azheri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 01:55:28

تەقدىرگە ئىشىنىش چۈشەنچىسى


تەقدىرگە ئىشىنىش چۈشەنچىسى

بۇ ماقالىدىكى تېمىلار:
1.تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى
2.تەقدىرگە ئىشەنگەنلىك ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشەنگەنلىك
3.تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى
4.ئىختىيارلىق بىلەن مەجبۇرلۇق ئارىسىدىكى ئىنسان
5.ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرى
6.ئىنساننىڭ قۇدرىتى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى
7.تەقدىر ۋە سەۋەب
8.تەقدىر ۋە ياخشى ئەمەل
9.تەقدىر ۋە رىزىق
10.تەقدىر ۋە ئەجەل
11.گۇناھ ئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش
12.گۇناھلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىشنىڭ خاتالىق تەرەپلىرى
13.تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولامدۇ؟
14.ھىدايەت بىلەن ئېزىش ئارىسىدىكى ئىنسان
15.خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى
16.تەقدىرنىڭ سىرى
17.تەقدىرگە ئىشىنىڭ مىۋىسى


كىرىشسۆز

بۇ ماقالە دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ«تەقدىرگە ئىشىنىش» ناملىق كىتاۋى ئاساس قىلىنغان ھالدا 2006-يېزىلغان.
قازا قەدەرگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى ئاللاھغا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى توغرا بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.
ئىسلام دىنى: ئاللاھ كامالەت سۈپەتلىرى، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى ۋە ماختاش ئامىللىرىغا بىردىن بىر ھەقلىق زات دەپ قارايدۇ.
تەقدىر مەسىلىدە ئەقىل ۋەھىيگە ماسلاشتى:«ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجىرىم ياراتتى(يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى»،(سۈرە ئەئلا، 2،3-ئايەت).
ئاللاھ كەڭرى ئىلىم، تولۇق ئىرادە ۋە كامىل قۇدرەت سۈپەتلىرىگە ئىگە زات. ئۇ خالىغان نەرسىلەرنى قىلالايدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلىم «بىلىش»سۈپتى ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. قازا-قەدەر ئەقىدىسى مۇشۇ سۈپەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەقدىرگە ئىشىنىش ئاللاھغا بولغان ئىماننى تولۇقلايدىغان ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.   
ئاللاھنىڭ «ئىلمى» ھەممە نەرسىدىن كەڭرى، ئۇ ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار. ئاللاھنىڭ ئىلمى ماكانلار ھەر خىل، زامانلار خىلمۇ-خىل بولسىمۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھېچقانداق بىر شەيئى ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن(بىلىشىدىن) سىرتتا قالمايدۇ.
ھايات ساھەسىدىكى ياخشىلىق-يامانلىق، ئۈمىد-قورقۇش، خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت ھايات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلاھى ئىلىم(بىلىش) ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرىدۇ:«ئاسمان-زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر، (سۈرە يۈنۈس-61-ئايەت).
دىن دۈشمەنلىرى ئىسلام ئەقىدىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك شەك-گۇمانلارنى پەيدا قىلىشتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشى تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكتىن بولغان دەپ ھەقىقەتنى سەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىغا تەقدىرگە ئىشىنىش سەۋەبچى بولغان ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىر مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنەلمەسلىكى، ئۆز يولىدا توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقى، دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمەسلىكى ۋە دىنىغا ئەمەل قىلماسلىقى سەۋەپ بولغان.
ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزىدىكى ئىللەت،كېسەل ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرىنى بىلمەي يۈرۈيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىۋاتقان ناچار قىلىقلىرىغا تەقدىر مەسىلىسىنى باھانە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كىشى بىر ئالىمدىن:ئىنسان ئىختىيارلىققا ئىگىمۇ ياكى ئىختىيارسىزمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئالىم، ئىنسان ئىككى خىل بولىدۇ: بىر تۈرى شەرقتە، يەنە بىر تۈرى غەربتە ياشايدۇ. بىرىنچى تۈرىدىكى ئىنسان ئىختىيارسىز، يەنە بىرسى ئىختىيارى ھۆر ئىنساندۇر، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھېلىقى سوئال سورىغان كىشى بۇ جاۋابنى چۈشىنەلمەي بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ مەن ئۆزلىرىدىن ئىنساندا ئەركىن ئىرادە ۋە مۇستەقىل قۇدرەت بارمۇ؟ ئىنسان ئىرادە ۋە قۇدرىتى بىلەن خالىغان نەرسىلەرنى قىلالامدۇ ياكى بىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىمەن دەپتۇ. ئالىم:«مەن ساڭا غەربتىكى ئىنسان مۇستەقىل، شەرقتىكى ئىنسان مۇستەملىكىگەچۈشۈپ قالغان دەپ جاۋاپ بەردىمغۇ، دەپتۇ.   
چۈنكى غەربتىكى ئىنساندا ئىرادە، ئىقتىدار ۋە قۇدرەت تېپىلىدۇ، شەرقتىكى ئىنساندا ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھېچ بىرسى تېپىلمايدۇ!.   
غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئەقلى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىپ چىقتى، نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى. ئىرادىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ باشقا مىللەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇردى. ئىقتىدار ۋە قۇدرىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ شەرق ۋە غەربنى كېزىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقتى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەسسە قوشتى.   
ئەمما بىزچۇ، ھازىرغىچە ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەركىن ئەقلى بارمۇ؟ ئىرادە باغلىيالايدىغان ئىرادىسى بارمۇ؟ ھەرىكەتلىنەلەيدىغان كۈچ قۇدرىتى بارمۇ؟ دەپ سوراپ يۈرىمىز.
غەرب ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنىغا دۈچ كېلىپ، سۇ ئۈزەلەيدىغان ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھايات دولقۇنى بىلەن ماسلىشىپ قىرغاققا يەتتى!   
ئەمما شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنلىرى قاينىمىدا ئۆز ئۆزىدىن: مەن ھەقىقەتەن تىرىكىمۇ ياكى سۈكۈتلۈككە چۆمگەن جەسەتمۇ؟ دەپ سوراپ ئولتۇرماقتا.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھايات دولقۇنى بۇ بىمەنە سەپسەتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنى ھايات دېڭىزى يەپ كېتىدۇ.   

مەن ئىختىيارلىققا ئىگە ھۆر ئادەممۇ ياكى ئىختىيارسىز مەجبۇر ئىنسانمۇ؟ دەپ يۈرمەي، ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان ئىقتىدارنى غەنىمەت بىلگىن، ھاياتلىقتا سىنىڭ ھەقىقى ھوقۇقىڭنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستىڭدە ھاياتقا قارىتا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىن! ئۇمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈر ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىغىن! دىن ۋە دۇنياغا تولا يالغان سۆزلىمە!
بۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسلام پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىنى توغرا چۈشىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق خىزمەت ۋە ئەمەلگە ئاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. تەقدىرگە ئىشىنىش ئەقىدىسى ھەر قانداق شارائىتتا-قورقماستىن-ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىغا رىئايە قىلغان ۋە ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تولۇق قوللانغان ھالدا ئەمەل قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ نەتىجىنى تەقدىر قىلغاندەك سەۋەبنىمۇ تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەتىجىلەرگە سەۋەبسىز يەتكىلى بولمايدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئوخشاشلا بىر قانۇنىيەت، چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىر.
بۇ توغرىدا ئاللاھ:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»دەيدۇ، (سۈرە رەئدە-11- ئايەت).



(1)
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى

تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسى ۋە ئىدېئولوگىيىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. تەقدىرنىڭ مەنىسى: كائىنات ۋە كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرتەخمىنەن ھەرىكەت قىلمايدۇ، كائىناتتا بىرەر ئىش ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە تەدبىرىگە بويسۇنماي تاسادىپىي ياكى ئەھمىيەتسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلەلەيدىغان ئەزەلى ئىلىمدۇر. ئاللاھ ئۇ ئىشلارنىڭ زامانىي، ئورنى، مىقدارى، شەكلى، خۇسۇسىيەتلىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئەھۋالىنى تەقدىر قىلغان. كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى يېزىپ خاتىرىلىگەن، ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن ئاللاھ تەقدىر قىلغان شەكىلدە پەيدا بولىدۇ:«بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق»،(سۈرە قەمەر،49-ئايەت). «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە)ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى»، (سۈرە فۇرقان، 2-ئايەت) دېگەنلىك بولىدۇ.

تەقدىرنىڭ باسقۇچلىرى:
ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىشىنىڭ مەنىسى، تۆت تۈرلۈك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.ئاللاھ ئىشلارنى پەيدا بولۇشتىن ياكى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچقانداق بىر نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى، قانداق سادىر بولىدىغانلىقى، قاچان ۋە قەيەردە سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ:«ئاسمان-زېمىنىدىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر»، (سۈرە يۈنۈس،61-ئايەت). يەنە: «قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى(ئاللاھغا مەلۇم بولۇپ)لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغاندۇر»،(ئەنئام،59-ئايەت)
ئاللاھ يۈز بېرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز يۈز بېرىدۇ، يۈز بەرمەيدۇ دەپ بىلگەن نەرسە ھەرگىز سادىر بولمايدۇ. خۇسۇسىي سۈپەت ۋە مۇئەييەن شارائىتتا يۈز بېرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز شۇ سۈپەت ۋە شۇ شارائىتتا يۈز بېرىدۇ، مەخلۇقلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس.
2. كائىناتتا سادىر بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۆتكۈر خاھىشى ۋە ئومۇمى ئىرادىسى بىلەن سادىر بولىدۇ. بىرەرسىنىڭ سۆزى ياكى ئىش ھەرىكىتى بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ:«ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلمايتتى»(سۈرە ئەنئام، 112-ئايەت).   
يەنە: «ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى.لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»(سۈرە بەقەر،253-ئايەت).   
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار:«ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ»دېگەن سۆزىدە بىردەك ئىتتىپاق.   
3.كائىناتتا ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەسىرى، يارىتىش ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق.
4. ئاللاھ كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەدىمدىن تارتىپ«لەۋھۇلمەھپۇز»دىن ئىبارەت قېشىدىكى بىر كىتابقا خاتىرىلىگەن:«يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ(ئىش)شۈبھىسىزكى، ئاللاھغا ئاساندۇر»(سۈرە ھەدىد، 22-ئايەت). يەنە:«ئېيىتقىنكى، بىزگە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسە يېتىدۇ»،(سۈرە تەۋبە، 51- ئايەت).
رەسۇلۇللاھ:«بىلىپ قويغىنكى،ئەگەر ئۈممەت ساڭا بىر نەرسىنى پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ساڭا زىيان سالماقچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»دېگەن(تىرمىزى بايان قىلغان).

(2)
تەقدىرگە ئىشەنگەنلىك ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشەنگەنلىك بولىدۇ

ئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەن تەقدىرگە ئىشىنىش مەسىلىسى بەخت-تەلەيگە ياكى تاسادىپىيلىققا ئىشىنىشمەسىلىسى بولماستىن، ئىسلام ئەقىدىسى ئالاھىدە بولغان ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت. ئىسلام ئەقىدىسى ئىلاھلىق مەسىلىسىدە پەلسەپىلەرنىڭ خىياللىرى ۋە دىنلارنىڭ بۇرۇلۇشىنى تۈزۈتۈپ قويدى. ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ«ئارىستوتېل»نىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردىن بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرىدىغان، ئۇ ئىشلارنى بىلمەي قالىدىغان ۋە ئۆز تەدبىرى بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئىلاھ ئەمەس. ئارىستوتېلنىڭ ئىلاھى كائىناتتىن بىخەۋەر بولۇپ ئۆزىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ.
ئىسلامدىكى ئىلاھ «مەجۇسىلارنىڭ ئىلاھى»غا ئوخشىمايدۇ. مەجۇسىلارنىڭ ئېتىقادىدا ياخشىلىق ۋە نۇرغا ئالاقىدار بولغان كائىناتنىڭ يېرىمىنى بىر ئىلاھ باشقۇرىدۇ، ئەمما يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق تەرىپىگە ئالاقىدار بولغان قالغان يېرىمىنى باشقا ئىلاھ باشقۇرىدۇ.مەجۇسىلارنىڭ دىنىدا ئىككى ئىلاھ بولىدۇ: بىرسى ياخشىلىق ۋە نۇر ئىلاھى، يەنە بىرسى يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىلاھى. ئۇ ئىككى ئىلاھنىڭ ئارىسىدا ئاخىردا ياخشىلىق ئىلاھى غەلىبە قىلغانغا قەدەر ئۇرۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.   
ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ«گرېكلارنىڭ ئىلاھى»غا ئوخشاش قالايمىقان ئىش قىلىدىغان ۋە ئىنسانىيەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ياشايدىغان ئىلاھ ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىدا تەقدىرنىڭ چاقچىقى، تەقدىرنىڭ زۇلۇمى ۋە تەقدىرنىڭ قاتتىقلىقى توغرۇلۇق سۆزلەر كۆپ.
شۇنداقلا«بەنى ئىسرائىل(يەھۇدىلار)»نىڭ ئىلاھىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەن تەۋرات كىتاۋى ۋە ئەپسانىلىرى ئىلاھنى ئىنتىقام ئالغۇچى، ۋەيران قىلغۇچى، ئىسرائىل مىللىتىگە مۇتەئەسسىپلىك قىلغۇچى، ئىنساننىڭ ئابى ھايات دەرىخىنى يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرگۈچى سۈپتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىلاھ بەزى ۋاقىتلاردا قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، ئىنسان بىلەن قارشىلىشىپ مەيداندا تەڭ تۇرالمايدۇ!.
«ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ» ھەر خىل پەلسەپىلەر ۋە تۈرلۈك دىنلار تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئىلاھ ئەمەس. ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ ھەممە نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى، يارىتىش ۋە بۇيرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە زات، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى ۋە ھەممە ئىشلارنى كونترول قىلغۇچى زات. ھېچ قانداق بىر نەرسە ئۇ ئىلاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇ زاتقا مەخپى بولۇپ قالمايدۇ.
ئۇ ئىلاھ ناھايىتى سېخى، ئادىل، مېھرىبان، رەھىمدىل، ھەممىنى بىلگۈچى، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ ئىلاھ ھېچ بىر مەخلۇققا زۇلۇم قىلمايدۇ، بىر ئىنساننى باشقىلارنىڭ جىنايىتى بىلەن جازالىمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئەجرىنى كېمەيتىپ قويمايدۇ ۋە يوق قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ خاتالىقسىز جازالىمايدۇ، ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى بىھۇدە قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ.
كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلاھنىڭ تەقدىرى، كونتروللىقى، ئىرادىسى، بىلىشى ۋە ھىكمەت تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ. تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. تاسادىپىيلىققا ئىشىنىش ياكى بەخت-تەلەيگە ئىشىنىش تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرگەنلىك بولمايدۇ.
«تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش»دېگەن ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى، ئىرادىسىنىڭ ئومۇملۇقى، قۇدرىتىنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە كائىناتتىكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت. كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ياكى سادىر بولۇۋاتقان ئىشلار ئىلگىرىكى پىلان، قەدىمقى تەدبىر، ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىدىن غالىب زاتنىڭ تەقدىر قىلىشىغا بىنائەن بولىدۇ.

(3)
تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى

تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:   

بىرىنچى مەيدان: كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار:

ئوربىتىلارنىڭ ئايلىنىشى، سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى، شامالنىڭ يۆنىلىشى، بۇلۇتلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشى، يامغۇرنىڭ يېغىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، زەررە چاغلىق نەرسىدىن تارتىپ ئالەم بوشلۇقىدىكى قوياش سىستېمىسىغا قەدەر خىلمۇ-خىل ئۆسۈملۈك ۋە جانسىز نەرسىلەردە يۈز بېرىدىغان ئومۇمى كائىنات نىزامىغا ئالاقىدار.   
بۇ نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەندىكىسى ۋە بىز كۆرەلەيدىغىنى ياكى كۆرەلمەيدىغىنىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، بۇ نەرسىلەر ئاللاھ تەقدىر قىلغان قانۇن-نىزام بويىچە ماڭىدۇ.
يۇقىرىقى نەرسىلەردىن(بىلىش، يېزىلىش، ئىرادە، قۇدرەتتىن ئىبارەت)    تەقدىرنىڭ تۆت دەرىجىسى ئايرىلمايدۇ. تەقدىرنىڭ بۇ تۆت دەرىجىسىگە ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئارىلىشالمايدۇ ياكى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بالىسى ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى قوياش ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بەزى كىشلەر بۇ ھادىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قوياش تۇتۇلۇپ قالدى دېيىشىدۇ، شۇ پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىيالنى ئىنكار قىلىپ:«قوياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنىڭ قاتارىدىن، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى ياكى تىرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قالمايدۇ» دېگەن.(بۇخارى بايان قىلغان).
ئاللاھ:«كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر، ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلىگە يېتىپ بارغاندا) خورمېنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش(ياچاق شەكىللىك كېچىك) بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى(يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى(يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ياسىن،37-40-ئايەت).
بۇ چوڭ ئاسمان جىسىملىرى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ، ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ(يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن)ئۇلارنىڭ مەدھيسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن(بەندىلىرىگە ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»، ( سۈرە تەۋبە، 44- ئايەت).

ئىككىنچى: يارىتىلىشىمىز ۋە ھاياتىمىزدىكى بىز ئارىلىشالمايدىغان مەيدان:   

بۇ ئىنسانلارغا ئالاقىدار بولغان مەيدان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسان سۈپتىدە يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن بىرسى ئەر يەنە بىرسى قىز قىلىپ يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇردىن، ئۇ ئەرەبتىن يارىتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە، ئۇ باشقا ئورۇندا ۋە باشقا ۋاقىتتا يارىتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ رەڭگى ئاق، يەنە بىرسىنىڭ قارا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېرەك يەنە بىرسى گالۋاڭ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ قەددى قامىتى ئۇزۇن، ئۇنىڭ پاكار؟ نېمە ئۈچۈن بۇ 100 يىل ئۆمۈر كۆردى، يەنە بىرسى ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتتى، دېگەن ساھەدە ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ئىرادىسى ياكى ئىختىيارلىقى بولمايدۇ.   
بۇ سوئاللارغا ئىلاھى ئىرادە ۋە ئىلاھى تەقدىردىن باشقا جاۋاپ يوق. بۇ مەيداندا ئاللاھنىڭ ئۆزىلا تەقدىر قىلىدۇ، خاسلاشتۇرىدۇ، تاللايدۇ ۋە ئىرادە قىلىدۇ:«ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس» (سۈرە قەسەس،68-ئايەت).   
يەنە:«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر»(سۈرە شۇرا، 44- ئايەت). يەنە:«ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئاساندۇر» (سۈرە فاتىر، 11-ئايەت).   
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردا بىزدە ھېچقانداق ئىختىيارلىق يوق، مەجبۇرى ھالەتتە ماڭىمىز. بۇ ئىشلاردا تەقدىر تۆت دەرىجىسى بىلەن بىرگە ھەمرا بولىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچ بىرسىدىن بىز مەسئۇل ئەمەس، دۇنيا- ئاخىرەتتە سوراققا تارتىلمايمىز. زېرەك، دۆت، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، بويىمزنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىمىز ياكى قىسقا مۇددەت ئۆمۈر كۆرىشىمىز، ئاتا- ئانىمىزنىڭ كىم بولىشى ۋە قەيەردە تۇغۇلىشىمىزدىن ھېساب بەرمەيمىز.
بۇ مەسىلىلەردە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولىشىمىز، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلاردا بىزگە بەزىسى كۆرۈنۈپ، يەنە بەزىسى كۆرۈنمەيدىغان ھىكمەت بار دەپ ئىشىنىمىز لازىم. تارىختىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەقدىرگە توغرا يوسۇندا ئىشىنىپ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالىغان ۋە مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىجادىيەتلەرنى يارىتالىغان ئىدى.

ئۈچىنچى مەيدان: ئىرادىمىزگە بويسۇنىدىغان ئىختىيارى ئىشلىرىمىز:

ئىختىيارى ئىشلار مەيدانى مۇباھ ۋە ئىتائەت ئىشلاردىن: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ناماز ئوقۇش، رامىزان تۇتۇش، زاكات بېرىش، ئاللاھنى ئەسلەش؛ گۇناھ ئىشلاردىن: ئوغرىلىق قىلىش، پاھىشە قىلىش، ھاراق ئىچىش، جازانە بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە ئەركىن ئىرادە، ئىختىيارلىق ۋە ئىقتىدارىنى ھېس قىلىدىغان ئىشلار.
دېمەك، ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىقنى ھېس قىلىدىغان مەيدانلار ئىختىيارى مەيدانلار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەيدانمۇ ناھايىتى كەڭرى.   
سىز بۇ ئىختىيارى مەيداندا قانداق ھەرىكەت قىلسىڭىز بولىدۇ، توغرا يولدا ماڭامسىز ياكى خاتا يولدا ماڭامسىز، ئۇ سىزدىكى ئىختىيار.
بۇ مەيدان يۇمىلاق دائىرىگە ئوخشايدۇ، بۇ مەيداندا قانداق قەدەم تاشلىسىڭىز سىز ھۆر. ئىنسانغا بىرىلگەن بۇ ھۆرلۈك مەيدانىدا مەجبۇرلاش دەيدىغان ئىشلار قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ.
ئۆزىمىزدە ئىختىيارلىق ۋە قۇدرەتنى ھېس قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ بىلىشى، ئىلگىرى يېزىپ قويۇشى، ئىرادىسى ۋە ئۆتكۈر قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟   
ئاللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى بىلىدىغانلىقى، ئۇنى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىپ قويغانلىقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە.   

(4)
ئىختىيارلىق بىلەن مەجبۇرلۇق ئارىسىدىكى ئىنسان

ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟ ياكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟ ياكى ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولامدۇ؟ ئورتاق بولسا پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار تەرىپى قايسى؟ ئىنسانلارغا ئالاقىدار تەرىپى قايسى؟
باشقىچە ئۇقۇم بىلەن ئېيتقاندا:ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئىتائەت ۋە گۇناھ بولۇشىنى ئىرادە قىلامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئاللاھ ياراتتىمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئىختىيارلىقى بىلەن ياراتتىمۇ؟.   
ئىنسان قىلىۋاتقان ئىشلىرىدا ئىختىيارلىققا ئىگىمۇ ياكى مەجبۇرمۇ؟ دېگەن سوئال توغرىسىدا پەيلاسوپلار ۋە دىنلارنىڭ كۆز قارىشى خىلمۇ-خىل بولماقتا.   
بۇ سوئال پەلسەپە ۋە دىن ساھەسىدە ئىنساننى ھەيرانلىققا سالماقتا، ئىزدەنگۈچىلەرنى ئىككىلەندۈرمەكتە، ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنى بۈگۈنگە قەدەر مەشغۇل قىلماقتا.
جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ بەزىسى:ئىنسان تامامەن ئەركىن، ھەممە ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە بەزىسى:ئىنسان قىلىدىغان ئىشلىرىنى تاللاشقا مەجبۇر دەپ جاۋاپ بەرگەن.يەنە بەزىسى: ئىنسان ھەر ئىككىلا ساھەدە تۇرۇپ ھايات كەچۈرىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.   
پەلسەپىدىكى بۇ ئىختىلاپنىڭ ساداسى بۇ مەسىلىدە ئىزدەنگەن ئىسلامى ئېقىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئېقىملارنىڭ ئىچىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر، بىخەستەلىك قىلغانلار ۋە نورمال يول تۇتقانلىرى تېپىلىدۇ.   


مۆتىدىل ئوتتۇراھال يول تۇتقان ئەھلى سۈننى ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى
   
مۆتىدىل يول تۇتقان«ئەھل سۈننى» ئالىملىرىنىڭ كۆز قارشى تۆۋەندىكىچە:   
1.بىز ئەقىل ۋە ھېسسى ئەزالىرىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىمىز. بىز ئىرادەۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئىختىيارى ئىشلارنى قىلالايمىز. ئوڭ تەرەپكە ھەرىكەتلەنمەكچى بولساق، بۇ ھەرىكىتىمىز سول تەرەپكە بولۇپ قالمايدۇ، نان يېيىشنى ئىرادە قىلساق تۇپراق يەپ سالمايمىز، مەسچىتكە بارماقچى بولساق ھاراقخانىغا بېرىپ قالمايمىز، بىز پايىدىن چىقىۋاتقان كىشى بىلەن تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى پەرقنى بىلىمىز،بىرىنچىسى(چىققۇچى)ھەرىكىتىدە ئىختىيارى، ئىككىنچىسى ئىختىيارى ئەمەس.   
2.ئاللاھ بىزدە ئىرادە ۋە قۇدرەت دېگەن نەرسىنى ياراتتى، بىز ئۇ ئىككى نەرسە بىلەن ئىشلىرىمىزنى پەيدا قىلالايمىز. بىزدىكى ئىرادە ۋە قۇدرەت بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەسئۇلىيەتكە تارتىلشىمىزنىڭ ئاساسى، مۇكاپات بىلەن جازا مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار.
3.بۇ يۇقىردا دېگىنىمىز، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، كائىناتتىكى ھەر بىرنەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن يارىتىلغان دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى، ئىنساندىكى كۈچ-قۇۋۋەت، ماددى ۋە مەنىۋى سۈپەتلەرنى ياراتقۇچى زات. ئىنساندىكى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ قاتارىدىن: ئىرادە ۋە قۇدرەت، ئىنسان بۇ ئىككى نەرسە بىلەن ئىختىيارى ئىشلىرىنى پەيدا قىلالايدۇ. ئاللاھ بۇ ئىككى نەرسىنى يارىتىشتىكى قانۇنىغا بىنائەن ئىشلارنى پەيدا قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ بەلگىلىدى. تولۇق سەۋەبنى ياراتقۇچى زاتنىڭ سەۋەپ ئارقىلىق قىلىنغان نەتىجىلەرنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئەگەر ئاللاھئۇ ئىشلارنىڭ پەيدا بولۇشنى خالىمىسا ئىدى، پەيدا قىلغۇچى سەۋەبىنى ياراتمىغان بولاتتى.

4.دېمەك، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ياراتقۇچى زات، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى نەرسىلەرنى ۋاسىتە ۋە سەۋەب ئارقىلىق يارىتىشتۇر. ئاللاھنىڭ ئىنساندا ياراتقان قۇدرەت، ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بۇ سەۋەبلەرنىڭ قاتارىدىن. شۇنداقلا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىختىيارى، ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن پەيدا قىلغۇچىدۇر.
قۇرئان كىرىمنىڭ بايانى بۇ كۆز قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ:
(1).قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ«ئەمەل قىلىدۇ، ئىبادەت قىلىدۇ، ئىشىنىدۇ، كاپىر بولىدۇ، ئىسلاھ قىلىدۇ، بۇزىدۇ...»دېگەندەك سۆزلىرى ئارقىلىق يۈز نەچچىلىگەن ھۆججەتلىرىدە ئىشلارنى ئىنسانغا نىسبەت بەرگەن.   
(2). قۇرئان كىرىم باشتىن تارتىپ ئاخىرغىچە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىش ياكى دۇنيا-ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچراش ئىنساننىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ نەتىجىنى سەۋەپكە باغلىغانلىقتۇر:« ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ(جازاسىنى)ئۇلارغا تېتىتتى»(رۇم سۈرىسى، 41- ئايەت).
ئەگەر ئىنسان ئىختىيارى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن مەسئۇل بولمايدىغان بولمىسا، ئاللاھ ئۇنى ھېسابقا تارتمىغان ۋە جازالىمىغان بولاتتى. كىم ئاللاھنى ئىنساننىڭ ئىرادىسى، قۇدرىتى ياكى تەسىرى يوق ئىشلاردا ئازابلايدۇ، دەپ گۇمان قىلسا خاتالاشقان بولىدۇ.
(3).قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ تاللايدىغان ۋە سېلىشتۇرۇپ كۈچلەندۈرىدىغان ئىرادىسى ۋە خاھىشىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا بىر ئىش قىلالايدىغان ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق بۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىرادە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىدىن ئېلىنغان، بۇ ئىككى نەرسە ئاللاھدىن مۇستەقىل ئەمەس:«(ئى مۇھەممەد!)«بۇ ھەق قۇرئان پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن»دېگىن» (سۈرە كەھف، 29-ئايەت)، «سىلەردىن(جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان كىشى ياكى (دوزاختىن)چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر (سۈرە مۇدەسسىر،37 ئايەت). يەنە:«پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(سۈرە ئىنسان، 30-ئايەت).
دېمەك، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقى بار، بىراق بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان ئەمەللىرىنى خالاپ قىلىدۇ ۋە ئىرادە قىلىپ قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ ئىنساننىڭ ھۆر ۋە ئىرادە قىلغۇچى بولىشىنى خالىدى. ئىرادە قىلىش ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىدىن كەلگەن نەرسە ئەمەس، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەزىلەت.
شۇنداقلا ئىنساندا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىقتىدار بار، بۇمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن:«ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن(سىلەرنى) كۈچلۈكتىن ئاجىز قىلدى، ۋە(سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى» (سۈرە رۇم، 54-ئايەت).   
ئىنسان، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆججىتى تەسۋىرلىگەندەك ھۆر، ئىرادە قىلغۇچى، تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىجابىي ئىقتىدارى بار مەخلۇق. ئىنساننى كىم يارىتىپ، ئۇنىڭغا شۇ ئىقتىدارلارنى كىم ئاتا قىلدى؟ كىم ئۇنىڭغا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقىلنى، تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىرادىنى ۋە ئىجرا قىلىدىغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ئاتا قىلدى؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا ھېچ بىر نەرسىنى بەرمىگەن بولاتتى.   
مانا بۇئىنسان توغرىسىدىكى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتى. بەزى كىشلەر خىيال قىلغاندەك، ئىنسان ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىش قىلالماي تەسىرلىنىدىغان، تەسىرلىنىپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان سايمان ئەمەس. شۇنداقلا خالىغان نەرسىنى يارىتالايدىغان، ئىرادە قىلغان نەرسىنى مۇتلەق قىلالايدىغان ئىلاھمۇ ئەمەس. ئۇ ھەرىكەتچان ئىجابىي مەخلۇق، ئاللاھ ئۇنى ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇنى زېمىندا خەلىپە قىلدى، ئۇنىڭغا كائىناتتا خوجايىن، زېمىندا خەلىپە بولۇشى، زېمىننى گۈللەندۈرۈشى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن كېتەرلىك كۈچ- قۇۋۋەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئاتا قىلدى.
ئاسمان زېمىندىكى ھەر بىر تال زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، ئىنساننىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن قۇدرىتى بىلەن بولىدۇ، ئىنسان تاللىغان ۋە ئىرادە قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرسى ئىچىدە، ئاللاھنىڭ كائىناتتا ئورناتقان ۋە تەسىرىنى چاتقان قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە بولىدۇ.
دېمەك،ئىنسان ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئۇ ئىختىيارلىق، كەسكىن ئىرادە ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە:«خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن»،(سۈرە مۇزەممىل، 19 -ئايەت).

(5)
ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرى
بىرىنچى گۇمان: ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان ياكى يۈز بەرمەيدىغان ئىشنى ئاللاھنىڭ ئاللىبۇرۇن بىلىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۆمەرنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇ شەكسىز ھالەتتە ھاراق ئىچىدۇ. ئۇنىڭ ئىچمەي قېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بولمىسا«قەدىمى بىلىش» بىلمەسلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ، دېيىشىدۇ.
بۇ گۇمان بىرقانچە تەرەپتىن ئورۇنسىز:   
(1).ئاللاھ ئىشلارنى ئۆز ھالىتى بويىچە بىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىنساننىڭ بىرەر گۇناھنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئىش ئاللاھنىڭ بىلىشكە قارىتا يۈز بېرىدۇ.
(2).«بىلىش»پەقەتلا ئېچىپ بېرىدىغان سۈپەتتىن ئىبارەت، ئۇ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىل ئەمەس. تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى. «بىلىش» بولسا مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنىئۆز ئەينى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەككە ئوخشاپ كېتىدۇ.
(3).ئەگەر بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ياكى يۈز بەرمەسلىكىنى ئالدىنئالا بىلىش بىر ئىشنىڭ مەجبۇرىي بولۇشىنى تەقەززا قىلىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۆز ئىشلىرىغا مەجبۇرلانغۇچى بولۇپ قالاتتى.چۈنكى ھەر قانداق ئىش ئاللاھغا نىسبەتەن مەلۇم. ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئىختىيارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆججەتلەر ساناقسىز.   
«بىلىش» مەسىلىسىنى تۆۋەندىكى مىسالدىن چۈشىنىۋالساق بولىدۇ: ئەگەر بىر مۇئەللىم ئۆزىنىڭ شەخسى خاتىرە دەپتىرىگە ھەر بىر ئوقۇغۇچىسى توغرۇلۇق، ئۆمەر ئەلاچى بولىدۇ، پاتىمە بىرىنچى بولىدۇ، ئوسمان ئىككىنچى بولىدۇ، ئامىنەمئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قېلىپ قالىدۇ دەپ مۇلاھىزە يېزىپ قويغان بولسا، ئاندىن دەرس يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى مۇئەللىم شەخسى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويغان دەرىجە بويىچە نەتىجىگە ئېرىشىپ قالسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىمگە:سىز شەخسى خاتىرە دەپتىرىڭىزگە بىز توغرۇلۇق مۇلاھىزە ياكى نەتجىمىزنى يېزىپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قېلىپ قالدۇق، دەپ خاپا بولسا توغرا بولارمۇ؟ ئوقۇتقۇچى يېزىپ قويغان بولسا ئۆزى ئۈچۈن يېزىپ قويدى، مۇئەللىمنىڭ يېزىپ قويغىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مۇئەللىم پەقەت بىلىشىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككىنچى گۇمان:
ئەگەر ئىنساننىڭ ئىختىيارى ئىشلاردا ئىرادىسى بولىدىغان بولسا، بۇ ئىرادىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟
جاۋاپ: ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئىنساننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ.   
يۇقىرقى گېپىمىزگە رېئاللىق شاھىد بولالايدۇ. ئىنسان ئىختىيارى ئىشلىرىدا ئۆزىدە ئىرادىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلىشقا نىيەت قىلىدۇ، ئۇ ئىشلارنى دەسلەپتە ئويلايدۇ، نەتىجىسىنى ئەقلى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئاندىن كېيىن قىلىش ياكى قىلماسلىققا ئىرادە باغلايدۇ. ئەگەر قىلىشنى ئىرادە قىلىپ قالسا ئىختىيارى ھالەتتە قەدەم باسىدۇ، قىلىشنى خالىماي قالسا بۇ ئىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بەزىدە ئۆزى قىزىقىۋاتقان بىر ئىش توغرۇلۇق كۆڭلىدەئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، كۆز قارىشىنى باشقا تەرەپكە بۇرايدۇ.
دېمەك ئىنساندا خۇسۇسىي ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بار، بىراق ئۇ ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن ئېلىنغان. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن مۇستەقىل ئەمەس. ئىلاھى ئىرادە بىلەن ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئارىسىدا نۇرغۇن پەرق بار:   
ئىنساننىڭ ئىرادىسى مەخلۇق، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ياراتقۇچى،
ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئەگەشكۈچى ئىرادە، ئاللاھنىڭ مۇستەقىل ئىرادە،   
ئىنساننىڭ چەكلىك ئىرادە، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادە،   
ئىنساننىڭ كەمتۈك ئىرادە، ئاللاھنىڭ تولۇق ئىرادىدۇر.   
ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئىنساننىڭ چەكلىك قۇدرىتى ۋە نۇقسان تاقىتى دائىرىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان قانچىلىغان نەرسىنى ئىرادە قىلىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ، بىراق رېئاللىققا ئاشماي قالىدۇ، قانچىلىغان نەرسىلەر ئىنسان ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە يۈز بېرىدۇ. قانچىلىغان ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر ئىرادە قىلمىسىمۇ يۈز بېرىدۇ.

(6)
ئىنساننىڭ قۇدرىتى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى

ئىنساننىڭ قۇدرىتى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ ياكى تەسىر كۆرسىتەلمەمدۇ؟
بىز دەيمىزكى: ئىشنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ئاللاھنىڭ ئىنساندا ئورۇنلاشتۇرغان كۈچ قۇدرىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق يارىتىلغان. يەنى بارلىق نەتىجە ۋە مەخلۇقلارنى سەۋەپ ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق ياراتقاندەك، ئىنساندىكى كۈچ- قۇدرەت ئاللاھنىڭ ئۇ ئىشنى يارىتىشتىكى سەۋەبى ۋە ۋاستىسى بولىدۇ.   
ئىنساننىڭ قۇدرىتىگە تەسىر كۆرسىتىش سۈپىتىنى بەرگەنلىك شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بارلىق سەۋەپلەرنى ئىسپاتلاش شېرىك ھېسابلىنىپ قالىدۇ. مانا ئاللاھ:«ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك-تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز»دەيدۇ، (سۈرە ئەئراف- 57- ئايەت).
ئىنسان ھۆر، ئىرادە قىلغۇچى، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە، پائالىيەتچان مەخلۇق. ئىنسانغا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقىل، سېلىشتۇرالايدىغان ئىرادە ۋە ئىجرا قىلالايدىغان كۈچ-قۇدرەت بەرگەن زات ياراتقۇچى ئاللاھدۇر. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ ئومۇميۈزلۈك پائالىيەتچانلىقى ئارىسىدىكى ئېتىقادتا زىددىيەت يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاللاھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت.
«ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق» دەيدىغان خاتا ئەقىدە: كىشىلەردە رېئاللىققا بويسۇنۇش پەلسەپىسىنى تەمسىل قىلىدۇ، مەغلۇب بولۇش روھىنى غىزالاندۇرىدۇ، مەغلۇبىيەتنى ئاقلاپ بېرىدۇ ۋە خورلۇققا تەسلىم بولۇش ئېڭىنى تارقىتىدۇ. بۇ ئەقىدىدىكى كىشلەر ئۆزگىرىشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ ياكى قارشى تۇرۇشقا كەسكىن ئىرادە باغلىمايدۇ، ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويىدۇ. ئىنساندا ئىرادە ۋە قۇدرەت بار دەپ قارىغان كىشى ئۆزگەرتىدۇ ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرىدۇ. ئەمما ئۆزىنى تەقدىر شامىلى قوزغالغاندا ئۇچۇپ كېتىدىغان پەي دەپ قارايدىغان كىشىدە بۇزۇقچىلىق ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ياكى خورلۇقنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئىرادىسى تېپىلمايدۇ.
ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگەن خاتا ئىدىيە بىرەر جەمئىيەتتە تارقىلىپ كەتسە، تەبئىي ھالەتتە ھۆكۈمران كۈچلەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، خەلقنى سۇسلاشتۇرۇپ بوشاشتۇرۋېتىدۇ. «تەقدىر مۇشۇنداق ئىكەن، تەلىيىمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ»! دەيدىغان خاتا ئاڭنى تارقىتىدۇ. بۇ خاتا ئىدىيىنى بىلىمسىز موللىلار ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تەشۋىق قىلىدۇ.
«بىز نېمە ئىش قىلالايتتۇق»دېگەن پەتىۋانى پەيدا قىلىپ ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، قورقۇنچاقلىق ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش بىلەن كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئارام تاپتۇرىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلاردۇر:«سىلەر ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»،(سۈرە ئەنفال، 25- ئايەت).
بىلىملىك ۋە مەدەنىيەتلىك كىشلەر بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەتكەن«ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق، ئىنسان مەجبۇرىي قانۇن ئاستىدا ياشايدۇ»دېگەن خاتا ئەقىدىگە قارشى تۇرۇشى لازىم. بۇ خاتا ئەقىدە ئىنساندىكى ئىجادىيەت ۋە قاراملىق روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئىنساندا ناچار شارائىت بىلەن رازى بولۇش ئېڭىنى پەيدا قىلىپ، يۇقىرىغا ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىۋېتىدۇ.   
ئىنساننىڭ ئەركىن، ھۆر، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە، ئىختىيارلىق ھوقۇقى بار مەسئۇل مەخلۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغان پەي ئەمەسلىكىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن باشقىسىنىڭ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، مەجبۇرلاشلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلشىمىز لازىم. ئاللاھ قۇرئاندا:«ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دەيدۇ، (سۈرە نەجم، 39-ئايەت).
(داۋامى بار)


ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
2014- 9- 1 كۈنى
                                 قاھىرە شەھىرى، مىسىر.

azheri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 02:08:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azheri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 02:13


(7)
تەقدىر ۋە سەۋەب

تەقدىرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ ھەممە نەرسىلەرنى بىلەتتى، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئىرادە قىلغان، ئۇنداقتا ئۇ نەرسە ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ئىرادىسىگە بىنائەن شەكسىز يۈز بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە شەكسىز يۈز بېرىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ھېچ بىر نەرسە قارشى تۇرالمايدىغانلىقى ئۈچۈن غايە ۋە نەتىجىگە يەتكۈزىدىغان سەۋەب ۋە ئۇسۇللارنى تاشلىۋېتىش دېگەنلىك بولامدۇ؟
بەزى كىشىلەر:ئەگەر ئاللاھ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن ياكى دارا يېسۇن ياكى يېمىسۇن چوقۇم ساقىيىدۇ. ئەگەر ئەسكەرلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا-تولۇق تەييارلىق قىلمىغان بولسىمۇ-شەكسىز غەلىبە قىلىدۇ، دەپ خىيال قىلىشىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر تەقدىرگە ئىشىنىش-نەتىجە بەلگىلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن- سەۋەب قوللىنىشقا زىت كېلىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
بۇلار تەقدىرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن يۇقىرىقىدەك خاتالاشقان. بۇلار، ئاللاھ نەتىجىلەرنى سەۋەبسىز ۋە مۇقەددىمىسىز تەقدىر قىلىدۇ، دەپ ئويلىشىدۇ، بۇ ئوچۇق خاتالىقتىن ئىبارەت.
چۈنكى ئاللاھ نەتىجە بىلەن سەۋەبنى، نەتىجە بىلەن مۇقەددىمىنى تەڭ تەقدىر قىلىدۇ. چۈنكى تەقدىر ئالەمدىكى بارلىق پەيدا بولغۇچى نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ھېچ بىر نەرسە قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى تەقدىر قىلسا، ساقىيىش نەتىجىسىنىڭ ئۆزىنىلاتەقدىر قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇئەييەن دورىلارنى ئىچىشىنى ياكى مۇئەييەن تاماقتىن ساقلىنىشنى ياكى مۇئەييەن بىر خىل ئادەتنى قوللىنىشتىن ئىبارەت سەۋەبىنى تەڭ تەقدىر قىلىدۇ. كېسەل-ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە-سەۋەب ئارقىلىق كېسەلدىن ساقىيىدۇ.
ئەگەر ئاللاھ بىر كېسەلنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى ساق كىشىنىڭ كېسەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئاللاھ ئىشلارنى سەۋەبلىرى بىلەن بىرلىكتە تەقدىر قىلىدۇ، ھەممىسى(سەۋەب ۋە نەتىجە) تەقدىرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
نەتىجە ئاللاھنىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا سەۋەب قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىردۇر.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەزرىتى ئۆمەر سۈرىيە شەھىرىگە كېتىۋاتقان ئىدى. ئۇ سەپەر جەريانىدا سۈرىيەدە ۋابا كېسىلىنىڭ تارقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن سۈرىيەگە بارماي كەلگەن ساھابىلەر بىلەن قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان چاغدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ناملىق بىر ساھابە:«ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچماقچىمۇ؟» دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر:«شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ۋابا كېسىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەرگەن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سىنىڭ تۆگىلىرىڭ بولۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا مۇنبەت زېمىن بىلەن قۇرغاق قاقاسلىق زېمىن بولسا، تۆگىلەرنى ئوت-چۆپلۈك زېمىندا باقساڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولىسەن، ئەگەر قۇرغاق قاقاسلىق زېمىندا باقساڭمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولمامسەن؟ دېگەندە، ئەبۇ ئۇبەيدە:«شۇنداق»دەپ جاۋاپ بېرىپ قايىل بولغان.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى ھەق، ئاللاھنىڭ تەقدىرى شەكسىز ئىجرا بولىدۇ. بىراق ئۇ تەقدىر ئاللاھنىڭ كائىناتتا بېكىتكەن قانۇنىيىتى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەسىلىسى توغرا بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان سەۋەبلەر ئارقىلىق ئىجرا بولىدۇ. ھايات قانۇنىيەتلىرى بىلەن سەۋەب-چارىلەر ئاللاھنىڭ ئومۇمى تەقدىرىدىن پارچىلانمايدىغان بىر قىسمىدۇر.


(8)
تەقدىر ۋە ياخشى ئەمەل

تەقدىرگە ئىشىنىش ئىتائەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا زىت كېلىدۇ، ئاللاھ ئەزەلدىن بىلگەن ۋە لەۋھۇلمەھپۇزدا بەلگىلەنگەن نەرسە شەكسىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنىڭ ئىلمى بىلمەسلىك بولۇپ قالىدۇ، دېگەن كۆز قاراش خاتا كۆز قاراشتىن ئىبارەت.
ئەگەر ئەھمەد ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بەختسىز ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولسا، بۇ بەختسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەخىتلىك بولۇپ، جەننەت ئەھلىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئەگەر ئوسمان بەخىتلىك بولۇپ جەننەت ئەھلىدىن بولسا، ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختسىز بولۇپ، دوزاخ ئەھلىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەخىتلىك كىشى ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا بەخىتلىك بولغىنى، بەختسىز كىشى ئاپىسىنىڭقورسىقىدا بەختسىز بولغىنى. بەخىتلىك بەختسىز بولۇپ قالمايدۇ. شۇنداقلا بەختسىز كىشى بەخىتلىك بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنداقتا ئەمەل قىلىشنىڭ ۋە ئۆزىنى چارچىتىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، چۈنكى تەقدىردە بەلگىلەنگىنى شەكسىز شۇنداق بولىدۇ، دېيىلمەكتە.
بۇ كۆز قاراش قاتتىق نادانلىق ۋە ئېغىر ئېزىش بىلەن يەكۈنلەنگەن كۆز قاراشتىن ئىبارەت، بۇ كۆز قاراش ئىككى تەرەپتىن خاتا:
بىرىنچىدىن:ئاللاھنىڭ بىلىشى نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئەھۋالغا ئالاقىدار، شۇنداقلا ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى ئۆز پىتى يېزىپ قويىدۇ ۋە تەقدىر قىلىدۇ. چۈنكى بىلىش مەلۇماتقا ماس كېلىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى يېزىپ قويدى ۋە تەقدىر قىلدى، چۈنكى بۇ ئەمەلىيەت. كىم، ئاللاھ نەتىجىلەرنى مۇقەددىمىسىز ۋە سەۋەبسىز تەقدىر قىلىدۇ دەپ ئويلىسا، ئاللاھغا تۆھمەت چاپلىغان بولىدۇ.
ئاللاھ، بىر ئىنساننىڭ ئىمان كەلتۈرۈپ ياخشى ئىش قىلىپ، شۇ سەۋەپلىك بەخىتلىكلەر بىلەن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى؛ پالانچىنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بەختسىزلەر بىلەن دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، پالانچىنىڭ پالانى خېنىم بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بالا يۈزى كۆرىدىغانلىقىنى، پالانچىنىڭ كۆچەت تىكىپ مېۋىسىنى يىغىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىپ قويىدۇ.
كىم: مېنىڭ جەننەت ئەھلى ئىكەنلىكىم تەقدىر قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمەل قىلمىساممۇ بەخىتلىك بولۇپ جەننەتكە كىرىمەن دەپ ئويلىسا، ئاللاھنىڭ بىلىشى ۋە تەقدىرىگە زىت بولىدۇ.
ئالايلۇق، ئەگەر بىرسى قوپۇپ، ئەگەر ئاللاھ ماڭا پەرزەنت تەقدىر قىلغان بولسا ئىدى، توي قىلمىساممۇ پەرزەنت يۈزى كۆرىمەن دەپ ئويلىسا، ئۇ نادان ۋە ئەخمەقلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرزەنت تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ پەرزەنتنى سەۋەبى بىلەن بىرگە تەقدىر قىلدى. شۇڭا تەقدىر قىلىنغان پەرزەنتنى، تەقدىر قىلىنغان سەۋەبسىز كۈتكەن ئىنسان ئەخمەق ۋە توغرا يولدىن ئازغان ئىنساندۇر.
ئىككىنچىدىن: بىر نەرسە بىلىنىپ ۋە يېزىلىپ، ھەمدە شۇ نەرسە ھەققىدە خەۋەر بېرىلسە، يېزىپ قويغانلىق شۇ نەرسىنىڭ ئەمەلىي يۈز بېرىشىدە كۇپايە قىلمايدۇ، سەۋەب ۋە ئامىللاردىن بىھاجەت بولۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ. چۈنكى بىلىش ھېلىقى مەلۇملۇق بولغان ئىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئەمەس، بىلىش بىرەر سۈپەتنى قوشۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىكى نەرسىگە ئەينەن ماسكەلگەنلىكتىن ئىبارەت.
كېلەچەكتىكى ئىشلارنى بىلىش ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىش، ئۆتمۈشنى بىلىش ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەنلىكىگە ئوخشاش. چۈنكى بىزنىڭ بىزدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلىشىمىز ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىمىز ئاسمان ۋە زېمىندەك بىز پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى پەيدا بولغان نەرسىلەرنى بىلىشىمىزگە ئوخشاش، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى بىلگىنىمىزگە ئوخشاش. بۇ بىلىشنىڭ ھېلىقى مەلۇملۇق نەرسىنى پەيدا قىلىشتا ھېچقانداق تەسىرى يوق.
دېمەك، بەخىتلىك ئىنساننىڭ بەختسىز بولۇپ قالمايدىغانلىقى، بەختسىزنىڭ بەخىتلىك بولۇپ قالمايدىغانلىقىتوغرا سۆز. بىراق ئاللاھ بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئاللاھ بەخىتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بەخىتلىك بولىدۇ. بەختسىز ئادەم ئاللاھ بەختسىزلىكنىڭ ئامىللىرى ۋە سەۋەبلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن بەختسىز بولىدۇ. تەقدىرگە تاينىۋېلىش ۋە تىگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئامىللىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
ھەزرىتى ئەلى ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر جىنازىنى دەپنە قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ قېشىمىزدا ئولتۇردى، ئۇ كىچىك بىر تاياقنى يەرگە نوقۇپ تۇرۇپ:«ھەر بىرىڭلارنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىردىغىنىڭلار، شۇنداقلا بەخىتلىك ياكى بەختسىز بولۇشۇڭلار تەقدىر قىلىنىپ بولدى»دېدى. شۇ ۋاقتىدا بىر ئادەم قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تەقدىرگە تەن بېرىپ شۇنىڭدا نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى كۆرمەيمىزمۇ؟، ئەمەل قىلىپ نېمە قىلىمىز؟ چۈنكى بىزدىن كىم بەخىتلىك بولسا بەخىتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن، كىم بەختسىز بولسا بەختسىز ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن دېدى. رەسۇلۇللاھ:«ئەمما بەخىتلىك كىشلەرگە بەخىتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، بەختسىز ئادەملەرگە بەختسىز ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ» دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «(پۇل مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن)سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشلىق يولىنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ،(ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز»،(سۈرە لەيل- 5،10-ئايەت).
ئىمران بىننى ھۈسەيىن بايان قىلغان بىر ھەدىستە:«ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! جەننەت ئەھلى، دوزاخ ئەھلىدىن بىلىندىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇلار:ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بېرىپ:«ھەر بىر ئىنسان يارىتىلغان نەرسە ئۈچۈن مۇيەسسەر قىلىنغان» دېگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
دېمەك تەقدىرنىڭ بەلگىلىنىپ بولغانلىقى ئەمەل قىلىشتىن توسمايدۇ ۋە تەقدىرگە تايىنىۋېلىشنى ۋاجىپ قىلمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشنى ۋە كۆپ خىزمەت قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدۇ. چۈنكى ھېچ بىر مەخلۇق ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز يارىتىلغنىنى بىلمەيدۇ.
ئىنسان تەقدىر قىلىنغان نەرسىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن سەۋەب ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ سەۋەب قىلسا، سەۋەب ئۇنى تەقدىر تەقدىر قىلىنغان نەتىجىگە يەتكۈزىدۇ.
ئىلگىرى يېزىلغىنى:بەخىتلىك ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بەخىتلىك بولىدىغانلىقى، بەختسىز ئىنساننىڭ يامان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بەختسىز بولىدىغانلىقى يېزىلغان. بىرسى يېزىلىپ، يەنە بىرسى يېزىلماي قالغان ئىش يوق.
بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول تارتىش بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ جۈملىسىدىن. يېزىلغان تەقدىر بەختنىڭ ۋە بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئەمەللەرنىڭ يىغىندىسى.
ئەگەر ئىنسان ئىلگىرى يېزىلغان تەقدىرگە تايىنىپ، بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلمىسا، بەختسىز بولۇشنىڭ سەۋەبىدىن ھېسابلىنىدۇ. مۇنداق ئويلاش: يېمەيمەن، ئىچمەيمەن، چۈنكى ئاللاھ ماڭا يېمىسەم ۋە ئىچمىسەممۇ تويۇشنى ۋە ئۇسسۇزلۇققا قېنىشنى تەقدىر قىلدى، دېگەنگە ئوخشاش بىر ئىش.
تەقدىردە يېزىلغىنىغا تايىنىمەن دېگەن ئىنسان ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز دەپ يېزىلغانلىقىنى لەۋھۇلمەھپۇزدىن كۆرۈپتىمۇ ياكى بىلىپتىمۇ؟.
ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ بەخىتلىك بولۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان بىر بۆلەك ئىشلارغا بۇيرۇدى، بەخىتسىزلىككە سەۋەبچى بولىدىغان بىر بۆلەك ئىشلاردىن چەكلىدى. بەخت يولىنى ۋە بەخىتسىزلىك يولنى كۆرسىتىپ قويدى، بىراق ھېچ بىر ئىنساننى مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى.
چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق بەختسىزلەر قاتارىدىن تەقدىر قىلىپ قويۇپتىكەن، دېگەن سۆز ئەقىلغا سىغامدۇ؟. قايسى يولنى تاللاش سىزدىكى ئىختىيار.

(9)

تەقدىر ۋە رىزىق

رىزىق ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا تەقدىر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىزقى كەڭرى بولغانلىرى، رىزقى تار بولغانلىرى ۋە نورمال بولغانلىرى بار، ھەممىسىگە رىزىق بەرگۈچى ئاللاھدۇر. ئاللاھ ھەر بىر نەرسىگە رىزىق تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىغا كېپىل بولۇپ مۇنداق دەيدۇ:«يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان»،(سۈرە ھۇد- 6- ئايەت).
يەنە:«نۇرغۇن ھايۋانلارئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ( يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دەيدۇ،(سۈرە ئەنكەبۇت، 60-ئايەت).
كۆپلىگەن ئىنسانلار، رىزىق ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانلارغا تەقسىم قىلىنىپ بەلگىلەنگەن بولىدۇ دېگەن سۆزنى؛ رىزىق ئىزدەپ ھەرىكەتقىلىشنىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى ئاللاھ ھەر كىمنىڭ باي بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىش قىلمىسىمۇ باي بولىدۇ، كىمنىڭ كەمبەغەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا- ئۇ ھەر قانچە زېرەك ۋە پائالىيەتچان بولۇپ، كۆپ ئىشلەپ كەتسىمۇ كەمبەغەل بولىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئاللاھ رىزقنى سەۋەبى بىلەن بىرگە بەلگىلىدى، رىزىق تەقدىر قىلىنغاندەك سەۋەبىمۇ تەقدىر قىلىنغان. مەسىلەن؛ ئاللاھ، پالانچىنىڭ ئەقلىنى ۋە زېرەكلىكىنى ئىشقا سېلىپ، تۇرمۇش يولىدا كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا رىزقىنى كەڭرى قىلىپ بېرىدۇ. يەنە بىر ئىنسان ھورۇنلۇق قىلىپ، ئەمگەك قىلماي، تۆۋەن تۇرمۇشقا رازى بولسا ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ تىجارەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بەرگەن رىزقىدىن يەڭلار»(سۈرە مۈلىك، 15-ئايەت).
ئايەتنىڭ مەنىسى: كىم تىرىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە رىزىق ئىزدەشكە سەۋەب قىلسا ئاللاھنىڭ رىزقىغا ئېرىشەلەيدۇ. كىم ھورۇنلۇق قىلىپ، رىزقنىڭ سەۋەبىنى قىلمىسا ئاللاھنىڭ رىزقىنى يېيىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ.
ئاللاھ جانلىق نەرسىلەرنىڭ رىزقىغا كېپىل بولدى دېگەنلىكىنىڭ مەنىسى، بۇ يەر شارىدىكى جانلىق نەرسىلەرگە قۇرۇقلۇقتا بولسۇن ياكى دېڭىزدا بولسۇن رىزقنىڭ سەۋەب-چارىلىرىنى تەييارلاپ بەردى، دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ زېمىننى ياراتقاندا:«زېمىننى بەركەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى»، (سۈرە فۇسسىلەت، 10-ئايەت).
ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ رىزقىنى زېمىندا بەلگىلەپ بولغان:«شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداقنېمەتلىرى تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»،(سۈرە ئەئراف،10- ئايەت).
ئەمگەك قىلمىسا رىزىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، شەرىئەت سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەرىئىتىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ئىنساننىڭ رىزقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەل قىلىشى ۋاجىپ ھېسابلىنىدۇ. كىم رىزىق ۋە مال-دۇنيا تېپىشتىن ھورۇنلۇق قىلىپ سەۋەبىنى قىلمىسا، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىگە ۋە شەرئى ھۆكۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
يېتەكچىمىز ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ جۈمە نامىزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: سىلەر كىم بولىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار:«بىز ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا مۇنداق رەددىيە بەرگەن:«سىلەر تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى سۇسلۇق ۋە ھورۇنلۇق قىلغۇچىلار، رىزىق ئىزدەشتىن ھورۇنلۇق قىلماڭلار، ھورۇنلۇق قىلىپ ئەمگەك قىلماي، ئى ئاللاھ رىزىق بەرگىن دېسەڭلار ئاسمان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ياغدۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئاللاھ بەندىلىرىگە بىر بىرىنىڭ سەۋەبى ئارقىلىق رىزىق بېرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟:«ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلى(رىزقى)نى ئىزدەڭلار»(سۈرە جۈمە- 10- ئايەت).
«رىزىق دېگەن تەقدىر قىلىنغان، ئەمگەك قىلمىساڭمۇ ساڭا كېلىدىغىنى ھامان كېلىدۇ» دېگەن چۈشەنچە خاتا ئۇقۇمدىن ئىبارەت.
ئىسلام دىنى بىزنى دېھقانچىلىق، سانائەت، ھۈنەر-كەسىپ، سودىگەرلىك، كارخانا ئېچىش ۋە ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن رىزىق ئىزدىشىمىزنى بۇيرۇدى. جان بېقىش ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش ئىسلام دىنىدا ئىبادەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر زېرەك بولۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۆپ جاپا چېكىپ، سەۋەب قىلسىمۇ ئاز نەتىجىگە ئېرىشىدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن.
توغرا، بەزى ھۇشيار كىشلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۆپ بەدەل تۆلەپ خىزمەت قىلسىمۇ ئازغىنا نەتىجىگە ئېرىشىپ قالىدۇ. بەزى كىشلەر ئاز كۇچ چىقىرىپ، ئاز خىزمەت قىلسىمۇ كۆپ رىزىققا ئېرىشىپ قالىدۇ، بەزى كىشلەرگە رىزىق جاپاسىزمۇ كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ۋەزىيەتتە يوچۇق، قانۇن-تۈزۈملەردە ئەگرىلىك ۋە ئەيىب نۇقسان بولۇپ، ئىقتىساد ۋە بايلىقنى تەقسىم قىلىش ئادىل بولماي قالىدۇ. مۇنداق نىزامنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزۈتۈش لازىم.
2.تەبئىي ۋەزىيەتمۇ ئوخشاش بولماي قالىدۇ، مەسىلەن، شارائىتى تولۇق باياشات مۇھىتلاردا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن شارائىتى تولۇق ئەمەس قاقاسلىق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلغان ئادەم تەڭ بولالمايدۇ. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن ئافرىقا ياكى ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا خىزمەت قىلغان ئادەم ئوخشاش نەتىجىگە ئىگە بولالمايدۇ.
3.ياكى بۇ يەردە ئىنسان سىرنى بىلمەيدىغان تەقدىر بولىدۇ. كىشلەر ئۇنى بەخت-تەلەي دەپ ئاتىشىدۇ. مۆمىنلەر ئۇنى«تەقدىرنىڭ ھۆكمى» دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن،بەزى ۋاقىتلاردا قوشنا ئىككى سودىگەرنىڭ بىر خىل باھا بىلەن ئوخشاش تاۋار ياكى مال ساتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، بىرسىنىڭ دۇكىنى خېرىدارلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، يەنە بىرسىگە خېرىدار كىرمەي قالىدۇ.
بەزى ۋاقىتلاردا پۇختا ئىش قىلىدىغان خىزمەتچى ياكى ھۈنەرۋەننىڭ بەخت تەلىيى كەلمەي قالىدۇ، يەنە بىر ئىنسانغا كەلسەك ئۇنىڭدا مۇنداق ئىقتىدار بولمىسىمۇ تەلەيلىك بولىدۇ، ھەر قانداق بىر نەرسە ئېلىپ ساتسا پايدا ئالالايدۇ، چوڭقۇر پىلان تۈزمىسىمۇ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. بەزىدە ئاللاھ بەزى ئىنسانغا مەريەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش جاپا تارتمىسىمۇ ئۆز پەزلىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ.
ئاللاھقۇرئاندا:«زەكەرىيا ھەرقېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى، ئۇ«ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم«بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى»دەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە(جاپا مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ئال ئىمران، 37-ئايەت).
بۇ يەردە تەقدىر قىلغان نەرسىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسە بىلەن رازى بولۇش ئىنسانغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، تەقدىرگە ئىشەنسە كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇپ ئارام تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسىگە رازى بولساڭ، كىشىلەرنىڭ بايراقى بولالايسەن»دېگەنىدى. ھەدىستە بايان قىلىنغان بايلىق«كۆڭۈل بايلىقىدۇر». بىر ھەدىستە:«ھەقىقى بايلىق مال-دۇنيانىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ بايلىقى بىلەن بولىدۇ» (بۇخارى بايان قىلغان) دېيىلگەن.
رىزىقتا ئوخشاش بولماسلىق ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيتىدۇر:«ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى»دەيدۇ، (سۈرە نەھل، 71-ئايەت).
شۇنداقلا بەزىدە، رىزىقتا ئوخشاش بولماسلىق كىشىلەرنىڭ بىر بىرسىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادنى ئادىل تەقسىم قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەت. ئادىل تەقسىم قىلىنمىغان نەرسىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇش، ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتىگە شەك كەلتۈرۈش توغرا ئەمەس.
ئەقىللىق ئادەم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆپ مال-دۇنياغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ، چۈنكى ئۇ مال-دۇنيانى ھالال يولدىن ئىزدەيدۇ، مال دۇنيا تاپسىمۇ بېخىللىق قىلماي ياخشىلىق ئورۇنلارغا ۋە ئىقتىساد تەلەپ قىلىۋاتقان ساھەلەرگە سېخىلىق قىلىپ بېرىدۇ.
نادان ئادەم بولسا قانداق بولىشى، نەدىن كېلىشى ۋە ھالال-ھارامغا قارىماي توپلاۋىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ھىيلە-مىكىر بىلەن قولغا چۈشۈرىدۇ، يامان ئىشلارنى قىلىشتىن قول تارتمايدۇ.
تەقدىرنىڭ ئادالىتى ئارتۇق بېرىش ۋە ئالاھىدە قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، يەنى ئىككى ئادەم بىر خىل ئوخشاش ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوخشاش ئىش ھەق ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ھەر ئىككى ئادەمنىڭ تېگىشلىك ئەجرىنى بېرىدۇ، ئاندىن كېيىن بىرسىگە ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، يەنە بىرسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.
بەزىدە ئىككى ئادەم ئوخشاش جىنايەت ئىشلەپ ئوخشاش جازاغا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىرسى ئەپۇ قىلىنىپ، يەنە بىرسى جىنايىتىگە باغلىنىپ قالىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى،ئاللاھ بىر ئىشقا مەجبۇرلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە ئىرادىسىدە توسالغۇ دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاللاھ تەرەپكە جەننەتنى ئارزۇ قىلىش ۋە دوزاخ ئازابىدىن قورقۇش بىلەن تەسىرلىنىپ كەلسۇن!

(10)
تەقدىر ۋە ئەجەل

ئاللاھ رىزىقنى تەقدىر قىلغاندەك ئۆمۈر ۋە ئەجەلنى تەقدىر قىلدى. ئۆمۈر چەكلىك ۋە بەلگىلەگلىك، ئىنساننىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قېشىدىكى بىر كىتابتا خاتىرلەنگەن بولىدۇ. ئەجەل كەلگەندە كېچىكىپقالىدىغان ئىش يۈز بەرمەيدۇ:«ئۆلۈم ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى كېيىن بولمايدۇ» دەيدۇ،(سۈرە ئەئراف، 34-ئايەت).
ئۇھۇد مەرىكىسىدە بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار ئۆلۈپ كەتكەنىدى، مۇناپىقلار پىتنە قوزغاپ، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ قېشىمىزدا قېلىپ قالغان بولسا ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېيىشتى. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:«يەنە بىر قىسمىڭلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى،(يەنى كۇپارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھغا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار:«بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟»دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە»، ئۇلار:«ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق»دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى،«ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ(ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ(ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ)»، (سۈرە ئالى ئىمران، 154- ئايەت).
يەنە:«ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئاسان» دەيدۇ، (سۈرە فاتىر،11- ئايەت).
ئۆمۈر ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئەجەل تەقدىر قىلىنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئۇ سەۋەبلىرى بىلەن تەقدىر قىلىنىدۇ، سەۋەبلىرىدىن ئايرىم بولمايدۇ.
كىمگە ئەجىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى تەقدىر قىلىنغان بولسا: ئۇ ئادەمگە ياخشى يېمەك ئىچمەك، ساپ ھاۋانىڭ تولۇق تېپىلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشى، مەس قىلىدىغان ياكى ئەقىلنى زەھەرلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تاماكىغا ئوخشاش بەدەنگە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىغا ئوخشاش سەۋەبلىرىنىڭ تولۇق تېپىلىشى تەقدىر قىلىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئۆمرى بۇ سەۋەبلەر بىلەن ئۇزۇن بولىدۇ، ئەجەل تەقدىر قىلىنغاندەك سەۋەبمۇ تەقدىر قىلىنغان بولىدۇ.
كىمگە ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇشى تەقدىر قىلىنغان بولسا: ئۇ ئادەمگە يېمەك- ئىچمەك، بۇلغانغان ھاۋا، يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئۇچرايدىغانلىقى، زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىدىغانلىقى، ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەرگە يولۇقىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ قەستەن ياكى خاتا ھالەتتە ئۆلتۈرۋېتىشىگە دۈچ كېلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىشلار تەقدىر قىلىنغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بىلەن ئەجىلى ئاياغلىشىدۇ، بىراق ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ.
تەقدىر مەسىلىلىرىدە سەۋەب بىلەن سەۋەب قىلىنغۇچى ئىشلار (يەنى سەۋەب ۋە نەتىجىلەر) ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ھالەتتە ئايرىلىش يۈز بەرمەيدۇ. بەزى كىشلەر: ئۆلۈم، ھادىسە ۋە كېسەلگە ئوخشاش تەقدىرلەرنى سەۋەبلىرىدىن ئايرىپ خاتا چۈشىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى:«دورا ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بىر نەرسىنى قايتۇرالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا:«ئۇمۇ (يەنى داۋالىنىشمۇ) ئاللاھنىڭ تەقدىرى» دەپ جاۋاپ بەرگەن(تىرمىزى، ئەھمەد ۋە ھاكىم بايان قىلغان).

داۋامى بار

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 07:29:19

دىنىمىزدا ئىزدىنىش ئارقىلىق باشقا چۈشەنچىەرنى ئۈزۈم قايىل بولغۇدەك چۈشەندىم، لىكىن تەقدىرگە كەلگەندەبىرەر ماقالە ياكى يازما كۆرسەم دەرھال قايىل بولغاندەك قىلىمەن، بىرمەزگىلدىن كىيىن بىر ئادەم بىلەن تەقدىر توغۇرلۇق پاراڭ سېلىشىپ قالساق، سۇئال قۇيۇپ قالسىلا توختاپ قالاتتىم.بۇ يازما بەك تەپسىلى يېزىلغاندەك قىلىدۇ، ئىنشا ئاللاھ كەچتە تەپسىلى ھەزىم قىلىپ ئۇقاي.. ئەزھەرى ئۇستازغا رەھمەت. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 08:13:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمئەزھەرى ئۇستاز ، يازمىڭىزنى ئوقۇماي تۇرۇپ سالام بەرگىم كەلدى.سەۋەبى ئۇزۇن بولدى يېڭى يازمىلىرىڭىزدىن ئوقۇمىغىلى.بۈگۈن بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم.
ئاللاھ سالامەت قىلسۇن ، پايدىلىق ئىلمىڭىزنى بىزدىن ئايرىمىسۇن.بولسا مەۋلانا ئۇستازمۇ بىرنەرسىلەرنى يېزىپ تۇرسا بولىتى.

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 09:09:12

مەن تەپسىلى بىر ئۇقۇپ چىقاي ، نۇرغۇن مەسىللەرگە جاۋاپ چىقىدىغاندەك قىلدۇ . رەھمەت قەلەم ئىگىسىگە

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 09:35:51

كاللامدىكىنۇرغۇنچىگىش مەسىللەرئاخىرىيىشىلدى    رەھمەتئۇستاز

oytagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:02:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز،ئاللاھ سىلىنىڭ بىزئۈچۈن قىلغان خالىس خىزمەتلىرى بەدىلىگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق
ئاتاقىلسۇن ئامىن! مەنبىر مۇسۇلمان بولساممۇ ئىلمىمنىڭ كاملىغىدىن چۈشەنمىگەن خېلى كۆپ مەسىلىنى بىلىۋالدىم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!قەلبىمىزنىڭ تەشنا لىغىنى قاندۇردىغان ماقالىلەرنى داۋاملىق يوللاپتۇرۇشلىرىنى ئۈمۈت قىلمەن!ئاللاھقا ئامانەت!

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:06:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 10:14

بىلىشمىز كىرەككى بىز ئۆزنىڭ ئەقلىگە ئىشندۇ ئاللانىڭ تەقدىرگە ئىشەنمەيدۇ دىگەن شۇ كافىرلار،ئاللى بۇرۇن تەقدىر قانۇنيىتدەمۇسۇلمانلارنىڭ چۇشنۇشدىن ئىشىپ چۇشتى خۇددى تەبىئى پەندە بىزدىن ئىشىپ چۇشكەندەك،
قارايدىغان بولساق   ئۇلارنىڭئاللانىڭ تەقدىر چۇشەنچىسگە تىز پۇكۇشى قانداقتۇر قارغۇلارچە بولماي ماھىيتىنى چۇشنۇشتە بولماقتا، ئەمما بىزدىچۇ ؟؟؟؟؟ بىر ماقالىنىڭ بىشمۇئاخىرمۇ ، ئۇتتۇرمۇ شۇبىرسۆزگە يەنى ھەممە ئىش ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن بولىدۇ دىگەن سۆزگە يىغىلىدۇ،بۇ نىمدىگەن ئاددى قاراش........
مەزكۇز ماقالىنى يازغان قىرندىشىم ئويلىنىپ بىقىڭ ؟
ھۇرۇنلارنىڭ بىيش يولى دىگەن كىتابى سىز ئوقۇپ باققانمۇ ؟ ئوقۇمىغان بولسىڭىز بىر ئىلىمى كىشى بولۇش سۇپىتى بىلەن بىر ئوقۇپ بىقڭ ؟ بۇنى غولجىدا بىر كىش ئوقۇپ قاتتىق تەسىر قىلغان ھەم ھەقىقەتەن ئۇنۇمىنى كۆرگەن ، نۇرغۇن بايلىق توپلىغانتەقدرىنى ئۆزگەرتكەن ، كىين ئاتۇشتىكى بىركىشمۇ بۇنىڭدىن پايدىلنىپ 10 مليۇندىن كۆپ ئىقتىسادلىق كىشى بولۇپ قالغان،كىين بۇ غولجلىق ئادەم نەشىريات بىلەن ئالاقلشىپ 70 مىڭ يۇەنلىككىتابنى خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن ھەقسىز كوچىدا تارقاتقان.

مەن بۇ كىتابتىكى قاراشنى ئاللانىڭ تەقدرى ئىلىمىنىڭقىسمەن تەرپىنىڭ 21- ئەسىردىكى تۇنجىبايقلىشى دەپ بىلەن سىزمۇ ئوقۇپ پكىر قىلىپ بىقىڭ بولىمىسا ...............

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:20:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 10:23

مېنىڭ نەزرىمدەتەقدىرئىلىمى قانداقتۇر نەزەريە بىلەنئەمەس بەلكىتەبئى پەنلەرگە ئوخشاش تەتقىقات ، ئەمەلى تەجىربىگە مۇھتاج ، چوڭ ، ئۇلۇغ بىر ئىلىم ،
خۇددى ئايرۇپىلان ياساش قۇرئاندىن چىقىدۇ دەپ قۇرئانغا مىڭ يىل قاراپ ئولتۇرساقبىر ۋىلىسپىت ياسالمىغانداك ، ئەگەر سىز شۇنداق قىلىسىڭىزمىڭ كاپشىساقمۇ بۇ كاتتا ئىلىمنىڭ بىر قىسمىمۇ پاكىتلىق يورىمايدۇ.بۇ مېنىڭ شەخسى قارشىم ئويلىشىپ باققايسىز،
قۇرئاندا ھەممە ئىشنىڭ ئومۇمى خۇلاسسى بولسا كىرەك ، لىكىن ماھىيتدىن چۇشەنگەندە شۇ ھەرجۇملە سۆرلەرنى ئاندىن چۇشنۇشگە قادىر بولالامىز.
قىسقىسى تەقدىرنى نەزەريەۋى ئىلىم دەپ قارماي ئەمەلى تەجىربىلىك ئىلىم دەپ قاراش كىرەك دەپ ئويلايمەن .

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:27:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 10:35

بۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسلام پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىنى توغرا چۈشىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق خىزمەت ۋە ئەمەلگە ئاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. تەقدىرگە ئىشىنىش ئەقىدىسى ھەر قانداق شارائىتتا-قورقماستىن-ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىغا رىئايە قىلغان ۋە ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تولۇق قوللانغان ھالدا ئەمەل قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ نەتىجىنى تەقدىر قىلغاندەك سەۋەبنىمۇ تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەتىجىلەرگە سەۋەبسىز يەتكىلى بولمايدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئوخشاشلا بىر قانۇنىيەت، چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىر.
بۇ توغرىدا ئاللاھ:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»دەيدۇ، (سۈرە رەئدە-11- ئايەت).

مۇشۇ خۇلاسىڭىزكەندە،ئنىقكى كاملىق ناھايتى روشەن ،
قىرندىشىم ئىزدىنىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن،بىر نوقتىدىن قارساق قىرندىشىم ئوخشاش سۆزنىقۇرئان ئارقىلىق ئىسپاتلاپئوخشاش سۆزنى قۇرئان ئارقلىق رەت قىلغانداك ھس قىلمىدڭىزمۇ ؟ تەقىر ئاللادىن دىدىڭىز كەيندىن ھەركىم ئۆز تەقدىرنىڭ تومۇرچىسى دىدىڭىز.
نىمىشكە مۇسۇلمان ئالىمىلىرى تەقدىر ئىشنى چۇشەندۇرگەن مۇشۇنداق خاتالىق سادىر بولىدۇ، ؟؟چۇنكى بىز قۇرئاندكى تەقدر ھەقىقدىكى ئايەتلەرنى چۇشنەلمىدۇق. بىلمىدۇق، قىقسىى تەتقىقاتنى ئەمەليەتچىلىكنى ، ئىلىم پەنى تاشلاپ قويۋاتىمىز شۇنىڭ بىلەن خۇلاسىگە قارغان سىرى گاڭگىرماقتىمز مەنچە تەتقىقات بولسىلائاندىن ئۇ سۆزلەرنى چۇشنىمىز،

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:42:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 10:47

«ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجىرىم ياراتتى(يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى»،(سۈرە ئەئلا، 2،3-ئايەت).مۇشۇ سۆزنى چۇنۇش ئۇچۇن كۆپ ئەجىر ئەمەلى پاكىت كەلتۇرۇشكە ئۇنى قۇرئاندىكى باشقا ئايەت بىلەن باغداپ تەسەۋۇر قىلىشا توغراكىلىدۇ، ئەگەر ينىكلىك بىلەن بۇ سۆزنى ئاللا ئىنساننىڭ تەقدىرنى پۇتۇۋەتكەن دىگەن قاراشقا كەلسەك چوڭ خاتالاشقان بولشمىز مۇمكىن

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 10:56:59

بىزدە تەقدىر ئۇقۇمى ۋە چۈشەنچىسى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە تىرەن مۇلاھىزىلەر كام ئىدى،ئەزھەرى ئۇستاز بۇ ھەقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپتۇ،ئۇستازغا رەھمەت!ماۋۇ تىما ھەققىدە ھەربىرىمىز بىر پۈتۈن ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى راۋۇرۇس دەڭسەپ ئاندىن پىكىر قىلساقمىكىن دەيمەن.

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:08:17

ھەقىقەتەن ئىلمىي ئەتراپلىق ماقالە بوپتۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:13:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kanji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 11:17

تەغدىر دىگەن ئاددى قىلىپ ئېتساق :بىزنىڭ ئەركىن(free will) تاللاش مىزنىڭ نەتىجىسى.
ئازراق كېڭەيتسەك: ياراتقۇچى بىزگەfree will بەرگەن ھەم ياراتقۇچىغا چەكلىك بىزگە چەكسىز بولغان نەتىجىسى ئېنىق بىكىتىگەن تاللاشنى بەرگەن. قانداق تاللاش بىزدىن ، شۇنىڭغا ماس ھالدا بولدىغان ياخشى يامان نەتىجنى ياراتقۇچى ئالدىنبېكىتىپ بوغان.
تەغدىرگە ئىشىنىش دىگەن : تاللاش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بېكىتىپ بۇلۇنغىنىغا شەكسىز ئىشىنىش. قانداق تالللىسڭىز شۇنداق نەتىجە.ئەڭ مۇھىم ھالقا: تاللاش بىزنىڭ ئىلكىمىزدە

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:26:06

قېرىنداشلار دەپ باقساڭلار--------«ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى»،«ھەركىمنىڭ تەقدىرى ئۆز
قۇلىدا »دىيىش خاتا گەپمۇ قانداق؟دېمەكچى تەدىرنى ئاللاھ تۇغۇلغان ۋاقتىمىزدىلا پىشانىمىزگە پۈتۈۋەتكەن
دەيمىز.

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 11:31:08

newyork يوللىغان ۋاقتى2014-9-11 13:26 static/image/common/back.gif
قېرىنداشلار دەپ باقساڭلار--------«ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ ت ...

ماقالىدىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇپتىغۇ سىز پۈتۈلگەن تەقدىرنى روياپقا چىقارغۇچى دەپ شۇڭا مەن ئۆز تەقدىرىمنىڭ تۈمۈرچىسى دەپ ئويلىسىڭىز تامامەن توغرا، ياخشى ئىشلارنى قىلسىڭىز بەخىتكە ئېرىشىسىز يامان ئىشنى قىلسىڭىز جازاسىنى تارتىسىز، تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز رىزىق كۆپ بېرىلىدۇ باي بولىسىز، ئەكىسچە ياتسىڭىز نامىراتلىشىسىز دەپ شۇنداق ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتىغۇ.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 12:20:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-11 12:23

《ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى》دىگەن گەپ، ئاللاھنىڭ رەببى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ: 《ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ،خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ》 ئايىتنىڭ تەقەززاسىغا قارشى گەپ ئىكەن..مىسىر پادىشاھلىقىنىڭ ۋەزىرى قارۇنمۇ: مەن مال-دۇنيانى ئىككى قۇلۇمغا تاينىپ تاپتىم دىگەنبىرگەپنى قىلغانلىقى تارىخقا يېزىلغان. ئەگەر ھەركىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى بۇلدىغان بولسا ئاۋۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى قارۇنمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچۇرماسلىقى مۈمكىن ئىدىى.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 13:07:30

ماقالىڭىزنىڭ يىرىمىگىچە ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇغۇم پەقەتلا كەلمىدى.ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن ئەسەر تەھلىل قىلسام ئىلمىيلىككە ئاھانەت قىلغاندەك ھىس قىلىدىكەنمەن.ئەسەردە ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يورۇتۇش بىردىن بىر مەقسەت قىلىنغان.ھەرگىزمۇ تەغدىر مەسىلىسىنى يورۇتۇش نىشان قىلنمىغان.شۇنۇڭ ئۈچۈن ماقالە تىمىدىن چەتنىگەن.مەسىلىنىڭ يادرۇسىدىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچقان.
تەغدىر مەسىلىسىنى تەرەپسىز ئورۇندا تۇرۇپ ئىلمىي مىتود بىلەن تەتقىت قىلىش كىرەك.بۇنداق ھىسسى مۇلاھىزىلەرنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق.
بىر مۇئەللىمنىڭ دەپتىرىگە يازغان مۇلاھىزىسى بىلەن تەڭرىنىڭ ئالدىن بىلىشىنى سىلىشتۇرۇشنى قايسى ئەقىل تەستىقلىغاندۇ دەپ ھەيران قالدىم.مۇئەللىمنىڭ يازغان مۇلاھىزىسى پەقەتلا پەرەز. ئۇنۇڭ خاتالىق چىقىپ قىلىش ئىھتىمالىقى بولىدۇ.ئەمما تەڭرىنىڭ ئالدىن بىلىشىدا ئىھتىمالىق بولمايدۇ.پەقەت مۇتلەقلىق بولىدۇ.
ئىنساننىڭ قىلدىغان ئىشىنى ئالدىن بىلىشى تەڭرىنىڭ مۇلاھىزىسى ياكى پەرىزى ئەمەس.
مۇتلەقلىق بىلەن ئىھتىماللىقنى ئوخشاش تەكشىلىكتە سىلىشتۇرۇش لوگىكىغا زىت.
تەڭرى ئىنساننىڭ ھەركىتىنى ئالدىن بىلسە بۇ چاغدا ئىنساننىڭ ھەركىتى مۇتلەقلىققە ئىگە بولىدۇ.مۇتلەقلىققە ئىگە بولغان ھەركەت مەجبۇرى بولىدۇ.
ئۇنۇڭ ئۈستىگە نەزىريىرىڭىز بويىچە بولغاندا بۇددىس ياكى خىرىستىيان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇۋاق بىلەن مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ تەغدىرى قانداق ئادىللىقنى تەلەپ قىلىشى كىرەك؟
ماقالىنى ئىنتايىن ئاددى تەپەككۇر بىلەن يىزىلغان،لوگىكاچانلىقى ئىنتايىن ئاجىز،پارچە-پۇرات ھىسسىي دىتاللار بىلەن يۇغۇرۇلغان يازما دەپ قارىدىم.

azheri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 16:13:01


(11)
گۇناھ ئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش


بەزى كىشلەر قىلغان خاتالىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان ياكى ھارام ئىشلارنى قىلغان جىنايىتىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويىدۇ. ئۇلار: مۇشۇنداق بولۇش بىزگە پۈتۈۋېتىلگەن، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئۇنداق قىلمىغان بولاتتۇق، دېيىشىدۇ.
ئىلگىرىمۇ مۇشىرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلغانلىقلىرىنى تەقدىرگە ئارتىپ:«ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان» دەپ باھانە كۆرسەتكەن ئىدى.
قۇرئان كەرىم ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ:«مۇشىركلار؛«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشلەر تاكى ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى.(ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى«سۆزۈڭلاردا راستىلىققا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر»دەيدۇ،(سۈرە ئەنئام، 148-ئايەت).
ئىنسان كۆپىنچە ھالدا خاتالىقلىرىنى ئاقلاپ باھانە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بەزىدە كىچىك خاتالىقلارنى يالغان سۆزلەشتىن ئىبارەت چوڭ خاتالىق بىلەن ھەل قىلماقچى بولىدۇ. بەزىدە بىر ئىنسان بىر ئىشقا بۇيرۇلسا ئېغىرلىق قىلىپ ئۇ ئىشنى ئادا قىلمايدۇ. بەزىدە بىر ئىشلاردىن چەكلەنسە ئۇ ئىشقا ئالدىنىپ كېتىپقالىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئىشلارغا قارىتا ھورۇنلۇق قىلغانلىقى، يامان ئىشلارغا قارىتا مايىلچانلىقىنى بايان قىلمايدۇ. بەلكى ئەقىلسىزلارچە مېنىڭ قولۇمدىن نېمە ئىش كېلەتتى؟ بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، مەندە ئۆزۈر بار دەپ ئىلگىرىكى زامانلاردا مۇشرىكلار باھانە كۆرسەتكەن ئىللەتلەرنى تىل چايناپ بايان قىلىدۇ. مۇشرىكلار ئۆز ۋاقتىدا:«ئۇلار: مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا(پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق»دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى(يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ»دەيدۇ،(سۈرە زۇخرۇف، 20- ئايەت).
ئىنساننىڭ ئاللاھ تەمىنلىگەن كۈچ-قۇۋۋەت، ئوي-تەپەككۇر، ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ياراتقان ئۈستۈنلۈك ياكى تۆۋەنلىككە تەييارلىقنىڭ بارلىقى، ياخشىلىق ياكى يامانلىققا يۈزلىنىش ئەركىنلىكىنى ھېچقانداق بېسىمسىز بەرگەنلىكىنى بىلمەسلىكى، ئىنساننىڭ گەدىنىدىكى مەسئۇلىيەتنى كېمەيتىپ قويمايدۇ.
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلىدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى بۇرۇن بىلگەنلىكى ئىنسانلارنى ئىلگىرى يېزىلىپ كەتكەن ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى ئېچىپ بېرىدىغان نۇر، مەجبۇرلايدىغان كۈچ ئەمەس. ئىنسانلار ئۆزلىگىدىن ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.
ئالما تېرىغان ئادەم ئىشتىھالىق مېۋىگە ئېرىشىدۇ. تىكەن تېرىغان ئادەم نېمىنى تېرىغان بولسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ بۇ ئىشلارنىڭ قايسى بىرسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ.
كىم ياخشىلىق سەۋەبلىرىگە ئېسىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەقسەت قىلغان نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
كىم يامانلىق سەۋەبلىرىگە ئېسىلسا، ئۇنىڭغا مەقسەت قىلغان نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ خاتالىقىدىن يېنىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىدۇ، تەس ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى، رىزقى، بەخىتلىك بولۇشى ياكى بەختسىز بولۇشىنى تەقدىر قىلغاندا، بۇ ئىشلارنى سەۋەبلىرى بىلەن بىرگە تەقدىر قىلغان.-ئاللاھ خالىغاندىن باشقا-تەقدىر قىلىنغان نەرسىلەر سەۋەبلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. كائىناتتىكى زەررە چاغلىق نەرسىدىن تارتىپ چوڭ جىسىملارغىچە ھەر بىر نەرسە قانۇنىيەت نىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
بۇ ھەقىقەتكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى مۇنۇ ھەدىسى شاھىد بولالايدۇ:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جەننەت ئەھلىنىڭ (يەنى ياخشى كىشىلەرنىڭ) ئەمىلىنى قىلىپ، جەننەتكە كىرىشكە بىر گەز مىقدارى قالغان چاغدا، ئىلگىرى يېزىلغان كىتاپ(يەنى تەقدىر) ئىلگىرى كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىپ قالىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىپ كېتىشكە بىر گەز مىقدارى قالغان چاغدا ئىلگىرى يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى كېلىپ، ئەھلى جەننىتىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ». ھەدىستىكى شاھىد ئورنى سەۋەب نىزامىنى ئىسپاتلاشتۇر. چۈنكى جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، شۇنداقلا دوزاخقا كىرىپ قېلىشنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ. ئىنسان بەخت-سائادەت ياكى بەخىتسىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قانداق شەكىلدە قىلىدىكەن، ئۇ ئاخىردا تەقدىردە يېزىلغان نەرسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ ياخشى ياكى يامان ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ، ياخشى ياكى يامان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلانمايدۇ.
دېمەك، ئاللاھ كائىناتنى يارىتىشتىن 50مىڭ بۇرۇن، بىر بەندىنىڭ پالانى كۈندە، پالانى چىسلادا، پالانى ئورۇنداتۇغۇلىدىغانلىقىنى، مىجەز خاراكتېرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇ تاللايدىغان ئىلىمنى ۋە ئۇ قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن تاللايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئىشلارنى شۇ بويىچە يېزىپ قويدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى ھەدىس شەرىپ ئەمەلنى ئىنسانغا نىسبەت بەردى.
مەزكۇر ھەدىس ئاخىرقى ئەمەللىرى دەسلەپتە تۇتقان يوللىرىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلارنى سۈپەتلەپ بېرىدۇ، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىساق مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن: بىر پاسىق ئىنسان ئۆمرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېتىقادى كېسەل ۋە ئەخلاقى ناچار ياشىغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئازغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھىدايەت تېپىپ قالىدۇ.
بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى ئىنسان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كېتىۋېتىپ، دۇنيانىڭ ھەر تۈرلۈك ئالدىشىغا ئەگىشىپ خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ.
ئەگەر بىرسى غەيىبنى كۆرۈپ(ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس) ئاندىن بۇ ئىككى ئىنساننىڭ دەسلەپكى ھاياتىدىكى ئەھۋالى بىلەن ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە پۈتۈۋېتىلگەن ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە ھەيران بولغان بولاتتى.
بىراق ئاخىرقى ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشتا ئىلگىرى پۈتۈۋېتىلگەن تەقدىرنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرلاش تەسىرى يوق.
ھەدىستىكى «كىتاپ ئىلگىرى كېلىدۇ» دېگەن سۆز، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ئىنچىكىلىكى ۋە ھەممىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىدىن باشقا ئۇقۇم بەرمەيدۇ.
شۇ نۇقتىدىن ئەمەل قىلىشتىكى ئەركىنلىكىمىزنى يوققا چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى تەقدىرگەئارتىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ.
بىر بۆلەك كىشلەر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەقدىر قىلىۋەتتى، ئاندىن كىشىلەرنى ئۇنى قىلىش ئۈچۈن بويسۇندۇردى. ئىنسانلارنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەجبۇرلىدى دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.
مانا بۇ خۇراپات ئەقىدىسىنىڭ ساداسىدىن بەزى نادان سوپى ئىشانلار كۆز ئالدىدا يامان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىنكار قىلماقتا يوق:«بەندىلەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان نەرسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلايمىز. ياكى خاتالاشقۇچىلارنىڭ بىرسىگە نەسىھەت قىلسىڭىز: ئاللاھ ئەتە ھىدايەت قىلار...دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
گۇناھ قىلغان ئىنساننىڭ تەقدىرنى باھانە قىلىشى نادانلىق، گۇناھلىرىغا تەقدىرنى باھانە قىلىش ئىككىنچى گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.


(12)

گۇناھلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىشنىڭ خاتالىق تەرەپلىرى

گۇناھئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش بىر قانچە تەرەپتىن خاتا:   
1. تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتكەندە ياخشى كىشلەر بىلەن يامان كىشلەر ئايرىلماي قالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرلىرىنى يېزىپ بولغان. ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلىش بىلەن بەخىتلىككە، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن بەخىتسىزلىككە بۆلەنگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«بىز مۇسۇلمانلارنى كۇپارلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق، سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرسىلەر!»(سۈرە قەلەم،35-ئايەت).
2.ئەگەر ئىشنىڭ بۇرۇن پۈتۈۋېتىلگىنى گۇناھلارغا باھانە بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ ھالاك قىلىپ تاشلىغان ئاد، سەمۇد، فىرئەۋن، قارۇن ۋە لۇت قەۋمىدىن ئىبارەت زالىم مىللەتلەرنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىدا ئۆزرە قويۇلغان بولاتتى. ئۇلارغا باھانە بېرىلمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇلار زۇلۇم قىلغان چاغدا ئۇلارنى جازالىدى:«بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»، (سۈرە ھۇد، 151- ئايەت).
3.گۇناھ ئىشلارغا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىشنى ھېچ بىر ئىنسان قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان كىشى ئەيىبلەنمەيدۇ، جىنايەتچى جازالانمايدۇ، زالىم ھېسابقا تارتىلمايدۇ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇلمايدۇ، ناھەق ئىشلارغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بېرىلمايدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇلۇپ ۋە يامان ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدە ھايات بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇنداق بولىدىغان بولسا يامان ئىشلىرىغا تەقدىرنى باھانە كۆرسىتىدىغانلار زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلغانلارغا قارشى چىقماي خورلۇققا باش ئېگىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. بىراق ھېچقانداق بىر ئىنسان ناچار ۋە خورلۇق تۇرمۇشقا باش ئېگىشنى خالىمايدۇ، خورلۇققا چىداپ تۇرالمايدۇ. دېمەك قىلغان گۇناھ ۋە خاتا ئىشلىرىغا تەقدىرىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرى ئەقلى ۋە شەرئى جەھەتتىن توغرا ئەمەس.
4. ئاسىي گۇناھكارنىڭ تەقدىرنى باھانە قىلىشى نادانلىقتۇر. چۈنكى تەقدىرنى باھانە قىلىش جازاغا ئېلىپ بارىدىغان ئىككىنچى جىنايەتتۇر.
بىر ئوغرى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ئۆمەر ئۇنىڭدىن:نېمە ئۈچۈن ئوغرلىق قىلدىڭ؟دەپ سورىغاندا، ئوغرى:ئاللاھ شۇنى تەقدىر قىلىپتىكەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۆمەر:«ئۇنى دەررە بىلەن ئۇرۇپ، قولىنى كېسىڭلار»دەپتۇ. باشقىلار ئۆمەردىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىمىز دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى ئۆمەر: «ئوغرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولى كېسىلىدۇ، ئاللاھغا يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تاياق يەيدۇ» دېگەنىكەن.   
ئىبلىس جەننەتتىن قوغلىنىپ، يوغانچىلىق قىلىپ ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تەقدىر بىلەن سەۋەپ كۆرسىتىپ:«پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم باللىرىغا گۇناھلارنى ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن»، (سۈرە ھىجىر،39-ئايەت)دەپ، ئازدۇرۇشنى ئاللاھغا نىسبەت بەردى. ئۆزىنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە يوغانچىلىق قىلغانلىقىنىڭ جازاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ قويمىدى. ئەمما ئادەم ئەلەيھىسسالام:«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز،دېدى»(سۈرە ئەئراف، 2-ئايەت).
ئاللاھ كىمنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا ئادەم ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېيىشنى ئىلھام قىلىدۇ، ئاللاھ كىمنىڭ بەختسىز بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئىبلىسنىڭ باھانىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، كەمچىللىك قىلغان تەرەپلىرى ھەققىدە تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتمەيدۇ. كىم تەقدىرىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن ئۇنىڭ ھۆججىتى جىڭدا ئولتۇرمايدۇ.
گۇناھ قىلىپ سالغاندا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىغان كىشى، قورۇسىغا ئوت ئۇچقۇنى ئۇچۇپ كەلگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەقىللىق كىشلەر ئۇ ئادەمگە: ئۆيۈڭ كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوتنىڭ ئۇچقۇننى ئۆچۈرگىن دېسە، ئۇ: بۇ ئۇچقۇن نەدىن كەلدى؟ شامال سۆرەپ كەلدى، بۇ مېنىڭئىشىم ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئىشى، مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقەم ۋە گۇناھىم يوق دەپ، مۇشۇ باھانىلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇچقۇن ئۇلغىيىپ ئۆينى پۈتۈن كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. گۇناھ ئىشلارنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇپ، دۇئا ۋە تۆۋە بىلەن خاتالىقىنى ئىسلاھ قىلمايدىغان ئىنساننىڭ ھالى مۇشۇنداق بولىدۇ.   

ئادەم ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلدى، چۈنكى ئۇ ھەقتە ئىدى، ئۇ مۇسانى يېڭىدى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ زېمىندا ياشىشى، زېمىندا مەسئۇلىيەتكە تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ئۇ يەردە ھەر تۈرلۈك دەرد ئەلەملەرگە ئۇچرىشى، ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامئادەم ئەلەيھىسسالامنى گۇناھ قىلىپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى، دېگەن كۆز قاراش ئوچۇق خاتالىقتۇر. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا تېپىپ بەرگەن قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇ خاتالىقنىڭ ئىلگىرى يېزىلىپ كەتكەن تەقدىر بىلەن سادىر بولغانلىقى بىلەن ئۆزرە ئېيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم تۆۋە قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلدى.گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلغان ئادەم گۇناھسىز ئىنساندەك بولىدۇ.
گۇناھ ئۆتكۈزۈش تەقدىردە يېزىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بولغان دەپ باھانە كۆرسىتىش توغرا بولىدىغان بولسا، ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئىبلىس، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمىنى پىرئەۋن، ئاللاھنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرى تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتكەن بولاتتى. ئۇ چاغدا دىن ئاساسىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولاتتى.
مۆمىن ئىنسان قىيىنچىلىق يۈز بەرگەندە تەقدىرگە تايىنىدۇ، تەقدىر بىلەن ھىمايىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ بەخت سائادىتى بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشتىن يېنىش ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا بويسۇنۇش بىلەن قولغا كېلىدۇ.      

ئۆزرىسى ھەقىقى قۇبۇل قىلىنىدىغان كىشى كىم؟
ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ياكى گۇناھ قىلمىشلىرىنىڭ بۇرۇن تەقدىردە بەلگىلەنگەنلىكى، ئىنسانغا ئۆزرە بايان قىلىش پۇرسىتىنى بېرەلمەيدۇ.   
ھەقىقى ئۆزرىلىك ئادەم قىلغان ئەمىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ياكى ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى يەتمىگەن ئىنساندۇر. مەرىپەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىغان كىچىك بالا، ساراڭ ۋە ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن ئىنسانلاردۇر.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىچىك بالا چوڭ بولغۇچە، ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە ۋە ساراڭ ھوشىنى تاپقۇچە بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن مەسئۇلىيەت كۆتۈرلۈپ كەتتى»دېگەنىدى(ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).   
شۇنداقلا مەجبۇرلانغان، ئۇنتۇپ قالغان ۋە خاتالىشىپ قالغان ئىنسانغا ئوخشاش قىلمىشلىرىدا ئىرادىسى بولمىغان كىشى ئۆزرىلىك بولىدۇ:«سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا(سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)»،(سۈرە ئەھزاب، 5-ئايەت).

(13)
تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولامدۇ؟

بەزى كىشلەر تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولمايدۇ(يەنى قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار: ئاللاھ كىمنىڭ كەمبەغەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ كەمبەغەل بولىدۇ، كىمنىڭ باي بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا باي بولىدۇ. كىمگە خاتىرجەملىك تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ شەكسىز ھالەتتە خاتىرجەم بولىدۇ، كىمگە كېسەل بولۇشنى تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ شەكسىز كېسەل بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇلار: دۇئا قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى دۇئا تەقدىر قىلىنغان نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ.   
بۇلارغا جاۋابىمىز شۇكى:
ئاللاھنىڭ نېمىنى تەقدىر قىلغىنىنى بىز بىلمەيمىز، ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە تەقدىر قىلىنغان نەرسىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى رېئاللىقتا سادىر بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى قانداق بولۇشىنى بىلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى ھېچقانداق نەرسە تەقدىر قىلىنمىغاندەك ھەق سۆز ۋە ياخشى ئەمەللەرگە يۈزلىنىش لازىم. بىز ئاللاھنىڭ نېمىنى تەقدىر قىلغانلىقىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ قانداق ئىشلارغا بۇيرۇپ ۋە نېمىلەرنى چەكلىگەنلىكىگە قارايلى. مانا ماۋۇ بىز قىلالايدىغان ئىش، ئۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئاغا ئېسىلايلى، دۇئا قىلىش شەرىئەت رىغبەتلەندۈرگەن بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر سەۋەب قىلىپ بەلگىلىدى. شۇنداقلا ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكنى مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ بەلگىلىدى.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«تەقدىرنى دۇئادىن باشقىسى توسالمايدۇ، ئۆمۈرنى ياخشلىقتىن باشقىسى ئاشۇرالمايدۇ»دېگەن. تەقدىرنى توسىدۇ، دېگەننىڭ مەنىسى سەۋەبلەر نەتىجىلەرنى توسقاندەك توسىدۇ، دېگەن بولىدۇ. دۇئا زىيانلىق تەقدىرگە قارىشى تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبنىڭ قاتارىدىن.   
ئىنسان ئاللاھ يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا، ئىتائەت ئىشلار بىلەن گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن بۇيرۇلغان تەقدىر بىلەن چەكلەنگەن تەقدىرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.
قورساق ئېچىش ۋە ئۇسساپ كېتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەقدىر، بىز بۇ تەقدىرگە تاماق يېيىش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق قارشى تۇرالايمىز. ئۇمۇ تەقدىر، بۇمۇ تەقدىر. دېمەك، سەۋەب ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىۋاتقان نەرسە ھاسىل بولىدۇ، سەۋەب قىلمىسىڭىز ئىزدەۋاتقان نەرسىڭىزگە ئېرىشەلمەيسىز.
ئەقىللىق ئىنسان تەقدىرگە تەقدىر بىلەن قارشى تۇرىدۇ ۋە زىيانلىق تەقدىرنى قايتۇرىدۇ. ئىنسان سەۋەبسىز ياشىيالمايدۇ. قورساق ئېچىش، ئۇسسۇزلۇق ۋە قورقۇش تەقدىرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ، ئىنسانلار بۇ تەقدىرگە تاقابىل تۇرالىغىدەك تەقدىر بىلەن قارشى تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئاللاھ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ھىدايەتنى ئاتا قىلغان ئىنسان ئاخىرەتنىڭ جازاسىدىن ئىبارەت تەقدىرگە تۆۋە قىلىش، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت تەقدىر بىلەن قارشى تۇرىدۇ.
دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىلاھى بىر، ئۇنىڭ ھېكمىتىمۇ بىر، ھېكمەتنىڭ بەزىسى بەزىسىگە قارشىلىشىپ قالمايدۇ.




azheri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 16:17:33


(14)
ھىدايەت بىلەن ئېزىش ئارىسىدىكى ئىنسان

ھىدايەت دەرۋازىسى ھەممە كىشلەر ئۈچۈن ئوچۇق:
ئاللاھ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇشىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى خالىدى. ئىنساننىڭ نىجاتلىقى ۋە بەختىنى ئىنساننىڭ ھەرىكتى، چىقارغان كۈچى، قەلبىنى پاك تۇتۇشى ۋە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئارزۇسى، ھاۋايى-ھەۋەس ئۈستىدىن ھەقىقەتنى، ئېزىش ئۈستىدىن توغرا يولنى تاللىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىلدى:«كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقاننىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ئىسرا، 15-ئايەت).
«ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر»،(سۈرە ئىسرا،7-ئايەت).
«بەلكى ئىنسان ئۆزىگە(يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر، ئۆزىنى ئاقلاش قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ(ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)»،(سۈرە قىيامەت، 14~15-ئايەت).
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشلىقى(نىڭ پايدىسى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى(نىڭ جازاسى)مۇ ئۆزىگىدۇر»، (سۈرە بەقەر، 286- ئايەت).
«شۇ كۈندە ئىنسان(ياخشى-يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. كىمكى(كۇفىردا، گۇناھتا)چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكنى(ئاخىرەتتىن)ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا(سوراققا تارتىلىشتىن)قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن(يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ»،(سۈرە نازىئات، 35~40-ئايەت).
«(ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ»(سۈرە ھەدىد،8-ئايەت).   
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن ئىنساننىڭ ئىمان ئېيتىش، توغرا يولدا مېڭىشتامۇتلەق ئىختىيارلىقى ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا خاتا يولنى تاللاپ ئېزىپ كەتسە مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئىككى نېمەت بارلىق بەختنىڭ ئاساسى:
ئاللاھ بەندىلىرىگە بۈيۈك ئىككى نېمەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئىككى نېمەت پۈتۈن بەختنىڭ ئاساسى، بارلىق ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى.
بىرىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى دەسلەپكى يارىتىلىشىدا ساپ تەبىئەت ئۈستىدە ياراتتى.
ئىككىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى ئومۇميۈزلۈك ھىدايەت قىلدى، بىرەر مىللەتنى ئايرىپ قويمىدى، كىتاپ چۈشۈرۈپ بەردى، پەيغەمبەر ئەۋەتىپ بەردى ۋە ئۇلار بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.دەۋەت يەتمىگەن كىشىلەرنى ئازابلىماسلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىمىدۇر:«پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھېچ ئادەمنى)جازالىغىنىمىز يوق»،(سۈرە ئىسرا، 15-ئايەت).

(15)
«خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى

ئاللاھ قۇرئاندا:«ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە فاتىر،8-ئايەت).
بەزىلەر مۇشۇ ئايەتكە ئېسىلىپ، ئايەتنى مۇلاھىزە قىلمىغانلىقى ۋە ئايەتنىڭ بەزىسىنى يەنە بەزىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىلغان جىنايەتلىرىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنىدۇ.   
ئاللاھ قۇرئاندا:«شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ، پاسىقلار ئاللاھۋەدەئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ»دەيدۇ(سۈرە فاتىر،8-ئايەت).دېمەك، بۇ يەردىكى ئازدۇرۇش ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان پاسىقلار ئۈچۈن بىرىلگەن جازادىن ئىبارەت.
يەنە:«ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە سەپ، 5-ئايەت). «(كۇفىردا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز» دەيدۇ، (سۈرە يۈنۈس،74-ئايەت).
كىشلەر ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ ۋە ئاللاھنىڭ پرىنسىپىنى تاشلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا پېچەت بېسىۋېتىش ۋە قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىپ قويۇش بىلەن جازالىدى. بۇئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىغا ئۇيغۇن جازادۇر.
ئاللاھ ئازغۇنلىقنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئازغۇنلۇق بىلەن جازالايدۇ. ھىدايەتنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھىدايەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، شۇنداقلا يامانلىققا ئوخشاش يامانلىق بىلەن جازالايدۇ، ياخشىلىققا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ:«ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل(يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى»،(سۈرە بەقەر،10-ئايەت).
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن ئازدۇرۇۋېتىش ۋە قەلبىگە پېچەت بېسىۋېتىش: كاپىرلىق، پاسىقلىق ۋە ئاسىيىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئەمەس، بەلكى شۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى، ئاللاھنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىدىكى قانۇنىغا ئاساسەن جازاسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئازدۇرۇۋېتىش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، يەنى بۇ كىشى ھىدايەتنى تاشلاپ، خاتا يولنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ ئادەمنى مەقسىتىگە يەتكۈزدى:«ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچى،(ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە)كاپىرلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ» دەيدۇ،(سۈرە زۇمەر،3-ئايەت).
ئاللاھ ئاتا قىلغان كۆزنى توغرا ئىشلەتمىگەن، قەلبىنى كۇپۇرلۇق،يالغانچىلىق، ئىسراپ، شەك، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق بىلەن بۇلغىغان كىشى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى تاپالمايدۇ. چۈنكى ئۇ قىلىقى ۋە ئىستىلىنىڭ ناچارلىقى بىلەن ئۆزىگە ھىدايەت يولنى توسۇپ قويدى.
قەلبىگە پېچەت بېسىلىش بىلەن جازالانغان كۇپۇرلۇق ۋە بىرىنچى قېتىملىق گۇناھ قانداق پەيدا بولىدى؟ دېيىلسە:
جاۋاب: ئىنساندىن بىرىنچى قېتىم يۈز بېرىدىغان گۇناھ ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇشى بېرىشى بىلەن ئەمەس،ئىنسان كۆڭلىنى خالىغانچەقويىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولغان. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئىنسان كۆڭلىنى قىزىققان نەرسىلەرگە قويۇۋەتتى، كۆڭلىنىڭ كەينىگە كىردى:«كىمكى ئۆزىگە(مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كىيىن، پەيغەمبەرگە(يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بىرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي»،(سۈرە نىسا، 115-ئايەت).
ئاللاھ ھەممە ئىشنى يارىتىپ يەنە نېمە ئۈچۈن جازالايدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن!.   
ئاللاھ ھەممە ئىشنى ياراتتى، بىراق سىزنىڭ خاتا يولدا مېڭىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، كىتاپ چۈشۈرۈپ بەردى. پەيغەمبەر سىزگە قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ئىشلارنى سىزىپ بەردى. بەخىتلىك بولۇشىڭىز ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلدى. سىز قايسى بىر ئىشنى قىلسىڭىز ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن قىلدىڭىز، ئاللاھ سىزنى مەجبۇرلىغىنى يوق. قولىڭىزدىن تۇتۇپ تۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلدۇرمىدى، بەلكى يامان ئىشلاردىن قېچىشىڭىزنى بۇيرۇدى.
ھىدايەت ئىككى خىل مەزمۇندا كېلىدۇ:
1.كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى   2. ياردەم بېرىش ھىدايىتى.
كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىدىغان ھىدايىتى كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتىدىن ئىبارەت. ياردەم بېرىش ھىدايىتى ئاللاھغا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پىرىسنىپىغا يۈزلەنگەن كىشىگە بولىدۇ. قىيىنچىلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا ياردەم بېرىش مەنىسىدىكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، ئاللاھغا ئىشەنگەن ۋە ھەقيولغا ماڭغان كىشىگە بولىدۇ.
ئاللاھغا ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھنىڭ پرىنسىپىغا ئېسىلمايدىغان ۋە ياخشى ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كاپىرلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ.
بەزى كىشلەر: مەن ئۆزۈمگە قارىسام يامان ئىش قىلىپ كېتىپ بېرىپتىمەن، مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىم دەپ قالىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دەيمىزكى، سىز بارلىق يامان ئىشلارنى قىلامسىز؟! خالىس ياخشىلىققا ۋە خالىس يامانلىققا تەبئىيلىشىپ كەتكەن ئىنسانلار مەۋجۇد بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىز ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن تاللايدىغان يامان ئىشلارنى يېزىپ قويدى، سىزنىڭ ئۇ ئىشلارنى تاللايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتى، ئاللاھ بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەقەتلا يېزىپ قويدى، بىراق ھېچ بىر ئىنساننى يامان ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىغىنى يوق.

ئەركىن ئىرادە بىلەن قىلىندىغان ئىشلارغا ئىلاھى بىلىشنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟
ئاللاھنىڭ بىلىشىھەر قانداق نەرسىلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:«ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە تاھا، 52-ئايەت).
ئەركىن ئىرادە دېگەن سۆز بىلەن ئەمەللىرىمىز ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى ئىلاھى بىلىشنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، دېگەن گەپ قانداق ماسلىشىدۇ؟
جاۋاب:سىز سۈزۈك ئەينەكنىڭ ئالدىدا قاپىقىڭىز تۈرۈك ۋە خاپا ھالەتتە تۇرسىڭىز قانداق كۆرۈنىسىز؟ ئەينەكنىڭ ئالدىدا قاپىقىڭىز تۈرۈك ۋە خاپا ھالەتتە كۆرۈنىدىغانلىقى ئېنىق. ئەينەن كۆرۈنسىڭىز ئەينەكنىڭ گۇناھى بارمۇ؟ ئەينەك پەقەت سۈپەتلەپ بېرەلەيدۇ، ئەگەر كۈلۈپ تۇرغان بولسىڭىز ئەينەك يۈزىدە خۇرسەن ھالەتتە كۆرۈنگەن بولاتتىڭىز.
ئىلاھى ئىلىمنىڭ ئەينىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىشلىرىڭىزنى ئېچىپ ۋە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ھەرىكەتلەندۈرۋەتمەيدۇ. ئۇ ئەمەلگە ئەگىشىدۇ، ئەمەل ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ.
ئەمەللەرنىڭ ئىنسان قەلبىگە قارىتا تەسىرى

ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەللەر ياخشى ياكى يامان بولسۇن ئىنساننىڭ دىلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىنسان نامازنىڭ ۋاقتىغا تولۇق رېئايە قىلىپ، ئىخلاس بىلەن ئادا قىلسا، بۇ ناماز ئىگىسىنىڭ قەلبىگە نۇر، كۆڭلىگە خۇرسەنلىك، بەدىنىگە كۈچ-قۇۋۋەت، ئىرادىسىگە كۈچ، يۈزىگە نۇر ۋە يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈش نەتىجىلىرىنى ئاتا قىلىدۇ.
يامان ئەمەللەرنىڭ ئوخشاشلا تەسىرى ۋە نەتىجىسى بولىدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىش، پاھىشە قىلىش ۋە جازانىخورلۇق قىلىشنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، ئەقىل، قەلب، ۋىجدان ۋە ئىرادىدە ئىنساننىڭ دىلى ۋە ئىستىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشىلىق، يامانلىقنىڭ جازاسى ئۇنىڭدىن كىيىنكى يامانلىق بولىدۇ. ئەمەللەرنىڭ تەسىرى ساۋاب ياكى جازانىڭ بىر قىسمىدۇر.ئاللاھ سەۋەبۋە نەتىجىلەرنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەسىرىنى بەرگۈچى، ئىرادىسى ۋە ھېكمىتىگە قارىتا ئۇ ئىشلارنى جارى قىلدۇرغۇچى زات.   
مەسىلەن، ئىنسان تاماق يېگەندە تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن تويىدۇ، ئاللاھ تويۇشنى تاماق يېيىشكە چېتىپ قويدى. ئەگەر ئاللاھ تويماسلىقنى خالىغان بولسا تاماق يېيىش مەۋجۇد بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولاتتى. ئەگەر تاماقسىز تويۇشنى ئىرادە قىلغان بولسىمۇ شۇنداق قىلالايتتى، ھېچقانداق بىر نەرسە توسالغۇ بولالمايتتى، بىراق ئاللاھ نەتىجىنى سەۋەبكە باغلىدى...   
دېمەك، تاماق يېيىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولدى، تاماقتىن كېيىن تويۇش ئىشىدا ئىنسان ھەرگىز ئارىلىشالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تاماق يەپ، تويۇپ بولغاندىن كىيىن تويۇشنى توسماقچى بولسا قادىر بولالايدۇ.
ئىنسان قىلغان ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ. سەۋەب قىلىپ بولۇپ ئەمەلدىن كېلىدىغان تەسىرىنى توسماقچى بولسا قادىر بولالمايدۇ.
دېمەك، بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە پىچەتنىڭ بېسىلىشى ياكى ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن قارىغۇ بولۇشى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئىختىيارى ئىستىلىنىڭ تەقەززاسىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى.
چىرايلىق ۋە گۈزەل قىزنىڭ ئەخلاقسىز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان كىشىنىڭ ئەھۋالى دەسلەپتە ئۆز ئىختىيارى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئالاقە كۈچەيگەنسېرى مەجبۇرلىنىدۇ، ئاخىرىدا جازا ۋە بالاغا يولۇقىدۇ.


(16)
تەقدىرنىڭ سىرى

تەقدىر مەسىلىسىدە«ھارام دەيدىغان بىر دائىرە» بار، ئەقىللىق كىشلەر بۇ مەيدانغا كىرمەسلىكى ۋە ئۇ ئەتراپتا چۆگلىمەسلىكى لازىم. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ خاس قىلغان نەرسىلىرى، خالىغان نەرسىنى تاللىشى، دەرد-ئەلەم ۋە بالانى تەقدىر قىلىشىدىكى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە ئالاقىدار دائىرىدىن ئىبارەت.
بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بەردى؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بەرمىدى؟ نېمە ئۈچۈن بىر تۈرلۈك كىشىلەرنى ھىدايەت قىلدى؟ ئەگەر خالىغان بولسا بارلىق ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھ ئىشلارنى قىلىشىنى خالىدى؟ نېمە ئۈچۈن زالىم، نادان ۋە كاپىر ئىنساننى ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى پەرىشتە سۈپەت ياراتمىدى؟دېگەنگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە ئالاقىدار ئىشلار.
بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارغا ھەر قانداق چەكلىمىدىن خالى بولغان مۇتلەق ئىلاھى ئىرادىگە تەسلىم بولماقتىن باشقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ يوق. بىز ئىلاھى ھېكمەتنىڭ ئازغىنا بىر قىسمىنىلابىلەلەيمىز، كۆپلىگەن تەرەپلىرىنى بىلمەيمىز. ئۇ ھېكمەتلەرنى بىلمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ.   
ئەقىللىق ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەر بىر نەرسىنى بىلىدىغانلىقى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى، رەھمىتىنىڭ ھەممە نەرسىدىن كەڭرى ئىكەنلىكى، ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلسە كۇپايە. ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە ساقلانغان سىر ۋە ئاللاھدىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىلىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشى يېتەرلىك دەلىلدۇر.
ئاللاھ ئۇ ھېكمەتنىڭ سىرلىرىنى بىزگە كۆيۈنۈپ بىزدىن يوشۇردى. سىرىنى بىلەلمىگەن ئىشلاردا ھېكمەتكە ئىشەنسەڭ يېتەرلىكتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار بىر نەرسىنى ئەھمىيەتسىز ياراتمايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىدىن سورالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشلىرى ھېكمەتتىن خالى ئەمەس.
ئەگەر ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋاقتىنى بىلىپ قالسا قانچىلىك ئازاب ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەر ھە!.
تەقدىرنىڭ يۇقىرىقى ساھەلىرىدە ئىزدىنىشتىن چەكلەندۇق، چۈنكى ھەر قانچە قىلساقمۇ ھەقىقى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز، ئەقىل سەۋىيىمىزنىڭ كۈچى ئۇ ئىشلارغا يەتمەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ«تەقدىر بايان قىلىنسا، ئىزدەنمەڭلار»(تەبرانى بايان قىلغان) دېگەن سۆزى مانا مۇشۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ سۆزىمىز ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئىختىيارىيمۇ ياكى مەجبۇرىيمۇ؟ دېگەن ساھەدە ئىزدىنىشكە زىت كەلمەيدۇ.
تەقدىر مەسىلىسىدە ئاڭ ۋە چۈشەنچە توغرا بولمىسا، ئىزدىنىشتىن قېچىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.

(17)
تەقدىرگە ئىشىنىڭ مىۋىسى

تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەقلى، پىسخىكىسى، ۋىجدانى، ئىرادىسى، پەرۋەردىگارى، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئومۇمى ئىسلام ھاياتىدا بەرىكەتلىك مىۋىسى ۋە ياخشى تەسىرى بار. تەقدىرگە ئىشىنىش مۇسۇلماننىڭ خۇسۇسىي ۋە ئومۇمى ئىستىلىدا، شۇنداقلا قانداق بىر شارائىتتا بولمىسۇن ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ. ئەقىللىق ئىنسانلار بۇنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.
تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەسىرلىرى:   
1.خەتەر ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا كۈچلۈك بولۇش:
ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە شەكسىز بولىدۇ، بىر ئىنسان ئەجىلى كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بىر ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتىش ياكى قىسقارتىشقا قادىر بولالمايدۇ. تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۆلۈم تەقدىر قىلىنغان بولسا ئۆيىدە بولسىمۇ ئۆلىدۇ، تەقدىر قىلىنمىغان بولسا ئۇرۇشتىمۇ ئۆلمەيدۇ. ئەجەل بەلگىلەنگەن، رىزىق بۆلۈنگەن ۋە ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ قولىدا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان دىنىنى قوغداشتا قانداقمۇ ئۆلۈمدىن قورقسۇن؟
مۆمىن ئىنسان ئۆمرىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يېزىلغان كىتابتا ساناقلىق كۈن ۋە بەلگىلەكلىك تىنىقتىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى بۇنىڭ جانلىق پاكىتى. تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان باتۇر، قەيسەر ۋە قەھرىمان بولىدۇ، شىر-يولۋاسلار قەدەم تاشلىيالمايدىغان ساھەلەردە خاتىرجەم قەدەم باسالايدۇ.
2. زالىملارغا قارشى تۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇش:
تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان ناھەقچىلىك، زۇلۇم ئىشلارغا قارشى تۇرۇش ۋە يامان ئىشلارنى چەكلەشتە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىدىغان پىرئەۋىنلەردىن ۋە زالىملاردىن قورقمايدۇ. ئىنسانلار سىنىڭ ئۆمرىڭنى قىسقارتىشقا قادىر بولالمىغىنىدەك، رىزقىڭدىن بىر پارچە ئېلىۋېلىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار زالىملارغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئۇلار ھەر قانچە كۈچلۈك بولىسىمۇ باش ئەگمىدى.
مەسىلەن، زالىم ھەججاج سەئىد ئىبنى جۇبەيرىگە ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەھدىت سالغاندا، ئۇ«ئەگەر ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق سىنىڭ قولۇڭدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، سەندىن باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغان بولاتتىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن.   
3. بالا-قازا چۈشكەندە سەۋر قىلىش:
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ يەنە بىر مىۋىسى، بالا-مۇسىبەت چۈشكەندە سەۋر قىلىشتۇر. تەقدىرگە ئىشەنگەن كىشىنى قورقۇنچ، سەۋرسىزلىك ۋە تاقەتسىزلىك باسمايدۇ، بەلكى ئۇ مۇسىبەتلەرنى قەلبىدە ئورناپ كەتكەن تاغدەك ئىرادە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.
مۇسىبەت يۈز بەرگەندە تەقدىرگە ئىشىنىش مۇستەھكەملىك ئاتا قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇ كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئۆزى يارىتىلىشتىن بۇرۇن تەقدىر قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولدىن كەتكەن نەرسىگە غەم-قايغۇ قىلمايدۇ، كەلگەن نەرسىگە خۇرسەنلىك بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، بەلكى مۇستەھكەم ۋە تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىن كىشىنى ماختاپ:«مۆمىننىڭ ئىشىغا ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، بۇ ئالاھىدىلىك پەقەت مۆمىن ئۈچۈن خاس. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك كەلسە ئاللاھغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان كېلىپ قالسا سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى»دېگەنىدى(مۇسلىم بايان قىلغان). بۇ يەردىكىمۆمىندىن مەقسەت ھەر قايسى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان مۆمىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ.   

4. ئاللاھ تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن رازى بولۇش:   
تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرسى:ئاللاھ تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن رازى بولۇش، ئاللاھ رىزىق ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن قانائەتلىنىشتۇر. بۇ مۆمىننىڭ كۆڭلىدە ۋە ھاياتىدا ياخشى نەتىجە بېرىدۇ:
بىرىنچىسى: كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر: چۈنكى كىشىلەرنىڭ قاتارىدا بىر ئويمان ئالتۇن بېرىلسە يەنە ئىككىنچىسى بولسا بولاتتى، دەيدىغانلار بار. ھەقىقى بايلىق كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسە بىلەن رازى بولساڭ، كىشىلەرنىڭ بايراقى بولالايسەن»دېگەنىدى(ئەھمەد ۋە تىرمىزى بايان قىلغان).   
ئىككىنچىسى: رىزىق ئىزدەشتە توغرا يول ئىزدەش. مۆمىن كىشى رىزىق ئىزدەيدۇ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جاپا چېكىدۇ، بىراق نورمال يول بىلەن رىزىق ئىزدەيدۇ.
ئۈچىنچى:ئۆزىنىڭ قول ئىلكىدە بولمىغان نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. كۈچىنىڭ يېتىشىچە سەۋەب قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى ئارزۇ قىلىپ ياشىمايدۇ.
5. ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىززەت-شەرىپىنى يوقاتماسلىق:
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ يەنە بىر مېۋىسى، مۆمىن كىشى ھاجىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىززەت-شەرىپىنى قوغدايدۇ، ئۆزىنى خار قىلىپ قويمايدۇ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ ۋە مەخلۇققا بېلىنى ئەگمەيدۇ.   
ئىززىتىنى ساقلاش مۆمىننىڭ شەرىپى، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىش توغرا بولمايدۇ.
6.كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇش:
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى مۆمىننىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلىشى ۋە قەلب راھىتىگە ئېرىشىشىدىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان خاتىرجەملىكنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تەقدىر قىلغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئاللاھكۆڭۈل خۇرسەنلىكىنى رازى بولۇش ۋە ئىشىنىش ئاساسىدا بەلگىلىدى. غەم ۋە قايغۇنى رەنجىش ۋە شەك قىلىشقا ئالاقىدار قىلدى.
پىسخولوگىيە ۋە تەربىيە ئالىملىرى ئىنساننىڭ تۈنۈگۈنكى دەرد-ئەلەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى، بۈگۈنكى رېئاللىق ئىچىدە ياشىشىنى نەسىھەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۆتمۈش قايتا ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
دىل كارنېگى«قايغۇرماي باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە:«ئۇننى قايتا تارتىش،توپان(قوقان)نى قايتا يېرىش پايدا قىلمىغاندەك، ئۆتمۈشكە قايغۇرۇش ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. قايغۇرۇش: يۈزىڭىزگە بۇرۇن قورۇق پەيدا قىلىدۇ ياكى ئاشقازاندا جاراھەت پەيدا قىلىدۇ»دېگەنىكەن.   
ئاللاھنىڭ تەقدىرى شەكسىز ئىجرا بولىدىغان تۇرسا نېمىگە رەنجىمەك، نېمىگە ئىچى سىقىلماق ۋە شۇملانماق؟. مۆمىننىڭ شوئارى دائىم:«ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا شۇ بولىدۇ» دېيىشتىن ئىبارەت.   

7.خىزمەت ۋە ھەرىكەتكە يۈزلىنىش:   
مۇسۇلمان كىشى تەقدىرگە ئىشىنىش ئارقىلىق كۆڭلىدە ۋە ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، يۈرەك راھىتى، ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىشتىن، ھازىرقى رېئاللىققا تاقەتسىزلىك قىلىشتىن، كېلەچەكتىن ئىككىلىنىشتىن سالامەتلىكنى ھېس قىلغاندىن كېيىن؛قەلبىنى تازىلاش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئالەمنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ئىجابىي يۆلۈنۈشكە، ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇشقا ۋە نەتىجىلىك خىزمەتكە يۈزلەنمەكتىن باشقا يولنى تاپالمايدۇ.   
كۈچلۈك مۇسۇلماننىڭ مەسىلىسى مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇيرۇلغان ئىشلارغا بويسۇنۇش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول تارتىش ۋە تەقدىر بىلەن رازى بولۇش مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ئاللاھغا بەك سۆيۈملۈكتۇر، ھەر بىرسىدە ياخشىلىق بار. ساڭا پايدىلىق ئىشلارغا ھېرىس بولغىن، ئاجىز كېلىپ قالدىم دېمەي، ئاللاھدىن مەدەت تىلەپ ئالغا قەدەم باسقىن، ئەگەر مەن مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولىدىكەن دەپ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرمىغىن. سەن:ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلسا شۇ بولىدۇ، دېگىن» دېگەنىدى (مۇسلىم بايان قىلغان).   
ئاجىز مۇسۇلمان تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىدۇ، كۈچلۈك مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ تەقدىرى مەغلۇپ بولمايدۇ، ھۆكمىقايتۇرۇلمايدۇ! دەپ ئىشىنىدۇ.
ئىسلام ئازادلىق دەۋرىدە ئىران قوماندانلىرىدىن بىرى ساھابىلەرنىڭ بىرسىدىن: سىلەر كىم بولىسىلەر؟دەپ سورىغاندا، ساھابە:«بىز ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ بىزنى سىلەر بىلەن سىنىدى، سىلەرنى بىز بىلەن سىنىدى. ئەگەر سىلەر ئاسماندىكى بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بولساڭلارمۇ، بىز ئەلۋەتتە چىققان بولاتتۇق ياكى سىلەر بىزگە چۈشكەن بولاتتىڭلار»دەپ جاۋاپ بەرگەن.   
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ ئاجىزلىقنى ئەيىبلەيدۇ، ھۇشيار، چېچەن بولغىن، ئەگەر ساڭا بىر ئىش غەلىبە قىلىپ كەتسە«ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ئىگە» دېگىن، دېگەنىدى(ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).   
قىيىنچىلىق يۈز بەرسە ياكى بالا-قازا كەلسە ھەسرەتلەنمىگىن، ئىجابىيلىق بىلەن كېلەچەككە يۈزلەنگىن، ئەمەل قىلغىن، تىرىشقىن، ئەقىل يۈرگۈزگىن، پارلاق ھايات ئۈچۈن چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلىغىن!
تامام.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
2014- 9- 1 كۈنى
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.

بەت: [1] 2 3 4 5
: تەقدىرگە ئىشىنىش چۈشەنچىسى