ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-16 18:28بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق جۇڭگو ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پەن-تەتقىقات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغان «يېشىل» ماركىلىق يۈرۈشلۈك ئالگا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىسى مۇشۇ ساھەگە نىسبەتەن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تەتقىقات مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاراتقۇلار، كارخانىچى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ مۇھىم زىيارەت قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى.
كۆرگەزمە جەريانىدا، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، باينغولىن ئوبلاست گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار ئۈرۈمچى دۆلەت يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «شىنجاڭ بىئو-دورا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى» ئالاھىدە كۆرگەزمە رايونىدىكى يېشىل شىركىتى كۆرگەزمە ئورنىغا كېلىپ، شىركەت قۇرغۇچىسى ۋە باش دېرىكتور ھەسەنجان ئابدۇللا، شىركەت مۇئاۋىن دېرىكتورى ئەمەتجان مۇھەممەد قاتارلىقلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. بۇ ھەقتىكى زىيارەت خەۋەرلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى(ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە قاناللار)، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق يەرلىك تاراتقۇلاردا بىۋاستە بېرىلگەندىن باشقا، سۇمرۇغ تورى، شىنلاڭ تورى، ۋاڭيى تورى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىمۇ مەخسۇس خەۋەرلەر بېرىلدى.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى زىيارەت خەۋىرى(ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ھەر ئىككى قانالدا قويۇلدى، 2014-9-5)
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzc5Njk2Nzg4/v.swf
تەڭرىتاغ تورى زىيارىتى
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzc5NzE2NzE2/v.swf
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ياۋو-ئاسىيا يەرمەنكىسى نەق مەيدان بىۋاستە ئاڭلىتىش زىيارىتى (2014-9-5)
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzgzOTAzNTUy/v.swf
يېشىل بىئو پەن-تېخنىكىسى
www.yexil.com.cn
ئۈندىدار سۇپىسى: yexil
ھەقسىز مۇلازىمەت تېلفۇنى:
400-800-4441
شىنجاڭ خەۋىرىدە كۆرگەنتىم. روناق تىپىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
ناۋادا قۇملۇق يىشىل ئالگىسى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ، قۇم توسۇشتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرسا، ھەممىدىن بەك خۇشال بولىدىغىنى بىزدەك خوتەنلىك بولۇشى مۇمكىن. Yexilbiotech:
باش دېرىكتۇر ھەسەنجان ئابدۇللانىڭ تەرجىماھالىنى بىلىپ باقساق بۇلامدۇ؟كورلىنى قايسى بىر ناھىيەسىدىنغۇ دەيمەن؟ ئالگا دىگەن زادى نىمە گەپ .... xajarim يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:58 static/image/common/back.gif
ئالگا دىگەن زادى نىمە گەپ ....
تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۆجىزە _ ئالگا
http://bbs.izdinix.com/thread-59515-1-1.html قولامغا نەخ پۇل چۈسسە سىلەگە مەبلەغ سىلىشنى ئويلاتىمە ماڭا بەك يارايدۇ ئەمگىكىڭلا {:112:} سىلەر بۇ تۈرنىڭ تەشۋىقاتىغا بەكرەك كۈچىسەڭلار بولغۇدەك ، نۇرغۇن دۆلەتلەر قۇملۇقىنى بۇ ئۇسۇلدا تىزگىنلەشكە بەكراق قىزقىشى مۇمكىن . ئاساسلىق نىشانىڭلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ياكى ئالگا ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەشمۇ ؟
كوپىنچىمىزنىڭ سىلەرگە قىزىقىۋاتقىنى قۇمنى تىزگىللەش تىخنىكىسى ئىدى.................. ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 22:11 static/image/common/back.gif
ئاساسلىق نىشانىڭلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ياكى ئا ...
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن قۇم تىزگىنلەش شىركىتىمىزنىڭ ئىككى يادرولۇق كەسپى. كېيىنچە باشقا تارماق تۈرلەرمۇ قوشۇلىدۇ.
بەت:
[1]