komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 03:21:49

James Joyce نىڭ ئېيتقانلىرى

خاردى ھەققىدە
ئارتور: ...دېيىلىشى كېرەك بولغانلارنى ئاسانلام دەپ كېتىش ئورنىغا، ھەقىقەتەنمۇ بولۇپ ئۆتكەنلەرنى سۇنماق ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپاسى سەۋەبىدىن ئىنساننى تەسىرلەندۈرۈدۇ...
جويس: پەقەت جىنايەت! بۇ تېسنىڭ خاراكتېرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، چۈنكى ئۇنىڭ بويىقىدا ئىنسان ئۈچۈن قاتىل بولغۇنىنى ئويلاندۇرۇدۇغان ھىچنەرسە يوق. بۇ خاردىگە خاس ئوپ-ئوچۇق پىسخولوگىك بىر لاپ.
خاردىنىڭ تېمىلىرىنى ئانالىز قىلىدىغان بولسىڭىز، مېلودرامىنىڭ پۈتۈن ھىلە ۋە سۈيقەستلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈسىز؛ ئۇ بەك كونا غىچىلدايدىغان سايمانلار؛ يەتكۈزۈلمىگەن مەساجلار، خاتا مەنىلەر ۋە قۇلاقنى گاس قىلىشلار، بۇلاردا بولسا ئاددىي كىشىلەر بەكرەك ئاددىي، يامانلارمۇ تامامەن شەيتانىدۇر.

رۇس ئەدەبىياتى ھەققىدە
(پۇشكىننىڭ «كاپىتان قىزى» ئەسىرى ھەققىدە) بۇ ئەسەردە ھەتتا ئەقىلنىڭ قىرىنتىسىمۇ يوق. ئومۇمەن ئوخشاش ئىشنى قىلغان، پەقەت بۇنى تېخىمۇ زور مىقداردا مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلغان  تولستوي ياكى چېخوۋ قاتارلىق باشقا رۇسلار ئورنىغا نېمىشقا ئۇنى تاللىغىنىڭىزنى چۈشۈنەلمەيلا قالدىم.
پەمىمچە بۇ كىتاپ ئۆز زامانىسى ئۈچۈن ياخشى بىر كىتاپ ئىدى. بىراق، مەن پۇشكىننى نۆزەمبىللاھ ئۈلگە ئالمىغان بولاتتىم، چۈنكى ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر ھالغا كەلدى ۋە قاراقچىلار، جەسۇر ياش ئوفىتسېرلار ۋە خەتەر ئىچىدىكى قىزلار قاتارلىق ئاددىي ھاياجانلاردىن تېخىمۇ يوغۇنىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
... پۇشكىن ياراتقان خاراكتېرلار پىسخولوگىك شۈبھەلەرگە شۇڭغۇماق ئورنىغا ھەر نەرسە ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان ياشلىققا خاس بىر جاسارەتتە ۋەزىيەت بىلەن يۈزلۈشۈدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن پۇشكىننىڭ ئۇستىلىقىغا قارىماي، تۇرگىنېۋنى ياقتۇرۇشۇدۇ.
پۇشكىن ياكى تۇرگىنېۋ تەرزىدە ئەسەر يازماق مېنىڭچە گرۇز ياكى ۋاتتېئاۇ تەرزىدە رەسىم سىزماق بىلەن ئوخشاش ئىش. بەلكى بىر پارچە تارىخىي پىكىر ئوغۇرلۇقى، ئەمما زامانىۋىي ئەدەبىيات ئەمەس. ئىنسان ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ روھىغا مەركەزلىشىشى كېرەك.
پۇشكىن ۋە تۇرگىنېۋمۇ تەنھا بىر سىداملىقتا ئويلايتى، ئەمما بۈگۈننىڭ تېمىسى يەر ئاستىدىكى كۈچلەردۇر.
تۇرگىنېۋنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسىرى قىسقا ھىكايىلىرى ئىدى.
زامانىۋىي نەسىر (نەسرىي ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلۇدۇ—ت) نى ھەممىسىدىن كۆپ دوستويېۋسكى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە كۈچىنى زامانىمىزدىكى ھەجمىگە يەتكۈزدى. ئۇ سۈنئىي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇدۇغان قىزلار ۋە بۇيرۇتما باسماقېلىپلىق ۋىكتورىيە دەۋرىنىڭ رومانىنى، تەسەۋۋۇر كۈچى ياكى زورلۇق كۈچى بولمىغان ئاشۇ كىتاپلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان دوستويېۋىسكىنىڭ پارتلىغۇچى قۇۋۋىتىدۇر. بەزى ئىنسانلارنىڭ دوستويېۋسكىنى غەلىتە، ھەتتا تەلۋە دەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن ئىنتىلىشلەر (impulse冲动)، زورلۇق ۋە ئارزۇ — دەل ئەدەبىياتنىڭ تىنىقىدۇر. بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ كۆپى ئۆلۈم جازاسى ئىجراسى ئۈچۈن نۆۋىتىنى ساقلاۋاتقاندا جازانىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكى، كېيىن سىبىرىيىدە تۆرت يىل لاگىردا ياتقىنىدۇر. بىراق بۇ ۋەقەلەر ھەرقانچە كۈچلەندۈرلسىمۇ مىجەزىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى ناتايىن. چۈنكى يازغۇچى ئەسلىدىنلا زورلۇققا ئامراق ئىدى. بۇ بولسا ئۇنى زامانىۋىي قىلغاندۇر. ئەكسىچە بۇ — زورلۇققا ئۆچ بولغان تۇرگىنېۋ قاتارلىق بىرمۇنچىلارنىڭ زاماندىشىدىن رازى بولماسلىقىغا سەۋەپ بولغاندۇر. تولستوي ئۆزىگە ئاشق ئىدى(ئۆزىگە چوقۇناتتى). بىراق بەك كۆپ سەنئەتسال مۇۋەپپىقىيەتكە ۋە ئەقىلگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ تۇراتتى. بىراق، شۇنداق بولسىمۇ، دېگىنىدەك «يۈرىكىگە ئاشىق» ئىدى. بۇ تەنقىت، بۈيۈك بىر توغرۇلۇق پايىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. چۈنكى دوستويېۋىسكى ياراتقان خاراكتېرلار ئۆلچەمسىز، ھەتتا تەلۋە دېسىمۇ بولغۇدەك ھەركەت قىلسىمۇ، ئەمما ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەمدۇر.
گېئورگ مۇۇردەك پارىژلىق بىر ئادەم دوستويېۋسكىدەك بىر يازغۇچىنى قانداقمۇ ياقتۇرسۇن؟ مۇۇرنىڭ ئەدەبىياتتىكى قەھرىمانلىرى، ئۆزىگە ئوخشاش ئەنئەنىچى بولغان ۋە ئەنئەنىچىلەرنىڭ بارلىق ھارغىنلىقىنى مىراس ئالغان بالزاك ۋە تۇرگىنېۋدۇر. بىراق «قېرىنداش كارامازوۋلار»نى بۈگۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەپ ئويلايدىغان نۇرغۇن، ناھايىتى نۇرغۇن ئادەم بار. شۈبھىسىزكى، مەندىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.
... سىز بۇنى تەلۋىلىك دېيىشىڭىز مۈمكىن. بىراق، دوستويېۋسكىنىڭ داھىيانىلىقىنىڭ سىرى دەل شۇ يەردە بولۇشى مۈمكىن. ھاملېت تەلۋە ئىدى، شۇڭا ھەيران قالارلىق بىر ئويۇن ئوتتۇرىغا چىقتى؛ يۇنان تياتېرلىرىدىكى بەزى خاراكتېرلارمۇ تەلۋە ئىدى؛ گوگول تەلۋە ئىدى. بىراق مەن بۇنى مەھلىيالىق (ئاشقلىق) دېيىشنى لايىق كۆردۈم، بەلكىم تەلۋىلىكنىڭ ئىچىگە ئارىلىشىپ، غايىپ بولۇدۇغان دەرىجىدىكى ئاشقلىق. ئەسلىدە بارلىق بۈيۈك ئادەملەردە ئۇ (تەلۋىلىك) تومۇرى بار؛ ئۇلۇغلۇقىنىڭ مەنبەسى بۇ (تەلۋىلىك)دۇر. نورمال بىر ئادەم ھىچنەرسىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.

ئەسلىدە بۇ ئەسەر («يۇلىسېز») ئەدەبىياتتا يېڭى بىر يۈزلۈنۈش — يېڭى رېئالىزم — نىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىشى مۈمكىن. «يۇلىسېز»نى تەنقىت قىلىدىغان بولسىڭىزمۇ، شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ ئەسەر بىلەن  ئەدەبىياتنى ئەسىرلىك كىشەنلەردىن قۇتقازدىم... يېڭى بىر ئويلۇنۇش ۋە يېزىش تەرزىنىڭ ھەركەتكە كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ماسلاشمىغانلارنىڭ ئارقىدا قالىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈشىڭىز كېرەك.
بىر يازغۇچى، سەنئەتكارلار ئۈچۈن يازماسلىقى كېرەك. ئەسىرىدە مۇستەھكەم ئەمەلىيەت ئاساسى بولۇشى كېرەك.
كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە زامانىۋىي ئەدەبىيات ئارىسىدىكى پەرق، ئوبېكت بىلەن سوبېكت ئارىسىدىكى پەرق دېيىشىم مۈمكىن: كلاسسىك ئەدەبىيات ئىنسان كىشىلىكىنىڭ شەپەقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ زامانىۋىي ئەدەبىيات بولسا گۇڭگالىق بىلەن تەسىرچان ئەقىلدىنمۇ بەك مەجھۇل ئەقىل بىلەن ھەپىلىشىدۇ.
ئىنسان كەچمىشىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئىككى دۇنيانىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك، بىراق، مەخپىي دۇنيا ياكى يوشۇرۇن ئاڭ دۇنياسى ھەرنەرسىدىن تېخىمۇ بەك ھاياجان بېرەلەيدۇ ۋە زامانىۋىي يازغۇچى، ھەر يېرىدە قەدەممۇ قەدەم كېزىلگەن (دەسسەلمىگەن يېرى قالمىغان — ت) رومانتىك ياكى كىلاسسىك دۇنيادىن كۆرە بايقالمىغان، ھەتتا خامخىيال (妄想delusions) دۇنياسىغا بەكرەك قىزىقىدۇ.
يۇمۇرلۇق تۇيغۇسى بولمىغان بىر يازغۇچىنىڭ بەكمۇ ئىنسانغا يات تەرىپى بار دەپ ئويلايمەن. ستېندالدىمۇ مانا شۇ كەم ئىدى. شۇنداقلا بەزى فرانسۇزلاردىمۇ يوق ئىدى. ھىسسىيلىكى بۇنىڭغا توسقۇن بولغانىدى. چۈنكى ھاياتنى جىددىيگە ئالماقتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيتى.
تەجرىبە جەھەننەمگە چۈشمەكتۇر ۋە «يۇلىسېز»مۇ مۇشۇنداق چۈشۈشتۇر. چۈنكى ئادەم دايىملا ياش تۇرۇۋەرمەيدۇ. «يۇلىسېز» بىر تەجرىبە ئادىمىدۇر. بۇ بىرلىكتىن — روھ ۋە جىسىمنىڭ بۇ بىرلىكىدىن يۇمۇر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى «يۇلىسېز» ئاساسەن مىزاھى (يۇمۇرلۇق) ئەسەردۇر. ھەققىدىكى مەۋجۇت تەنقىت قالايمىقانچىلىقى ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر ئەسەرنى قانداق بولسا شۇنداق كۆرەلەيدۇ.
ئارتور: تەنقىتچىلەر ۋە ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى بۇ تېمىنى («يۇلىسېز»نى) يۈز-كۆزىگە يۇقتۇرۇۋېلىشتى ۋە نىيىتىڭىزنى ئېنىق بىر شەكىلدە كۆرەلمىدى؛ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى ئويدۇرغان، بار بولمىغان مەنىلەرنى يۈكلەشتى.
جويس: ھەئە ھەم ياق. چۈنكى، كىم بىلىدۇ، ئۇلار ھەقلىق بولۇشى مۈمكىن. نېمىگە نېمە يۈكلىگەنلىكىمىزنى بىلەمدۇق زادى؟ ئىنسانلار «يۇلىسېز»تىن مەن مەخسەت قىلمىغان مەنىلەرنى چىقىرىشلىرى مۈمكىن، كىم ئۇلارنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا ھۆددە قىلالايدۇ؟ شېكىسپېر «ھاملېت»نى يېزىۋاتقاندا ياكى لېئوناردو «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق»نى سىزىۋاتقاندا  ئوتتۇرىغا نېمە چىقىدىغانلىقىنى بىلەمتى؟ نېمىلىكى بولمىسۇن بىر ئىنساننىڭ تالانتى يېزىش-سىزىشلىرىدا ياتىدۇ؛ ئەسلى قابىلىيىتى تاسادىپىي قىلمىشلىرىدا ياتىدۇ. قايسىمىز يېزىپ سىزغانلىرىمىزنى كونترول قىلالايمىز؟ بۇلار، ئىنسان كىشىلىكىنىڭ سىنارىيىسىدۇر، خۇددى ئاۋازىمىز ۋە يۈرۈشلىرىمىزگە ئوخشاش. ئەقلىڭىزدىن ھىچ چىقمايدىغاندەك كۆرۈنگەن ئۇ گۈزەللىكلەرگە كەلسەك، زامانىمىزنىڭ يېڭى ئىستېتىكى نۇقتىسىدىن «پەقەت سەت بولغاننىڭ گۈزەل ئىكەنلىكى»نى دېيىشىمىز مۈمكىن.
بىر ئەدەبىيات مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر دۆلەتنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر تەرزى بولۇشى، باشقا تۈرلۈك ئېيتساق بىر پۇرىقى بولۇشى كېرەك. بىر دۆلەتكە تۇنجى بارغىنىمىزدا تۇنجى ھىسىمىز نېمە بولۇشى مۈمكىن؟ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلچىمى بولغان پۇرىقىدۇر ۋە ئەدەبىياتىغا سىڭگىنىمۇ مانا شۇ پۇراقتۇر. خۇددى رابىئالسنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر فىرانسىيىسىدەك ۋە دون كىخوتنىڭ يېزىلغان ۋاقتىدىكىدەك پۇرىغىنىغا ئوخشاش، «يۇلىسېز»مۇ مېنىڭ زامانىمدىكى دۇبلىنغا ئوخشاش پۇرايدۇ.
ھىچقانداق بىر نەرسە بىر مىللەتنى ئۇرۇشقا ئوخشاش يېتىلدۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇرۇشتا ئىنسانلار تۇيۇقسىز ۋە شىددەت بىلەن يوقلۇققا ئىتتىرىلىدۇ. ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇرۇش شارائىتىدا ۋە ھەتتا ئەسكەر بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن.
بۇ ئەسەر «يۇلىسېز»دە ئېرلاندىيە نەسرىنى خەلقارا نادىر ئەسەرلەر سەۋىيىسىگە چىقىرىشقا ۋە ئېرلاندىيە تالانتىغا كەمكوتىسىز ۋەكىللىك قىلىشقا تىرىشتىم.... بىر ھۈنىرىمىز بار دېيىلسە، بۇ، تارتىنچاق بولماسلىقىمىزدۇر. بىر ئېرلاندىيەلىك ناھايىتى ئاز ئەھۋالدا ئەنئەنىلەرنىڭ سىزىقىدا ھەركەت قىلىدۇ؛ قىسىتلانماق (چەكلەنمەك) بىر ئېرلاندىيەلىكنى ھارغۇزۇدۇ. مەنمۇ تەبىئىي شەكىلدە، ئىلىم ھوقۇقى ئاساسلىرىغا قارشى، سەزگۈسەل بىر ئاساستا يېزىشقا تىرىشتىم. سەزگۈ، كىتاپنىڭ «تاپ»ىنى ۋە ئوخشىماسلىق        لىقلىرىنى بەلگىلىدى. سەزگۈسەل يېزىشتا كىشى تەخمىن قىلىنمىغان بىر يەرلەرگە بېرىشى مۈمكىن. چۈنكى بىلىم ھوقۇقى ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا مەنبەلىرى تېخىمۇ چوڭقۇردۇر. بىلىم مۈلۈكچىلىكى ئۇسۇلىدا ھەرنەرسە ئالدىن پىلانلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر ئۆينى تەسۋىرلىمەكچى بولغىنىڭىزدا ئۇ ئۆينى كەمكوتىسىز ھالدا خاتىرىلەشكە تىرىشىسىز. بۇ بولسا «گېزىتچىلىك» (مۇخبىرلىق)تۇر. پەقەت، سەزگۈسەل نۇقتىدىن ئىجاتكار بولغان بىر يازغۇچى ئۇ ئۆينىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، موھىم بولغان بىر دۇنيادا، سەزگۈلىرىمىزنىڭ دۇنياسىدا موھىم بىر ئىماگ يارىتىدۇ. ئەمەلىيەتكە قانچىلىك سادىق بولۇشقا ۋە چىنلىق تۇيغۇسى بېرىشكە تىرىشساق، موھىم بولغان نەرسىدىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىمىز. كىشىنىڭ يېزىقتا كىلاسسىك تەرزنىڭ تۇرغۇن مىزاجىنىڭ ئەكسىچە، روھ ھالى ۋە مەۋجۇت ھاياجانلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، ھەردايىم ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدۇغان بىر مەنزىرە يارىتىشى كېرەك... ماڭا كۆرە زامانىۋىي يازغۇچى ئالدى بىلەن تەۋەككۈلچى بولۇشى، ھەرتۈرلۈك خەتەرگە پىدائىي بولۇشى ۋە كېرەك تېپىلغاندا تىرىشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇشقا تەييار بولۇشى كېرەك. باشقا تۈرلۈك ئېيتقاندا، خەتەرلىك شەكىلدە يېزىشىمىز كېرەك.
مېنىڭچە بىر كىتاپ ئالدىن پىلانلانماسلىقى، كىشى كىتاپنى يېزىۋاتقاندا كىتاپنىڭ ئۆز ئۆزىدىن، ئىنسان كىشىلىكى داۋاملىق سەزگۈسەل تەلقىنلىرىگە مايىل ھاسىل بولۇشى كېرەك.
بىر يازغۇچىنىڭ مەخسىدى ئۆز زامانىسىدىكى ھاياتنى بايان قىلىشتۇر. مېنىڭ دۇبلىننى تاللىشىمنىڭ سەۋەبى، بۈگۈنكى ئېرلاندىيەنىڭ مەركەز نۇقتىسى، يۈرەك سوقۇشى بولغانلىقىدۇر. بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماق ساختا پوزىتسىيە بولغان بولاتتى.
«يۇلىسېز»نى يېزىۋاتقىچە سۆزلۈرۈم بىلەن دۇبلىننىڭ رەڭ ۋە ئاتموسفراسىنى بېرىشكە تىرىشتىم؛ دۇبلىننىڭ قاتقان ئەمما يەنىلا پارلىغان ئاتموسفراسى، خىيالىي تۈتۈنلىرى، پارچە پارچە قالايمىقانلىقى، قاۋاقلارنىڭ ھاۋاسى، ئىجتىمائىي تۇرغۇنلۇقى ... بۇلارنى پەقەت سۆزلىرىمنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن سۇنغىلى بولاتتى. مېنىڭ ئۈچۈن ئوي ۋە تېما بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىدەك موھىم ئەمەس. ھەرقانداق بىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ نىشانى سەزگۈلەرنىڭ سۇنۇلۇشىدۇر؛ ئىقتىدار — شۇ سەزگۈنى سۇنۇشنى بىلىش ھۈنىرىدۇر.
تەبىئەت بەك رومانتىك ئەمەس. ئۇنىڭغا رومانتزم يۈكلىگەن بىز، بۇ بولسا خاتا تۇتۇمدۇر، شەخسىيەتچىلىكتۇر بارلىق شەخسىيەتچىلىكتەك تۇتامسىزدۇر. «يۇلىسېز»دە ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇشقا تىرىشتىم. ئەلۋەتتە، يۇمۇرمۇ بار، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئورنى ئاساسەن تىراگىك بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇمۇرىستىك كۆرۈنۈشىمۇ مۈمكىن.بىر يازغۇچىنى، ئەسىرى مەنتىقىلىق لايىھىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتاغا چىقىرىش، مېنىڭچە، ئاجىز تەنقىتتۇر. چۈنكى سەنئەتنىڭ مەخسىدى ھەقىقەتنى بايان قىلماق ئەمەس، بىر سەزگۈنى سۇنماقتۇر. بۈگۈنگىچە يېزىلغان ئەڭ ياخشى كىتاپلارنىڭ بەزىلىرى مەنتىقىسىزدۇر.
ئەسلىدە زامانىۋىي ئېقىملارغا ئاساسلىنىپ قارالغاندا پۈتۈن سەنئەتلەر گويا مۇزىكىدىن  ئايرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەمەلىيەتكە قانچىلىك چىڭ باغلانسا، ئۆزىنى شۇنچىلىك چەكلەپ قويغان بولۇدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتنىڭ روھنى يۆنلەندۈرۈشى ئەمەس، روھنىڭ ئەمەلىيەتنى يۆنلەندۈرۈشىدۇر.
ھېمىڭۋاي ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش ئارىسىدىكى پەردىنى نېپىزلەتتى.

ئارتور پوۋېر: «بۈيۈك يازغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئالەمى» ناملىق كىتاپتىن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 09:53:25

komshaئەپەندى:
بۇ كىتاپنىڭ خەنچە نامىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟توردىن سېتىۋالدىڭىزمۇ؟
بولسا مانا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان،ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات نەزىرىيەلىرى
سۆزلەنگەن نوچى خەنچە كىتاپ بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 09:57:03

James Joyce ھەققىدە ئۇچۇر بەرسىڭىز؟ئەسەرلىرىدىن داڭلىقلىرى قايسىلار؟
يۇلىسېز_ «قېرىنداش كارامازوۋلار،--خەنچىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟مەزمۇنى قانداقراق،

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 11:31:10

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 09:57 static/image/common/back.gif
James Joyce ھەققىدە ئۇچۇر بەرسىڭىز؟ئەسەرلىرىدىن داڭلىقلىر ...

:尤利西斯  詹姆斯·乔伊斯
费奥多尔•陀思妥耶夫斯基: 卡拉马佐夫兄弟

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 14:13:31

داۋامىنى داۋاملىق ھە.
aypaltaئەپەندى سىز ئادەتتە تۈركچە رومان ۋە باشقا تۈركچى ياخشى كىتاپلارنى قانداق سېتىۋالىسىز؟
توردىن سېتىۋالغىلى بولسا ئادىرىسىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 14:25:26

ئالدىرىماي ئوقۇي

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 20:13:52

بۇ ئەسلى رومانچىلىق تېمىسىغا قوشۇلدىغان مەزمۇنكەنتۇق دەپ ئويلاپ قالدىم.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:22:26

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 09:53 static/image/common/back.gif
komshaئەپەندى:
بۇ كىتاپنىڭ خەنچە نامىنى قالدۇرۇپ قويسىڭى ...

مەن خەنچە نامىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەپسۇس.
بۇنداق تېمىلارغا قىزىقساڭلار كەلگۈسىدە داۋاملىق يوللۇشۇم مۈمكىن. مەن ھازىر «جېيمىس جويس _ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى» ناملىق بىئوگىرافىيەنى ئوقۇۋاتىمەن. كىرىش سۆزدىن قارىغاندا ھەر بىر ئەسىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، بەزى شىفىر\پارول كەبى بايانلارنىڭ يېشىملىرىمۇ باردەك قىلىدۇ. كىتاپ بەك چوڭ، پەقەت ئىزاھات قىسمىلا 120 بەت ئەتراپىدا كېلىدىكەن.
بۇندىن باشقا بۇ كىتاپنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بىر تەرجىمان «يۇلىسېز» سۆزلۈكى» ناملىق بىر كىتاپ يېزىپتىكەن، 570 بەت. جېيمىس «يۇلىسېز» ھەققىدە دېگەندەك، بۇ كىتاپقا سىڭدۈرۈلگەن بىلىم، تېپىشماق، مەسەل، ئەپسانە،... نىلەر شۇنچىلىك كۆپكەنكى، كېيىنكى يۈز يىللار بويىچە پروپپىسسورلار بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئاۋارە بولغۇدەك.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:28:23

قىزىقىمىز، ئاۋارىچىلىق دەپ قارىمىسىڭىزلا مۇھىم دەپ قارىغان قىسىملىرىنى بولسىمۇ  يوللاپ تۇرۇڭ. بۇنداق يازمىلار ئۆزى قىسقا بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە مەزمۇننى، تەجرىبىنى ئۆزىگە جۇغلىغان بولىدىكەن.  بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇق، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغۇچە بولسىمۇ مەلۇم ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:35:11

تۈركچىدىن پايدىلىنالايدىغان قېرىنداشلارغا چەكسىز بىر كىتاپ ئامبىرى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەردە مەزمۇن\تۈرلىرى بويىچە، يازغۇچىنىڭ ئىسمى بويىچە ئىزدىسىڭىز نېمە دېسىڭىز شۇ تېپىلىدۇ. كرېدىت كارد ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز پوچتىدىن ئەۋەتىدۇ. (بىلمەيمەن، سىلەرنى بەك ئاسراپ، زەھەرلىنىپ قېلىشىڭلاردىن ۋايىم يەپلا تۇرۇدۇغان مىھرىبان ھۆكۈمەت پوچتىدا بۇ يوللانمىنى توسۇپ قويامدۇ قانداق)
http://www.idefix.com/vitrin/
بىرەر تال سېتىۋېلىپ سىناپ باقارسىلەر.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:43:19

يەنە بىر گېپىم چالا قاپتۇ: «يۇلىسېز»نى خەنچە ئوقۇيمەن دەپ ئاۋە بولمىغايسىز. چۈنكى بۇ كىتاپنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگۈچىلىكتىن قارىغاندا خەنچىگە تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىمكانى يوق! پەقەت ئاساسىي مەزمۇن تەرجىمە قىلىنىشى مۈمكىن. چۈنكى، قوشۇمچىلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان نەرسىلەر خەنچە قانداق تەرجىمە قىلىنىدۇ؟ سۆزلەردىن ئون-يىگىرمىسىنى قوشۇپ يېزىش قاتارلىق غەلىتىلىكلەر بار، بۇنى خەنچە ئىپادە قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ تىل ئامىللىرى بار. يۇلىسېز 60 خىل تىلدىكى سۆز ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، خەنچە تەرجىمىسى ھىچنېمىگە ئوخشىماي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. خەن تىلى ئامورىف تىل تۈرىگە كىرىدۇ، بۇ دېگەنلىك ئىپتىدائىي دېگەنگە يېقىن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 23:45:49

بولىدۇ، لېكىن مەن خەنزۇچىنى بىلمەيمەن. ئەرەبچە ياكى تۈركچىسى ئۇچراپ قالسا كۆرۈپ باقىمەن. لېكىن، ئەرەبچىسىمۇ ئۇدۇل ئىپادىلىيەلىشى ناتايىن، چۈنكى ئەرەبلەرمۇ نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى بۇزۇۋېتىدۇ.

1kalwajan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 21:52:32

بۇ تېمىنىڭ قىزىقى تۈگەپ بولغاندەكقۇ؟ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. يېڭى قىزىققۇچى بولۇپ ئىنكاس يېزىپ قوياي.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 22:31:45

يولىشىسنى ئون نەچچە بەت ئوقۇپ تاشلاپ قويغىلى بىر يىل بولغان، داۋامىنى ئوقۇماسلىققا بەلەن بانادىن بىرنى تېپىپ بەردىڭىز.:lol:lol:lol:lol

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك تۇتۇم دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 11:14:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-15 11:18  

ئۇلىسىسنى پەرھادكام تەرجىمە قىلۋاتىدۇ.دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئېدىم .بۇ توغۇرلۇق خەۋەر بولسا بېرىڭلار.

خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ ياخشى ناھايىتى ياخشى چىققان، بولۇپمۇ تەرجىمىزار نەشىرىياتىنىڭ(译林)..ھەممىسىگە ئىزاھ بېرىپ ماڭغان.ئىنگىلىزچىىدىكى قوشۇپ يېزىلغان سۆزلەر، شۇنداقلا باشقا تىلدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئەسلىسى ۋە تەرجىمىسىگە ئىزاھ بېرىپ ماڭغان. تەرجىمە ھەقىقەتەن راۋرۇس قىلنغان. بىراق تەرجىمە قىلغۇچىلار ھەر ئىككىلىسى  بەك ئوقۇغانلار بولغاچقىمۇ «قارىدى»دېسمۇ بولىدىغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا«باقتى......»قاتارلىق خەنزۇچىدىكى مۇرەككەپ سۆزلەرنى ئىشلتىپ «پاساھەتلىك»قىلىپ قويغاندەك تۇيغۇ بەرگەن.بىر بەتتە بىرقانچە سۆزلەرگە لۇغەت ئىزدەپ ئاۋارە بولدۇم..... ئېست .....بىر ئاي ۋاقتىم.........ئاندىن ئىنگىلىزچە قاراقچى نۇسىخسىنى توردىن سېتىۋالدىم...تور نۇسخسىنى ئوقۇسام خەنزۇچىدىن بەكرەك چۈشنىدىغان چىراي...شۇڭا ئېنگىلىزچىسىنى سېتۋالدىم....كېلىۋاتىدۇ...چۈشنەلەرمەنمۇ ؟
راسلا، بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنسا بولاتتى..

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 11:27:16

جامىس جويسىنىڭ رومانلىرى توغۇرلۇق ئەيبىلەرشەرمۇ يوق ئەمەسكەن.تۆۋەندىكىسى شۇ تەنقىدلەرىن ئارىيە:
«ئۇلىسسىي»دا نېمە يېزىلغان :
  بۇلۇم ناشتا قىلىدۇ، ئاندىن بىر ئۆلۈم پەتىسگە قاتنىشىدۇ، ئاندىن دۇبلىنىنى ئايلىنىدۇ. سېتۋىن دېدالۇسنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوخشاش، ئىككەيلەن مەست بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ...

لېكىن بىز ئالدى بىلەن ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ باقساق بولاتتى...

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 11:34:36

بۇ رومان يېڭى چىققاندا سوت مەھكىمىسى شەھۋانى ئەسەر دەپ  ھۆكۇم قىلىپ 10-20 يل بېسشنى چەكلىۋەتكەندەك بىر ئىش باركەن،بۇنى تەرجىمە قىلغۇچى ئۆزىگە ئىش تاپماس ھە{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 12:18:46

ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ قايسى بىرسانىدا مۇشۇ ئاداش يازغان«ياتاقلىق مېھمانساراي» ناملىق پوۋېسىتىنى ئوقۇغاندەك قىلىمەن

1kalwajan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 23:50:13

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 22:31 static/image/common/back.gif
يولىشىسنى ئون نەچچە بەت ئوقۇپ تاشلاپ قويغىلى بىر يىل ب ...

تۇتۇم دېگەن پوزىتسىيە دېگەن رۇسچە سۆزنىڭ ئورنىغا ياسالغان سۆز ۋە بۇ سۆز تۈركچىدىن كەلگەن.

1kalwajan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 23:51:31

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 11:34 static/image/common/back.gif
بۇ رومان يېڭى چىققاندا سوت مەھكىمىسى شەھۋانى ئەسەر دەپ ...

بۇ ئەسەر ئاۋال فرانسىيىدە ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىرلاندىيىدە نەشىر قىلىنغان، ئەمما چەكلىنىشى شەھۋانىيلىقتىن ئەمەسقۇ دەيمەن.
بەت: [1] 2
: James Joyce نىڭ ئېيتقانلىرى