jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 14:32:09

سىلۋىيە پىلاس بىلەن سۆھبەت(تەرجىمە)

سىلۋىيە پىلاس بىلەن سۆھبەت


                                                 ئۆلۈۋېلىش بىر تۈرلۈك سەنئەت، مەن چەكسىز ۋە مەڭگۈلۈك بولغان بۇ يولنى تاللىدىم.

                                                                                                                                                                 -سىلۋىيە پىلاس

بىت ۋۇل: سىلۋىيە خانىم، سىزدىن سوراپ باقسام قانداق نەرسە سىزنىڭ شېئىر يېزىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان؟
سىلۋىيە پىلاس: مەن بۇنىڭغا ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. ئېسىمدە قىلىشىچە مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا بىر نەرسە يازىدىكەنمەنتۇق. كىچىكىمدىن باشلاپ بالىلار قوشاقلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمىكىن-تاڭ، مەندە بالدۇرلا مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى يازالايدىغان تۇيغۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى. تۇنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا مەن سەككىز يېرىم ياشتا ئىدىم. تۇنجى شېئىرىم «بوستۇن ساياھەتچىلەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باشلاپ، مەندە ئۆز كەسپىمگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.
بىت ۋۇل: سىز دەسلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچىڭىزدا قانداق تىمىلارنى قەلەمگە ئالغانىدىڭىز؟
سىلۋىيە پىلاس: مەن كەڭ تەبىئەتنى يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم. قۇشلار، ھەسەل ھەرىسى، باھار كەينىدىن كۈزنىڭ يىتىپ كىلىشى.. دېگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. باھارنىڭ يېقىنلاپ كىلىشى، ئۈستىمىزدىكى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، تۇنجى قار... ئاھ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلىدىكى تۇغما، تەبىئىي يېزىلىدىغان تىمىلار ئىدى.
بىت ۋۇل: ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپتۇ. سىز ھازىر قايسى تىمىلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىسىز؟ قانداق تىمىلاردا ئەسەر يېزىۋاتىسىز؟
سىلۋىيە پىلاس: بەلكىم بۇ بىر ئامېرىكىغا خاس بولغان تىما بۇلۇشى مۇمكىن. مەن ئادەتتە ئۆزۈم بايقىغان يىڭى بايقاشلاردىن بەكمۇ روھلىنىپ كېتىمەن. مېنى ئىلھاملاندۇرغان بۇ بايقاش لوبېرىت.لوۋىرنىڭ « تۇغۇم تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدىن كەلگەن. بۇ خىل كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئىلگىرلەش ئىنتايىن كەسكىن، شەخسىيلەشتۈرۈلگەن ھىسىيات تەجرىبە باسقۇچىغا كىرىپ بولدى. مەن ئىلگىرى بۇ خىل تىمىلارغا نىسبەتەن پاسسىپراق پوزىتسىيەدە ئىدىم. لوبېرىت.لوۋىر تەجىربىلىرىدىكى مەسىلەن: روھىي كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مەندە زور قىززىقىش پەيدا قىلدى. مەن بۇ خىل ئالاھىدە، يۇشۇرۇن، تەھقىق قىلىنغان تىمىلارنىڭ يېقىنقى زامان ئامېرىكا شېئىرىيىتىدە بەلگىلىك قېزىشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن بۇ يەردە شائىرە « ئەننا.ساكسىۇن»نى بۇ جەھەتتە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە روھىي كەمتۈكلىككە گېرىپتار بولغان ئانىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن مول ھىيساتقا ئىگە تۇيغۇن، چىچەن شائىرە بۇلۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالقىش خارەكتېرلىك كەسىپچانلىققا، شۇنداقلا كۈچلۈك تۈردىكى ھىسىيات چوڭقۇرلۇققا ئىگە. مەن بۇ خىل تىمىلارنى ئىنتايىن يىڭى ھەمدە ئادەمنى ھاياجانغا سالالايدۇ دەپ قارايمەن.
  بىت ۋۇل: بەزىلەر « شېئىرغا بەزى نەرسىلەرنى ئەكىرىشكە بولغان بىلەن يەنە بەزى نەرسىلەرنى ئەكىرىشكە قەتئىي بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. سىز بۇ خىل قاراشقا قانداق قارايسىز؟
سىلۋىيە پىلاس: مەن شائىر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ خىل قاراشنى تۈپتىن ئىنكار قىلىمەن، ھەمدە « شېئىرغا ھەممە نەرسىنى ئەكىرىشكە بولىدۇ» دەپ جار سالىمەن. بىراق، ئەگەر بىر پارچە شېئىردا چىش پاستىسىنى ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە مەن بۇنى ھەرگىزمۇ قىلالمايمەن.
  بىت ۋۇل: سىز ئادەتتە يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىدە بولامسىز؟
سىلۋىيە پىلاس: مەن كۆپ ھاللاردا دوختۇر، تۇغۇت ئانىسى، ئادۇكات ..دېگەندەك كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. چۇقۇم يازغۇچى بۇلۇشى شەرت ئەمەس. مەنچە يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلار ھەممىسىلا نارتسىسىسىزىم(ئۆزىگە مەپتۇن بۇلۇش) بولغان ئادەملەردۇر. مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا بۇنداق بۇلۇپ كېتىشنى خالاپ كەتمەيمەن. ئەمىليەتتە مېنىڭ كۆپلىگەن دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلاردۇر. بىراق، مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان كىشىلەر يەنىلا مەلۇم ساھەدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىك ماڭا مەلۇم نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيدىغان تېخنىكىلىق ئادەملەردۇر.
  بىت ۋۇل: شېئىر يېزىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ ئەگەر سىز شائىر بولمىغان بولسىڭىز قانداق بىر كەسىپنى قىلىشنى خالايتتىڭىز؟
سىلۋىيە پىلاس: كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى شېئىر يېزىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەگەر سەنئەتكار مەلۇم مەقسەت ياكى مەلۇم ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىش ئۈچۈنلا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۇ سەنئەتكار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ئادەمگە ئايلنىپ قالىدۇ.بۇ خۇددى مۇنچىخانا ئاچىدىغان ئادەمنى مۇئەللىم قىلىپ قويغاندەكلا قاملاشمىغان بىر ئىش.
ئەمىلىيەتتە  شېئىر يېزىشنىڭ قاتىللىق قىلىشتىن ھېچقانداق پەرقى يوق. سەنئەتكار ئۆز روھىيىتىدىكى غايەت زور ھىسىيات تىندۇرمىلارنى، جىنسىي غىدىقلىنىش، روھىي پارتلانمىلارنى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەپ روھىي ئازادىلىككە، نورمال ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئېرىشىش پۇرستىگە ئېرىشەلمىسە ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ  ئۆز روھىيىتىدىكى ئاڭ قاتلىمىدا بېسىپ قالغان غايەت زور جىنسىي تىندۇرما ، پۈتۈنلەي ئاڭسىزلىققا تولغان ھايۋانلارچە ئاڭ ھەركىتى ئىنىقكى ئۇ ئادەمنى جىنايەت، قاتىللىق يولىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئەگەر بۇ دۇنيادا  شېئىر يازىدىغان، ئوقۇيدىغان، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولمىسا بۇ دۇنيادا بىر قاتىللىق مەيدانىغا ئايلانغان بولاتتى. شۇڭا  دەيمەن: شېئىر يېزىش-ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان خەۋىپسىز قاتىللىق قىلىش جەريانىدۇر. شائىر بولسا دۇنيادىكى كۈيۈمچان ئەمما ئەڭ ئەشەددىي توسىۋالغۇسىز قاتىلدۇر!

مەنبە: « مەشھۇر ئەدىبلەر بىلەن سۆھبەت»  ناملىق خەنزۇچە كىتاپتىن مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر  تەرجىمىسى
بەت: [1]
: سىلۋىيە پىلاس بىلەن سۆھبەت(تەرجىمە)