ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 08:47:17

(ئۆزھال) خەلىق ئارىسىدىكى كۈنلەر


    ئىدارا باشلىغىنىڭ تېلېفۇندا يىرىم يىللىق خىزمەتكە چۈشىسەن، تەييارلىق قىل دىگەن گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىين جىددىلىشىپ كەتتىم ، چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىم ۋە بۇ يىللىق پىلانلىرىم بار ئىدى . بىراق مەن خىزمەتكە چىقىپ بىر ئىشقا بۇنچىلىك ئەستايدىل مۇئامىلىگە ئۇچراپ باقمىغاچقا ھەر ھەر ئالدىراش ئادەملەرمۇ چۈشىۋاتىدۇ بوپتۇ دىدىم ، لىكىن غەم يىگەن ئىشىم مەن خىيالىمدا چۈشۈشنىغۇ چۈشىمەن لىكىن چۈشكەندىن كىين نىمە ئىش قىلىمەن ؟ نىمە ئىش قىلالايمەن دىگەن ئويلىنىش بولدى . ئەگەر بىكاردىن بىكار لاغايلاپ يۈرىدىغان ئىش بولسا بۇ يەردە ئىشىمنى قىلغىنىم ئەۋزەل دەپ ئويلىدۇم لىكىن خىياللىرىم خىيال پىتى قالدى . ھەپتىدىن كىين مەدەنىيەت نازارىتى ئىشخانىسىنى خىزمەت گۇرىپىسىنىڭ اتېلېفۇننى قۇبۇل قىلدىم . 9-ئاينىڭ 3- كۈنى يولغا چىقىدىكەنمەن . شۇنداق قىلىپ ئەتىسى سەھەردە خەلىق تىياتىرىنىڭ ئالدىدىن ئاپتۇبۇس بىلەن 7 ئادەم يولغا چىقتۇق .
          سەنئەت يۇرتىغا تەۋە ھەر بىر ئىدارىدىن بىردىن ئادەم بار ئىدى . شۇ كۈنى سەھەردە ناھايىتى ئاۋايلاپ مىڭىپ كەچتە كۇچاغا چۈشتۇق . كۇچادا بىر ئاخشام قونۇپ ئەتەىسى سەھەردە مىڭىپ ئاۋات ناھىيسىنىڭ يىڭى ئىرىق يىزا يەكلى كەنتىگە چۈشتۇق . ئۇ يەردە بىزنى خىزمەت گۇرىپىسى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . بىز چۈشلۈك تاماققا توغۇرلانغان كۈتىۋىلىش ۋە بىزدىن بۇرۇن كەلگەنلەرنى ئۇزۇتۇپ قويۇش يىغىنى ئاچتۇق .بۇ يىزا مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نوقتىلىق خىزمەت گۇرىپىسى بۇلۇپ مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە سەنئەت يۇرىتغا تەۋە بارلىق ئىدارىدىن كەلگەنلەر بار ئىدى . مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى . شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىغى كامىل تۇرسۇن ئاكا . ئوپىرا ئۆمىگىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ئابلمىتكام ، سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىغى ئابلاجان ، خەلىق تىياتىرىنىڭ باشىغى تاھىر توختى ئاكا . مىللى ئوركىتسىر ئۆمىگىدىن ئاتاغلىق ناخشىچى تاشمۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىقلار بار ئىدى .
      مەن ئاۋاتنىڭ يىڭى ئىرىق پاۋانلار كەنتىگە بۆلۈندۈم . مىنىڭ كەلگەن ۋاختىم ئاي توقاچ بايرىمىغا توغرا كەلگەچكە ئىككى كۈن سىرىتقا چىقمىدىم . ئىككى كۈندىن كىيىن نوپۇس تىزىملاش ۋە دىھقانلارنىڭ ھا ل ئەھۋالىنى ئاڭلاشنى باشلىۋەتتۇق . پاۋانلار كەنتىدە تۆت ئەترەت 800 ئائىلە بار ئىكەن . تىرىلغۇ يەر 5200 مو ئىكەن . بۇ كەنىت بازارغا يىقىن بولغاچقا كەنىت كادىرلىرىدىن تارتىپ دىھقانلارغىچە تىجارەت قىلىدىكەن . ئاشخانا ئاچىدىكەن . بۇ يەردىن تام سالىدىغانلار ۋە ياغاچچىلار كۆپ بۇلۇپ تىجارەت قىلمىغانلىرى ھۈنەر قىلىدىكەن . دىھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى مەن تۇغۇلغان يەكەن ناھىيسىنىڭ خاڭدىكى بازىرىدىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىلىشتۇرغاندا ياخشىدەك بىلىندى . كەنىتتە داڭلىق سامسىپەزلەر بۇلۇپ مەندىن بىر ياش كىچىك بىر دىھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋاللىشىپ ھويلىسىدا تۆۋىنى 15 مىڭ . يۇقىرسى 20 مىڭلىق كالىدىن 30 يىقىن كالىنى كۆردۇق . يىڭى ئىرىقنىڭ چارشەنبە كۈنى بازىرى بۇلىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاۋاتتا بىر سامسىپەزلىك دۇكىنى ، يىڭى ئىرىقتا ئىككى دۇكىنى بار ئىكەن . تۈگۈنكى بازاردا بىردە 16 مىڭ سوم . يەنە بىرىدە 15 مىڭ سودا قىلدىم دەپ سۆزلەپ بەردى . دىمەك ئىككى دۇكاندا 31 مىڭ سوملۇق سودا قىپتۇ . بۇ كالىلارنى ساتمايدىكەن . ھەر بازار كۈنى بىر توننىغا يىقىن كالا گۆشى تۈگەيدىكەن . شۇڭا كالىنى ئۆزى بېقىپ بازاردىن گۆش سېتىۋالمايدىكەن ئۆزى سويۇپ شۇ گۆشنى ئىشلىتىدىكەن ، بازار كۈنى بازار ئارلاپ قارىسام سامسىخانىلارنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ سامسا ئىلىۋاتقان ۋە سامسا يەۋاتقان ئادەملەرنى كۆردۇم . بۇ يەردە سامسا يىيىش بىر تۈرلۈك ئادەت بۇلۇپ ئاشخانىلاردا كۆپ ئادەم ئۇچراتمىدۇق . (ھازىر ئىشقا ماڭدىم قايتىپ كىلىپ داۋاملىق يازىمەن)

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 16:33:19

جەۋھەر تېمىنىڭ ھىدى كىلۋاتىدۇ..... سافا ...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 16:59:15

ھەر يىلى يۇقىرىدىن كادىر كېلىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ، بەزىلىرى خەلقنىڭ دۇئاسىنى،رەھمەتلىرىنى ئېلىپ قايىتسا ،بەزىلىرى خەلقنىڭ نەپرىتىنى،قارغىشىنى ئېلىپ قايتىدۇ
خەلقنىڭ رەھمىتىنى،دۇئاسىنى ئېلىپ قايتىشقا تىرىشىڭ بۇرادەر!

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:00:59

ئاۋاتنىڭ مەشرەپلىرىمۇ بەك قىزىيدۇ ، دولان مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك...شۇغىنىسى ئاۋاتقا دەسسىمىگىلى 20 يىل بولاي دەپقاپتۇ...ھەر قېتىم باراي دىگەندە خىزمەت ئىشى تاقىشىدۇ...
سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن خېلى ئوبدان گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز ...قۇلاقنى كولاپ تەييار بوپ بولدۇم ...{:92:}

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:29:22

مەنمۇ ئۇرۇن ئېلىپ قۇياي.

داۋامىنى ساقلايمىز ئەمىسە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:58:55

ئىشتىن چۇشىدىغان چاغ بولمىدىما؟؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:09:47

ھەر ھالدا ئۆزھال باركەن... ئۆزھالنىڭ ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىنكىيەنە بىر يازمىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدىغان ئوخشايمىز.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:12:53

ئۆزھالنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى پۇشۇپتۇ، تۇرۇپ تۇرۇپ خېلى مۇڭ رەسىملەرنى ئەۋەتىپ قويىدۇ

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:12:57

ئۆزھالنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى پۇشۇپتۇ، تۇرۇپ تۇرۇپ خېلى مۇڭ رەسىملەرنى ئەۋەتىپ قويىدۇ

oytagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:24:40

سىزخىزمەتكەچۈشكەن جايدىكىدىھقان قېرىنداشلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز قۇلاق سىزدە!:handshake

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:55:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-12 20:13

يىڭى ئىرىق يېزىسى دىمەي   ،يىڭى ئېرىق يېزىسى دەپ ئالسىڭىز توغرا بولاتتى،ئىككى جايدا خاتا ئىملا ئىشلىتىپسىز.


ئاۋات ناھىيەسى، دىيارىمىزنىڭ پاختا بازىسى،تازا پاختا ئېچىلىدىغان چاغ بولدى،قىر بېشىغا چىقۋېلىپ دىھقانلارنى ئەتراپىڭىزغا يىغۋېلىپ دۇتتار چالغاچ قىلىشقان مەنىلىك پاراڭلار بولسا يېزىپ تۇرۇڭ،چاينى قېنىق دەملەپ قۇيۇپ،كەشكى ۋاختىمنى پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئاتاپ قويدۇم.


يېزىڭ ئۆزھالكا،كۆپ ساقلاتماي يېزىڭ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:15:19

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2014-9-12 18:55 static/image/common/back.gif
يىڭى ئىرىق دىمەي،،يىڭى ئېرىق دەپ ئالسىڭىز توغرا بولات ...

يېڭى دەدۇ؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:15:52

بۇدۇ قېتىم كەمبەغەللە بىلە مۇڭدىشىپ باقاسىزمۇ

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:03:44

RE: (ئۆزھال) خەلىق ئارىسىدىكى كۈنلەر

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2014-9-12 18:55 static/image/common/back.gif
يىڭى ئىرىق دىمەي،،يىڭى ئېرىق دەپ ئالسىڭىز توغرا بولات ...

ئېتىز بېشىغا چىقىۋېلىپ ، دۇتتار چېلىپ ئولتاسا پاختىنى كىم تېردۇ ؟ ، ، ، مۇڭدىشىدىغان ئادەم پاختا تەرگەچ مۇڭداشسۇن ، ، ،

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:17:22

boss يوللىغان ۋاقتى2014-9-12 20:03 static/image/common/back.gif
ئېتىز بېشىغا چىقىۋېلىپ ، دۇتتار چېلىپ ئولتاسا پاختىن ...

ئۆزھالكامنىڭ دۇتتار تۇتۇپ كۆنگەن قوللىرى پاختىنى ياخشى تۇتالماسمىكىن....

سائەتمۇ 8:30بولاي دىدى،قارىغاندا پاراڭنىڭ ئاخرىنى بۈگۈن ئاڭلىيالمايدىغان بوپتۇقتە،كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ئۇيقۇمنى ئۇخلاي جۇما..يىڭى پاراڭ چىقىپ قالامىكىن دەپ ئېڭەك يۆلەپ ساقلىسام بەش قېتىم ئەسنەپ بولدۇم.....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:50:29

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۆزھالكا ، مەن شۇ يېزىدىن بۇلىمەن ، پاۋانلا كەنتىدە تۇنجى خىزمەتكە چىقىپ ، بىر يىلدەك ئىشلىگەن ، ئادەملىرى سەل باي ،،،،پاۋانلا كەنتىنىڭ مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نوقتىسى ئىكەنلىگىدىن خەۋىرىم بارتى ، سىزنىڭ كەلگەنلىگىڭىزنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بۇلۇۋاتىمەن ....
    ئەتىگىچە كۈرۈشەيلى ....

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-13 21:17):
تېلفۇن ياكى ئۈن دىدار نۇمۇرىڭىزنى ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز بۇپتىكەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:52:51

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-12 16:59 static/image/common/back.gif
ھەر يىلى يۇقىرىدىن كادىر كېلىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ، بەزىلى ...

ياخشى ئىشلىسە دۇئا قىلىمىز ....

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:54:44

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2014-9-12 18:55 static/image/common/back.gif
يىڭى ئىرىق يېزىسى دىمەي   ،يىڭى ئېرىق يېزىسى دەپ ئالسىڭ ...

توغرىسى يېڭئېرىق

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:06:01

يېڭىئېرىق ،،،،،،
       رىۋايەتلەردە ئاقسۇ دەرياسى دەريا قېنىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ ، شەرققە كۆچكەچكە ، كونا دەريا قېىنىدا قېپقالغان بىر ئېقىن كونا دەريا دەپ ئاتالغان ، كونا دەريادىن بىر باش ئېلىنىپ ، ھازىرقى يېڭىئېرىق ئۆستىڭى قېزىلغان ، بۇ كونا دەريا قېنىدىن يېڭى چېپىلغان ئۆستەڭ بولغاچقا يېڭىئېرىق دەپ ئاتالغان ، يېڭىئېرىق تارىخى يىللاردا ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق بۇلۇپ ، ئازادلىقتىن كىيىن ئاۋات ناھىيىسىگە تەۋە بولغان ....

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:10:34

قەشقەرنىڭ يىڭشەھەر ناھىيسىدىمۇ يىڭئىرىق دەپ بىر يىزا بار.
بەت: [1] 2 3 4
: (ئۆزھال) خەلىق ئارىسىدىكى كۈنلەر