«قامۇس» نىڭ iOS نۇسىخسى ئېلان قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -ATAMAN- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-16 14:49ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» نىڭ نۇسىخسى iOS ئېلان قىلىندى
ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۈزۈپ تارقاتقان ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» نىڭ iOS نۇسخىسى بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەپ 20 دىن ئارتۇق چوڭ تۈر، 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ!
●ئەپ ئۇچۇرى
نامى: قامۇس
نەشرى: 1.0.0
باھاسى: ھەقسىز
ماس كېلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى: Android 4.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، iOS 6.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى
تارقاتقان ئورۇن: ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئورگان توربېكىتى: http://www.Tilsim.com.cn/Qamus
●ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
مەزمۇنلار سەرخىل: مىللەت، بىرلىك، شەخس، ئىقتىساد، تەشكىلات، تەنتەربىيە، قانۇن-نىزام، دۇنيادىكى ئەڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر ئويۇنلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالە، يۈز مەشھۇر شەخس، يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن، قاتناش ۋاسىتىلىرى... قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تۈر بويىچە 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇن بېرىلگەن.
ھەمبەھىر قىلالايسىز: مەزمۇنلارنى ۋېيشىن(ئۈندىدار) دىكى دوستلار چەمبىرىكىگە ۋە دوستلىرىڭىزغا چەكلىمىسىز يوللىيالايسىز، ئەپنى قاچىلىمىغان دوستلىرىڭىزمۇ سەرخىل مەزمۇنلاردىن چەكلىمىسىز پايدىلىنالايدۇ.
ئادىتىڭىز بويىچە تەڭشىيەلەيسىز: مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى، مەسىلەن: خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى ۋە توردىن رەسىم چۈشۈرۈش شەكلى قاتارلىقلارنى ئادىتىڭىز بويىچە بېكىتەلەيسىز.
كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم: كۆرۈنمە يۈزى ھازىرقى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇۋاتقان «ياپىلاق ئۇسلۇب» بويىچە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ.
مەزمۇنلارنى ساقلىۋالالايسىز: قىسقۇچ تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقلىۋالالايسىز.
●ئېكران كۆرۈنۈشى
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_2.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_3.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_4.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_5.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_6.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_7.png
http://www.tilsim.com.cn/qamus/screenshot/ios_8.png
ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
http://www.Tilsim.com.cn Android نۇسخىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ salambay يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 16:16 static/image/common/back.gif
Android نۇسخىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟
ياق ۋاقتىنچە ئۆزگىرىش بولمىدى، يېڭىلايدىغان ئىشلار بولسا ئەپكە ئۇچۇر بارىدۇ. رەھمەت سىلەرگە! رەھمەت ، بۇ ئېسىل ئەپ بوپتۇ !{:112:} مەنمۇ ئالما نۇسخىسىنى كۈتۇۋاتقان ئىدىم ، كۆپ رەھمەت . تەكلىپ: ئىمپىرىيە ۋە سۇلالە دېگەن سەھىپىدە خاتالىق ئېغىركەن. ئادەتتىكى سۇلالىگە تەۋە بولغان خانلىقلارنىڭ ھەممىسى زور ھاياجان بىلەن ئىمپىرىيە دەپ ئېلىنىپتۇ. كۆرۈپ باقساڭلار. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي: ئىزدىنىش تورىنىڭ RSS ئادرېسى يوقمۇ؟ مۇبارەك بولسۇن، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغاندىلا شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم، «پىكىر-تەكلىپ» يازىدىغان يەرگە بىرمۇنچە گەپنى يېزىپ (تېلېفوندا خەت يازماقنىڭ بىر تەسلىكى...) ئەمدى «يوللاي» دەپ بولغۇچە تېلېفون كەپ كىتىپ يازغانلىرىم يوق بولدى، يەنە باشتىن باشلاپ شۇنداق ئەستايىدىل يېزىپ يۇللىسام كارىڭلار بولمىدىمۇ ياكى كۆرمىدىڭلارمۇ ۋە ياكى ئالدىراش بوپ كەتتىڭلارمۇ بىلمىدىم.....؟
دىمەكچى بولغىنىم:
ناھايىتى ياقتۇردۇم، شۇنداق سىپتا، چىرايلىق چىقىپتۇ، ئەمما ئىچىدىكى ماتېرىياللانىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىكەن بولساڭلار تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولاتتى....
يەنە بىرى، ئىچىدىكى«يۈز مەشھۇر شەخىس» دىگەن تۈرنىڭ رەت تەرتىۋىگە سەل قاراپسىلەر، بۇنىڭدىكى رەت ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ شىۋىتسارىيەدىكى چوڭ كۈتۈپخانا نۇرغۇن كىشىلەرگە بېلەت تاشلاتقۇزۇش ئارقىلىق بېكىتىپ چىققان تەرتىپ ئىدى.... خاپومماي مۇشۇنى بىر ئوڭلاپ قويساڭلار... مۇبارەك بوسۇن !تەكلىپ پىكىرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭلا . خوتەندە 微信ئىچىلمايدۇ.
بەزى نادىر خەۋەرلەرنى بىز بىلەلمەيمىزكەن. مىللەت سەھىپىسىگە پارتىيەنىڭ كىتابلىرىدىنلا كۆچۈرۈپ ئالغان ئوخشايسىلەر ، 56 مىللەتلا باركەن ، تەپسىلى ئەمەس بەك تومتاق ، مەسىلەن ئۆزبىك دىگەنگە مۇشۇ شىنجاڭدىكى نەچچە مىڭ ئۆزبىكنىلا ساناپسىلا ، جۇڭگۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ، سىىياسى چىگراسىدىن ھالقىپراق ماتىريال توپلاڭلار ، ۋىكپىدىيە ھىچ بولمىسا بەيدۇ قامۇسىدىن بولسىمۇ پايدىلىنىڭلار
ئوكيان تورىنىڭ قامۇس ئەپ دىتالىمۇيىقىندا چىقماقچى ئىكەن ، ھازىرقىداق بۇندا مەزمۇنلار بىلەن رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىشىڭلار ئىنىق ، ماتىريال توپلاشقابەكراقكۈچەڭلار
بىرە توربەت بىلەن بىرلەشسەڭلار ياخشى بولاتتى ، مەسىلەن ئىزدە izda.com دەك ئىزدەش تورلىرىنىڭ قامۇسى بولساڭلار بولىدۇ ، خۇددى بەيدۇ قامۇسىدەك ،يالغۇز ئەپكىلا تايانساڭلاركۆپ ئىلگىرلىيەلمەيسىلەر ، كومپىيۇتۇردىمۇ ئىزدەش قۇلاي بولىشى ئۈچۈن توربەت ياساڭلار ياكى مەن دىگەندەك ئىزدەش ماتۇرلىرى بىلەن بىرلىشىڭلار
ئەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىڭلار ، تىلسىم قامۇسى دەپ خاس ئىسىم قويمىساڭلاركىيىن باشقا قامۇسلار چىقىپ قالسا ئۆزەڭلارنىڭكىنى نىمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمەي قالىسىلەر ، قامۇس دىگەن ئىسمىڭلار خۇددى ماشىىنا ماركىلىق ماشىنادەك بوپقاپتۇ Android نۇسخىسىنىچۈشۈرگەن ئىدىمماڭا بە كلا يارىدى .مەزمۇنىمۇ ياخشى ئىكەن. باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم .بۇنىڭدىن كېيىن بۇقامۇسنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلۇپ تۇلۇقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. abdrtt يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 19:06 static/image/common/back.gif
مۇبارەك بولسۇن، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغاندىلا شۇنداق ياق ...
بىز بۇنى ئىچكى قىسىمدا ئەسلى رەت تەرتىۋى بويىچە رەتلەپ بولغان، ئەپنىڭ يېڭى نۇسخىدا ئوڭشىلىپ چىقىدۇ. ilter يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 22:22 static/image/common/back.gif
مىللەت سەھىپىسىگە پارتىيەنىڭ كىتابلىرىدىنلا كۆچۈرۈپ ...
بولىدۇ، بىز تەكلىپىڭىزنى ئويلىشايلى.
بەت:
[1]