attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:03:13

مۇردا فىلىمى بىلەن قانخور ئالۋاستى فىلىمىغا قانداق قارايسىلەر؟

مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم ،چەت ئەلىكلەرنىڭ موردا فىلىمى بىلەن قان ئىچەر مەخلۇق (ئادەم)فىلىمى كۇنسىرى سەرخللىشىپ ۋە داڭقى چىقىۋاتىدۇ.ئۇ فىلىمدە ئاساسلىقى مۇردا ۋە قان ئىچەر ئادەم مەخلۇقلار ساق ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ خىلىغا ئەكىرىپ قويىدۇ.شۇ خىلدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرگەن ئاساستا ئىشلىنىدۇ.
ھالبۇكى ئۇلار چوقۇم مۇردىلار ۋە قان ئىچەر ئالۋاستى بىر كۇنى كىلدىغانلىقىغا ئېشىنىدۇ.شۇ توغرۇلۇق ئۇلار ھەرخىل قوغدىنىش ماترىياللىرىمۇ ياساپ چىقتى تىپىك ۋەكىلى مۇردىدىن قوغدىنىش ئەتىرى،بۇ ئەتىرنى ساق ئادەملەر چېچىۋالغان ۋاقىتتا مۇردا ئۇنىڭ مۇردا ياكى ئادەمزات ئىكەنلىكنى زىسەلمەيدۇۋە ھۇجۇم قىلمايدۇ.ئىشقىلىپ ئاخىرزامان بولسا ھەممە ياتقان مۇردىلار گۆردىن چىقىپ يەرشارى ئادەملىرىنى ۋەيران قىلدىغانلىقىغا ئىشنىدۇ،
ئەمما بىزنىڭ دىنىمىز كىتاپلىرىمىزدا بۇنىڭغا ئائىت مەزمۇن يوق مەنمۇ قەتتىيلا ئىشەنمەيمەن ھەم ياختۇرمايمەن.
مەسىلە بۇ تۇردىكى فىلىملار كىينكى ئەۋلاتلارنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كىرىپ مۇشۇنداق تەشۋىش بولۇپ قالارمۇ،ھىچقانداق ئەملىيلىكى يوق ئەپسانى فىلىملەر مىنىڭچە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ.
قالغىنى تورداشلار ئۆزى نىمە دەپ ئويلايدۇ بىلمىدىم ،

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:11:10

كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ پۇل تېپىش دەپلا چۈشىنىمەنغۇ مەن.
بۇنداق كىنولارنىڭ ۋەقەلىكى جىددىي كېلىدۇ، شۇڭا ئادەم ئىچىگە كىرىپ كېتىپ راستلا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ.
ما مارسلىقلارنىڭ يە رشارىغا ھۇجۇم قىلىشى دېگەن كىنونى بالام بىر قېتىم كۆرۈپ قاپتىكەن، ئۇدا يانماي 5-6 قېتىم كۆرۈپ مارسىلقلار قاچان كېلىدۇ يەرشارىغا ئاشتا قىلىۋېتەمدۇ ئۇ بۇ دەپ كاللامنى يەپ بوپ ئاستا يۇيۇۋەتتىم شۇ كىنونى. ھازىر ئۇ خىلدىكى كىنولارنى كومپيۇتېرغا قويمايمەن. بولمىسا ئىزدەپ قېزىپ تېپىپ كۆرىدىغان بولۇۋالدى.
شۇڭا ئاشتا كىنولارنى ئاز كۆرگۈلۈك جۇمۇ. بەك كۆرگىمىز كەپ كەتسە يالغۇز كۆرسەك بولغۇدەك:lol

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:15:33

كىنۇ كۇرگىلى ۋاقتىڭلا باركەن ھە باللا  

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:46:22

شەخسەن مەن بۇ خىل فىلىملەردىكى جىددىيلىك بىلەن ۋەھىمەنى ياخشى كۆرىمەن ،مېنىڭچە  بۇ خىل ئەپسانىلەرنىڭ  دىن بىلەن بىۋاستە باغلىنشىلىقى يوق  ،« قان شورىغۇچ» ھەققىدىكى  ئەپسانلەرنىڭ مەنبەسىنى  ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا تارقالغان  غالجىر ئىت ۋاباسىنىڭ ئەپسانىلەشتۈرۈشى دېگەن قاراشنى توغرا كۆرىمەن ،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ خىل فىلىملەر بارغانچە مۇكەممەللىشىپ بۇرۇنقى قان شورىغۇچلارنى ھېسياتىسز ئالۋاستى قىياپتىدىن نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا ئالاھىدە ئىقتىدارى بار، ئادەمخور ، ئادەمخور بولمىغان  ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ھالەتتە فانتازىيە، ئەپسانە تۈسىگە باي نۇرغۇن ئېسل فىلىملەر توختىماي  بارلىققا كېلىۋاتىدۇ  ، بۇرۇنقى ئايرىم -ئايرىم بولغان ئەپسانىۋى ئوبرازلارىن «بۆرە ئادەم » مۇ «قان شورىغۇچ» لار بىلەن بىر يەرگە ئېلىپ كېلىندى ، كېينچە يەنە بىر  ئەپسانە « گۈزەل ئادەم بېلىق» لارنىڭ بۇ سەپكە قاتنىشىپ قېلىش ئېتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس، مۇشۇ فىلىملەردىكى تەسەۋۇر ئىقتىدارىمۇ ئادەمنى زوقلاندۇرغۇچى بىر ئامىل ......، «مۇردىلار» فىلىملىرىنىڭ دىن بىلەن تېخىمۇ باغلىنىشلىقى يوق ،خاتالاشمىسام  ئەڭ دەسلەپكى «مۇردىلار» «بىئو -خىمىيە كىرىزىسى » دېگەن فىلىمدە پەيدا بولغانغۇ دەيمەن  ، «مۇردىلار» ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئادەملەر.لېكىن بۇ خىل مەزمۇندىكى فىلىملەر بازارلىق بولغاچ ئۇششاق -چۈششەك ئارتىسلار ئىشلىگەن ئەخلەت فىلىملەرمۇ خېلى  كۆپكەن، ياخشىسىنى ھازىرچە رول ئالغۇچىلار بىلەن كىنوغا بېرىلىگەن باھا بويىچە ئايرىپ تۇرۇپ كۆرىۋاتىمەن ،
بولسا مۇشۇ تىپتىكى ياخىشراق كىنولار بولسا تونۇشتۇرۇپ قويۇڭلار:lol
مەن كۆرۈپ بولغانلىرى
夜访吸血鬼, 暮光之城, 刀锋战士,黑夜传说,世界僵尸大战,生化危机, 惊变28天, 我是传奇,

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:52:17

توغرا دېدىڭىز كىچىك بالىلار سەبىي بولغاچقا قەتتىيلا ئىشنىپ قالىدىكەن .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:01:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 18:14  

بىزدە ئېسىل كىتابلار يىللاپ ئوقۇلماي توپا بېسىپ كېتىدىغان، ئەمما «ۋاقىت ئوغرىسى » كىنولار تەكرار تەكرار كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بوپ قالغىلى خېلى بولدى. شۇڭىمۇ ئىلمىي تور بەتلەردىنمۇ بەكىرەك كىنو-فىلىم تور بەتلىرىنىڭ ئاۋاتلىقى ئالاھىدە يۇقرى. مەزكۇر تېمىدىكى تىلغا ئېلىنغاندەك كىنولارنىڭ خەتىرى باشقىسىدىن تېخىمۇ چوڭ. رىئاللىقتا ئەزەلدىن بوپ باقمىغان ھەم بولۇشى مۈمكىنمۇ بولمايدىغان غەلىتە «ۋەقەلىك»لەر مەزمۇن قىلىنغان كىنولارنى كۆرۈشكە ۋاقىت سەرىپ قىلغىنىمىز- ساختىپەزلىكنى قوللاپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز بۇنداق ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ۋە ساختىپەزلىكنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ئۈممەت ئىدۇق، بەكمۇ ئەپسۇس، بىر قىسىملىرىمىز بۇ ۋاقىتخور«يالماۋۇز»نى ئۆيىمىزنىڭ تۆرىگە باشلاپتۇق ئەمەسمۇ...
      

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:14:57

كىنو كۆرۇش جەريانىدا نۇرغۇن تەربىيۋى ئەھمىيىتى زور فىلىملەرنى ئۇچراتتىم ھەم ماڭا تەجرىبى ساۋاق بولدى تۇرمۇشنىڭ تىخىمۇ گۇزەل ئىكەنلىكنى ھەق ناھەقنى ئايرىشنى ئۇگەندىم ،بەزى فىلىملەردە كۇندۇزدىكى ئاشۇ پارلاپ تۇرغان قوياشنىڭ ئوتتەك ھارارىتىنى قەدىرلەشنى تەشۋىق قىلىپتۇ شۇنىڭدىن كىيىن تورغا كىچە تۇنەپ چىقمايدىغان بولدۇم .
يەنە بىر فىلىمدە ناھەقچىلىق ئالدىدا كۆز يۇمۇپ تۇرۋالماسلىقنى بىر كۇنلەردە شۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقنى تەسۋىرلەپتۇ ،يەنە بىر فىلىمدە پىچاقنى ئاۋال ئۆزۇڭگە سال ئاغرىمىسا خەخكە دىگەن مەزمۇندا شۇنداق تەسىرلىك ۋەقەلىك قىلىپ ئىشلەپتۇ.ھەر قانداق ئادەمگە بىر ساۋاق بولغۇدەك ،،..ئىشقىلىپ بىر كىنو بىر دۇنيا
يەنە بەزى فىلىملار باركى كۆرسە ئادەم ئۇزاقىچە خامۇش بولۇپ قالدىغان كۆڭلى ئېلىشىپ تاماقتىن قالدىغان ئىشقىلىپ ئادەم زەھەرلەيدىغان فىلىملارمۇ ئاز ئەمەس..

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:22:20

مەن كىچىكىمدىن باشلاپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ، دىۋە قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك چۆچەكلەرنى ئوقۇپ ، غەرىپكە ساياھەتنى كۆرۈپ چوڭ بولغان . ھەجەپمۇ زىينىنى ھىس قىلماپتىمەن دىسە . مەن كىچىكىمدىلا ئىشەنمەي كۆرەتتىم ، سىلەرنىڭ بالاڭلار نىمىشقىمۇ ئىشىنىپ قالغاندۇ؟

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:30:01

كىچىك چېغىمدا مۇنداق غاجايدىغان، چىشلەيدىغان كىنولارنى بەك كۈرەتتىم، ھازىر كۆرمەسلا بولدۇمغۇ.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:40:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 18:42  

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:22 static/image/common/back.gif
مەن كىچىكىمدىن باشلاپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ، دىۋە قات ...

باشلانغۇچتا مىڭ بىر كېچە دە «سىندىباتنىڭ دېڭىز سەپىرى » ھەققىدىكى كۆپ قىسىملىق قىسسەلەرنى ئوقىغىنىم ئېسىمدە  ، شۇنىڭدا رودىپاي ، دىۋە، ئادەمخور ئەجدىرھا قاتارلىق مەخلۇقاتلار سۆزلىنەتتى ، لېكىن مىڭ بىر كېچە نىڭ ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلغان قىسىملىرىدىن « ئەلى بابا بىلەن قىرىق قاراقچى » دىن باشقىسى يارىمىدى ، ماڭا شەرق  ئەپسانىلىرى  ياۋورپا ئەللىرىگە قارىغاندا كۆپ ھەم رەاڭداردەك بىلىنىدۇ ، لېكىن تازا تونۇلۇپ بولالمىدى ، جوڭگۇنىڭ «لىياۋجەي رىۋايەتلىرى » مۇ شىياڭگاڭ كىنوچىلىقى ئارقىلىق تونۇلغان ،ۋۇچېڭئېننىڭ  «غەربكە ساياھەت »رومانىنى تونۇتقانمۇ دەل بىزگە تونۇشلۇق «غەربكە ساياھەت » فىلىمى .
چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ ،
كاپ كۈچۈكى ئىشكتە بارمۇ ؟
،،،،،،،،،،،،،،،،،،،مۇشۇلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى ،كېينچە ئۇنتۇلۇپمۇ كېتەرمۇ ....

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:48:40

«خاررېىي پوتىر » بىلەن « گۇگۇمدىكى شەھەر » ئاپتورلىرىمۇ ئاياللاركەن ، «گۇگۇمدىكى شەھەر» نىڭ ئاپتورىنىڭ كېينكى پىلانى « گۈزەل ئادەم بېلىق » ھەققىدىكى مەزمۇن ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قىزىقىپ قالغان ئىدىم  ، شۇلاردىكى تەسەۋۇرغا مەن بەك قايىل ، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى تەسەۋۇردىن ئايرىلالمايدۇ .بۈگۈن بىر ھەجۋىي رەسىمدە ماتىماتىكا نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان تىرىشىچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جوڭگۇ شاڭخەيلىك ئىكەنلىكى ، ماتىماتىكا ئىمتىھان نەتىجسى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامىرىكىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم ، رەسىم كەينىگە قوشۇپ دۆلىتىمىزدىن كىتاب خالتىسى چىقىدۇ ، كەشپىياتچى چىقمايدۇ دەپ قاقشاپ قويۇپتۇ :lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:54:02

تۈركىيەنىڭ ياخشى كىنولىرى
  مۇشۇلاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:57:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 18:58  

ئەنۋەر جۇلا بىر ساياھەت خاتىرىسىگە مۇنداق يېزىپتىكەن، ئوقۇپ بېقىڭلار:
قىمار توغرىلىق باشلانغان ئوي يەنە خىيالنىڭ ئىرماش- چىرماش كارىدورىغا كىرىپ قالدى. خىيال دېگەن شۇنداق نەرسە، خىيال قىلىۋېتىپ مەلۇم بىر سەزگۈر سۆزگە يولوقۇپ قالغاندا خىيالدىكى مەلۇم بىر ۋەقەلىك ياكى ئوي شۇ سەزگۈر سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا ۋەقەلىك بىلەن ئويغا كۆچىدۇ. ئاۋۇ دوستۇمنىڭ ئۆلىمىنى ئەسلەپ قېلىۋېدىم، ئۇنىڭدىكى «ئۆلۈم» دېگەن سەزگۈر سۆز ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن كارتىنىلارنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەپچى بولدى. ئۆلۈم پەتىسىدىكى كارتىنىلار، قاتناش ۋەقەسىدە بېشى ماكچىيىپ، مېڭە قېتىقى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن نامەلۇم جەسەت، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش كۈنىدىكى جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈمدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ھالىتى... ئىشقىلىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كاللامغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن كارتىنىلار چاقماق تېزلىكىدە كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتتى. تۇساتتىن، ئامېرىكىنىڭ «تىرىك مۇردىلار» دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرىدىكى ۋەقەلىكلەر كاللامغا كىرىۋالدى. «تىرىك مۇردىلار» فىلىمىدە مەلۇم بىر خىل ۋىرۇس سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭلا تىرىك قالىدىغانلىقى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھايات- ماماتلىق كۈرەش تەسۋىرلىنىدۇ.  ئۆلگەنلەر ناھىيىتى تېزلىكتە يەنە تىرىلىدۇ، بىراق ئۇلار تىرىلگەندە ئەسلىدىكى مۇكەممەل ئادىمىي ئىقتىدارغا قايتمايدۇ،  پەقەت تىرىك ئادەملەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان بىرلا خىل ئىستەك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. ئاز ساندىكى ھايات قالغان تىرىك ئادەملەر بولسا مانا مۇشۇ خىلدىكى سان- ساناقسىز تىرىك مۇردىلار بىلەن  جەڭ قىلىدۇ...بىر فىلىمدىن ھەركىم قانداق يەكۈن چىقارسا بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، بولۇپمۇ كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىمىدىكى كىنولاردا مەلۇم بىر خىل تۇراقلىق مەنا بولمايدۇ. مەن ئۇ فىلىمنى ئىنسان خارەكتىرى ناھىيىتى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن بىر نادىر فىلىمكەن دەپ قارىدىم. مۇردىلارنىڭ پەقەت ئادەم گۆشى يىيىشتەك بىرلا خىل ئىستەك ۋە ئىقتىدار بىلەن قايتا تىرىلىشى مېنىڭچە ماددىي ئىستەكتىن باشقا ئىنتىلىشى، ئېتىقادى قالمىغان ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتىگە قىلىنغان خىل بىشارەت، باشقىچە ئېيتقاندا غايەت زور بىر مەسخىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن مۇنداق ئويلاپ باقايلى: ماسلوۋ ئادەمنىڭ «5 خىل ئېھتىياج» نەزىرىيىسىدە ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك ئېھتىياجى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، تەۋەلىك ئېھتىياجى، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ۋە ئۆز ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادەمنىڭ بۇنداق 5خىل ئېھتىياج قاتلىمىدىن تەركىپ تېپىشى ئادەمنىڭ مۇكەممەل ھالىتى بولۇپ ئۇنىڭدىكى خالىغان بىرى كەم بولسا مۇكەممەلىك بۇزۇلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن 5 خىل ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بىر- بىرىنى شەرت قىلىدىغان ۋە بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئىلگىرى سۈرىدىغان  تەڭپۇڭلۇق يوقىلىپ ئىنسان نورمال ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنى دەرھال يوقىتىدۇ. كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىياتى ياكى كىنولىرىنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ ۋەقەلەرگە باي بولىشى، ناھىيىتى چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرەلىشدىكى سەۋەپ دەل ئۇنىڭ چۇۋۇش پەلسەپىسى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەلۇم بىر خىل شەيئىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ھاسىل قىلىدىغان ئامىللارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاجرىتىپ ئېلىپ گويا تەبىئىي پەن تەتقىقات ئۇسۇلىدەك تەھلىل قىلىدىغانلىقىدىن ۋە تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلىقىدىن. «تىرىك مۇردىلار» فىلىمىدە ئادەمنىڭ 5 خىل ئېھتىياجى ئىچىدىكى بىيولوگىيەلىك ئېھتىياج ئايرىم ئاجرىتىپ ئېلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان، يەنى ئادەمدە ماددىي ئېھتىياجلا قالسا دۇنيانىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنغان.  بىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىلا قالغان ئادەمنى نورمال ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىگىلى بولمىغاچقا، چوقۇم ئادەمنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، «تىرىك مۇردا» ئوبرازى  دەل ئەشۇ ئېھتىياجتىن تۇغۇلغان ئوبرازدۇر. فىلىمدە ئاز ساندىكى تىرىكلەر سان- ساناقسىز تىرىك مۇردىلار ئۈستىدىن ھامان غەلىبە قىلىپ ماڭىدۇ.  بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماددىي ئېھتىياجقىلا بېرىلگەنلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنداقلارنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بىر تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. ھازىر دۇنيا دەل ئاشۇ تىرىك مۇردىلارنىڭ ئەسلى تىپى بولغان ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتچىلارغا تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا. چۈنكى سۆز تېمىسى ۋە كىشىلەر ئارا مۇئامىلە پەقەت ئىقتىسادىي پەرققە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇقتىلارغىلا مەركەزلىشىپ قالدى، گەرچە ئىپادىلىنىشى ھەرخىل بولسىمۇ. چولپانلارنىڭ ماھارىتىدىن بەكرەك ئۇلارنىڭ تەن باھاسىغا بولغان قىزىقىش تېخىمۇ جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى، سىز توردىكى سەتەڭ چولپانلارنىڭ سۈرىتىگە قاراۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئاللىقاچان مېڭىڭىزگە بىر مىكرو پىروگرامما قاچىلىنىپ كەتكەنلىگىنى تۇيمايلا قالىسىز، چۈنكى كېلەر قېتىم ئۇ چولپان كىنودا باش رول ئېلىپ چىققاندا سىز چوقۇم  ئۇ كىنونى كۆرمەي قالمايسىز، شۇڭا چولپانلار ئەڭ جەلپكار يېرىنى سىزگە كۆرسىتىشتىن ھەرگىز پىقسىقلىق قىلمايدۇ، توردا نېمە كۆپ؟ يېرىم يالىڭاچ ياكى پۈتۈن يالىڭاچ چولپانلارنىڭ سۈرىتى كۆپ. سىز سۈرەتنى بىكارغا كۆرىۋالدىم دەپ قارايسىز، لېكىن بۇنىڭ ھەققىنى ھامان تۆلىمەي قالمايسىز! ئائىلىدە بىرنى ئىككى قىلىش، كىچىكنى يوغان قىلىشنىڭلا گېپى. غايىلەر پارچىلانغان، كۈكۈم- تالغان بولغان... گەرچە ئاتا- ئانىلارغا نىسبەتەن ھەممە بالىسى ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما ئەمىلىي مۇئامىلىدە بەكرەك تاپقىنىغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە جەمىيەتتە پاخ- پاخ بايۋەچچىلەر نامراتلارنىڭ ئۆزىنى كەمسۈندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ. دۆلەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭلا گېپى...ئىشقىلىپ، ماددىي مەنپەئەتچىلىك ھەممىنى بويسۇندۇرغان غەلىتە بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز، بۇنداق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسۈتۈپ بەرسە ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنداق كىشى تۈزۈلمە تەرىپىدىن قاتتىق يەكلىنىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە، ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىدىكى تەڭپۇڭلۇق پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكىنى يوق، لېكىن تەڭپۇلۇق ئامىللىرىدا زور پەرق كۆرىلىۋاتقىنى بىر ئەمىلىيەت. بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن روسىيەلىك گۇگۇل يانچىلىق تۈزىمىدىكى بيوروكىراتلارنى «ئۆلۈك جانلار» دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى، يانچىلىق تۈزۈمىنى سانائەتسىز، ئاستا ناتۇرال ئىگىلىك دەپ چۈشەنسەك، ئەمدى ھوللىۋود ماددىي تەرەققىياتنى ھەقدادىغا يەتكۈزگەن، لېكىن ئادەمىيلىك تەڭلۇڭلىقىنى يوقاتقان كىشىلەرنى «تىرىك مۇردىلار» دەپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ.  بىرسى بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن ئاستىلىقنى سۆككەن بولسا، يەنە بىرسى يۈز يىلدىن كېيىن تېزلىكنى سۆكتى. يەنە يۈز يىلدىن كېيىن كىشىلەر سانائەتتىن پۈتۈنلەي سەسكىنىشى، ھەتتا ئۇنى توختىتىشى مۈمكىن. چۈنكى سانائەت ئادەمنى جىسمانىي مۈشكۈلچىلىكتىن ئازاد قىلسىمۇ، ئەمما ئىنسان جىسمانىي مۈشكۈلچىلىكتىن يۈزدە- يۈز قۇتۇلۇشقا مۇھتاج ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنىلا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە، كۈچىنىشكە، تەر چىقىرىشقا، بۇ ئارقىلىق خۇشھال بولۇشقا مۇھتاج. يەنە بىر جەھەتتىن، سانائەت تەبىئەت ئىكولوگىيىسىنى بۇزۇش رولىغا ئىگە، بۇ ئۇنىڭ سەلبىي تەرىپى، بۇ سەلبىي تەرەپ ئىنسانىيەتنى ھالاكەت يولىغا ئاپىرىدۇ، ھېلىمۇ سانائەت بۇلغىلىمىلىرىغا بولغان نارازىلىق ئاز بولىۋاتامدۇ دۇنيا مىقياسىدا؟! ھازىر دۇنيادا «تەبىئەتكە قايتىش» شۇئارىنى توۋلايدىغان نۇرغۇن يېشىل تەشكىلاتكار، ئادەملەر بار. ئۇلارنىڭ ساداسى ئاللىقاچان دۇنيانىڭ تەرتىپىدە كۈچىنى كۆرسۈتۈپ بولدى، تەرەققى قىلغان ئەللەر سانائەتنى ئۆز تۇپرىقىدا تەسىس قىلماي، 3- دۇنيا ئەللىرىدىن يەر ئىجارىگە ئېلىش شەكلىدە تەسىس قىلماقتا، 3- دۇنيا ئەللىرىنىڭمۇ سانائەتلىشىشكە پاقىسى قانغاندىن كېيىن «كۆتەر قاسقىنىڭنى» دېيىشى بۇ پۈتۈنلەي مۈمكىن، ئىشلار ھامان مۇشۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى مۇشۇ كۈنەس دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنى مىسالغا ئالايلى، بۇ يەرنى شەھەرلەشتۈرۈپ، سانائەتلەشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەڭ نادىر ھالەت. جەنۇبى شىنجاڭدا بۇنداق مۇكەممەل گۈزەل مەنزىرىنىڭ ناھىيىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىھاتە قىلىشقىمۇ ناھىيىتى زور كۈچ ۋە نۇرغۇن يىل كېتىشى مۈمكىن. لېكىن بۇ يەردە مۇكەممەل گۈزەللىكنىڭ ئۆزىلا بار. بۇ يەردىمۇ ئاتالمىش سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش فورمىلىلىرى رول ئويناپ قالسا ئۇ چاغدا ئەڭ نادىر ھالەت ئەڭ ئوسال ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. گويا بۇندىن 1400يىل ئىلگىرىكى بىر بۈيۈك زات «يەر يۈزىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دەپ ئېيتقىنىغا ئوخشاش.
‏   بۇ ئويلارنى سۈرگەچ تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتىمەن، لېكىن تاڭ سۈزۈلمەستە ئويغىنىپ كەتتىم، قىستاڭچىلىق ۋە سېسىقچىلىقتا داۋاملىق ياتقۇم كەلمىدى، ئۇنىڭدىن ساپ ھاۋادا بىردەم يۈگۈرۈپ كىرىشنى ئەلا بىلدىم...


مەنبە: http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=56674&page=1&authorid=22446

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:13:40

ئەمەلىيەتتە مەيلى ئىلمىىي فانتازىيەلىك فىلىم بولسۇن ياكى غايىۋى فانتازىيەلىك فىلىم بولسۇن ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئامىللار يالغۇز تەسەۋۇر كۈچىلا ئەمەس، يەنە شۇ تەسەۋۇرنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا چىن ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان يۇقىرى پەن -تېخنىكا(ھوللىۋۇد فىلىملىرىنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدىلا نۇرغۇن كىچىك  كەشىپاتلار بارلىققا كېلىدۇ دەپ كۆرگىنىم ئېسىمدە) ،رېئاللىقتا بولمىغان تەسەۋۇر زاغرا تىلدا بىلەن ئېيتقاندا «ساختا نەرىسە» نى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا كۆرىننشتىكىدەك ئۇنچىلىك ئادىي جەريان ئەمەس .
كىنولارغا يوشۇرۇنغان مەزمۇننىڭ گېپى بولۇنغاندا ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، بۇ خىل كىنولاردىن  ماڭا ياققان ئەڭ نوچى كىنو « فورىسىت گامپ »“阿甘正传” دېگەن فىلىم  ، ئامىرىكىنىڭ بىر بۆلۈك سىياسىي تارىخىنى ، مۇناسىۋەتلىك قىسىمەن داڭلىق  شەخسلەرنى شۇ كىنودىكى ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىنىڭ ھايات كەچۈرمىش تەسىۋىرىگە  ئاجايىپ ئۇستلىق بىلەن كىرىشتۇرۋەتكەن ، كىنو باش پىرسۇناژىمۇ سمۇۋۇل خاراكتىرىنى ئالغان ئېسىل فىلىم .{:112:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:14:55

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 18:48 static/image/common/back.gif
«خاررېىي پوتىر » بىلەن « گۇگۇمدىكى شەھەر » ئاپتورلىرىم ...

خارري پوتتېرنىڭ يازغۇچىسىنىڭ ئاياللىقىنى ئاڭلاپ  ئەقىل چاچتا  ئەمەس باشتا دىگەنگە بەك ئىشىنىدىغان بوپ قالغانتىم

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:23:31

ئەنۋەر جۇلا يوقاپ كەتتىغۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:24:38

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 19:13 static/image/common/back.gif
ئەمەلىيەتتە مەيلى ئىلمىىي فانتازىيەلىك فىلىم بولسۇن ي ...

مەنمۇ تىلۋزۇردا قويغان ۋاقتىدا كۆرگەن كىلاسسىك فىلىملارنىڭ بىرسى .

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:37:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bibaris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 19:39  

چىڭگىز ئايتماتوف بىلەن مۇختار شاخانوفنىڭ دىئالوگى ئاساسىدا يېزىلغان قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى دىگەن كىتاپتا مۇردىلار توغرىلق خېلى مەلۇماتلار بار،ماڭقۇرۇت ئەپسانىسىنى ،ئافرىقىدىكى مەلۇم بىرمىللەتنىڭ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈش مۇراسىمى ,ھېلىقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۋېلىپ سەكرەپ ماڭىدىغان مۇردىلار،قان شورىغۇچىلار،ئىشقىلىپ ئۇقۇپ باقساڭلار مۇردىلارتوغرىلىق خېلى جىق ئۇچۇرغا ئىگە بولىسىلەر
بەت: [1] 2 3
: مۇردا فىلىمى بىلەن قانخور ئالۋاستى فىلىمىغا قانداق قارايسىلەر؟