jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 21:32:09

شېئىر بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ(سۆھبەت خاتىرسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 21:33  

شېئىر بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ!
(ئەدىنۇس بىلەن سۆھبەت)

ئارغتۇغ تەرجىمىسى

ئەدۇنىس − مەشھۇر ئەرەب شائىرى، 1930- يىلى سۈرىيىدە تۇغۇلغان. 1947- يىلى دەمەشىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1954- يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، «ئەدۇنىس» (بۇ تەخەللۇس يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادۇنەيىسنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن قويۇلغان) تەخەللۇسىدا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1955- يىلى سۈرىيە سوتسىيال مىللەتچىلىك پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئالتە ئاي قامالغان. 1956- يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، لىۋاننىڭ بىيروت شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، «شېئىرىيەت»، «مەۋقەلەر» قاتارلىق ئىككى ژۇرنالنى تەسىس قىلىپ، ئەرەب ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پانسۈرىيەئىزم ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، پانئەرەبىزمغا بۇرۇلۇپ، پەيدىنپەي سىياسىيدىن قول ئۈزگەن. 1960- يىلى پارىژغا ئوقۇشقا چىققان، 1970- يىلى لىۋانغا قايتىپ كېلىپ، لىۋان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتكەن، ئەدەبىيات دوكتورلۇقىغا ئېرىشكەن. 1980- يىلى لىۋاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، پارىژغا كۆچۈپ كەتكەن. ھازىر پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ پولىزىر ئەدەبىيات موكاپاتى، تۈركىيە ھېكمەت ئەدەبىيات موكاپاتى، ماكدونىيە ئالتۇن تاج شېئىرىيەت موكاپاتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سۇلتان ئۇۋەيىس شېئىرىيەت موكاپاتى، فرانسىيە ژان مارىئو چەت ئەل ئەدەبىياتى موكاپاتى ۋە ماكس ژاكوپ چەت ئەل كىتابلىرى موكاپاتى، ئىتالىيە نورىنو شېئىرىيەت موكاپاتى ۋە گرىزانا كارفۇ ئەدەبىيات موكاپاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كاتتا موكاپاتلارغا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. 2009- يىلى 3- ئايدا ئۇنىڭ خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «مېنىڭ غېرىبلىقىم بىر باغچا» تەرجىمىلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ياڭ ليەن − خەنزۇ شېئىرىيىتىدە 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىدا باش كۆتۈرگەن «گوڭگا شېئىر» ھادىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. 1955- يىلى شۋېتسارىيىدە تۇغۇلغان، بېيجىڭدا چوڭ بولغان. 1970- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، مەشھۇر يەر ئاستى ئەدەبىي ژۇرنىلى «بۈگۈن» نىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بىرى. 1988- يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ھازىر لوندوندا تۇرىدۇ.

2003- يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە تەكلىپ بىلەن ئىئوردانىيە خەلقئارا شېئىرىيەت بايرىمىغا قاتناشتىم. تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى تەسىراتىم ئىنتايىن مۇرەككەپ بولدى. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قەدىمكى كۇلتۇرىنىڭ گۈزەللىكى مېنى ھەيران قالدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى مېنى ئۆكۈندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۈگۈنكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەرەب شائىرى ئەدونىس بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىستىكى پەيدا بولدى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىز چۈشكەن مىردىئان مىھمانخانىسىنىڭ ناشتىلىق زالىدا ئىككى شائىر قويۇق ئەرەب قەھۋەسى ئىچكەچ، ئانچە راۋان بولمىغان ئىنگلىز تىلى بىلەن سۆھبىتىنىڭ مۇقەددىسمىسىنى ئاچتى. ئەدونىس بۇ يىل (2003- يىلى) 77 ياشقا كىردى، ئەسلىي سۈرىيىلىك بولۇپ، كېيىن لىۋانغا كەتكەن، ئاندىن يەنە فرانسىيىگە سەرسان بۇلۇپ بارغان. ئۇنىڭ كېيىنىشى ئاددى، گەپ- سۆزلىرى يېقىملىق ئىكەن، كىشىگە ئازادىلىك بەخش ئېتىدىكەن. دېرىزىدىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، پىشقەدەم شائىر گوياكى ئالەمشۇمۇل ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىدەك ماڭا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى. ئالدىمدىكى بۇ ئوبراز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن مېنىڭ خاتىرەمدىكى بارلىق سۆزلەردىنمۇ مولدەك قىلاتتى.

                                                   − ياڭ ليەن

ياڭ ليەن: تۈنۈگۈنكى سۆھبىتمىزدە سىز غەربتە ئولتۇراقلىشىپ ناھايىتى ئازادىلىشىپ قالدىم، بىراق، بىزنىڭ ھەقىقىي شېئىرىيەت تەجرىبىمىز باشقا بىر جايدىن كەلگەن، دېگەن ناھايىتى مەنىلىك بىر سۆزنى قىلغانىدىڭىز. بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟

ئەدۇنىس: ئالدى بىلەن ئىنگلىزچىنى بۇزۇپ سۆزلىگەنلىكىمدىن ئەپۇ سورايمەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن مەقسىتىمنى ناھايىتى تەستە چۈشەندۈرىمەن.

ياڭ ليەن: ھېچقىسى يوق، مەنمۇ بۇ «ئىككىنچى خەلقئارالىق تىل» نى تازا ياخشى ئىشلىتەلمەيمەن.

ئەدۇنىس: ئالدى بىلەن، غەرب تىللىرىدىكى سۆزلەر بىلەن شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىزنىڭ تىلىمىزدىكىسى بىلەن پەقەت ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ شەيئىلەرنى كۆزىتىش شەكلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئالايلۇق، ئەرەب تىلىدا سىز بۇنى بىۋاسىتە ئىستاكان دېمەيسىز، سىز ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەيئىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ۋاسىتىلىق ھالدا ئۇنى ئىپادىلەيسىز. بىز نۇرغۇن سۆزلەرگە، نۇرغۇن سۆزلەر ئارقىلىق بىر تېمىنى مۇلاھىزە قىلىشقا مۇھتاج. سۆزنىڭ ئۆزى بىر خىل مېتافورا. بۇ غەرب تىلى بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمايدۇ.

ياڭ ليەن: سىز ئەرەب تىلىدا شەيئىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىماگ ۋە ئوخشىتىشنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، بىۋاسىتە تىل ئارقىلىق بايان قىلىنمايدۇ، دېمەكچىمۇ؟

ئەدۇنىس: ئىنتايىن توغرا ئېيتتىڭىز. ئىككىنچىدىن، سىز تىل ئارقىلىق بىۋاسىتە رىئاللىقنى مۇھاكىمە قىلالمايسىز، ھەتتا ئۆزگەرتەلمەيسىز. چۈنكى، ھېچقانداق رېئاللىق مەۋجۇت بولمىغان بولىدۇ. بىردىنبىر ئاتالمىش «رېئاللىق» پەقەت سىزنىڭ شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭىزدۇر.

ياڭ ليەن: بۇ تولىمۇ قىزىقارلىقكەن. ئەرەب تىلىدىكى سۆز بىلەن شەيئىنىڭ مۇناسىۋېتى توغرىسىدىكى چۈشەنچە قەيەردىن كەلگەن؟  

ئەدۇنىس: ..... ئوھھوي، سىزنىڭ چىقىش نۇقتىڭىز ئالماشسا نۇرغۇن رېئاللىق پەيدا بولىدۇ.

ياڭ ليەن: سىز جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى پەيلاسوپى لاۋزىنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز؟ ئۇنىڭ «تەرىقەتنامە ۋە ئەخلاقنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «مەۋجۇدىيەت ئارقىلىق ھەقىقى مەۋجۇدىيەتكە يەتمەكلىك» (خەنزۇتىلىدىكى «道» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىغان مەنا دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، بۇ يەردە كونتېكست ئىھتىياجىدىن «مەۋجۇدىيەت» دەپ ئالدىم − تەرجىمە قىلغۇچىدىن) دېگەن بىر گەپ بار. بۇ گەپ ئىككى خىل مەنىگە ئىگە، بىرى، تىلنىڭ ئۆزى چەكلىمە، ئۇ ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتنى مۇھاكىمە قىلالمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، تېخىمۇ ئازابلىق بولغىنى، بىز تىل تەرىپىدىن چەكلىنىمىز. يەنى ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت مەۋجۇد بولسىمۇ، بىز ئۇنى بىلەلمەيمىز، چۈنكى تىلنىڭ چەكلىمىسى بىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرىدۇ.

ئەدۇنىس: ھەقىقەتەن شۇنداق! بىز راستىنلا بىرەر نەرسىنى كۆرىمىزمۇ؟ ياق!

ياڭ ليەن: بىز بىلمەيمىز. ئاخىرىغىچە چەكلىمىگە ئۇچراشتا بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز دەل ئۆزىمىزنىڭ كۆزى.

ئەدۇنىس: شۇڭا، ئىنسانىيەت چەكلىك، رېئاللىق ۋە تىلمۇ چەكلىك.

ياڭ ليەن: بىراق، شېئىرنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتى بولىدۇ. چۈنكى بىز تىل ئارقىلىق بىر رېئاللىق − ئاتالمىش «رېئاللىق» نى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن سىرت بىرمۇ نەرسىنى تىلغا ئالمايمىز.

ئەدۇنىس: بىز ھەتتا شېئىرنى باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن مۇنچىلىك ياخشى دېيەلمەيمىز، مەسىلەن، پەلسەپە، سوتسىئولوگىيە ۋاھاكازالاردىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسىي شارائىتى ئوخشاش بولىدۇ.

ياڭ ليەن: ئەرەبلەر بىلەن غەربنىڭ تىل ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاشمايدىكەن، بۇ جەزمەن غەرب ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

ئەدۇنىس: شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ شېئىرىم ئۆزگە تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندا مېنىڭ شېئىرىم بولماي قالىدۇ. تەرجىمە شېئىردىكى بەزى نەرسىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ، بۇ ئاساسەن بىر خىل ۋەيران قىلىشتۇر. شۇنى شەرھىيلەپ قوياي، مەن بۇ خىل ۋەيران قىلىشقا قارشى تۇرمايمەن. گەرچە تەرجىمە بىلەن ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولسىمۇ، باشقا كۇلتۇر ئارقا كۆرۈنۈشىدە سۆز بىلەن شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئىماگ ۋە مىتافۇرانىڭ كەينىدىكى مەنانى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل يوقىتىشنى بەدەل قىلىش زۆرۈر، بۇنداق بولغاندا بەزى نەرسىلەرنى باشقىلارغا بەرگىلى بولىدۇ.

ياڭ ليەن: خۇددى بىز ئىشلەتكەن مەنزىرە بىلەن كۆزنىڭ تىمسالىدەك: كۆز مەنزىرىگە بېقىنمايدۇ، ئەمما مەنزىرە كۆزگە بېقىنىدۇ. سىز كۆك ئاسمان دېسىڭىز يەنە بىر ئادەم قوڭۇر ئاسمان دەيدۇ. بىر پارچە شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمىغان كۇلتۇردا ئوقۇلغاندا ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى بىلدىغان نەرسىلەرنىلا تاللايدۇ.

ئەدۇنىس: ناھايىتى توغرا. شۇڭا مەن دائىم شېئىرىم كىچىكلەپ كەتكەندەك، ئوخشىمايدىغان كۆزلەردە كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.

ياڭ ليەن: ئىھتىمال تۈنۈگۈن ئاخشام بىز شائىرنىڭ ئۆيىدىكى بالكۇندا تۇرۇپ، ئوممانغا نەزەر سالغىنىمىزغا ئوخشاپ كەتسە كېرەك. بىز ئۆتمۈشنىڭ شۇ قەدەر كۆپ ئۈزۈلمە قاتلىمىنى − قەدىمكى سۈرىيىنىڭ، رىمنىڭ، ۋىزانتىيىنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ، ئوسمانىيلارنىڭ، ئەنگلىيە مۇستەملىكە دەۋرىنىڭ، مۇستەقىللىقتىن كېيىن قوشۇلغان پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ..... ئۈزۈلمە قاتلىمىنى كۆردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تارىخنى تەشكىل قىلغانىدى. ئۇلار ئۆتمۈشتە مەۋجۇد بولۇپ قالماي ھازىرمۇ مەۋجۇد، ھازىرمۇ رول ئويناۋاتىدۇ. بىز شۇ تاپتا ئۆزىمىز ۋە تىل. بىزنىڭ يېزىقچىلىقىمىز دەل موشۇ مول چېگىش تارىخنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توختىماستىن ئۆزگىرىش ياساپ تۇرىدۇ. مەن بىرەر غەرب ئوقۇرمىنىنىڭ سىزنىڭ شېئىرىڭىزدىكى بۇ خىل كۇلتۇر تەركىبلىرىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بىر غەربلىك ئوقۇرمەن ئەرەب شېئىرىغا دۇچ كەلگەندە ئالدى بىلەن رادىئاتسىيىلىنىپ چىقىدىغان مۇددىئا ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن، ئەرەبلەر ۋە ئامېرىكا، سىياسىي ۋە زېمىن تالىشىش بولىدۇ، مۇتلەق رەۋىشتە ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ! ئۇلار ئىستىخىيىسىز ھالدا سىزنىڭ سىياسىي پوزىتسىڭىزنى ئىزدەپ، ئەسىرىڭىزدىكى كۇلتۇر مەزمۇنلىرىغا سەل قارايدۇ. سىزنى چوقۇم ھەسرەت چەكتۈرىدۇ؟

ئەدۇنىس: ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 20- ئەسىردىن كېيىمۇ نوۋالىس، رېمبوغا ئوخشاش باشقا كىشىلەر بولىدۇ، ئۇلار بىزنى ئاددىيلاشتۇرمايدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئۇلار غەرىبلىك ئەمەس. ئۇلار شەرقلىقلەرگە بەكرەك ئوخشايدۇ، غەربكە قارشى تۇرىدۇ.

ياڭ ليەن: پوندنىڭ خەنزۇتىلىدىكى كلاسسىك شېئىرلاردىكى ئىماگلارنى ئاتايەن ئوقۇغانلىقىنى بىلىدىغانسىز بەلكىم. ئەپلاتونچىلارنىڭ قارىشى بويىچە ئۇ خاتا چۈشەنچىلەرگە تولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن ئۇنى «ئۇلۇغ خاتا چۈشەنچە» دەپ قارايمەن. ئۇ بىر شائىرىنىڭ كۆزى بىلەن خەنزۇتىلىغا قارىغاچقا، قىزىقارلىق، شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىغان. ئۇ شېئىرنى روھىيەتكە سىڭدۈردى، ھەرگىزمۇ سىياسىينىڭ ئويۇنچۇقى قىلمىدى. شۇڭا، شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، شەرقلىقلەر ياكى غەربلىكلەر دەپ ئايرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شائىرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى مول مەنزىرىلەرگە ئىگە بولالايدۇ، ئەمما سىياسىيلىشىش بۇ مەنزىرىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

ئەدۇنىس: توغرا، ھازىر غەربنىڭ شائىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى نوۋالىسقا، رېمبوغا قارشى تۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ئامېرىكىدا، غەربتە پەقەت ياڭ ليەن، ئەدىنۇسنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىسى «ئوخشىمىغان سىياسىي قاراش» نى تاج قىلىۋالغان شائىرلارنىڭ ئىسىملىكىدە.....

ياڭ ليەن: مەن بۇ خىل كۆز قاراشتىن بىزار.

ئەدۇنىس: مەنمۇ بىزار. شېئىر باشقا بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدى.

ياڭ ليەن: «ئوخشاش بولماسلىق» ياكى ئەمەلىيەتتىكى شەيئىلەر بىلەن سۆزلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشىدەك بۇنداق پەرق ئىستىخىيىلىك بولىدۇ. مەسىلە شائىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئىستىخىيىلىك ھالدا ئاشۇ خىل ئارىلىقنى يارىتىشىدا، ھەرگىزمۇ ئۇنى تارايتىشقا ئۇرۇنۇشىدا ئەمەس. ئارىلىقنىڭ ئۆزى مەۋجۇدىيەت، ئۇ تىلنىڭ ماھىيىتىنىڭ بىرى. شېئىرىي شەكىل بۇ ماھىيەتنى تېخىمۇ ئىستىخىيىلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرىدۇ. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى مانا موشۇ.

ئەدۇنىس: تىلنىڭ ئۆزىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، شېئىردىن باشقا نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

ياڭ ليەن: مەن يەنە مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاپ قالدىم: ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ تارىخى ۋە كۇلتۇر ئەنئەنىسى خۇددى تۈز سىزىققا ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئاساسەن ئۇدا تەرەققى قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ تەپەككۇر شەكلىدىكى بىردەكلىك ھەتتا 2000 يىللىق جۇڭگو كۇلتۇر ئەنئەنىسىگىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما جۇڭگو 19- ئەسىردىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن كەينى- كەينىدىن مەغلۇپ بولۇشتەك ئاچچىق ساۋاقنى تىتىدى، جۇڭگولۇقلاردا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ گۇمان پەيدا بولدى، ھەتتا بەزىلەر جۇڭگونىڭ كۇلتۇرىنى تازىلاپ چىقىرىپ، غەرب كۇلتۇرىنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق بىر- بىرىگە زىت، مۇرەككەپ پسىخىكىنىڭ ئاقىۋىتى بۇنىڭدىكى كېيىنكى ئەسلىمىلەردىلا بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى تراگىدىيىچانلىقنى ئىنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مەن شائىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېمەي تۇرالمايمەنكى، بۇنداق مۇشەققەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خىل ئېنېرگىيىدۇر. مۇشەققەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش. سىياسىي، تارىخ، كۇلتۇر مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى شائىر ئۆزلۈكىنىڭ بىر قىسمى. مېنىڭچە، بۇ دەل سىز ئېيتقان ھەقىقىي شېئىرىي تەجرىبە.

ئەدۇنىس: بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئادەمنىڭ قىممىتىنى تونۇشتا، دىموكراتىيە ئەنئەنىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى جەھەتتە.

ياڭ ليەن: جۇڭگو ئەنئەنىسىدە «شەخسنىڭ قىممىتى» ئەزەلدىن يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلىنىپ باقمىغان. بۈگۈنكى جۇڭگو شېئىرىيىدە مەن «يامان چۈش كۆرگۈچى ئەرۋاھ» دەپ ئاتىلىمەن، ئۇنىڭ مەنبەسىنى «كۇلتۇر زور ئىنقىلابى» دىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بار دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي دۆلەت نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىلغان بىر ھالەتكە پېتىپ قالىدۇ؟ زادى نېمە بالايى ئاپەتكە سەۋەب بولغان؟ ئالدى بىلەن بىز مەلۇم بىر سىياسىي رەھبەرگە تەۋە بولدۇق، ئەمما نېمە ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭ شۈنچىۋالا كۆپ ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى بولىدۇ؟ بەلكىم، بۇ سىياسىي سىستېمىدۇ، ئەمما بۈگۈن بىلەن تارىخنىڭ قورقۇنچلىق دەرىجىدىكى ئوخشاشلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ يەنە تېخى ئاتالمىش «خەلق» مۇ بار، ئەجىبا بىرنەچچە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بىر مىليارت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى پەيدا قىلالامدۇ؟ قايسىخىل تەپەككۇر ئەندىزىسى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنى كۈرەش قىلىشىنى، خوتۇنىنىڭ ئېرىنى سېتىۋېتىشىنى، ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى پەيدا قىلغان؟ بۇ تەپەككۇر ئەندىزىسى يەنە قانداق قىلىپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە يىلتىز تارتقان؟ ۋاھاكازالار. ھەربىر بالايى ئاپەت بىر تالاي سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شېئىرىنىڭ سالمىقى موشۇنىڭدىن كېلىدۇ. بۇنداق جەريان بۈگۈنكى دەۋر ئەرەب تىلى شېئىرىيىتىدىمۇ يۈز بېرىپ باقتىمۇ- يوق؟

ئەدۇنىس: ناھايىتى ئوخشاش ئىكەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىندىۋدىئۇداللىق ئازاد بولۇپ ئىدىئولوگىيە، پان سىياسىيلىشىش، ئىسلام دىنى دىسكۇرۇس (دېيىلمە) لىرىغا قارشى تۇردى. شېئىرىيەتتە ئىجادىي كۈچ ئازاد بولۇپ، تۈرلۈك ئاددىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى.

ياڭ ليەن: قىيىنچىلىق بىزنى ئۆز كۇلتۇرىمىزنى قايتا قۇرۇشقا تېخىمۇ ئىنتىزار قىلىدىغان ئوخشايدۇ؟

ئەدۇنىس: كۇلتۇرنى يىڭىلاش زۆرۈر. سىلەرنىڭ كلاسسىك كۇلتۇرۇڭلاردا غەربنىڭ ئىدىئولوگىيىسى ۋە دىننىڭ كونترۇللۇقى يوق، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئەركىن. سىلەر چوقۇم تەنقىدىيلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشىڭلار كېرەك. مېنىڭچە، سىلەردە ھازىر ناھايىتى قالتىس شېئىرلار بار......

ياڭ ليەن: بىراق، تولىمۇ قالايمىقان. نۇرغۇن جۇڭگولۇق شائىرلار زىددىيەت ئىچىدە، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تىلى ۋە شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى − بولۇپمۇ، غەربتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي بازاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار تەرجىمىنى نىشانلاپ، قانداق يازغاندا ئاسان تەرجىمە قىلىنالايدۇ، چەت ئەل نەشرىياتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ؟ دېگەننى تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىپ، ئاندىن شۇ بويىچە يېزىپ، مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن يول ئىزدەيدۇ.

ئەدۇنىس: ئەرەب شېئىرىيىتىگە ئوپمۇ ئوخشاشكەن. چۈنكى غەرب بىزنىڭ باھالىغۇچىمىزغا ئايلىنىپ قالدى. سىز غەربلىك بولالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن غەربچە يازىدىغان تەقلىدچى بولۇپ قالىسىز، يەنە ئۇ يەردە باشقا بىر كۇلتۇرنىڭ «ۋەكىلى» گە ئايلىنىپ قالىسىز.

ياڭ ليەن: سىز غەربتە نام چىقاردىڭىز، ئاندىن ئۇ «نام» دا نۇرغۇن بوشلۇق بارلىقىنى بىلدىڭىز.

ئەدۇنىس: تەرجىمە قىلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە شېئىرنىڭ ئۆزى ئەمەس، شېئىر بىلەن باشقا شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى: دۆلەت، سىياسىي، ئىدىئولوگىيە قاتارلىقلاردۇر. ئەڭ ئاخىرى شېئىر بىر ماددى ئىسپاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ياڭ ليەن: كىشىلەر سىزنىڭ شېئىرىڭىزدىكى قاراڭغولۇقنىلا مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسى تىرە قاتلىمىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ھېچكىم ئۇ قاراڭغولۇقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ، ھېچكىم سىزنىڭ تىلىڭىزدىكى ئىجادىي كۈچنى تىلغا ئالمايدۇ. شۇڭا خەنزۇتىلىغا چېتىدىلىدىغان شېئىرلاردا پەقەت ئىككى سۆزلا ئىشتىلىدۇ: دۆلەت ئىچى «يەر ئاستى»، چەت ئەللەر «سەرسان بولۇش»، بىراق بۇ سۆزلەر باشقا سىياسىي كاس كاسلىققا ئوخشاشلا قۇپقۇرۇق، شېئىر بىلەن ھېچقانداق بىر ياخشى ياكى يامان مۇناسىۋىتى يوق!

ئەدۇنىس: قاراپ بېقىڭ، بۇ نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ بىر نېمە «داۋ» (بېي داۋ دېمەكچى − ياڭ ليەن) دېگەن شائىرىڭلارنى ياقتۇرماسلىقىمدىكى سەۋەب، توغرا، مەن شائىرنىڭ غەربكە كېتىشىنى، ئاھ، مەن كوممۇنىزمغا قارشى، مېنى قوللاڭلار..... دېيىشىنى ياقتۇرمايمەن.

ياڭ ليەن: ھەممە نەرسە پەردازلانغان بولىدۇ. بىراق، ئەھۋال ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن: شائىرنىڭ ئېڭى ئۇلارنىڭ نام چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا باشلىغاندا، ئۇنى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇرغان بولىدۇ. ئۇ كوكاكولاغا، ماك دونالىدقا ئوخشاش تاۋار ماركىسى بولىدۇ، ساتقىلى بولىدىغىنى ئازابلىق تەجرىبىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر. بۇ بىر مەيدان سودىنى غەربنىڭ ئەدەبىيات دەللاللىرى تەشكىللەيدۇ. بەزىدە سىز غەرب دەللاللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئازابىنى زاكاس قىلغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايسىز. بۇ بېمەنلىكنى قاراڭ! بۇ بىر مەيدان شاۋقۇنلۇق تىياتىرنىڭ ھەقىقى زىيانلانغۇچىسى ئازابنى ھەقىقىي باشتىن كۆچۈرگەن، ئۈنى چىقماي قالغان جۇڭگولۇقلار، ئەرەبلەر ياكى باشقا خەلقلەر. ئۇلارنىڭ ئازابى سېتىۋېتىلىدۇ. بۇ ئاجايىباتنى بىر دېمەڭ!

ئەدۇنىس: مەن ئىزچىل ھالدا ئەرەب شېئىرىيىتىدىكى بۇ خىل خاھىشقا زەربە بېرىپ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەربنىڭ كەمسىتىشىگىمۇ زەربە بەردىم. مەن ھەرقانداق ئاددىيلاشتۇرۇش تەرەپتە تۇرمايمەن، مەن ئىككىلا تەرەپكە قارشى! بۇ تولىمۇ مۇھىم.

ياڭ ليەن: سىز غىرىبسىنامسىز؟

ئەدۇنىس: سىياسىي نۇقتىئىينەزەر بويىچە مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ئادەم مېنىڭ تەپەككۇر شەكلىمنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن ئېيتسام، مەن ئەزەلدىن سادام ھۇسەيىنگە قارشى، مەن يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق شەكلىگىمۇ قارشى. مەن ھەر ئىككىسىگە قارشى تۇرىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پوزىتسىيىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز جەزمەن بىرنى تاللىشىڭىز، «ھەئە» ياكى «ياق» دېيىشىڭىز كېرەك. كۆپلىگەن «ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراشنى ساقلاپ قالىدىغانلار» شۇنداق قىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز جەزمەن چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

ياڭ ليەن: كۇلتۇرنى قايتا قۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشنى مۇلاھىزە قىلىش بارلىق تىرىك ئەنئەنىلەرگە يىلتىز تارتىشتۇر. ئۇ يەردە ھەرقانداق ئوبيېكت ئوخشاش بولىدۇ. شەرقنىڭ «ھۆكۈمەت» ى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، غەربكە ئەگەشكەن «ھۆكۈمەت» مۇ گۈللىنىپ كېتىشى ناتايىن.

ئەدۇنىس: جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ مەدەنىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى ئىدىئولوگىيە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھېچنىمىدىن!

ياڭ ليەن: غەربنىڭ تار دائىرىدىكى چۈشەنچىسىدە مېنىڭچە بىر سەۋەب بار: ئۇلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرنى «ئۆگىنىش» ئىقتىدارى كەمچىل. ئۇلار ئىلگىرى يېزىلىپ دەرسلىكلىككە كىرگۈزۈلۈپ قويغان نەرسىلەرنىلا مۇلاھىزە قىلىشىدۇ. «بۇ جۇڭگو شېئىرى»، «بۇ ئەرەب شېئىرى» دەپ، قىلىپلىشىپ قالغان كلاسسىك شەكىلدىن بۈگۈنكى دەۋردىكى سىياسىي مەزمۇنلارغىچە ھەممىسىنى كاللىسىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. ئەمما بىزنىڭ شېئىرلىرىمىز ئۇلانىڭكىدىن شۇ قەدەر كۆپكى، خۇددى سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سۆزلەر بىلەن شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدەك، غەربنىڭ مۇلاھىزىلىرى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ؛ بىزنىڭ شېئىرلىرىمىز يەنە ئەنئەنىنى ھەم غەربنى دورىماسلىقنى ئاساس قىلغان، بۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك پۈتۈنلەي يېڭى بىلىمدۇر.

ئەدۇنىس: سىز باشتا نېمە ئۈچۈن ياۋروپادا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىمنى سورىغانىدىڭىز، مەن ياۋروپانى پەقەت ياۋروپا دەپلا قارىمايمەن. ياۋروپانىڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغىنى كۆز قارىشى، ئۇ جۇڭگونىڭ، ئەرەبلەرنىڭ ۋە باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ياۋروپا بۇ ئۇقۇملارنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر «مۇئەسسەسە». بىر ياۋروپالىقنىڭ مۇئەسسەسى ئوخشاشلا مېنڭمۇ مۇئەسسەسەم. ياۋروپا كۇلتۇرى، ئۇنىڭ پەلسەپىسى، سوتسىئولوگىيىسى، ئىدىئولوگىيىسى بىر ئىش، دېموكراتىيە تۈزۈمى بولسا باشقا بىر ئىش. مەن ياۋروپانىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرالايمەن، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ سىياسىتىگىمۇ قارشى تۇرىمەن.

ياڭ ليەن: جۇڭگودىن يىراقلىشىپ جۇڭگونى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. 33 يېشىمدا جۇڭگودىن ئايرىلغاندا، ئىنگلىز تىلىنى پەقەت بىلمەيىتتىم. بۇ يىللاردا ئىنگلىز تىلىنى چۈشىنىشىم ماڭا سېلىشتۇرۇش ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە چەكلىمىلىكى ۋە مۇمكىنچىلىكنى ھېس قىلدۇردى. ھەتتا ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىمنىمۇ چۈشەندۈردى. مەسىلەن، ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى يازغان داستانىمدىكى «ئۆلۈم بىلەن تاناسىپلىشىش» ناملىق سېكىلىمنى ئۆزۈم قايتا يېزىپ چىققان جۇڭگو تارىخى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شېئىردا مەن تارىخىي شەخسلەر بايانى، بۈگۈنكى دەۋردىكى لېرىك شېئىرىيەت ۋە كلاسسىكلاردىن بىۋاسىتە نەقىل كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق تىلنى بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇۋەتكەنىدىم. مېنىڭ بۇنداق قىلالىشىم خەنزۇتىلىدىكى پىئىللارنىڭ زامان رايىنىڭ بولمىغانلىقىدىن بولغانىدى. «يېپىشىش» دېگەن پېئىل ئۆتمۈشكىمۇ، ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىمۇ تەۋە بولىدۇ، ھەربىر بىر مىسرا شېئىردا بىر خىل «ئەھۋال» غا ئايلىنىدۇ. مەن ناۋادا زامان رايى ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئىنگلىزچە يېزىپ باقسام قانداق نەتىجە چىقار؟ ئۈچ قاتلاملىق تىل قالايمىقانلىشىپ كېتەرمۇ- قانداق؟ دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىدىم. مەن ۋەتەندىن چىققاندىن كېيىن بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

ئەدۇنىس: مەن سىزنىڭ تۇيغۇڭىزنى چۈشىنىمەن. مەنمۇ غەربكە بارغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھالىتى، ئەرەب كۇلتۇرىنىڭ ھالىتىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. بۇ باشقا بىر قاتار ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىچىدە تۇرغاندا سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز باشقا جاي ۋە باشقا ئادەملەر؛ تېشىدا تۇرۇپ سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلبى.

ياڭ ليەن: جۇڭگونىڭ قەدىمكى تەلىماتلىرىدا: سەن تاغنى كۆرمىگەن بولساڭ، دېمەك سەن موشۇ تاغنىڭ ئىچىدە تۇرغان بولىسەن، دەيدىغان بىر گەپ بار.

ئەدۇنىس: ئو، بۇ تولىمۇ گۈزەل گەپ ئىكەن. بىراق ئەھۋالدا ئوخشاشماسلىقلارمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن شائىرلار بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، بەزى ئىراقلىق شائىرلارنىڭ ۋەتىنىدە ۋە چەت ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەندە يازغان شېئىرلىرىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. نېمە ئۈچۈن سىز ئەنگلىيە، ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا ئولتۇراقلاشسىڭىزمۇ، يېزىش ئۇسلوبىڭىز باغدادتىكى بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەسەرلەردە بۇ خىل پەرق ئىپادىلەنمەيدۇ؟ بۇنى بىلمىدىم. بەلكىم، ئىدىئولوگىيىنىڭ رولىدىن بولسا كېرەك. ئىدىئولوگىيە لوندوندىمۇ باغدادتىكىگە ئوخشاش بولىدۇ، پەرقى بولمايدۇ.

ياڭ ليەن: ئىدىئولوگىيىنىڭ توسالغۇ بولۇشى يېڭى بىر ياشاش تەجرىبىسى.

ئەدۇنىس: شۇنداق. شۇڭا نۇرغۇن سەرگەردان شائىرلاغا قارايدىغان بولساق، باغدادتا يازغاندىكىدەك يازىدۇ.

ياڭ ليەن: ماڭا نىسبەتەن، شائىر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تەجرىبىنى ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش. «نېمە ئۈچۈن ئايلاندۇرۇش» − سىزنىڭ بىر قانچە ئولتۇراق ئالماشتۇرۇشىڭىزقاتارلىقلار − لا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى «قانداق ئايلاندۇرۇش»، سىزدە يېڭى ياشاش ھالتىدە يېڭى ئىجادىيەت شەكلى ياراتقۇدەك قۇدرەتنىڭ بار- يوقلۇقى. شەكىل ئوخشاش تېما ئاستىدىكى بىر پارچە شېئىرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۆزگەرتىپ تۇرۇشتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىزدە ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرغۇدەك ئىقتىدار بارمۇ- يوق؟ يازغۇچىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىر نەچچە ئوخشاش بولمىغان يېزىقچىلىق باسقۇچى يارىتالىغان، يارىتالمىغانلىقى. ئەگەر بىر شائىرنىڭ ھازىر يازغان شېئىرى بىلەن يىگىرمە، ئوتتۇز يىل بۇرۇن يازغان شېئىرى ئوخشاش بولسا، ئۇ يەنە نېمىشقا يېزىقچىلىق قىلىدۇ؟ سەن ئاللىقاچان يېزىپ بولدۇڭغۇ! مېنىڭ ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنىم شۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇششاق ئەنئەنىلىرىنى يېزىپ، پۈتكۈل كۇلتۇر ئەنئەنىسىنىڭ يىلتىزىغا ئايلاندۇرۇشقا يېقىنلىشىشمىز كېرەك.

ئەدۇنىس: مەن سۈرىيىدىن ئايرىلىپ لىۋانغا بارغىلى ئالاھەزەل 50 يىل بولدى، 25 يىلنىڭ ئالدىدا لىۋاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ، سۇ، توك ئۈزۈلۈپ قالدى، ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن پارىژغا كەتتىم. ئەرەب دۇنياسى فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە كۇلتۇرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا مەن ئۆگەنىمىگەن بولساممۇ، ئانچە- مۇنچە فرانسوزچە سۆزلىيەلەيىتتىم. ھازىر مەن نوتۇق ۋە ماقالىلىرىمدە فرانسوزچە ئىشلىتىمەن، بىراق شېئىرلىرىمنى ئىزچىل ئەرەب تىلىدا يېزىۋاتىمەن. تىل مېنىڭ ئانام، بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئانىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ياڭ ليەن: رۇخسەت قىلىنىپ ئىككى خوتۇنلۇق بولالىساقمۇ، ئىككى ئانىلىق بولالمايمىز.

ئەدۇنىس: بىزنىڭ كۆپ دادىمىزنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان ھالەتتىمۇ، ئانىمىز پەقەت بىرلا بولىدۇ! (كۈلكە) بەزى شائىرلار چەت ئەل تىلىدا يېزىپ سىناپ باقتى، ئەمما ئۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ناچار.

ياڭ ليەن: ئۆز تىلىمىزدىكى كۈندىلىك جانلىق تىل بىلەن شېئىرنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق تۇرسا، چەت ئەل تىلىدا تېخىمۇ يىراق بولىدۇ. بۇ نۇقتا ئىسڭىزدە بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر «ئولتۇراتتۇق قەھۋەخانىدا، بىر ئايال ماڭغان كوچىغا قاراپ» دېگەندەك پاخ پاخ گەپلەرنى يازماي، تىلنى ئېنېرگىيىگە توشقۇزالايدىغان ياخشى شېئىرلارنى يازاي دېسىڭىز بۇ ئارىلقىنى ساقلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.

ئەدۇنىس: سىز تىلغا ئالغان ئۇ ئارىلىق ئەرەب تىلىدىمۇ بار، ئەرەب تىلىدا ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ تۈرلۈك جانلىق تىل بار. مەسىلەن، ئىراق جانلىق تىلى، شۇ جايدىكى بىر قىسىم سانى ئاز مىللەتلەر تىلىنىڭ تەسىرىدىنمىكىن، مەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن. بۇنداق ئەھۋال مەراكەش ۋە ئالجىرىيىدىمۇ يۈز بەردى. باشقا دۆلەتلەر، مەسىلەن، مىسىر، ئىئوردانىيە، لىۋان، سۈرىيە، تۇنىس قاتارلىقلاردا ئوخشاش بىر جانلىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تىل رىم ئىمپرىيىسىنىڭ ئەۋۋىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 2000 يىل داۋامىدا ئۆزگىرىپ باقمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ.

ياڭ ليەن: راستمۇ؟ ھازىرقى زامان ئۇقۇملىرى بىلەن قايسىخىل ئۇسۇلدا ماسلاشتى؟

ئەدۇنىس: ئىسلام دىنى 15 ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. بۇ تىل ئىسلام دىنىدىنمۇ بۇرۇنقى تىل. ئەلۋەتتە، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن سۆزلۈكلەر تاشلىۋېتىلدى، نۇرغۇن سۆزلۈكلەر پەيدا بولدى. نۇرغۇن ئىپادىلەش شەكىللىرى ئۆزگەردى، ئەمما گرامماتېكا بىلەن بىلەن تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگەرمىدى. ئەرەب تىلى دۇنيادىكى سۆزلۈك مىقتىدارى ئەڭ كۆپ تىل.

ياڭ ليەن: شۇڭا ئەرەب شائىرلىرى سۆزلۈك يېڭلاشنى ئالايىتەن زېممىسىگە ئاپتىكەندە؟

ئەدۇنىس: جەمئىيەت، مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېت، سىياسىينىڭ ھەممىسى سۆزلۈك يىڭىلايدۇ، سىز بىر پۈتۈن رېئال مۇھىتتىن ئايرىلغان ھالدا تىل يېڭىلىيالمايسىز. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئەھۋال ئىنتايىن مۇرەككەپ. جۇڭگودىكىدىنمۇ مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن. بىزدە ئىدىئولوگىيە بار، بىراق دىننىڭ كونترۇللۇقى يوق.

ياڭ ليەن: شېئىرلىرىڭىز بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋېتىگە قانداق قارايسىز؟

ئەدۇنىس: مەن ئۇلارغا قارشى. مېنىڭ ئىسلامغا ئۆكتە قوپۇش پوزىتسىيەم ماڭا نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى شەكىللەندۈردى. مەن بۇ جەھەتتە تولىمۇ مەشھۇر. مەن ئىزچىل ھالدا يادرلۇق مەسىلىلەرگە چېقىلدىم، ئەمما سىياسىيدىن ئادا- جۇدا بولدۇم.

ياڭ ليەن: «قۇرئان كەرىم» 1500 يىل ئاۋۋال پۈتۈلگەن.

ئەدۇنىس: بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئىنتايىن يامان. ئىسلام دىنىنىڭ كونترۇللۇقى ھەممە يەردە بار: مەكتەپتە، ئائىلىدە، قانۇندا، ئىلمى مۇئەسسەسەلەردە..... ئەھۋال ئىنتايىن قورقۇنچلىق! سىلەرنىڭ جۇڭگودا قانچىلىك نوپوس بار؟ 1 مىليارت 300 مىليۇنمۇ؟ موشۇ دۇنيادىمۇ 1 مىليارت 300 مىليۇن مۇسۇلمان بار.

ياڭ ليەن: نەقەدەر زور ياۋ بۇ!

ئەدۇنىس: بەك قورقۇنچلىق! ئەگەر كۆز قارىشىڭىز ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولمىسا، بايقۇت قىلىنىسىز − ئۆز خەلقىڭىز تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنىسىز. مەن سىياسىينىڭ بايقۇت قىلىشىنى ئويلىغان بولسام، ئۇنچۋالا ئۈزۈل- كېسىل بولمايىتتىم.

ياڭ ليەن: بۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز، ھەرگىزمۇ 1 مىليارت 300 مىليۇن مۇسۇلماننىڭ قارىشى ئەمەس!

ئەدۇنىس: مېنىڭ قارىشىمغا قوشۇلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپ. كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسىگە ئوخشاش ئىسلامدا ھازىر سىياسىيمۇ، ئىقتىسادمۇ بار. جۇڭگو رېئاللىقىدا ھوقۇق ۋە ئىدىئولوگىيە ئەمەلىيەتتە ماركسىزمدىن مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ سىز ئىسلامنى، بىزنىڭ مۇستەبىتلىرىمىزنى تىلغا ئالالمايىسز. ئىسلام مۇستەبىتلىكى بىلەن سىياسىي مۇستەبىتلىك ئوخشاش بىر خىل تەپەككۇر شەكلى. سىز سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى ئىدىئولوگيىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاز- پاز كۆردىڭىز، ئەمما مەن قاچانمۇ بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرەرمەن؟

ياڭ ليەن: مەن ئاشۇ ئاخىرلىشىشنى كۆرگەچكە، جۇڭگو كۇلتۇرىنى قايتا قۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلالىدىم. سىز بۇنىڭغا ئوخشىمايسىز.

ئەدۇنىس: مەن ھەقىقەتەن بىلىپ بولالمىدىم. بەك بىئارام بولىمەن.

ياڭ ليەن: سىزنىڭ ئۆزلۈكىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. بولمىسا چارچاپ، تەشۋىشلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ، ھالىڭىزدىن كېتەتتىڭىز.

ئەدۇنىس: مەن پەقەت شېئىردىلا ئازادلىققا ئىرىشەلەيمەن.

ياڭ ليەن: سىز شېئىر ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟

ئەدۇنىس: شۇنداق. سىزنىڭچە كىم بۇ خىل ھېسنى تەرجىمە قىلالايدۇ؟

ياڭ ليەن: مەن ئىزچىل ھالدا شۇنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن: شېئىرنىڭ فۇنكسىيىسى بىزنىڭ بۇ يەردە غەربتىكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. بىزگە نىسبەتەن بارلىق تارىخى، كۇلتۇرى، ئىجتىمائى، سىياسى چىگىشلەرنىڭ ھەممىسى مەزمۇن، بىزنىڭ ئىندىۋىدىئۇدال تەقدىرىمىزنىڭ بىر قىسمى. سىز قۇتۇلماقچى بولىسىڭىزمۇ قۇتۇلالمايسىز. ئېچىمدىكى بېسىم بەك زورايغاندا، پەقەت ئولتۇرۇپ بىرەر مىسرا شېئىر يېزىش ئارقىلىقلار ئۆزۈمنى ئەركىن دۇنياغا قايتۇرالايمەن. پەقەت شېئىرلا مېنىڭ دۇنيايىمنىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلايدۇ. شېئىرنىڭ ئادەمگە بولغان بۇنداق ئەھمىيىتىنى ماڭا ئەڭ يېقىن ياۋروپا، ئامېرىكىلق دوستلىرىممۇ چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن شېئىر ئەركىن تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى. سىز ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك، ئاندىن شېئىر يازالايسىز. بىراق، مېنىڭ بىردىنبىر ئەركىنلىكىم شېئىر. شېئىر باشلىغىلى بولمايدىغان بىردىنبىر نەرسە. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى خارابە.

ئەدۇنىس: غەربتە شېئىر بىر كۇلتۇر مەسىلىسى. جۇڭگودا، ئەرەبلەردە شېئىر مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزى.

ياڭ ليەن: غەربتە شېئىر ساھىبجامال ئايالنىڭ تېنىدىكى ئەتىر. بۇ يەردە شېئىر ھايات- ماماتلىق تاللاش. ئۇ ئەقلىي كۈچ بىلەن ئۇسلوپنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس. بۇ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ شېئىرلىرىمىزنىڭ شۇقەدەر جىددى، شۇ قەدەر تېرەن بولۇشى، ھەم شۇ قەدەر غىرىب بولۇشىنىڭ سەۋەبى.

ئەدۇنىس: غەربنىڭ شېئىرىيىتى شۇ تاپتا ئاخىرلىشىپ بولدى. سىز ئۇنى داۋاملىق ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز.

ياڭ ليەن: ئوقۇش ئارزۇيىممۇ يوققا چىقتى، چۈنكى سىز ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپسىز.

ئەدۇنىس: شېئىر تەشۋىقات ئەمەس، ئەمما يەنىلا كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مەسىلە ئەمەس. خۇددى مەن تۈنۈگۈن شېئىر دىكلاماتسىيە قىلغاندا ئوخشاش بولمىغان كلاسسىك شەكىللەر ئارقىلىق مۇھەببەتنى تەسۋىرلىسەممۇ، كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلالىغاندەك. چۈنكى مۇھەببەت ئادىمىيلىكتۇر.

ياڭ ليەن: كىشىلەر مۇھەببەت ۋاقىتنى ۋاقىتلىق توختىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەيدىكەن. ئۇ بەزى ئالاھىدە لەھزىلەردە قېپقالىدىكەن. بىراق، سىز بۇ لەھزىنى قانداق تۇتىسىز؟ ئۇلارنى چىنلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟ ياكى تەسەۋۋۇرنى رېئاللىقتىنمۇ چىن نەرسە قىلغىلى بولامدۇ؟ قانداق گۈزەللىك ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدىكى چەكلىمىلىكتىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ؟ مۇھەببەت دائىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تراگېدىيىسى كومېدىيىسىدىن كۆپ بولىدۇ.

ئەدۇنىس: شۇنداق.

ياڭ ليەن: ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلە، دۇنيادا پەقەر بىرلا ۋاقىت بولامدۇ؟ غەربلىكلەر جۇڭگوغا نەزەر سالغاندا، ئىۋۇليۇتسىيە (تەدرىجىي تەرەققىيات) نۇقتىئىينەزىرى بويىچە: ياخشى، سىلەر بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز، دېيىشىدۇ؛ يەنە بىرنۇقتىدىن − ھەيرانلىق نۇقتىسىدىن: سىلەر پوستمودېرنىزمغا تەۋە دېيىشىدۇ. بۇ غەرب بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ يۈز بېرىپ باقتىمۇ؟

ئەدۇنىس: ئىنتايىن ئوخشاش، دەرىجىسى سەل پەرقلىنەمدىكىن. دىننى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقىلىرى ئوخشاش.

ياڭ ليەن: ۋاقىت دىندا ئابستراكىت. مۇستەبىتلىك بىلەن ھوقۇقتا رېئال.

ئەدۇنىس: مۇستەبىت سىياسى دىنغا پايدىلىق. ھازىر «مەڭگۈ» لۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ. دىن بىلەن سىياسىينىڭ بىر گەۋدىلىشىشى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.

ياڭ ليەن: شائىر بۇنىڭغا نىسبەتەن نېمە قىلىدۇ؟

ئەدۇنىس: داۋاملىق شېئىرلا يازىدۇ.

ياڭ ليەن: شېئىر بىزنى قۇتقۇزالامدۇ؟

ئەدۇنىس: تامامەن قۇتقۇزالايدۇ. ئەمما بۇ ئاسان ئەمەس، ھەتتا ئىنتايىن مۈشكۈل. ئەمما نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلىرىمىز بار، ئۇلارنى جەزمەن زېممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

ياڭ ليەن: شېئىردا بۇ قاتلاملارنىڭ ھەممىسى بولىدىكەن: دىن، سىياسى، ئىندىۋدىئۇداللىق، تىل كۇلتۇرىغا بولغان چۈشەنچە..... شېئىر بىز ياشايدىغان كائىنات ئىكەن.

ئەدۇنىس: بۇ گېپىڭىزگە قوشۇلىمەن.



(«جۇڭگو شېئىرىيەت خەزىنىسى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:59:52

شېئىر بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ!
ماۋۇ گەپ روماننىڭ مۇلاھىزىسدا بولۇنغان گەپلەرگە زىت تۇرامدۇ نىمە

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 03:43:40

ناخشا ئۇسۇل قۇتقۇزاممىغان دىكىن شېئىر بوسىمۇ قۇتقۇزۇپ باقىدىكەندە  بولىدىكىن چاتاق چىقمىغۇدەك

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 07:34:18

بىراۋنىڭ ئىچى شېئىر بىلەن توشقىنىدىن يىرىڭ بىلەن توشقان ياخشىراق دەپ كۆرگەنىدىم بىر يەردە ......

بۇ ماۋزۇ ھەرھالدا تەنقىتكە لايىق

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 08:49:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-10 09:06  

بۇنىڭدىن ئەدۇنىسنى تۇغۇلۇپلا ئۆز مىللىتىنىڭ  كەڭ دائىرىلىك ئىدىئولوگىيىسىدىن ئايرىۋىتىلگەن مۇھىتتا چوڭ بولۇپ (ئاتا -ئانىسىنىڭ دەھرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم)  غەرپنىڭ ئىجادىيەت نەزەرىيىسى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزىنىڭ  مۇستەبىت  جاھىل خاراكتىرىگە مىقلىۋەتكەن بىر ئادەمكەن دەپ ئويلاپ قالدىم  ،شىئىرىنى ئوقۇپ باقمىغان ، ئىسمىنىمۇ ئەمدى ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ  بۇ ئادەمنى تازا  ياقتۇرمىدىم . سىياسى ۋە دىنغا بولغان قاراشلىرى زىددىيەتلىك ۋە بىر تەرەپلىمە ، ياش ۋاقتىدا  سىياسى بىلەن ھەپىلەشكەن  بىر ئادەمنىڭ  قارىماققا سىياسىدىن قول ئۈزدۈم دىيىشىنىڭ ئۆزىلا كۈلگۈمنى كەلتۈرۋەتتى ، دۇنياۋى   شائىرلار سىياسىدىن مۇستەسنا ئەمەسقۇ ئاخىر ،    بۇ ئادەمنىڭ ئالەمشۇمۇل نامى پەقەت گۇماشتىلىق رۇلىدىن كەلگەندەكلا ...
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ  سۇبىكتىپ  قاراشلىرى ، بەلكىم بۇ كىشى راستىنلا قالتىس ئادەمدۇ ، ۋەكىل خاراكتىرلىك  شىئىرلىرى بولسا ئۆزىنى بىر ئوقۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ .

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:29:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرنداشلار؟ ئارستوتىلنىڭ «مىتافىزىكا»دېگەن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان  كىتاۋىنى تاپقىلى بۇلارمۇ ؟
قايسى كىتاپخانىدا بار +دەپ بەرگەن بولساڭلار.
،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

مەن شېئىرىنىڭ قۇتۇلدۇردىغىنىغا ئىشىنىمەن .6-ئەسىردە بۇيۇك تەڭرى ئەربلەرنىڭ زۇلمەتتىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن 23يىل جەريانىدا شۇل شېئىرىمۇ ئەمەس ،ئەيتاۋۇر قالتىس ئۇقۇشلۇقنى چۇشۇرۇپ بەردى ،شۇنۇڭغا قارىغاندا تەڭرى بىزگە ئۇقۇشلۇق بىلەنلا قۇتۇلىشنىڭ يۇلىنى نادانلىغتا قېلىۋاتقان ئاجىزلەرگە ئىشارەت قىلغان بولسا كېرەك .

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 10:06:49

قۇرۇق گەپ

jamgah يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 15:38:26

                          شېئىر دېگەننىچۈشىنىش ئۈچۈنمۇ بىلىم  كېرەك  ،شېئىر كۆپ بولۇپ  كەتسە تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، ئاز بولغىنى ساز بولغىنى ياخشى ،    شېئىرى خەلقتىن  ئىلىم خەلقى يەنىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ ،ھېچ نەسە قىلالمىغاندا خۇدا  جاجاڭنى بېرەر دېگەن رولنى ئوينايدۇ بەزى ۋاقىتلاردا شېئىر دېگەن ..

jamgah يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 15:40:51

                       شېئىر رىئالنىڭ  ئىنكاسى  .ئىش قىلىپ نۇرغۇن شائىرلار  خەلق قەلبىدە ياشايدۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 17:53:27

xamxar1975 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 09:29 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرنداشلار؟ ئارستوتىلنىڭ «مىتافىز ...

ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ پەلسەپىنى ئازراق ئۆگىنىڭ،

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 19:19:00

بۇ ئىككى زاتنىڭ شېئىرىدىن بىر ئىككى پارچىدىن كەلتۈرسە تېما ئىگىسى ، ئاندىن بەزۇزۇر ئولتۇرۇپ بىر نىمە دىيىشمەمدۇق ؟
ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدوڭ بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇكى : تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 01:06:31

پەرھاتكاملار يوقاپ كەتتىغۇ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 04:37:17

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 07:34 static/image/common/back.gif
بىراۋنىڭ ئىچى شېئىر بىلەن توشقىنىدىن يىرىڭ بىلەن توشق ...

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەرج دېگەن يۇرتتا سەپەر قىلىپ كېتىپ باراتتۇق. تۇيۇقسىز بىر شائىر كېلىپ(رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىپ) شېئىر ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ: ئاۋۇ  شەيتاننى تۇتۇڭلار، دەپ بولۇپ: بىرىڭلارنىڭ قورسىقى شېئىرغا تولغىنىدىن، يىرىڭ زەرداپقا تولغىنى ياخشى، دېگەن(مۇسلىم توپلىغان  سەھىھ ھەدىس)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-12 20:27:16

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 04:37 static/image/common/back.gif
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇ ...

    ھەئە مەنمۇ شۇ ھەدىستە كۆرگەنىدىم ، ئەمما قۇلۇمدا ئىسپات بولمىغاچقا ، باشقىلارنىڭ ئىسپاتسىز گەپ قىلدىڭ ،دىمەسلىگى ئۈچۈن ھەدىس ئىكەنلىگىنى تىلغا ئالمىغان ئىدىم ....
بەت: [1]
: شېئىر بىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ(سۆھبەت خاتىرسى)