sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 16:50:46

سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-12 16:55  

بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى تېما: چىچەن سائەت
بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى تېما سارۋان بىلوگىغا داۋاملىق يوللىنىدۇ.

-سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟
-ياق، كەلمىدى.
بۇ يەردىكى سائەت ئەقلىي قول سائەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىلي قول سائەت ئىنگىلىزچىدا smartwatch دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئۇيغۇرچىدا ئەقلىي قول سائەت، چىچەن قول سائەت ياكى چىچەن سائەت دىيىش مۇۋاپىق. مەن ئاتاشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن چىچەن سائەت دەپ تۇراي.
چىچەن سائەت ئۇ نۇقۇل سائەت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ تاقالما كومپيۇتېرغا تەۋە. ئۇنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسدا ئىجرا بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىجرا بولىدىغان ئەپلىرى بولىدۇ. كۆپۈنچىلىرى يانفونغا قوشۇمچە ئۈسكۈنە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. سائەت ئىقتىدارىدىن باشقا يانفوندىكى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، تېلېفۇنغا جاۋاب قايتۇرۇش، كالېندار، ھىساپلىغۇچ، ھاۋارايى … قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولىدۇ. چىچەن سائەتلەرگە يەنە گىرىسكوپ، تىزلەتكۈچ، تېرمومېتىر، بارومېتېر، GPS، كامېرا، كومپاس، تومۇر سوقۇشنى سىزىش سىنزورى، مىكرافون، كاناي قاتارلىق سىنزور، ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولىدۇ. كۆكچىش، سىمسىز تور ياكى تىلگىراف تورلىرىنى قوللايدۇ.

چىچەن سائەتلەرنىڭ تارىخىنى سېلىشتۇرساق خېلى ئۇزاق زامانلاردىن سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن. casio باشچىلىقىدىكى ئەنئەنىۋىي سائەت ياساش كارخانىلىرى بۇرۇندىنلا ھىساپلىغۇچىسى بار، ئادرىس دەپتىرى بار، تىزگىنەك قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سائەتلەرنى ياسىغان. ئۇندىن باشقا بەزى شىركەتلەرمۇ ئاندا- ساندا چىچەن سائەتلەرنى ياسىغان. ئەمما ئومۇمىي يۈزلىنىش بولالمىغان.
يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان چىچەن سائەتلەر يامغۇردىن كىيىن ئۈنۈپ چىققان ئىشەك مەدىكىدەك كۆپىيىپ كەتتى. گەرچە ھېچقانداق بىر شىركەت چىچەن سائەتتىن ئالاھىيدە پايدا تېپىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى ئىستىقباللىق بىر كەسىپتە كەينىدە قېلىشنى خالىماي ئۆزلىرىنىڭ «چىچەن سائەت» لىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ چىچەن سائەتلەردىن سونىي شىركىتىنىڭ 2-3 يۈرۈش چىچەن سائەتلىرىنى، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Gear نامىدىكى 3-4 يۈرۈش سائەتلىرىنى، يېڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياساپ بازارغا سالغان كاربون ئىكرانلىق pebble سائەتلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

بىز بىلىمىز تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، يانفون… دېگەندەك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۆلچىمى شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭا بىز بۇلارنى سېتىۋالماقچى بولساق ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى، باھاسى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ مەلۇم ماركا، مەلۇم تىپتىكى مەھسۇلاتنى تاللاپ سېتىۋالىمىز. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ئۆز دائىرسىدە ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت سەپلىمە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.
ئەمما چىچەن سائەتكە كەلسەك بۇ بىر يېڭى مەھسۇلات. چىچەن سائەتتە زادى قانداق ئىقتىدارلار بولىشى كېرەك. ئىنسانلار زادى چىچەن سائەتكە ئىھتىياجلىقمۇ، ئۇنىڭ زادى ئادەملەرنى مەھلىيا قىلىدىغان قانداق تەرىپى بار؟ بۇلار تېخى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ھازىر بازاردىكى مەھسۇلاتلارنى «چىچەن سائەت» نوقتىسىدا تۇرۇپ سېلىشتۇرۇشمۇ بىر مەسىلە.
خوش. ئەمدى مەن نىمىشقا سائەت تاقايدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى دىيىشىمنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
1. مەن داۋاملىق سائەتكە توك قاچىلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. ھازىر مەيلى مىخانىكلىق سائەت بولسۇن ياكى ئېلېكتىرونلۇق سائەت بولسۇن «سائىتىم توختاپ قاپتۇ» دېگەن گەپ بىز ئاڭلىمايدىغان گەپ. كۇۋارتىس سائەتلەرنىڭ توكىمۇ كەمىدە بىر يىل يىتىدۇ. كۈنىگە بىر قېتىم ئاچقۇچ بۇرايدىغان ئىشمۇ يېقىن ھىساپلىغاندا 30 يىل بۇرۇنقى ئىش. ھازىرقى مىخانىكىلىق قول سائەتلەرمۇ ئادەمنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ماڭىدۇ. يەنە بىر قىسىم قوياش ئىنىرگىيەلىك سائەتلەرنىڭ توكى 10 يىللارغىچە تۈگىمەيدۇ. ئەمدى چىچەن سائەت تاقىدىم دەپ يېرىم يىل، بىر ئاي ئەمەس ھەر كۈنى سائەتكە توك قاچىلايمەن دەپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. قولۇمدا سائەت، بىرسى «سائىتىڭىز قانچە بولدى» دىسە، «سائىتىمنىڭ توكى يوق» دىيىشنى تېخىمۇ خالىمايمەن. قاقچىلىك كىلىدىغان سائەتكە ئۆزىدىن يۇغان زەرەتلىگۈچ، بىر غۇلاچ سىم كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىمۇ خالىمايمەن. مانا بۇ مىنىڭ قوسۇغى تويمايدىغان، ئاسما ئۇكۇل ئاسمىسا ماڭمايدىغان سائەتنى ئالماسلىقىمدىكى بىرىنچى سەۋەب.
2. ھازىرقى چىچەن سائەتلەر يانفوننىڭ قوشۇمچە ئۈسكۈنىسى، مۇستەقىل ئۈسكۈنە ئەمەس. چىچەن سائەتنىڭ سىزنى جەلىپ قىلىدىغان ئىقتىدارى ئۇنىڭ سائەت ئىقتىدارى ياكى ئۇنىڭ سائەت بولغانلىقى ئەمەس. ئۇنىڭدىكى ئىقتىدارلار. ئەمما ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلار ياكى مەزمۇنلار سىزنىڭ يانفونىڭىزدىن كىلىدۇ. يېنىڭىزدا يانفون بولمىسا سائىتىڭىزگە ئۇچۇر كەلمەيدۇ، تېلېفونمۇ كەلمەيدۇ. قەدەم سانى، يۈرەك سوقۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ گەرچە سائەتتىكى سىنزور ئارقىلىق ھىساپلانمىسمۇ ئەمما يىغىلغان ئۇچۇرلار يانفوندا ساقلىنىدۇ. ناۋادا يانفون بولمىسا چىچەن سائەتنىڭ تور ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلىدۇ.
3. ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن. ھازىرقى چىچەن سائەتلەرنى ئاساسەن يانفون كارخانىلىرى ياساۋاتىدۇ. مەسىلەن: سوني، ئالما، ئەلجى، سامسۇڭ قاتارلىقلار. شۇنداقلا بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يانفونلىرىغا باغلاۋاتىدۇ. دېمەك مەن مەلۇم بىر چىچەن سائەتنى ئالسام ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنە شۇلارنىڭ تېلېفۇنىنى ئېلىشىم كېرەك. مەن بۇنداق «ئىشەككە مۈشۈكنى قوشۇپ سات»ىدىغان سودىنىڭ خىرىدارى بولۇشنى خالىمايمەن. مەن يانفون ئالسام مەلۇم ماركا ئىچىدىن ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق يانفونلار ئىچىدىن تاللاپ ئالالىشىم كېرەك.
4. سائەتلەرنىڭ باھاسى قىممەت. ئىشلىتىش دەۋرى قىسقا. مودا يانفونلارنىڭ قانداق يېڭىلىنىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. ئالمىمۇ يىلىغا بىر قېتىم يانفونىنىڭ يېڭى نەشرىنى چىقىرىدۇ. سامسۇڭ بولسا ئالتە ئايدا بىر يېڭىلاۋاتىدۇ. گۇگۇلنىڭ Nexus يۈرۈشلۈك يانفونلىرىمۇ يىلىغا بىر دىگۈدەك چىقىۋاتىدۇ. بەزى سىتاستىكىلاردا ئەقلىي يانفونلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى 8 ئاي بولىۋېتىپتۇ. چىچەن سائەتلەرمۇ مۇشۇنداق نەرسە. سونىي سائىتىنى بىر يىلدا 3 قېتىم يېڭىلاپ بولدى. سامسۇڭمۇ ئۈچ قېتىمدا ئالتە سائەت چىقىرىپ بولدى. ئالمىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بۇنداق پۇرچىقى پىشمىغان سائەت تېخىمۇ شۇنداق. بۇ يىل بىر سائەت ئالسام كىلەر يىلى تېخىمۇ ياخشىراق بىرسىنى ئېلىشىم كېرەك. بولمىسا قۇلۇمدىكى مودىدىن قالىدۇ. ياكى ئىچىگە سۇ كىرىپ كىتىدۇ. ئەمما ئەنئەنىۋىي سائەتلەرنىڭ بىر قەدەر نامى بار ماركىلىقلىرىنى ئالساق 5-10 يىل گەپ يوق تاقىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدا مودىدىن قالىدىغان ئىشمۇ يوق. قىممىتىمۇ ئالدىراپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
5. ئاساسىي ئېقىم بولالمايدۇ. چىچەن سائەتلەر تېخى پەيدا بولۇش، مۇكەممەللىشى باسقۇچىدا. سىرىتقى شەكلى، كۆرۈنىشى مۇقىملاشمىدى. سىرتقى شەكلى ئاساسى ئېقىمدىكى سائەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. MOTO 360 دىگەنگە ئوخشاش ئاز بىر قىسىم سائەتلەر ئادەمگە سائەت تاقىغاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم سائەتلەر ئادەمگە ئويۇنچۇق تاقىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ھەم ئۇنى تويدا كاستىيوم بىلەن، ئېتىز بېشىدا كەتمەن بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تاقىيالىشىڭىز ناتايىن.
6. بەزى ئىقتىدارلىرى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلسىمۇ لىكىن ئۈنۈمسىز. بەلكىم چىچەن سائەتنىڭ قەدىمىڭىزنى ساناپ بىرىشى، سەرپ قىلغان ئىسسىلىق (كالورىيە)ىڭىزنى ھىساپلاپ بىرىشى، يۈرەك سوقۇشىڭىزنى خاتىرلەپ بىرىشى سىزنى قىززىقتۇرىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ ئايدىڭ بولسۇنكى بۇ ئۇچۇرلارنى سىز دوختۇرغا كۆرسىتىپ مەسلەھەت ئالالمايسىز(دوختۇرخانىغا بارسىڭىز يەنە 100 يۈەن تۆلەپ ئېلېكتىرو كارتوگراممىنىڭ مۇزدەك سىمىنى كۆكسىڭىزگە چاپلايسىز). ئۆزىڭىز كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشۈنەلمەيسىز. مەسىلەن سىز يۈرەك سوقۇش ئۇچۇرىڭىزغا قاراپ نىمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلەلمەيسىز. بەلكىم بۇ ئۇچۇرلار كەلگۈسىدە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستېمىلىرى سائىتىڭىزگە ئۇلىنىپ ئاپتۇماتىك مەسلەھەت بىرەلەيدىغان زامانلار كەلگەندە ئاندىن ئۈنىمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دېمەك چىچەن سەئەتلەر ھازىرچە تېخى مۇكەممەللەشمىگەن، ئاساسىي ئېقىمغا كىرمەيدىغان، يېڭىلىنىش دەۋرىيلىكى بىر قەدەر تىز مەھسۇلات.
مىنىڭ بۇلارنى يېزىشىم سىزنىڭ چىچەن سائەت ئېلىش ياكى ئالماسلىق قارارىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىش ئەمەس. پەقەت نۆۋەتتىكى چىچەن سائەتلەرنىڭ قانداقراق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى.

ناۋادا بىر كۈنلەردە مىنىڭ قولۇمدا چىچەن سائەت كۆرۈپ قالساڭلار يازغىنىغا ئەمەل قىلماپتۇ دەپ قالماڭلار. ئۇ مىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالغانلىقىمنى بىلدۈرىشى ناتايىن. ئۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.
1. مەن بىر پىروگراممىر. يېڭى – يېڭى نەرسىلەرگە پىروگرامما تۈزۈشنى ياقتۇرىمەن. بەلكىم چىچەن سائەتكە پروگرامما تۈزۈپ بېقىش ئۈچۈن ئالغان سىناق ئۈسكۈنە بولىشى مۇمكىن.
2. چىچەن سائەت ئالماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرگە مەسلەھەت بىرىش ئۈچۈن ئۆزۈم ئالدىن سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئالغان بولۇشۇم مۇمكىن.
3. بىرەر دوستوم سوۋغا قىلغان بولىشى مۇمكىن. مەن باشقىلارنىڭ بۇنداق ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلالمايمەن. ئەلۋەتتە بىرىلگەن سوۋغاتنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىمەن.
لەتىپە: ئېشەككە مۈشۈكنى قوشۇپ سېتىش
ئەپەندىمنىڭ ئىشىكى يۈتۈپ كىتىپتۇ. نەچچە كۈن ئىزدەپ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم: «ناۋادا ئېشىكىم تېپىلىپ قالسا بىر تەڭگىگە سېتىۋىتىمەن!» دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشكى ئەتىسىلا تېپىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر «ئەپەندىم، ئەمدى ۋەدىڭىزدە تۇرمىسىڭىز سەت بولىدۇ.» دىيىشىپ ئەپەندىمنى ئېشىكىنى سېتىشقا قىستاپتۇ. ئەپەندىم بازار كۈنى ئېشىكىنى بازارغا ئاپىرىپتۇ. ئېشەكنىڭ بوينىغا بىر مۈشۈكنى باغلاپتۇ ۋە خىرىدار چاقىرىپ دەپتۇ: «ئېشەك ساتىمەن، ئېشەك! ئېشەك بىر تەڭگە، مۈشۈك 99 تەڭگە. ئەمما ئېشەكنى ئالغان ئادەم مۈشۈكنىمۇ بىللە ئېلىشى شەرت!»

بۇ تېمىنىڭ ئەسلى ئادرىسى: سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:05:13

قاچانمۇ سائەت تاقاشتىن ھالقىپ سائەت ياسايدىغان بولامىز-ھە...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:06:05

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:09:01

ئەمەلىيەتتە ‹‹ كارتون فىلىم مىم ›› دىكى دەۋىر ئەمدى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ قول سائىتىنىڭ تىز سۈرئەتتە قارىشى تەرەپ بىلەن سۈرەتلىك ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە باغلىقتە.

بولمىسا مۇشۇ تاپتا بەكلا سىتىۋالغۇم بار مىنىڭ. بەك پەيزىكەن ئالمىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق سائىتى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:12:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-12 23:14  

مەن گۇما ناھىيسىدىن  25 يۈەنگە لىيەنشىياڭ ماركىلىق مائۇستى بىرنى سىتىۋالسام، كومپىيۇتىرغا چاتسام پەقەت ئىنكاس يوق، ھەم مائۇسنى تۇتۇپ باقسام، قولۇم بىر يەرگە ئىلىنىپ قالغاندەك قىلىپ، پەقەتلا ئىشلىتەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپنىڭ ئىچىگە تىقىۋىتىپ، يەنىلا كونىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
پۇلنى دەپ مۇشۇنداق ناچار لىيەنشىياڭ ماركىلىق مائۇسنىمۇ ساتامدۇ دەيمەن. لىيەنشىياڭ دەپ يىزىقلىق بولغىنى بىلەن ئىنتايىن سۈپەتسىز ھەم كومپىيۇتىرغا چاتسام توك ئۆتەپ، ماڭمايدىغان چىقىپ قالدى.


توردىن ياخشىراق لىيەنشىياڭ ماركىلىق ھەقىقىي مەھسۇلات ھىساپلىنىدىغان مائۇستىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار!
خەنزۇچە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا، مائۇسنىڭ پارامىتىرلىرىنى تازا ئىنىق چۈشىنىپ كىتەلمىدىم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:13:11

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:06 static/image/common/back.gif


ناۋادا مۆرىڭىزنىڭ ئۈستىنى ئادەمگە ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بايامقىدەك ‹ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ› يۈرمەس بولار ئدىڭىز-ھە  (قۇرۇق يوللىغان ئنكاسىڭىزغا چاخچاق).

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:25:54

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:13 static/image/common/back.gif
ناۋادا مۆرىڭىزنىڭ ئۈستىنى ئادەمگە ئالماشتۇرىۋالسىڭى ...

قولىدا توتۇپ تۇرغان پىچىقىنىڭ ئۆزى بىر ئىنكاس

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:29:29

ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان ئالماسائەت (Apple Watch) نىڭ ئېلانىنى كۆرمىدىڭلارمۇ ؟ ھېچكىم بۇ يېڭىلىقلار توغىرلىق نەرسە يوللىماپتۇ.. ئۆزەم يوللىمىسام خەپ ..

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:30:55

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:12 static/image/common/back.gif
مەن گۇما ناھىيسىدىن  25 يۈەنگە لىيەنشىياڭ ماركىلىق مائۇ ...

http://s.taobao.com/search?q=%C1%AA%CF%EB%CA%F3%B1%EA&commend=all&ssid=s5-e&search_type=item&sourceId=tb.index&spm=1.7274553.1997520841.1&initiative_id=tbindexz_20140912   ھەممىسى چاشقىنەك

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:33:32

رەسىملىرىدىن بولسىمۇ ھوزرۇلانغاچ تۇرۇڭلار ئاۋۋال


قالغىنىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاي

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:36:11

alwun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:37:46

ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان ئالماسائەت (Apple Watch) نىڭ ئېلانىنى كۆرمىدىڭلارمۇ ؟ ھېچكىم بۇ يېڭىلىقلار توغىرلىق نەرسە يوللىماپتۇ.. ئۆزەم يوللىمىسام خەپ ..

ئالما سائەتنىڭمۇ گىپىكەن مۇشۇ شۇ!

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:38:35

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:12 static/image/common/back.gif
مەن گۇما ناھىيسىدىن  25 يۈەنگە لىيەنشىياڭ ماركىلىق مائۇ ...

ماڭمايدىغان چىقىپ قالدى.
مائۇسنىڭ ماڭىدىغان پۇتى يوق، شۇڭا ماڭمايدۇ. ئۈستىدىكى چاقىغا قاراپ ماڭامدىكى ئويلىغان بولسىڭىز خاتا ئويلاپسىز، ئۇ چاقى مېڭىشقا ئەمەس سىلاپ چۆرگىلىتىشكە ئىشلىتىلدۇ...:lol

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:51:51

مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت دىگەن نەرسىگە پەقەت قزىقمىدىم دېسە. سائەت دىگەن پەقەت ۋاقتىنى كۆرسۈتۈپ بەرسىلا بولدى. ئەقىلىي ئىقتىدارلىق بولغاندىكىن ئۇنىڭ توك سەرپىياتى يۇقۇرى دىگەن گەپ . ئۇنى كۈندە زەرەتلەپ تۇرۇش بەكلا ئاۋارچىلىق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەممىلا ئادەمدە دىگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارلق يانفۇن بار شۇنداق بولغانىدىن كىيىن بۇنداق سائەتكە كىشلەرنىڭ ئانچە ھاجىتى چۈشمەسلىكى مۇمكىن.  يەنىلا مىنىڭ سېيكو ماركىلىق ئاپتۇماتىك مېخاينىك سائىتىم ھەممدىن نوچى، ماي يەڭگۈشلىمەيمەن، زەرەتلىمەيمەن، بۇرىمايمەن پەقەت قۇلۇمغا تاقۋالساملا ھاردىم تالدىم دىمەي مېڭىۋېرىدۇ.{:87:}

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:26:52

turan83 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت دىگەن نەرسىگە پەقەت قزى ...

ھازىر تېخى باشلىنىشى بۇ ئىشلارنىڭ ...
خۇددى ئەينى ۋاقىتتا كومپيوتېر، رەسىم ئاپىراتى ، تېلېفون ، مۇزىكا قويغۇچ دېگەن نەرسىلەر ئايرىم -ئايرىم بار تۇرسىمۇ ، سىتىۋ جوبىز كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئايفونغا تورغا چىقىدىغان ، رەسىم تارتىدىغان ، كالىندار دېگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قېتىپ زاۋۇتتا ئىشلەپ پۈتۈن دۇنيانىڭ تېلېفونغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتكەندەك ئىش..
ئالدىرىماي يەنە 2-3 يىل تەرەققى قىلغاندىكىن ئاستا مىخانىك سائەتلەر تارىخقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، خۇددى ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى نوكىيا تېلېفونلار كىلاسسىك بىر تارىخقا ئايلىنىپ كەتكىنىدەك ..
چېنىقىش ، ساياھەت ، خىزمەت، ئوزۇقلۇنۇشقا ئېتىبار بېرىدىغان بىر ئەۋلات كىشىلەرگە يېڭى بىر مەسھۇلات بوپ قېلىشى مۇمكىن ...
بۇ يېڭى ئۇقۇمدىكى سائەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بوپ قويساق ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ !

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 22:33:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-12 22:58  

ئەگەر يەنىلا سائەتنى قەدىرلەپ، ۋاقىتنى قەدىرلىمەيدىغان بولساق...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 23:47:59

ئەقلى بىلەيزۈك چىقىۋاتقان چېغۋا  ... خۇۋاۋېي دىگەن تاز  نەچچە  يۈز سومغا  بىرنى بازارغا سالسا ،

شىياۋ مى 78 سومغا ياسايمە دەپ ژۈرۈيدۇ ... خەق سائەتنى كۆرستۋەتكەن بولسا غۇلغۇلا قىپ ژۈردۇ

智能手环دەپ بەيدۇلاپ باق....{:90:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 19:35:43

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 23:38 static/image/common/back.gif
مائۇسنىڭ ماڭىدىغان پۇتى يوق، شۇڭا ماڭمايدۇ. ئۈستىدىك ...

ئالىپ ئەپەندىم: سىز سىلاپ چۆرگىلىتىشكە ناھايىتى ئامراق ئوخشىمامسىز؟{:92:}{:92:}{:92:}

مەن سىتىۋالغىنى خۇدا ھەققى ساختا مائۇسكەن، راسلا، ياپتا گەپنى ئاز قىلىپ، گەپنىڭ ئۇرامىغا جاۋاب بەرسىلە؟


ىسلە گۇمىلىقمۇ؟ ساپلا مىنىڭ ئىنكاسىمغا پۇتلىشىپ يۈرۈيسىلە؟
بۇرۇن يوللىغان تىمامدىمۇ تازا چىشىمغا تەگگۈدەك ئىنكاستىن بىرنى يازغان ئىدىڭلا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 19:38:55

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 23:30 static/image/common/back.gif
http://s.taobao.com/search?q=%C1%AA%CF%EB%CA%F3%B1%EA&commend=all&ssid=s5-e&search_type=item&sourc ...


1200dpi  
1600dpi  
2000dpi
  
2400dpi

چاشقىنەكنىڭ مۇنۇ تۇرلىرى ئىچىدە، قايسىسى ئەڭ ياخشى. ھەپتە بۇرۇن سىتىۋالغىنىم، چوقوم كومپىيۇتىرىمغا ماسلاشمىغان چىغى.
راس گەپ قىلسام ئالغىنىم جا مائۇس ئىكەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 19:53:39

ئەقلى ئۈزۈكمۇ بەركەن تېىخى ...


كىيىن يەنە  ئەقلى ھالقا  ، ئەقلى كەمەر  ، ئەقلى چاپان ، ئەقلى كۇسار  ...

ئۇھ ....

تىلفۇننىڭ راداتسىيەسىدىن ئەنسرەۋاتقانندا كىيىن ھەممە نىمىمىز ئەقلىلىشىپ كىتەمدۇ نىمە {:136:}
بەت: [1] 2
: سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟