ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 17:09:28

FIFAجۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلشنى ئۈم...

FIFAجۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس  قىلشنى ئۈمۈد قىلدى

تور ئارلاپ يۇرۇپ ماۋۇنى كۈرۈپ قىلىپ ctrl+c , ctrl+vئويناپ قويدۇم ، قالغان گەپنى ، تىما تەستىقلانسا شۇ يەدە دىيشەمىز
2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەمدىلا ئاياقلىشىشىغا، 2026-يىللىق ۋە 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئىلتىماس قىلىش رىقابىتى ئاللىقاچان باشلاندى. ئەنگىلىيەنىڭ«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتا بولغان، ئۇرۇگۋاي بىلەن ئارگېنتىنا بىرلىشىپ 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئىلتىماس قىلغان. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، 2030-يىللىقىنى ئىلتىماس قىلىش ئەڭ ياخشى پۇرسەت دىگەن.
2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەمدىلا ئاياقلىشىشىغا، 2026-يىللىق ۋە 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئىلتىماس قىلىش رىقابىتى ئاللىقاچان باشلاندى. نۆۋەتتە 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەتلەر كانادا، مېكسىكا ۋە كولومبىيە بولۇپ، مېكسىكىنىڭ 1970-يىللىق ۋە 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش تەجىربىسى بار، كانادانىڭ 2015-يىللىق ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ تەجىربە توپلايدۇ، كولومبىيە U-20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ باققان. بىراق ئەنگىلىيەنىڭ« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تېخى ئىلتىماس سۇنىمىغان ئامېرىكىنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا ئۈمىد بار دەپ قارىغان. ئىگەللىنىشىچە ئامېرىكا تېخىچە 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنمىغان، ئۇلار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا قاتارغا يېڭىلىپ قالغان. ئەمما كېيىن قاتارنىڭ پارا بېرىش قىلمىشى ئاشكارلانغان، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا قاتارنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزىشى ئۆزگەرتىلمەسلىكى مۇمكىن.
2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا كەلسەك، ھازىر ئۇرۇگۋاي بىلەن ئارگېنتىنا ئىلتماس سۇنغان، ئۇلارنىڭ رىقابەتچىسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلى. بۇندىن سىرت «كۈندىلىك تېلگىراف گېزىتى» نىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپاغا قايتىشى مۇمكىنكەن، گوللاندىيە بىلەن بېلگىيە ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان. ئەمما خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلغان، جۇڭگو ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى رىقابەتچى بولسا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتە غەلبە قىلالىشى مۇمكىن دىگەن.
جۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئىلتىماس قىلىشىغا قارىتا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى« 2030-يىلى دۇنيا لوڭقىسى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭگو 2030-يىللىقىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جۇڭگو پۇتبول بارلىققا كەلگەن يەر، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 100 يىللىقىنىڭمۇ خاتىرە ئەھمىيىتى بار» دىگەن.
ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئەسلىدە دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بولغان، ئەپسۇسلىنارلىقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچتى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئاۋىلەنگ چېكىنىدىغان ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى مەلۇم يوللار بىلەن جۇڭگو تەرەپكە بىلدۈرگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى بىز ئەينى ۋاقىتتا 2000-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا كۈچىگەن، دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىامس قىلىشقا پايدىسىز بولغان، بىرقىسىم كىشلەر دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەنگە يەتمەيدۇ دەپ قارىغان. ھازىر قارىساق بىر 2000-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماسق ىلالمىدۇق، ھەم ياپونىيە- كورىيە ئاسىياغا ۋاكالىتەن 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا 1994-يىللىق ۋە 1996-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، برازىلىيەمۇ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزدى، 2016-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.
ئولىمپىك ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ ۋە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان دۆلەت دۇنيا لوڭقىسى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ دىگەن قاراش خاتا قاراش بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتىمىزنى يوق قىلدى. دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭكىدىن چوڭ، دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن ئون نەچچە شەھەر ھازىرلىنىدۇ، ۋاقتى بىر ئايغا يىتىدۇ، ئۆتكۈزۈش تەننەرخىمۇ يۇقىرى، تەسىر قىلىش دائىرىسى كەڭ ۋە ۋاقتى ئۇزۇن، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىمۇ ئولىمپىكنىڭكىدىن يۇقىرى، تىلۋىزىيەدە تارقىتىش كىرىمىلا ئولىمپىكنىڭ كىرىمىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق.
دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش ئولىمپىكقا ئوخشاشلا سەككىز يىل ۋاقىت تەييارلىق قىلىدۇ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك، ئەمما 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئۈمىد بار، گەرچە دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئاساسلىقى ياۋروپا، ياۋروپا سىرتى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قىتئەلەر نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزۈش قائىدىسى بىكىتمىگەن. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئولىمپىكنى ئىلتىماس قىلىشقا ئوخشىمايدۇ، پەقەت ئىجرائىيە كومىتىتىدىكى 20 نەچچە ۋەكىل بېلەت تاشلايدۇ، ئولىمپىكتا بولسا 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ ۋەكىلى بېلەت تاشلايدۇ، شۇڭا بىز دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ دىگەن.


مەنبە : http://news.karwan.cn/show.php?mid=11375.html

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 23:24:09

ئەمدى پۇتبۇلمۇ جۇڭگۇنىڭ بوپكەتتىما

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 02:51:06

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 23:24 static/image/common/back.gif
ئەمدى پۇتبۇلمۇ جۇڭگۇنىڭ بوپكەتتىما

.الەم بىنا بولماستا جۇڭگو بارتى...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 03:21:53

يۇگۇڭ ھەزرەت تاغنى يۈتكەشتىن بۇرۇن ، پۇتبول تىپىپ بەدەن قىزىتىپتىكەن

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 03:25:35

ئەمدى تىمىغا كەلسەك ، ئۆتكۈزسە بولىدۇ ، بىزنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش ۋاقتىمىز يېرىم كىچىلەردە بولمايدۇ
ھەم نەق مەيداندىن كۆرۈش پۇرسىتىمىزمۇ بولىدۇ.

ئىمما ، بىراق ، شۇغىنىسى ئەنسىز بىر يېرى شۇكى ، دۇنيا لوڭقىسى سەۋەبى بىلەن مال باھاسى  ئۈسۈپ كىتىش ئېھتىماللىقى بار ،2008 ئولىمپىكتىن باشلانغانباھا ئۈسۈش تا ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق!?

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 08:16:42

ۋاي  ئۆتكۈزگەن  تەقدىردىمۇ     گۇرۇپپىدىن چىقالماي     بانا  سەۋەپ ئىزدەپ  يۈرە ھەقىچان،   تىلىۋىزور ياساش شىركەتلىرى  تازا پۇل تىپۋالدىغان  بولدىدە  :l

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 08:22:33

ئاخشام بىر خەۋەر ئوقۇدۇم،خەۋەردە  قاتارنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۇش  سالاھىتى  ساقلاپ قىلىنپتۇ     بۇنداق بولغاندا  بىزمۇ  يىرىم كىچىدە مۇسابىقە كۆرىمەن دەپ باش قاتۇرۇشىنىڭ  ھاجىتى يوق:)

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 08:34:12

2018  قەيەردە ئۆتكىزىدۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 09:35:43

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 08:34 static/image/common/back.gif
2018  قەيەردە ئۆتكىزىدۇ

روسىيە

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 10:46:34

، جۇڭگو پۇتبول بارلىققا كەلگەن يەر، :funk::funk::funk:
يۈزىمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى{:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 12:36:26

كورىيەدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنى پوتبوپ مۇسابىقىسىدە جوڭگو كوماندىسى چاۋشەن كومادىسىغا 3-0 ئۇتتۇرۇپتۇ :lol ،كېيىنكى مەيدان پاكىستان بىلەن ئوينايدىكەن .....................

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 12:49:27

جۇڭگۇدىن بارلىققا كەلمىگەن ئېبولا ۋىروسى قالدى.....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 12:50:12

مەنچىمۇ ئۆتكۈزسە بولاتتى، لېكىن دىجۇرنىلىق كۈچىيىپ كىتىدۇ، بولدىلا ئۆتكۈزمىسۇن:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 15:22:01

تىمىدا ئوت پىلتىسى قىزىلغا بويلۇپ قاپتىغۇ ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 15:23:04

يەنە ماۋزودىكى  ئۈمۈت قىلدى  دىگەن  گەپلەرمۇ جوڭگوچە تۇرامدۇ نىمە :o

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 15:51:54

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 12:36 static/image/common/back.gif
كورىيەدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنى پ ...

ئىنقىلابى سەبدىشى يۈزىنى قىلمىغان يەردە 33-ئۆلكىسىمۇ ئاياپ قويمايدۇ ھەقىچان... نېمە بولسا بولمامدۇ، بولمىسا يەنە بىر تۆت يىلىغىچە دېگۈدەك گەپ تاپالمايمىز.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 17:42:02

بىر فىلىمدىمۇ ئەگەر مەن يالغان سۆزلىگەن بولسام جوڭگو پۇتپول مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولسۇن دەۋىتىدۇ..

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 19:39:44

گاۋچىيۇ توپ تېىپىدىغان زامانلاردا دۇنيادا تېخى پۇتبۇل يوق بولغىيتتى .....

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 21:48:43

2030- يىلى نەدە ئۆتكۇزىشىدىن قەتتئى نەزەر جۇڭگودا ئۆتكۇزگەن بولىدۇ . . . .:lol:lol
بەت: [1] 2
: FIFAجۇڭگونىڭ 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلشنى ئۈم...