mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 16:37:50

ئايال قەلبىدىكى زۆرۈر خىسلەتلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 16:45  

ئايال قەلبىدىكى زۆرۈر خىسلەتلەر  
       ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋىرىگە قەدەم قۇيۇش ھارپىسىدا روھىيەتتىكى مىسلىسىز بوھرانغا دۇچ كەلمەكتە .ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى قۇتۇپنىڭ بىرى بولغان ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . جىنسىي خاھىش ۋە ئۇنى تاۋار شەكلىدە رىغبەتلەندۈرۈش ، جىنسىي ئەركىنلىك ، نىكاھسىز تۇرمۇش ، زەھەرلىك چىكىملىك ۋە يۇقۇملىنىش ،داڭلىق ماركىلىق ئىستىمال بۇيۇملىرى قىزغىنلىقى غايە – ئەقىدە بوھراننىڭ يەنە بىر ئېقىمى . دەۋىر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەسىت بولۇپ ،تەپەككۈر قىلىشتا يىللاپ – يىللاپ  كېچىكۋاتقان شەخىسنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ نەسەپ – سالاھيىتىنى  ، ئىمتىيازى ۋە بايلىقى بىلەن ئەمەس ،بەلكى بۇ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، قەدىرلەش تۇيغۇسى تەرپىدىن شۇنداقلا مەغرۇرلۇق ، ئەخلاقسىزلىق ، ھۇرۇنلىق ۋە تەنتەك كەبى غاپىللىق ئۇيقۇسىدىن قاچان ،قانداق ئويغانغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ  . ئىنسان ئۆمۈرىنى بالىلىق ۋە قېرىلىق ئارىسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك مۇساپە قىرقىيدۇ ، پۇچۇلدىرىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ بەدىلى – مەنىۋى يېتىلىشتۈر . بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۆزەم شاھىت بولغان  بىرنەچچە ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن .
مېىيىپ قىزنىڭ ئارزۇسى[
ئىتائەتسىز ۋۇجۇتنى يېڭىشتە ئىرادىدىن كۈچلۈك ھېچنەرسە يوق                                                      رومىن .روللان  
    مەن كۆرگەن  «مېيىپ قىزنىڭ ئارزۇسى ناملىق » كىتاپتا ئاپتور يەنى مىيىپ قىز سابىرە قۇرربانجان ئۆز ھاياتىنى ئەسلىمە خاراكتېرىدە  تەسۋىرلىگەن بولۇپ ، بۇ قەيسەر قىز 12 ياش ۋاختىدا چاپلاشقان ساختا رىماتىزىم كېسىلنىڭ جان قاقشاتقۇچى ئازابىنى ، شۇ ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە جاپا –مۇشەقەتلەرنى ھاياتقا تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭىپ چىقىدۇ . ئۇ  ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشنىڭ تۈرىتكىسىدە كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ ئۆزلىكىدىن ئىمتھان بېرىپ ، ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان بولسىمۇ سالامەتىكنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ ، ئۇ يەنە ئەتىراپىدىكى ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان كىشللىرىگە مىننەتتارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان بولسىمۇ ، لىكىن رەھىمسىز كېسەل ئۇنى قايتىدىن يىقىتىدۇ .لىكىن ئۇ بەل قويۋەتمەيدۇ ،  ئاخىرىدا ئۇ كىتابنى مەڭگۈلۈك دوست تۇتۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت ھەم شەرەپلىك ھەم جاپالىق بۇ يولنى تاللايدۇ ۋە  كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە مەنىۋى مەلھەم سۈپىتىدە «مىيىپ قىزنىڭ ئارزۇسى » ناملىق كۆڭۈل سوغىسىنى سۇنىدۇ . ئۇنىڭ كىتاۋىنى ئوقىغان ھەربىر ۋىجدان ئېگىسىنىڭ ۋۇجۇدى  لەرزىگەكېلىدۇ، يۈرىگىگە ئوت يېقىلىدۇ  ، ئىرادىسىنى چىڭىيدۇ . سابىرە بۇ كىتاۋى ئارقىلىق يەنە ئۆزىگە ئوخشاش خىياللار دۇنياسىدا ياشاۋاتقان شۇنداقلا جەمىيىتمىزدىكى  ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ، بىر قىسم  ئاياللارغا يېڭى روھ بېغىشلىسا ،  كىچىك ئىشنى ياراتماي چوڭ ئىش قولىدىن كەلمەي  ئاتا – ئانىللىرىغا روھى بېسىم ھەم باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلۋاتقان ساغلام ياشلىرىمىزنىڭ  ئۈمىدسىز كەيپىياتىغا جان كىرگۈزىدۇ . بۇ كىتاب بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن سابىرە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەردىن خەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ  . تۈرمىدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلۋاتقان بىر يىگىت سابىرەگە :« مەن ئۆزۈمنى ئادەم ساناپ يۈرۈپتىمەن ، كىتاۋىڭىزنى  ئوقىغاندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلەندىم ھەمدە نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم ، بۇندىن كىيىن مەن سىزنى ياشاش ئۈلگەم قىلىمەن  ، بۇ يەردە ياخشى ئۆزگىرىپ ، جەميەتكە چىققاندىن كېيىن ھاياتىمنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى قەدىرلەپ توغرا يولدا ماڭىمەن» دىگەن مەزمۇندا خەت يازىدۇ .
بىز  سابىرەنىڭ يۈرەك تۋىشىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى :  « كېچىدە ئۈزۈمنىڭ ئۆرۈلگەنلىكىمدىن  ئىلھام ئېلىپ ئاجايىپ بىر كۈچكە تولغاندەك بولدۇم ، ئورنىمدىن مىدىرلاپ يەنە تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم . ئورنىمدىن تۇرۇش ناھايىتى تەس كەلگەن بولسىمۇ قاتتىق ئاغرىققا چىداپ لېۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ قولتۇق تاياقنىڭ ياردىمىدە ماڭماقچى بولدۇم .مەن تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر كۈنلەردىن تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزۈمگە ئاتا- ئانام مېھرىنى ئۈلگە ، كىتابنى ئەڭ يېقىن دوسىت ، قەلەمنى سىرداش ، مۇزىكىنى ئەمىراھ ، تور توقۇشنى ھەركەت ئۆلچىمىم قىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۇڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ ئۆزۈمگە ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرالىدىم دەپ ئويلايمەن .  ئىنساندىكى بۇ ئۈمىد ۋە ھاياتنى سۆيۈش ئىرادىسى قانداقتۇر باشقىلارنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئەتىراپىمىزدىكى ھەقىقىي مېھىر – مۇھاببەتتە پەيدا بولىدۇ .ھايات قىممەت ، ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك نەرسە ساغلاملىق . ھايات توختىماي ئېرىشىش ئەمەس ، بەلكى ئاتا قىلىش ۋە بېغىشلاش دېمەكتۈر». دىمەك، تاتارىستان خەلىق شائىرى ،  بۈيۈك مىيىپ يازغۇچى فەنىس يارۇللننىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا ،تۇرمۇشلا بولىدىكەن ساڭا بۇ ئىرادە ناھايىتى كۆپ كېرەك بولىدۇ . سېنىڭ ئىرادەڭنى تەغدىرىڭ ھەر كۈنى سىناپ تۇرىدۇ . تۇرمۇش قاتلاملىرىغا چوڭقۇرراق كىرگەنسىېرى سېنىڭ مەجبۇريەتلىرىڭ ، ۋەزىپىللىرىڭ كۆپىيىدۇ . يولنى ماڭغانسېرى مۈرەڭدىكى يۈكمۇ ئېغىرلىشدۇ . سەن قانداق زاماندا ياشىما ، قانداق ھۈنەر قىلما، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان ، ياخشى خۇلقلىق ، مۇستەھكەم ئىرادىلىك  ، روھلۇق كىشى بولمىساڭ ھاياتلىقتىكى نىشانىڭغا ھەرگىز يېتەلمەيسەن . سېنىڭ مەقسىتىڭ قەھىرمان بولۇش ، شۆھرەتلىك ئىشلىرىڭ بىلەن ئەلنى زوقلاندۇرۇش ئەمەسمىدى ؟
بىر كۈنى ئوغلۇم ئىنىمنىڭ يېڭىدىن تاقىغان كۆزەينىكىگە قىزىقىپ ئىنىمغا :
- ۋاھ ، نىمانداق كاتتا  كۆز ئەينەك بۇ ،ئەكىلڭە بىر تاقاپ باقاي دېدى ئەركىلەپ تۇرۇپ .
-دىققەت قىل ھە ، سۇنۇپ كەتمىسۇن ، 200 يۈەنلىك كۆز ئەينەك بۇ - دېدى ئىنىممۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ .
- بىلىمەن كىچىك دادا ، بىراق سىزمۇ مېنىڭ كۆزۈمنىڭ 2 مىليونغا يارايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ
قالماڭ جۇمۇ ! دېدى ئوغلۇم جاۋابەن .   ئوغلۇمنىڭ  ئويلانمايلا قىلغان بۇ سۆزى ماڭا خېلىلا ۋەزىنى باردەك تۇيۇلدى ھەمدە بىرنەچچە يىل بۇرۇن  بىر ئەيدىز بىمارىنى يوقلاپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن قىلشقان پاراڭلىرىمنى ئەسكە سالدى :
-   ئەينى چاغدا يۈرگەن يىگىتىمنىڭ ئاتا – ئانىسى مېنى موزدوزنىڭ قىزى دەپ ياراتماي تويىمىزغا قوشۇلمىدى ،شىرىن ۋەدىلەرنى بەرگەن يىگىتىممۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ رايىغا قاراپ ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىدا سەل ئىككىلنىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا  قېيداپ ، شەھەرگە كىرىپ كەتتىم .خىيالىم راسا پۇل تېپىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئىدى .بىر يىلچە خەقنىڭ دۇككىنىدا ئىشلىدىم .مائاشىم ياتاق ، تاماق ۋە تېلىفون پۇلىدىن ئېشىنمىدى . ئاخىرى باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن كۆپ پۇل تاپقىلى بولۇدىغان بىراق  بارلىق ئادەم يىرگىنىدىغان نۇمۇسلۇق كەسىپنى بىلىپ – بىلمەي قۇبۇل قىلدىم  . چىرايىم ھەم ياشلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ پۇل تاپتىم . ئاتا – ئانام ساددا كىشلەر بولغاچقا ،تاپقان پۇلۇمنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىدى . داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ ، ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاپ تىرەمگە پاتماي يۈرگەن كۈنلەردە ، بۇ نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۋالدىم . بىلىمەن نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قالدى . ئېسىت ،ئۇ مېنى چالما دەپ تاشلىغان  بولسا باشقىلار ئالما دەپ قەدىرلەر ئېىدىغۇ ؟ مەنمۇ يېزىدىكى باشقا دوسلىرىمغا ئوخشاش  بارىغا شۈكرى قىلىپ ئىنساب بىلەن ياشىسام بولماسمىدى ؟ تەڭىرى مېنى جازالىدى . ھاياتلىق  نىمىدىگەن گۈزەل  ، مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈم يوق جېنىم ھەدە !
شۇ چاغدا ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن بۇ غۇنچىنىڭ پات ئارىدا تۇزۇيدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈرىگىم خۇددى پىچاق بىلەن تىلىغاندەك ئېچىشىپ كەتكەنىدى . دەل – دەرەخ قۇرۇپ كەتسە يەنە كۆكلەيدۇ ؛ قۇشلار ئۇچۇپ كەتسە قايتىپ كېلىدۇ ؛ سۇ توڭلىسا ئېرىيدۇ ،  ئۇرۇق يەنە بىخلاپ شېرىن مېۋە بېرەلەيدۇ  .ھالبۇكى ، ئادەمنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشسا ، چەكلىك ھايات تۈگىسە ، يەنە تىرلىش ، قايتىپ كېلىش پۇرسىتى بولمايدۇ. شۇڭا قىسقىغىچە بۇ ھاياتىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز لازىم ! كۆز كۆرۈشكە ، قۇلاق ئاڭلاشقا ، ئېغىز سۆزلەشكە ئىشقىلپ ھەممە ئەزا ئۆز خىزمەت تەقسىماتى بويىچە ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، قۇياش ئەسلىدە بىر پەرىشتە بولۇپ ئۇ ھەر كۈنى شەرىقتىن كۆتۈرلۈپ غەرىپكە باش قويغانغا قەدەر ئاسمان بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرۈپ جاھاندىكى جىمى كىشلەرگە  شۇنداق دەپ نىدا قىلارمىش : «ئىھ ئىنسان ! بۇ بىر كۈن سېنىڭ ئەركىن ئىشلىتىشىڭگە  بېرىلگەن ئەڭ ئېسىل سوغات ، بۇ كۈندىن پايدىلان ! بۇ كۈننى شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىنكى ئەجىرىڭنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە مانا مەن كېپىل ! ». ھايات ۋاقىت دىمەكتۇر . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆمىرى چەكلىك بولىدۇ ، ئوخشاشلا بىر ئادەمگە تەئەللۇق ۋاقىتمۇ چەكلىك بولىدۇ . ئۇ مىنوت ، سېكىنوتلاپ تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ .  ۋاقىتنى قەدىرلەش – كونا ، ئەمما مەڭگۈلۈك تېما . ۋاقىتنى پۇلغا سېتۋالغىلى بولمايدۇ ، ئورۇن – مەرتۋە بىلەن تۇتۇپ قالغىلىمۇ بولمايدۇ .ئۇنى مەيلى بىز ساخاۋەتلىك ، مەنلىك ، ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتەيلى ياكى ھۇرۇنلۇق ، بىكار تەلەپلىك ، مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۋىتەيلى بىزنىڭ ئۆمىرىمىز خۇددى قۇمغا سىڭگەن سۇدەك ، ئاتقان ئوقتەك كۆزىمىزگە كۆرىنمەيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ  .
«ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلار »
  دوستۇمنىڭ دىيىشىچە ،پىراكتىكىغا چۈشكەن قىزىنى ناھيەدىكى مەلۈم ئىدارىغا خېلى تەستە كىرگۈزىپتۇ  . بىراق قىز بىر مەزگىل ئىشلەپ خىزمەتنىڭ بەكمۇ جاپالىق ئىكەنلىكنى ، ئاپىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ . دوستۇم ئەسلىدە يولدىشى بىلەن سەھرا بازارلىرىدا كىيىم – كېچەك سودىسى قىلاتتى . ئۇنىڭ قىزىغا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماي قىزى ئارام ئالغان كۈنىدە ئۇنى دادىسى  بىلەن بازارغا يولغا ساپتۇ  . ھەپتە ئاخىرىدا قىزنى باشلاپ شەھەرگە مال ئالغىلى كىرىپتۇ ، ئاپىسىنىڭ ھەر يوغان خالتىدىكى ئېغىر مالنى پەلەمپەيلەردىن  سۆرەپ چۈشكىچە چىلىق – چىلىق تەرلەپ كەتكەن ھالتىنى ، كەچتە ئەرزان ياتاقتا ياتقىنىدا  كۈبتەك ئىششىپ كەتكەن پۇتىنى كۆرگەن قىز: « جېىنم ئاپا مەن دادام ئىككىڭلارنىڭ جاپايىنى چۈشەنمەپتىمەن ، پۇلنى بەكلا تەستە تاپىدىكەنسىلەر ،ئەمدى سىزنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن » دېگىنىچە  ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ  كېتىپتۇ . جاپا – مۇشەقەت ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئاچىدىغان ياخشى كىتاب . جاپا – مۇشەقەت ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر سىناق ، جاپا – مۇشەقەت بىر خىل بايلىق . ئۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ كىشلەرنى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . شۇڭا ھەربىر ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلىرىنى كىچىكىدىن جاپاغا چىدايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى شۇنداقلا ئۆز جاپايىنىمۇ ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشى لازىم .بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى دوستۇمغا  ھەمىرا بولۇپ قىزىنى (ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتىرىدا ئوقۋاتقان قىزى تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن)كۈتۋېلىشقا  پويىز ئىستانسىىغا چىقتىم . قىزى پويىزدىن چۈشكەندىن كىيىن دوستۇم  قىزىنى بىز  بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمەي ئۇدۇللا ھاجاتخانىغا ئەكىرىپ كەتتى .
–ئىككى مۆرىسىنىڭ ئاللقاندەك  يېرىنى  خۇددى بىرسى  يۇلۇپ  ئالغاندەك كوپتا كىيۋاپتۇ قارا، نىمە كىيۋالدىڭىز ؟دېسەم ، بۇ دىگەن مودا دەيدۇ . قويۇڭ مودىڭىزنى ، مۇشۇ تۇرقىڭىزنى دادىڭىز ۋە تۇققانلار  كۆرسە نىمە دەيدۇ، دېدىم-دە ، ھاجاتخانىغا ئەكىرىپ  كىيىمنى يەڭگۈشلەپ ئەپچىقتىم ، -دېدى دوستۇم قۇلقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ .
تۇرمۇش ھەرقانچە زامانىۋىلاشسىمۇ ئاياللاردىكى كىينىش ، تارىنىش ، تىل ، مەدەنيەت ھادىسلىرىگە بولغان قىزىقىش يەنىلا ئۆز مىللىتىگە ، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىگە خاس ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق رېلىسىدىن چەتنىمەسلىكى لازىم . ئانا پەرزەنىتىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى ۋاختىدا بايقاپ ، تېگىشلىك دورا بېرىپ تۇرغاندا ئاندىن ئۆز پەرزەنىتلىرى نەزىرىدىكى ، دىلىدىكى ، تىلىدىكى ، ئۇلۇغۋار سىماغا ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۇل تىزغۇچى بىناكارغا ، تۇرمۇش گۈلشىنىنىڭ ھەقىقىي باغۋىنىگە ئايلىنالايدۇ .
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ خانىمنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنىت تەربىيىسى جەھەتتىكى تۆۋەندىكى قاراشلىرى بىزگە ئۆرنەك بولالايدۇ : « ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى جەمئيەت تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسۋەتتە ، ئۆز تەغدىرى ئۈستۈدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار ئۆز – ئۆزىگە خوجا ، مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارتالايدىغان ، ئېتىقادلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ . ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى ئۆزى ئەتۋارلىغان ، كۆزىگە قارىغان باللىرىنى ئاتا –ئانىنىڭ ھامىيىلىقىدا ئەمەس ، ھېچكىمنىڭ خەيىرخاھالىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نېنىنى پۈتۈن تېپىپ يېيەلەيدىغان ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا ، ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈندۈر . ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى بىلىم ۋە قابىليەت بىلەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىش ، ئېرىغا ھەمنەپەس بولۇپ ، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۈر ». ئەرەب شائىرى ئەھمەد شەۋقى ئاتا – ئانىنىڭ بالىنى تەربىيىلەپ ، ياراملىق ئادەم قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەققىدە مۇنداق ھېكمەتلىك مىسىرالارنى يېزىپ قالدۇرغان :
يېتىم ئەمەس تۈگەپ ئاتا – ئانىسى ،
خار ۋە زەبۇن ئېغىر كۈندە قالغۇچى .
ئانىسى پەرۋاسىز ، ئاتا ئالدىراش ،
دەل شۇدۇر يېتىمەك دەپ ئاتالغۇچى .
شۇنداق ، رەڭدار دۇنياغا تاشلاپ قويۇلغان بالىسىنىڭ نېمەئويلاۋاتقانلىقىنى ، نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ، كىملەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلۋاتقانلىقىقىغا دىققەت قىلماي  ، ئاللىكىملەرنىڭ كىيگەن كىيمىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ، ئەڭ يېڭى مودا ، ئالتۇن زىبۇ – زىننەتتىن باشقا ئەھمىيەتلىكىرەك بىرەر سۆھبەت تېمىسىمۇ يوق چاي ، ئولتۇرۇشلارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئانىنىڭ تىرىكلىكىنىڭ بەلگىسى نىمە ؟ مۇنداق ئانىغا بالا بولغۇچىنىڭ رىسقىنى تەڭىر بېرۋاتقان ، ئەمما كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ، ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان ئاتا –ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىمىدىن نىمە نىمە پەرقى ؟
مەنىۋى يېتىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى – ئىلىم ئۈگۈنۈش
قىز – ئاياللارنىڭ گۈزەل جامالىغا تاڭ قىلىپ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولدىغان ھاياجانلىق زامانلار ئاخىرلاشتى. مىنى ئايالىلىق مەدەنىيەت، ئاياللىق تەپەككۈر، ئاياللىق پەم-پاراسەت تاڭ قالدۇرىدۇ.
                                                                                                                                             نەززار قۇببانىي
بىر كۈنى تۇرمۇشتا ئېزىپ قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ قايتا ئادەم بولۇش يولىغا ماڭغان بىر ئايال بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ قالدىم .
- دانالارنىڭ «خارلىق ۋە كۈلپەت نادانلىقتىن تۇغۇلىدۇ» دىگەن ھېكىمىتىنىڭ تېگىىگە ئەمدى يېتىۋاتىمەن ،- دەپ گېپىنى باشلىدى ئۇ ،- ئېرىم  قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان سودا ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ شېرىكى بىلەن بىرنەچچە قېتىم  ئۇچىراشتىم . ئۇ ئائىلىسى بار ئەر ئىدى . مەن ئۇنىڭ كېلىشكەن تەققى – تۇرقىغا  ، سالماق ۋە كەسكىن مىجەزىگە ، پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان مەرىتلىكىگە  ۋە ئىككى ئوغلۇمغا بولغان مېھىربانلىقىغا قايىل ئىدىم .بارا – بارا ئۇنىڭ بىلەن بېرىش – كېلىشىمىز قويۇقلاشقىلى تۇردى .كېيىنچە ئۇنىڭ قىلۋاتقان سودىسىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى بايقاپ قېلىپ ئۆزۈمنى تارىتماقچىمۇ بولدۇم . بىراق مەن بۇ چاغدا ئاللىقاچان ئۇنىڭ مۇھاببەت تورىغا ئىلنىپ قالغانىدىم . جاھاندا ھەممىدىن قىيىن ئىش ئۆزىنى يېڭىش ئىكەن . مەن ئۆزۈمنى يېڭەلمىدىم . تالاي قېتىملاپ ئۆز – ئۆزمگە قىلغان  ئۇنىڭ بىلەن باردى – كەلدى قىلماسلىق توغىرىسىدىكى  قەسەملىرىم  ئۇنىڭ بىر ئېغىز چىرايلىق گېپى بىلەن توزغاقتەك توزۇپ كەتتى .بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئىختيارىم بىلەن پاتقاققا پاتماقتا ئىدىم .  بىر قېتىملىق مال يۆتكەش جەريانىدا زاڭ مال بىلەن قولغا چۈشۈپ تۈرمىدە ئىككى يىل يېتىپ چىقتىم . ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ كۆرىشمەسلىككە ، بۇ يولغا ئىككىنچىلەپ ئاياق باسماسلىققا ۋەدە قىلغان بولساممۇ ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ ھارام پۇللىرىمنىڭ مېغىزنى چاققان ،ئۇرۇق – تۇققان ھەمدە دوسلىرىمنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى  بىلەن نائىلاج  ئۇنىڭ پېشىگە يەنە ئېسىلدىم . غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن نىكاھسىز بىرگە تۇردۇم .  بۇ چاغدىكى ئۇنىڭ ماڭا بېغىشلىغان خوشاللىقىدىن تارىتقان خورلۇقۇم  ھەمدە ئاققان كۆز يېشىم  كۆپ بولدى .  بىر ئەرنى چىن يۈرىكىدىن ياختۇرۇپ قالسا شۇ ئەر ئۈچۈن ھېچنىمىسنى ئايىماسلىق ماڭا ئوخشاش كەم ئەقىل ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك . ئۇ  ئۆي سېلىش ، ئوغۇل ئۆيلەش جەريانىدا  ئىقتىسادتىن ئازىراق قىينىلىپ قېلۋىدى ، قىلچە ئىككىلەنمەي ئىككى ئوغلۇمغا ئاتاپ قويغان بانكىدىكى پۇللىرىمنى  ، زىبۇ – زىننەتلىرمنىمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىغا سالدىم چۈنكى مەن ئۇنىڭغا شەكسىز ئىشنەتتىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم . شۇنداق كۈنلەردە ئۇ ، «ئايالىم ئۈستۈمدىن قوش نىكاھلىق  بولدى دەپ ئەرىز قىلماقچىكەن، بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرايلى »دىگەننى باھانە قىلىپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇردى . ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قانداق قىلشىمنى بىلمەي يۈرگەن شۇ كۈنلەردە بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان قىيناتام  ئۆزلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ، ئىككى بالىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ھەرگىز سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى، ئاخىرقى ئۆمىرىدە ئۆزلىرى بىلەن دەرقەمتە ياشاپ ، ئىككى بالىنى تەربىيىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ . پۇشايمان ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى ،ئەخلاقسىز ، شەخسىيەتچى، زەھەرخەندە ئاياللار ھەر قانچە چىرايلىق ھەم قابىليەتلىك بۇلسۇن ئۇ ھامان مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىدىكەن .ئەرلەر ئەخلاقلىق ، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە ، تېتىك ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ، ئېرىنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئالغا بېسىشىغا تۈرىتكە بولالايدىغان ئاياللارغا مەڭگۈ ئىنتىلىدىكەن . گەرچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئەر مېنى يەنە ئىزدەپ كېلىپ بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشمىنى ئۆتۈنۈپ ، ئايالىدىن ئاجىرشىپ مېنى بەخىتلىك قىدىغانلىقىنى توغىرسىدا ۋەدە بېرىپ ئالدىمغا كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق مەن كىيىنكى ئۆمرۈمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ ئەردىن ئىككلەنمەيلا ۋاز كەچتىم  . ئەمدى مېنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ روھىيىتى پاكىز ئايال بولغۇم بار . قاچان ۋاز كىچىشنى ئۈگەنسىڭىز ، شۇ چاغدا يېتىلىشكە باشلايدىكەنسىز ، ھەممىدىن ۋاز كېچىشنى - مۇھاببەتتىن مەھرۇم بولغاندا ئازابىدىن ۋاز كېچىشنى ، خورلۇق ئاداۋىدىن ۋاز كېچىشنى ، كۆڭلىمىزدە ئېيتالمايۋاتقان بارلىق دەرىت – ئەلەملەردىن ۋاز كېچىشنى ، باش – ئايىقى چىقماس چۈشەندۈرۈشلەردىن ۋاز كېچىشنى ، زېھنىمىزنى ، ۋاقتىمىزنى  زايە قىلىدىغان باردى – كەلدىلەردىن ۋاز كېچىشنى ،مەنپەئەت ئۈستۈگە قۇرۇلغان دوسلۇقتىن ۋاز كېچىشنى ، مۇھىم بولمىغان ئۇششاق – چۈششەك ، ئارتۇقچە ، چۆرۈپ تاشلاشقا تېگىشلىك بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنۋېلىش كېرەك ئىكەن .
ئۇچۇر پەن مەدىنىيەت تەرەقىقى قىلۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە، بىلىم يىڭلاش بىۋاستە كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىلىم پەقەت  دەرسلىك كىتابلاردىنلا كەلمەيدۇ، ئۇ ئەمەلىي تۇرمۇش تەجىربىلىردىنمۇ توپلىنىدۇ. بىلىملىك ئاياللار بىرەر  ئىشقا يۇلۇققاندا توغىرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالايدۇ . ئائىلدىكى مۇناسۋەتنىمۇ ياخشى ئورنلاشتۇرۇپ ئىناق ،بەخىتلىك ئائىلە قۇرالايدۇ .ئەقىلىق ئايال ھەر خىل مۇناسۋەتلەرنى ياخىشى تەڭشەلەيدۇ، ئەملىيەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش ۋە نەرسىلەرنى قوغلاشمايدۇ، ھەر بىر ئىشنى  ئىقتىدارىغا تايىنىپ، مۇۋاپىق، كۆڭۈلدىكىدەك ئىلىپ كىتەلەيدۇ. ياخشى ئايال ھەرگىزمۇ قاراشقىلا چىرايلىق ئايال بولماستىن ، ئۆزىنىڭ  ياشلىقىدىن ھالقىغان ،  دوستلىرغا خۇشالىق، ئائىلىسىگە  بەخىت ئېلىپ كىلەلەيدىغان ئايالدۇر .  
ئىستانبوللۇق مەشھۇر مائارىپچى ئائىشە مۇستافا «تەلىم – تەربىيە »ناملىق كىتابىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دەپ خىتاپ قىلغان : «تەپەككۈر ۋە ئەقىلگە ئىگە ئىنساننىڭ بىرىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىك ، يەنە بىرىنىڭ يامان خۇلىقلۇق بولۇشىمۇ  تەربىيىنىڭ نەتىيجىسى ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر تەلىم- تەربىيە يالغۇز كىتابلاردا يېزىلغان نەزەرىيۋى  پىكىرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ، ئۇنىڭ ھېكايىدىن نېمە پەرقى بولسۇن ! تەربىيە كامالەتلىك كىشلەردىن ئۆرنەك ئالماق ، يامانلاردىن ئىبىرەت ئالماق بىلەن بولىدۇ . بىر مىللەتنىڭ بەخىت – سائادىتى ياكى خار – زەبۇنلىقىغا مۇقەررەر ھالدا ئاياللار بىۋاستە ياكى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنى تەربىيەلەش ، ئىېتقادلىق ۋە شىجائەتلىك ئانىلارنى يېتىشتۈرمەك ئەڭ مۇھىم خىزمەتتۇر .» بىر ئايال گۈزەل بولمىسىمۇ، سالاپىتى ۋە مەدىنيەت سەۋىيسى تۆۋەن بولسىمۇ بۇلىدۇ، ئەمما تەربىيە كۆرمىگەن بولسا بولمايدۇ. تەربىيە بىر خىل يۇشۇرۇن ساپا. ئۇ بىۋاستە باشقىلارنىڭ نەزىرنى ئۆزىگە تارتالايدۇ، تۇرمۇش تەربىيە كۆرگەن ئاياللارغا مۇھتاج، ئائىلە بىر تەربىيە كۆرگەن ئايال، ئانا، كېلىنىڭ بۇلشىغا بەك ئېھتىياجلىق.
ئابدۇقادىر داموللا ئۆزىنىڭ «نەسھەتى ئامما » ناملىق رىسالىسىدە ئاياللارغا ئىلىم ئۈگۈنىشنىڭ پەرھىزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ : «بالىلار نادان ئانىنىڭ تەربىيەسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە دۇچار بولۇپ قالسا ، كېيىن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ناھايىتى قىيىندۇر . ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىليەتلىك بولسا پەرزەنتىگە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلۇر . بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ . ھەدىستىمۇ ھەربىر پەرزەنىت تۇغۇلۇشتا ئەيىبسىز ، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق  » دىگەن ئىلمىي بايانلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى تەربىيەت تارىخى دەل شۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى پەللىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېمەك كىتابلاردىكى بايلىق ھەددى – ھېساپسىز ، قازغانغا تۈگىمەيدۇ . كىتاپ گەرچە ئاياللارنى ھاياتلىق يولىدا نۇسىرەت قازانغۇچىغا يۈزدە – يۈز كاپالەتلىك قىلىپ كېتەلمىسىمۇ بىراق ئاياللارنىڭ بىلىم ، خاراكتىر ۋە ئىدىيىۋى قۇرلۇشىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ ، ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرلۇش نۇقتىسىنى يارىتالايدۇ . يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، لاياقەتلىك ئاتا – ئانا بولۇش ئۈچۈنمۇ  ،ياراملىق  پەرزەنىت تەربىيىلەش ئۈچۈنمۇ ، جەميەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئاياللار ئەقىل – پاراسەتنىڭ جەۋھىرى ، زىننەت تەكچسى ۋە قەلب خىسلەتلىرىنى  كامالىغا يەتكۈزگۈچى بىلىمدىن ئىبارەت  ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقىنى  خېيىم -خەتەرسىز ساقلايدىغان تەڭداشسىز ئېسىل خەزىنە – كىتاپقا مۇراجەت قىلىش زۆرۈردۇر  !

mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 16:48:03

خەت شەكلىنى ئوڭشىيالمىدىم :)

12345 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 20:04:04

بالىنىڭ قانداق ئادەم بۇلىشى ، ئانىنىڭ تەربىيسىگە باغلىق.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 20:40:01

بۇ ئىنكاس ئۈستەل كومپىيۇتېرىدىن يوللاندى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 01:57:58

مارىيە خانىمنىڭ يازمىسىغا تەشەككۈر. تولا ۋاقىتلاردا باللىرىمنىڭ ئانىسى ئوقۇشقا تېگىشلىك يازما، كىتابلارنى مەن ئوقۇپ سالىمەن. :@ بۇمۇ بىر قاباھەت. كىتاب ئوقۇش بىلەن خوشى يوق ئاياللارغا ئامال يوق ئىكەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 07:58:29

function يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 20:40 static/image/common/back.gif
بۇ ئىنكاس ئۈستەل كومپىيۇتېرىدىن يوللاندى.

:lol  ئۇنداق قىزغانچۇقلۇق قىلماڭلا، يانفۇندا چىقسا، يېزىلغان ئىنكاسقا شۇنداق دەپ قىستۇرۇلۇپ قالىدىكەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-17 08:31:50

بىرزات راست دەيدۇ
مېنىڭ ئايالىممۇ كىتاپ ئوقۇمايدۇ،ئوقۇشنى قەتئى ئۆگىتەلمىدىم،راستلا ئامال يوقكەن

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-9-18 14:55:35

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 01:57 static/image/common/back.gif
مارىيە خانىمنىڭ يازمىسىغا تەشەككۈر. تولا ۋاقىتلاردا ب ...

{:181:} {:181:} {:181:}
بەت: [1]
: ئايال قەلبىدىكى زۆرۈر خىسلەتلەر