ئوغۇز:دۇردانىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-13 10:52دۇردانىلەر
ئوغۇز تەرجىمىسى
قۇرۇق قول بىلەن قۇش تۇتقىلى بولمايدۇ.
*پەقەت سايراشنىلا بىلىدىغان قۇش چاڭگا سالالمايدۇ.
*ئەركىن قۇش بولۇشنى خالايمەنكى،قېيىنچىلىق شاھى بولۇشنى خالىمايمەن.
*قۇشنىڭ قانچىكى ئېگىزدە پەرۋاز قىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،ئۇ ھامان ئۇزۇقلۇق يېيىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ.
*سىز قۇشنى قەپەسكە سولاپ قويالايسىز،ئەمما ئۇنىڭ سايرىشنى توسىيالمايسىز.
*قۇرۇق قول بىلەن قۇش تۇتقىلى بولمايدۇ.
مەنبە:«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانى
كېچىككەن يارىدەم
*كېچىككەن يارىدەم يارىدەم قىلمىغان بىلەن باراۋەر.
*چىش ئاغرىقىغا مۇزىكىمۇ يارىدەم قىلالمايدۇ.
*ئوتۇننى كۆيدۈرۈشتە شامالنىڭ يارىدىمى بولمىسا بولمايدۇ.
پىلنىڭ چىش يۆتكىشىگە يارىدەم قىلىمەن دېمەڭ.
*ئاچلىق ئادەمنى يىقىتىدۇ،غورۇر ئادەمنى يىقىلغان يەردىن دەس تۇرغۇزىدۇ.
مەنبە:«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانى
موزدۇر يالاڭئاياغ،باپكار ئىشتانسىز
*ئۈندىمىگەن چوشقا كۆپىنچە يىلتىزنى ئەڭ چوڭقۇر كولايدۇ.
*ھەر بىر ئۆينىڭ بولۇڭى،ھەر بىر بولۇڭنىڭ كوچىسى بولىدۇ.
* ھەر زامان موزدۇر يالاڭئاياغ،باپكار ئىشتانسىزدۇر.
*ئىتنىڭ قۇيرۇقىنى كۆتىرىۋالغان ئادەم ئېنىقكى ئىتنىڭ ئىگىسى ئەمەس.
*سىز يالماۋۇزنىڭ چاقىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەنسىز،چوقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پىرقىراشنى ئۆگنىۋىلىشىڭىز لازىم.
مەنبە:«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى
گەپ قىلىشتىكى مۇددىئا
*بەزىلەر گەپ ئارقىلىق ئىددىيەسنى ئىپادىلەيدۇ،بەزىلەر گەپ ئارقىلىق ئىددىيەسنى يۇشۇرىدۇ.بەزىلەر گەپنى ئىددىيەسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدۇ.
*ناۋادا ھەسەتخورلۇق دوستلۇقتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان توسالغۇ دېيىلسە،ئۇنداقتا گۇمانخورلۇق مۇھەببەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دوستىدۇر.
*باشقىلارنى ئەپۇ قىلالمىغان ئادەم ئۆزى مېڭىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتكەن ئادەمدۇر.
*يالغان گەپ ئىچىدە ياشايدىغان ئادەمگە نىسبەتەن راست گەپ چاقچاققا ئوخشايدۇ.
*گاھىدا بىز باشقىلارنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كىمنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تام قوپۇرىمىز.
مەنبە:«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانى تور دۇنياسىدىكى داڭلىق نادىر ماقالىلار ۋە ئېلكىتاپلار ما ئادرىستا باركەن:
http://kitab.menzil.biz/
http://book.menzil.biz/ ياخشى دۇردانىلەركەن.
ئەتىدىن باشلاپ سالۇنلاردا ئېقىپ يۈرۈيدىغان بولدى دۇر دانىلەر. دۇردانىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ باققۇم كىپ كەتتى .... دۇردانىنىڭ نوچىسى « قورساق ئاچسا دەرھال تاماق يەڭ » دىگىنى . ئۇندىن قالسا « قۇرۇق گەپنى ئاز ، ئەملىي ئىشنى كۆپىرەك قىلىڭ » دىگىنىمىكىن .
بىرەرسىنىڭ دۇردانىلارنى يادىلاپ بىرەر ئىش قىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلمىدىم لىكىن .
بەت:
[1]