qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 19:40:52

ئېلىشاڭغۇ (ھېكايە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qeside تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 19:42  

-ئېلىشاڭغۇ-
(ھېكايە)

-ئېلىشاڭغۇ!- ئۇ قوشۇمىسىنى قولياغلىقتەك قاتلاپ، كىرسلونىڭ ئۈستىدىكى ئۆزىدىن يوغان سومكىسىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقتى. ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بىر ئىپادە بىلەن، سومكىسىنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىككى قولىنىڭ بىرىنى ئەمدى بوشىتىپ ئىشىككە ئۇزىتاي دىگۈچە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالماي پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى. تەخىمىنەن 3 سىكونت ئەتراپىدا داۋاملاشقان گۈلدۈر-غالاپتىن كېيىن، جىمجىتلىق قايتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنچە يوغان سومكا كۆتۈرۋالىدىغانلىقىنى پەقەت چۈشەنمەيمەن. بەلكى ئۇلارنىڭ دېسەم توغرا بولار! چۈنكى مەيلى يولدا ياكى رەستە سارايلاردا بولسۇن، نۇرغۇن قىز –ئاياللارنىڭ ھەم يوغان ھەم ئېغىر سومكىلارنى كۆتۈرشىۋېلىپ ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى قايرىۋالغانلىقىنى، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ تاللا بازارلىرىغا بىر نەرسە ئالغىلى ئەمەس، بەلكى سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بولالماي دەم ئېلىش ئۈچۈن كىرىۋېلىپ، نەرسە-كېرەك ساقلاش ئىشكابىدىن نەچچىنى ئۆرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. بىر قېتىم بانكا كارتىسىمۇ ياكى ئۇنىڭ كىملىكىمۇ ئەيتاۋۇر بىر كارتا لازىم بولۇپ قېلىپ، سومكىسىنى بىر كۈن ئاختۇرۇپمۇ تاپالمىغانتىم. بىچارە ئەتىسى بىر كۈن ئىشقا بارماي، سومكىسىدىكى مەن ئېلىۋەتكەن نەرسىلەرنى قايتا رەتلەپ سالغان ئىدى. بۇ خىياللارنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرسام ئىشىكنىڭ تېلېفۇنى سايراپ قالدى.
-        كىمۇ؟
-        ھۇ، ئېلىشاڭغۇ!- ئۇنىڭ ئاۋازى يىغلىغاندەك چىقتى. تۇرۇپكىنى قويۇۋىتىپ، دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم. ئالتىنچى قەۋەتتىن قاراپمۇ، ئاۋۋال كۆرگىنىم ئۇنىڭ سومكىسى بولدى. ئۇ سومكىسىنىڭ سايىسىدا تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن، ئاقساقلىغاندەك مېڭىپ كەتتى. بەلكى يەنە ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دېگەندۇ! نېمىشقىكىن يېقىن بېرى ئۇ مېنى ھەدىسىلا ئېلىشاڭغۇ دەيدىغان بولىۋالدى. باياتىمۇ تاماق يەپ ئولتۇرۇپ، قايسى بىر سودا-سارايدا ھېلىقى سومكىسىدىنمۇ يوغان بىر سومكىنى كۆرۈپ قېلىپ بەك ئالغۇسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىۋىدى:
-        ئەمدى سومكاڭغا قاچىلىمىغان ئۆي بىلەن ئىدارىلا قالدى، - دېسەم، ئېغىزىدىن ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دېگەن سۆز يەنە چىقتى.
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئۇ بەزىدە مېنى ‹‹ساراڭ›› دەيتتى. لېكىن ئۇ چاغدا ‹‹ساراڭ›› دىگەن سۆز بىلەن تەڭ مەڭزىدە زىناق، كۆزلىرىدە ئادەمنى راسىت ساراڭ قىلىۋەتكۈدەك بىر نۇر پەيدا بولاتتى. مەنمۇ ‹‹ساراڭ›› دىگەننى ‹‹سۆيۈملىكىم›› دەپ چۈشىنىۋىرەتتىم. ئەمدى بولغاندا ‹‹ساراڭ›› بىلەن ‹‹ئېلىشاڭغۇ››نى ئوخشاشمىكىن دېسەم،، مەڭزىدىكى زىنىقى قوشۇمىسىغا، كۆزلىرىدىكى ھېلىقى نۇر ئاچچىققا ئۆتۈپ كەتكەندەكلا؛ شۇڭا ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دېگەن سۆزدىن سەل قورقۇپ قالدىم. ‹‹ساراڭ›› دېگىنى كېسەللىك ئالامىتى، ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دېگىنى دىئاگىنوزىمىدۇر-يە؟! گەرچە ئۇنىڭ كەسپىنى ئېنىق بىلسەممۇ، كەچتە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاچ ئاپئاق ئۇخلاش كېيىمى بىلەن يېنىمدا ئولتۇرۇپ، يۈزىگە ئاپئاق بىر نەرسىلەرنى چاپلىغاچ سۆزلىگەن ھالىتىگە قارىساملا، ئۇ دوختۇر ياكى سېستىرا دەپ قالاتتىم. گۇمانلىرىمنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇنى كىچىكىمدىن ئوكۇل، دوختۇر دېگەنلەردىن قورقىدىغان مىجەزىمگە باغلىساممۇ، لېكىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمايتتىم. لېكىن ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دېگەن چاغدىكى قاراشلىرى يادىمغا كېلىپ، بىردىنلا شۈركىنىپ كەتتىم. ئۇ قاراشلار ‹‹مېڭىڭىزدە ئۆسمە باركەن›› دەيدىغان دوختۇرنىڭ ياكى قۇم بارخانلىرىدەك كۆبجۈپ تۇرغان تومۇرلارغىمۇ يىڭنىنى تۆت-بەش قېتىم سانجىيدىغان سېستىرالارنىڭ قاراشلىرىغا نەقەدەر ئوخشىشىدۇ-ھە؟...
    ئەجەبا، مەن راستىنلا ئېلىشىپ قالغاندىمەنمۇ؟ قايسىبىر كىنودا بىر ساراڭنىڭ، ياق نېرۋا كېسەلنىڭ ئەينەكتىن ئۆزىگە قاراپ ‹‹سەن كىم؟›› دېگىنى يادىمغا كېلىپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئەينەككە قاراپ باقماقچى بولدۇم. تېخىمۇ ئېنىق جەزىملەشتۈرىشىم ئۈچۈن، ئۈستەلدىكى رەسىمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېنىش- يېنىشلاپ قارىغاندىن كېيىن كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى. چۈنكى ئۆزۈمنى تونۇغان ئىدىم. ئەنە ھوللىۋود چولپىنى كىن لىۋىسنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چىرايىم، ‹‹تۈرمىدىن قېچىش›› فىلىمىدىكى مايكولنىڭكىدەك سىرلىق كۆزلىرىم...
    يۇقارقى خىياللارنى قىلىۋىتىپ چۆچۈپ كەتتىم.. چۈنكى بىر ماقالىدە مايكول ئوبرازىنى تەھلىل قىلىپ ئۇنى بىنورمال، ئېنىقراق دېگەندە بىر خىل روھى كېسەل دىگەن ئىدى. ئارقىدىنلا قايسىبىر تور بېكەتتە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قولغا ئېلىنغان كىن لىۋىسنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان سۈرىتىنى كۆرگەنلىكىمنى ئەسكە ئالدىم. سۈرەتتىكى كىن لىۋىس خۇددى نەشىنى كۆپ چېكىۋالغاندەكلا كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا كىن لىۋىسنى بەلكى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. بىراق ھازىر... ئاللا، نىمانداق بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ كېتىدىغاندىمەن. كىم دەيدۇ مېنى ئۇلارغا ئوخشايدىكەن دەپ؟! بەلكى ئۇلار ماڭا ئوخشايدىغاندۇر... بۇنىڭ بىلەن كاللامدە يەنە بىر گۇمان پەيدا بولدى. مەن ئۇلارغا ئوخشىغاچقا بىنورمال كۆرىنىۋاتامدىم ياكى ئۇلار ماڭا ئوخشىغاچقا پىسخىكىسى چاتاق دەپ تەھلىل قىلىندىمۇ؟ ياق، ياق... ئۇلار ماڭا ياكى مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. مايكولنىڭ چېچى قىسقا، يېشىل كۆز، لىۋىسنىڭ چاچ پاسۇنى گەرچە مېنىڭكىگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ماڭا ئوخشاش پات-پات پۈۋلەپ قويمايدۇ. شۇڭا بىز قەتئىي ئوخشىمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇنداق پەرقلەرنى ھىس قىلالىغاندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ ئېلىشىپ قالغان بولمايمەن. ئەستا، ما ئىشنى! يەنە قايسىدۇر بىر كىتابتىن ‹‹ساراڭلار نورمال ئادەملەردىنمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. ئۇلار نورمال تەپەككۇر ھالىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقىلا بىنورمال ئاتالغان›› دېگەندەك بىر نىمىلەرنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ، يېڭىباشتىن ساراسىمىگە چۈشتۈم. چۈنكى كىچىكىمدىنلا باشقىلارنىڭ مېنى ‹‹بۇنىڭ كاللىسى دەششەت ئىشلەيدۇ، بۇنداق ئەقىللىق بالىنى تاپماق تەس!›› دەپ سۈپەتلىشەتتى. بىرىنچى سىنپتىكى چېغىمدا ئېلىپىبەنى بىر ئايدىلا تۈگەتكەنلىكىم، يۇقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىڭ ماڭا پۇل بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگۈزۈشلىرى، يەنە تېخى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغانلىقىم، ماگىستىرلىق بىلەن دوكتۇرلۇقنى تەڭ ئوقۇغانلىقىم، ئىدارىدە يىللىق ۋەزىپىنى نەچچە ئايدىلا تۈگىتىپ بولۇپ، لاغايلاپ يۈرۈشلىرىم، باشقىلارنىڭ ھە دىگەندىلا ماڭا غەلىتە نەزەر بىلەن قاراشلىرى... مەن راستىنلا ئېلىشىپ قالغان ئوخشىمامدىم؟!...
    ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم. چوقۇم ئېلىشىپ قاپتىمەن، بولمىسا مېنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ‹‹ساراڭ›› دىگەن بىرى بىلەن توي قىلارمىدىم؟ توختا! مەنغۇ ئېلىشىپ قالغاچقا ئۇقماي توي قىلغاندىمەن، لېكىن ئۇچۇ؟ ئۇمۇ ساراڭمىدۇ؟ ياق، ئۇ ساراڭ ئەمەس! ئۇنىڭ ئاپپاق ئۇخلاش كېيىمى، يۈزىگە چاپلايدىغان ماسكىسىنى ئەسكە ئالدىم. ئۇ ئەسلى دوختۇركەندە! ئۇ مېنى داۋالاۋاتامدىغاندۇ ياكى تەتقىق قىلىپ ئىلمىي ماقالە يازماقچىمۇ؟...
    ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتابخانامغا كىردىم. يېزىق شىرەسىدىن ئاخشام يېزىپ تاشلاپ قويغان بىر پارچە ئورگىنالنى قولۇمغا ئالدىم.
‹‹...سەن ھەقىقەتەن بەدبەشىرە جانان! سەندىكى رەزىللىككە شۇ قەدەر ئاشىقمەن، سېنى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈرغۇدەك دەرىجىدىكى  قەبىھلىك بىلەن ئالدىمغا تارتىمەندە...››
    ئاخشام ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بۇنى ئايالىمغا ئوقۇپ بىرىۋىدىم، ئۇ ماڭ دوختۇردەك قاراپ تۇرۇپ ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دىگەندىن كېيىن، ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئۇ ھېلى ئىشتىن كېلىپ: ‹‹ ھۇ، ئېلىشاڭغۇ، يازغان ئېلىشمان نەرسىلىرىڭنى قارا!›› دەپ كېتەرمۇ؟ قولۇمدىكى قەغەزنى دەررو يانچۇقىمغا سېلىۋالدىم. ئۆيدە داۋاملىق تۈرىۋىرىشكە تاقىتىم قالمىدى. بىنادىن چۈشۈپ، قورونىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشىمغا، ئالدىمغا بىر تاكسى كېلىپ توختىدى ۋە ئىشىكى ئېچىلدى. تاكسىدىن ئاۋۋال بىر سومكا، ئاندىن بىر ئايال چۈشتى. سومكىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئالدىمغا ماڭدىم. لېكىن ھېلىقى ئايالنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرەلمەي يېقىلىپ چۈشكىنى يەنىلا كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭغا مەن يېقىنراق بولغاچقا يۆلەپ قويۇشۇمغا توغرا كەلدى. بىچارە قاتتىق چۈشكەن چېغى، پىشانىسى سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ‹‹سومكىڭىزنى كۆتۈرەلمىدىڭىزمۇ؟›› دىگۈم بولسىمۇ، ‹‹ئېلىشاڭغۇ›› دىگەن سۆزنى يەنە ئاڭلاپ قېلىشتىن قورقۇپ:
-        ئېرىڭىز ئۇردىمۇ؟- دىدىم.
-        كاللىسىنىڭ دەردى بار،- ئۇ ئايالمۇ خۇددى دوختۇردەك قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
ساراڭلىقىمنى ناتونۇش كىشىلەرمۇ بىلىپ بوپتۇ. تېخى ناتونۇش تۇرۇپ ئادەمگە دوختۇردەك قارايدىكەن.
-        ئوت بارمۇ؟- لىۋىگە تاماكا قىستۇرۋالغان بىرى ئالدىمغا كەلدى.
-        سېنىڭ خوتۇنۇڭ چوڭ سومكا ئاسامدۇ؟- ئۇنى دوختۇر ئەمەس دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي قارا كېيىم كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ يۈزۈمگە بىر مۇش سېلىپ كېتىپ قالغاندا، دوختۇر ئەمەسلىكىگە راۋۇرۇس ئىشەندىم.
-        چۈشتىن كېيىن ئىشقا بارمىدىڭىزمۇ؟- ئايالىمنىڭ تونۇش ئاۋازى بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلدىم. ئۇنىڭ مەڭزىدە زىنىقى ئويناپ تۇراتتى،- نىمە بولدىڭىز؟ قاپىقىڭىز ئىششىپ كېتىپتىغۇ؟
-        سومكاڭ قېنى؟- دىدىم سەل ئەنسىزلىك بىلەن.
-        مانا،- ئۇ كەڭ ئىتەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن قولىنى كۆتۈرۈپ، ئالقان چوڭلىقىدىكى بىر سومكىنى كۆرسەتتى،- نىمە بولدى؟
-        مەن دىمەكچى...
-        ئالماشتۇردۇم، خۇش بولغانسىز؟ بۇ يىل موشۇنداق سومكا مودا بولغۇدەك...
-        ئەمىسە نەرسە-كېرەكلىرىڭچۇ؟
-        ۋاي مېنىڭلا كاللام ئىشلەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئىپى بار، يۈرۈڭ، كىرىپ كېتەيلى!
-        ھەي، راسىت گېپڭنى بىر دىگىنە؟ مەن ئېلىشاڭغىمۇ؟
-        ساراڭ!- ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، مەڭزىدىكى زىنىقى ئويناپ كەتتى،- قورسقىڭىز ئېچىپ كېتىپتۇدە، نىمە تاماق قىلىپ بېرەي؟...

(تۈگىدى)

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:10:43

ئېلىشاڭغۇ{:101:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:35:53

ئېلىشاڭغۇ:(:(

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 14:44:05

ئېلىشاڭغۇ ;P

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 15:26:02

قاپاقباش{:92:}{:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 16:03:50

ئەرلەرنىڭ خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىش  جەريانى ھەم ئاياللارنىڭ مەغلۇبىيىتى.

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 17:09:58


ئېلىشاڭغۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 00:09:25

«دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى» نىڭ تەسىرى خىلى ياخشى بولاۋاتىدۇ. قەلەم ھېرىپ قالمىغايلەر:)

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 22:14:38

بىر توپ ئېلىشاڭغۇلار توپلاشتۇقمۇ نىمە:lol

2010- يىلى يېزىپ قويغان ھېكايەم ئىكەن، ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. ئى كۈنى كومپىيۇتېرىنى رەتلىگەچ ئۇچراپ قېلىپ يوللاپ قويغان ئىدىم.
بەت: [1]
: ئېلىشاڭغۇ (ھېكايە)