tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:38:26

يۇمۇر

يۇمۇرلار


ساقچى: دوكلات، جىنايەتچىنى قوغلاپ كېتىۋاتاتتىم، ئۇ قاچىدىغان يەر تاپالماي، ئىدارە باشلىقمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالدى.
ساقچى باشلىقى:نېمىشقا داۋاملىق قوغلىمىدىڭ؟
ساقچى: باشلىقىنىڭ ئۆيىگە قۇرۇق قول كىرىشتىن خىجىل بولۇپ قايتىپ كەلدىم.





ئەر-خوتۇن دائىم ئۇرۇشۇپ قالغاندا، خوتۇنى ھاجەتخانىغا كىرىپ ئۇزاققىچە چىقمايدىكەن، بۇنداق ئەھۋال كۆپ قېتىم داۋاملاشقاچقا، ئېرى ئەجەبلىنىپ خوتۇنىدىن سوراپتۇ:
-خوتۇن، سىز ھەر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغاندا ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىپ نېمە ئىش قىلىسىز؟ قارىسام بۇنىڭ ئاچچىقنى بېسىشقا پايدىسى زور ئىكەن.
خوتۇنى: تەرەت قاچىسىنى چوتكىلايمەن.
ئېرى: شۇنداق قىلغاندا راستتىنلا ئاچچىقنى باسقىلى بولامدۇ؟
خوتۇنى: بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ھەر قېتىم سىزنىڭ چىش چوتكىڭىزنى ئىشلىتىمەن.




بىر ئاپتوبۇس ئەگرى-تۇقاي تاغ يولىدا كېتىۋاتاتتى. ئەتراپ قاراڭغۇلاشقاندا، ئاپتوبۇستىكى ئەر ئويغىنىپ، شوپۇر بىلەن ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ يوقلىقىنى، بىراق ئاپتوبۇسىنىڭ يەنىلا ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن:
-ئالۋاستى، ئالۋاستى!-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.
بۇ چاغدا سىرتتىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-كاللاڭ قېيىپ قالدىمۇ، نەدىمۇ ئالۋاستى بولسۇن؟ ئاپتوبۇس بۇزۇلۇپ قالغاچقا ھەممىمىز چۈشۈپ ئىتتىرىۋاتىمىز، پەقەت سەنلا دىۋىدەك ئۇخلاپ ياتتىڭ.





   
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا سادىر دائىم سەھەر قوپۇپ چېنىقاتتى. بىر قېتىم ئۇ چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن ناشتىلىققا مانتا ئېلىپ ياتاققا قايتتى. ئۇ مانتىلارنى ئۈستەلگە قۇيۇپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇغىلى چىقىپ كەتتى. ئۇ قايتىپ كېلىپ قارىسا مانتىلارنىڭ بىرىمۇ قالمىغانىدى. ئىككىنچى كۈنى سادىر يەنە مانتا ئېلىپ كىردى، بىراق ياتاقتىكىلەرنىڭ ئالدىدا مانتىلارنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ قويدى. ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ كىرگەندە مانتىلارنىڭ ھەممىسى جايىدا تۇراتتى-يۇ، ھەممىسى قىيمىسىز ئىدى.....






بىر ئەر تۇنجى قېتىم ئالىي دەرىجىلىك چاچ ياساش سالونىغا كىرىدى، مۇلازىملار ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلدى:
-ئەپەندى، ئاۋۋال 2-قەۋەتكە چىقىپ، چېچىڭىزنى يۇدۇرۇۋالامسىز؟
-بولىدۇ.
-ئەپەندى، ئازراق ئاق چېچىڭىز بار ئىكەن، بوياپ قويايلىمۇ؟
-ماقۇل.
چاچنى يۇدۇرۇپ، بوياپ بولغاندىن كېيىن ئۇستام ئۇنىڭدىن:
-چېچىڭىزنى قانداق پاسۇندا ياساتماقچى؟-دەپ سورىدى. ئۇ:
-چېچىمنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى ئىدىم.......






تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلار ئىدى، تەنتەربىيە دەرىسىدە ئاغرىپ قالدىم، مەنتەربىيە ھەيئىتى بولغاچقا،  بالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ بولۇپ، رۇخسەت سوراش خېتىنى مۇئەللىمگە بەرمەكچى بولدۇم، يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالدىم، قەغەزنى مۇئەللىمگە تەڭلەپ:
-رۇخسەت سوراي دېگەن،-دېدىم.
مۇئەللىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، غەزەپ بىلەن:
-كەمبولارمىكىن،-دېدى.
ھەيران بولۇپ قولۇمغا قارىسام، قولۇمدا بىر مولۇق پۇل تۇرىدۇ.




مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 12:18:50

2- بوپ قۇيدىكەن ،خېلى كۇلۇپتىمەن :lol

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 12:19:58

ئوقۇپ بوپتىكەنمەن،شۇنداق بولسىمۇ ئازىراق كۈلدۈم......:lol

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 12:49:42

ساتىراچخاننىڭ  قىززىققۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 17:42:52

تۆنۈگۈن ئۈن دىداردا كۈرۈپتىكەنمەن
بەت: [1]
: يۇمۇر