tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 08:45:32

لايىق (ھېكايە)

ھاممام بىر قارىسا قىزىقچى، ئەقىللىق، بىر قارىسا دۆتتەكلا. ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىم بىلەن تەڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ:
-ھەي ئۆلدىڭمۇ؟! –دەپ ۋارقىرىدى، ئارقىدىن يەنە،-نەدە سەن؟-دەپ سورىدى.
-ئۈرۈمچىدە،-دېدىم مەن.
-ئۈرۈمچىدە دېگىن! شۇنچە يوقاپ كەتكەنمۇ بارمۇ؟ يا تېلېفون بېرىپ قوياي دېمەيسەن، خۇددى تېلېفون نومىرىڭنى ئۇقۇۋالساق ئاۋارە قىلىدىغاندەك! ئۇقۇپ-ئۇقماي نېمە بوپتۇ، ھېلىمۇ تەستە تاپتىم، سەن بىلەن بىللە يوقاپ كېتىپ، قايتىپ كەلگەن تۇرغازى، ھېلىقى ئىمىركامنىڭ ئوغلى تۇرغازى دەپ بەردى. جىددىي ئىش بولغاچقا تېلېفون بەردىم...ئاڭلاۋاتامسەن؟
-ئاڭلاۋاتىمەن.
ئاڭلاۋاتقان بولساڭ ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ ھازىرلا قايتىپ كەل!
ھاممام شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. قىزىق ئىش، تېلېفون نومىرىمنى تەستە تېپىپتىمىش، لېكىن بار-يوقى قىلغان گېپى شۇنچىلىك، جىددىي ئىش دەيدۇ تېخى، زادى قانداق جىددىي ئىشتۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلاپ بىر ئاز ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىم، ئەمما كۈلكىلىك يېرى ھاممام ئامېرىكىنى چوڭ شەھەر دەۋالغانىدى.
-نېمە تېلېفونكەن؟ شۈكلەپلا كەتتىڭغۇ؟-مەن بىلەن بىللە ئۆي چېقىۋاتقان داۋۇت ماڭا قاراپ كېتىپ سورىدى.
-ھاممامدىن كەپتۇ، جىددىي ئىش دەيدۇ، ئۆيدە بىرەرسى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ؟
-بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ئېنىق ئېيتار بولغىيتتى؟
-مېنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېدىمىكىن دەيمەن.
-بەلكىم،-دېدى داۋۇت،-يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كېلەمسەن يا؟ ناھايىتى شۇ بىر كېچىدىلا بارىسەن.
-ئىشنى قانداق قىلىمىز، قۇرۇلۇش خوجايىنى ئالدىرىتىۋاتسا، ۋاقتىدا تۈگەتمىسەك پۇلىمىزنىڭ يېرىمىنى تۇتۇپ قالىدۇ...
ھامماڭمۇ قىزىق ئىكەن، گەپنى يېرىم يارتا قىلغىچە، ئېنىق دېسە بولمامدۇ؟ قايتۇرۇپ تېلىفون بېرىپ باق بولمىسا.
-تېلىفوننى كوچىدىن بېرىپتۇ، پۇل جىق كەتمىسۇن دېدى بولغاي، قىسقىلا سۆزلەشتى.
-ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟
-كۆڭلۈم بەك ئەندىشىدە قالدى.
-بۇنداق ئىشلىسەڭمۇ ئىشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كەل.
داۋۇت ئاخىر يەنە شۇنداق ئەقىل كۆرسەتتى.
-ھىم،-دېدىم مەن ۋە ئەتىسىلا يۈك-تاقامنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. لېكىن شۇنچە ئۇزاق يول يۈرۈپ يۇرتقا بارسام، داداممۇ، ئاپاممۇ، ساق ئىكەن، ئۆيدىمۇ ھېچقانداق ئىش بولماپتۇ. پەقەت ئۆيدە چىرايلىق بىر قىز پەيدا بولۇپ قاپتۇ خالاس.
-مېنى نېمىگە چاقىردىڭلار شۇنچە جىددىي؟-دەپ ئاچچىقلىدىم مەن.
-بېشىڭنى ئوڭلاپ قويايلۇق دېدۇق،-دېدى ھاممام ئاپامنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بېرىپ.
-نېمىشقا؟ مەن يەنە ئۆيلىنىمەن دېمىسەم؟
-سەن ئۆيلىنىمەن دېمىگەن بىلەن، ئۆيدە بىر قىزنى بېقىپ ياتساقمۇ بولماس؟
-نېمە قىزكەن ئۇ؟
مەن ئۆيگە كىىرپ چىقىپ يۈرگەن ھېلىقى قىزغا قاراپ قويۇپ، شۇنداق سورىدىم.
-كوچىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپتىكەن، ئەكىرىپ، بېشىنى يۇيۇپ-تاراپ، ئۈستىبېشىنى يېڭىلىۋالدۇق، بىر چىرايلىق قىزغا ئايلاندى، قولىمۇ ئىشلىق ئىكەن...
-نېمە؟!
مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك قاتتىق ۋارقىرىۋەتكىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت مەندىن:
-نېمە ئىشكەن؟-دەپ سورىدى،-بېرىشىڭدىن يېنىشىڭ بەك تېزغۇ؟-دەپ قوشۇپ قويدى ئاندىن.
-ئۆيۈمدىكىلەر بىر ئىنەك بېقىپتىكەن، شۇنى كۆرۈپ كەتسۇن دەپ چاقىرىپتۇ،-دېدىم مەن.
-ئۆيۈڭدىكىلەرمۇ قىزىقكىنا؟-دەپ كۈلدى داۋۇت.
بىز چېقىشنى ھۆددىگە ئالغان بىنانىڭ ئىشى تۈگىگىچە، لەپىلدەپ قارمۇ ياغدى، لېكىن چاقىدىغان قۇرۇلۇش جىقراق بولغاچقا، پۇل تاپقانچە تاپقۇمىز كېلىپ، سوغۇققىمۇ قارىماي ئىشلەۋەردۇق. ئاڭغىچە ھاممام يەنە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون بەردى.
-زادى كېلەمسەن-كەلمەمسەن؟-دەيتتى ھاممام ئاچچىقلاپ.
-ماۋۇ قۇرۇلۇشنى چېقىپ بولۇپلا، ئۆيۈڭگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كەل،-دېدى داۋۇت كۈلۈپ،-ئۆيۈڭدىكىلەر يەنە بىر ئىنەك باققان بولسا، كۆرۈپكەتسۇندەپ يولۇڭغا قاراپ قالغان ئوخشايدۇ.
-نېمە ئىنەك بولسۇن، ئۇلار ماڭا بىر لايىق تېپىپ قويۇپتۇ،-دېدىم مەن راست گەپنى قىلىپ.
-ھۇششەرە، ئۆيلىنىدىغان بوپسەن-دە؟ بىزگە شۇنداق تەلەي يوق دېسە،-دېدى داۋۇت.
-قويە ئۇنداق تەلەينى، مېنىڭ ھازىر ئەس-يادىم كۆپرەك پۇل تېپىشتا.
-دېگىنىڭغۇ راست، پۇلۇڭ بولمىسا خوتۇن ئالغان بىلەن ئۇنى باقماق تەس...
بىز شۇ گەپلەرنى قىلىشۋاتقاندا ھاممام يەنە تېلېفون قىپتۇ.
-نېمانداق بىغەرەز سەن؟!-دېدى تېلىفوندا ۋارقىراپ.
-ۋاي-ۋۇي، كوچىدىن تېپىۋالغان قىزغا نېمانچە قىلىسىلەر؟!-دېدىم مەنمۇ ئاچچىقلاپ.
-ساڭا كىم شۇنداق دەيدۇ؟
-ئۆزۈڭلار دېدىڭلارغۇ.
ئۇ دېگەن قىزىقچىلىق ئورنىدا دېگەن گەپ، لېكىن گەپنىڭ ئاخىرىنى دېگىچە پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىپ، شۇ پېتى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىۋاپسەن. بۇ قىز كونا مەھەلىمىزدىكى جۈماخۇنكامنىڭ قىزى، سىلەرگە كېلىن قىلىپ بەرگىنىم بەرگەن دەپ ئەكەپ قويدى.
-ئۇ ئادەمنىڭ بېشى ئىشىپ قالمىغاندۇ؟
-ئۇنداق دېمە! ئۇچۇ، ئاتا كۆرگەن، ئانا كۆرگەن كونا قوشنىلار دەپ بىزگە ئىشەنگىنى. ھازىر بۇ قىز بىزگە كېلىن بوپ بولدى، بۇ ئۆيدە پەقەت سەنلا كەم.
-قېنى، مەن ئويلىنىپ باقاي.
-بۇنىڭ ئويلىنىدىغان نەرى بار؟ بۇ قىزدىن قۇرۇق قېلىپ، كۈندە پۇلۇڭنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان، سېنىڭ ئاچ-توق قېلىۋاتقىنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان بىرەسىگە ئۇچراپ «ۋاي-دات!» دەپ قالمىسۇن دەيمىز سېنى.
ھاممامنىڭ كېيىنكى گېپى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ مەن بىلىدىغان ئاغىنىلەردىن قايسىبىرى خوتۇنى ئۈستىدىن ھال ئېيتمايدۇ؟ ئۇچىسى ۋال-ۋۇل، ئوينىشى چاي، ئايدا بىرەر قېتىم قازان قاينىتىشنى بىلمەيدۇ..
مەن تېلىفوننى قويۇۋېتىپ داۋۇتقا قارىدىم.
-قولى ئىشلىقكەن دەمدۇ؟-دېدى داۋۇت ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،-ئەمىسە ئۇ قىز ساڭا راستىنلا لايىقكەن. ئۇنداق قىزلارنى ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسماندىن چۈشمىسە، يەر يۈزىدىن تاپماق تەس.
-ئاسماندىن چۈشمىسە؟...
مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. ھاممام بولسا «ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ، خوتۇن ئالماي تۇرىۋېرەمسەن» دەپ توختىماي تېلېفون قىلىۋەردى.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىت

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:12:21

بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرى بارمۇ يا؟ ئەگەر مۇشۇنداق ئاياقلاشقان بولسا، ئوقۇرمەننى كولدۇرلاتقان بولامدۇ قانداق؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:24:29

ئوغۇللارنى ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلايدىغان ئىشلار ئىنتايىن يۇقرى ئىكەن.
مەنچە ئوغول بولغان ئادەم ئۆزىدە ئۆيلىنىشكە تەييارلىق شەرىت شارائىت بولمىسا زورلاش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.
ھەر قانداق بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆيى يىتەرلىك پۇلى بولغان ئاساستا ئاندىن تۇرمۇش يولىنى تاللايدۇ.
چۇنكى توي قىلغاندىن كىيىن بىر ئائىلىنى بىقىش ۋە روناق تاپقۇزۇش مەجبۇرىيتى بار ئەلۋەتتە.
خوتۇننى ئىلىپ ئۆزىنى خوتۇننى ئاتا ئانىغا باقتۇرۇش ئەركىشنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس.
سىرىتتا ئىشلەۋاتقان ئادەم خوتۇن ئالسا يەنە ئىش قىلمىسا بولمايدۇ ،ئۇ يەرگە كەتسە ئايال كىشى يەنە يالغۇز قالىدۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:55:58

ئاخىرى بامۇ يا؟؟؟ ئەجەپ بىر قىسما بولاپ قالدىما..........ماڭا يا بىرەسى خوتۇن ئال دىمەيۋاتقان مەن يا خوتۇن ئالاي دىيەلمەيۋاتقان{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 18:22:26

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 17:24 static/image/common/back.gif
ئوغۇللارنى ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ...

شۇ  ئوغۇللارنى  زورلىمىسا  قىزىل چىراققا  قاتنايدىغان  بوپ  قالىدىغان  گەپ  ،  قىزىل چىراققا  قاتنىمىدى  دىگەندىمۇ  
خەقنىڭ  قىزى ،  ئاچا سىڭىللىرىنى خالتا كوچىلاردا  يېتىلەپ  يۈردىغان  بوپ  قالىدۇ  ، يېتىلەپ  يۈرسىلا  تۈگسىغۇ  بىر گەپ  ، بەزى ۋاقىتلاردا  ئارقا كوچىدا تاماق يەپ ، بۇلۇڭ  پۇچقاقتىكى دوختۇخانىلاردا نەتىجىسىنى  كۆرۈپمۇ  ئۈلگىرىدۇ ، بولۇپمۇ  ھازىرقى  ئەركىن  جەمىيەتتە ،

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:07:49

ھەي  ، مۇشۇ چوۇلانى زە   ، نىمە ئويلايدىكىن تاڭ ؟ !    مەن تىخى بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  خىز مەتكە چۈشە - چۈشمەيلا  ‹ تويىڭنى قىلنىمىكى دەيمىز ، پالاننىڭ قىزى بەك مۇۋاپىقتى ،،،،،،،،،،  ›  دىگەندەك گەپلەر بىلەن بېشىمنى ئوچۇق ئىتۋەتتى دىسە .  ھازىر كاللامدا مەن تىخى بىر ئوقۇغۇچى ، نە تۇرمۇشقا نىسبەتەن چۈشەنچە بولسۇن دىسە ،،،

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 19:18:31

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 19:07 static/image/common/back.gif
ھەي  ، مۇشۇ چوۇلانى زە   ، نىمە ئويلايدىكىن تاڭ ؟ !    مەن  ...

بۇنىڭ جاۋابى :بۇ ئىش ئىچىدە كۆپ ھىكمەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتا-ئانىڭىز سىزدەك ياشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكتىن ھازىرقى يېشىڭىز ۋە شارائىتىڭىزنىڭ دەل شۇنىڭغا تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىدىندۇر ! بۇنىڭغا ئۇنچە دەرت تارتىپ ئازاپلىنىش ياخشى ئەمەس ، بەلكى ئالدىراش ئەڭ ياخشىدۇر !

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:13:51

RE: لايىق (ھېكايە)

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 17:24 static/image/common/back.gif
ئوغۇللارنى ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ...

ئۆز ئالدىمغا ئۆي ئېلىپ ئاندىن توي قىلىمەن دىسە نەدىكى پۇلغا ئالىدۇ ئۆينى ؟ ھازېر ناھىيە بازىردىن ئۆي ئالىمەن دىسىمۇ 300000 بولمىسا ئۆي كەلمەيدۇ ، 95 پىرسەنىت ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بۇنچىلىك پۇلغا كۈچى يەتمەيدۇ ، تېخى ئۈرۈمچىدەك شەھەرلەر بۇلۇپ قالسا بۇ سان تېخىمۇ چوڭلايدۇ ،  ،  ،  300000 سومغا ئۆي ئېلىپ قالسا ، ھېچ بولمىسا توي قىلغان يىگىت - قىز 100000 نى بولسىمۇ ئۆزى تۆلىشى كېرەك ، ، ،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:43:15

ياخشى دەپتۇ ، تىز ئۆيلىنىش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:20:11

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 19:55 static/image/common/back.gif
ئاخىرى بامۇ يا؟؟؟ ئەجەپ بىر قىسما بولاپ قالدىما..........م ...

ھىجىيىپ ئولتورىۋەرسىڭىز خوتون ئالالمايسىز، قىرىغاندا بالدۇر ئالسام نىم بولار دەپ خىيال قىلىپ قالىسىز.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:23:59

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:20 static/image/common/back.gif
ھىجىيىپ ئولتورىۋەرسىڭىز خوتون ئالالمايسىز، قىرىغاند ...

چوڭلا ئىغىز ئاچمىسا خوتۇن ئالىمە دەپ يۇسەك سەت تۇرۇپ قالامىكىن كىيىنچە....شۇلانىڭ ئاغزىغا قاراپ قالدىم

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:25:59

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 23:23 static/image/common/back.gif
چوڭلا ئىغىز ئاچمىسا خوتۇن ئالىمە دەپ يۇسەك سەت تۇرۇپ  ...

ۋاقتىدا خوتون ئالغۇم بار دەپ دەۋىرىڭ.  ۋاقىت ئۆتكەنسىرى پۇشايمانمۇ كۆپ بولىدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:40:23

كالاچنى سەۋزە بىلەن توشقۇزىۋىتىڭ...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 16:16:53

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:40 static/image/common/back.gif
كالاچنى سەۋزە بىلەن توشقۇزىۋىتىڭ...

:lol ;P

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 18:57:28

ئۇچاقنى ئورۋېتىڭ !:P

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 20:07:29

يوتقان يىپىنماي يىتىڭ

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 20:47:10

توي ئىشىنى بالدۇرراق ئويلاشقان ياخشىكەن!بولمىسا بارغانسىرى بېسىم بوپ قالىدىكەن!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 21:08:20

«مەن» نىمە ئۈچۈن توي قىلىشنى خالىماس بۇلۇپ قالغاندۇ، تىۋىپقا كۆرۈنۈپ باقسا بۇلاتتىغۇ؟

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 23:37:17

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 20:07 static/image/common/back.gif
يوتقان يىپىنماي يىتىڭ

:lol
بەت: [1] 2
: لايىق (ھېكايە)