ زارى ،دىگەن كىتاپ ...

قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى ، چىڭغىز ئايتماتۇۋ ئەسەرلىرى توپلىمى ئىچىدە بار ، بۇكىتاپ 2012 - يىلى نەشىر قىلىندى ، كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بۇلىدۇ ...

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:18:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   upukjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-19 17:23

36 تەدبىر دەپ بىر يۈرۈش كىتاپ نەشىر قىلىنغان شۇكىتاپلارنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:23:14

upukjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 17:18 static/image/common/back.gif
كاپىتان گېرانتىنىڭ پەرزەنتىلىرى بىلەن ئون بەش ياشلىق...

مەن سىزگە «ئون بەش ياشلىق كاپىتان»دىن بىر نۇسخا بەرگەنغۇ؟

كىتابلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلمەيدۇ، ئېلىپ قوياي دېسىڭىز چىقىرىلغان باھاغا بېرىمەن!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:24:40

bibaris يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 16:21 static/image/common/back.gif
ئۆلىۋېلىش سەنئىتى ،قىيادىكى ئوچىنىڭ زارى ،دىگەن كىتاپ ...
بۇ كىتابلارنى ھازىرچە تاپالمايمەن!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:25:10

upukjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 17:18 static/image/common/back.gif
36 تەدبىر دەپ بىر يۈرۈش كىتاپ نەشىر قىلىنغان شۇكىتاپلار ...
بۇ كىتابلارنى ھازىرچە تاپالمايمەن!

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 17:51:18

خاۋسورۇننىڭ«قىزىل خەت»بىلەن دوستويىۋىسىكىنىڭ«جىنايەت ۋە جازا» كىمىدە بار ؟مەن سېتىۋالىمەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: بۈگۈن سېتىلىدىغان كونا كىتابلار