خاتىرە كومپىيۇتېر تەۋسىيە قىلساڭلار
ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىمغا خاتىرە كومپىيۇتېر ئېلىش زۈرۈر بولۇپ قالدى . 3500 يۈەندىن تۆۋەن باھادىكى كومپىيۇتېر سېتىۋالاي دەيمەن . كومپىيۇتېر قاتتىق دېتالى ھەققىدىكى بىلىمىم كەمچىل شۇڭا دوستلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشىنى سورايمەن. toshiba سېتىۋالغىلى بىر ئاي بولمىدى، 2500، مېنىڭ مۇشۇ ئىشلىتىشىمگە مىت قىلماي تۇرىدۇ، ئادەتتە كومپىيۇتۇرۇم 20 سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدۇ.ASUS نىڭ i5 لىك، 500گېگا قاتتىق دىسكىسى بار، 4G ئىچكى ساقلىغۇچلۇق، 2G كۆرسىتىش كارتىسى بار لەپتوپنىڭ شۇ باھاغا ئالغىلى بولىدۇ. بازار كۆرۈپ بېقىڭ. IBM لىيەنشىياڭ del قاتارلىقلارنى سەپلىمىسى بىر قەدەر نورمال ، يەنى i3 CPU ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گىگا ، ئىچكى سىغىم 500 گىگا ، يېڭىلىقى 95% لىكلىرىنى جۇڭشەندىن 1500 ئەتراپىدا ئالالايسىز … toshiba ، HP
سەمىمىي نەسىھەت، لىيەنشاڭ ئالماڭ.
ھاياتنى قەدىرلەپ جۇڭگو مېلىدىن يىراق تۇرۇڭ. كۈلكە دېگەندەك asus ياكى چەتنىڭ باشقا ماركىدىكى كومپيۇتېرىنى ئويلىشىپ بېقىڭ. mac book Pro ياكى mac book air ئەپ بىرىڭ لىكىن ئاۋۇ پۇلنى 2گە ياكى 3كە كۆپەيتىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ. 华硕( لاتىن ھەرپىنى چىقارغىلى بولمايۋاتىدۇ تېلفوندا)نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بەك قىزىيدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىككى ئالماشتۇرۇپ بولدۇم.
چۇۋۇپ سوۋۇتقۇچنى بىر تازلىدىم، يەنە قىزىيدۇ.
惠普كومپىيوتىرىم پەقەت قىزىمايتى. Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 20:20 static/image/common/back.gif
mac book Pro ياكى mac book air ئەپ بىرىڭ لىكىن ئاۋۇ پۇلنى 2گە ياكى 3 ...
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلارغا مەك بوك ئارتۇق كىلىپ قالامىكىن دەيمە....asusنىڭ بولاپ قالامىكى MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 20:16 static/image/common/back.gif
سەمىمىي نەسىھەت، لىيەنشاڭ ئالماڭ.
ھاياتنى قەدىرلەپ جۇ ...
لىيەنشاڭ دىگىنى دائىم چ چ لاردا مۇكاپاتقا تارقىتىدىغان شۇمۇ؟ بىكارغا بېرىدىغان نەرسە قانچىلىك بۇلار دەپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم كەلمەي ئۇ ئېلانلېرىنى كۆرمەيتتىم... ۋىندوۋس نىڭ زەھرىنى تازلاشقا يەنە 20يىل كەتكۈدەك مەن ئاشۇ پۇلغا چۇشلۇقنى تەۋسىيە قىلدىم. تازا نوچىنى ئالىمەن دېسىڭىز DELL دىن باشقىسى بىكار. ASUS نىڭ سەپلىمىسى ياخشى، باھاسى بەك ئۆرە ئەمەس. ASUS قىزىديدۇ ئۇ بۇ دېگەنلەرگە جاۋاب شۇكى مەيلى ASUS بولسۇن ھەرقانداق لەپتوپ ئاي يىللار ئۆتۈپ قىزىيدىغان بولىدۇ. قىزىمايدىغان لەپتوپلار يوق. DELL نىڭمۇ ياكى IBM نىڭمۇ نەچچە ئونمىڭلىقىنى ئالسىڭىزمۇ قىزىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر IBM دېگەن ماركىنى Lenovo يۇتۇۋېلىپ ئەخلەتتىن بەتتەر قىلىۋەتتى، ئۇنىڭغا يېقىن بارغاننىڭ پايدىسى يوق. ئۇ كومپىيوتىرنىڭ باش ۋاكالەتچىسى سىلى ئەمەس بولغىتىڭلار كۈلكە.;P
ھەجەپ قاخشاپ كېتىپسىلەر. مەن ئۆزۈم يولۇققاننى بايان قىلدىم. توردىمۇ كۆپكەن قىزىيدۇ دەپ جار سېلىپ يۈرگەنلەر. باشقا ماركىدىكى كومپىيوتىرغا سېلىشتۇرغاندا بەكرەك قىزىيدىغانلىقى ئەمەلىيەت. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 00:04 static/image/common/back.gif
ئۇ كومپىيوتىرنىڭ باش ۋاكالەتچىسى سىلى ئەمەس بولغىتىڭل ...
مەنمۇ بېشىمغا كەلگەننى ۋە كۆرگەننى دېدىم. ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى دېمىدىم ھەم كېلىپ قاقشىغان يېرىممۇ يوق. قىزىمايدىغان لەپتوپنىڭ راستلىقى ئەمەلىيەتتۇ. http://detail.zol.com.cn/notebook/index366134.shtmlيەنە 1500 نى قوشۇپ ماۋۇنى ئالغىنىڭىز ياخشى ،بازاردا ھازىر 4500 دىن 5000 غىچە بىرىدۇ . كۆرۈنۈشى سىپتا ، سەپلىمىسى ياخشى . مەن ئالغاندا 6100 گە ئالغان . شۇنداق ياخشى ئىشلىتىپ كىتىۋاتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 07:17
Dell نى ئىشلىتىپمۇ باقتىم ،بىراق قىززىيدىغان بولۇۋالغاننى ئاز دەپ قاتتىق دېسكىسى كاردىن چىقتى ،شۇنىڭ بىلەن كۆپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى SAMSUNG نىىڭ ATV Bookتىپىدىن بىرنى ئالغانتىم windows8نىڭ ھەقىيقى نەشرى قاچىلاقلىقكەن ،كارامەت شاش ، پەقەت قىززىمايدۇ، ئەمما زە سەل قىممەترەك ،لېكىن ھازىرغىچە مەن ئىشلىتىپ باققان خاتىرە كومپىيۇتېرلار ئىچىدە ئەڭ يارىغىنى مۇشۇ بوپ چىقتى ۋىروسخورنىڭ يامىنى قاچىلاقلىق ئىكەن .(ئەلۋەتتە ئالمىنىڭ ئەڭ نوچىلىقىدا گەپ يوق،لىكىن بەك قىممەت). ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 00:04 static/image/common/back.gif
ئۇ كومپىيوتىرنىڭ باش ۋاكالەتچىسى سىلى ئەمەس بولغىتىڭل ...
راست گەپنى قىلسام قانداقلا ماركىدىكى خاتىرە كومپىيۇتېر بولسۇن ، ئىشقىلىپ 3500سومدىن تۆۋىنى تايىنلىق! hpنىڭ مۇ ئادەتتىكىلىرى ئوبدانلا قىزىپ قويىدۇ ، 商务笔记本دېگەنلىرى خېلى بوپقالىدۇ... DELL مۇتازا ياخشى ئەمەس ، تولا كۆك ئىكران بولۋالدۇ ، ھەم بەك قىززىيدۇ . TOSHIBA نى ئويلىشىپ بېقىڭ ، مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن ، خېلى ياخشى
http://www.gome.com.cn/product/9128162711.html خۇيپۇ بوپ قوياتتى ، ئەگەر لىيەنشاڭ ئالىمەن دىسىڭىز سودا تىپىدىكىنى ئېلىڭ ! ئادەتتە لىيەنشەڭنىڭ كومپىيوتېرلىرى ئىككى تۈرگە ئايرىلدىكەن ، سودا كومپىيوتىرى ۋە ئائىلە كومپىيوتېرى دەپ ، سودا كومپىيوتېرى بوپ قويىدۇ ، ئاي بى ئېم تېخنىكىسىدا ئىشلەنگەن ، سىنكپەد تىپىدىكى سودا كومپىيوتېرنى تاللاپ بېقىڭ !!
بۇ يارمىسا خۇيپۇ ھەقىقەتەن ياخشى ، DELL !!!!!!!!!!!