salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 16:32:55

سىلەر كىتابنى قانداق ئوقۇيسىلەر؟

      يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە كىتاپ تەۋسىيە قىلىش ۋە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغالدى. شۇنداقلا «دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى» دېگەندەك تېمىلارنىڭ تەسىرىدە شەخسەن ئۆزەم «ئوقۇيدىغان كىتاپنى قانداق تاللاش، قانداق كىتاپلارنى ئوقۇش» ھەققىدە ئاز بولمىغان نەپكە ئېرىشتىم. نەچچە يىللاردىن بۇيان ئېلىپ قويۇپ ئوقۇمىغان كىتابلىرىمنى قولۇمغا ئالدىم.
      لېكىن كىتاپ كۆرۈش جەھەتتىكى بىر ئادىتىمنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمدىم.
يەنى بىرەرسى كىتابىمنى ئارىيەت ئېلىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان يەرلەرنى سىزىپ قويسا، ھەرخىل بەلگىلەرنى سېلىپ قويسا بەك ئاچچىغىم كېلىدۇ. چۈنكى ئۆزەم ئامراق كىتابلىرىمغا پەقەت جىجىغىم، بەلگە سالغۇم كەلمەيدۇ. پاكىز، يېڭى پېتى ساقلاشقا ئامراق... (لىكىنغۇ كىتاپنى پاكىز ساقلاپ، قېرىغاندا ئىزدىنىشقا « %95 يېڭى، مۇقاۋىسى ساق، ۋاراقلىرى تولۇق» دەپ ئېلان چىقىرىپ سېتىش خىيالىم يوق،  بالامغا مىراس قالدۇرىمەن دېيىگلىك :lol )
     شۇغىنىسى بۇ ئادەتنىڭ قولايسىز تەرەپلىرىمۇ كۆپكەن، ئۆتكەندە بىرسىنىڭ (قىز بالا) مېنىڭ ئۇسۇلۇمغا  قارمۇ-قارشى بولغان كىتاپ كۆرۈش ئادىتى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇمۇ بۇرۇن ماڭا ئوخشاش بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئۇسۇلدىن بىراقلا ۋاز كېچىپتۇ. كىتاپ كۆرگەندە ئۆزى ياقتۇرغان سۆز، جۈملە، ئابزاس، بۆلەكلەرنى سىزىپ ماڭىدىكەن، ھەم قايسى بەتكە سىزغان بولسا شۇ بەتنىڭ سىرتقى يان تەرىپىدىكى بوش ئورۇنغا بارماق كەڭلىكىدىكى بىر چىشلەم يېرى چاپلىنىدىغان تەييار «يېلىملىق خەتكۈچ قەغەز» نى چاپلاپ، ئىزاھاتلارنى يېزىپ ماڭىدىغان بوپتۇ. «كىيىن ۋاراقلىسام ئاسان تاپالايدىكەنمەن» دەيدۇ...
    ئويلاپ باقسام،  مېنىڭ بۇ مۇھىت ئاسرايدىغان ئۇسۇلۇمدا «كىتاپنى پاكىز ساقلىدىم» دېگەن بىلەن، شۇ كىتاپتىن بىرەر ئۇچۇر لازىم بولۇپ قالسا، ئىزدەپ تېپىش ناھايىتى قولايسىز بولىدىكەن. ھەم قايتا كۆرۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ ناھايىتى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى ھەممە كىتاپنىڭ ھەممىلا يېرى مۇھىم ھەم قادىلىپ ئوقۇيدىغان چىقمايدىدە.
     بەزىلەر «كىتاپقا جىجىمايمەن دېسەڭ ، كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشمۇ ياخشى ئادەت» دەپ مەسلىھەتمۇ بەردى. بىراق ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماق مەندەك ھورۇنلارغا سەللىمازا ئاۋارىچىلىق تۇيۇلدى. چاتاق يېرى  «زادى جىجىيمەن» دەپ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ، يەنىلا جىجىغىم كەلمىدى. بۇنىڭغىمۇ خىلى جۈرئەت كەتسە كېرەك...:dizzy:
     يۇقارقى داتلاشلار تېما ئىتىبارى بىلەن پەقەت ۋە پەقەت كىتاپنى جىجىلاش ۋە جىجىلىماسلىق ھەققىدىكىلا گەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
     شۇڭا مۇشۇ يەردە تورداشلار بىلەن «كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇش ئۇسۇللىرى» ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقساق...

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 18:26:53

كىتاپنى خىلى ئوقۇيمەن، لېكىن قايسى كىتاپنىڭ قانداراق يىرىدە قانداراق مەزمۇن بارلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇپ، يازغۇچى مۇشۇ گەپنى، مۇشۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن يازغاندۇ دېگەننى خىيال قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن، شۇڭا ئوڭاي ئىسىمدە قالىدۇ، سىزىش، ئۇنى بۇنى چاپلاشتىن يىراق........

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 18:27:42

تېمىغا تولوقلىما
ئوقۇۋاتقان چاغلاردا دەرسلىك كىتاپلارنى تازا بويايتتىم. بىر ماتىرىيالدىن كۆرۈشۈمچە كىتاپلارنى ئاپپاق تۇتۇدىغان بالىلارنىڭ كاللىسىمۇ بويالمىغان كىتابىغا ئوخشاش قۇرۇق بولارمىش. شۇڭا ئۇلارمۇ كىتاپلارنى سىزىپ، بەلگە سېلىپ ... دېگەندەك ئەركىن—ئازادە ھالدا خالىغانچە پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىشىدىكەن.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 18:59:00

كەچتە خوش ياققاندا ، مۇندەرىجىگە قاراپ ، مانى ئوقۇپ باقايچۇ ، مانى ئوقۇپ باقايچۇ دەپ ئېچىپ ئوقۇيمەن :lol

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 19:09:21

يۈز يىل غېرىبلىق    نى  ھەم قىزىقىپ ھەم گاڭگىراپ  ۋاقىت بەلگىلەپ تەستە ئەمما تېز ئوقۇپ بولدۇم مۇشۇ يېقىندا.
ھازىر  بابۇرنامە  بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ  ئىزدىنىش  رومانىنى ئوقۇۋاتىمەن.
يەنە ياپونىيەنى يازغان  جۈخار گۈلى ۋە شەمشەر دىگەن كىتاپنى باشلىدىم.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 19:20:09

مەن ئەزەلدىن يېتىپ تۇرۇپ كىتاپ ئوقىغانغا ئامراق، يېتىپ كىتاب ئوقۇسام ئاسان چارچىمايدىكەنمەن. ئۇنىڭدىن باشقا كەچقۇرۇنلىرى كىتاب ئوقۇپ يېتىپ ئۇخلاپ قالسام بەزىدە تەلىيىم كىلىپ ئېسىل چۈشلەرنى كۆرۈپ قوياتتىم، لىكىن ھازىر ئۇنداق گۈزەل چۈشلەرنى كۆرمەسلا بوپتىمەن.  گېزىت-ژورناللاردىن بۇ خىل كىتاب ئوقۇش ئادىتىنىڭ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋېتىگە تەسىر يېتىدىغانلى ئاگاھلاندۇرۇلغان مەزمۇنلارنىمۇ كۆرۈپ قالاتتىم، لىكىن خۇداغا شۈكۈرى مۇشۇ كەمگىچە كۆزۈمنىڭ قۇۋۋىتى ياخشى.
ساۋادىم چىقىپ چىقىپ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا بىر قولۇمدا كىتاب، بىر قولۇمدا نان تۇتۇپ يېگەچ ئوقۇيتتۇم. ئاندىن كىتابقا بىر قارىغان پېتى بىرەر سائەت جىممىدە ئولتۇرسام ئانام ھەيران قالاتتى، سەن كىتاب ئوقۇماي قاراپلا ئولتۇردىكەنسەنغۇ ، دەپ. :lol ئوقۇۋاتىمەنغۇ ئانا دېسەم، ئوقۇغان بولساڭ ئېغىزىڭ مىدارلار بولغىيتتى دەيتتى :lol

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 19:56:56

مەن كىتابنى ئۇنداق ئاۋايلاپ چىرايلىق ساقلىيالمايمەن. ئۆزۈم بەك ياختۇرغان ھەم زادىي ياقتۇرمىغان يەرلىرىنى سىزىپ ماڭىمەن. بەزىدە بەك ئاچچىغىم كەپ ھاياجانلىنىپ قالسام كىتاپتىكى پىرسۇناژلارغا يا شۇ بۆلەكلەرگە تەسىراتىمنى يىزىپ سۆزلەپ ياكى قوللاپ ئىلھام بىرىپ  شۇ كىتابنىڭ ئاق يېرىگىلا يېزىپ كىتىمەن. چاپلاق قەغەز ئۇپراپ تۇرمايدىكەن. يازغانلىرىم قىپ قالدىكەن بىر نەچچە ۋاقىتلاردىن كېيىن ئوقۇپ يازغانلىرىمغا كۈلۈپ ياكى يىغلاپ سالىمەن. قىسقىسى كىتاب بىلەن ئۇنچىلىڭ سىلىق دىپلۇماتىك مۇناسىۋىتىمىز يوق. ئېچ—قۇيۇن تاش—قۇيۇن دوستلار... ئەلۋەتتە بۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كىتابلىرىمغا تۇتقان پوزۇتسىيەم. ئارىيەت كىتابلارنى ئاسرايمەن.

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 20:31:25

مەن ھەم سىزمايمەن ھەم قاتلىمايمەن ، ھەم بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە كىتاپنى بىراقلا ئوقۇمايمەن ،ئەمما بىر كىتاپنى باشلىۋالسام ھەممىنى (تاماق يىيىشنى، ئۇخلاش)نىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان يامان ئادىتىم بار.شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇغان كىتاپلاردىكى ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايمەن .ھەمدە بىرنىڭ كەينىدىن بىرنى ئۇلاپ كىتاپ ئوقۇشنىمۇ ياقتۇرمايمەن ، بىر كىتاپنى باشلىسام ۋاقتىدا ئوقۇپ تۈگۈتىمەن .ئىشقىلىپ ئۆزۈمگە  مەجبۇرلاپ بېسىم قىلمايمەن (خىزمەتكە دائىر بولمىسىلا )، ياڭزىغا ياكى سان ئۇچۇن كىتاپ ئوقۇغاننى  ئەسلا  ياقتۇرمايمەن .............

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:15:42

تىما ئىگىسىنىڭ دىگىنىدەك بولسا مىنىڭ كاللام قۇرۇقكەن ، مەن سىنىپتىكى ئەڭ ‹‹دۆت›› ئوقۇغۇچى ئىدىم ، بىر مەۋسۇمدە  بىر دەپتەر توشقۇزۇپ باقمىغانتىم، قەلەمنىڭ رېڭىمۇ تىجىلىپ قالاتتى ، خانىم ھەر نۆۋەت ماڭا نۆل قويغاندىن كىيىم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى : ‹‹مەن سىنىڭ كەلگۈسۈڭنى كۆردۈم ، ئاياق مايلايسەن ››
مانا ھازىر تورغا چىقىۋاتىمەن {:101:}

ــــــــــــــــــــــــــ
كىتاب ئوقۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئۆزىڭىز بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇل ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى سىزگە ياققان ئۇسۇل ، ياكى قىرلىق ئىستاكانغا لىقلاپ تۆكۆپ سىلىمۇ ئۇسلۇب ئىجاد قىلىڭلا:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:26:40

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 21:15 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسىنىڭ دىگىنىدەك بولسا مىنىڭ كاللام قۇرۇقكەن  ...

مەن باشلانغۇچنى پۇتتۇرگۇچە ، خەننى ھېجىلاپ ئوقۇيتۇم ، شۇنداق تىرىسساممۇ يەنىلام ھەجىلەپ ئوقۇيتۇم {:190:}

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:52:13

مەنمۇ ھەكىمكامدەك يېتىپ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق.
  جىجىمايمەن، قاتلىمايمەن.   ئۆيدە ئوقۇغان كىتاپلىرىم چەستەي تۇرىدۇ.  دۇكاندا ئوقۇغان كىتاپلىرىم مايلىشىپ دىگەندەك :lol
   ھازىر سوڭخاڭبىڭنىڭ پۇل ئۇرۇشى دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇۋاتىمەن.  
  بۇرۇنلاردا كىتاپخانىغا كىرسەم «تارىخى» رومان سېتىۋالىتىم.  ھازىر چەتئەلنىڭكىگە چۈشىۋالدىم.  
  كىتاپ ئالغاندا جىق قاراپ كەتمەيمەن.  ئاپتورى، كىتاپ ئىسمى داڭلىقراق بولسىلا سېتىۋالىمەن.  ئۆيگە كىلىپ 30 بەت ئوقۇيمنن. خوش ياقسا داۋاملاشتۇرىمەن. بولمىسا تاشلاپ قويىمەن.  بۇ يىلغا تەۋە سېتىۋالغان كىتاپلىرىمدىن غايىۋى دۆلەت، روزوئاستېر شۇنداق دەيدۇ... دىگەندەك بىرقانچە كىتاپ تۇرىدۇ 20 بەتلەرچە ئوقۇپ قويغان پېتى.  
  پۇلۇمنى قەدىرلەپ فەلسەفەۋى كىتاپلاردىن يىراق تۇردىغان بولدۇم.  :lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 21:56:49

مەن ياجتۇرغان يەرلىرىمنى كىچىك قىلىپ قاتلاپ قويىمەن.....يەنە بىرسىگە  بىر كىتاپنى بىر نەچچە قىتىم قايتىلاپ ئوقۇيمەن،بۇنداق بولغاندا باشتا ئوقۇپ ئاپتورنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى بىلەلمەي ئۆتۇپ كەتكەن يەرلەرنى چۇشەنگىلى بولىدۇ دەپ قايلايمەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:14:03

       مەن كىتاپ ئۇقۇسام مۇھىم ، ماڭا تەسىر قىلغان جايلىرىغا سىزىپ قۇيىمەن ، ئانچە مۇنچە خەتمۇ يېزىپ قۇيىمەن ، بەزى كىتاپلاردىن مەخسۇس دەپتەرگە كۈچۈرۈپمۇ قۇيىمەن ....

    بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئالغۇدەك خاتىرىلىمدىن« ئىز» ،« لېيىغان بۇلاق» ، «مەھمۇت قەشقىرى» قاتارلىقلار بار ....
ئەڭ كۆپ كىتاپقا سىزىلغىنى «  ئانا يۇرت  » رومانى ،،،،،،،

راست گەپنى قىلسام  مۇشۇ « ئانا يۇرت » رومانىدا لوگىلىلىق خاتالىقلار بەك كۆپ ساقلانغان ، نۇرغۇن جايلىرىغا بەلگە سېلىپ قويغان ، ئەمما ئۇ كىتاۋىم ھازىر يوق ، قايتا ئوپىراتسىيە قىلىدىغانغا ۋاقىت چىقمىدى ....

بۇ يەردىكى لوگىكىلىق خاتالىق دىگەن نىمە دىسەك ، ئاپتۇرنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ئوي پىكىرلىرىنى خاتىرىلەشتە ، چېچىلاڭغۇلۇق ، بىر - بىرىگە زىت مەزمۇنلار بار، بۇنىڭدىكى خاتالىقنى شۇ كىتاپ ئىچىدە تەسۋىرلەنگەن تەسۋىرلەر ئارقىلىقلا بايقىغىلى بۇلىدۇ ، خۇددى نەيزە بىلەن قالقانننىڭ ھىكايىسىدىكىدەك ......

President يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:14:07

مەن ھېكايە-رومانلارنى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزدەك ئاسراپ ئوقۇيمەن، كەسپىي كىتابلارنى مەشىق دەپتىرىدەك تۇتۇپ ئىشلىتىپ ئوقۇيدىكەنمەن...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:26:27

تارىخى ھەمىدى،تارىخى رەشىدىنى ئوقۇشقا ئۆزەمنى شۇنداق زورلاپ باقساممۇ ئوقۇغۇم كەلمىدى،بولمىسا تارىخ كىتاپلارغا بەك ئامراقتىم،يا يېزىلىش ئۇسلۇبى ياقمىدىمىكىن بىلمىدىم،رىۋايەتتەكلا…
كىتاپ ئوقۇشقا دەھشەت ئامراقتىم،كىچىكىمدە داداملاردىن قورقۇپ يوتقاننىڭ ئىچىگە قولچىراقنى تىقىۋېلىپ ئوقۇيتتىم،سۇ بويىدانى بۇرۇنقى ئۈچ قىسىملىق توم كىتاۋىدىن بىرنى ئىككى كۈندە ئوقۇپ بولغانتىم،بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بالام،ئائىلە ، خىزمەت ، تور ، يانفون بىرلىشىپ تەسىر كۆرسەتتىمۇ تازا ئوقۇماس بوپ قېلىۋاتىمەن،يىغىپ ساقلاپ قويغان كىتاپلار ئۆچىرەتتە…
كىتاپقا خەت،ئىزاھات يازمايمەن،پاكىزە ساقلايمەن
ئىلىم پەن كىتاپلىرىنى ئوقۇشقا ئامراق ، بۇرۇن چەتئەلنىڭ بەك نوچى كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلاتتى،ھازىر ساپلا ناچار كىتاپلار…

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:27:23

خەقنىڭ ئۆيىدىن ئوغۇرلىۋالغان كىتابنى بەك ئوقۇۋىتىمەن .

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 23:01:29

مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت رومانلارنى ئوقاي دىگەن بىلىدىغانلار يىل نامە تەرتىپى بويىچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويارسىلەرمۇ ...................  ئەڭ ئاۋل قايسىسىدىن باشلاپ  ئەڭ ئاخىرىدا ئانا يۈرتقىچە..........

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 03:39:47

مەن كىتاب ئوقۇسام، ئوقۇش داۋامىدا مۇھىم بىلىنگەن بەت ئارىسىغا قەغەز پارچىسى قىستۇرۇپ قويۇپ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇقارقى قەغەز سەپقويغان بەتلەرنى قايتا كۆرىمەن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 03:46:58

بىر ھەپتىدەك ۋاقت ئاجرىتىپ، مۇھەددىس ئالبانىنىڭ: ئەلفەتەۋەل مۇھىممە، نى ئوقۇپ مۇھىم قارىغان مەزمۇنلار بار بەتكە قەغەز پارچىسى سېلىپ ئوقۇپ بولۇپ، مۇھىم مەزمۇن لازىم بولغاندا، دەرھاللا قەغەز پارچىسى بار بەتلەرنى كۆرۈپ تەكرار ئوقۇيتتىم. بىرەيلەن كۆرۈۋالاي، دەپ بارلىق قەغەز پارچىسىنى ئېلىۋېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ كىتاب ھەجمى چوڭ بولغاچ، قايتا تەپسىيلىي ئوقۇشقا پۇرسەت چىقمىدى. لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالماي ناھايىتى كۆڭلۈم يېرىم. ئەمما ئورنىنى تولدۇرالمىدىم.:L

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 07:48:12

راس دېگەندەك ئۇنداق چوڭ ھەجىملىك كىتابلارنى قايتا ۋاراقلاشنىڭ ئۆزىمۇ خىلىلا ئاۋارىچىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇپ قويغان قەغەزمۇ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ. تېمىدا تىلغا ئېلىنغان «چاپلاق خەتكۈچ» نى سىناپ باقسىلا ئەمىسە. ئۇنىڭ ئارتۇق قىسمىنى كىتاپ سىرتىغا چىقىرىپ قويساق تېخىمۇ قولايلىق بولىدىكەن. خەتكۈچلەر كۆپرەك بولسا، ھەرخىل رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈپ چاپلاشمۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن.
بەت: [1] 2 3
: سىلەر كىتابنى قانداق ئوقۇيسىلەر؟