waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 21:11:11

شىنجاڭ گۇاڭخۈي جوردان كىراۋفورت بىلەن رەسمىي توختاملاشتى

   

  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ18-سىنتەبىر  خەۋىرى؛   شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى NBA بىرلەشمىسىدىكى قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ سابىق ئارقا بىكى جوردان كىراۋفورت بىلەن بىر يىللىق توختاملىشىپ، يىڭى پەسىلدىكى كىچىك چەتئەللىك ئەزاسىنى رەسمىي بىكىتتى.
  جوردان كىراۋفورت، بوي ئىگىزلىكى 1 مىتىر 93 سانتىمىتىر، 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامرىكانىڭ مىچىگان شىتاتى دېترويتدا تۇغۇلغان، نۇمۇر ئالغۇچى ۋە توپ كونتۇرۇل قىلغۇچى ئارقا بىك، ئالدىنقى پەسىلدە NBA قەھرىمانلار كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 8.4 نۇمۇر ۋە 1.4 ياردەمچى پاس بەرگەن.
جوردان كىراۋفورت NBA بىرلەشمىسىدە تۆت پەسىل توپ ئوينىغان، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ سار كوماندىسى، تالانتىلىقلار كوماندىسى، كەرت ئادىمى كوماندىسى، قەھرىمانلار كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، كەسپىي ھاياتىدا ئوتتۇرچە 12.2 نۇمۇر، 2.6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان، 1.4 ياردەمچى پاس بەرگەن.  ھۇجۇم قىلىش كۈچى كارامەت ياخشى ماھىر ھىساپلىنىدۇ.
  2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەھرىمانلار كوماندىسى  جوردان كىراۋفورت بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىگى ئۈچۇن ئۇ پۇتۇنلەي ئەركىن توپچىغا ئايلانغان.
نۆۋەتتە جوردان كىراۋفورت ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ كوماندىغا قۇشۇلغان، ئىككى تەرەپ توختاملىشىپ بولغان، بىراق شىنجاڭ كوماندىسى تىخى جوردان كىراۋفورتنى ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتنگە تىزىلاتمىغان، شۇنىڭدەك  كوماندا چوڭ چەتئەللىك ئەزا نامزاتىنى تىخى بىكىتمىگەن.
  شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ باش لىدىرى گوجىئەن بۇ خەۋەرنىڭ راسلىقىنى دەلىلىگەن. ئۇ بۇ تۇغرىسىدا ئىپادە بىلدۇرۇپ؛ جوردان كىراۋفورت كوماندىنىڭ ھازىرقى سەپلىنىش ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا تىخىمۇ ماس كىلىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.
   خۇدىسوندىن ۋاز كىچىپ، جوردان كىراۋفورتنى تاللىغانلىقى خۇسۇسىدا گوجىئەن ئىپادە بىلدۇرۇپ؛ « ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىز خۇدىسون بىلەن داۋاملىق توختاملىشىنى ئوتتۇرغا قويغان، كىيىن كىڭىشىش جەريانىدا ئۇ ناھايىتى كۆپ شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۇن توختامنى ئىزچىل ئىمزالىيالمىدۇق، كىيىن بىز جوردان كىراۋفورت بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇق، سۆھبەتمۇ ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق بولدى، يەنە بىر سەۋەپ بۇ يىل كوماندا ئەزالىرىنىڭ سەپلىنىشىدە ئۆزگۈرۇش بولدى، لىيۇ ۋىي، ساۋ فىي كوماندىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن تەشكىللىگۈچى بىك ئورنى تۇلۇقلاندى، ئورۇننى ئويلاشقاندا جوردان كىراۋفورت كوماندىغا تىخىمۇ ماس كىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق تاللاش ئىلىپ باردۇق ».
ئىگەللىشىمىزچە شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى جوردان كىراۋفورت توختاملاشقاندىن كىيىنكى نوقتىلىق پىلانى چوڭ چەتئەللىك ئەزا بىلەن توختاملىش بۇلۇپ، كۇلۇپ نۇرغۇن چەتئەللىك توپچىلارنى تەكشۇرگەن، نۆۋەتتە 3-4 نامزات بار بۇلۇپ پات يىقىندا نەتىجىسى چىقىدىكەن. ئالدىقى پەسىلدىكى چەتئەللىك ئەزا سىڭگىردۇن بىلەن داۋاملىق توختاملىشىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك ئىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 09:51:20

شىنجاڭ پۇتبۇلىدىنمۇ مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى  ئاڭلاپ تۇرغان بولساق-ھە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 10:41:28

ئارقا-ئارقىدىن 3 يىل 2-بولۇپ بۇرنىغا بەك يەپ كەتتى. خودىسونمو بولىتى. بىراق ماۋۇ بالىنىڭ ئامېرىكىدا توپ ئويناش تارىخى خىلى ياخشى ئىكەن. بىراق شاش داگازىدىن بىرنى ئەكەلسە بولاتتى. ياڭ جىنمىن دېگەن بالىمۇ خىلى بولىتى، ئۇنىمۇ كەتتى دەپ ئاڭلىدۇق. جاڭ چىڭپىڭ دېگەن يولداش تۈگۈشەپتۇ. شاڭخەيلىك قېرى لىيۇ ۋېينى سېتىۋاپتۇدە. ئۇنداق بولسا شىرئەلىجان نومۇر ئالغۇچى بىك ۋەزىپىسىنى كۆپرەك ئۆتەيدىغان ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ 3 نومۇرلۇق...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 10:41:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-19 10:43  

يېڭى پەسىللىك بىرلەشمىنى قاچان باشلايدىكەن؟.  ھەتتا ئاناممۇ «ۋاي شىر بالام» دەپ خېلى كۆرەپ قوياتتى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 16:22:21

مېنىڭچە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىرىنچى بولاممايدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى 2010-يىلى بىرىنچى بوپ بولغان.{:87:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 22:10:17

بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۈي جوردان كىراۋفورت بىلەن رەسمىي توختاملاشتى