جەسەت: دىئالوگ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 13:55-سۆيۈملۈكۈم سىزگە بىر گەپنى دېسەم رەنجىمەيدىغانسىز؟
-ياقەي، قانداق گىپىڭىز بولسا دەۋېرىڭىز.
-سىزنى بەزىدە بەكمۇ ئۆلتۈرۋەتكۇم كەپ كېتىدۇ.
-نېمە؟!
مەن تۇنجى قېتىم ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق قورۇنۇش ۋە خىجىلچىلىقلارنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا-ئۇنىڭ قاش، كۆز، كىرپىكلىرىگە...ئشقىلىپ ئۇ بۇ دۇنيادا ئىگە بولغان بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىگە پۈتۈن ئىشتىياقىم، جان جەھلىم بىلەن ئاچكۆزلەرچە قاراشقا باشلىدىم. ئۇ مېنىڭ بۇنداق ياۋايىلارچە دەھشەتلىك قاراشلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي، ئەيمەنگىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى.
-نېمىشقا ماڭا بۇنداق قاراۋېرىسىز؟ ئادەمنى خىجىل قىلىپ..
سىز بەكمۇ گۈزەللىشىپ كىتىپسىز. مەن گۈزەل نەرسىلەردىن نەپرەتلىنىمەن. مەن بۇنداق گۈزەللىككە بەرداشلىق بېرەلمەيمەن!
ھا..ھا..مەمەت ئۆمەر سىز ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر شائىر بۇلۇشقا مۇناسىپ. سىزنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىڭىز بەئەينى بىر شېئىرنىڭ ئۆزى. مەن سىزنىڭ بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى، تەسىۋىرلىگۈسىز رومانتىك تۇيغۇلىرىڭىزغا بەكمۇ مەپتۇنمەن. سىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك رەزىل ئەبلەخ!
-ئەخمەق قىز، سىزدە فونتىكىلىق مەسىلىلەر خېلى بار ئىكەن.
-فونتىكىلىق مەسىلە؟ فونتىكىلق مەسىلە دېگەن نېمە؟
-ھېكايە يېزش-ئادەمنى يېزىش دېمەكتۇر. بىر پارچە ھېكايىدە ئاپتورنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ئەڭ زور كۈچ سەرىپ قىلىدىنى يەنىلا شۇ ئادەم-پىرسوناژلار ئوبرازى. ئادەم-ھېكايىنىڭ يادروسى.
-ھە،ئەسلى مۇنداقكەن-دە! ھە،راسىت چۈشتە نەدە تاماق يەيمىز؟
-كۆزنىڭ مەقسىتى كۆرۈش ھەم كۆرسىتىش. قۇلاق ئاڭلىيالايدۇ ئەمما ئاڭلىتالمايدۇ. مەن يېقىندىن بۇيان سوۋىت بىئولوگىيە ئالىمى ئالېكساندىر لىيۇشېۋىنىڭ ‹‹ۋاقىت خاتىرلەش ئۇسۇلى››نى تەتقىق قىلىۋاتىمەن..
-نېمانداق چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىسىز؟ دورىنى خاتا يەۋالمىغانىسز؟
-ھەممە ئىشتا قەدىرلىك بولغان ئىنسان ئۆز سۆيگۈنى ئالدىدا قەدىرسىز بۇلۇپ قالىدۇ. سىز بۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك!
-مەمەت ئۆمەر نېمانداق ئالا-جۇقا سۆزلەپ يۈرىسىز؟ سىزدىن راستىنلا ئەنسىرەپ قالدىم.
-بىرسىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش-خۇددى يۈرەكنى ئىلىپ شىرەگە قويغاندەكلا بىر ئىش. كىمنىڭ سۆيگۈسى چوڭقۇر ۋە چەكسىز بولىدىكەن، شۇ مۇھاببەتنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆتىدۇ. شۇڭا ھېچكىم ھېچكىمنى سۆيمىسۇن ھەم سۆيۈلمىسۇن!
-سىز راستىنلا قىيىن كۈنلەرگە قاپسىز؟ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولۇدەك؟
-سوقراتنى تۇنۇمسىز؟
-ياق!
-سىز ھەقىقەتەن بىچارە ئىكەنسىز. سىزنى مەڭگۈ قۇتغۇزۇۋالغىلى بولمىغۇدەك.
-سىز ھەقىقەتەنمۇ ساراڭغا ئايلىنىپسىز!
-شۇنداق، خىمىيە كەسپىدە بەش يىل ئوقۇپ قېتىق ئۇيۇتۇشنى بىلمەيدىغانلار ئارىمىزدا ئازمۇ؟
-سىز.... مەن كەتتىم.
-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ يەتتە ئىقلىمدا تەڭدىشى يوق گۈزەل بىر مەلىكىسى بار ئىكەن. مەلىكە بىر كۈنى..
دۇنيادىكى چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق باشلىنىدۇ. چۆچەكلەر ئەدەبىياتتىكى بىر خىل يۇقۇملۇق كىسەللىك. ۋاي، ئاناڭنى! مەن بۇنداق چۆچەكلەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن!
بۇ ئەسىرىڭىزنى خىلى چۈشەندىم .
ئەمدى فوتوشۇپ لازىمتى . ئۇيغۇرچە قوللايدىغىنى ، بارلار سۆز قالدۇرۇڭلار -كەتمەڭ ، سىزگە چوقۇم يۇمران دىتال پىشۇرۇپ بىرىمەن
- سىز دوختۇرغا كۆرىنىڭ !
-مەن باشلانغۇچ ئەدەبىياتىدا 87 نومۇر ئالغان، دوختۇرغا كۆرۈنسەم ، دوختۇر چوقۇم خاپا بولىدۇ
- ساراڭ !!!
- شوخلاپ گەپ قىپ بىرۋاتسام قەدرىمنى بىلمەي كەتتىلەر ، ساراڭ! :lol;P پەرھاتكامنىڭ رۇمانىدىمۇ مۇشۇنداق چۆچەككە سەت نەپرەلىنىۋىتىدىغىنىدىن بىرى بادەك قىلغان ئۇ دەل-مەن ! ئابدۇسەمەت مامۇت ئەمەستۇ؟ Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 17:42 static/image/common/back.gif
ئابدۇسەمەت مامۇت ئەمەستۇ؟
مەن شۇمىكى دەپ قالدىم ئۆلىۋىلىش سەنئىتىدىن قاتتىق ئىلھام ئاپسىزدە tirkax يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 14:41 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسىرىڭىزنى خىلى چۈشەندىم .
ئەمدى فوتوشۇپ لازىمتى . ...
فوتوشۇپ لازىمتى دەڭ. ئىنكاس جايىدىغۇ؟‹ ئىسمىڭىزنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.... سۇغۇق ھەم چۈشكۈن...
پەرھات تۇرسۇننىڭ كىتاپلىرىدىن ئىلھام ئالغاندەك تۇرىسىز...
لېكىن بۇ تۈردىكى ئەسەرگە سەل چۆكۈپ باقسا بىر خىل مەنىسىز تۇيلۇدۇ...يەنى ئاپتور ئەپەندىم پەقەت بىر تالاي ھېچ قانداق مەنىسى يوق سۆزلەرنى قاتار تىزىپ قويغانغا ئوخشاش ... بۇ ئەسەرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. تۇيۇقسىز ئېلھام كەلدىمۇ يا بۇرۇن يېزىپ قويغانمۇ؟ نەچچە كۇندە كۈندە ئۇچىرتىدىغان بولۇپ قالدىم.
بەت:
[1]