sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:51:36

يۇمشاق دېتال ۋە ئادەم ھەققىدە ئويلار

     ماددا ۋە ئاڭ توغرىسىدا جانلىق مىسال سۈپىتىدە مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ قالىمەن: ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كومپىيۇتېر ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بىر پۈتۈن خىزمەتنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن مۇئەييەن سەۋىيەدىكى قاتتىق دېتال(مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ،ئاساسى تاختا،ئىچكى ساقلىغۇچ،ئۇچۇر ساقلاش دېتاللىرى،ئۇچۇر كىرگۈزۈش دېتاللىرى،چىقىرىش دېتاللىرى،توك مەنبەسى)بولۇش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى شۇخىل قاتتىق دېتال مۇھىتىدا ئىجرا بولىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇشى كېرەك ۋە شۇنداقلا بۇ قاتتىق دېتاللار توك ئارقىلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈشى(قوزغۇتۇلىشى) كېرەك . مانا مۇشۇ ئۈچ شەرت تولۇق بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئۈسكۈنە بەلگىلەنگەن مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىدۇ .ئۇنداقتا قاتتىق دېتال دىگەن نىمە؟ قاتتىق دېتال-مۇئەييەن فونكىتسىيلىك ۋەزىپىنى تەكرار ئىجرا قىلالايدىغان ،ئەمما بىر پۈتۈن ۋەزىپىنى ئىجرا قىلالمايدىغان ھەم مۇستەقىل خىزمەت قىلالمايدىغان بۆلەكچىدىن ئىبارەت. يۇمشاق دېتال بولسا ماددىي بولمىغان نەرسە بولۇپ ،ئەشۇ قاتتىق دېتاللار «چۈشىنىدىغان» ھەرپ-بەلگىلەردىن تەشكىل تاپقان  پىروگراممىدىن ئىبارەت .ئەسلى ئەشۇ قاتتىق دېتاللار بۇ ھەرىپ-بەلگىلەرنى «تونۇمايدۇ»،ئەمما ئۇلارغا ئويۇلغان لوگىكىلىق توك يوللىرى  توك ئېقىمىنىڭ ئۆتۈش-ئۆتمەسلىگى،كۈچلۈك-ئاجىزلىقى قاتارلىقلارنى «تونۇيدۇ»،يەنى لوگىكىلىق توك يولىدىن توك ئۆتكەنلىكى «1»گە ۋەكىللىك قىلسا،توك ئۆتمىگەنلىكى «0»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.دەل شۇنى تۈپ ئاساس قىپ تۇرۇپ ئىككىلىك سېستىمىلىق ساناق ئۇسۇلى بويچە  «0»ۋە«1»نىڭ ھەرخىل شەكىلدە گۇرۇپپىلىنىشىدىن ئوخشىمىغان سانلار،ھەرپلەر،بەلگىلەرگە ۋەكىلللىك قىلىدىغان «ئىككىلىك سېستىمىدىكى سانلار»شەكىللەندۈرۈلىدۇ ،دەل شۇ «ئىككىلىك سېستىمىدىكى سانلار»دىن تەشكىل تاپقان ھەرپ-بەلگىلەرنى مەكىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(يەنى يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشتۇرۇلغان لوگىكىلىق توك يوللىرىنىڭ بېرىكمىسى ) «تونۇيدۇ»ۋە «تەھلىل قىلالايدۇ».
     كومپىيوتېر ئارقىلىق قىلماقچى بولغان ۋەزىپىگە لايىق قىلىپ تۈزۈلگەن پىروگرامما قاتتىق دېتاللار ئىچىدىكى كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كىرگۈزۈلسە،مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇنى ئانالىز قىلىپ،ماس ھالدىكى ئېلىكتىر سىگنالىنى چىقىرىش ئۇچىغا يەتكۈزۈپ بۇ ئارقىلىق ئۇلانغان ئۈسكۈنىنى كونتىرول قىلىدۇ ۋە ھەركەتلەندۈرىدۇ .مەسىلەن،خەت بېسىش،ئاپتۇماتىك ئۈسكۈنىنى باشقۇرۇش دىگەندەكلەر.
     يۇقۇرقىلارنى يەكۈنلىسەك، كۆرسەتكۈچ ئېكران ياردىمىدە ئوبرازلىق ھالدا كۆرمىسەك كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان  ھەرپ،سان ۋە بەلگىلەردىن ئىبارەت «غەيرى ماددىي» نەرسىلەر قاتتىق دېتاللاردىن ئىبارەت ماددىي نەرسىلەرنى ھەركەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ ،بىراق بۇ ھەرپ-بەلگىلەر چوقۇم بىر بىلىملىك،تەدبىرلىك ئورۇنلاشتۇرغۇچى(يەنى پىروگراممېر) تەرىپىدىن ئالدىنئالا تەرتىپلىك شەكىلدە ،قاتتىق دېتال «تونۇيدىغان»تىلدا،مۇئەييەن مەنا ئىپادىلەيدىغان قىلىپ تىزىلىشى كېرەك (يەنى پىروگرامما قىلىپ تۈزۈلۈشى كېرەك). ئەگەر شۇ پىروگراممىدىكى بىر ھەرپ،بەلگە ياكى سان  ئالمىشىپ قالسا ،قاتتىق دېتالنىڭ ھەركىتى قالايمىقانلىشىدۇ ياكى ھەركەتلىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. بۇ خىل «ماددىي ئەمەس» پىروگراممىنىڭ ماددىي ئىپادىلىنىش شەكلى دەسلەپتە تۆشۈك ئۇرۇلغان قەغەزئارقىلىق،كىيىنچە ماگىنىتلىق دېسكىغا ئويۇش ئارقىلىق،ئاندىن كىيىن ئوپتىك دىسكا،بارماق دېسكىلارغا ئويۇلغان ئىزلار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. بۇنداق ئىپادىلەش خۇددى ئادەملەر ئۆز مىڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىرىتقا چىقىرىش ئۈچۈن بەزىدە ھاۋانى تىترىتىپ ئاۋاز دولقۇنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلغاندەك(يەنى سۆز قىلىش)، بەزىدە جىسىملار يۈزىگە ھەرپ -بەلگىلەرنى ئويۇش ئارقىلىق ئىپادە قىلغاندەك(يەنى خەت يېزىش)، بەزىدە يۇرۇق-قاراڭغۇلۇق ئىمپولىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلغاندەك(يەنى چىراقتا بەلگە بېرىش) بىر ئىش بولۇپ، خۇلاسىلىگەندە ئەسلى بىۋاستە  كۆرگىلى،ئاڭلىغىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان ئوي-پىكىر ئۇچۇرلىرى ماددىلارنىڭ ماس ھالدىكى ھەركىتىنىڭ ۋاستىسىدە ئاندىن ئىپادە قىلىنالايدۇ ۋە تارقىلالايدۇ.
        ئەمدى بىز كومپيۇتېر يۇمشاق-قاتتىق دېتاللارى بىلەن ئادەم مىڭىسى ۋە ئۇنىڭدىكى بىلىم-ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مىڭىسى سىرىتقىي دۇنيادىكى شەيئىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئەزالىرى ئارقىلىق يىغىپ-ساقلاپ، يېتەرلىك مىقداردىكى مۇئەييەن بىلىم-ئۇچۇر ئامبىرى ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، تەھلىل قىلىش قاتارلىق بىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئەشۇ بىر ئۇزۇن جەرياندا تەربىيلىگۈچىلەر مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بالىغا  سۆزلەشنى، ھەر خىل ئىشلارنى قانداق قىلىش، قانداق مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق ھەل قىلىش دىگەندەكلەرنى ئۈگىتىدۇ، بۇ خۇددى كومپىيۇتېرغا ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە قوللىنىش پىروگراممىلىرى(应用程序)نى قاچىلىغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان جەرياندۇر. بىزگە شۇ نەرسە ناھايتى ئېنىقكى، كومپىيۇتېر ياكى باشقا ئەقلىي ئۈسكۈنىگە قوللىنىش پىروگراممىلىرى ياكى ئەپ پىروگراممىلىرىنى،سانلىق مەلۇماتلارنى قاچىلاش ئۈچۈن بۇ ئۈسكۈنىلەرگە ئالدى بىلەن چوقۇم ۋە چوقۇم مەشغۇلات سېستىمىسى(操作系统) قاچىلانغان بولۇشى كېرەك ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ قوللىنىش پىروگراممىلىرى(应用程序) ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتىدۇ . خوش،ئۇنداق بولسا بۇيەردە بىر چوڭ سۇئال تۇغۇلدى: ئەشۇ بوۋاقنىڭ ۋۇجۇدىغا ئادەمگە خاس بولغان، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلغار مەشغۇلات سېستىمىسىنى كىم قاچان ئالدىن قاچىلاپ قويغان؟(جەزمەنكى ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ئادەملەر قىلغان بولۇشى مۈمكىن ئەمەس!). بىز بىلىمىزكى، كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈش-ئىنتايىن مۈشكۈل جەريان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى  ئەڭ بىلىملىك،يۇقرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىللىرىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ بىر ئىلمىي گورۇھ بۇ خىزمەتنى ئاران ئورۇنلىيالايدۇ (Microsoft ۋەGoogle شىركەتلىرىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرى قوشۇنى ھەققىدە ئازىراق مەلۇماتى بارلارغا بۇ مەسىلە ناھايتى ئايدىڭ).بىراق خېلى كۆپ قوللىنىش پىروگىراممىلىرى ۋە ئەپلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىمى بار ھەۋەسكارلارمۇ ئۆزى يالغۇز تۈزەلەيدۇ.
       كۈنىمىزدە قارايدىغان بولساق ئەشۇ «ئادەمى مەشغۇلات سېستىمىسى»نىڭ مۇھىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان windows Android Linuxسېستىمىلىرى پۈتكۈل دۇنيا بىلىم-ئۇچۇر ساھەسىنى مۇنۇپۇل قىلىغلىق ،ۋە ھالەنكى بىزلە تېخى ئەشۇ سېستىمىلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تولق چۈشۈنۈش ۋە  پايدىلىنىشقىمۇ ئاجىز.
        ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك، بىز ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇكەممەل،ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ «قاتتىق دېتال»لارنىڭ قانداق مىخانىزىملار بىلەن شۇنچە كىچىك «زاۋۇت»تا،قىسقىغىنە ۋاقىتتا،«ناھايتى ئاز چىقىم بىلەن» ياسىلىپ چىقىۋاتقانلىقىغا ئەقلىمىز لال بولۇۋاتقاندا ،ئەمدى بۇ ئاجايىپ مۇرەككەپلىككە، خىلمۇ-خىللىققا، مول ئىجاتچانلىققا تولغان «ئادەمىي مەشغۇلات سېستىمىسى»نڭ قانداق تۈزۈلۈپ ۋە قانداق «قاچىلىنىپ» قالغانلىقى-ھەر قانداق بىر تەپەككۇر ئگىسىنى چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ.
       ساھابە يازمىسى  2014-يىلى 9-ئاي  شەھرى ئارتۇچ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 10:15:53

يازمامدا مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن:  كومپىيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدىكى بىلىملىك قېرىنداشلىرىم مېنىڭ يازغانلىرىمدىن ئىلمىيلىككە زىت جايلارنى بايقىساڭلار تۈزىتىش بەگەيسىلەر، مەندەك بىر ھەۋەسكارنىڭ ئۇستاتلىق قىلىپ سۆزلىگەنلىرىدىن خاتالىق چىقىشى تەبىي.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 12:43:21

رۇشەن بىر مۇجىزە

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:55:51

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 12:43 static/image/common/back.gif
رۇشەن بىر مۇجىزە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزدە تەبىي پەنلەرگە ئائىت ئېلكىتابلار بار توربەت ئادرىسى بارمۇ؟(بولسا ئۇيغۇرچىسى، بولمىغاندا خەنچىسى بولسىمۇ بولىدۇ). مەندىمۇ ئەسلى خېلى كۆپ تەبىي پەن كىتابلىرى باتى، بىراق «بوران-چاپقۇنلۇق كەچمىش»لىرىم جەريانىدا يوقاپ كېتىپتۇ. سىز بەزى سەھىپىلەرگە ياخشى كىتابلار ئادرىسىنى يوللاپتىكەنسىز، تاللاپ چۈشۈرىۋالغان ئىدىم، پەننىي ئوقۇشلۇقلار دەرىسلىكلەر ناھايتى كامدىنكام ئۇچرايدىكەن، شۇڭا بۇنى سورۇشۇم.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 02:03:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 02:05  

يازمامدا مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن:  كومپىيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدىكى بىلىملىك قېرىنداشلىرىم مېنىڭ يازغانلىرىمدىن ئىلمىيلىككە زىت جايلارنى بايقىساڭلار تۈزىتىش بەگەيسىلەر، مەندەك بىر ھەۋەسكارنىڭ ئۇستاتلىق قىلىپ سۆزلىگەنلىرىدىن خاتالىق چىقىشى تەبىي.

      بۇنى كۇرۇپ بېقىڭ .

      مەنبە : باغداش تورى  .   http://bbs.bagdax.cn/thread-21229-1-1.html

                                                   يەرشارى مەشغۇلات سىىستىمىسى


   بۇ تىمىدىن مەقسەت كومپىيۇتىر چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىنسان ،جەمىئەت ، دۆلەت ۋە دۇنيانى  چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش. بۇلار مىنىڭ شەخسى قارشلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە يىڭى ئىددىيە بىرەلىسە مەن شۇنۇڭدىن خۇرسەن .
كەسپىم كومپېۇتېر بولغاچقا كۆزۈمگە بەزىدە دۇنيامۇ بىر تال ئاددى كومپېۇتېردەكلا كۆرۈنۈپ كىتىدۇ. زىمىنداخۇددى مۇشۇ تۆمۈر ماشىننىڭ ئىچىدە مەشغۇلات قلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ پەقەت نۆل ۋە بىردىنلا تۈزۈلگەن شەيئىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقدەك ھىس قىلپ قالىمەن.
كومپېۇتېرنى ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشەنسەك ئۇ بىر تال قاتىىق جىسىم ۋە ئۇنىڭ ئىچگە قاچىلانغان بىرمۇرەككەپرەك بولغان مەشغۇلات سىسىتىمىسىدن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بىربىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىسىتىما بولسا ئۇنىڭ ھەركەت قائىدىسى ياشاش مىزانى ۋە دۇنيا قارىشى بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئۇنىڭ ھەرقانداق ھەركىتى ئاشۇ بىرقاتار قائىدىلەردىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.
ھازىرغىچەئىشلىتىلىپ كىلىنۋاتقان مەشغۇلات سىسىتىمىلىرىنى سۆزلەپ كەلسەك ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى(DOS) سىستىمىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ھازىرقى ئەڭ ئىلغار دەپ قارالغان ئالمىنىڭ (OS X 10.9 Mavericks)ۋە مىكروسوفت نىڭ (windows 8)  مەشغۇلات سىستېمىلىرى تىخى ھەتتا  بىز ئىسمىنى ئاڭلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن يەنە خىلمۇخىل تىپتىكى ۋە مەقسەتلەردىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى  بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئەمدى ئاساسى تىمىغا قايىتپ كەلسەك ، دۇنياغا ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك شەيئىلەردىن باشلاپ يەرشارى سىرتىدىكى غايەت زور گالەكسىيلەرگە قەدەر نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بىرئورتاقلىق مانا مەن دەپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ، يەنى بارلىق جانلىق ياكى جانسىز دەپ قارالغان شەيئىلەر چوڭ جەھەتتىن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ ، مەيلى ئۇ بىرتال چىۋىن بولسۇن ، ياكى بىزنىڭ تاپىنىمىز ئاستىدىكى قارا تۇپراق بولسۇن ، بىردۆلەت بولسۇن ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان ئىمپىرىيە بولسۇن سامان يولى، ئىكىلوگىيەلىك سىستىما بولسۇن ياكى غايەت زور گالەكسىيلەر بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن يۇقۇردادەپ ئۆتكەن ئىككى خىل ئاساسلىق نەرسىدىن تاشقىرى بولمايدۇ يەنى قاتتىق جىسمى ۋەئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستېما.
مەسىلەن، بىر تال چىۋىننى مىسالغا ئالايلى، ئۇنىڭ ئۆزى بىر جىسىم ئەمما ئۇنىڭدا بارلىق چىۋىنلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل ھەركەت قائىدىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلى بار . ئۇنىڭ ھىچقانداق بىر ئىش ھەركىتى ياكى خۇسۇسىيىتى بىز بىلىدىغان چىۋىننىڭ ئالاھىدىكلىكلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدىن چەتنەپ كىتەلمەيدۇ. دىمەك مۇشۇ مۇنتىزىم قائىدىلىرى ئۇنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھەرقانداق بىر چوڭراق ھايۋانغا كەلسەك يۇقارقى بىلەن ئوخشاش خۇلاسىگە كىلەلەيمىز.  مەسىلەن: ئات ، گۆش يىمەيدۇ، تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ ، يۈگرىيەلەيدۇ، توپلىشىپ ياشايدۇ، بىز بلىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى  نەرسىلىرىدىن باشقىنى يىمەيدۇ. دىمەك ئۇمۇ ئۆزى بىلمىگەن ۋە ھىس قىلمىغان ئاساستا رىئايە قىلىدىغان بىر سىستىما ئىچىدە پائالىيەت ۋە مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ.
ئەمدى ئىنسانغا كەلسەك ، ئىنسان خىلىلا مۇرەككەپ چۈنكى ئۇنىڭدا كومپېۇتېردىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە (چەكلىك دائىرىدە ، ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن ئىقتىدارلىرى دائىرسىدە)  . يەنى ئىنساننىڭ جىسمىدا يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىك بولغاچقا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسىمۇ خىلمۇخىل ۋە مۇرەككەپرەك بولىدۇ.   ئىنسانغا نىسبەتەن ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان مەشغۇلات سىستىمىلىرىدن ئاتەشپەرەسلىك، بۇتپەرەسلىك ، ياۋايىلىق، خىرىستىئان ئىتىقادى،  يەھۇدى ئىتىقادى، ئىسلام ئىتىقادى، دىنسىزلىق ئىتىقادى ۋە يەنە بىز تىخى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىرقىسىم ئىددىيەۋە ىسىستىمىلار مەۋجۇت.
بۇيەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كىرەككى كومپېۇتېرنى مىسالغا ئىلىپ سۆزلىگەندە كومپېۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرى بولىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت كىتىدۇ ، بىرى ئەڭ ئىلغار قاتتىق دىتال مۇھىتى، يەنە بىرى ئەڭ ئىلغار مەشغۇلات سىستىمىسى.  بۇنى ئىنسانغا تەتبىقلىغاندا ئوخشاشلا بىر ئادەمنى كۈچلۈك قىلىدىغىنى ساغلام بەدەن بىلەن ساغلام ئىددىيە (بىزدە ساغلام تەندە ساپ ئەقىل دەيدىغان بىر ھىكمەت بار بۇ تولىمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆز ) يەنى ئاۋۋال بىزنىڭ تىنىمىزنىڭ ساق-سالامەت بولۇشى ئاندىن ساپ ۋە توغرا بولغان ئىددىيەۋى سىستىمىنىڭ بولۇشى بۇ ئىككى شەرت قانائەتلەنمەي  تۇرۇپ بىزنىڭ كۈچلۈك ئادەم بولالىشىمىز ئەقىلگەسىغمايدۇ.
ئۇنداقتا بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ ، ساغلام بىر ئىنسانغا ھەرقانداق بىرسىسىتىما قاچىلىساق ئۇ كۈچلۈك بولالامدۇ؟.،.ھاي ھاي ئۆپكىڭىزنى بىسىۋىلىڭ سىز ئىنسانغا سىسىتما قاچىلىيالامسىز؟ ،.،.سىز قاچىلىيالمايسىز ئەمما ئۇ  ئۆزىدىكى مەۋجۇت قاتتىق دىتال سىسىتىمىسى ۋە ئۆزى تەۋە بولۇۋاتقان جەمىئەت سىسىتىمىسىنىڭ ( جەمىئەتمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قاتتىق دىتال ۋەمەشغۇلات  سىستىمىدىن تۈزۈلىدۇ) تەسىرىدە ئۆز ئەقىل پاراسىتىگە يارشىا مەلۇم بىر خىل سىستىمىنى تاللايدۇ ياكى مەجبۇرلىنىدۇ  بۇ پائالىيەت ئىستىخىيەلىك ھالدا يۈز بىرىدۇ (ئۇ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ھامان بىر سىسىتىما تاللايدۇ ،ياكى ئارلاش سىستىما تاللايدۇ)
ئۇنداقتا بىر ئىنساننىڭ  ئەڭ كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن تاللىشى كىرەك بولىدىغان ئەڭ توغرا سىستىما قانداق سىسىتمىا بولىدۇ ؟ بۇسىستىمىنىڭ توغرىلىقىنىڭ ئۆلچىمى نىمە بولىدۇ؟ بۇ مەسىللەرگە ئەلۋەتتە ئەقىل جاۋاپ بىرىدۇ.
مەن ئەڭ توغرا سىسىتمىنى تاللىغان تۇرساممۇ كۈچلۈك بولاممىدىم بۇ نىمە ئىش؟ دەپقالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قاتتىق دىتالىڭىزنىڭ بۇ سىسىتىمنىڭ تەلەپلىرىنى تىخى قاندۇرالمىغىننىڭ يەنى، قاتتىق دىتالىڭىزنىڭ سۈپىتى ئاجىز كىلىپ سىستىمىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغىنىڭىزنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  قاتتىق دىتال دىگەندە نوقۇل پۇت – قول ، كاللا – پاچاق دىگەنلەرنىلا خيالىڭىزغا كەلتۈرۋالماڭ.  بىر ئاز ھالقىپ تەپەككۇر قىلىڭ.  بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كومپېۇتېر چۈشەنچىسىگە قايتساق، يەنى ئەڭ ئىلغار كومپېۇتېر نىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان شەرتلىرىنىڭ ئىچىدە شۇ قاتتىق دىتالنى كومپېۇتېر نورمال ئۆزىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن شۇ خىل قاتتىق دىتالنىڭ ماس ھالدىكى بىر قوزغىتىش پىروگراممىسى بولغان بولىدۇ.  شۇ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كومپېۇتېر نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  شۇنۇڭدەك بىزنىڭ جىسمىمىزدا ئىلغار سىستىمىنى قوبۇل قىلىپ سۈمۈرەلەيدىغان ماس ھالدىكى قوزغۇتۇش پروگراممىلىرى ( بۇنى ئۇنىۋىرسال ساپا ياكى مەدەنىيەت سەۋىيە دەپ ئالساق خاتالاشمايمىز) بولمىغىنىدا ئىلغار سىسىتىمىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي ئۆزىمۇ قىينىلىدۇ بىزنىڭ جىسمىمىزنىمۇ قىيناپ قويىدۇ.
ئەمدى ئىنسانلار جەمئىتىگە نەزەر تاشلىساق. ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە  قاچىلانغان سىسىتىما تەلىپى بويىنچە ، يىمەك ئىچمەك كىيم كىچەك ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە توپلۇم چۈشەنچىسى  قاتارلىق بىر قاتار ئىھتىياجىلىرى ئۈچۈن جەمىئەتلىشىپ ياشايدۇ.  مۇشۇ توپلۇملارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىسىتىمىدىن بىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.  بۇ سىسىتىما ئىنساننى مەركەز، ئائىلىنى ئەڭ كىچىك سىستىما ھۈجەيرىسى قىلغان ئاساستا يەنە بىر سىستىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ سىسىتىمىنىڭ ئىسمىنى بىز ئوموملاشتۇرۇپ جەمىئەت سىستىمىسى دەپ ئاتايمىز.  بۇ سىسىتىمىنىڭ قاتتىق دىتال قىسمى ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆزى شۇ، مەشغۇلات سىستىمىسى  بولسا ئوخشىمىغان دەۋر ئالاھىدىلىكى بويىنچە قۇللۇق جەمىئەت سىستىمىسى، ئىپتىدائىي جەمىئەت سىسىتىمىسى، فىئوداللىق ، شۇنداقلا ھازىرقى زاماندىكى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان جەمىئەت سىسىتىمىلىرىدن ئىبارەت.  بۇنى ئىنچىكىلىسەك تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىتىشىمىز مۇمكىن شۇڭا جەمىئەت سىسىتىمىسىنى مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئەمدى نۆۋەت بىرخىل ياكى خىلمۇ خىل جەمىئەت سىستىمىلىرىدىن تۈزۈلگەن دۆلەت سىستىمىسىغا كەلدى. بۇنى قانداق چۈشىنىمىز دىگەندە ، بۇ سىسىتىمىىڭ قاتتىق دىتالى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىدىن تۈزۈلگەن خىلمۇ خىل جەمىئەت سىستىمىلىرى. مەشغۇلات سىسىتىمىسى دىگەندە شۇ دۆلەت ئۆزىنڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە رىئال دۇنيا ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن تاللاشقا مەجبۇر بولغان ياكى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ياكى ئۆزى خالاپ قوللانغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى سىىياسى سىستىما (بۇنىڭ ئىچىگە ئاساسى قانۇنلۇقپادىشاھلىق ، مۇستەبىت پادىشاھلىق دىگەن بىر قانچە تۈر كىرىدۇ).  جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى سىياسى سىتىما(بۇنىڭئىچىگە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىلىق، پارلامىنتلىق، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى سىياسىسىستىمىلار كىرىدۇ).
http://bbs.bagdax.cn/thread-20450-1-1.html
ئەمدى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل يۈرگۈزسەك ھازىرقى مەۋجۇت دۆلەتلەرمۇ ھەرگىز ئۆزى يالغۇز تەنھا ھالدا ياشاپ كىتەلمەيدۇ ئۇلارمۇ ئۆزئارا ئالاقە قىلشقا ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج بولىدۇ  بەزىدە  بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىپمۇ قالىدۇ، مانا بۇخىل دۆلەتلەر پائالىيىتى نىسپى ھالدا دۆلەتلەرنىىڭ تۈپ مەنپەتىنى يادرو قىلغان يەرشارىۋى سىستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  بىزدە شۇنداق بىر گەپ بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى غوجامنىڭ غوجىسى بار دەيدىغان. دىمەكچى بۇ دۇنيادا ئىگىسى يوق ھىچنمىە يوق . ھەتتا باشسىزمۇ ھىچنىمە يوق.  مۇشۇ مەنتىقە بويىنچە ئىيتقاندا ھازىرقى مەۋجۇت بولىۋاتقان 196 مۇستەقىل دۆلەتلەر مۇشۇ دۆلەتلەردىن تۈزۈلگەن بىر سىستىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەيلى بەزى دۆلەتلەر خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن مۇشۇنداق بىرسىستىما مەۋجۇت ھەم بۇ سىسىتىما 1945 – يىلى ئامىركا تەرىپىدىن قۇرۇلغان.  دۇنيا پۇل مۇئامىلە فوندى، دۇنيا بانكىسى، ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) خەلقئارا سودا تەشكىلاتى ، ب د ت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ئىمپىرىيە سىسىتىمىسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتلىرى بولۇپ ھىسابلىندۇ. تارىخنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىگە باققىنىمىزدىمۇ مەلۇم كۈچلۈك بىر ئىمپىرىيەسىز ئۆتكەن تارىخى يىللارنى خاتىرلىيەلمەيمىز، مەيلى قەدىمكى پىرسىيە ئىمپىرىيىسى بولسۇن، تۇران ئىگىزلىكىدە ياكى كەڭ ئاسىيا ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىلمۇ خىل نامدىكى ئىمپىرىيەلەر بولسۇن، رىم ئىمپىرەيسى بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دەۋرىدە قۇرۇلغان ئىسلام ئىمپىرىيەسى بولسۇن .،.ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە قارام بولغان دۆلەتلىرى بولغان ۋە شۇ دۆلەتلەرنى باشقۇرىدىغان ماس ھالدىكى سىسىتىمىلىرى بولغان. ھازىرمۇ يەنە شۇ، .زامان ئۆزگەردى ئەمما دەۋر ئۆز قانۇنىيىتى بويىنچە ئىلگىرلىمەكتە.
ئەمدى تاپىنىمىز ئاستىدىكى قارا تۇپراقتىن تارتىپ يىراق دىڭىز ئوكيانلارغىچە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بۇ ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىلاردىنمۇ ئوخشاشلىقنى بايقايمىز، يەنى ئوتلاق ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى ، دەريا ئىكىلوگىيەلىك سىسىتىمىسى، دىڭىز ئوكيان ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى ۋە يەرشارىنىڭ يۈزىنى ئوراپ تۇرغان ئاتموسفىرا ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ قاتىىق دىتال ۋە ئۇلارغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىسىتىمىسىدن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا يەرشارىمۇ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىكىلوگىيەلىك سىسىتىمىلارنىڭ بىرىكمىسىنى قاتتىق دىتال قىلغان ۋە بۇلارنىڭ گارمونىك ھەركەت ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى مەشغۇلات سىستىمىسى قىلغان ئاساستا مۇكەممەل بولغان  سامان يولى سىسىتىمىسنىڭ قۇياش سىسىتىمىسى ئىچىدىكى توققۇز پىلانىتنىڭ بىرى بولغان يەرشارىىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا بىردىنبىر ماس كىلىدىغان پىلانىت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مۇشۇ بويۇنچە توختىماي تەھلىل يۈرگۈزگەندە ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرقاتتىق دىتال ۋە ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستىما دىگەن بۇ ئاددى قۇرۇلمىدىن چەتنەپ كىتەلمەيدۇ.
خۇلاسەقىلغاندا ، مەلۇم بىر جەمىئەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇ جەمىئەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك ۋىنتا بولغان ئىنساننىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى تەلەپ قلىدۇ . بۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا 1. تەن ساغلام بولۇشى 2. توغرا بولغان مەشغۇلات سىسىتىمىسى قاچىلانغان بولۇشى 3. شۇ مەشغۇلات سىسىتىمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان قوزغۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى كىرەك . مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان كۈچلۈك ئىنسانلارنىڭ نىسپىتى قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى مەزكۇر جەمىئەتنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولغان بولىدۇ . بىزدە مەشغۇلات سىستىمىسمۇ تەييار ئەمما كەمچىل بولىۋاتقىنى مەشغۇلات سىسىتىمىسغا ماس كىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق قوزغۇتۇش پىروگراممىسنى تىپىپ چىقىش ياكى ياساپ چىقىش(گەرچە بىز قوزغۇتۇش پىروگراممىسىنى ئۇنۋىرسال ساپا ياكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى دەپ چۈشەنسەكمۇ ).

  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:46:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 13:06  

SATAN يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 02:03 static/image/common/back.gif
بۇنى كۇرۇپ بېقىڭ .

      مەنبە : باغداش تورى  .   http://bbs.b ...

رەھمەت سىزگە، يازمىڭىزنى كۆرۈپ تەپەككۇرۇمنىڭ تولىمۇ يۈزە بوپ قالغانلىغىنى ھىس قىلدىم ۋە شۇنداقلا بۇ ماقالىڭىزنى نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق كۆرمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم. مۇشۇنداق يېڭىچە تەپەككۇرغا باي نادىر يازمىلىرىڭىز بولسا مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز.
     ئىمام غەززالى مۇنداق دىگەن ئىكەن:  ئېزىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ پىكىر قىپ تۇرىدىغان كىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن، چۈنكى ئۇ ھامان ھەقەيقەتكە قايتىدۇ. لېكىن توغرا يولدا ماڭغان تەقدىردىمۇ پىكىر قىلمايدىغان كىشىدىن ئەنسىرەيمەن،چۈنكى ئۇ شامال ئېغىزىدىكى پاخالغا ئوخشايدۇ. ... ...

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:45:09

رەھمەت سىزگە، يازمىڭىزنى كۆرۈپ

‏‏كەچۇرۇڭ ، ئۇقۇشماسلىق بۇپ قالمىسۇن  بۇ ماقالىنى مەن يازمىغان   بۇ ماقالىنى مەن ئالدىنقى يىلى باغداش تورىدا كورگەن ئىدىم  ، ئاپتۇر كومپىيۇتۇر كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولغانلىقيىن  ماقالىدە دۇنيا قانۇنىيەتلىرىنى باشقىلارغا ئوخشىمىغان  شەكىلدە يەنى كومپىيۇتۇر چۇشەنچىسى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكى ئوچۇن مەنمۇ بۇ ماقالىگە قىزىقىپ قېلىپ ساخلاپ قويغان ئىدىم  بۇ قىتىم سىزنىڭ ئىزدىنىش تورىدىكى  مەزكۇر ماقالىڭىزنى كۇرۇپ  سىزنىمۇ كۇرۇپ باقسۇن دەپ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يوللاپ قويغان ،،
‏تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا دۇنيا سىرلىق ئەمەس  ئەكسىچە تەپەككۇرى ئولگەن كىشىلەرگە دۇنيا گويا بىر تىلسىماتتۇر ... تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ روھى ھەردائىم ئەركىن پەرۋاز قىلسا تەپەككۇرى ئولگەنلەرنىڭ روھى دۇنياسى ھەر دائىم قۇللۇققا مەككۇمدۇر  ، تەپەككۇر قىلغۇچىلار گويا دەريا ياكى ئېقىن سۇدۇر ئەكسىچە تەپەككۇرى ئولگەنلەر توختاپ قالغان كۆل سۇيىدۇر  . تەپەككۇر قىلغۇچىلار دۇنيانى ئوزگەرىتسە تەپەككۇرى ئولگەنلەر تەپسە تەۋرەنمەس قۆرام تاشتۇر  .  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:33:15


   ‏تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا دۇنيا سىرلىق ئەمەس  ئەكسىچە تەپەككۇرى ئولگەن كىشىلەرگە دۇنيا گويا بىر تىلسىماتتۇر ... تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ روھى ھەردائىم ئەركىن پەرۋاز قىلسا تەپەككۇرى ئولگەنلەرنىڭ روھى دۇنياسى ھەر دائىم قۇللۇققا مەككۇمدۇر  ، تەپەككۇر قىلغۇچىلار گويا دەريا ياكى ئېقىن سۇدۇر ئەكسىچە تەپەككۇرى ئولگەنلەر توختاپ قالغان كۆل سۇيىدۇر  . تەپەككۇر قىلغۇچىلار دۇنيانى ئوزگەرىتسە تەپەككۇرى ئولگەنلەر تەپسە تەۋرەنمەس قۆرام تاشتۇر  
      
      نىمە دىگەن ئېسىل سۆزلەر_ھە، اللە ئۆز كىتاۋىدا تەپەككۇر قىلىپ تۇرغۇچىلارنى كۆپلىگەن ئايەتلەردە ماختاپ تۇرۇپ تىلغا ئالغان ئىكەن،  قايسىدۇر بىر ئالىمنىڭ مۇنداق دىگىنى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: تەپەككۇر قىلىش_تاشلىنىپ قالغان پەرز.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:12:10

ياخشى تىما  يىڭى ئۇيغىنىش،
    پەلسەپە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ

nazakat88 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 10:13:58

تەپەككۇر قىلىش_تاشلىنىپ قالغان پەرز.-نەخ گەپ .
بەت: [1]
: يۇمشاق دېتال ۋە ئادەم ھەققىدە ئويلار