7-نۇمۇرلۇق كارىۋات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 13:207-نۇمۇرلۇق كارۋات
مەن بىر كېسەللىك ئارخىپىنى كۆرۈپ قالدىم،
ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن مېنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىم..
ئاشقازان ياللۇغى، ئۆتتە تاش ۋە سوقۇر ئۈچەي شادىمانلىقى بار،
مەينەت ھەم ئىپلاس بىر دوختۇرخانىدا ياتتىم.
مەن تاشتىن نەپرەتلىنەتتىم، تاش يۈرەكلەردىن،
ئامالسىزلىق، ئىشسىزلىق، چىكىملىك ۋە ئۈچەينىڭ سوقۇرلىقىغا قۇشۇلغان سۈيدۈك بۆلۈمىدىكى ھېلىقى
چىرايلىق ئايال سېستىرا..
مەن شېئىر دەپ ئويلايتتىم ئۇلاردىكى ئاشۇ بېھىسساب قىزغىنلىق ۋە ئازابنىڭ لەززىتىنى!
ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز: كېسىلگەن ئۈچەينىڭ سۇس ھەم ھەسرەتلىك تەلمۈرۈشلىرى،
تاش ئەمەس ئىچىمدىن سۈزۈۋېلىنغان ئۇ-مارجان خادا تاشلىرى..
مەندىكى بۇ ئاشقازان بىر تال ئىدى پەقەتلا بىر تاللا
جاندەك،
جاناندەك!
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، چۈشتىن كېيىن مەن كارتامدىكى بارلىق پۇل ۋە شېئىرلىرىمنى كۆيدۈرۈپ
ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم..!
چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى
تۆكىلىۋاتقان گۈل بەرگىسىمۇ ياكى ئەپيۇن؟(ئەپسۇن)
مەۋجۇدىيەت تىنىقلىرىدىن يامرىغان تىنجىق.
تېشى ئاپتاپ، ئىچى مۇزدەك لەپ-لەپ...
بۇغداي بويى ئۆرلەپ تۇرغان ئۇزۇن يازنىڭ بىر چۈش مەزگىلى.
بىرسى پىشانىسىنى سۈرتىۋېتىپ ئۇ كوچىغا قارىدى،
بىرسى يۇلتۇزلار ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ دەپ ۋاقىرىدى كۈپكۈندۈزدە.
مەن ئاپتاپقا قاقلاندىم ئاندىن لەۋلىرىمنى يالاپ قويدۇم،
سۇ! دەپ سالدىم كەينىدە بار بىر ئ''ەستاغپۇرۇللا.''
تەرلىگەن پايپاقلار تۆت ئەتراپقا ئەتىر ھىدى تارقىتىدۇ،
ئېگىز بويلۇق، ئۇزۇن پۇتلۇق ئاشۇ ئايالغا ئاچكۆزمەن.
نېمىدېگەن شېرىن ۋە نېمىدېگەن لەززەت! بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى،
بىر تۈپ دەرەخنىڭ سايىدا يېتىپ ئۆز-ئۆزىنى ھايۋان دەپ سېلىش..
بۇغداي بويى ئۆرلەپ تۇرغان ئۇزۇن يازنىڭ بىر ئۇزۇن چۈش مەزگىلى.
قايسىڭلاردا ۋىندوۋس ئىكىس پى نىڭ مۇقىم ئىشلەيدىغان گوست نۇسقىسى بار . بۇ شېئىرىنىڭ ۋىندوۋس ئىكىس پى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى!؟ مەن ئەڭ ياخشىسى سىزگە ئاپتونۇم رايونلۇق ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ تەپلىسىي ئادرىسىنى دەپ بېرەي... ئاڭلىسام ئۇ يەرنىڭ دەۋالاش ئۈسكىنىلىرى ئىلغارمىش، خۇدايىم كۆڭلىڭىزگە ئىنساب بېرىپ بەخىتكە قارىشى ھالدا ساقىيىپ قالسىڭىز ئەجەب ئەمەس! ماۋۇ ئەسەرنى رەپ قىپ ئېيتىپ باققانلار باما {:92:} ئۇدارغا دەششەت چۈشىدىكە خۇدا ھەققى {:87:}{:87:} tirkax يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 14:39 static/image/common/back.gif
قايسىڭلاردا ۋىندوۋس ئىكىس پى نىڭ مۇقىم ئىشلەيدىغان گو ...
:lol 32 بىتلىقى بولسا بولاتتى . تىركەشنىڭ ئىنكاسى ھەقىقى يارىشىپتۇ بۇتىمىغا .........! ئۇنداقمۇ دىيىشىپ كەتمەيلى!{:92:} جەسەتنىڭ ئىنكاسىغا يامان سەت دەششەت كۈلىۋەتتىم :lol:lol:lol ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 15:44 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئەسەرنى رەپ قىپ ئېيتىپ باققانلار باما ئۇدارغا ...
ئەسەرنى رەپ قىلىپ ئېيتىش ،،ماگەپ باشقىچە ! شئىر دىگەن ئەدەم چۈشىنىلەامىگۈدەك يازمامسىز ماندا jeSat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 15:42 static/image/common/back.gif
بۇ شېئىرىنىڭ ۋىندوۋس ئىكىس پى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى!؟ ...
شاشىماڭ، جەسەت. ئۇ ۋىندوۋىس ئىكىسپى بىلەن شېئىرنى مۇناسىۋىتى بار تۇرۋالمىدى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز مۇناسىۋىتى بار دىگەن ،سىزنى باشقىلارنى ساراڭ دىگۈزىۋىتىدىغان ئۇكىسەل ئىدىيەنى ئۇنىڭغا مەجبۇرى يوكلەپ قويۇۋاتسىز، دۇختۇرنىڭ يامىنى ئۇنىڭغا ئەمەس سىزگە كېرەكتەك قىلىدۇ. ئىجادىيەتتىكى سىناق ئەيىپ ئەمەس،ئەيىپ ھېساپلىنىدىغى قەستەن ، ساقنى ساراڭ دەپ ساراڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇشتۇر ۋىندوۋىس ئېكىس پى مۇ بىر شېئىر ...
paranghumar117 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 17:26 static/image/common/back.gif
شاشىماڭ، جەسەت. ئۇ ۋىندوۋىس ئىكىسپى بىلەن شېئىرنى مۇن ...
شاشىماڭ دىگەن نىمە گەپ، لېكىن جەسەتكە دىگەن گەپلىرىڭىزنى توغرا تاپتىم.
شۇنداقتىمۇ جەسەتكە گەپ قېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئۇ بىر جەسەت تۇرسا، ئاڭلىيالمايدۇ. مەندە بەك جىق ، مۇشۇ ئىنكاسلارنىمۇ سېستىما ئاسىتدا يېزىۋاتىمەن .....
خېلى مۇقىم ، ئەمما سىزگە قانداق ئەۋەتىپ بىرىمەن .... xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 17:36 static/image/common/back.gif
شاشىماڭ دىگەن نىمە گەپ، لېكىن جەسەتكە دىگەن گەپلىرىڭ ...
بۇ جەسەت ئادەتتىكى جەسەتكە ئوخشىمايدىغاندەك تۇرىدۇ ! بۇنى مەخسۇس چۇشۇندىغانلار باركەن ! يىتىمنىڭ يىغلىشىمۇ شېئىر...ناخشىچىنىڭ ناخشىسىمۇ شېئىر...ئوۋچىنىڭ قولىدا جان بېرىش ئالدىدىكى ئولجىنىڭ خىرقىراشلىرى شېئىر...ھەيۋەت شەھەرلەرنىڭ قۇرلۇشىنى قىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ غاقىراشلىرى شېئىر...ئەلۋەتتە ياشاش ھاجىتى بىلەن تۈنلەردە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، ھېسسى ۋە ئەقلى كۈچىنى بارىچە ئىشلىتىپ تەڭلىمە،پىروگرامما تۈزۈپ ئېكىس پى نى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچىلارمۇ شېئىر...بارچە نەرسە شېئىر...سىلەرنىڭ شېئىرنى پەقەت خەت بىلەن پۈتىدىغان ئىپادىلەش دائىرىسى تولىمۇ چەكلىك نەرسىنىلا شېئىر دەپ قارايدىغان ئىددىيەڭلارمۇ شېئىر...ياكى ھەممە نەرسە شېئىر ئەمەس...ھەممە نەرسە شېئىر بولمىغاندىمۇ يەنىلا ھەممە نەرسىنىڭ شېئىر بولماسلىقتەك ئورتاقلىققا ئىگە.دېمەك ھەممە نەرسە مۇناسىۋەتلىك. ھەممە نەرسە بىر ياراتقۇچى ياراتقان.،بىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان تەقدىرداش،زامانداش،ماكانداشلاردۇر...شۇنداق تۇرۇپ بىز يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋتى يوق، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋتى يوق دەپ پارچىلانماقچى بولىمىز...ئىنسانلار نېمە دېگەن رەزىل،،، ئاپلا ، ئەسەر دەپ قۇيۇپتىمەنغۇ ... ئىكىس پى دىگەن سېستىما تۇرسا ... :lol ئەتراپىدا ھېچنىمە يوق تەنھا تۇرغان ئادەم،-ئۇ قەغەزگە سىزىلغان بىر رەسىم.پەقەت تۆت ئەتراپىدا جىسىم ۋە ئادەملەر بولغان،ۋە شۇ نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ئادەملا، ھېسسىياتلىق ھايات ئادەمدۇر... Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 17:53 static/image/common/back.gif
ئەتراپىدا ھېچنىمە يوق تەنھا تۇرغان ئادەم،-ئۇ قەغەزگە س ...
مىنىڭچە ئىزدىنىشتا ھەممەيلەن بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك !
بەت:
[1]
2