jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 21:36:08

چارلىز بودلېر : شېئىر توغىرىسدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 21:37  

چارلىز بودلېر : شېئىر توغىرىسدا

                                                   
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﭼﯩﻨﻠﻘﯩﻨﻰﺋﯩﭙﺎدىلەش (ﺭﻭﻣﺎﻥ-ھېكايە...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ) ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ. ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﺪﻯ ﯬﻣﻪﺱ !

ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﯬﯓ ﯰﻟﯘﻏﯟﺍﺭﯬﯓ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ − ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔﺋﯩﭙﺎﺩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﻨﻰﺳﺎﭖﯪﺭﺯﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺴﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ھەسرەت ۋە ئالى ﯴﻣﯜﺗﺴﯩﺰﻟﻜﺘﯘﺭ. ﺷﯧﺌﯩﺮ− ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﯞﻩﯬﺧﻼﻗﻘﺎﺗﻪﯓ ﯬﻣﻪﺱ! ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯰﻻﺭﻏﺎﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ چېكىنىدۇ، ﯲﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮ−ﭼﯩﻨﻠﻘﻨﻰ ﯮﺑﯘﻛﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ! ﯰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯲﺯﯨﻨﯩﻼ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞﯬﺧﻼﻗﻰﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﻮﻏﻼﺷﺴﺎ، ﯰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰﯪﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯞېتىدۇ...

ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻟﯩﻤﻪﺳﻠﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯﻳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻟﯘﻏﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ −ﺳﻪﻧﯭﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﯭﺗﻜﺎﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﺪﯨﻜﻰﺋﯧﻠﯩﺸﺸﺘﯘﺭ. ﺳﻪﻧﯭﺗﻜﺎﺭﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﯩﯔ مۇددىئاسىنى چۈشەنگەنسىرى ئوڭاي ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻧﯭﺗﻜﺎﺭﻧﯩﯔﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ−ﺗﻪﺑﺌﯩﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﻟﯩﻖ بىلدۈرۈش. ﺳﻪﻧﯭﺗﻜﺎﺭﻏﺎ نىسبەتەن ﯪﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺖﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎﯬﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺗﯩﻞﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻪ. ﺷﺎﺩﻟﻘﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﺎﻏﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻜﯩﻨﯩﯔﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ بېزىكى. ﻗﺎﻳﻐﯘ-ھەسرەتلا ﯰﻧﯩﯔ ﯬﯓ ﭘﺎﺭﻻﻕ ھەمرىيدۇر. ﺷﯧﺌﯩﺮ−ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩللىكنى ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪۈرۈپ ﺭﻩﺯىللىك ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﺯﻩللىكنى قېزىپ ﭼﯩﻘﯩﺮﺩۇ. شېئىر تويۇنغان ۋە مەڭگۈلۈككە ئىگە. ﯰ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ مۇھتاج ﯬﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ،  ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯩﺰﯨﺶ ﺷﺎﺩﻟﻘﻰ ﯴﭼﯜﻧﻼﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھەر قانداق شېئىر بۈيۈك، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ھەقىقىي ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯬﻣﻪﺱ!

ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ماھىيتى−ﭘﻪﻗﻪﺗﻼﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﯩﺮﺧﯩﻞﯬﯓﯪﻟﻰﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﺪﯗﺭ. ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯩﺰﻩﻛﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓﻣﻪﻥ ﯰﻧﻰ ﯪﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯞﯨﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ خىل ھەقىقى دۇنيا. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮔﯜﺯﻩﻝ ھېس-ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﺎﻳﻠﻘﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻴﺪﯗ. ﯲﺯﯨﻨﻰ ئۆلتۈرۋېلىشمۇ ﺑﻪﺯﻯﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ھاياتتىكى ئەڭ ﯬﻗﯩﻠﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ھەركەت ﺑﻮﻟﯘﭖ قېلىشىمۇ مۇمكىن(جۈملىدىن، سەنئەتكارلار).ﺳﻪﻧﯭﺕ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻠﻠﻜﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺴﺎ، ﺷﯘﻧﭽﯩﻜﻰ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﯗ. ﺳﻪﻧﯭﺕ ﭘﻪﻧﺪﻯ - نەسىھسەتتىن  ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎپلىققا، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻜﻜﻪ يېقىنلىشىدۇ. ھەر قانداق ﯬﺩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯜﻧﯜﺷﻰﯲﺯﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ئۇﺳﻪﻧﯭﺗﻜﺎﺭﻧﯩﯔﯲﺯﯨﮕﯩﻼ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﯬﺳﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﻮيىچە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﯮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﯰﻧﻰ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ. ﯪﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺑﻪﺧﺘﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ بىلىدىغان ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻜﯩﻨﯩﯔ ﯪﻻھىدىلىكى ﺷﯘﻛﻰ−ﯰﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﻩﺭت-ھەسرەتلىك بولىدۇ.

ﯰﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ، ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ھېس ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﭘﯘﺷﻴﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ھەيران ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻨﺪﯗ. ھەر قانداق ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﯲﺗﻜﯘﻧﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙﯪﻣﯩﻠﻨﻰﯲﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪﯪﻟﯩﺪﯗ.




تەرجىمە مەنبەسى: «بودلېر ئەسەرلىرىدىن تاللانما»  ناملىق خەنزۇچە كىتابتىن  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 07:41:20

شېئىر تويۇنغان ۋە مەڭگۈلۈككە ئىگە. ﯰ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ مۇھتاج ﯬﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ،  ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯩﺰﯨﺶ ﺷﺎﺩﻟﻘﻰ ﯴﭼﯜﻧﻼﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھەر قانداق شېئىر بۈيۈك، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ھەقىقىي ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯬﻣﻪﺱ!

بىز بىىلىدىغان :
يىللارغا جاۋاپ ،
ئويغان
ئىز
ناملىق شېئىرلار مۇشۇ فۇرمۇلانىڭ سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋىتىگە چۈشەمدۇ ؟؟؟؟؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 01:37:08

رەزىللىك گۈللىرى

چارلىز بودلېر


زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى


چارلىز بۇدىلېر(Charles Baudelair) (1821-1867) فرانسىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى   مەشھۇر شائىرى بۈيۈك ئوبزورچىسى. شۇنداقلا، فىرانسىيە مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ بەرپاچىسى. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى«رەزىللىك گۈللىرى»(1857-يىلى نەشىر قىلىنغان)بولۇپ، ئۇ باشقا شائىرلاردىن پەرقلىق ھالدا رەزىللىكنى ئىستېتىكا ئوبېيكتى قىلىپ تاللىغان. ئەلۋەتتە، بۇمۇ شائىرنىڭ تاللاش ھوقۇقى،خالاس.    بىراق، بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ يۈز- ئابرويى بىراقلا تۆكۈلۈپ كەتكەن ۋە «شەھۋانىي»، «ئەخلەت»، «ئەخلاققا يات» «نادورۇس»دېگەن بەتنام بىلەن بودىلېر قارشىلىققا ئۇچراپ، چەكلەنگەن...

ئادەم ۋە دېڭىز

ھۆرزادەم مەڭگۈگە سۆيگىن دېڭىزنى،
دېڭىزدۇر ئەينىكىڭ؛ جېنىڭغا سېنىڭ
بىپايان ئوكياندا كۆز تىكىپ تۇرغان،
ئەگىشەر يوشۇرۇن ھەسرەتكە روھىڭ.

سەن سايە قوينىغا كىرىسەن خۇشال،
كۆزۈڭ ۋە قوللىرىڭ قۇچاقلار ئۇنى.
بېسىقماس رەنجىشلەر ئىلكىدە قەلبىڭ،
تۇرار ئاھ سۈپۈرۈپ غەشلىكلىرىنى.

ئۆز ئارا يوشۇرۇن بولسىلەر پەخەس،
ئى ئادەم قەلبىڭگە كىم باستى ئاياق؛
ئاھ دېڭىز كىمدۇر ئۇ بىلگەن باتىنىڭ،
كۆمۈشۈپ كۆڭۈلگە سىرنى مۇشۇنداق.

بىراقكى، قانچىلاپ ئەسىرلەر بىرى،
نە تۆبە، سىلەردە ئۇرۇش، دە- تالاش.
قىرىش ۋە ئۆلۈمنى سۆيەرمۇ شۇنداق،
ئاھ نوچى! ئاھ، ئۇدا-ئۆچمەن قېرىنداش.


ئاينىڭ ھەسرىتى

بۈگۈن كېچە، چەكسىز ھارغىن چۈش قوينىدا ئاي،
نازىنىندەك قات-قات كۆرپە ئۈستىدە ياتقان،
ئۇخلىيالماي، پەرۋاسىزلا سوزۇپ قولىنى،
سىيلار يېنىك ئەمچىكىنى-كۆكسىنى تولغان.

ئاي مەجنۇنلۇق ئىچرە مەستخۇش ياتار تاشلىنىپ،
قاردەك يۇمشاق. سىيلىق كۆرپە ئۈستىدە سۇلغۇن.
نەزىرىدە خۇددى بەس-بەس بىلەن ئېچىلغان
گۈللەر كەبىزاھىر كۆكتە يورۇق بىر ئالۋۇن.

دىل پەرىشان بوپ گاھىدا ئاي يەر شارىغا،
تۆككىنىدە جىممىدە بىر تامچە يېشىنى،
ئۇخلىيالماي بىر ئىخلاسمەن شائىر زادىلا،

تۇتۇۋېلىپ دەرھال ئۇچۇم-ئالقانلىرىدا
يوشۇرار ھەم سۈتتەك ئاپئاق بۇ كۆز يېشىنى
قۇياشقا ئەڭ يىراق يەردە چاناقلىرىغا.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 01:37:34

گۈزەللىك
چارلىز بودلېر

زاكىرجان مىجىت تەرجىمىسى


مەن تاشنىڭ چۈشىدەك گۈزەل، ئى ئىنسان!

كۆز ئۈزمەس شائىرلار كۆكسۈمدىن ئېنىق،
ئۇ-تىلسىز، ئەبەدىي ماددىدەك ئىشق،
قاي شائىر يولۇقسا شۇ داغدا ھامان.

مەن كۆكتە، شىر تەنلىك يالماۋۇز سىياق؛
قاردىن ئاق، بىغۇبار مامۇقتەك دىلىم؛
بولسۇن نە مەقسەدنى بۇزۇشقا رايىم،
نە يىغا، نە كۈلكە بىلمىسەم ھېچۋاق.

مەن گويا ئەڭ ھەيۋەت ھەيكەل، لاي بۇدتىن

ئارىيەت ئالغاندەك سالاپەت- تۈسنى،
شائىرلار سۆز ياساپ مەھرۇم تىنىقتىن؛

بۇ رايىش ئاشىقلار ئەركسىز، چۈنكى
ئۇز قىلار بارچىنى سۈزۈك ئەينىكىم:
كۆزلىرىم، مەڭگۈ نۇر چاقنار كۆزلىرىم
بەت: [1]
: چارلىز بودلېر : شېئىر توغىرىسدا