jawahir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 14:10:00

ئىت ۋە ئادەم

                      ئىت ۋە ئادەم
                                                               (مەسەل)

بىر تار كوچىدا بىر قارا بىر سېرىق ئىككى لالما ئىت بىر -بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى ،ئۇلار ئۇشتۇمتۇت بىرقانچە كۈن ئىلگىرى شۇنچە تەلمۈرسىمۇ قولىدىكى سۈڭەكنى گۆشىنى يەۋالغاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىگە تاشلاپ بېرىشكە تەمشىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق يەنە تاشلاپ بەرمەي ئېگىز تامنىڭ ئارقىىسغا ئارتىلدۇرۇپ
تاشلىۋەتكەن بىر ئادەمنىڭ يالغۇر كىشلىك ئورۇندۇق ئۈستىدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئۇلار ئىككىسى بىر مەھەل بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن قارا ئىت سېرىق ئىتقا:
-قارا ئاداش ، ئۇ شۇكۈنى قولىدىكى سۈڭەكنى بىزگە تاشلاپ بەرسە نېمىسى كېتەتتى ؟ سۈڭەكنى بىزگە تاشلاپ بېرىدىغان بولدى دەپ جەزىم قىلىپ قۇيرۇقلىرىمىزنى شىپاڭشىتىپ ، شۆلگەيلىرىمىزنى ئېقىتىپ تۇرغىنىمىزدا بىردىنلا سۈڭەكنى بىزگە بەرمەي تامدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىۋەتتى . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ئېنىقلا بىزنى كولدۇرلاتقان بولماي نېمە؟ ئەسلى بۇ پەسنى شۇ كۈنىلا كاپلا قىلىپ چىشلىۋالساق بوپتىكەن ، بىز ئىتلار قاچانغىچە ئىنسانلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشايمىز؟بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تېپىپ يەپ ئادەمسىز يەرلەرگە كېتىپ ياۋا ئىت قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش ئوۋ ئوۋلاپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرسەك بولمامدۇ؟

_بۇ سۆزلىرىڭغۇ تولىمۇ ئورۇنلۇق -دېدى سېرىق ئىت ، لېكىن سەن دېگەندەك قىلساق مولچىلىق پەسىللەردىغۇ
كۈنلىرىمىز باياشات ئىچىدە ئۆتەر ،لېكىن باشقا ۋاقىتلاردىچۇ؟ بىزنىڭ ئاچ قالماسلىقىمىزغا كىم كېپىل بولالايدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا كۈچىمىز بىلەن ئوۋ ئوۋلاش ھەم جاپالىق ھەم خەتەرلىك شۇڭا بىز يەنىلا مۇشۇ نائىنساپ ئىنسانلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتەيلى ،چۈنكى مال-ۋارانلىرىنى ، ھويلا-ئاراملىرىنى قوغدىغان قىياپەتتە ئاز تولا ھاۋشۇپ بەرسەكلا كۆپ جاپا تاتماي قوساقنىڭ ھۆددسىدىن چىقالايمىز.
لېكىن بۇگۈن ماۋۇ پەسىنىڭ تازا بىر ئەدىبىنى بېرىپ قويايلى . بىز ئۇنى تونىغان بىلەن ئۇ بىزنى تونىمايدۇ بۇ قىلغىنىمىز ئۇنىڭغا ئۇنتۇلماس بىر ساۋاق بولۇپ قالغۇسى!
ئۇلار بىرلىشىپ ئۇ ئادەمگە ئېتىلماقچى بولۇپ تەمشىلىۋىدى ئۇ ئىككى ئىتنىڭ قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئەرمەك ئىت پاراڭلىشىۋاتقان سۆھبەتدىشى <دەرۋازىۋەن> قېرى ئىتنى تاشلاپ ئۇلارنى قىلماقچى بولغان ئىشىدىن توسماقچى بولۇپ ئالدىغا چىقتى ھەمدە ئادەملەرنىڭ ئىتلارغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ ئەتىۋارلاپ بېقىۋاتقانلىقىدەك <ئۇلۇغۋار> ئىش-ئىزلىرىنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن سۆزلەپ ئۇلارنى قايىل قىلماقچى بولدى .
لېكىن ئۇ ئىككى لالما ئىتقا بۇ ئەرمەك ئىتنىڭ ئېيتقانلىرى قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلاندى شۇڭىمىكىن ئۇلار ئەرمەكجاننىڭ سۆزلىرىگە پىسەنىت قىلماي ئۆز قارارلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولدى.
بۇ چاغدا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن <دەرۋازىۋەن> قېرى ئىت ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال كېلىپ سۆزگە ئارلاشتى ، ئۇ:
-سىلەر، سىلەرگە ياخشلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە يامانلىق قىلماقچىمۇ؟ ئۇ كۈنى ئۇنىڭ سىلەرگە قولىدىكى سۈڭەكنى بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىدىڭلارمۇ ؟ شۇ كۈنى ئۇنىڭدا بارى بىرپارچە سۈڭەك مەنمۇ كۆرۈپ تۇرغان ، ئەگەر ئىككى پارچە بولغان بولسا مېنىڭچە ئۇ سىلەرگە چوقۇم تاشلاپ بەرگەن بولاتتى .
ئويلاپ بېقىڭلار ناۋادا ئاشۇ كۈنى ئۇ سىلەرگە شۇ بىر پارچە سۈڭەكنى تاشلاپ بەرگەن بولسا سىلەرنى قىزغىنىپ ، ئاشكۆزلۈك قىلىپ بىر- بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟
ئۇ ئالدىنئالا بۇ تەرپىنى تونۇپ يەتكەن شۇڭا ئىككىڭلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىڭلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈڭەكنى سىلەر ئالالمايدىغان يەرگە تاشلىۋەتكەن .بولدى ئەمدى نىيىتىڭلاردىن يېنىپ قايتىپ كېتىڭلار!
ئىككى لالما ئىتقا قېرى ئىتنىڭ ئېيتقانلىرى خېلىلا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ئۈندىمەستىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.

مەنبە: جاۋاھىر

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 06:48:32

ئەجەپ قىززىق مەسەلكەن رەھمەت، تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن.
تور دۇنياسىدىكى كاتتا ماقالىلەر،ئېلكىتاپلار ماۋۇ   ئادرىستا ئېكەن:
http://kitab.menzil.biz/
http://book.menzil.biz

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 07:25:53

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 06:48 static/image/common/back.gif
ئەجەپ قىززىق مەسەلكەن رەھمەت، تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن. ...

سىز بۇ ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدىن ياكى قانۇنلۇق ئىگىلىرىدىن رۇخسەت ئالغانمۇ؟
بەت: [1]
: ئىت ۋە ئادەم