gulja يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:10:58

arp ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار!
ئىشخانىمىزدا بىر نەچچە كومپيۇتېر سىرتقى تورغا ئۇلانغان.  بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى360 بىخەتەرلىك قورۇقچىسى arp ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، مەنبەسى 192.168.1.1 دىگەندەك ئۇچۇرلارنى چىقىرىۋاتىدۇ. خىزمەتداشلىرىمنىڭ كومپيۇتېرلىرى تورغا بىر ئۇلىنىپ، بىر ئۇلانماي دېگەندەك كاشىلىلارنى كەلتۈرىدى. 360 بىخەتەرلىك قورۇقچىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تېمىنى تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن تورغا نورمال چىقىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ھۇجۇم توختىغىنى يوق، دوستلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن:: توردىشىڭلاردىن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:14:11

192.168.1.1  چىققان بولسا روتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ روتېرنى زاۋۇت ھالىتىگە ئەكىلىپ قايتا تەڭشەپ بېقىڭلار

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:16:02

arp ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ  دىسە يەنە قايسى جايدا ئۇرۇش بولغاندۇ دە كىرىپتىمەن تېخى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:20:15

:lol:lol:lol   
بىلىدىغانلار تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسە، بىزمۇ بىلىۋالساق.   

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:50:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 21:53  

مۇشۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئىشىمىنىڭ ئالدىراشلىقىغا باقماي!كومپىيۇتىرىمدىن تۇلا چاتاق چىقىپ قىسقا ئۈچ كۈن ئىچىدە تۈت قېتىم سېستىما قاچىلدىم.3-4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل 360بىخەتەرلىك قۇراللىرىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان.360 ۋىروسخۇر،360 بىخەتەلىك قاراۋۇلى ،360 پىرىسلىغۇچ،360 تور كۆرگۈچ،،،،،.دەسلەپ مەن 360 تور كۆرگۈچىنى ئىشلەتمەي گوگولنىڭكىنى ئىشلەتكەن ،360 تۇلا بىخەتەرلىكى تۈۋەن ،بىخەتەر ئەمەس دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ 360 تۇر گۈرگۈچى مەجبورى قاچىلنىۋالدى،بوپتۇ دەپ تۇرسام ئارقىدىنلا 360 تۇر كۆرگۈچىدىن باشقا ھىچقانداق تور گۆرگۈچتە تۇرغا چىققىلى بولمىدى،يەنە سىز دىگەندەك تور بىردەم ئۇلىنىپ -بىردەپ ئۇلانمىدى .بوپتۇ ئىشىمىنى قىلىۋالاي ئاۋۋال دىسەم ،360 بىخەتەلىك قاراۋۇلى بىر كەسپى يومشاق دىتال بىلەن كىرىشىپلا قالدى،بىر ھۆجىتى ۋىرۇس ھەركىتنى قىلۋاتىدۇ دەپ ،مەجبۇرى ئىشەنچىلىك ھۆججەت قاتارىغا قۇشۇپ قۇيدىم، ئەمما ئارقىدىن قانچە قىلىپمۇ كەسپى يۇمشاق دىتالنى ئاچالمىدىم،دەسلەپ بۇنىڭ ئىشى بولمىسا كىرەك دەپ سېستما يېڭىلاپ بۇلۇپ ھەمىمىسى نۇرمال ئېچىلغاندا ،يەنە 360 قاچىلساملا چاتاق چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇردىن ئىزلەپ كۈرۈپ مىكرۇسوفىتنىڭ Microsoft Security Essentials نى چۈشۈرۈپ (پۈتۈنلەي ھەقىسز) مۇشۇ ئىشلىتىۋاتىمەن.يامان ئەمەس. ئەمدى ئىشلەتمەيمەن 360 نى .تۇرداشلار مىكرۇسوفىتنىڭ ئەخلەت تازلايدىغان ،يۇمشاق دىتاللارنى تەلتۈكۈس يۇيۋىتىدىغان باشقا دىتالىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار!!!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:20:26

مۇشۇ 360 نى چۈشۈرسە ئاتام - ئانامنىڭ ھەممىنى سۆرەپ چۈشىدىغان ئىشىدىن ھەجەب زېرىكتىم . ما بەيدۇنىڭ ۋىروسخورى بىلەن بىخەتەرلىك قاراۋۇلىمۇ بىر نەرسە چۈشۈرسە تەڭلا چۈشۈۋالىدىكەن جىلى قىلىپ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:33:06

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 22:20 static/image/common/back.gif
مۇشۇ 360 نى چۈشۈرسە ئاتام - ئانامنىڭ ھەممىنى سۆرەپ چۈشىد ...

دىتال قاچىلغاندا  ھەر بىر قەدەمنى ئابدان بېسىڭ ، توغرا بەلگىىلىرنى كۈزەتسىڭىز  ئۇنى چۈشرەمسىز بۇنى چۈشرەمسىز دىگەندەك گەپلەر ، توغرا بەلگىسى ئۇرلۇپ قالسا ، سىز شۇنىڭغا ھوقوق بەردىڭىزدە دە ئارقا سەپتە يۇشرۇن ھالدا ئۈزى چۈشۈپ ئۈزى قاچىلنىۋالدۇ بىر قىسىم دىتاللار .... سىز پەقەت ئىشلىتىش شەرتنامىسىگە قۇشۇلمەن  ، ئۈستەلگە قىسقا يول قوشمەن ، باشلاش تىزىملىكىگە قۇشمەن ... دىگەنگە توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ باشقىسىغا ئۇرماڭ ... ئامال بار بىر بېسىپلا قاچىلماي قەدەم باسقۇچلار بۇيچە قاچلاڭ

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:38:44

مەنغۇ ھىچقانداق ۋىروسخور ئىشلەتمەيمەن. ۋىندوس 8.1 نىڭ ئۆزىدىكى ۋىروسخور ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ.گاھى توردىن  بىر نەرسە چۈشۈرسەم بەيدۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى چۈشىۋىلىپ ئىچىمنى بەكلا سىقتى. مەن ئۆچۈرۈپ ئاۋارە ئۇلار زورمۇ زور چۈشۈپ ئاۋارە. بۇ دوستىمىزيوللۇققان ئىشقا مەن يۇلۇقۇپ باقماپتىمەن. بىلىدىغانلار بىر چۈشەنچە بېرىڭلار .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:45:18

金山 ياخشى

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 22:53:54

مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە مەنمۇ بەيدۇدىن ئۇششاق دىتاللارنى ئىزلەپ چۈشۈرسەم ،نەچچە قېتىم بەيدۇ پۈتۈن ئۇرۇق-ئەۋلادى بىلەن قاچىلنىۋالدى ،يا قاچىلاش جەريانىنى توختاتقىلى بولمىغان ،نىمىنىڭ لۈكچەك دىتال بۇلدىغاننى ئەمدى بىلدىم.بىراقلا ئىزدەش باش بەتنى بىڭنىكىگە (BING)نىڭكىگە ئالماشتۇردىم،بەيدۇدىن يومشاق دىتال ئىزدىگەندە ئېھتىيات قىلىڭلار ! بەيدۇدىن ئىزدەپ چىققان دىتالنىڭ ئاساسى قاچىلاش ھۆجىتى چۈشمەي ،ئاۋۋال بەيدىنىڭ بىر قاچىلاش پورۇگرامىسى چۈشىدىكەن ئاندىن سىز ئىزدىگەن دىتالنىڭ قاچىلاپ بۇلۇپلا ،باشقا بەيدۇ قۇراللىرىنى مەجبۇرى قاچىلايدىكەن.ياكى قاچىلاش جەريانىنى توختاتقىلى بولمايدۇ.شۇڭا بەيدۇدىن نەرسە چۈشۈرگەندە ،ئىزدىگەن دىتالنىڭ سىغمى بىلەن چۈشكەن نەرسىنىڭ سىغمى ئۇخشاشمۇ ئەمەس دىققەت قىلىپ قاچىلىسا بولغىدەك.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 05:54:00

بىرنەرسە چۈشۈرگەندە تورخانىدىكى كومپىيۇتېر بولسا «داۋاملىق»نى بېسىپ نەگە چۈشۈرسەڭلار بولىۋېرىدۇ . ئەمما ئۆزەڭلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا بىرنەرسە چۈشۈرگەندە ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسمىساڭلار ئاشۇنداق «ئۆتمەس ماتا»لىرىنى بىللە چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ .

laqin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:21:22

arp بۇ ئەسلى سېستىمىنىڭ بىر كېلىشىمنامىسى، يەنى IP ئاددرىسى بىلەن MACئاددرىسنى چۈشەندۈرگۈچى.

مەسىلەن : مىنىڭ كومپىيۇتېرىمىنىڭ IPئاددرىسى 192.168.1.52، تور كارتىسىنىڭ فىزىكىلىق ئاددرىسى يەنى MAC ئاددرىسى 00-21-85-E2-7A-41، مەن تورنى زىيارەت قىلغاندا، ئالدى بىلەن نىشاندىكى كومپىيۇتېرنىڭ IP ئاددرىسىنى ئىزدەيدۇ، ئاندىن ئۇنى ماس ھالدىكى MAC ئاددرىسقا يەتكۈزىدۇ.
دىمەك نورمال ئەھۋالدا، IP بىلەن MAC بىرگە -بىر ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ.شۇڭا بۇ خىل ھۇجۇم پەقەت دائىرىلىك توردا ئۈنۈمگە ئىگە.
ARP ھۇجۇمى دەل مۇشۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئارىسىدىن قول سېلىپ تورنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. يەنى ساختا IP ياكى ساختا MAC ئاددرىسلىرىنى ياساپ، بىرگە-بىر ئەكىس ئېتىشنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز تورغا چىقالمايمىز،
ساختا ئۇچۇرنىڭ كۆپلىكىدىن تور سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ كىتىدۇ.

ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
1.IP بىلەن MAC ئاددرىسنى باغلىۋىتىش كېرەك(توردا بۇخىل قورال دېتاللار خېلى كۆپ، روتېرنىڭ باشقۇرۇش بېتىدىمۇ بىكىتكىلى بولىدىغۇ دەيمەن،)، بۇنداق بولغاندا ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.
2.دائىرىلىك توردىكى بارلىق كومپىيۇتېرنى ۋىروسخور ئارقىلىق ، پاكىز تازىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. گەرچە ARP ھۇجۇمى 192.168.1.1دىن كىلىۋاتىدۇ، دىگەن بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر مەۋھۈم ساختا ئاددىرىس، ھۇجۇم مەنبەسى باشقا كومپىيۇتېردا بولىشى مۈمكىن.
3.ۋىروسخورنىڭ ARPدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىداىنى ئېچىۋىتىش كېرەك.

gulja يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:56:00

كۆپچىلىككە رەھمەت،
لاچىن ئەپەندى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، سىز ئېيتقاندەك ئىدارىمىزدە كەسپى ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان دائىرىلىك تورمۇ بار، مۇلازىمەت ئاپاراتىمۇ بار، بىر نەچچە كومپيۇتېر سىرتقى تور ۋە ئىچكى تورغا بىراقلا ئۇلانغان. مەن ئاشۇ يۇقۇملانغان كومپيۇتېرنى تاپالمايۋاتىمەن. ئىچكى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرلارنى مۇلازىمەت ئاپاراتى ئارقىلىق بىراقلا تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولارمۇ؟

gulja يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:13:10

RE: arp ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 09:22  

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دوستلار
مەن ھۇجۇمنى قانداق توسىغانلىقىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي، كۆپچىلىككە پايدىسى بولۇپ قالسا!
بۇ خىل ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان كومپيۇتېر تورغا بىر ئۇلىنىپ بىر ئۇلانماي ئىشلەتكۈچىنى ئاۋارە قىلىدىكەن. بۇ ۋاقتتا مەن يەرلىك ئۇلىنىش (本地连接) نى بىر توختىتىپ قايتا قوزغاتقاندا تورغا نورمال ئۇلاندى شۇ ۋاقىتتا 360 قاراۋۇلىنى يېڭىلىۋالدىم،  ئاندىن 360 قاراۋۇلىنىڭ بىخەتەرلىك تېمى ئورنىدىن تەڭشەش ئېلىپ باردىم.
بۇ خىل ئۇسۇلدا كومپيۇتېرلارنىڭ تورغا نورمال چىقىشى نورمال بولدى. بىراق 360 قاراۋۇلى دائىم ھۇجۇمغا ئۇچىرىدى دېگەن ئۇچۇرنى چىقىرىۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ھازىرچە نورمال بولسىمۇ كېيىنچە قانداق تەسىرى بار بىلمىدىم.
ھە راست، بۇ يەرنى بەكىرەك تەڭشىۋەتسە ئورتاق ئىشلىتىدىغان پىرىنتىرنى تاپالماي قالىدىغان ئىشلارمۇ بار ئېكەن، دېققەت قىلارسىلەر!

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:13:23

360 دېگەن نېمىنى كومپىيۇتېرىڭلاردىن يوقۇتۇڭلار. مېنىڭ كومپىيۇتېرىم بىر ئاينىڭ ئالدىدا تولا كۆك ئېكران بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. كۆك ئېكران ئادەتتە قاتتىق دېتال ماسلاشمىسا كۆرۈلەتتى. مەن قاتتىق دېتالنى ئالماشتۇرمىغان. نېمە ئىشتۇ دەپ نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىپ باقتىم. ئوڭشالمىدى. ئىجرا بولۇۋاتقان پروگىراممىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرسام 360 نىڭ بىر پروگراممىسى تۇرۇپلا cpu نىڭ ھەممىسنى ئىشلىتىپ شۇ ھامان كۆك ئېكران بولۇپ قالدى. قايتا قوزغىتىپ 360 نىڭ ھەممە نەرسسىنى ئۆچۈرۋەتسەم كۆك ئېكران مەسلىسى ئوڭشالدى. ھازىر كېچە-كۈندۈز كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرمىسەممۇ كۆك ئېكران بولمايدۇ.
gulja :
يول باشلىغۇچ (لۇ يۇ چى) نىڭ IP ئادېرسى بىلەن MAC ئادېرىسنى باغلايدىغان بىر يېرى بار. شۇ يەرنى ئېچىپ يەرلىك توردىكى ھەممە كومپىيۇتېرنىڭ IP ئادېرسى بىلەن MAC ئادېرىسنى باغلىۋېتىڭ.

gulja يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:20:42

مىنىڭمۇ شۇنداق يوقاتقۇم بار ئىدى 360نى، بىراق ئىدارىدىكىلەرنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى بەك يۇقىرى ئەمەس، (مەنمىغۇ شۇ) ھەر خىل ئەخلەت ھۆججەت، ئاددى ۋىروس دېگەندەك نەرسىلەرنى تازىلاشقا بىر ئاز بولسىمۇ پايدىسى بار ئېكەن. تور كۆرگىچىسىمۇ ۋەزىپە ئىستونىدا كۆپ يەرنى ئېگەللىمەيدىكەن شۇڭلاشقىلا!

gulja يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 09:31:31

ئالىپ ئەپەندى، لاچىن ئەپەندى
مەن ipئادرېسى ۋە ماك ئادرېسىنى باغلايدىغان يەرنى تاپقاندەك قىلىمەن،

ئاۋۇ ئىسىم، ئادرېس، ماك دېگەن يەرلەرگە نېمىلەرنى يېزىشىمنى بىلمىدىم.
رەھمەت

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:17:35

تىما ئىسمىنى باشقىچىراق قويسىڭىزمۇ بوپتىكەن ئەسلى ، مەنمۇ شۇنداق جىددى كىرىپتىمەن ، يەنە نەدە ئۇرۇش پارتلىغاندۇ دەپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۇ 3 ھەرىپمۇ بەك ماسلىشىپتۇ ، خۇددى ISIS , NASA , WTO , WC دىگەندەك !

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 10:26:17

جۇڭگونىڭ دېتاللىرىنى قاچىلىغاندا، قاچىلاش تۈرلىرىگە دېققەت قىلمىساڭلار، 70 پۇشتىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ قاچىلايدۇ

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 12:47:44

مەن  ئەزەلدىن  قاچىلىمايدىغان بۇ خەقنىڭ  دېتاللىرىنى  ، ئادەتتە  پەقەت  ئېلان  توسۇش  ئۈچۈن  ئادسايف AdSafe دېتالىدىن باشقىنى  قاچىلىمايمەن  ،  ئاشۇنداق  ئاتا  -  ئەجدادى -  نەۋرە - چەۋرىللىرىنى  قاچىلاشتىن زېرىكىپ ئاخىرى  ،خەنچە  دېتاللارنى  ئورناتماس  بولدۇم ،
بەت: [1] 2
: arp ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ