Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 18:16:46

ماشىنا ھەيدەشكە قانداق سۈپەت - ساپا كېتىدۇ؟

    يېقىندىن بۇيان قاتناشقا ئائىت نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا: بىزدىكى ماشىنىلىشىش سەل بۇرۇن بۇلۇپ قالغانمۇ قانداق؟،-دېگەندەك غەلىتە سۇئاللارمۇ پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئەمىلىيەتتە بۇنداق قاتناشقا ئائىت قائىدىسىز، ئەخلاقسىز ئىشلار باشقا خەلقلەردىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.
قايسىز كۈنى ناھىيە بازىرىدا مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم: ئىككىسىنىڭ ماشىنىسى ئۆز ئارا كىچىككىنە سوقۇلۇپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن خاتا دېسە، سەن خاتا دېيىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتىمىش، ئۇرۇشۇشقا قانماي، ئايىغىدا بىرسىگە بىرسىگە پىچاق تىقىشىپ ئارىلىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم، بىراق كۈلكىنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن ئازاپلار يۇشۇرۇنغان ئىدى. ئەگەر، شۇ كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا بېرىپلا ماشىنىسىنى ئوڭشاتقۇچىلىك پۇل بولغان بولسا، بەلكىم ئۇنداق قانلىق ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

بىزنىڭ ناھىيەدە كىچىككىنە توۋلىشىش، ۋاقىرىشىش ياكى مۇش ئېتىشىپ قېلىشلار بولسا (ئادەم بار يەردە بۇنداق ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە)، نۇرغۇن ئادەملەر چۆگىلەپ ئۇيۇن كۆرۈدىغان ئەنئەنە بار. بۇنداق كىشىلەرنىڭ جىدەل ئۈستىدىكىلەرنى ئاجىرىتىپ قويىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، لېكىن تاماشىبىنلىرى كۆپ. قاتناشلارنىڭ ئۆز ئارا سۇقۇلۇپ كېتىشلىرىدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بىنورمال ئەھۋاللار سادىر بولۇپ تۇرۇدۇ. يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا نورغۇن كىشىلەر يېغىلىۋالغان بولسا چۇقۇم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ دەپ ئويلايمىز. بۇ كىشىلەر ياكى قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىكىلەرگە، ياكى سۇغۇرتا شېركەتلىرىگە ۋەقە مەلۇم قىلمايدۇ.

بۈگۈن ئەتتىگەندە ناھىيە بازىرىغا كىرىۋاتسام يەنە شۇنداق ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى: قىزىل چىراقتا ئىككى شىيالىي ماشىنا سۇقۇلۇپ كېتىپتۇ. قارىسام ئىككىلىسىدىكى شوپۇرلارنىڭ ئەپى يامان.شۇنچە ئەتتىگەنلىكىگە قارىماي يەنە ئون نەچچە ئادەم ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا ئۇلۇشۇپ بۇلۇپتۇ. ھېچكىم قاتناش ساقچىللىرىغا ۋەقە مەلۇم قىلىشىنى ياكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە مەلۇم قىلىپ، شۇلار ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى، شۇ ئارقىلىق كۆڭۈل يارىسىدىن يېراقلىشىشنى ئويلىمايتتى.

ئاغىنىلەرنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ قالسام داۋاملىق بىر جۈملىنى تەكرارلايمەن: باشقىلارغا بىر مىنۇت ۋاقىت بېرىڭلار! ئالدىرغانلار ماڭسۇن، بىز ئۇلاردىن بىر مىنۇت كېيىن يېتىپ بارىمىز. بىراق شۇ ئاغىينىلەرنىڭمۇ گىپىمنى تېڭشايدىغىنى ناھايىتى ئاز. ھەتتا بەزىدە ئېغىزىدىن ناھايىتى سەت گەپلەرنى چىقىرىدۇ. شوپۇرلارنىڭ ئېغىزىدىن سەت گەپلەرنىڭ چىقىشىغۇ،مەنچە، ئورتاق بىر ئەھۋالدەك ھىس قىلدىم. دېمەك، مەن ئەتىراپىمدىكىلەرگىمۇ چوڭ تەسىر قىلالمىدىم. باشقىلارنىڭمۇ ھاياتىنى ئويلاپ قويۇشنى ئۆگىتەلمىدىم.

ئۇنداق ماشىنا ھەيدەيدىغان سىز ئۆزىڭىزنى لاياقەتلىك شوپۇرمەن دەپ قارامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
شوپۇرلاردا قانداق سۈپەت - ساپا ھازىرلىغاندا، يوللاردىكى قاتناشلارنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە، كىشىلەرنى ئۆز - ئارا يول قويالايدىغان ھالغا ئەكەلگىلى بولىدۇ؟

تىمام سەل چۇۋالچاق چىقىپ قالدى،ئەمما بۇنىڭغا قارىماي، مەزمۇنى، سىلەرنىڭ ئەتىراپىڭلاردىكى ئىشلار توغۇرلۇق ئەھۋاللاشساق.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 02:03:13

پىراۋىنى پۇلغا سىتىۋالغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ ھەقاچان. ئۇنۋېرسال ساپا تۆۋەن ئەسلىدىنلا

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:24:40

مەن ئۆزۈمنى لاياقەتلىك شوپۇر دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن نەزىرىيە ئىنتاھاننى 7 مىنۇتتا 95 ئېلىپ يېنىپ چىققان ،قالغان ئىنتاھان تۈرلىرىنمۇ بىر نەپەس بىلەن غەلبىلىك بېرىپ ئۆتكەن.مەن ئالدىرىغان ئادەمگە بەك يول بېرىمەن . ئۆزۈم ئالدىرسام ئالدىرىغان ئادەم بىلەن كارىم يوق ئالدىراپ كېتىمەن.:lol ئۆزەم ئالدىرىماي مېڭىپ ئالدىرىغان ئادەمگە يول بەرمەسلىكىنى توغرا كۆرمەيمەن، ئالدىرىغان ئادەمنىڭ مەلۇم بىر ئىشى باردۇر شۇنىڭغا ئالدىرغاندۇر دەپ ئويلايمەن. ھەمدە ئالدىرغان ئادەم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا بۇنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىدىغان قاتناش ساقچىسى بار دەپ قارايمەن ،ھەرگىزمۇ قاتناش ساقچىسىنىڭ ئورنىدا ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىمايمەن.:lol

شەھەردىكى شوپۇرلار چوقۇم ‹‹قوغلىشىپ››‹‹ئارقىمۇ-ئارقا›› تېز مېڭىشنى ئۆگەنگەندە قاتناشنىڭ راۋانيۈرۈشگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ماشىنا ھەيدىدىم دەپ رولنى تۇتۋېلىپ 70 ئادەم 70 خىل سۈرئەتتە ،70 ياڭزا بىلەن ھەيدىسە شاشراق ياشلارغا يىلان باغرى يانداپ ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ دە قاتناش قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ،بۇنى غەنىمەت بىلگەن تاكسى شوپۇرلىرى ماشىنىنىڭ كاللىسى پاتقانلىكى يەرگە نىقتاپ قوڭنى دوڭغايىتىپ تۇرۋالىدۇ. :lolنۇرغۇن ئادەملەر بار 60 لىك يولغا كىرۋېلىپ 10 دا ياكى 20 دە ماڭىدۇ ، ھەمدە مۇشۇ سۈرئەتنى ‹‹بىخەتەر››ساپالىق ھەيدىدىم دەپ قارايدۇ ئەمما ئۆزىنىڭ خاتا ھەيدىگىنىنى بىلمەيدۇ،60 نىڭ تۆۋىنىدە ماڭسام بولىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ،ئارقىسىدىكىلەر بىلەن كارى بولمايدۇ.


ماۋۇ جۇڭگۇدا مەن ياكى سىز قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بولالمايمىز،ھەمدە يول قويغاننى ئاجىزلىق دەپ بىلىمىز.شۇڭا دېرىزىنى ھىم ئېتىپ ئاۋاز ياڭراتقىنى كەڭ ئېچىپ ئۆزىمىز بىلگىنىمىزچە مېڭىشىمىز لازىم.:lol

ساپا توغرۇلۇق بىر نەرسە دېگۈم يوق.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:24:51

ماشىنا دېگەننى ئەدەپ - قائىدە بىلەن سىلىق - سىپايە ھەيدەپ سالسا ، باشقىلارغا ئاز - تولا يول بېرىپ قالسا ، كىشىلەر ما گالۋاڭ ماشىنا بىلەن پراۋىنى بىكارغا ئاپتىكەن دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ ھەقاچان.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:30:29

خوتەن شەھىرىدە ماشىنا ھەيدىيەلىسەڭلا يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە بىمالال ماشىنا ھەيدىيەلەيسىلەر
شوپۇرلارنىڭ ساپاسى ئاجايىپ تۆۋەن،كەينىدىن يا ئالدىدىنكاناي ئۇرۇپ سالسىڭىز مۇشتلىشىش دىگەن ئادەتتىكى ئىش ، سىز خەقكە يول بەرسىڭىز كەچكىچە ساقلايسىز،يول بېرىش دىگەن ئۇقۇم يوق،ماشىنا ئارىلىقىدا ئون سانتىمېتىر بوشلۇق بولسا ماشىنىسىنىڭ بېشىنى تىقىۋېرىدۇ،قىزىل چىراقتا مېنى شۇنداق قىستاپ نەچچە قېتىم قوش سىزىقتىن ھالقىتىپ قارشى تەرەپنىڭ يولىغا چىقىرىپ قويدى ئىتنىڭ باللىرى ، قاتناش ساقچىسىغا يالۋۇرۇپ نومۇر تارتمايدىغانغا 200 كوي تۆلەپ ئاران قۇتۇلدۇم
سىلەر ساپالىق بولساڭلارمۇ مۇشۇنداق مۇھىتقا كىرىپ قالساڭلار يەنە ساپالىق بولالامسىلەر؟ مەنمۇ ھازىر خوتەن شەھىرىدە ماشىنا ھەيدىسەم قەتئى يول بەرمەيمەن،ئىشقىلىپ خوتەندە ماشىنا ھەيدىسەم بەك راھەتسىز بولىمەن ھەم رول تۇتقۇممۇ كەلمەيدۇ
قاتناش قائىدىسى دىگەن يوق گەپ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:38:41

مېنىڭ ئىنكاسىمنى تەستىقلىۋېتىڭلا

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 06:47:05

http://v.youku.com/v_show/id_XNjAyMzQyMDQ0.htmlماۋۇ گېرمانيىلكلەرنىڭ...........
http://v.youku.com/v_show/id_XNTA0MDY1OTYw.html?from=y1.2-1-91.3.7-1.1-1-1-6   ماۋۇ فىرانسىيلىكلەرنىڭ............

http://v.youku.com/v_show/id_XNDM5NzE3OTcy.html?from=y1.2-1-103.3.1-1.1-1-1-0   ماۋۇ جۇڭگۇنىڭ..................:lol:lol:lol

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 07:01:09

مۇشۇ خۇتۇن خەقكە ئايرىم يول ئاجىرىتىپ بەرسە دەيمەن .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 07:54:04

خوتەندە ماشىنا ھەيدىيەلىسىڭىز يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدەبىمالال ماشىنا ھەيدىيەلەيسىز
شوپۇرلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئەخلاق - قاتناش قائىدىسىئۇقۇمىنىڭ يوقلىقى،ئۇششۇق مۇتىھەم،لۈكچەكلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 07:57:20

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 07:54 static/image/common/back.gif
خوتەندە ماشىنا ھەيدىيەلىسىڭىز يەر شارىنىڭ ھەر قانداق...

بىر ئاكا دوستۇم ،خوتەندە 15كۈندەك تۇرۇپ كېلىپ ،خوتەندىكى كىشىلەرنى ماختاپ كەتكەنىدى. بايلىرىنىڭ ئېسىل ماشىنىللىرى بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ ۋېلسىپىت موتۇلىرىغا يول بېرىشى ، بىر بىرىسىگە ھۆرمەت قىلىپيول قويۇشلىرى دېگەندەك ۋەھەكازالار....

قارىغاندا ، ھەممە يەردە ساپالىق ۋە ساپاسىزلار بار ،ھەم كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ۋاقتتا ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۇچۇرىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىر يۇرت كىشىللىرىنى بىراقلا ئۇ بۇ دېمىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:20:39

شەھەر ئىچىدە موتو مىنگەنلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇيۇندەك تىز سۈرئەتتە ماڭىدىغانلىقنىڭسەۋەبىنى ئۆزەم شەھەر ئىچىدە موتو مىنىپ باققاندىن كىيىن بىلدىم،

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:31:29

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 06:24 static/image/common/back.gif
مەن ئۆزۈمنى لاياقەتلىك شوپۇر دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن ن ...

      ھىس قىلغىنىم : بەزى ئادەملەر باركى يولدا ئەمەس ماۋۇ دۇنيادا ئۆزى يالغۇزلا ياشاۋاتقاندەك يۈرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ماڭغان يۇلىغا قاراپ كۈلىشىڭىزنى ياكى يىغلىشىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز .
   4-5 يىلنىڭ ئالدىدا ئاققۇۋۇقتا بىر قارا قىشتا 20-30 ئادەم چوڭ يولدىن ئۈتەلمەي بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىلىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئۈتۈپ بۇلىشىنى ساقلاپ تۇرغاندا ، بىر خەن يىگىت ئاتايىن توختاپ بىزگە يول بەرگەن ئىدى ، چوڭ -كىچىك ، قېرى -ياش ھەممىمىز ئۈتۈۋالغان ئىدۇق ، ساپا دىگەن باشقا گەپتە ، ھېلىقى يىگىت كۆڭلۈمدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قاپتۇ .
مەن ئادەتتە شەھەر ئىچىدە ئاساسەن چوڭ چىراق ياقمايمەن ، مىنڭچە چوڭ چىراق يېقىشنىڭ زۈرۈرىيىتىمۇ يوق ، ئەمما ھىس قىلىشىمچە نۇرغۇن قاتناش ۋەقەسى چىراق پاس بەرمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدىكەن ، چوڭ چىرىقىنى بىر يېقىۋالسا ئالماشتۇرۇشنى ئۇقمايدىغان شوپۇردىن بىرسى بىلمەي يېنىمدا توختاپ قالسىدى ، ئابدىكىرىمكام دىگەندەك مۇشنى لازا ، تۇز، ئاچچىقسۇ ......................ھەممىسىگە مىلاپ تازا.................................................كىلىدۇ .
مۇنبەردىكى شوپۇر قېرىنداشلار ، يۇقىرى ساپا ھەممىگە پايدىلىق ، ئەڭ بولمىغاندا كىچىسى ئاۋۇ چىراققا دىققەت قىلىپ قويغان بولساڭلار.......................

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:14:51

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 07:54 static/image/common/back.gif
خوتەندە ماشىنا ھەيدىيەلىسىڭىز يەر شارىنىڭ ھەر قانداق...

ما نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خوتەندىن پراۋىنى ئوقۇماي ئالىدىغانلار بەك جىق ئىدى. بىز تەرەپتىن بارغانلارمۇ 3-4 ئايدا 7-8 مىڭ بىلەن ئوقۇمايلا بېرىپ پراۋا ئېلپ كەلگەن ئىدى. قارىغاندا شۇ ئوقۇماي پراۋا ئالغانلار جىق بولغاچقا تەس ئوخشىمامدۇ خوتەن تەرەپتە ماشىنا ھەيدەش:lol
مەنغۇ ساق بىر يىلدا ئوقۇپ ئا لدىم. نەتىجىلىرىممۇ لاياقەتلىك بولۇپ ھەممە ئىمتىھانلارىدىن بىرلا قېتىمدا ئۆتۈپ مېڭىپ ئالدىم.
ھازىر يولغا چىقساممۇ قائىدە بويىچە مېڭىپ يول تالاشقانلارغا يول بېرىپ ھەيدەۋاتىمەن لېكىن بەزى بىر ساپاسىز شوپۇرلارغا ئامال يوقكەن، بولۇپمۇ ماۋۇ تاكسى ھەيدەيدىغانلار نەچچە سېكۇنت تېز مېڭىۋالسا خوش بوپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇچمايدۇ ئەمما ئۇنىڭ بىرسىنى قىلىدۇ ئەمەسمۇ. شۇنداق چاغلاردا سەل قايناپ سالىمەن دە.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:19:28

ئەگەر، شۇ كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا بېرىپلا ماشىنىسىنى ئوڭشاتقۇچىلىك پۇل بولغان بولسا، بەلكىم ئۇنداق قانلىق ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
:lol :lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:30:14

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 07:54 static/image/common/back.gif
خوتەندە ماشىنا ھەيدىيەلىسىڭىز يەر شارىنىڭ ھەر قانداق...

خوتەندە قاتناشنىڭ سەل قالايمىقانلىقى راست، لېكىن خوتەنلىك شوپۇر باللىنى بەك كەڭ قورساق كۆدۈم مەن.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:32:17

Kulke يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 09:14 static/image/common/back.gif
ما نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خوتەندىن پراۋىنى ئوقۇماي ئال ...

ئامال بار تاكسى ماشىننىڭ كەينىدىن ماڭمىغان ياخشى.مېڭىپلا قالساك بىردەم مېڭىپلا ‹‹قوڭىنى توغۇرلايدۇ››،كەينىدە باشقا ماشىنا بارمۇ يوق كارى يوق . كېچىدە ھەيدەشقۇ بەسى مۈشكۈل ئانىسى تۇققان چاغدا ماشىننىڭ چوڭ چىرىغىدا يۇرۇتۇپتۇغۇلغان گۇيلار باركى چىراق پاس بېرىشنى ئەسلا ئۇقمايدۇ .ناھىيىمىزنىڭ قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىن بىر ھەپتە بېرىدىغان بولسا شېغىل توشۇيدىغان پەندۇر بىلەن چىراق پاس بەرمەيدىغان ماشىنىلارنىڭئەدىپىنى تازا بەرگەن بولاتتىم

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:35:58

مۇشۇ ئاق چىراق بېكىتىۋالغانلارنى نېمە دەپ تىللىسا بولا باللا؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:50:42

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 10:32 static/image/common/back.gif
ئامال بار تاكسى ماشىننىڭ كەينىدىن ماڭمىغان ياخشى.مېڭ ...

پاس بەرمەيدۇ زادى. مەنمۇ ھېرىپ قالىمەن پاس بېرىپ، ئاقسالىشىپ مېڭىپ كېتىشى بۇ گۇيلارنىڭ غۇڭ غۇڭ قىپ قۇيۇن تازدەكلا.:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:56:16

ماشىنا ھەيدەشتە ناھاقچىلىق كۆپ ،ئادەمنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتسىمۇ لىكىن قاتناش قائىدىسىگە بوي سۇنماي ئامال يوق.
بولۇپمۇ مۇشۇ كىرا تاكسىلىرى خىرىدار توسقان زامان ئارقىدا كىلۋاتقان نەرسە بارمۇ يوق دىمەي تورمۇزلاۋىردۇ.ئارقىدىن كەلگەن كەلگەن ماشىنا يا تورمۇزلىۋالدۇ ياكى ئۇسسۇيدۇ.

نەدە بىر قوتا ماشنىلارغا ئالدىرساڭ ئۇچۇپ ئۆت دەپ يىزىپ قويدىكەن تىخى.
ھەر ئالىي ماشىنلار قىلۋالمايدىكەن بولمىسا..

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 11:08:17

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-9-17 07:57 static/image/common/back.gif
بىر ئاكا دوستۇم ،خوتەندە 15كۈندەك تۇرۇپ كېلىپ ،خوتەند ...

ئەلۋەتتە ، خۇتەندە ماشىنىلار موتوجىلارغىلا ئەمەس باشقا قاتناش ۋاستىلىرىغىمۇ ناھايتى مىھرىبانلىق بىلەن مۇ ئامىلە قىلىدۇ . كۆپىنچە ئىلاجسىزلىقتىن ،;P !
نەچچە كۈن ئىلگىرى خۇندا ماركىلىق (100 لىك )موتوجىرىمنى ھەيدەپ شەھەرلىك ھۈكۈمەت(شەھىرىمىزنىڭ ئات ئىشەكتەك يۈزى با چوڭ دوقمۇشى دەڭا) ئالدىدىكى قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرسام يېنىمدىن بىر مەپە تاۋۇز باسقان ئىشىەكتىن بىرنى ھەيدەپ بىر بوۋاي ئاستا ئۆتىۋاتماسمۇ ، ئىشەك دىگەن بەلكىم رەڭ قارغۇسى بولسا كىرەك ، پەرۋايىدا يوق بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مېڭىۋەردى(كاللىسىدا بىرەر غەم بولسا كىرەك). ئاڭغىچە ئىككى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىلار جىددى سىگنال بىرىشكە باشلىدى ، شۇئان بۇ ئىشەككە كەپىتانلىق قىلىۋاتقان X6 كىنىشكىلىك بوۋاي (بۇ كىنىشكە ئىشەك ھارۋىسىغىلا ئۆتىدۇ) ئۆزىگە كىلىپ ئىشەككە كوماندا بەرمەكچى بولىشىغا چىراق تۈۋىدە ۋاقىت ئېڭى يوق قادىخانلىنىڭ يېشىل چىراق ۋاختىنى بىكار ئىسراپ قىلماسلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ قۇيۇلغان قاتناش ساقچىسى پۇشتىكىنى ۋارقىرىتىپ بىر چېلىۋىدى ، بۇ ئىشەك ئۆزىنىئولىمپىك يۈرەش ماھىرى چاغلاپ قالدىمۇدارھاللا 5-خوتقا سالغانچە يۈگۈرگەن پېتى يۈرۈپ كەتمەسمۇ ! كاساپەت ، ئويلىسام بۇ گۇي ئەمدى مەھەللىسىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ شەھەردىكى قانچە قىممەتلىك ماشىنا ، قانچە باي-كاتتىلارنى بىقۇل قىلغانلىق ئىش-ئىزلىرىنى تونۇش بىلىشلىرىغا سۆزلەپ تازا ماختىنىۋالدىغان بولدى دە !:lol :lol
بەت: [1] 2
: ماشىنا ھەيدەشكە قانداق سۈپەت - ساپا كېتىدۇ؟