wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 06:09:52

بىرسوم پىلانىدىن يەنە بىر خوشاللىق

بىر سوم پىلانى تۇنجى قېتىملىق سىتۇدىنىتلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى تۈرى ئۇقتۇرىشى 7~ئاينىڭ 21~كۈنى تارقىتىلغاندىن  تارتىپ 8~ئاينىڭ 12~كۈنىگىچە ئىلتىماس يازغان سىتۇدىنىت ۋە كونا ئوقۇغۇچىلار 40تىن ئاشتى .8~ئاينىڭ 13~كۈنىدىن باشلاپ بىز ئۈچەيلەن دەسلەپكى  ماتىرىيال تەكشۈرۈشدىن   ئۆتكەن سىتۇدىنىتلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ 9~ئاينىڭ 8~كۈنىگىچە 10نەپەر  ئو بىكىتنى تاللاپ چىقتۇق .بۇ10ئوبىكىت بورتالا ئوبلاستى دائىرسىدىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ   شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى,  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ,شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى , لىياۋنىڭ ئۇنىۋېرستېتى ,خاربىن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ,شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكەن  توققۇز نەپەر قىز ۋە بىر ئوغول ئوقۇغۇچى .
2014~يىلى 9~سېنتەبىر كۈنى تۇنجى  قېتىملىق تۇرمۇش پۇلىنى ئەۋەتىپ بولدۇق ,بۇنىڭدىن ھەر ئاينىڭ 10~كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتىمىز .
بىر سوم پىلانى سىتۇدىنىتلار ياردەم پۇلى تۈرىگە قاتناشقان 100نەپەر ساخاۋەتچىگە سەمىمىي ئېھتىرام .  
Wapadarim912يازمىسى  

ئەسكەرتىش :بۇ تۈرنىڭ بىر گۇرۇپپىسىدا قاتناشقۇچى يۈزنەپەر ,ھەر ئايدا 50سومدىن بىر يىلدا 60مىڭ سوم جۇغلىنىدۇ ,ئوقۇغۇچى 10نەپەر ,ھەر بىرەيلەنگە ئايدا بەش يۈز سوم ياردەم پۇلى ,بىر يىلنىڭ سەككىز ئايلىق ئوقۇش ئېيىدا جەمىئىي 40مىڭ سوم تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىلىدۇ ,قالغان 20مىڭ سوم شۇ ئون ئوقۇغۇچىغا نەتىجىسىگە قارىتا مۇكاپات ,مىسال ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالسا بىردانە خاتىرە كومپىيوتىر ,ئوتتۇرچە پەن نەتىجىسى بىرىنچىلىلكە ئۈچمىڭ ,ئىككىنچىلىككە ئىككى مىڭ ,ئۈچىنچىلىككە مىڭ سوم قاتارلىق ……

oytagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 08:33:11

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!مۇمكىن بولسا بۇ پىلان ئاپتونۇم رايۇننى قاپلىغان بولسا تېخىمۇ چوڭ ئىشبولاتتى!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 16:38:25

مەنمۇ مۇز چېلەك باھانىسىدا بىر سوم پىلانىغا قاتنىشىۋالدىم، بۇندىن كېيىنمۇ ئاتىغىنىمنى يوللاپ تۇرىمەن

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 17:26:35

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 21:54:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-13 17:27  




ئەيساكا  ۋە باشقا ساخاۋەتچىلەر  سىلەرگە ئاپىرىن !!!! {:112:}{:112:}{:112:}{:112:}
ئاللاھ ئىككى دۇنيالىقڭلارنى بەرسۇن

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 13:34:09

بىرسوم تاللا بازىرى، بىرسوم مىھمان سارىيى، بىر سوم تاماقخانىسى، بىرسوم ماشىنا توختۇتۇش ئورنى، بىرسوم ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلىش ئورنى، بىرسوم مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى، بىرسوم ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى .............. دېگەندەك بىر سومغا مۇناسىۋەتلىك ساخاۋەتنى مەخسەت قىلغان ۋىۋىسكىلار ھامان رايۇنىمىزنى، دۇنيانى قاپلايدۇ. بۇ مېنىڭ چۈشۈم ئەمەس.
1. بىر سوم پىلانى قانداق پىلان؟ نىمە مەخسىدى بار؟
2. ئۆزىمىز ئايدا بىرسوم پۇلنى بىرسوم پىلانىغا ئەۋەتەلىدۇقمۇ؟
3. بىر سوم پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغىلى سەككىز  يىل بولغىنىنى ئەتراپىڭىزدىكى ساۋاقداش، خىزمەتداش، قېرىنداشلىرىڭىزدىن نەچچە ئادەم بىلىدۇ؟
4. بىر سوم پىلانى ئۈچۈن بۇ ئايدا نىمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟
ئاران مۇشۇنچىلىك سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ باققان ئادەم يۇقۇرقى بىر سومغا مۇناسىۋەتلىك ۋىۋىسكىلارنىڭ كۆپلەپ ئېسىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 13:45:22

ئەگەر مۇشۇ ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇپ تىزىملاتقان 15 مىڭدىن كۆپ ئەزا ئايدا بىرسومدىن پۇلنى ئەۋەتسە، يىللىقنى بىر ئەۋەتەلمىسە (ئون ئىككى يۈەن كۆپ بولۇپ قېلىپ) يېرىم يىلدا ئالتە يۈەن پۇل ئەۋەتەلىسە يەنىلا يىل ئاخىرىدا 180 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. مۇشۇ ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ سەمىمىيىتىگە تايىنىپمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىھرىگە كۈلكە جىلۋە قىلدۇرغىلى بولىدىكەن.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 13:53:07

ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ئەڭ سەرخىل، تېمىللىرى ئەڭ تېتىملىق، ئىنكاسلىرى ئەڭ يېقىشلىق دەپ بۇ تور بەتنى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە بىردىن-بىر سانايمىز. بىر سوم پىلانى ئىزدىنىشتا باشلانغان، بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلغىنىنى ئىزدىنىشتىكى ھەممەيلەن بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ۋاپادارىم بىلەن گۇدلاك ئانچە- مۇنچە ئۇنىڭغا پۇل كەمىدى، مۇنچە سىتودىنىت مەكتەپكە ماڭالمىدى دەپ مۇراجەتنامە يېزىپ قويۇدۇ؟! كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 22:22:33

ئونبەشمىڭ ئەزا تىزىملاتقان بىلەن ھەممىسىنىڭ پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى قىلالايدىغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك تەس.  بۇنى دەپ كەلسەك بۇ دىگەن پەقەت بىر باھانە خالاس.
بەت: [1]
: بىرسوم پىلانىدىن يەنە بىر خوشاللىق