imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 09:04:44

بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈسكىنىلىرى زاۋۇتىمىز

زاۋۇتىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش تۈرىدىكى زاۋۇت ئۈسكىنىلەرنى ياساش ، قۇراشتۇرۇش ، رېمونىت قىلىش ۋە تۈرلۈك زاۋۇت ئۈسكىنە زاپچاسلىرىنى ۋەكالىتەن سېتىش  شۇنداقلا خېرىدارلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياج تەلەپلىرىگە ئاساسەن ماشىنا – زاۋۇت ئۈسكىنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساب بېرىش قاتارلىق كەسىبلەرنى يولغا قويغان .
زاۋۇتىمىزدا 19 نەپەر كەسىپكە پىشقان تېخنىك خادىمىمىز بار بۇلۇپ زاۋۇتىمىز قۇرۇلغان 2007 – يىلىدىن بۇيان قۇرۇق مىۋە – چىۋىلەرنى يۇيۇش ، مايلاش ، دېزىنفىكسىيەلەش، تېز سۆرئەتتە قۇرۇتۇش   ماشىنا ئۈسكىنىلىرى ، قۇرۇق ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى ،ھەرخىل شەكىلدىكى تاسقاش غەلۋىرلىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى يەتكۈزۈش تاسمىلىرى ۋە قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ رەڭگىنى ئايرىپ پارلاش ماشىنىسىنىڭ تەگ قۇرۇلمىسى ، زاۋۇت ئۈيى ۋە تاسقاش – يەتكۈزۈش قۇرۇلمىلىرى قاتارلىق 10 خىلدىن كۆپ زاۋۇت  ئۈسكىنىلەرنى ياساپ تۇرپان ، قۇمۇل ،سانجى ، خوتەن ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شەندوڭ قاتارلىق رايونلارغا سېتىپ چىقارغان بۇلۇپ 2010 – يىلى قازاقىستانغا  بىر يۈرۈش ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى چىقارغان .
زاۋۇتىمىز تەجرىبە – تەتقىقات تۈرىنى تەڭ يولغا قويغان بۇلۇپ قانچە يىللىق تەجرىبە- تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياساب چىققان تېز سۆرئەتتىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك قۇرۇق ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى 2009- يىلى دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۈتۈپ تۆت تۈر بۇيىچەڭ پاتىنىت ھوقوقىغا ئىرىشتى.
تۈرلۈك زاۋۇت ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجى بار شەخىسلەر ۋە كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ۋە تەكلىب پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز .





http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621112458134.jpg
     زاۋۇتىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش تۈرىدىكى زاۋۇت ئۈسكىنىلەرنى ياساش ، قۇراشتۇرۇش ، رېمونىت قىلىش ۋە تۈرلۈك زاۋۇت ئۈسكىنە زاپچاسلىرىنى ۋەكالىتەن سېتىش  شۇنداقلا خېرىدارلارنىڭ ھەرخىل ئېھتىياج تەلەپلىرىگە ئاساسەن ماشىنا – زاۋۇت ئۈسكىنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساب بېرىش قاتارلىق كەسىبلەرنى يولغا قويغان .
      زاۋۇتىمىزدا 19 نەپەر كەسىپكە پىشقان تېخنىك خادىمىمىز بار بۇلۇپ زاۋۇتىمىز قۇرۇلغان 2007 – يىلىدىن بۇيان قۇرۇق مىۋە – چىۋىلەرنى يۇيۇش ، مايلاش ، دېزىنفىكسىيەلەش، تېز سۆرئەتتە قۇرۇتۇش   ماشىنا ئۈسكىنىلىرى ، قۇرۇق ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى ،ھەرخىل شەكىلدىكى تاسقاش غەلۋىرلىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى يەتكۈزۈش تاسمىلىرى ۋە قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ رەڭگىنى ئايرىپ پارلاش ماشىنىسىنىڭ تەگ قۇرۇلمىسى ، زاۋۇت ئۈيى ۋە تاسقاش – يەتكۈزۈش قۇرۇلمىلىرى قاتارلىق 10 خىلدىن كۆپ زاۋۇت  ئۈسكىنىلەرنى ياساپ تۇرپان ، قۇمۇل ،سانجى ، خوتەن ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شەندوڭ قاتارلىق رايونلارغا سېتىپ چىقارغان بۇلۇپ 2010 – يىلى قازاقىستانغا  بىر يۈرۈش ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى چىقارغان .
     زاۋۇتىمىز تەجرىبە – تەتقىقات تۈرىنى تەڭ يولغا قويغان بۇلۇپ قانچە يىللىق تەجرىبە- تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياساب چىققان تېز سۆرئەتتىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك قۇرۇق ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى 2009- يىلى دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۈتۈپ تۆت تۈر بۇيىچەڭ پاتىنىت ھوقوقىغا ئىرىشتى.
    تۈرلۈك زاۋۇت ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجى بار شەخىسلەر ۋە كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ۋە تەكلىب پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز .


http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621115839475.jpg
قۇرۇق مىۋىلەرنى يۇيۇش ۋە مايلاش ماشىنىسى
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621112458134.jpg
ئۈزۈم ساپىقىنى ئايرىش ماشىنىسى
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621114836443.jpg
قۇرۇق مىۋىلەرنى يۇيۇپ تېز سۆرئەتتە قۇرۇتۇش ماشىنىسى
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621114430584.jpg
قۇرۇق ئۈزۈم پارلاش ماشىنىسىنىڭ يانداش ئۈسكىنىلىرى


تاسقاش غەلۋىرى ۋە يەتكۈزۈس قۇرۇلمىلىرى

http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621113630445.jpg
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621114001548.jpg
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621114211795.jpg
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621113359919.jpg
http://www.zawut.com.cn/uy/images/20140621113055317.jpg


http://www.zawut.com.cn/

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:12:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-13 12:21  

تۆۋەندىكى ئىككى تۈرنى خالىس تەۋسىيە قىلىپ باقاي، ئەمىلى كۈچىڭلار باركەن، پايدىلىنارسىلەر…

ياڭاق دەرىخىگە دورا پۈركۈش ماشىنىسى
خوتەن تەرەپتە نەچچە ئون يىللىق ياڭاق دەرەخلىرىگىمۇ قىزىل ئۆمچۈك(مىۋىلىك دەرەختە كۆپ كۈرىلىدىغان پارازىت، يازنىڭ ئىسسىقىدا ئاينىپ يۇپۇرماقلارنى قۇرىتىۋېتىدۇ، دەرەخنى يېڭى يۇپۇرماق چىقىرىشقا زورلاپ شۇ يىللىق ۋە كېلەركى يىللىق مەھسۇلاتقا ئ
ېغىر زىيان سالىدۇ)چۈشۈپ كېتىدىكەن، تارقىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا كۆچەت دەرەخلەردە ئاپەت زىيىنى تېز بولىدىكەن، ياڭاق دەرىخىگە دارا چاچامدۇ؟ بىلمەيدىكەنمەن، لىكىن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. شۇنداق بىر چوڭ-كىچىك ياڭاق دەرەخلىرىگە قوللىنىشچان دارا پۈركۈگۈچ ياساپ باقساڭلار، ئاندىن ئەزەلدىن ئاياق كەيمەيدىغانلارغا ئاياق ساتقاندەك سېتىپ باقساڭلار…

نەشپۈت شەربىتى ياساش زاۋۇتى
ئىككى يىل بولدى، كورلىنىڭ ساقلىغىلى بولمايدىغان زېدە نەشپۈتلىرىنى گۆننۇڭ مىۋىچىلىكى(冠农果品)يىغىۋېلىپ يېرىم پىشىغلانغان شەربەت ياساپ ئىچىملىك شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىدۇ، بۇلتۇر ئىچكىرىدىكى شەربەت زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتارنىڭ پاكىزلىق سۈپىتىدە “ئۆسەك سۆزلەر” بۇلۇلۇپ ناھايتى تېز بېسىقتۇرۋەتتى، دىمەكچى كۆلەملەشكەن خام ئەشيا مەنبەسى بولغاندىكىن ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بۇلۇپ قالسا…

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:16:13

مۇشۇنداق ئىش قىلىدىغانلارغا ئاجايىپ ھەۋىسىم كېلىدۇ. ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام مۇشۇ تۈردىكى لايىھەلەش، ياساش، ئىلغارلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇشتەك ئىشلارغا بەكلا ماس كېلىدىغاندەك ھېس قىلىمەن . مەن ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ ئوڭشىغان بەزى نەرسىلەرگە ئۆيدىكىلەرمۇ، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا رىمۇنۇتچىلارمۇ ھەيران قالىدۇ. ئۆزۈمنىڭمۇ ئۈشكە، ئامبۇر، كۇلاچ.... دېگەندەك  تاراق– تۇرۇقلىرىم ئاساسەن تولۇق. ھەۋەس دېگەن باشقىچە بولىدىكەن ئىشقىلىپ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:29:50

يانپۇندا يوللىنىپ كېتىپ قىلىنىدى.
مۇشۇ ئىشلارنى قىلسام پەقەت زېرىكمەيمەن. بۇنىڭسىزمۇ ئادەمنى شەھەر يەپ كېتەمدۇ، ئەر خەق دىگەنگە بىنا ئۆيدە قىلغىلى ئىش چىقمايدىكەن. بىكارچىلىقتا لاكاتلىشىپ كېتىدىكەن. يارىدىغان ئوتۇن، توشۇيدىغان سۇ بولمىغاندىكىن. دىققەت قىلمىسا ئادىل مىجىتنىڭ ئىتوتىدىكىدەك بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.  ئۆيدىكى بۇزۇلغان توك، سۇ... قاتارلىقلارنى ئاساسەن ئۆزەم ئوڭشايمەن. قېرىنداشلىرىممۇ مىنى چاقىرىدۇ. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئۇستام چاقىرىمەن.
    كەسىپنى خاتا تاللىغان زادى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:42:26

مۇشۇنداق زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ بىر تۆمۈرچى ئۇستام بار. ھەر—ھەر سىيالكا، بۇغداي—قوناق سوقۇش، شال ئاقلاش ، سورۇش ماشىنىسى ، كومبايىن ... دېگەندەك نەرسىلەرنى زاۋۇتنىڭكىدىن قىلىشمىغۇدەك  شۇنداق سۈپەتلىك ياسىۋىتىدۇ. يۇرت—يۇرتلاردىن كېلىپ ئىلىپ كېتىدۇ. قوياپ بەرسە خىلى—خىلى نەرسىلەرنى ياسىۋىتەمدىكىن دەيمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 14:27:07

جەۋھەر تېما

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 15:24:53

سىلمۇ كورگەن بۇلشۇڭلار مۇمكىن . كىچىك تىپتىكى ياغ تارتىش ماشىنسىنى ؟
ئادەتتە بۇ ماشىندا ياغ تارتقان ۋاتىمىزدا چىققان كۇنجۇرنى ئۇچ توت قېتىم ياندۇرۇپ قۇيىمىز ، بۇ پۇتۇنلەي ئادەم كۇچى بىلەن بۇلىدۇ ، بەك چوڭ تىپتىكى ياغ چىقىرىش ماشىنسىنى ئىشلىتەيلى دىسەك ياغنىڭ سۇپىتى كىچىك تىپتىكى ياغ چىقىرىش ماشىنىسنىڭكىدەك ياخشى چىقمايدىكەن ، كىچىك تىپتىكىنى ئىشلەتسەك يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ئاۋارچىلىق !
ئەگەر كىچىك تىپتىكى ياغ چىقىرىش ماشىنسىغا كۇنجۇرنى قايتۇرۇپ قۇيۇش ئۇسكىنسى ياساپ بەرگەن بۈولساڭلار مەن بىر سېتىۋالاتتىم ، مىنىڭچە بۇنىڭ خىېرىدارىمۇ چۇقۇم كوپ بۇلاتتى ! چۇنكى ھازىر دىيارىمىزدا مۇشۇنداق كىچىك تىپتىكى ماشىدا چىقىرىلغان ياغنىڭ سودىسى بەك ياخشى بۇلۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇ كەسىپنى قىلدىغانلارمۇ ھازىر بەك كوپتى! ئەگەر مۇشۇ ماشىنىنى ياساپ بىرلى دەپ قالساڭلار مىنىڭ ئازراق لايھەم بار ئىدى ، ئورتاقلاشساق بۇلىدۇ ،

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 16:28:11

بىزلەرمۇ مۇشۇنداق تەرەققى قىلساق كىيىنچە يىنىك سانائەت دىگەننى تىتىۋىتىشىمىزدە گەپ يوق.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:23:09

@BUHARA ئەپەندىم ئۆتكەندە سانجىلىق يولداشلارغا گازىر پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا قارىتا تاسمىلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى لاھىيەلەپ ياساب بەرگەن ئىدۇق ، سىزگىمۇ چىققان كۈنجۈرنى قۇيۇش ئېغىزىغا قايتۇرۇپ يوللاب بېرىدىغان يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسىدىن بىرنى ياساب بەرسەك بۇلامدۇ ؟ سىزنىڭ قانداق لاھىيەيىڭىز بار ؟  

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:38:01

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 00:46:03

ئاللاھ ئىشلىرىڭلاغا بەركەت بەسۇن مىللىىتىمىزگە نىسبەتەن ئىغىزغا ئاغۇدەك ئىشكەن سانائەت دەۋرىگە ۋۇررا !

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 09:54:26

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 23:38 static/image/common/back.gif
كىچىك تىپتىكى ياغ تارتىش ماشىنىسى قانچە پۇل ، كىچىك تى ...

بىزنىڭ ھازىرچە قىلغان ئىشلىرىمىز قۇرۇق ئۈزۈم ، گۈلە ، چىلان ، خۇرما ، ياڭاق قاتارلىق مىۋىلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئۈسكىنىلەرنى ياساش بىلەن زاۋۇت كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياج تەلەپلىرىگە ماس قىلىدىغان ئۈسكىنە ياساپ بىكىتىپ بېرىش بۇلىۋاتىدۇ . ياغ تارتىش ماشىنىسىنى تۇتۇپ باقمىدۇق، ئەگەر سىز ياغ تارتىش ماشىنىسىدىن بىرنى قۇرۇپ يۈرۈشلەشكەن قۇشۇمچە ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجىڭىز چۈشسە ئاللاھ خالىسا ياخشى تاللىشىڭىز بىز بۇلالايمىز .

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 16:47:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUHARA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 17:03  

http://t02.pic.sogou.com/fa187f668302bded-419a4a75cc8c6f4e-aca7ee6365dc80d5f764a44398fd39b4_i.jpg


http://t04.pic.sogou.com/efafb0d4bf68e5ac-2b6978ac0ce3cca7-8189e2475e6e46f37ad57e7633fd8779.jpg


http://t04.pic.sogou.com/68ca769c1787c88e-742a15cc7c47ed57-4fa8a65513110a27d987c308142e8f7d_i.jpg

ماڭا لازىم بولغىنى 1- رەسىمدىكى ياغ چىقىرىش ماشىنسىنىڭ  يېندىكىگە ئوخشاش نەرسە ئىدى . ئەمما بۇنى شۇ پېتىلا ئىشلەتسەك يېغى تۇگىگەن كۇنجۇرنى خالتىغا ئالدىغان ۋاقىتتا قولايسىز بۇلۇپ قالدىكەن !
2- رەسىمدىكى ئادەتتە بىز ئىشلتىۋاتقان ياغ چىقىرىش ئۇسكىنسى شۇ !
ئىككى يىل ئىلگىرى مەن ئۇزۇمنىڭ ئويلىغىنى بۇيچە قۇرەشتۇرۇپ كۇنجۇرنى ئۇسكىنە ئارقىلىق قۇيدىغان قىلىپ ياساپ باققان ! شۇ ۋاقىتتا تازا ئەپلەشمەي قالغان ئىدى . ھازىر ئويلاپ باقسام يەنە شۇ خىل ئۇسۇلدىن باشقىسى كاللامغا كەلمىدى ! ھەم بەزى مەسىللەرنى خىەت يېزىپ چۇشەندۇرەلمەيراق قالدىم .
شۇڭا سىلنىڭ قانداقراق ئامالىڭلار بار ئاڭلاپ باقسام بوپتىكەن !

يەنە بىرسىگە ماڭا توك بىلەن ئايلىندىغا تاش تۇگمەن لازىم ئىدى ! ھازىر خېلى كوپ جايلاردا بار ئىكەن بۇنداق تۇگمەنلەر ئەمما كۇزۇمگە پەقەت سىغمىدى ، بەك كىلەڭسىز ھەم شۇنداقلا بىر يەرلىرى تازا كىلىشمىگەندەك كۇرۇندى ، ئەگەر سىلەر ياخشىراق ياساپ بىرىپ قالساڭلار سىلدىنلا ئالسامممۇ مەيلىتى ، ياساپ بىرمىز دەپ قالساڭلار ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ يارىغاندا قالغان پۇلنى بىرەتتىم !

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 17:07:25

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 23:38 static/image/common/back.gif
كىچىك تىپتىكى ياغ تارتىش ماشىنىسى قانچە پۇل ، كىچىك تى ...

كىچىك تىپتىكى ياغ ىقىرىش ماشىنسى ئونمىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا ، ئىشقا كىرىشتۇرۇشكە تەخمىنەن 20مىڭ ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ !

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 17:47:19



چۇشەنگىنىمچە ماۋۇ رەسىمنى ياساب باقتىم ، زاۋۇتىڭىزنىڭ كۈنجۈرنى چىقىرىدىغان ئېغىزى كۆرەنمەي قاپتۇ بەلكىم بىرتال يەتكۈزۈش تاسمىسى بىلەنمۇ بىرتەرەپ قىلىۋەتكىلى بۇلىشى مۇمكىن . ئەمەللى مەيدانغا قاراپ لاھىيەلەيدىغان گەپ سىز نەدىن ؟ @BUHARA

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 23:24:39

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 09:00:56

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 17:47 static/image/common/back.gif
چۇشەنگىنىمچە ماۋۇ رەسىمنى ياساب باقتىم ، زاۋۇتىڭىزنى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىمتىياز ئەپەندى ،
بىز ئىشلىتىۋاتقان ياغ ماشىنسى مەن يوللىغان ئاۋۇ ئىككىنچى ئۇلنىشتىكى ماشىنا ئىدى سىز خاتا كۇرۋاپسىز ! سىز قۇراشتۇرغان ئاۋۇ رەسىمدىكى ياغ ماشىنسىنى پەقەت يېندىكى جولۇڭننىڭ مىسالغا ئېلىش ئۇچۇنلا يوللىغان !
مىنىڭ تۇرۋاتقان ئورنۇم باي ناھىيسى ! بىز يەنىلا سىز ئايرىم ئۇچۇر يېزىپ پااڭلاشساق بولغىدەك ! مەن بىر قانچە كۇن سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالىمەن ! سەپەرگە چىقماقچى ئىدىم ، ۋاقىت چىقىرىپ مەن سىزگە ئايرىم ئۇچۇر تازاي
مىنىڭ ئالاقىلشىش نۇمۇرۇم 13094085427

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 09:10:40

رۇسلان بۇرادەر ،
ياغ ماشىنسى ئونمىڭ ئەتراپىدا ئالسىز
ماداسىنى ئىككى مىڭ ئەتراپىدا
توك بەش ئالتە مىڭ
قالغا قۇشۇمچە ئەسلىھەر ، داس ، تىشاڭ ، سايمەن كۇلۇچ ، ياغ باكى ، داس دىگەندەك نەرسىلەر ئىككى مىڭ ئەتراپىدا
ئەگەر ئۇزىڭىزنىڭ ئۇيى بولسا شۇنچىلىك كىتىدۇ ، ئەگەر دۇكەن ئىجارە ئالسىڭىز ، دۇكان ئىجارىسى قۇشۇلدۇ !
ئەگەر ئۇزىڭىز مايلىق دان ئېلىپ ياغ چىقىرمەن دىسىڭىزئەڭ ئازدىگەندە  ئەللىك مىڭدىن يۇقرى مەبلەغ سالمىسىڭىز بولمايدۇ ، كوپ بولغاندا مىليۇن مەبلەغ سالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ !

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 10:43:27

BUHARA يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 09:00 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىمتىياز ئەپەندى ،
بىز ئىشلىتىۋات ...

ئىككىنچى ئۇلىنىشتىكىما ؟  
مېنىڭچە ھېچ بولمىغاندا ئىككى تاسمىلىق قىلىپ سىزدىگەن مەقسەدكە تامامەن يەتكىلى بۇلىدۇ

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 16:07:47

يەككە فازىلىق توكتا ماڭدىغان ياغ تارتىش ماشىنىلىرى بارمۇ؟ ئىش ئۈنۈمى قانداق؟ باھاسىچۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا ئىزاھ بىرۋەتسەڭلار
بەت: [1] 2
: بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈسكىنىلىرى زاۋۇتىمىز