kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:03:21

[خەتلىك فىلىم] مەلىفىسېنت



فىلىم نامى: مەلىفىسېنت
ئېنگىلىزچە نامى: Maleficent
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: فانتازىيەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.3
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.5GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:37:50
رېژىسسور: Robert Stromberg
باش روللاردا: Angelina Jolie, Elle Fanning, Sharlto Copley

فىلىم ھەققىدە:
تېنىچ ۋە ئىناق مۇرىس مەملىكىتىدىكى كەڭرى كەتكەن ئورمانلىقتا، ھايۋاناتلار بىلەن پەرىزاتلار ئىناق-ئىجىل، غەم-ئەندىشىسىز ئۆتۈۋاتاتتى. ئاشۇ يىلى ئاق كۆڭۈل كىچىك پەرى قىز مەلىفىسېنت تاساددىپىي ھالدا ئىنسان بالىسى بولغان سىتېفېن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىككەيلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ ھەمدە مۇھاببەت دەرياسىغا غەرق بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سىتېفېننىڭ ئىلگىرىكى ساددىلىقى يوقاپ، نەپسانىيەتچى بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما مەلىفىسېنت بولسا سېھرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پەرىزاتقا ئايلىنىدۇ. ھاماقەت ئىنسانلار مۇرىس مەملىكىتىنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ بۇ يەرگە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، سىتېفېن شاھ تەختىگە ۋارىس بولۇش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىپ مەلىفىسېنتنىڭ قاناتلىرىنى كېسىۋالىدۇ.
روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولغان مەلىفىسېنت شۇنىڭدىن كېيىن، ئاداۋەت تۇتۇپ، ئۆچ ئېلىش كويىدىلا يۈرۈيدىغان رەھىمسىز بىر جادۇگەر ئايالغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ھەمدە قىساس ئېلىش ئۈچۈن سىتېفېننىڭ كىچىك قىزىغا قاتتىق ئۇيقۇ ئەپسۇنى ئوقۇۋېتىدۇ...

كەسمە رەسىملەر:

http://download.kowruk.cn/image/maleficent/01.png

http://download.kowruk.cn/image/maleficent/02.png

http://download.kowruk.cn/image/maleficent/03.png

http://download.kowruk.cn/image/maleficent/04.png

http://download.kowruk.cn/image/maleficent/05.png

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

قوشۇمچە:
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، تېرمىنالدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭشالدى، ئەلالاشتۇرۇلدى، تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:40:33

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:50:55

چۈشۈرۈش ئادرىسىدا خاتالىق بارمۇ قانداق ؟  چۈشمىدى ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:58:42

گۇمانلىق مەزمۇن بولغاچقا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:00:00

ھۈججەت نامىدا ئەرز قىلىنغان مەزمۇن بولغاچقا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىقىۋېلىپ چۈشۈرگىلى بولمىدى. ھۈججەت نامىنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.
您所选择的文件中含有被举报的文件,无法下载,请重新选择

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:02:23

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:05:16

ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم، قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:09:11

ئۆزگەرتىپ قويساممۇ ئوخشاش ئىكەن، فىلىم ھۆججىتىنى پىرىسلاپ قايتا چىقىرىپ قوياي.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:15:58

مەن چۇشۇرەي دىسەم  نورمالغۇ....ھە راس ھەممىڭلانىڭ كومپىيۇتىرىدا گوگولغا نورمال چىقىۋاتامدا بۇگۇندىن باشلاپ ..مىنىڭ نورماللىشىپ قاپتۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:17:55

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:15 static/image/common/back.gif
مەن چۇشۇرەي دىسەم  نورمالغۇ....ھە راس ھەممىڭلانىڭ كومپى ...

سىزنىڭ نورمال چۈشۈۋاتامدۇ؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:21:50

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:17 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ نورمال چۈشۈۋاتامدۇ؟

ھوي  نىمىش  بوپ كەتتى ،بىردەمدە ئۆزگىرەپ قالدىغۇ:Q  بايا نورمال تۇرىتتى،

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:28:07

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:09 static/image/common/back.gif
ئۆزگەرتىپ قويساممۇ ئوخشاش ئىكەن، فىلىم ھۆججىتىنى پىرى ...

گەپ Maleficent دېگەن ئىسىمدا. ئۇ ئىسىم يەنە شۇ پېتى تۇردىغۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:42:51

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:28 static/image/common/back.gif
گەپ Maleficent دېگەن ئىسىمدا. ئۇ ئىسىم يەنە شۇ پېتى تۇردىغۇ ...

ھەئە، مەن ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىسىمى بويىچىلا چىقىرىپ ساپتىمەن، ھۆججەت ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم، ئۆزگەرتىپ قايتا چىقىرىپمۇ باقتىم، يەنە ئوخشاش، ھازىر پىرىسلاپ قايتا چىقىرىۋاتىمەن.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:13:46

مەنغۇ تېخى بۇ فىلىمنى كۆرگۈچى بولمىدىم ، كىنونىڭ ئىسمىMaleficent ئادەمنىڭ  ئىسمىمۇ؟
لۇغەت ئاختۇرسام  Maleficent دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زىيانلىق، جىنايەتلىك دېگەن مەنىلەردە كېلىدىكەن
دېسنىي شىركىتى ئىشلىگەن ئۇيقۇدىكى ساھبىپجامال چۆچىكىدىكى جادۇگەرنىڭ ئىسمى قىلىپمۇ تىلغا ئېلىنىپتۇ

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:17:36

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:42 static/image/common/back.gif
ھەئە، مەن ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىسىمى بويىچىلا چىقىرىپ س ...

ھازىر نورمال چۈشۈۋاتىدۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:34:46

بۇ فىلىمنى نەچچە كۇن بۇرۇن كۆردۇم ھەقىقەتەن ياخشى ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپتۇ.
ئەسلى جادۇرگەر ئايال ئەمەس،دۇنيادا راستىنلا مەخسەتسىز بىر ئىش بولامدۇ،مەلىكىنى بىكاردىنلا ئەپسۇنلاپ قويامدۇ بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار.ئۇنى بىر كۆرۇپ ئاشىق بولغان يىگىتنىڭ سۆيگىنى ھەقىقىي ئەمەس بەلكى چىن كۆڭلىدىن بىرېلگەن مۇھەببەت ھەققىي.
ئانجىلىنا راستىنلا بەك گۇزەل چىقىپتۇ.
ئەسلى ئۇ جادۇگەر ئەمەس بەلكى ئۇچالايدىغان ھۆرىقىز ئىدى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:34:55

pervaz يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 22:13 static/image/common/back.gif
مەنغۇ تېخى بۇ فىلىمنى كۆرگۈچى بولمىدىم ، كىنونىڭ ئىسمى ...

شۇنداق ئۇ فىلىمدىكى باش پېرسۇناژنىڭ ئىسمى، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دېگەن ھېكايدىكى جادۇگەر ئايال شۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:42:10

مەن ھەممىنى دىسەم فىلىمنىڭ مەززىسى بولمايدۇ.
ئىشقىلىپ ناھايىتى ئېسىل فىلىم تەرجىمە قىلىپسىز.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 23:15:01

مەن ، دايىم كىنونىڭ ئىچىدىكى قىزلارغا كۆيۇپ يۇرۇيمەن {:99:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 23:43:44

شۇم خەۋەر دەيدىغان بولدۇم ... مىنىكىىدە  قاچالانمىدى ، ئاستىدىكى ئۇقتۇرۇش  سسىتونىدا  پەيدا بۇلدۇ ئەمما  ئىككراندا  كۆۋرۈكنى قاچلاشنى ئەسكەرتدىغان ھىچنىمە  يوق ... سەل تۇرۇپ پەيدا بۇلا  دەپ سىيىپ چىقسام يەنە  يوق ...


ۋىن 8.1  ، ئەڭ يېڭى ھالەتتە  ، قايسى كۈنى كەپلا  يېڭلانمىسنى چۈشرۈپ قاچىلۋالغان ...


ئۇيغرچە راس تىلى ...
بەت: [1] 2 3 4
: [خەتلىك فىلىم] مەلىفىسېنت