dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 16:36:55

ئېغىر ئات ھارۋىسى

ئېغىر ئات ھارۋىسى
شۈ لىشىن
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

    گېگىل گېرمانىيە تارىخىدىكى ئاتاقلىق بىر سىياسىي پەيلاسوپ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پەلسەپە ئىلمى نەزەرىيەسىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشىنىش قىيىن بولغاچقا، بەزى كىشىلەر چۈشىنەلمەي كەلگەن. شۇڭا ئۇ دائىم بەزى مۇلاھىزىچى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ قارا سانىشىپ بەرگەن زەربىسى ۋە پىلانلىق تەنقىدىگە ئۇچراپ تۇرغان. گېگىل ئاساسەن قايتۇرما زەربە بەرمىگەن، ھەتتا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپمۇ قويمىغان، زەربە بەرگەنلەرنى كۆرگەندە ئەدەپلىك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، قىلچىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلمىغان. بۇلارنى ئۇنىڭغا چوقۇنغۇچىلار چۈشەنمەي يۈرگەن.  
    بىر قېتىملىق يىغىلىشتا گېگىلغا چوقۇنىدىغان بىرەيلەن مۇنداق دەپ سوراپتۇ:
    ـــ سىز كەمتەرلىكنى قانداق ئۆگىنىۋالدىڭىز، سىزگە زەربە بەرگەنلەرنى باشتىن-ئاياغ ئەيىپكە بۇيرۇمايدىكەنسىز؟
    گېگىل كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
    ـــ مەن دادامغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، ئۇ ماڭا ئادەم بولۇشتا تەبىئىي بولۇشنى ئۆگەتكەن، ـــ دەپتۇ-دە، ئارقىدىنلا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
    ئۇ كىچىك ۋاقتىدا، بىر كۈنى دادىسى ئۇنى باشلاپ يول بويىدىكى بىر ئورمانلىقتا ئايلاندۇرۇپتۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپتۇ. ئارىلىقتا دادىسى ئۇنىڭدىن تۇيۇقسىزلا:
    ـــ سەن قۇرۇت ۋە قۇڭغۇزنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازىدىن باشقا، يەنە قانداق ئاۋازلارنى ئاڭلىدىڭ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گېگىل قەدەملىرىنى دەرھال توختىتىپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ-دە، ئاندىن دادىسىغا:
    ـــ بىر ئات ھارۋىسىنىڭ ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئۇ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، ـــ دەپتۇ.
    دادىسى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش لىڭشىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:"
    ـــ توغرا، ئۇ بىر ئات ھارۋىسى بولۇپ، يېنىك ۋە ئەركىن مېڭىۋاتىدۇ.
    گېگىل ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ:
    ـــ سىز بىر قۇرۇق ئات ھارۋىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىۋالدىڭىز، ئات ھارۋىسىغا يۈك بېسىلغانغۇ دەيمەن.
    دادىسى كۈلۈمسىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:  
    ـــ ئەگەر ئىشەنمىسەڭ، ئۇنداقتا بىز ساقلاپ تۇرايلى.
    دادا-بالا ئىككەيلەن ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپ ساقلاپتۇ، بىراق گېگىل يەنىلا قايىل بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي دەرۋەقە بىر قۇرۇق ئات ھارۋىسى كەپتۇ، بىراق ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ھېچنىمە يوق ئىكەن.
    گېگىل ناھايىتى يىراق جايدىن كېلىۋاتقان ئات ھارۋىسىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان دادىسىنىڭ بەك ئۇلۇغ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا قالتىس ئىش ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاسانلىقىنى ئېيتىپتۇ:
    ـــ ئات ھارۋىسى يولدا قۇرۇق ماڭغاندا ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋاز ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇنچە يىراقتىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئۇ ئەركىن يول يۈرىدۇ، بىراق يۈك بېسىلغان ئات ھارۋىسىنىڭ يول يۈرۈشى ناھايىتى تىنچ ۋە سالماق بولىدۇ، ئالدىڭغا كەلگەندە ئاسانلا بايقىيالايسەن، ئادەممۇ شۇنداق بولىدۇ.;
    ھېكايە سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گېگىل:
    ـــ سىزنىڭ سۆزىڭىز ماڭا بەك تەسىر قالدۇردى، ـــ دەپ تولۇقلاپ قويۇپتۇ.
    ـــ مەن ھەر قېتىم باشقىلارنى تەنقىدلىمەكچى بولغاندا ياكى قارشى تەرەپنىڭ ماڭا بەرگەن زەربىسىگە رەددىيە بەرمەكچى بولغاندا، مەن دادامنىڭ ئەشۇ سۆزىنى ئېسىمگە ئېلىپ تىنچلىنىپ قالىمەن، چۈنكى مەن ئاۋازى ناھايىتى يوغان قۇرۇق ئات ھارۋىسى بولماستىن، بەلكى يۈك باسقان ئات ھارۋىسى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، ـــ دەپتۇ.
    باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدىگەندە، باشقىلارنى ئەيىبلەشنى قانچە ياخشى كۆرگەندە، شۇنچە يېنىك ئەركىن بولغىلى بولىدۇ، بىراق بۇنداق كىشىلەر كۆڭلىدە ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بار كىشىلەر ئەمەس. ھەقىقىي ماھارىتى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى بار كىشىلەرلا ھەمىشە تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر، سۈكۈت قىلالايدىغان كىشىلەر ۋە كەڭ قوساق كىشىلەردۇر.
    ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2013-يىل 28-مايدىكى سانىنىڭ 23–بېتىدىن تەرجىمە

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:11:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

جەۋھىرى بىزنىڭ كونىلىرىمىز ئېيتقان :«قۇرۇق چىلەك بەك تاراقشىيدۇ » غا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن .ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇنداق ھىكمەتلەر يات ئادەملەر تەرىپىدىن بىزگە يەتكۈزىلسە ئاندىن «ئىلىملىكلىرىمىز» ئىچ-ئىچىدىن قايىل بولۇپ ئەمەل قىلىشىدۇ ، مەسىلەن ئىۋان-ئىۋاننوۋىچ ، پىترو-پىتروۋىچ ۋە ياكى ئالىكساندىر ماكسىمىچ دىگەندەك...................!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:56:16

يېرىم چىلەك بەك شالاقشىيدۇ دىگەن گەپمۇ بار

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 20:41:00

ئېسىل تېمىكەن...ھۇزۇرۇمىزغا سۇنغىنىڭزغا رەھمەت قېرىندىشىم

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 20:41:03

ئېسىل تېمىكەن...ھۇزۇرۇمىزغا سۇنغىنىڭزغا رەھمەت قېرىندىشىم
بەت: [1]
: ئېغىر ئات ھارۋىسى