muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 16:36:19

ئامېرىكا كارخانىچىلار خىتابنامىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muzdala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-17 16:48

ئامېرىكا كارخانىچىلار خىتابنامىسى



مەن ئاددىي ئادەم بولۇشنى تاللىمايمەن، ئەگەر قولۇمدىن كەلسە، مەشھۇر ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن.

ئىزدەيدىغىنىم خاتىرجەملىك ئەمەس، پۇرسەتتۇر. مېنىڭ دۆلەتنىڭ بېقىشىغا بېقىنىپ قالىدىغان تۆمۈر تاۋاق ئىگىسى بولغۇم يوق.

شۇنداق بىر تەۋەككۈلگە ھەر ۋاقىت تەييارمەنكى، ئۇنى ئارزۇلايمەن، ئۇنى بەرپا قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە مەغلۇپ بولىمەن ھەم شۇنداقلا غەلىبە قىلىمەن.

مەن ھېسداشلىقنى رەت قىلىمەن، تاللىشىم ـ توختام سۇدەك جىمجىت ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بېرىش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ ياشاشتۇر.

مەن ئەركىنلىكىمنى ھېسداشلىققا، غورۇرۇمنى «سەدىقە»گە تىگىشمەيمەن. مەن ھەرقانداق ھوقۇقدارلار ئالدىدا قورقۇپ تىترىمەيمەن، ھەيۋە، دەرد-بېسىملاردىن قورقۇپ ئىگىلمەيمەن. مەيدىنى تىك تۇتۇپ پەخىرلىنىپ، قورقۇمسىز، مەردانە ياشاش مېنىڭ خاراكتېرىم. مەن ئارزۇيۇم ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسىدىن ھوزۇرلىنىمەن. ھامان بىر كۈنى خەلقىئالەمگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: «ئىگەمنىڭ ياردىمى بىلەن مەن ئارزۇيۇمغا يەتتىم!»...

.I do not choose to be a common person
.It is my right to be uncommon—if I can
.I seek opportunity—not security
,I do not wish to be a kept citizen
.humbled and dulled by having the state look after me
,I want to take the calculated risk
,to dream and to build
.to fail and to succeed
;I refuse to barter incentive for a dole
;I prefer the challenges of life to the guaranteed existence
.the thrill of fulfillment to the stale calm of Utopia
I will not trade my freedom for beneficence
.nor my dignity for a handout
I will never cower before any master
.nor bend to any threat
;It is my heritage to stand erect, proud, and unafraid
;to think and act for myself
;to enjoy the benefit of my creations
and to face the world boldly
:and say
"This, with God's help, I have done."
—Entrepreneur's Credo of the American

مەنبە:
2014- يىللىق ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى مەخسۇس قوللانمىسى

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 09:52:58

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق بىر كۆز قاراش شەكىللەنگەن بولسىدى،ئۇ ۋاقىتتا مىللىتىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىختىسادىي تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەن بولاتتى.


ھېلىھەممۇ ياشلاردا ئۈمۈت زور.

chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 12:52:13

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2014-9-18 09:52 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر ياشلىرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق بىر كۆز قاراش شەكىللەن ...

سىللە 90 ياشقا چىلىما؟

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 13:04:14

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 13:39:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-18 13:40

كارخانىچىللىرىمىز ۋە كارخانىچى بولۇشنى نىيەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىر ئۇلۇغۋار ئېتىقاد ۋە غايىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۆز-ئۆزىگە مۇشۇنداق خىتاب قىلىپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەيدىغانلا بولسا پات پۇرسەتتە دۇنيا سەھنىسىدىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشىدا گەپ يوق. دۇنيانىڭ ئىختىساد تارىخىدا ئىختىسادىي ئۈستۈنلۈك ھىچقاچان مەلۇم قەۋىم گەۋدىسىدە ئۇزاق زامان مۇقىم تۇرغان ئەمەس، بەلكى يۆتكىلىپ تۇرغان .بۇ يۆتكۈلۈش ھامان ئونۋېرسال بىلىم ساپاسى ۋە ئادىمىيلىك ساپاسى يۇقىرى بولغان دۆلەت ۋە مىللەتلەر تەرىپىگە بولغان. بۇ يۆتكۈلۈشنىڭ جەريانى بەزىدە خەلقئارا سودا ئارقىلىق، بەزىدە ئۇرۇش ئارقىلىق بولغان، مەيلى قانداق يۇسۇندا يۆتكۈلۈشتىن قەتئىي نەزەر ئىختىساد ئۈستۈنلۈگى بىلىم تەرەپكە ئەگەشكەنلىكى ئېنىق.
    ياخشى كىتاپلار بۇ يەردە:http://book.menzil.biz

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:57:33

chanaymen يوللىغان ۋاقتى2014-9-18 12:52 static/image/common/back.gif
سىللە 90 ياشقا چىلىما؟

{:181:} {:181:} {:194:}

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:27:47

ھەممىسى بولىدىغان گەپلەركەن

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 16:30:24

ياپۇنلارنىڭ بىر ھىكمەتلىك سۆزى يادىمغا يىتىپ قالدى،10ئالىم تەربىيىلگەندىن 1كارخانىچى تەربىيلىگەن ئەۋزەل دەپ                                                بىزمۇ قاچانلىققا مۇشۇنداق كۆزقاراش شەككىلىننە دەيمە

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 18:28:37

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzM0OTU1MjEy/v.swf
بەت: [1]
: ئامېرىكا كارخانىچىلار خىتابنامىسى