رۇخسەت سوراش خېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 16:30ئۇخلاش ياخشى ئىش
تۇيۇقسىزلا دۇنيادا ئازاپلانغۇدەك ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ ئازاپلىنىپ كەتتىم...!
ئۇخلاش ياخشى ئىش، چۈنكى ئۇ ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ياش ھەم ساغلام بىر ئادەمنىڭ ۋاقىت چەكسىزلىكىدە ئاستا-ئاستا قېرىپ كېتىشى نېمىدېگەن قالتىس ۋە نېمىدېگەن ھاياجانلىق-ھە!
شېئىر يازمىغىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى. شېئىر يازماي، كتاب ئوقۇماي، تورغا چىماي، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي جۇددى خامۇشلۇق كېسىلىگە گېرىپتار بۇلۇپ قالغان ئادەمدەك مەنىسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە مەن يەنىلا تەنھا بىر ئادەم!
- ئۆيىڭىز بارمۇ؟
- دادامنىڭ بار.
- ماشىنىڭىزچۇ؟
- يوق.
- ئەمىسە سىزنىڭ نېمىڭىز بار؟
- يۈرىكىم.
- يۈرەك؟ قارىغاندا سىز شائىر ئوخشايسىز-ھە!؟- ئۇ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كېتىپ قالدى.
كۆپكۈندۇزدە ھاجەتخانىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇشقا سوزۇلغان قوللىرىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ بارا-بارا ئېلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىغا ھۈكۈم قىلدىم. لىكىن شۇئانلا ئېلىشىپ قالغان ئادەمنىڭمۇ يەنىلا ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقى يادىمغا يىتىپ، ئېلىشىپ قېلىش بىلەن ئېلىشىپ قالماسلىقنىڭ ھېچقانداق پەرقى ۋە ئەھمىيىتى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ ئازاپ ھېس قىلدىم.
ئاخشام تاڭ-تاڭ سوغۇقتا قولۇقىمغا نائۇشكىنى سېلىپ قويۇپ ئاسما مايكا بىلەنلا مۇزدەك كوچىلارنى ئايلاندىم. مەن بۇ كىچىككىنە شەھەرنىڭ كەچلىك تۇيغۇسىغا چۆكمىگىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالغانىدى.. رەڭگارەڭ چىراغلار، ھۇرۇنلۇق بىلەن مېڭىۋاتقان ماشنىلار، ئاندا-ساندا ئۇچراپ تۇرىدىغان گۈزەل قىزلار .. بۇ شەھەرنىڭ زىننىتى ۋە رەزىللكى ئىدى.
رۇخسەت سوراش خېتى
ھۆرمەتلىك مەمەت ئۆمەر مۇئەللىم:
ئانام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ماڭا بىر كۈنلۈك رۇخسەت بېرىشلىرىنى سورايمەن..
ھۆرمەت بىلەن ئوقۇغۇچىڭىز:
باھارگۈل تۇرسۇنتۇختى
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى،چارشەنبە
بىر تەننىڭ ئىككى پارچىسى
يۇلتۇزلار ئۆچۈشكە باشلىغان، ئەتراپ قېلىن قار بىلەن قاپلانغان بىر قىش كېچىسى ھېلىقى كىتاپتىكى بارلىق گۈزەل قىزلار رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرۋېتىلىدۇ. قاتىل كىم؟ ئۇلار نېمىشقا ئۆلتۈرىلىدۇ؟ ئەگەر بۇلارغا قىززىقسىڭىز، قانالنى يۆتكىمەڭ.
2014-يىلى8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئەركىن يۈرگۈچى-مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن كالىلىرىنى قوتانغا جايلاپ قويغاندىن كېيىن، تاۋۇز ئۇرۇغى سېتىۋېلىش باھانىسىدا بۇ ئەسەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ، ۋە بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالىدۇ:
-سەن شائىرمۇ؟
-ياق، مەن پەقەت سۆيۈلمىگۈچى.
-ئەمىسە نېمىشقا شېئىر يازىسەن؟
-قەلبىمدە مۇھاببەت بولمىغاچقا!
-قىززىق، شېئىرنىڭ ئۆزى مۇھاببەت ئەمەسمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس!
-مەنچە سەندە پىسخىكىلىق مەسىلىلەر خېلى بارئىكەن.
-بۇ ناتورالىزىمنىڭ ئەشەددىي ھۇجۇمى!
-ھاياتنى سۆيەمسەن؟
-شۇنداق. چۈنكى مەن ئازاپنى سۆيىمەن.
-ئازاپ دېگەن نېمە؟
-ھايات قىزغىنلىقى.
-ھا...ھا.. سەن مېنى كولدۇرلاتماقچىمۇ؟
-ياق، مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ گېپىنى دېدىم.
-ئۇنداقتا مەن سېنى يالغانچى دېسەم بولغۇدەك.
-شۇنداق، بىز ھەممىمىز يالغانچى.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
-ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەر ئانانىمزم قىلىدۇ. بىراق، ھېچقانداق ئەر بۇنى ئىتراپ قىلىشقا ياكى راسىت گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك يالغانچىلىقلارغا لىق تولغان!
-سەن ساراڭ بوپسەن!
-راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى.
-سېنى بەكمۇ تىللىغۇم كېلىۋاتىدۇ..
-بۇ گېپىڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
بۇنى كافكاچا يېزىلغان ياتلىشىش، ۋە مېھىرسىزلىكنى ئىپادە قىلىدىغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەۋرىسى دېيىشكە بۇلىدىكەن..
يەنە مەنىسىزلىك...بىنورماللىق ‹سەن شائىرمۇ› دېگەن مىنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇردى ئازاپلىنىپ كۆنگەن خۇشال بولغان چاغلىرىدا خۇددى يىنىدا بىر نەرسە كامدەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدۇ.{:112:} تاققا تۇققا ئەبەينى ئەسلەپ قالدىم ! بۇنى ئوقۇپ زادى نېمە دىمەكچى بولغىنىنى ھىچ ئاڭقىرالمىدىم. بۇ، يا باشنى ئاۋارە قىلىدىغان تېما، يا بېشىم بۇ تېمىنى ئاۋارە قىلدى...:lol مەن خەتەرگە ئىلگىرى شۇنداق دېگەن ئىدىم:مەن سىز بىلەن ئاشۇ ھەرىپلەر(سۆز،جۈملىلەر )ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان ھىس-تۇيغۇلىرىڭىز ھەققىدە ئەمەس بەلكى ئاشۇ ھىس تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ پارتىلىشىغا تۈرتكە بولىۋاتقان ئىچكى ئامىل ھەققىدە مۇڭداشقۇم بار ئىدى.ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتتى،خەتەردىن بۇ ھەقتە بىرەر خەۋەر ئالالمىدىم.بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم بىر قىسما بولغان ئىدى.مەن خاتالىشىپتىمەن،ئۇ ئەمەلىيەتتە ماڭا ئۆزىنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق جاۋاپ بېرىۋىتىپتۇ. ياپ يالڭاچ راس گەپ بويتاقنىڭ كۈيلىشىدەك بىلىندى :lol بالچاق تازا كۈيلەيدىغان دەۋرىدە!لېكىن قانداق كۈيلەشنى بىلگۈدەك ئەمەس، سەۋەپ ئۇ قوبۇل قىلغان تەربىيە سېستىمىسى كۈيلەشنى ئېغىر ئالىدۇ..قېنى ماۋۇ سەت كۈلگەن چىراي OCUZ يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 18:33 static/image/common/back.gif
مەن خەتەرگە ئىلگىرى شۇنداق دېگەن ئىدىم:مەن سىز بىلەن ئ ...
سۆز ئۈزمەنىسىنى ۋاقىتتا تۇتۇپ تۇرالمايدۇ! ----بۇ بىر كىلاسسىك قائىدە. سىزنىڭ باشقىلار بىلەن سۆھبەت قىلىش ئىختىيارىڭىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس !
مەن ساراڭ بوپتىمەن جۇما مەن ساراڭ بوپتىمەن جۇما....
گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دېسەم ياشلىرىمىزدا رۇھ بىلەن جىنسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە بىلىم كەمچىل .بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيىتىمىز،ئەدەبىياتىمز سەل قاراۋاتقان نازۇك بىر تەرەپ.خەتەر ئۆزىنىڭ يازملىرىدا جىنىسيەت بىلەن رۇھىيەتنىڭ سوقۇلىشىدىن پەيدا بولغان مۇرەككەپ ھادىسلەرنى دادىل ئىپادىلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرسى.مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىش ئىستىكىدە يۇقارقى گەپنى يازغان ئىدىم.بۇ ھەقتە پىكىرلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا ھەرۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە. مەندە يەنە شۇنداق بىر قاراش بار:بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشىدا رۇھىيەت بىلەن جىنىسيەتنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىنورمال تىمىغا ساق ئىنكاس چۈشمەيدۇ زادى ... بىر ئېغىز چۈشەنسەم كاشكى شەھلا خېنىممۇ جىنسىيەت توغىرلۇق سۆزلەۋاتقان ئالدىنقى تېمىلاردا … ھېلىغىچە سۆز قېتىپ قالامىكى … جەسەت بۇرادەر ئاچچىق بولسىمۇ دەپ قۇياي سېلىدە شائېرلىق ياكى يازغۇچىلىقتىنىڭ ھۈجەيرىسى يوقكەن.
بىرنەرسە يېزىشقا ئىنتايىن ساپ ئىنچىكە كۈڭۈل كىتىدۇ يازغۇچىلىق شاگىرىت كىرىپ ئۈگۈنىدىغان ھۈنەرئەمەس .
يازغان نەرسىلىرىڭلا جىنىس ئۆزگەرىتكەن تومپاي خۇتۇنغىلام ئوخشايدىكەن نە نازاكەت نە خۇلىق نە خۈسۈسىيەت يوق .خۇددى ماۋۇ مىنىڭ ئىنكاسىمدەكلا.
سېلە ناۋايلىقتىن باشقىغا زايا كەتكۈدەكسىلە يازغانلىرىڭلىنى ئۈزەڭلا بىر ئۇقۇپ بېقىڭلا مۇنبەردىكى قاسساپچىلىك يازغۇچىلىق پۇراق يوق.
يەنە زورۇقۇپ ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتى چۈشى كۈرەپ يۈرۈش ھاياتىڭلىنى ئىسراپ قىلغانلىق خەيىر ئوبدان ئويلۇنۇپ ئۆزكەسپىڭلىنى تېپىۋېلىڭلا. مەنغۇ بۇ خەتلەرنىڭ ئارىسىدا جىنسىيەتكە تەۋە تۇيغۇ كۆرمۈدۈم، لېكىن جىنسىي ئاتالغۇلار ئانچە-مۇنچە باردەك قىلىدۇ. چالا يېزىلغان سەۋىيەسىز مىدىستىنا ماقالىلىرىدەك. سەن شائىر دىكىسى سوقراتنىڭ دىئالوگلىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ
بۇ ئۇسلۇبمۇ بولىدىكەن ، ئەمما مەزمۇن قالايمىقان 10 يىل بۇرۇنقى ئۆزەمنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ ...ھەر ھالدا مەن ياقتۇردۇم ... ئۆزىگە يېقىنلاشقۇچى ئىكەن ...
قەستەن زۇرۇقۇپ باشقىلارغا ياخشى كۈرىنىمەن دىمەي ، خالىغان ئۇسلۇپتا يېزىرىۋېرىڭ ، ئەنە شۇ چاغدىلا سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇرغان بىرسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىسىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز .....
ئازراقلا تەنقىت توقماقلارغا بەرداشلىق بىرەلمىسىڭىز ، تۈگەشكىنىڭىز شۇ ..... بۇنى ئوقۇپ ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى ناملىق روماننى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كەپ قالدى. ئەمما بۇ قەلەم بەكلا سۇس. بەلكى خېلىلا يىراقتا
بەت:
[1]