ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 13:56:59

سالچىلار (دراما)




سالچىلار
  

ئەسلى ئاپتۇرى : مەمتىمىن ھوشۇر

درامىلاشتۇرغۇچى : راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال





ئاساسلىق پىرسۇناژلار
سەمەت (نوچى)
گۈلئايىم (سەمەتنىڭ ئايالى )
ھەسەن (بايۋەتچە)
ھۈسەن (بايۋەتچە)
تۇرسۇن (ئۇلاغچى)
قۇۋان (ئەزمە )
جۇماق (تاز)
ئابلىمىت (سالچى)
ئىلياس  (سالچى)
پەيزۇللا (سەمەتنىڭ ئۈگەي دادىسى )
ئايگۈلخان (سەمەتنىڭ ئانىسى)




1-        كۆرۈنۈش 1-پەردە

ئاشىق

چىراق يىنىپ كۈل سورىۋاتقان سەمەت ئەتراپقا قاراپ بىر دەم تۇرغاندىن كىين بىر چەتكە قويۇلغان قاپاقنىڭ يىنىغا بىرىپ قاپاقنىڭ باش تەرىپىنى تۆۋەن قىلىدۇ سۇنىڭ يوقلىغىنى ئېسىگە ئىلىپ ئاسمانغا قارىۋىتىپ چىنىنى بىر چەتكە قويۇپ ئىزدا ئولتۇرىدۇ ناخشا ياڭرايدۇ

ئەي دىلرابا ئەي دىلرابا
قالدىم ئوتۇڭدا ئوۋلىنىپ
كۆتەر كۈزۈم ماڭار يولۇڭ
دەردىڭدە قىلدەك تولغىنىپ

ئەي دىلرابا ئەي دىلرابا
تۈنلەرى بىدارمەن ئۇيقۇدىن
سەن خىيالىمدا ئۆمىت
ۋەيرانە مەسمەن دىل زۇقىدىن

ناخشا تۈگەپ بىر توپ باللار يۈگىرەپ كىرىپ كىلىدۇ .
ئا : ھەي سەمەت نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟
سەمەت : نىمە ئىش قىلاتتىم . كۈل سورىۋاتىمەن
ب : كۈل سورىۋاتىمەن دىگىن . نىمە ئىش قىلىسەن بىكاردىن بىكار ، ساق بېشىڭغا كۈل سورۇپ ، كۈل دىگەننى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان بىر يەرگە تۈكۈپلا كىتىدىغان نىمە تۇرسا نىمىشقا كۈل سورۇپ ئولتۇردۇڭ ئەمدى ؟
سەمەت : ھە سەن مىنى ساراڭ بۇلۇپ قىلىپ بىشىغا كۈل سورۇپ ئويناۋاتىدۇ دەپ قالدىڭمۇ ؟ قىزىق . ما زىرائەتكە قۇرۇت چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ شۇڭا قىلىۋاتقان ئىش ماۋۇ . ئۆتە بىر چەتكە ۋىتامىن يىتىشمىگەن چىرايىڭ بىلەن كۈزۈمنى توسىمەن دىمەي
س : ھەي سەن داۋاملىق كۈل سورىماقچىما ؟ جۈرە بىز بىلەن ، ھىلىقى قۇربان باخشىنىڭ قوغۇنلىرى دىگەن پىشىپ يىرىلىپ سۈيى ئېقىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . باخشى چۈشتە ئۇخلاۋاتقان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە قوغۇن ئوغۇرلاپ يىگەچ سۇغا چۈمۈلۈپ كىلەيلى .
د : شۇ ئەمەسمۇ قارا تۇرقۇڭنى . كۈلدە مەينەتلىشىپ ھاياتىدا سۇغا چۈشۈشنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان نىگىرغا ئوخشاپ قاپسەن
سەمەت : ياق بولدى بارمايمەن . مىنىڭ ئىشىم بار .
ئا: ھەي سەمەت . سەنمۇ ئىشەكتەك ئىشلەپ دەردىڭنى ئېچىڭگە يۇتۇپ بۇلالماي ھامان بىر كۈنى تاشلايسەن بۇ ئىشلارنى . ئويلاپ باقە . بۇ ئۈگەي داداڭ يىلبويى ئىشلىمەي يىتىپ يەيدۇ . سەن ئۈچۈن ھىچقانداق بىر ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ ھەتتاكى خوتۇنمۇ ئىلىپ بەرمەيدۇ . بولمىسا ئاكاڭ بىر ياخشى ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كىتىپ ياقا يۇرىتتا مۇساپىر بۇلۇپ يۈرەمتى ؟
س : ھەي سەنمۇ ئاكاڭغا ئوخشاش ئۈگەي داداڭنىڭ كالىچىغا مەدەك تىقىپ قويامسەن يا ؟  
ب : نىمە دەيدىغانسىلە باللار . سەمەتنى دادىسى پات پات كىلىپ چىلىشىپ بىسىۋىلىپ ، ئېتىپ ئويناپ يۈرىگىنى ئىلىپ بولدى ، ئۇنىڭ مەخسىدى بۇنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلماسلىق ، ئۇ دادىسىنىڭ كالىچىغا مەدەك تېقىش ئەمەس ئۇنداق ئىشنى ئويلىسىمۇ قورىققىنىدىن نەپىسى ئۈزۈلۈپ قالار ھەقچان (بارلىق باللار كۈلۈشۈپ كىتىدۇ )   
سەمەت : نىمە دىيىشىۋاتىسلەر ؟ ئۈزىنىڭ دادىسىنى ئاتقان ئادەمدەك نامەرىت بۇلامدۇ دۇنيادا ؟ دادام دەپ يۈز قىلمايدىغان بولسام بىشىنى ما كۈلگە تېقىپ سۇۋان توۋىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ پۇشايمىننى بىلىگە زەللە قىلىپ تۈگۈپ بىرەتتىم
د : بولدى پو ئاتما . داداڭ دىگەن خىلى خىلى ئادەمگە بوي بەرمەيدىغان چىلىشچى تۇرسا . ئۇنىڭغا يۈز خاتىرە قىلمىسام ئاتاتتىم دىگەن گىپىڭ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟
سەمەت : ئۇنداق بولسا سەن داداڭنى ئىلىپ كەل مەن بىلەن چىلىشىپ كۆرۈپ باقسۇن قانداق ؟    يا سەن چۈشەمسەن يا مەيدانغا (د كەينىگە داجىيدۇ )
ئا : ھەي سەمەت . سىنى ھىلىقى توختى چامباشىدىن گۇمپا ئۈگەندى دەۋاتاتتى راسىمۇ نىمە قارىسام بىلەكلىرىڭمۇ خىلى تولۇپ قاپتۇ .
سەمەت : ئىشەنمىسەڭلار ھەممىڭلار بىراقلا كىلىپ مىنى يېقىتىپ بىقىڭلار قىنى  
ھەممە باللا : راسما . پو ئاتما بولدى  
سەمەت : مەن ئالدىڭلاردا تۇرۇپتىمەن . قىنى ھە ؟  ھەممىسى ئۇنىڭغا يىپىشىپ سەمەتنى يىقىتالمايدۇ . شۇ پەيىتتە ئۈستى تەرەپتە بىر قىز قاپاق كۆتۈرۈپ چىقىپ كىلىدۇ . (قىزنىڭ قەدەملىرى بىلەن تەڭ تەنبۇر موزىكىسى ياڭرايدۇ) يىگىتلەر يىراقتىن ئۇنى كۆرۈپ توختاپ قالىدۇ . سەمەت قىزغا قارىغانچە ھاڭۋىقىپ قالىدۇ . باشقىلار سەمەتكە قاراپ بىر بىرى بىلەن پىچىرلىشىپ ئۆھۈ دەپ يۆتىلىپ باقىدۇ . ئارقىدىن بىرى كىلىپ قولىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىدۇ . لىكىن سەمەت تىخىمۇ ئالدىغا مىڭىپ قىزنىڭ قارىسى يۈتكىچە بوينىنى سوزۇپ قارايدۇ
س : ۋاي بىچارە . بىر قىزغا ئاشىق بۇلۇپ بۇنچىلىك قىينالچىغە ئاتا ئاناڭغا دەپ ئالساڭلا بولمدىمۇ ئۇنى ؟
ئا : نىمىنى ئالىدۇ . ئۇ قىزغا ئالدىنقى جۇمە كۈنى چاي ئىچۇرۇپ بولدىغۇ  
سەمەت : چاي ئىچۇرۇپ بولدى
ب :     كۈيئوغۇل كىمكەن ؟
ئا :     ئىلھام باي دىدىغۇ دەيمەن شۇنداق ئىلھام باي
د :     يىشى نەچچىلەردە باركەن
ئا:  دادام بىز بىلەن تەڭتۇشتەك قىلىدۇ . لىكىن ياش كۆرنىدىكەن دىگەن بىر گەپنى قىلدى .
س : ئەمسە تۈگەپتۇ . ئەركىشىنىڭ راھىتىنى كۆرمەي ئۆلگىدەك ئەمسە
ب : قانداق دەيسەن
س: ئويلاپ باقمامسەن . بۇنىڭ دادىسى دىگەن ئاتمىشقا كىرگەن
ئادەم تۇرسا تەڭتۇش دىگەن گەپتىن چىقىپ تۇرمامدۇ
د : نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەمدۇ ئۇ ؟ مەنمۇ جىق پۇل تىپىپ بىر باي بولسام بۇلاتتى .
ئا : بالا چىغىدا ئىلىخوغا چىقىپ كەتكەن بىر بىر باي دەيدىغۇ . ئۇنىڭ ئىلىدا نەچچە يەردە قورۇ جايلىرى . يىلقا يىلقا ماللىرى . سەھرادا ئىجارە يەرلىرى . شەھەردە دۇكانلىرى بارمىش ، يەنە ئاشلىق سودىسى قىلىدۇ دەمدۇ ئىش قىلىپ . دادام لەيلىگۈلگە چاي ئىچۇرگەن كۈنى نەق مەيداندا باركەن شۇنداق دەپ كەلدى ئۆيگە  
س : ھەجەپ كاتتا بايكەن . بۇ بوغجىمىخان قوشتانجىمنىڭ تەلىيى كەپتۇ ئەمسە
سەمەت : تەلىيى كەپتۇ دەپ قوي
ب : ھەي سەمەت ئۈزۈڭ ياخشى كۆرگەن قىزنى خەققە تۇتقۇزۇپ دەرتتە قالغىچە ئۆزى بىلەن دىيشىپ ئىلىپ قاچامسەن يا ؟
ئا : ئۇ ساراڭ بوپ قالمىغاندۇ ؟ بىر باينى تاشلاپ ھىچ نەرسسى
يوق قاتتىق ئۆتۈك ، لايپاچاق قارا دىخانغا تىگىدىغانغا  
سەمەت : شۇنداق توغرا دەيسەن . مەن دىگەن ھىچ نەرسەم يوق قارا دىھقان . ھىچ نەرسەم يوق . (شۇ چاغدا ئاتنىڭ توياق ئاۋازى ئاڭلىنىپ )
پەيزۇللا : ھەي سەمەت تەييار بولدۇڭمۇ ؟
سەمەت : نىمىگە
پەيزۇللا : چىلشىمىز
سەمەت : دادا بولدى قىلە . مەن چىلىشمايمەن .
پەيزۇللا : بۇلە چاققان بۇلە
سەمەت : ياق بولدى . مىنىڭ قورسىغىم ئاچ . يەنە كىلىپ چىلىشقىدەك كەيپىيات يوق
باللار : مەرىتنى مەيداندا سىنا دىگەن بار قىنى بىر چۈشمەمسەن
پەيزۇللا : بۇلا تولا ئەزمىلىك قىلماي . ئەگەر مىنى ئىتىۋالساڭ كىمنى دىسەڭ شۇنى ئىلىپ بىرىمەن . قىنى بۇلە بىلىڭنى باغلا
باللار : سەمەت بوش كەلمە
سەمەت : پۇتىنى باغلاپ دادىسى بىلەن بەل تۇتۇشۇپ ئۇنى بىر چۆرۈپلا يىراققا تاشلىۋىتىدۇ . پەيزۇللا ئورنىدىن قوپماي ياتىدۇ . باللاردىن بىرى ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ قاراپ بېقىپ بۇرنىغا قولىنى تەككۇزۇپ تۇتۇپ بىقىپ نەپەس يوق ، ئادەم ئۆلدى . ئادەم ئۆلدى باللار دىگەنچە سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئادەم ئۆلدى . سەمەت دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتتى دىگەنچە ئۇزاپ كىتىدۇ . سەمەتنىڭ ئاپىسى ئايگۈلخان ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىرىپ كىلىدۇ . ئۇ كىرىپلا سەمەتكە قاراپ ئاندىن ياتقان پەيزۇللاغا تەرەپكە بارىدۇ .
ئايگۈلخان : ۋاي مۇرەببىم دەپ ئۈن سىلىپ يىغلىغاچ سەمەتنىڭ يىنىغا كىلىپ بالام . ئەمدى بۇ يەردە تۇرساڭ بولمايدۇ . ئۈگەي ئاكىلىرىڭ دادامنىڭ قىسساسىنى ئالىمىز دەپ سىنى ناكا قىلىشى ياكى ئۆلتۈرۋىتىشى مۈمكىن .  ئاتنى مىنىپ بۇ يەردىن دەرھال قاچ . ھىچ يەردە توختىماي ئىلى تەرەپكە كەت . شۇ يەرگە بىرىپ ئاكاڭ مەمەتنى تاپ ماڭ بالام ئەمدى ۋاقىت قالمىدى
سەمەت : ئانا . سەنچۇ سەن قانداق قىلىسەن
ئايگۈلخان : مىنىڭ غىمىمىنى قىلما چاققان بول . سىرىتتىن ۋاي دادام . ۋاي دادام دىگەن ئىككى ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ .
ئايگۈلخان : ئەنە ئۇلار كەلدى . ماڭ بالام چاققان ئاتقا مىن (سەمەت بىر تەرەپتىن چىقىپ كىتىدۇ . ئايگۈلخان پەيزۇللارنىڭ بىشىنى ئىلىپ تىزىغا قويىشىغا سىرتتىن پەيزۇللانىڭ ئۈگەي ئوغۇللىرى كىرىپ ئايگۈلخاننى سىلكىشلەپ بىلىدىكى پۇتا بىلەن پەيزۇللانىڭ بىشىنى يىپى قويۇپ ئاندىن ئايگۈلخانغا ھۆرپىيدۇ)
چوڭ ئوغۇل : قاتىل قىنى . بىزگە قاتىل كىرەك .
كىچىك ئوغۇل : ئۇنى قاچۇرۋەتكەن ھەر قانداق ئادەمگە رەھىم قىلماي قىننى ئىچىمەن . قاتىل قىنى قاتىل . ھەي ئالۋاستى خوتۇن سىنى دەۋاتىمەن . قاتىلنى تاپە (ئۇنى يىنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئايگۈلخانغا ئېتىلىپ ماڭغان چىغىدا قارشى تەرەپتىن مەھەللە ئىمامى كىرىپ كىلىدۇ )
ئىمام : قولۇڭنى تارىت . ئۆزىنىڭ ئانىسىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش قايسى تائپىنىڭ ئىشىكىن بۇ ؟ ھىچ قانداق بالا قازانى بەندىدىن ئەمەس ياراتقۇچىدىن كۆرۇش كىرەك  ياراتقۇچىدىن . ئىماندىن ئاجىرماي دىسەڭ پىچاقنى تاشلا . ھەممىسى جىمىپ كىتىدۇ . بىر دەملىك جىمجىتلىقتىن كىين بىر ئايالنىڭ ۋايب مۇرەببىم . ئىككى ئوغۇلنىڭ ۋاي دادام دىگەن ئاۋازى بىلەن چىراق ئۆچىدۇ



2- مەيدان 2- كۆرۇنۇش

ھەزرەت سەيلىسى

ئېتىم ئالدىدا كەتتى ،
قامچام يىنىدا كەتتى ،
ئۆز يۇرىتتىن كەتمەس ئىدىم
دەرىد ئەلەم تازا يەتتى .

ئېتىمىن توقۇپ قويدۇم ،
باغلىغىلى تانام يوق .
غىرىپلىق ماڭا يەتتى ،
ئاتام بىلەن ئانام يوق .

ئاللا ئاللا ۋاي باللا ،
ئاسماندىكى ئاي باللا
ئۆز يۈرتىدىن ئايرىلىپ
ئۈستىبېشى لاي باللا

سەھننىڭ ئارقا تەرىپىدە ئاپاق خوجا مازىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قۇرلۇشى كۆزگە چىلىقىدۇ . مەيدان بايراملىق كەيپىياتقا چۈمۈپ جانلىنىپ كەتكەن . مۇقامچىلار . قوشاقچىلار . مەدداھلار ، سىرىكچىلەر . ئىلىپ ساتارلار . باققاللار ، نىشكەشلەر . لۈكچەكلەر . مەيداننى بىر ئالغان . باشتا مەيداننى سىرىكچىدىن بىرى ئىگەللەيدۇ .
1-        تۇماقنىڭ ئىچىگە تۇخۇمنى تىقىپ چۈجە پەيدا قىلىش
2-        ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ ئوتنىڭ ئىچىدىن كەپتەر پەيدا قىلىش .
ماھارەت تۇگىگەندىن كىين رەمماللار مەيدانغا چۈشىدۇ . يوقالغان نەرسەڭلارنى تىپىپ بىرىمەن . ئەر ئاياللارنى ئامراق قىلىمەن تۇمار پۈتىمەن دەپ ئايلىنىپ توۋلايدۇ . ئارقىدىن بىرى ئۆچكە يىتىلەپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ . ئارقىدىن ئۆمەر مەدداھ ئىشەكنى ئىلىپ چىقىپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ . ئارقىدىن تاماششبىنلار يۈتكىلىپ مەيدان ئېچىلىپ سەمەت مەيدانغا چىقىدۇ . مەيداننىڭ ئوتتۇرىدا  مانتىپەز ئورۇندۇقلارنى رەتلىك قويۇپ ئىشلەشكە باشلايدۇ . تاماششبىن بىر بىرلەپ يەنە پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ
سەمەت : ئۇستام . ماڭا مانتىدىن بىر كىشىلىك بىرىڭ
ئۇستام : سەل ساقلاپ تۇرسىلا ئۇكام ھازىرلا چىقىدۇ مانا .
سەمەت بىلەن بىر يەردە ئولتۇرغان تۇرسۇن  بىلەن  پاراڭلىششقا باشلايدۇ .
تۇرسۇن : ئۇكام سىلى بۇ يەرلىك ئەمەسمۇ نىمە ؟
سەمەت : شۇنداق بۇ يەرلىك ئەمەس تاماششا قىلغىلى چىققان ، ئۆزلىرىچۇ
تۇرسۇن  : مەنمۇ شۇ . بۇ يەرگە تاماششا قىلغىلى چىقتىم . يىلدا
بىر كىلىدىغان بۇ سەيلىگە ئۈگۈنۈپ قالدۇق ، ئۇنىڭ
ئۈستىگە يەنە نەچچە كۈندىن كىين ئىلىخوغا ماڭىمەن .
كىلەر يىلى بايرام  بولغىچە مەن بارمۇ يوق بىلمەيمەن شۇڭا  
بۇ قىتىم بۇ يەرگە  ئالاھىدە كىلىشىم
سەمەت : ھەجەپ ياخشى مەنمۇ ئىلىخوغا بىرىپ ئاكامنى ئىزدىمەكچى ئىدىم . مىنىمۇ بىللە ئىلىۋالاملا ، سەپەرداش بۇلۇپ قالاي
تۇرسۇن  : نىسىپ قىلسا ، دەل شۇ چاغدا  ھۈسەن سەھنىگە
يۈگۈرۈپ كىلىپ سەمەتنىڭ ئالدىدا يىقىلىدۇ . ئۇنىڭ كەينىدىن بىر توپ ئادەم كىرىپ كىلىدۇ دەپ ياتقان ھۈسەن بايۋەتنى تىپىپ دۇمبالىماقچى بۇلىدۇ . تۇرسۇن  ئارىغا چۈشىدۇ . سەمەت چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككى توپ شەكىللىنىدۇ . يۇسۇپ «قان» ھۈسەننىڭ گىلىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ قىنى نوچاڭ بارمۇ دەپ ھەيۋە قىلىدۇ . سەمەت بىر چەتتىن چىقىپ بىر كاللا بىلەن يۇسۇپ قاننى دۈم چۈشۈرىدۇ . ئارقىدىن ئادەم ئۆلدى يۈسۈپ قان ئۆلدى دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ . تۇرسۇن  سەمەتكە قاچ بالام ماڭ . مەن سىنى ئىلىپ كىتەي دىگەنچە چىقىپ كىتىدۇ . سەمەت چىقىپ كىتىپ بازار يەنە ئەسلى ھالىتىگە كىلىپ چىراق ئۆچىدۇ .


3-        مەيدان 3- كۆرۇنۇش

مۇز داۋان

ئات ئۇلاغلىق ئادەملەرنىڭ مۇز داۋاندىن ئېشىپ مىڭىۋاتقان ھالەتلىرى ئىكران ئارقىلىق بىرىلىدۇ . خەتەرلىك قىيالار،  ھەيۋەتلىك چوقىلار، تار يوللاردا مىڭىپ ئۆمەر مەدداھ بىشىغا چوڭ بىر تال مۇز پارچسى چۈشۈپ داۋاندىن قىچىر بىلەن بىللە چۈشۈپ كىتىدۇ . قۇۋان ئۇنىڭغا ھازا تۇتقان يەردىن باشلىنىپ چىراق يورۇيدۇ .
قۇۋان : ۋاي مەن قانداق قىلاي . ئۇستاز . دىلىمنىڭ چىرىغى . ھاياتىمىنڭ يورۇق يۇلتۇزىدىن ئايرىلدىمغۇ ئۇستازىم . شىر يۈرەكلىك تالماس بىلەكلىك ئۇستازىمدىن ئايرىلدىم ۋاي مەن قانداق قىلاي
سەمەت : بولدى قىل قۇۋان . قازاغا رىزا قانداق قىلىمىز ئەمدى
تۇرسۇن  : نى نى شىر يۈرەك ئارسىلانلارنى ئىلىپ كەتكەن بۇ داۋان مانا بىزنىڭ دەۋىردىشىمىز بولغان ئۆمەر مەدداھنى ئىلىپ كەتتى . ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلايلى ئەزىز قىرنداشلار
قۇۋان : ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ جەسىدىنى بولسىمۇ بىر كۆرەلىگەن بولسام ، يەرلىكتە قويۇپ بولسىمۇ كۆڭلۇمگە تەسەللى تاپقان بۇلاتتىم . ۋاي جىنىم ئۇستاز . ۋاي مەن قانداق قىلاي مەن قانداق قىلاي
تۇرسۇن  : بۇ داۋاندىن يالغۇز بىزلا ئەمەس چىنگىزخاننىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇنلىرىدىن تارتىپ تاكى ئاپاق غوجىغىچە . شاھى سۇلتانلار . ئالىم ئۇلمالار . غىرىپ غۇرۋالار ئۆتكەن . بۇ تاغنىڭ ئاستىدا بولسا تالاي كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى توڭلىغان ھالەتتە تۇرىۋاتقىلى مىڭ يىللار بولغاندۇ . دوستىمىز ئۆمەرمۇ بۇ قازايى قەدەر تۇپەيلى مانا شۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلدى . سەبىرە قىلايلى سەبرە قىلايلى .
ھۈسەن :  ھە مەن ئەمدى بىلدىم
سەمەت : نىمىنى بىلدىڭ ؟
ھۈسەن : ھىلىقى قوغاندىكى رەمچىنىڭ گىپى توغرا چىقتى .
سەمەت : رەمچى نىمە دىگەنتى ؟
ھۈسەن : رەمچى ماڭا رەم ئېچىپ چىرايىمغا قاراپ قەشقەردىن مىنىپ چىققان قېچىرىڭ قېنى  دەپ سورىغاندى
سەمەت : ھۈسەن . نىمانداق يالغان گەپ قىلىسەن ؟   ئۆتكەندە قەشقەردىن مېنىپ چىققان ئېتىڭ قىنى دەپ سورىدى دەۋاتمامتىڭ ؟
ھۈسەن : مەن ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمەن . باشتا مەندىن قېچىىڭ قىنى دەپ سورىغان . مەن  قىچىرىنى ئات بىلەن تىگشىۋەتكەچكە شۇڭا مەن قېچىر مىنىڭ كەلمىدىم ئات مىنىپ كەلدىم دىگەن . رەمچى ماڭا ، ھە بالام داۋاندىن ئۆتەر چاغدا ھەرگىزمۇ قېچىرغا مىنىپ ئۆتمە بولمىسا ھاڭغا غۇلايسەن دىگەن . ئۇ مۇشۇ داۋاندا بۇلىدىغان ئىشلارنى رەمدە كۆرۈپتىكەندە
سەمەت : قوياۋا ماڭ . گىپىڭ نەچچە ياڭزا بۇپ كەتتى . سىلىدىن تىگىشىۋالغان ئات مۇشۇ ھاڭغا غۇلايدىكەن شۇڭا قىمارغا تىكىۋەتتىم دىمىگەنمىدىڭ ؟ ئۇ چاغدا قېچىرنىڭ گىپىنى قىلغان بولساڭ مەن ئۆمەر ئۇستازنى ھەرگىزمۇ قىچىرغا مىنگۈزمەيتتىم . شۇ چاغدا قىچىرىنىڭ گىپىنى قىلغان بولسا قىچىرغا ئزۈۈڭنىلا مىندۇرپ قويۇپ قۇتۇلاتتۇق ئەمەسمۇ سەندىن
قۇۋان : ھەي نەس باستى توخۇنىڭ پوقى . ئەركەك بولساڭ تۇرە ئورنۇڭدىن . مەن بۇ ھاياتىمىدا بىر تال چىۋىنغا ئازار بەرگەن بەندە بولمىساممۇ بۇگۈن سەن بىلەن ئوغال بالىدەك بىر تۇتۇشۇپ قىنىڭنى ئىچىدىغانغا قەسەمىيات قىلدىم . تۇرە ئورنۇڭدىن ھۇ نەس باسقۇر ناجىنىس .
ھۈسەن : ھاي ھاي قۇناخۇن . نىمە بولدى ھەجەپ ھاقارەتلەپ كەتتىڭلىيا مىنى
قۇۋان : سەن نەس باسقان قۇلاق كەستى . ئۇچۇرغان ئۆتەڭدە قىمار ئوينايسەن .  ئارام ئالغىدەك يەر تاپساڭ خوتۇن كىشىنىڭ سۈيدۇكىنى پۇراپ مارايسەن . سەن نەس باسقۇر بۇ گىپىڭنى باشتا دىگەن بولساڭ ئۇستاز قىچىرغا مىنەمتى ئىيت قىنى ھەي نەس باسقۇر . سەن بولمىغان بولساڭ . سەن بىز بىلەن ماڭمىغان بولساڭ ئۇستاز ئۈلۈپ كىتەمتى ؟
سەمەت : قۇۋانجان ، ما گەپ سەل ئېشىپ كەتتى ئەمدى . بولدى ئىزىڭدا ئولتۇر . بولدى .
قۇۋان : سەن سولتەك نىمە دەيسەن ؟ ھۇ غۇرۇرسىز چاپانچى . ئۇستاز كەلگىچە ساڭىمۇ ئىلىم بەرگەن بولغىيتتى ھۇ بۇلۇمسىز ئەبلەخ مەن بۇ جاندىن تويدۇم . نەس باستى ئەبلەخلەر
تۇرسۇن  :  قۇۋان ئۈزۈڭنى بىسىۋال . ئۇستازىڭ ئۈچۈن ھەممىز قايغۇرىۋاتىمىز . لىكىن بۇ يەردە بىز بۇ بالا قازانى قانداقتۇر بىر بەندىدىن ئەمەس ياراتقۇچىدىن كۆرىشىمىز كىرەك .  سەن قىچىرلا دەيسەن مانا مەنمۇ نەچچە قىچىر ھەيدەپ كەلدىم نىمىشقا مىنىڭ چۈشۈمگە ئۇ ئىش ئايان بولمىدى . نىمىشقا مىنىڭ قىچىرىلىرىم داۋاندىن چشۈپ كەتمىدى . دىمەك بۇ يەردە بىر تەقدىر ئەزەل بار قۇۋان . تەقدىرى ئەزەل
قۇۋان : قىنى چىقە ماڭ ئىككى نامەرىت بىر بۇلۇپ چىقە ماڭا ، بۇ جاندىن تويدۇم . ئۇستازدىن ئايرىلىپ ئىلىخوغا بىرىپ نىمە قىلىمەن مەن . ھە قاسىڭنىڭ دەستىڭدىن ئۇستازىممۇ ئۈلۈپ كەتتى مانا
تۇرسۇن  : ھەي نادان قۇۋان . سەن كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭنى سەل پەرىق ئېتىپ گەپ قىلساڭ بۇلارمىكىن
قۇۋان : نىمە بولدى ؟
تۇرسۇن  : ئالدىڭدىكى سەمەت نوچىنىڭ داڭقىنى ئازراقمۇ ئاڭلمىغانما ؟
قۇۋان : سەمەت نوچى . ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان . ئۈگەي دادىسى بىلەن چىلىشىپ ئۇنى بىر كۈتۈرۈپ ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان . يىڭىسارنىڭ يولىدا ئالدىنى توسقان ئىككى لۈكچەكنىڭ بىشىنى سوقۇشتۇرۇپ قەشقەرگە يەتكەن . ئارقىدىن يۇسۇپ قاننى بىر كاللا قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان سەمەت نوچىنى مەن قانداقمۇ ئاڭلىماي ؟
تۇرسۇن  : ھە سەن ھازىر پوپوزا قىلىۋاتقان سەمەت نوچى ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ . ئۇنىڭ بىلەن راستىنلا تۇتۇشامسەن ؟
قۇۋان : ۋاي خۇدايىم . نىمە بوپ كەتتى بۇ ؟ بىزنىڭ سەمەت مەن ئاڭلىغان سەمەت نوچى شۇما توۋا خۇدايىم . ما كۈزۈمنىڭ كورلىغىنى قانداق قىلاي . سەمەت نوچى . مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىزنىڭ خزمىتىڭىزنى قىلاي . سىز ماڭا ئۇستازىمنىڭ ئورنىدا يار يۈلەكتە بۇلۇڭ . بايا ئاچچىغمىدا قىلغان گەپلەرنى كەچۇرۇۋىتىڭ . مىنىڭ كۆزۈم كور ئىكەن
تۇرسۇن  : ھە ئەمدى يىغىنىمۇ يىغلىدۇق . كۈلكىنمۇ كۈلدۇق . سەپەر ئۇزۇن ، ئات ئورۇق ، يولغا چىقامدۇق
ھۈسەن : ئەمدى خەتەرلىك يەرمۇ تۇگىگەندۇ ھە ؟
تۇرسۇن  : ئالدىمىزدىكى خادا مۇزدىن ئۈتۈپ كەتسەك يەنە بىر قىينچىلىقتىن قۇتۇلىمىز  
ھۈسەن : ۋاي خۇدايىم . يەنە شۇ مۇز داۋان . خادا مۇز . بۇ يولدا ئانىسىنىڭ ئەمچىگىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەم ماڭىدىكەن جۇمۇ زادى . يا ئارقىغا يانغىلى بولمىغان . يا ئالدىغا ماڭغىلى بولمىغان
سەمەت : بۇ يول ئاسان بۇلىدىغاننىڭ ئىشى بولسا ياش ئىلىغا چىقىپ كىتىپ تۇرۇپ قالغانلار ئۆز يۇرتىنى سىغىنىپ قايتىپ كىتەر ئىدى . ئۈلۈگۈم داۋاندا قالمىسۇن دەپ ئويلاپلا يۇرتىغا قايتالمىغانلار تولا ئىكەن   
تۇرسۇن  : شۇنداق . مەنمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئاران ئۈچىنچى قېتىم مىڭىشىم . ھەر قېتىم ماڭسام جاننى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ دۇئا قىلىپ ماڭىمەن . ئەمدى يولغا چىقايلى ئەزىزىلەر
قۇۋان : شۇنداق قىلايلى . (سەمەتكە قاراپ ) قىنى ئۇستاز  مەرھەمەت . ھەممە ئادەم كۈلۇشۈپ كىتىدۇ . چىراق ئۆچىدۇ .



4-        مەيدان 4- كۆرۇنۇش

سالام قارا كۆل  

يىتىپ كەلدۇق ئىلخوغا
ئالتە شەگە داڭلىق جايغا
قىشتا خاڭدا يازدا سالدا
كۈنۈم ئۆتتى ئىشلەپ بايغا

پەردە ئېچىلىشى بىلەن پايانسىز كەتكەن كەڭ يايلاق كۆزگە تاشلىنىدۇ . ئۈچ كارۋاتتا قاتار ئولتۇرغان مىھمانلار . ئۇدۇلدا ئىلىنىڭ سازەندىلىرى چىراق يۇرۇشى بىلەن ناخشىسىنى باشلايدۇ .  ناخشا بىر نەچچە ئۆزگىرىش بىلەن داۋام ئەتكەندىن كىين مۇڭدىشىش باشلىنىدۇ .
ھەسەن : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ، بۈگۈن ئىلىخوغا مىنىڭ ئىنىم قاتارلىق مىھمانلارنى كۈتىۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرۇپ قالدۇق .  باياتىن مىھمانلار تولۇق بولمىغاچقا مەن تونۇشتۇرالمىغان . ئەمدى روخسەت قىلساڭلار مىھمانلار بىلەن تۇنۇشىۋالغان بولساق  (سورۇندىن چاۋاك ياڭرايدۇ )  قىنى ئېنىم . سەن ئاۋال دوسىتلىرىڭنى تونۇشتۇرغىن دوسلارنى مەن تونۇشتۇراي
ھۈسەن : بۇلىدۇ ئەمسە . مەن مىھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي . ماۋۇ ياشقا چوڭ ئاكىمىز سودىگەر ، ئىسمى تۇرسۇن . لەقىمى ئۇلاغچى . ما دوستىمىزنىڭ ئىسمى سەمەت . لەقىمى نوچى ، سەمەت نوچىنىڭ داڭىنى بەلكىم سىلەرمۇ ئاڭلىغانسىلەر . ئەمدى ماۋۇ ئوقۇپ تاشلىۋەتكەن توخۇدەك دۈگىدىيىپ ئولتۇرغان ئاغىنمىزنىڭ ئىسمى قۇۋان، لەقىمى ئەزمە . ھەركىتى ئاستا بولغان بىلەن يىغلاشقا ئۇستا . ھىلغىچە ۋاقىت بولسا كونا ئىشلارنى ئىسىگە سىلىپ بىرەر پەدە يىغلاشقا تەكلىپ قىلارمىز
قۇۋان : ۋاي جىنىم ئۇستاز . سىز كۆزلىگەن ئىلىغا مەن يالغۇز يىتىپ كەلدىم . لىكىن يىنمدا سىز يوق .
جۇماق : ھەي قەشقالىق . سىنى يىغلاشقا تەكلىپ قىلمايلا باشلاپ كەتتىڭغۇ ؟ ئاۋال بىز تەرەپ تۈگىسۇن ئاندىن يىغلىمامسەن ؟ تەكلىپتىن بۇرۇن يىغلاپ ئۆرۇمىدىن قۇرۇق قىلىپ مۇز داۋاندىن ئارقىچەككە مىڭىپ كىتىدىغان بولدۇڭدە مانا ھا ھا ھا ھا ھا
ھەسەن : ما بىز تەرەپتە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىز سالچى . ماۋۇ چىچى ئاز ئاكىمىزنىڭ ئىسمى جۇماق . يىنىدا ئولتۇرغان دوستىمىز . ئالىمىت . ئۇنىڭ يىنىدىكى ئىلياس ،ئۇنىڭ يىنىدىكىنىڭ ئىسمى ئىبراھىم . سىرىتتىن بىر بىر تەڭنىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كىلىدۇ .
جۇماق :  ھە مانا قوي گۈشىمۇ كەلدى قىنى مىھمانلار گۆشكە
         ئىغىز تىگىڭىلار سورۇن جىمجىت بۇلۇپ قالىدۇ .
ھەسەن : مەن سىنىڭ ئاكاڭ بولغاندىن كىين مەن نەدە بولسام سەن شۇ يەردە بۇلىسەن . مەن سال ھەيدىسەم سەنمۇ سال ھەيدەيسەن . سال دەپ ئاڭلىغانما ؟
ھۈسەن : ئاڭلىغان كۆرمىگەن .
ھەسەن : ھە ئەتە كۆرىسەن . بىر توپ ياغاچنى بىر بىرىگە چېتىپ باغلاپ دەريا ئارقىلىق ھەيدەپ ئىككى يۈز چاقىرىمچە يول باسىمىز . سەن شەھەرگە كىرپ مەدىكار بازىرىدا ئىڭكىڭنى يۆلەپ ئولتۇرغىچە مەن بىلەن سال ھەيدەيسەن . مەن نىمە كۆرسەم شۇنى كۆرىسەن نىمە يىسەم شۇنى يەيسەن
ھۈسەن : ماقۇل ئاكا سەن بىلەن قالماي نەگىمۇ باراتتىم . مەن
سىنى ئىزدەپ چىققان تۇرسام
تۇرسۇن  : (جامائەتكە قاراپ ) بىزنى يات كۆرمەي داستىخان سىلىپ مىھمان قىلغان بارلىق دوسىتلارغا كۆپ رەھمەت . بىزنىڭ سەپىرىمىز تىخى ئاخىرلاشمىدى . شۇڭا بۇ يەردە قالىدىغانلار قالسا ماڭدىىغانلارغا ئىجازەت بەرسەڭلار يولىمىزغا ماڭساق .سىلەرنى مالال قىلدۇق . رازى بۇلۇڭلار .
جۇماق : نەگە ئالدىرايسەن ھە قاشقالىق . مەن سىلەرنى قورساق تۇيغۇزىۋالسۇن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغىلى نەۋاخ . تاماق يەپلا قاچماي بىرەر ماھارەت كۆرسىتىشەسىلە ؟ بولمىسا مەن ئۈزۈم بىر يول كۆرسىتەي
تۇرسۇن  : كەچۇرگىن ئىنىم . بىزنىڭ ئارىمىزدا ناخشىچى سازەندە يوق .
جۇماق : سازەندە بولمىسا نوچى باركەنغۇ ؟
تۇرسۇن  : نىمە دىمەكچىسەن ؟
جۇماق : نوچىنىڭ ماھارىتىنى كۆرمەمدۇق ؟ داڭقى ئىلىخۇغا پۇر كەتسۇن
ھەسەن : بۇلار مىھمان تۇرسا . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىرىپ ئېچىپ ئاران كەلگەندە چىلشىىمەن دىسەڭ ئۇششۇغلۇق بولمامدۇ بۇ  ؟
تۇرسۇن  : بىز ئۇزۇن سەپەردىن ھىرىپ .....
سەمەت : بولدى ماڭا بەلباغ بىرىڭلار
جۇماق : مانا نوچى دىگەن مۇنداق بولمامدۇ . ئۇكام سىنى نوچى دىگەندىن كىين ئىزىمدا پەقەت ئولتۇرالماي قالدىم . مىنىڭ مەخسىدىم سەندىن نوچىلىق تالىشىش ئەمەس پەقەت خۇمارىمىنى بىسىش
سەمەت : قىنى مەيدانغا چۈشىلى . ئىككىسى بەل تۇتۇشىدۇ . مىھمانلار ئىككى تەرەپكە بۈلۈنۈپ ئۇلارغا مەدەت بىرىدۇ . ئۇلار ئۇيان ئىلىشىپ ، بۇ يان ئىلىشىپ ىئاخىرى سەمەت جۇماقنى يەرگە باسىدۇ
جۇماق : (ئورنىدىن تۇرۇپ ) ھە خۇمادىن چىقتىم . مانا قىرىغانلىغىمنى تەن ئالدىم ، بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ سىنى سەمەت نوچى دەپ چاقىرىمەن . تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە يىنىم يەرگە تىگىپ باقمىغان ئادەم ئىدىم . بايا سىنى تونۇشتۇرغاندىلا بىر بەل تۇتۇشۇپ باققۇم كەلگەن . ساڭا تەكلىۋىم يىنىمدا قالامسەن مەن بىلەن بىللە سال ھەيدەمسەن
سەمەت : بۇلىدۇ چاتاق يوق . بىراق ئاكام مەمەتنى
جۇماق : ئاكاڭنى مەن ئۈزۈم ئىزدەپ تىپىپ بىرىمەن . قاشقەردىن ئون ئادەم چىقسا توققۇزۇىنىڭ ئىسمى مەمەتكەن شۇڭا ئالدىرماي ئىزدەيلى قانداق
سەمەت : بۇلىدۇ قالدىم .
ئىككىسى قول ئلىشىپ قۇچاقلىشىدۇ .
تۇرسۇن  : ئەمسە بىزگە ئىجازەتمىكىن
جۇماق : ئىجازەت ئاكا ئىجازەت . ئاۋۇ بىر قوينىڭ سۈرلىگەن گۈشىنى سەپەردە يەرسىلەر دەپ تىڭىپ تەييار قىلىپ قويغان بۇ مىنىىڭ كۆڭلۇم
تۇرسۇن  : رەھمەت ئۇكا . مەرىت ، نوچى دىگەن مانا سەندەك بۇلىدۇ .
جۇماق : بولدى تۇزۇت قىلماڭلار ، قۇۋانمۇ تۇرسۇن  بىلەن ماڭىدۇ .
سەمەت : ھەي قۇۋان سەن نەگە ؟
قۇۋان : دادام ماڭا دەرەخ كەسمە دەپ نەسىھەت قىلغان . مەن بۇ يەردە تۇرماي كىتەي .
سەمەت : بىز كەسمەيمىز توشۇيدىكەنمىز . مەن بىلەن قالمامسەن
جۇماق : داداڭ ساڭا دەرەخ  بىلەن ئارلاشما دىگەنما ؟چىرايڭدىن قارىسام  شۇنداق  دەيدىغاندەكلا سەن
قۇۋان : مەن يەنىلا شەھەرگە كىتەي . بىر ئىش چىقىپ قالار
ھۈسەن : بوپتۇ قىرىنداىشىم نەدە بولساق ئامان بۇلايلى . مەندىن رەنجىگەن بولساڭ كۈڭلۇڭنى چىقىرىۋەتكىن
قۇۋان : بۇلىدۇ ئاغىنلەر خوش ئەمسە . ئامان بۇلۇڭلار
سەمەت : خوش قۇۋان . بىرەر قيىنچىلىققا ئۇچۇرساڭ مىنى ئىزدىگىن ياردەمدە بۇلىمەن .
قۇۋان ئارقىغا يىنىپ سەمەتنى قۇچاقلاپ يىغلايدۇ .
جۇماق : ما قەشقالىقنى قاراڭلار . تۇل خوتۇندەك يىشى يانچۇغىدىلىكەندە بۇنىڭ ، مانا بىر ئىككى دەپ بولغىچە ئادەمنىڭ كۆكسىنى نەمدەپ بولدى . ماڭەۋۇي قاشقالىق قالغانلار ئۇزاپ كەتتى . يىغلايمەن دەپ يالغۇز قىلىپ يولدىن ئىزىپ قالما يەنە  ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇۋان يۈگىرەپ چىقىپ كىتىدۇ . قالغانلار كۈلگەنچە چىقىپ كىتىپ چىراق ئۆچىدۇ   



5-        مەيدان 5- كۆرۇنۇش

سالچىلار

تىكەسنىڭ يىرى تۈزلەڭ
سەرخىل باققان مىلىمىز
ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈرنى
كىمدىن سوراپ ئالىمىز

ئىكراندا ھەيۋەتلىك دولقۇندا سال ھەيدەپ كىتىۋاتقان سالچىلار قوشۇنى كۆرىنىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۇنۇشلىرى تەپسىلى بىرىلىدۇ . ئاندىن سالچىلار ھەققىدە ناخشا ئومۇمى خور شەكلىدە ياڭرايدۇ . ئىلى خەلىقنىڭ مەردانى روھى قىياپىتى كەڭرى ئاھاڭلار ئارقىلىق نامايەن بۇلىدۇ . پايانسىز يايلاقلار . دەريا بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن كەڭرى ۋادا ھەم ئۆيلەرنىڭ كۆرۇنۇشلىرى بىرىلىدۇ . ناخشا ئاخىرلىشىپ سالچىلار ساللىرىنى توختىتىپ قىرغاققا چىققاندىن كىين بىراقلا سەھنىگە چىقىپ كىلىدۇ .
جۇماق بىلەن سەمەت سەھنىگە بىشىدا چىقىدۇ . جۇماق خالتىدىكى ناندىن بىرنى سەمەتكە ئۇزىتىدۇ .
جۇماق : ھەي قاشقالىق . بۇ ئىشقا كۈنۈپ قالغىدەكسەنمۇ  ؟
سەمەت : كۈنۈپ قالدىمغۇ . مەن جاپاغا چىدايمەن
جۇماق : يارايسەن . ئەتە ئۆگۈن مەنمۇ بۇ ئىشتىن قول ئۈزسەم سەن ئىزىمنى بىسىپ داڭلىق سالچى بۇلىسەن . كىينكى ئەۋلاتلار سىنى ئۇنتۇمايدۇ .، نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئوقۇيدۇ .
سەمەت : نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن ئاكا . تىرىككە ئەمەس ئۈلۈككىمۇ يۇرىتۋازلىق قىلىپ قەشقەرلىق قەبىرىستانلىغى دەپ ئات قويىۋالىدىغان بۇ تارانچىنىڭ يۇرتىدا مىنى ناخشىغا قىتىشىغا ئىشەنمەيمەن جۇمۇ
جۇماق : ناخشىغا قاتمىسا جۇۋازغا قاتا سىنى ھۇ قەشقالىق . مانا چاپىنمىنىڭ پىشىگە سۈركىشىپ يۇرۇپ بىر ئوبدان چاخچاقچىمۇ بوپ قالدىڭ . چاخچاقتا نامىڭ چىقىپ كىتىپ تونۇلۇپ كەتسەڭ بايدىن بىرى قىزىنى بىرىپ شەھەرگە ئەكىرىپ كەتمىسۇن جۇمۇ دىققە قىل  
سەمەت : شەگە تازنىڭ كىرىگى بولمىغاندىن كىين ئەكىرىپ كەتسە كىتە
جۇماق : قاشقالىقنىڭ پوقى پۇل بولغاندىن كىين ئەكىرىپ كەتسە كىتە ھا ھا ھا ھا ھا
سەمەت : پۇلغا ئالغىدەك باش بولمىغاندىن كىين پوق پۇل بۇلىدىغان گەپتە
جۇماق : ھەي قارا ما قاشقالىقنى ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا
سەمەت : ھەي ئاكا . ماۋۇ ئاكا ئۇكا كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ ما ۋاخقا كىلىپ بۇلار بولغىيتتى ؟
جۇماق : ماۋۇ ھەسەن دىگىنىڭ ئۈتۈپ كەتكەن ھاڭۋاقتى بىر نىمە . ئاسمانغا قاراپ مىڭىپ سالنى تاشقا مىندۇرۇپ قويىمىسا بۇلاتتىغۇ ؟ ئاۋۇ ئىنسىچۇ قانداراق
سەمەت : ئۇ ئاكىسىدىن ھاڭۋاقتىلىقتا ئۈستۇن تۇرسا تۇرىدىكى تۈۋەن تۇرمايدۇ .
جۇماق : ھەي نەس باسقىننى قارا . ئىكى قىمارۋاز ئۇخلىماي تاۋكا چۈشەپ جىنىدىن ئايرىلىپ قالمىسا بۇلاتتىغۇ تاشقا ئۈسسۈپ
سەمەت : بىز ماڭغاچ تۇرامدۇق يا ؟
جۇماق : نەگە ماڭىسەن ؟ ئەگەر مەن بولمىسام ھەسەن دىگىنىڭ ئەمەس تىخى خىلى خىلى نوچىلارمۇ قاپچىغاينىڭ قسىلچىغىدىن ئۆتەلمەيدۇ . ساقلايلى .
سەمەت : ئارقىمىزدىكى ھىلىقى مەمەت دىگىنى نەلىك ئادەمتى  
جۇماق : ئالتە شەلىكقۇ . بىر يۇرىتتىن تۇرۇپ تونۇشمامسەن تىخى
سەمەت : ئىلىخولۇقلار قىزىق جۇمۇ . مۇز داۋاننى ئاتلاپ چىققان ئادەملەرنىڭ ھەممىنى ئالتە شەلىك دەيسىلەر . سىنىڭ ئالتە شە دىگىنىڭ چوڭ گەپ ئۇ . قارا شە ، كۇچا ،ئاقسۇ . قەشقەر . يەكەن خوتەن دەپ ئايرىيدۇ مۇنداق   
جۇماق : مەن بۇنى قانداق بىلىمەنۇي قەشقالىق . مەن يا سەندەك قاشقالىق بولمىسام قاشقالىق . ھا ھا ھا ھا ھا  ھە راس سىنى ئۆيلەپ قويايمىكىن دەيمەن . قانداق قارايسەن
سەمەت : ياق بولدى ئۆيلەنمەيمەن .
جۇماق : ئەمسە ئاۋال دوختۇرغا ئاندىن قىزنىڭ ئۆيىگە بارامدۇق
سەمەت : قەشقەردە سەمەت نوچى ئاتالغان بولسام بۇ يەردە بويتاق دەپ ئاتالدىم . ئەمدى توي قىلىمەن دەپ قوسام لەقەمگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىم
جۇماق : ئۆيلەنسەڭ بۇلاتتى .
سەمەت : مىنىڭ كۈۇڭلۇمدە ئادىمىم بار ئىدى . نىسىپ بولمىدى . ئاكامنى ئىزدەپ چىقىپ ئۇنىمۇ تاپالمىدىم . قىپ قىزىل قاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مىنى ئۇزۇتۇپ قالغان ئانامغا دىگىدەك گەپ تاپسام كەتسەم بۇلاتتى . لىكىن ھەي
جۇماق : نىمە بولدۇڭ ؟ ھەسرەت چىكىپ قاپسەنغۇ
سەمەت : يۇرىتنى سىغىندىم . مەھەللىنى سىغىندىم . ئانامنى
سىغىندىم .  
جۇماق : ساڭا بىر ناخشا ئىيتىپ بىرەي ھە

ئىلىخونىڭ تاغلىرى ،
تاغلىرىدا خاڭلىرى
خاڭلىرىدا ئىشلەيدۇ
ئالتە شەنىڭ باللىرى

ئىلىنىڭ داۋانىدىن
ئورۇق ئات ئۆتەلمەيدۇ
خاڭدىكى مۇساپىرلار
پۇلى يوق كېتەلمەيدۇ .

ناخشا تۈگەپ ھۈسەن يىغلىغانچە كىرىپ كىلىدۇ .
سەمەت : نىمە بولدۇڭ ؟
ھۈسەن : ئاكام ئېقىپ كەتتى . ئاكامدىن ئايرىلىپ قالدىم .
سەمەت : جەسىدىچۇ ؟
جۇماق : تىپىلمايدۇ . يەنە نەچچە كۈندىن بىر يەردىن چىقىشى مۈمكىن .
ھۈسەن : سەمەت بىز مۇشۇنداق پاجىئەنى كۆرۇش چىققانمىدۇق بۇ ئىلخوغا ؟ بىللە كەلگەن دوسلاردىن نەچچىسى مۇشۇ دەريادا ھالاك بولدى . بىز تونۇيدىغان نۇرغۇن ئاتا سۈپەت ئادەملەرنى مۇشۇ دەريا يۇتۇپ كەتتى . بىز ئۈزىمىزنى ئۈلۈمگە تۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن چىققانمىدۇق دوستۇم . ماڭا نىمە كەلگۈلۈك بۇ ؟ مەن قەشقەرگە بارسام ئاتام مەندىن ئاكاڭ قىنى دەپ سورىسا نىمە دەيمەن . ئانام ئاكاڭ قىنى بالام دىسە مەن نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن . بىزنىڭ ئۈلۈمدىن باشقا يولىمىز يوقمىدى دوستۇم باشقا يولىمىز يوقمىدى ؟  مەن ئەمدى يۇرىتقا قايسى يۈزۈم بىلەن قايتىمەن
سەمەت : سەۋرى قىلغىن ئاغىنە . قازاغا رىزا قانداق قىلىمىز . ھەممىزنىڭ بىشىدا بار قىسمەت بۇ سەۋرى قىلغىن

سالنى تالدا باغلايمىز ،
ئىككىدىن قوشۇپ ياندايمىز ،
مويىنتايغا كەلگەندە ،
بوزا ئېچىپ قانمايمىز

تاڭ سەھەردە ھەيدەيمىز ،
بەل باغلايمىز يانمايمىز ،
ياماتۇغا بارغاندا ،
يىرىم توقاچ چاينايمىز







6-        مەيدان 6- كۆرۇنۇش

ھەيكەل

سالچىلارغا چوڭ داۋان ،
ھىساپلىنار چوڭ داۋان ،
دولقۇنلارغا يەم بولدى ،
سال ھەيدىگەن قانچە جان .

ئىلىخونىڭ باللىرى ،
زەپ ماڭىدۇ ساللىرى .
قاپچىغايدىن ئۆتكىچە
ئېقىپ كەتتى جانلىرى

قاپچىغايدىن ئۆتكەندە
رازۋان تىشى بىر بالا
ماڭغانغا تۈگىمەيدۇ
يول بىلمىسەڭ بەش سالا
سەھننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك سالچىنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . چىراق يىنىپ قىرىپ پىنسىيگە چىققان سەمەت ھەيكەلنى ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنىڭ قوللىرىنى . ئىغىزلىرىنى يالاڭئاياق پۇتلىرىنى . يەنە قولىدىكى پالاقنى تۇتۇپ كۆرىدۇ . ئارقىدىن بىر موماي چىقىپ سالچىلارنىڭ ھەيكىلىگە قاراپ تۇرۇپ كىتىدۇ . شۇ ئارلىقتا بىر نەچچە ساياھەتچى بىر ساياھەت گۈرىپىسى بىلەن كىلىپ سالچىلار ھەققىدە ۋە ھەيكەل ھەققىدە سۆزلەيدۇ .
چۈشەندۇرگۈچى : سالچىلىق ھازىر توختىغان بولسىمۇ لىكىن سالچىلار ئۆزىنىڭ ئېسسىق جىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سالچىلىقتىن ئىبارەت بىر كەسىپنى بارلىققا كەلتۇردى . ئۇلار نەچچە يۈز كىلومىتىر كىلىدىغان سۇ يولىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق شەھەر قۇرلۇش تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . شەھەردە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن ھەر قانداق بىر ئۆيدە ئەنە شۇ سالچىلارنىڭ قان تەر بەدىلىنىڭ سىماسى بار . چۈنكى ئۇ زامانلاردا يول ناچار . قاتناش قۇراللىرى تەرەققىيات دەۋرىگە كىرمىگەن بىر ۋاقىتتنىڭ ئۈزىدە قۇچاق يەتمەيدىغان ياغاچلارنى نەچچە يۈز كىلومىتىر يولدىن يۈتكەش مۈمكىن ئەمەس بىر شارائىتتا ئەنە شۇ سالچى قەھرىمانلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچراشتىن قورىقماي بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسگە ئالغان ئىدى .
سەمەت : قىزىم ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭىز ، سىزگە ئاپىرىن
قىزچاق : بوۋا سىز كىم بۇلسىز ؟
سەمەت : بايا سىز دەۋاتقان سالچى بۇلىمەن
قىزچاق : بوۋا ئىسمڭىزنى سورىسام بۇلامدۇ ؟
سەمەت : ئىسمىم سەمەت . سەمەت سالچى .
قىزچاق : سىز بارغانسىرى بۇ ھەيكەلگە  قويۇپ قويغاندەك ئوخشاۋاتسىز سىز بىلەن رەسىمگە چۈشىۋالساق بۇلامدۇ ؟
سەمەت : بۇلىدۇ .
ساياھەتچىلەر رەسىمگە چۈشۈپ بۇلۇپ چىقىپ كىتىدۇ . بىر چەتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان گۈلئايىم سەمەتكە يىقىنلىشىدۇ . گۈلئايىم : سىلى سەمەت دىگەن كىشى بۇلاملا ؟
سەمەت : شۇنداق مەن بۇلىمەن سىلى
گۈلئايىم : مەن قۇۋاننىڭ ئايالى
سەمەت : ۋۇي گۇلئايىم دىگەن سىلە بۇلاملا ؟
گۈلئايىم : شۇنداق مەن بۇلىمەن . سىلىنى كۆرۈپ رەھمەتلىك قۇۋاننى كۆرگەندەك بولدۇم
سەمەت : بۇ ئىشتا مەن ئەيىپلىك . قۇۋان ئەسلى سالدا ماڭمايتتى . ئۇ مىنىڭ كۆۇڭلۇمنى ئىزدەپلا ماڭا ئەرگىشىۋاتقان . مىنىڭ كۇڭلۇمنى ئاياپ ، مەندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي بىللە ماڭغان . رەھىمسىز تەقدىر ئاخىرى بىزنى ئايرىۋەتتى . مىنى كەچۇرۇڭ . مەن ئۇنى سىزگە ساق تاپشۇرالمىدىم
گۈل ئايىم : ئۇنىڭ جەسىدىنى بولسىمۇ تاپقان بولسام . ھىيىت ئايەمدە بولسىمۇ قەبىرسىنى سۈپۈرۇپ تۇرالىغان بولسام بۇلاتتى . بۇ يۇرىتتا ئۇنىڭدىن باشقا ھىچنىمەممۇ يوق . تىكەندەك يالغۇز ئايالمەن (ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ)
سەمەت : سىلى بۇ يەرلىك ئەمەسمۇ ؟
گۈلئايىم : ياق مەن بۇ يەرلىك ئەمەس . مەن ئالتە شەنىڭ بىر چەت بىر مەھەللىسىدىن  
سەمەت : قايسى يىزىدىن  ؟
گۈلئايىم  : ئاۋات مەلىسىدىن
سەمەت : نىمە ؟ سىلى لەيلىگۈل شۇما ؟
گۈلئايىم : مىنىڭ ئېسىممىنى سىلە قانداق بىللا ؟
سەمەت : مەنمۇ شۇ مەلىدىن . مىنىڭ ئىېسمىم سەمەت . ئەجىبا سىلىنى مىنى بىلمەملا ؟
گۈلئايىم : ياق ىبلمەيدىكەنمەن .
سەمەت : ھىلىقى سىلى سۇغا چىقدىغان كۆل ؟
گۈلئايىم : شۇنداق ئاجايىپ چوڭ . سۈيى سۈپسۈزۈك كۆل ئىدى .
سەمەت : مەن سىلىنى سۇغا چىققاندا كۆرىۋالاي دەپ كۆل بويىدا ساقلاپ ياتاتتىم .
گۈل ئايىم : كىچىك بولغاندىن كىين ھىس قىلماپتىكەنمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغا چىقسام مارايدىغان باللار جىق تۇرسا قايسى بىرىنى ئىسىمدە تۇتۇپ بۇلاي
سەمەت : (ئىچكى مۈنۈلۈگ) مانا پاجىئە . مەن بىر ئۆمۈر ئاشىق بۇلۇپ ئەقىدە قىلغان ئايال . ئۇ ھەتتا مىنى تونۇمايدىكەن . ئۇنىڭغا ئاشىقلىغىمنى . بىر ئۈمۈر بويتاقلىق لەقىمىنى ئىلىپ ئۈزىنى ساقلاۋاتقانلىغىمنى بىلمەيدىكەن .  ئاھ خۇدا  سىلىدىن سوراپ باقسام سىلى قانداق بۇلۇپ گۈل ئايىم بۇلۇپ قالدىلا ؟
گۈل ئايىم : ئىرىم مىنى ئەركىلىتىپ گۈلۈم دەيتتى . بۇ يەردىكىلەرگۈلنىڭ ئارقىسغا ئايىمنى قېتىپ ئاتىغاچ گۈل ئايىم بۇلۇپ قالدىم .
سەمەت : كۆرۈڭ ما كاج پەلەكنى ، توي قىلغان ۋاقىت تازا ئېسسىق ياز ئىدى . ھازىرقىدەك ئېسىمدە
گۈلئايىم : شۇنداق . مەن ئىگەمبەردى ئېسىملىك دادام بىلەن تەڭتۇش كىشىگە ياتلىق بولدۇم  
سەمەت : خەۋىرىم بار  
گۈل ئايىم :  ئاتا ئانام يىشى چوڭ بولسىمۇ قول ئىلكىدا بار بايكەن جاپا تارىتمايدۇ دەپ بولمامدۇ ؟
سەمەت : راستىنلا جاپا تارىتمىدىلىما ؟
گۈل ئايىم : كىين ئۇ كىشى ئۈلۈپ كېتىپ نەچچە يىل تۇل ئولتۇرغاندىن كىين قۇۋان بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ ئۇنىڭغا تەگدىم .
سەمەت : توۋا مەن ئىزدەپ يۈرگەن بىر ئايال بىلەن بىر شەھەردە ياشاپ ماڭا ئۇچۇرماي دوستۇمغا ئۇچۇرسا ،
گۈل ئايىم :  كىين مەن پومىچىك ئاتىلىپ سوراققا قالغاندا قۇۋاننى بۇ ئىشقا چىتىلىپ قالمىسۇن دەپ يىراققا كىتىڭ دىگەندىم . كىين بىشىمغا كەلگەن كۈلپەت تۈگەپ ئىزدىسەم قۇۋان يوق ئاڭلىسام سالچىلىق قىلىپ يۇرۇپ دەريادا ئېقىپ كىتىپتۇ .  
سەمەت : مىنى كەچۇرۇڭ
گۈلئايىم : ياق بۇ تەقدىر . بۇ ئىشنى سىزدىن ياكى دەريادىن كۆرگىلى بولمايدۇ .
سەمەت : نەدە تۇرىلا
گۈل ئايىم : ئىگەمبەردى بايدىن قالغان قورادا تۇرىمەن . ئاستىدا ئىجارىگە بىرىدىغان دۇكانلار بار . ھال ئەھۋالىم ياخشى لىكىن تىغدەك يالغۇزلۇق جىنىمغا پاتقىنى پاتقان ، يا ئىككى ئەردىن بىر پەرزەنىت يۇزى كۈرمىدىم .  
دەل مۇشۇ چاغدا بىرمۇنچە پىنسىيگە چىققان قىرى سالچىلار كىرىپ كىلىپ سەمەت بىلەن كۆرشىدۇ .
ئابلىمىت : ھەي سەمەت : نىمە بىزگە خەۋەر قىلمايلا قېچىپ كىلسەن بىر مەخپى ئىش قىلىۋاتقاندەك
سەمەت : نىمە مەخپى ئىش بولسۇن . ھەيكەل پۈتۈپتۇ . بىرىپ كۈرۈپ كىلەيلى دىسەم مەھەللىدە ھىچكىمنى تاپالماي ئۈزۈملا كىلىۋەردىم .
گۈلئايىم : بۇلار كىملەر ؟
سەمەت : بىزنىڭ كونا سەبداش سالچىلار
گۈلئايىم : ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇئەلەيكۇم . مىنىڭ يولدىشىم مەشھۇر سالچىلاردىن بولمىسىمۇ لىكىن سالدا ئۈلۈپ كەتتى . ۋاختىڭلار بولسا مۇرەببىمنىڭ نەزىرسىنى قىلاي دىگەن بىر قاتنىشىپ بەرگەن بولساڭلار
ئىلياس : ھەي سەمەت بۇ مەزلۇم كىم بۇلۇپ كەتتى ئەمدى ؟
سەمەت : رەھمەتلىك قۇۋاننىڭ ئايالى
ئابلىمىت : نىمە دىگەن قاملاشقان ئايال بۇ . ھەي سەمەت نەلىك ئايالكەن بۇ
سەمەت : مەن بىلەن بىر يەرلىك
ئابلىمىت : سىنىڭ بىشىڭنى ئوڭشايدىغان يەرگە كەپتىغۇ ئەمسە  
سەمەت : چاخچاق قىلمىغىنا . نەزىر دەۋاتسا توينىڭ گىپىنى قىلماي  
ئىلياس : بىز چاخچاق قىلمىدۇق . ئەل ئاغىنىلەر قارار قىلىشىپ سىنى ئۆيلەيدىغاننىڭ مەسلىھەتنى قىلغان . تىخى بىز سىنى  مەسلىھەتىمىزنى ئاڭلاپ قىلىپ قەشقەرگە قىچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دىسەك قىچىپ كەتمەپسەن سىنى بۇ يەرگە ئىزدەپ كىلىشىمىز .  
ئابلىمىت : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلئايىم خانىم . بىز يولدىشڭىزنىڭ سەبداشلىرىدىن ئىدۇق . سىزگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالساق توغرا كىلەرمىكىن ؟
گۈل ئايىم : نىمە ئىشتى دەۋەرسىلە .
ئابلىمىت : ئەمدى كەتكىنى كەتتى . كىتىپ غىمى ھاياتقا مىراس قالدى . قازا دىگەن ھەممىزنىڭ بىشىدا بار . مىنىڭچە سىلىمۇ سەمەت بىلەن بىر يەردىنكەنلا . ئاۋال بۇ ئىككلىرىنىڭ تويىنى قىلىۋىتىپ ئاندىن نەزىر بەرسەك قانداق ؟ چۈنكى ئۈلۈكنىڭ ئىشىدىن ھاياتنىڭ چۈشى ئەۋزەل ئەمەسمۇ ؟ كونىلاردىمۇ ئون شىھىتتىن بىر تىرىك ئەلا دىگەن گەپ بار . ئاۋال تىرىكلەرنىڭ غىمىنى تۈگەتسەك ئاندىن ئۈلۈكنىڭ غىمىنى قىلساق دىگەن نىيەتتىمەن
گۈلئايىم : ھەر قايسىلىرى قانداق قىلىشنى توغرا تاپسىلا مىنىڭ قارشى پىكىرىم يوق .
ئىلياس : ھەي يارايسىز مانا گەپ قىلە سەمەت
ئابلىمىت : بولدى ياخشىسى بۇ گەپ قىلمىسۇن .گەپ قىلغۇچىلىگى بولسا ھازىرغىچە بويتاق يۈرەمتى بۇ ؟ ھا ھا ھا ھا   
ئىلياس : ئەمسە توي كۈننى ئورنىنى بىكتىۋىتەيلى جامائەت
گۈلئايىم . ئورۇن بىزنىڭ قورا بولسۇن . ۋاقىت قاچان بولسا مەيلى
ئابلىمىت : ئوغال بالا مانا . سەمەت غاچ گەپ قىلە تەگىدىڭمۇ
سەمەت : غۇرۇمغا تەگمە ھە ھىلى بىكار
ئىلياس : سەمەت نوچى . قىرى ئارسىلان . ئاخىرى بەختىڭ چىقىدىغان بولدى سىنىڭ قىنى دوسلار يۈرۈڭلار مەسلىھەت چايغا . قاپچىغايغا كەتتۇق .


7-        مەيدان 7- كۆرۇنۇش

توي

ئەتراپىم ئېگىز چوققا ،
قارىغايلار قاتار قاتار ،
تاغقا چىققان سالچىنىڭ .
ئۆيى يوق نەدە ياتار

ئېقىپ كەلدىم سال بىلەن ،
سالنى باغلاپ تال بىلەن .
بىركېچە مۇڭداشمىدىم .
كۆڭلۇمدىكى يار بىلەن

داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى كۆرۇنۇشى . ئىلى سەنىمى ئورۇنلىنىدۇ . ئىجادى ناخشىلار ھەيۋەتلىك توي كۆرۇنۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .

         

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:16:57

ئورۇندىلىپ بولغان دارامىمۇ ياكى ئەمدى ئورۇندىلامدۇ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:42:48

ئەمدى يېزىلغان ئوخشايدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 15:41:30

ئورخۇن شەجەرىسى ، ئىدىقۇت يۇلتۇزى، سۇتۇق بۇغراخان، ئانا يۇرت، ئويغانغان زىمىن ... قاتارلىق رومانلارنى سىنارىيىلەشتۈرۈشكە سەۋىيىمىز يەتمەمدۇ ياكى سىياسىتىمىز يول قويمامدۇ؟
باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمى ئەسەرلىرىنى سىنارىيىلەشتۈرۈپ كۆپ قىسىملىق تىياتىرلارنى ئىشلەۋاتىدۇ، بىزنىڭ مۇقام ئۇستازى ، ئانارخان، مۇز تاققا كەلگەن مىھمان، تۇرپان ۋاڭلىرى دىگەندەك  چىڭ سۇلالىسىدىن ئۇ تەرەپكە ئۆتەلمەيدىيا ؟{:136:}

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 19:28:49

دىراممىنى سەھنىدە كۆرسە پەيزى بولىدۇ ۋە باھا بەرگىنى بولىدۇ ..:(

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 20:31:56

ما داراممىنى ئوينايدىغانلار ئىملانى تۈزۈتۈپ ئوينامۇ، يازغان پىتتى ئوينامۇ؟ :lol

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 20:34:31

سەمەت : ھە سەن مىنى ساراڭ بۇلۇپ قىلىپ بىشىغا كۈل سورۇپ ئويناۋاتىدۇ دەپ قالدىڭمۇ ؟ قىزىق . ما زىرائەتكە قۇرۇت چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ شۇڭا قىلىۋاتقان ئىش ماۋۇ . ئۆتە بىر چەتكە ۋىتامىن يىتىشمىگەن چىرايىڭ بىلەن كۈزۈمنى توسىمەن دىمەي

ماۋۇ ۋىتامنن دېگەن گەپ ئەينى زامانلاردا يوق گەپتۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 21:38:14

نىمە تېلىفۇنى ئىتىككى دىسەم نەچچە كۈندىن بېرى توختىماي يېزىۋېتىپسىزدە

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 21:54:56

بۇ رومانغا بىرىلگەن باھالار ياخشى ئەمەس تۇرسا  دىلرامما قىلىپ .كزگەرتىپ نىمە قىلدىغانسىز
  

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 08:40:57

saray يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 20:34 static/image/common/back.gif
سەمەت : ھە سەن مىنى ساراڭ بۇلۇپ قىلىپ بىشىغا كۈل سورۇپ ئ ...

بۇ روماننىڭ ۋەقەلىكى بىلىشىمچە 1- دۇنيا ئۇرۇشى ( يەنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى)نىڭ ئالدى كەينىگە توغرا كېلىدىغۇ دەيمەن .
بىراق ۋىتامىننىڭ بايقىلىش تارىخى ۋاقتى مۇنداق:

دىمەك بۇ ۋىتامىن دىگەن ئۇقۇمنى ئۆزھال ۋاقىت تونېلى بىلەن بېرىپ شۇ كىشىلەرگە ئۇگەتكەن گەپ . :lol {:181:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 12:27:32

ۋىتامىن يىتشمىگەن دىگەن گەپ مىنىڭ بۇرۇنقى ئاغىنەم سالام دۇنيانىڭ گىپى . لىكىن دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇ سۆزنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەمەس شۇڭا ئۈزۈم قوشتۇم . شۇنچە ئادەم كۆرۈپ بىر ئىغىز گەپتىن ئاتلاپ ئۆتەلمەپسىلەر . شۇنداق قىلىپ درامىنى باشتىن ئاياق ئوقۇپ چىقتىڭلارمۇ ؟ رۇماننى بىرى يامان دىدى . بىرى ياخشى دىدى . لىكىن رۇمان ماڭا يارىدى شۇڭا يازدىم ، بۇ يەردە تىللاش بىلەن ماختاش باراۋەر نەرسە . ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قېممىتى بىلەن تۇرىدىغىنى ئەجىر مىھنەت  .

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 20:17:48

ozhal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 12:27 static/image/common/back.gif
ۋىتامىن يىتشمىگەن دىگەن گەپ مىنىڭ بۇرۇنقى ئاغىنەم سال ...

سالام دۇنيا شۇ دەۋردە ياشىمىغان بولغىيتى؟ تارىخىي نەرسىگە زامانىۋىي گەپنى قوشۇش خەنزۇلارنىڭ كونا زامان كىنولىرى بىلەنلا تۈگسە بولار.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 20:34:32

ۋاي ۋۇي نىمە تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىمۇ كيىنكى تارىخقا ئايلىنىدۇ . بۇ جۇملە ئەسەرنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ناچار قىلىپ قويغان يىرى يوق شۇڭا ئەسەرگە ئۆتەيلى  

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 21:32:12

ئەلۋەتتە تەسىىر كۆرسىتىدۇ ، مەمتىمىن ھوشۇركاممۇ خاپا بولىدۇ

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-19 21:46:14

ھېلىمۇ ياخشى  يانفۇندا ۋېيشىن ئويناپ چىقماپتۇ. ;P

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 09:48:27

مەنمۇ ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقتىم . ماڭىمۇ مۇشۇ « ۋېتامىن » بىلەن  « سۇغا چۈشمەي نېگىرغا ئوخشاپ قاپسەن » دىگەن جۈملە غەلىتە تۇيغۇ بەردى . بىزلەرگىمۇ « نېگىر » ئاتالغۇسىنى بىلگىلى ئۇزۇن بولمىغان تۇرسا . يەنە كېلىپ ۋەقەلىكنىڭ ئورنى جەنۈبى شىنجاڭنىڭ يېزىسى ئىكەن .
ئۇزۇن بولدى دىراما كۆرمىگىلى ، بۇرۇنلاردا يىلدا بىر نەچچە قېتىم دىرامىلارنى كۆرۈپ تۇراتتۇق سەھنىلەردە . بولسا ماۋۇ دىراما بولسۇن ياكى باشقا دىرامىلار بولسۇن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ، جەنۇبلاردىمۇ ئوينالسا بولاتتى .

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 10:30:01

مەن بۇ داراممىنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم، ئەمدى ئۆز قارشىمنى سۆزلەپ باقاي:
1.سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خام. 1-كۆرۈنۈشتە سەمەت باشقا باللار بىلەن سۆزلەشكەن يەرلەرنى ئېتىز بېشى دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم، بىر دەمدە قارسام دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆيىگە ئەكىلىپ بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن گاڭگىراپلا قالدىم، شۇ ۋاقىتتىكى موھىت ئېتىز بېشىمۇ ياكى ئۆيمۈ بىلىپ بولالمىدىم. 2-كۆرنۈشتە سەمەت نوچى قەشقەرگە كەلدى دەۋاتقان، مانتىپەز بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپلا بۇ كۆرۈنۈشمۇ ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم. كىيىنكى كۆرۈنۈشلەرمۇ شۇنداق تېزلا داۋام قىپتۇ، قارىغاندا پۈتۈن داراممىنىڭ تەڭدىن تولىسى ناخشا بىلەن تۈگەپ كېتىدىغان چىراي.
2.مەن سالچىلار رومانىنى ئوقۇمىغان، ئەگەردە روماندا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇن مۇشۇ دارامىمدىكىدىن پەرىقلەنمەيدىغان بولسا ئوقۇمايلا قوياي، ھېچقانداق ۋەقەلىكنىڭ تايىنى يوقتەك بىلىندى، سالچىلار دەپ ئالاھىدە تەسۋىرلىگۈدەك ئىشمۇ يوق چىراي، ئەگەر روماندا باشقا ۋەقەلىك ۋە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگىدەك، تارىخىقا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ئىشلار بولسا پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم بار، بولمىسا يەنە شۇ ئاتام ئېيىتقان بايقى، بۇرۇنلاردىن تولا چاينىلىپ لاۋزىلىشىپ كەتكەن تېما ئىكەن، «بىر گاداي چىرايلىق قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇ قىزنى ئاتا-ئانىسى ئۆزىدىن 50 ياش چوڭ بايغا خاتۇنلۇققا بېرىۋەتتى، ئۇ قىز ئەرنىڭ راھىتىنى كۆرەلمىدى، يىگىتمۇ توي قىلماي ئۆز مەبىتىگە سادىق بولۇپ ساقلاپ ئۆتتى، ئاخىرى زۇلمەت زامانلار ئۆتۈپ كومپارتىيەنىڭ نۇرى كەلگەندىن كىيىن تېپىشىپ مۇرادىغا يەتتى»، بۇ مۇقاملارنى بىز تولا ئاڭلاپ يادا بولۇپمۇ كەتتى، يېڭىلىق بولسا كۆرەيلۇق.
3.ۋىتامىن بىلەن نېگىر توغرىسىدا سۆزلىمەي، باشقىلار دەپ بوپتۇ، كاللامدىن ئۆتمىگەن يېرى سالچىلارنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش، بىزنىڭ قەۋىم ھەر قانچە بولسىمۇ بىر بۇت تىكلەنگەنگە خۇش بولۇپ كېتىدىغان دەرىجىدە قالماقلىشىپ كەتمىگەندۇ؟ ئەگەر ئاشۇ ھەيكەلنى تىكلەش راسىت يۈز بەرگەن ئىش بولسا شۇنداق بولسۇن، ئەگەر مەمەتئىمىن ھوشۇر ياكى ئۆزھالبەي توقۇلما قىلىپ كىرگۈزۈپ قويغان بولسا ئۇلارنى ئەيىپلىمەي تۇرالمايمەن.
گەپنى ھازىرلىقچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي، داراممىنى ياخشى كۆرىمەن، مەنچە ئۆزھالبەي بۇ دارامىنى مۇنبەردە ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ تەلەپ پىكىرلىرىمىزنى ئاڭلاپ ئاندىن مۇكەممەللەشتۈرەي دىگەن چېغى بار، ئەگەر ئۇنداق بولماي مۇشۇ پېتى چىقىدىغان بولسا ئاۋارە بولمايلا قويايلى، بۇ داراممىدا ۋاي دىگۈدەك ۋەقەلىك ياكى ئوبراز يوقكەن.
ئۆزھالباي، تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن، ئەمما ھېس قىلىشىمچە ۋاقىت ئۇتىمەن دەپ ئالدىراپ سالداراپلا بازارغا سالىدىغان ئاجىزلىقىڭىز باردەك ھېس قىلىپ قالدىم، بولسا يېتەرسىزلىكىڭىزنى ۋاقتىدا بايقاپ ئېسىل دراممىلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. قالغان ھېس قىلغانلىرىمنى بىكار بولۇپ يەنە ئورتاقلىشارمىز.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 11:15:28

مەن ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن دىراما «  سىز بىزگە ئىشىنەمسىز ؟ » دىگەن دىراما ئوخشايدۇ ئەسلەپ باقسام .  
ئۇنىڭدىن كىيىن دىراما كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق ،  بۇرۇنلاردا يىلدا نەچچە قېتىم تىياتىر ، دىرامىلار كېلىپ تۇراتتى .  دىراما ، تىياتىر كەلگەن كۈنى ناھىيەمىز بازىرىدا باشقىچە قاينام تاشقىنلىق ، يىزا - يېزىلاردىنمۇ كىشىلەر توپ - توپ بولۇپ تىياتىر كۆرگىلى كىرىشەتتى .  ناھىيەلىك كىنوخانا ئالدى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن ، تىزىلىپ كەتكەن نەچچە يۈزلىگەن ۋېلسىپىتلەر ، كىنوخانا ئالدىدىكى مەيداندا نەچچە قاتار بولۇپ تىزىلپ كەتكەن كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ ، كىنوخانىغا كىرىپ بولغىچە دىراما تۈگەپ كېتەمدۇ نىمە دەپ ئەنسىرەپ كېتەتتۇق ،  
ئۇزۇن بوپتۇ بۇنداق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ باقمىغىلى .  بۇرۇنلاردا ئوينالغاندەك ئېسىل دىرامىلار يەنە ئوينلىپ باقسا ، يەنە شۇنداق قاينام - تاشقىنلىق بولارمۇ ؟ ...

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 15:03:57

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 15:41 static/image/common/back.gif
ئورخۇن شەجەرىسى ، ئىدىقۇت يۇلتۇزى، سۇتۇق بۇغراخان، ئا ...

دەۋاتقىنىڭىز رىئال مەۋجۇت مەسىلىلەر ئىكەن،خالىسىڭىز ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ باقساق.بىلمىدىم خالامسىزكىن؟
بەت: [1]
: سالچىلار (دراما)