DDV يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 15:44:44

كۆيۈپ قېلىش

كۆيۈپ قېلىش

ئابابەكرى ئابدۇقادىر

تەبەسسۇمىڭ لال قىلغاچ مېنى،
يار قېشىڭغا باردىم نەچچە رەت.
ياندىم يەنە كەينىمگە ئاستا،
كۆڭۈل ئىزھار قىلالماي پەقەت.

تەبەسسۇمىڭ لال قىلغاچ مېنى،
ئۈزەلمىدىم رىشتىمنى سەندىن.
قىزىلگۈلدەك چىرايلىق ھۆسنۈڭ،
ئورۇن ئالدى قەلبىم تەكتىدىن.

تەبەسسۇمىڭ لال قىلغاچ مېنى،
بولۇپ قالدىم يار ساڭا ئاشىق.
ئىشەنگىن سەن پاك سۆيگۈم ساڭا،
مەڭگۈلۈككە تالىقتۇر-تالىق.

تەبەسسۇمىڭ لال قىلغاچ مېنى،
سۆيەلمىدىم سەندىن بۆلەكنى.
يىگىتكە خاس جۈرئىتىم بىلەن،
تۇتتۇم ساڭا ئاشىق يۈرەكنى.

بۇ شېئىر «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 10:45:20

رەت قىلىشىڭ خار قىلغاچ مىنى ،
ئۈمىد ئۈزدۈم سۆيگۈدىن مەڭگۈ.
قارا قىسمەت بولۇپ كۆرۈنەر ،
سەن سەۋەبلىك مىھىرلىك سۆيگۈ.

كەتكىنىڭدە يۈرەكنى ئېلىپ،
تەلمۈرگەنتىم ئارقاڭدىن قاراپ.
تاشلاش ئويۇن بولسا سەن ئۈچۈن،
ئون يىلدىن كىيىن بولىدۇ ئازاب. :(

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 12:38:02

ھېجىران خار قىلغاچ مېنى ،
ئۈمۇت كۇتمۇدۇم سۆيگۇڭدىن.
سۆيگۇ چوغى كۆيدۇرگەچ مېنى ،
جاۋاپلارنى سوردۇم ھېجىرانلاردىن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 13:44:28

ئۈچۈڭلار نەدىن كەلدىڭلار؟

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 13:56:16

تەبەسسۇمىڭ لال قىلغاچ مېنى،
يار قېشىڭغا باردىم نەچچە رەت.
ياندىم يەنە كەينىمگە ئاستا،
كۆڭۈل ئىزھار قىلالماي پەقەت.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 13:56:39

ئادەتتىكىدەكلا يېزىلىپتۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 15:20:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-15 15:21  

مەنمۇ فەلسەفىيلىكى كۈچلۈك قوشاقتىن بىرنى قېتىپ قوياي، تەسىرلەنگەنلەر خاتىرەڭلەرگە ئويۇۋېلىڭلار:lol

كۆنىسەن تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە،
ھەمرايىڭ بولىدۇ ناتونۇش بىرى.
ئۇ سېنىڭ، سەن ئۇنىڭ كۆڭلۈك باشقىنىڭ،
ئۆتىسەن ئۆزۈڭ نەخ، مۇھەببەت نىسى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 15:22:49

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 15:20 static/image/common/back.gif
مەنمۇ فەلسەفىيلىكى كۈچلۈك قوشاقتىن بىرنى قېتىپ قوياي، ...

دەششەتقۇ نەخ كەپتۇ

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 16:02:49

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 13:44 static/image/common/back.gif
ئۈچۈڭلار نەدىن كەلدىڭلار؟

يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن چىققان چىراي

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 17:40:33

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 13:44 static/image/common/back.gif
ئۈچۈڭلار نەدىن كەلدىڭلار؟

بۇ ئۇچەيلەن بۇرۇندىن بارىتتى،كۆمۇلۇپ قاپتىكەن

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 18:12:00

-ئاسان ئۆلۈشنى خالىسىڭىز DDV ئىچىڭ!
-ئەڭ خەتەرلىك ئىش ئىشەككە ساز چېلىپ بىرىش ئەمەس، بەلكى بىر توپ ئىشەكنىڭ ساڭا ساز چېلىپ بېرىشى.
-ھە .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 18:17:33

ئۇنتىما ئەي نىگار خوشلاشقاندا
يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ماڭا
يۈرىكىممۇ ۋىدالاشماق بولسا ئەگەر
مەندە قالغان پارچىسىنىمۇ ئالغىن مانا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 18:20:36

مەھكۇمدۇر بۇ يۈرەك ھىجران قەسرىگە

ئاخىرىنى سەل تۇرۇپ ئىلھامىم كەلگەندە يازاي…

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 21:21:58

izdinixazasi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 18:12 static/image/common/back.gif
-ئاسان ئۆلۈشنى خالىسىڭىز DDV ئىچىڭ!
-ئەڭ خەتەرلىك ئىش ئىش ...

ئۈچىمىزنىڭ ئىمزاسىنى ئايرىم يوللاپسىز بۇ؟
بەت: [1]
: كۆيۈپ قېلىش