waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 20:26:21

شىرئەلىجان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

   

  7-سىنتەبىر سىنا تورى خەۋىرى؛ 17-سىنتەبىر كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ئورگان تور بىتىنىڭ جۇڭگۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تىزىلىگىدە شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ ئىسمى ئوتتۇرغا چىقتى، شىرئەلىجان ئىچكى سەپتىكى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى  لى مۇخاۋ نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بۇلمىسىلا شىرئەلىجان  9-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدىغان  رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.   
  بۇخەۋەر جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يىتەكچىسىنىڭ دەلىللىشىگە ئىرىشكەن.  شىرئەلىجان ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتە ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن.  
  نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگۇ  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى ۋەكىللەر ئۈمىگى ئىلان قىلغان جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان  12 كىشلىك تىزىملىك؛ دىڭ يى يۈ خاڭ، گوچۇەن، گوئەيلۈن، لى مۇخاۋ، لىيۇ شىياۋيۈ، سۈن تۇڭلىن، ۋاڭ جېلىن، جاڭ تەيلۇڭ، لى شاۋ شۇ، چەي شىياۋ چۇەن،  جۇپىڭ، جۇچى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. بىراق ئەينى ۋاقتىدا باش تىرىنىر گۇەن لومېڭ ئىپادە بىلدۇرۇپ بۇ تىزىملىكنىڭ نەزىرىيە جەھەتتىن يەنە ئۆزگەرتىلىش ئىھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تاسادىبىيلىق جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن ئىئوردانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدانىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى بىك لىيۇ شىياۋيۈنىڭ تاپىنى يارلانغان، ئەسلىگە كىلىشىگە ئاز دىگەندە بىر ھەپتە ۋاقىت كىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.  بۇ تاساددبىي ھادىسە گۇەن لومېڭنىڭ مۇسابىقىگە ئەسلىدىكى پەقەت ئىككى نەپەر تەشكىللىگۈچى بىك قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان.   شۇڭا گۇەن لومېڭ كوماندىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى ۋە ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى رەقىبلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئۇيلۇشۇش ئارقىلىق ئىچكى سەپتىكى بىر نەپەر تەنھەركەتچىدىن ۋاز كىچىپ، ئۈچ نەپەر ئارقا سەپ مۇداپىيەچى قاتناشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php  


dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 07:56:34

شرئەلى  مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى. غەيرەت قىل شىرئەلى !

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 08:53:54

چوڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغاندىن كىين مەستانىلەرنىڭ پىكىرى ئاز بولمىدى. بۇ قېتىم ئىئوردانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىپادىسى يامان ئەمەس، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى مەيدانغا چىقىرىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى يارىسى ساقايمىدى دەۋاتقان،تىزىدىن سۇ تارتىۋاتقان رەسىملەرنى ئۆزى ئىلان قىپتىكەن. باش تېرىنىرغا نىمە تەسىر قىلدى ئەلۋەتتە بىرنىمە دەپ بولمايدۇ.

مەيدانغا چىقىدىغان بولسا ياخشى بوپتۇ. ئارتىسقا سەھنە لازىم، قەھرىمانغا جەڭ مەيدانى.
بەت: [1]
: شىرئەلىجان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ