jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 13:58:41

جەسەت: مۇھەببەت


مۇھەببەت

سۆيۈملىكتۇر مەن ئۈچۈن ھەممەڭ،
تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىڭمۇ...

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:36:35

ئاران ئىككى مىسراكەنغۇ بۇ شىر .

ئەمدى فوتوشۇپ لازىمتى . ئۇيغۇرچە قوللايدىغىنى ، بارلار سۆز قالدۇرۇڭلار .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:55:32

تىركەش ھەي تىركەش:lol

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 15:04:46

چاق چاق ئەمەستۇ بۇ

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 15:41:24

يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى، تاك، تاك،تاك....

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 15:46:40

جەسەت بارمۇ ؟
يوق !
نەگە كەتتى ؟
ئىزدىنىش مۇنبىردىكىلەرنى ساز قىلغىلى !

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 15:59:24

مەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سەت گەپلەر بىلەن تىللاشتىن بۇرۇن مۇنبەردىكى يەنە باشقا تورداشلارنىڭ پىكىر-ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى...!  شۇڭا ھازىرچە ئاۋۇ ئۈستىدىكى بەش نەپەر ئەزاغا نىسبەتەن جاۋاب قايتۇرۇشنى كېيىنگە قالدۇردۇم...

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:03:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 16:16  

سالام تىركەش!
سىز ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ‹ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىم پىشىدۇ› دېگەن كونا بولسىمۇ مەنىسى چوڭقۇر گەپتىن بىرنى ئاڭلىغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن... مۇشۇ ئىنكاسىڭىز بىلەن قەلبىمدىكى يېقىملىق ۋىدوۋىس ئكىس پى ئوبرازىڭىزنى تۆكۈۋاالدىڭىز... ئامان بۇلۇڭ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:05:14

بىر گەپ يادىمغا كەلدى،

دىۋانىڭىزمەن سىزنىڭ بىر ئۆمۇر..

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:12:59

jeSat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 15:59 static/image/common/back.gif
مەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سەت گە ...

سىزگە رەھمەت !
مىنىڭ نىسىدىن بەك تەلىيىم بار !

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:14:16

جەسەت ئاۋۇ ئىككى مسرا ياخشى چىقىپتۇ،مەن ياقتۇردۇم. يەنە بىر گەپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەرمۇ ھەرگىز رېئاللىقنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس، ئەسەر رېئاللىقنىڭ ئاستىدا تۇرامدۇ ئۈستىدە تۇرامدۇئىشقىلىپ رېئاللىق بىلەن ئەسەر تەڭ ئەمەس.ئەسەردە ھەرقانداق سىناقنى قىلساق بولىدۇ،لىكىن نۇرمال تۇرمۇشتا ،دئىالوگدائۇنداق سىناقلارنى قىلىش ،مەسلەن؛ قارمۇ-قارشى مەنىدىكى سۆزلەرنى ئۇلاپ ئىشلىتىش،شەخسەن ماڭا بەك بىمەنە ھەم خام تۇيۇلدى،بۇخىل ئەسىرى بىلەن تۇرمۇشىنى ئارلاشتۇرۋالغان ئۇلۇغ ساياق يازارمەنلەر بەلكىم يازغۇچىلار مۇنبىرىدە،ياكى شۇيەردە بىر-بىرىنى ماختاش بىلەن بوپكەنلەر ئارسىدا قاتتىق ئالقىشلىنىشى مۇمكىن،لىكىن بۇ ئىزدىنىشتە قارشى ئېلىنماسلىقى مومكىن،ئىشنىمەنكى ئەسەرلىرىڭىزدىكى غالجىرلىقنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان غوللۇقلار ئىزدىنىدىشتىا كام ئەمەس،لېكىن ئەقلى ھوشىنى يۇقاتقانلار بۇيەردە مەسخرىگە قالىدۇ

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:27:22

ئىككى كۈن ئاۋال ئاق قۇۋۇقتا كېتىپ بارسام مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بىر ئادەم ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى ۋە ئارقىدىنلا ‹ مېنىڭ شېئىرنى ياخشى يېزىشقا تىرىشۋاتقانلىقىمنى، ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ تۇرغانلقىنى، بىراق ئىزدىنىش تورىدىكىلەرنىڭ شېئىرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلقىنى. مۇمكىن بولسا كۈچلۈك ئەقىيلىك ماقالىلەرنى يېزىشىم  كېرەكلىكى توغرىسىدا ماڭا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلغانىدى.. مەن ئۇ چاغدا  ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىم... ئۇنى ئىچىمدە: ساراڭ دەپ تىللىغانىدىم.... بىراق ئىككى كۈندىن بۇيانقى شېئىرغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا  ھېلىقى ناتونۇش نەسىھەتچىنىڭ دېگىنى توغرا ئىكەن.

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:33:15

سىزدىكى دادىللىق قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەن.
ئىككى مىسرانى شېئىر قىلىپ تېما يوللاش ئاسان ئەمەس، تەسمۇ ئەمەس ئەمدى يوللاش كونۇپكىسىنى باسسىلا بولدى.

شېئىرلىرىڭىزنى بىرنىمە دېيەلمەيمەن. بەلكىم بىز ياقتۇرىدىغان شېئىرلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:34:31

رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئەسەر ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر ئەمەس ! پاراڭخۇمار ئەپەندى ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ تىمىدا بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن سوزلىمەڭ ! ھە دىسلا يازغۇچىلار مۇنبىردىن پۇتاق چىقىرىپ .ۇزىنى كورسىتىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ياخشى پىكىر تەكلىپىنى شۇ مۇنبەرنىڭ ئۇزىگىلا دىگىنى ياخشى !  بەلكىم سىزنىڭ بۇ مۇنبەردىكى ئادەتتىكى ئورنىڭىز بۇراقلا يۇقۇرى كۇتۇرلۇپ ئىزدىنىش مۇنبىرنىڭ يۇزىگە تىگىشى مۇمكىن ، ئۇ چاغدا سىز ھوددىسدىن چىقىپ بۇلالمايسىز !
مىنىڭ جەسەتنىڭ تىمىسغا سوز قېتىشىم قانداقتۇر جەسەتنى تىللاش ئۇچۇن ئەمەس ! مەنمۇ خېلى ئويلاندىم ، ئاخىرقى نەتىنجە مىنى مۇشۇ ئىككى مىسرا خېلى كوپ ئويلاندۇرغان بولدى خالاس ئەمما نەتىنجە چىقىمىدى ! بەلكىم كاللام شۇنداق ئاددى بۇلشى مۇمكىن ! ئەگەر سىز جەسەتنىڭ ئەسىرنى چۇشەنگەن بولسىڭىز قارشىڭىزنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز تەڭ مەنپەئەتلەنسەك بۇلىدۇ . ئەمما جەسەت بىرسىنى ياخشى كۇرۇپ قاپتىكەن ، ئۇنىڭ تاشىۋەتكەن ئەخلەتلىرمۇ ئۇنۇڭغا سۇيۇملۇك تۇيۇلدىكەن دىسىڭىز مەن ئۇنمايمەن !
يا سىزدىن يا جەسەتتىن چوقۇم بۇنىڭغا جاۋاپ چىقىشى كىرەك ! ئەڭ ياخشىسى جەسەتتىن ئاڭلايمەن نىسى بوسىمۇ مەيلى !

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:41:04

بۇ ئىككى مىسرا ئەلۋەتتە بىر شېئىر...ياخشى بىر شېئىر...ھەمدە بۇخىل شېئىر ھەممىمىزدىن چىقىدۇ...چۈنكى بىز ھەممىمىز شائىر...

بۈگۈن پەيشەنبە...
ئەتىدۇر جۈمە..

مانا بۇمۇ بىر شېئىر...لېكىن مەن شېئىريەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندىن بېرى شېئىرنى قەغەزگە ياكى تورغا يېزىپ يۈرمىدىم...چۈنكى مېنىڭ ھەربىر سۆزۈم شېئىر،ئىنكاسىم ، ھەر بىر ھەركىتىم شېئىر...شېئىرلىرىمنى ھەرۋاقىت،ھەركىم ئوقۇپ تۇرىدۇ...گاھىلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ،گاھىلىرى سەۋدالارچە ئاشىق بولۇپ تەلۋىلىشىدۇ،گاھىلىرى نەپرەتلىنىدۇ...ماڭا بولغان ھېسسىياتىنى ھەرخىل شېئىر ئۇسلۇبىدا ئىپادىلەيدۇ،شۇنداق قىلىپ بىز بىر-بىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيمىز...

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:42:06

jeSat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 16:27 static/image/common/back.gif
ئىككى كۈن ئاۋال ئاق قۇۋۇقتا كېتىپ بارسام مەن ئۆمرۈمدە  ...

چۇشەندىم ! جەسەتنىڭ ھاياتلارنى ‹‹ساراڭ ›› دەپ تىللىشى !
مەنمۇ ئولگەندىن كىيىن چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن !

yamghur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:47:09

ياختۇردۇم

ئەخمەتجان ئوسماننىڭ  مۇنداق بىر مىسراسى  بۇلدىغان  ‹‹قېنى مىنىڭ ئەكس سادايىم! ›› بۇ شېئىرنىڭ  ماۋزۇسى ئاسىي تاغلار ئىدى .

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:58:35

ئابدۇلھەمىد ئەپەندىم،مەن بۇيەردە پەقەت يازغۇچىلار مۇنبىرىگە بولغان قارىشىمنى پۇرىتىپ ئۆتتۇم،مەندىن ئۆتكەن بولسا ئۆززىرە، ئەمدى سىز تىلغا ئالغان رېئاللىقىتىن چەتنەش مەسلىسىگە كەلسەك سىز مېنىڭ قارشىمنى يەنى ئەسەر رېئاللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس دىگەن پىكرىمىنى سەل يۈزە چۈشنىۋالغاندەك تۇرىسىز يا كېرەك مەن چۈشىنىشلىك دىيەلمىگەن ئوخشايمەن، مەن مانداقچە ئېيىتسام ئەسەردە بايان قىلىنغىنى رېئاللىقنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس،پىششقلانغان رېئاللىقتۇر،  مۇشۇ توغرىسىدا پەرھاتكامنىڭ بىر ماقالىسى بولدىغان ،ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار.
يەنە بىر گەپ ئاۋۇ جەسەت كۈيۈپ يۈرگەن قىزنىڭ ئەخلەتلىرى ئەلۋەتتە ماڭا ياقمايدۇ، ئەخلەت جەسەتكە يېقىپتۇ،ماڭا ياققىنى بولسا ئاۋۇ ئىككى مىسرا.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:04:30

paranghumar117 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 16:58 static/image/common/back.gif
ئابدۇلھەمىد ئەپەندىم،مەن بۇيەردە پەقەت يازغۇچىلار مۇ ...

بۈگۈن پەيشەنبە...
ئەتىدۇر جۈمە..
سىزگە ماۋۇ ئىككى مىسرامۇ يارىدىغۇ ھەقاچان !

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 17:07:23



مۇھەببەت

سۆيۈملىكتۇر مەن ئۈچۈن ھەممەڭ،
تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىڭمۇ...


ماڭا ياققىنى
بەت: [1] 2 3 4
: جەسەت: مۇھەببەت