« ئۈچ خەتلىك فىلىم» گە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلارقۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز يېقىندا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن تۆۋەندىكى ئىككى كارتون فىلىم ۋە بىر ئۇرۇش فىلىمىگە ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. ئېلان بېرىشنى ئويلاۋاتقان شىركەت، شەخسلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئېلان بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
1 - رىيو 2
2 - غەلىتە مەخلۇقلار ئۇنىۋېرستېتى 2
3 - پېئارېل خاربور
مەزكۇر فىلىم ھازىر تەھرىرلىك باسقۇچىدە، شۇڭا مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئېلان بېرىدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ.
ئېلان قوبۇل قىلىش تېمىسى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا بار.
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7226-1-1.html
قۇتيار تەرجىمە فىلىم مۇنبىرى
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
2014-يىلى 9-ئاينىڭ17-كۈنى « ئۈچ خەتلىك فىلىم» دېسە ھەيران قاپتىمە پېئارىل خاربور نى كۆرىدىكەنمىزدە، پەيزى ئىش بوپتۇ… uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 20:22 static/image/common/back.gif
قۇتيار قوبول قىلسا ئېلانلارنى،
فىلىملىرى بولدى باھالى ...
مېنىڭ خويمۇ بىكارلىق، قىلىپ بەرگـۈم بار ئىدى.
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىم، يوقاپ كەتتى كەلمىدى.
بولسا سىزمۇ كىنودىن بىرەر قىسىم قىپ بېقىڭ.
ئۈزۈلدۈرمەي قىلسىڭىز تەڭگە بېرەي ئېپ قېلىڭ.
ھەقسىز بىلەن ھەقلىقنىڭ پەرقىنى بىلەرسىزمۇ؟
مېنىڭ مۇشۇ جاپايىمغا بىرەر قېتىم يېتەرسىزمۇ؟
ئۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن ،
بۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن .
يانچۇقتا تەڭگە بولمىسا ،
قۇتيارنىڭ كىنوسىنى كۆرمىسۇن ! {:92:} تېلىۋىزىيىگە ئېلان بېرىپ ئاخماق بولغىچە ، مۇشۇنداق فىلىملەرگە ئېلان بېرىڭلار. تېلىۋىزىيە بارغانسىرى سىياسى تۈس ئالغاچقا نۇرغۇن ئادەم كۆرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئۈچ بىلەن خەتلىك نىڭ ئارىسىدا «دانە» دېگەن گەپ چۈشۈپ قاپتۇ ھە:lol تىزراق ئىلان قىلسىڭىز ،
ئاۋۇ كارتۇن فىلىمنى .
چۈشۈرۈپ بارماق دىسكامغا ،
بىر خوش قىلاي بالامنى . ئېلان باھاسىنى قىسقىچە ئىزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 09:26
قوللاپ قويۇڭ ئۇيغۇرنىڭ خەتلىك كىنو-فىلىمنى
مەنمۇ بىر چاغ سىنىغان بېسىم تۇرۇپ كۆتۈمنى :lol
ئاسان ئەمەس ئىشلىمەك تەرجىمە ھەم تەھرىرنى،
ئاخىر مەنمۇ چىدىماي بولدى قىلغان ئىشىمنى .:'(
ئانا تىلدا يېزىلغا مۇنبەر بىلەن كىنونى،
قوللىمىساق بۇمۇ يوق ، بېرىپ ئويناڭ خەنچىنى .
بولسا بۇ ئىش جانلانسۇن، بارچە كولا يانچۇقنى،
خىرىستىكى تىلنى ھەم راۋاجلاندۇر زامانى.
بۇندىن كېيىن نىم بولار ، كىم ئىشلىتەر بۇ تىلنى
نەۋرە چاقا چۈشەنمەي قاشلارمۇ شۇ بېشىنى ؟
تارايغاندا تىلىمىز يېزىش ئوقۇش دائىرىسى ،
ئۆرتەنمەمدۇ يۈرەكلەر ئىچىدە تىللاپ ئاناڭنى . {:90:}
eRVen_RuMMeL يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 08:45 static/image/common/back.gif
ئېلان باھاسىنى قىسقىچە ئىزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز.
تېمىدىكى ئۇلانمىدا بار ئىدى. كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز. ئۇلانمىنى يەنە بىر قالدۇرۇپ قوياي. بۇ يەردە ئىنكاس شەكلىدە يازاي دېسەم مەنزمۇ سەل كۆپ ئىدى.
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7226-1-1.html
مۇشۇ ئۇلانمىدا تەپسىلاتى بار. تەرجىمە قىلغان كىنولارنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە سىلىشتۇرمىلىرىنى @alip ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز گوگۇلغا قىتىۋەتسۇن Google Translator گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشايلى ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 09:09 static/image/common/back.gif
تەرجىمە قىلغان كىنولارنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە سىلىشتۇرم ...
مەن بارلىق كىنولارنىڭ يېزىقىنى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىمگە ئەۋەتىپ بولغان. شۇ ئاكىمىز قوشۇپ قويۇۋاتىدۇ. رەھمەت. بولسا مۇشۇ كۆۋرۈك تور بېكىتى تەرجىمە قىلىنغان خەتلىك فىلىملەرنى سېتىۋېلىپ تور بېتىدە قويغان بولسا،قويغۇچنىڭ ئىككى يېنى بىلەن ئاستىدىكى ئېلان ئورنى ئاق قالماس ئىدى{:136:}
خەير،شۇنداق كۈنلەرمۇ كېلەر uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 20:22 static/image/common/back.gif
قۇتيار قوبول قىلسا ئېلانلارنى،
فىلىملىرى بولدى باھالى ...
تەڭگە» دەپ ئەتىگەندا
دەرت توشۇپتۇ يۈرەككە
«تەڭگە» پەقەت قارىتىلغان
مېھنەت قىلمىغان بېلەككە
گەر تەڭگە تاپاي دېسىڭىز
سىزمۇ ئازراق تەر تۆكۈڭ
تەرجىمە قىلىپ فىلىمنى
تەرجىمىگە كۈچ قوشۇڭ
قۇتيار قېرى فىلىم گۇرۇپپىسىدىن :ھارۇن بوۋاي:lol 3D خەتلىك فىلىمگە دەپ چۈشۈنۈۋالغىلى تاس - تاماسلا قاپتىمەن تەڭگە دېسە نىمە بوپتۇ؟
ئاغرىمىسۇن بېشىڭلار.
خاتا تەرجىمە قىلغان چاپاق كىنولارنى ئۈچ كويدىن كۆرۈپلا ئۆتۈپ كېتەمسىلەر؟
قۇتيارمۇ مۇشۇ ساھەدە ئوبدان كۈچ چىقىرۋاتىدۇ ، ياخشى كىنو تاللايدۇ ، سۈزۈك ، تەرجىمە سۈپىتى يۇقىرى ، ئىستىمال سەۋىيەرىڭلارنى كۆتۈرۈپ قويۇڭلار باللا...ھەم قوللاپ قويۇڭلار... بىز قوللاپ تۇرساقلا تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ... بىزدە ئانالىزىمنىڭ دورىسى باتتى. شۇنىڭ ئېلانىنى بىرەيلىمىكىن. توردا كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بۇنداقلار خېلى بار ئىكەن.
بەت:
[1]
2