[خەتلىك فىلىم] بوۋاي ۋە دېڭىز
فىلىم نامى: بوۋاي ۋە دېڭىز
ئېنگىلىزچە نامى: The Old Man and the Sea
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1999-يىلى
دۆلىتى: روسىيە / كانادا / ياپونىيە
تۈرى: كالتە فىلىم / كارتون فىلىم
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.1
رازمىرى: 960x720
چوڭلىقى: 311MB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 00:20:29
رېژىسور: Aleksandr Petrov
فىلىم ھەققىدە:
سانتىياگو تەجرىبىلىك بېلىقچى بولۇپ، مانولىن ئىسىملىك بالا بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن ئىدى. ئۇ 84 كۈنگىچە بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمايدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆزى يالغۇز تېخىمۇ يىراق دېڭىزغا چىقىدۇ. ئۇ كۈنى سانتىياگونىڭ تەلىيى كېلىپ ناھايىتىمۇ يوغان مارلىن بېلىقىدىن بىرنى تۇتۇۋالىدۇ. ئەمما يوغان بۇ بېلىق كېمىنى سۆرەپ جان تالىشىدۇ، سانتىياگو قەتئىيلىك بىلەن بېلىقنى قويۇۋەتمەيدۇ، ئىككى كۈنلۈك جان تالىشىش ۋە سانتىياگونىڭ بەل قويۇۋەتمەسلىكى بىلەن بۇ بېلىق ئاخىرى ئۇنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن بىر توپ لەھەڭلەر كېلىپ سانتىياگونىڭ ئولجىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ...
بۇ فىلىمگە رۇسىيەلىك رېژىسسور ئالېكساندېر پېتروۋ رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، فىلىمدىكى ھەربىر كۆرۈنۈش قولدا سىزىپ چىقىپ ئىشلەنگەن، ھەمدە بۇ فىلىم 72-نۆۋەتلىك ئوسكاردا ئەڭ نادىر كالتە كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىنو فىلىم فېستىۋاللىرىدا 12 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 3 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/oldmanandthesea/1.jpg
http://download.kowruk.cn/image/oldmanandthesea/2.jpg
http://download.kowruk.cn/image/oldmanandthesea/3.jpg
http://download.kowruk.cn/image/oldmanandthesea/4.jpg
http://download.kowruk.cn/image/oldmanandthesea/5.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. بۇ قېتىم بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان ، قايتىدىن نەشرقىلىنغان چەتئەل مەشھۇر ئەسەرلىرى ئىچىدە مۇشۇ « بوۋاي ۋە دېڭىز » مۇ بار ئىكەن . بۇرۇن بىر قېتىم كۆرگەن بولساممۇ يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم . راخمان مامۇت تەرجىمە قىلغانكەن . تەرجىمە تىلىمۇ بەك نوچى چىقىپتۇ . ئەسلى ئەسەردىكى تەسۋىرنىڭ ئىنچىكىلىكىگە ، تەرجىمە تىلىنىڭ پاساھىتى قوشۇلۇپ ئادەم ھەقىقەتەن ھەيران قالىدۇ . كارتونىنىڭ ئىشلەنگىنىنى بىلمەيدىكەنمەن . ماۋۇ رەسىملەردىكى كشىنى بەك جەلپ قىلىدىكەن . ھىمىڭۋاينىڭ بۇ ئەسىرىنى بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇۋاينىڭ تۇتقان ئولجىسىنى لەھەڭلەرنىڭ يەپ كەتكىنىگە قانچە ئىچ ئاغرىتقان بولساممۇ ئەمما بۇۋاينىڭ جاسارىتىگە، غەلبىسىگە ھەقىقەتەن ئاپرىن ئىيتقان ئىدىم. كۆۋرۈك ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ھۆججەتلىرىنى ئالىپ ئەپەندىگە يوللاپ بەرسىڭىز گوگۇلنىڭ خەت ئامبىرىغا قىتىپ قويسا بولاتتى چۈشۈرگىلى بولمىدى ئۇزۇنراق فىلىم قاچان چىقا ؟ بۇنى كۆرسە بىژدەمدە تۈگەپقالىدىكەن ،:lol
قايسى كۈنى جانگو دىگەننى كۆرۈپ چىقتىم ، يامان قىززىق فىلىمكەن ئۇ .
ئۇزۇن فىلىمىڭىزگە قاراپ قالدۇق ئەمسە ....{:112:} ماۋۇ كۆۋرۈك تورىنىڭ كومپيۇتېر تېرمىنالى نورمال ئەمەسكەن، پەقەتلا قاچىلانمىدى، تەكشۈرۈپ باقساڭلار. رەسىملىرىنى تېخىمۇ سۈزۈكرەك سىزغان بولسىچۇ:funk: شۈنلېي دىگەن لۈكچەكنى چۈشۈرۈپمۇ چۈشۈرگىلى بولمىدى، ئەمما مېنىڭ ئوماق Internet Download Manager دىگەن قورالىم يامان چىقتى، چۈشۈرۋاتىدۇ.
'مەلفېنىست' تىكى ئانجولىنانىمۇ كۆرىۋالدىم {:87:} ئەمما كىنوخانىدا كۆرىدىغان كىنو ئىكەنتۇق، مەنزىرلىرى چىرايلىق.
تور بېتىڭلاردىن توردا تۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدىكەن، ياخشى كارتونلار بار ئىكەن بولمىسا. جەننەت خاندانلىقىنى مەن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ، تەخىر قىلىڭلار
بۇ كىنودا يامان جىق گەپلىشىپتىكەن، كومپىيۇتېر ئالدىدا دوڭغىيىپ ئولتۇرۇپ خەت بېسىپ بولالماي قوڭام دومبىيىپ ، بوينۇم تېلىپ ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ :lol 1281 قېتىم سۆزلىشىپتىكەن ، مەن ئەمدى 84 - قېتىملىقىغا كەلدىم :funk: iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 15:56 static/image/common/back.gif
1281 قېتىم سۆزلىشىپتىكەن ، مەن ئەمدى 84 - قېتىملىقىغا كەلد ...
مەن تەۋسىيە قىلغان فىلىم {:181:}
ئىسىل كىنو جۇمۇ ، ياخشى تەرجىمە قىلىڭلا ئۆمىچىك پالۋان Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 15:33 static/image/common/back.gif
رەسىملىرىنى تېخىمۇ سۈزۈكرەك سىزغان بولسىچۇ
ئەسلى سىزغاندا سۈزۈك ھەم يوغان سىزغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما بىز نۆۋەتتە تاپالىغان ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسى مۇشۇ.
فىلىم قولدا سىزىلغان رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن بولغاچقا ئېنىق ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، ئەمما فىلىمنىڭ سۈزۈكلىكى تۆۋەن ئەمەس. iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 17:51 static/image/common/back.gif
جەننەت خاندانلىقىنى مەن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ، تەخىر ق ...
جاپا تارتقانغا چۇشلۇق كۆرىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ............... kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 16:01 static/image/common/back.gif
ئەسلى سىزغاندا سۈزۈك ھەم يوغان سىزغان بولىشى مۇمكىن، ...
بۇداپىشىت مىھمانسارىينى قاچان ئىلان قىلىسىلە « جەننەت خاندانلىقى » نىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى چىققاندەكتىغۇ ، 2 - 3 يىل بولدىمىكى كۆرۈپ بولغاندەك ئېسىمدە . ياكى بۇ باشقا فىلىممىكى ، ياكى يېڭى بۆلۈمى چىقتىمۇ يا ؟
ئېنگىلىزچە ئىسمى « kingdom of heaven » .
ناۋادا مۇشۇ ئادرىستىكى فىلىم شۇ بولۇپلا قالسا بۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىگى بار ئىدى .
ئادرىس : http://en.wikipedia.org/wiki/Kingdom_of_Heaven_(film) mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 18:28 static/image/common/back.gif
« جەننەت خاندانلىقى » نىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەت ...
http://en.wikipedia.org/wiki/Kingdom_of_Heaven_(film)
مۇشۇ فىلىم شۇ. iliyas يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 18:20 static/image/common/back.gif
بۇداپىشىت مىھمانسارىينى قاچان ئىلان قىلىسىلە
مۇشۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلماقچى بولغان، ئەمما ئىشلارنىڭ جىددىچىلىكىدە تەھرىرلىك خىزمىتى تۈگىمەي قالدى، ئەگەر جۈمە كۈنىگىچە قىلىپ بولالىساق مۇشۇ جۈمە كۈنى، بولمىسا كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىمىز.
بۇ ھەپتە ئېلان قىلىپ بولالمىساق ئورنىغا باشقا فىلىم ئېلان قىلىمىز. mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 18:28 static/image/common/back.gif
« جەننەت خاندانلىقى » نىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەت ...
iltersh تەرجىمە قىلىۋاتقىنى رېژىسور مونتاژ نۇسخىسى (Directors Cut)، ئەسلىدىكى رەسمىي نۇسخىسىدىن ئازاراق ئۇزۇن. بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە خەتلىگى ماۋۇ ئادرىستا باركەن ،
http://www.terjimefilim.com/uyghurchefilimler/terjimeqiliniwatqan/2010-10-29/91.html
پەقەت ، مۇشۇ فىلىم شۇ بولۇپ قالسا ئارتۇق ئەمگەك بولۇپ قالمىسۇن دىدىم ...
بەت:
[1]
2